مۇھەممەد تەرىنى تۈردى ۋە يۈز ئۆرىدى،
|
1
|
يېنىغا كور ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن.
|
2
|
ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىدۇ
|
3
|
ياكى ئىلىم ئېلىپ پايدىلىنىدۇ.
|
4
|
ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك،
|
5
|
سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن.
|
6
|
ئۇ پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟
|
7
|
يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك،
|
8
|
ئۇ ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ھالدا كېلىدۇ،
|
9
|
سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن.
|
10
|
ئۇنداق قىلمىغىن، قۇرئان ئايەتلىرى ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر.
|
11
|
خالىغان كىشى ئۇنى ئېسىگە ئالسۇن.
|
12
|
ئۇ ئايەتلەر قىممەتلىك سەھىپىلەردىدۇر.
|
13
|
ئۇلار ئالىي سۈپەتلىك پاك سەھىپىلەردۇر،
|
14
|
ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر.
|
15
|
ئۇلار ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەردۇر.
|
16
|
ئۆلگۈر ئىنسان! ئۇ نېمىدېگەن تۇزكور!
|
17
|
ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
|
18
|
ئاللاھ ئۇنى ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىدى،
|
19
|
ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇردى،
|
20
|
ئاندىن ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆلتۈرۈپ قەبرىگە قويىدۇ،
|
21
|
ئاندىن كېيىن خالىغان چېغىدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ.
|
22
|
ئۇ يولىدىن يانسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تېخىچە بەجا كەلتۈرمىدى.
|
23
|
ئۇ ئىنسان يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇن:
|
24
|
مول يامغۇرنى بىز ياغدۇردۇق،
|
25
|
ئاندىن زېمىننى ياردۇق،
|
26
|
ئاندىن ئۇ زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۈندۈردۇق،
|
27
|
ئۈزۈم، ئوتياش،
|
28
|
زەيتۇن، خورما،
|
29
|
دەرەخلىرى قويۇق باغلار،
|
30
|
مېۋىلەر ۋە ئوتلاقلارنى يېتىشتۈردۇق،
|
31
|
بىز بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدۇق.
|
32
|
قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا،
|
33
|
ئۇ كۈنى كىشى ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ،
|
34
|
ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن،
|
35
|
ئايالىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ.
|
36
|
ئۇ كۈنى بۇلاردىن ھەر بىرى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ.
|
37
|
ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر نۇر چاچقۇچىدۇر،
|
38
|
كۈلۈپ تۇرغۇچىدۇر، خۇشال بولغۇچىدۇر.
|
39
|
ئۇ كۈنى يەنە بەزى يۈزلەر چاڭ-توزان ئىچىدە قالىدۇ،
|
40
|
قارىداپ كېتىدۇ.
|
41
|
ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر.
|
42
|