ئاسمان يېرىلغان چاغدا .
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
| 1 |
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا .
وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
| 2 |
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا .
وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
| 3 |
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا .
وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
| 4 |
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ .
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
| 5 |
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ .
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
| 6 |
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى .
الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
| 7 |
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى .
فِي أَيِّ صُورَةٍ مَا شَاءَ رَكَّبَكَ
| 8 |
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر .
كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِالدِّينِ
| 9 |
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار .
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
| 10 |
ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ .
كِرَامًا كَاتِبِينَ
| 11 |
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ .
يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
| 12 |
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ .
إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
| 13 |
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ .
وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
| 14 |
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ .
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
| 15 |
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ .
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
| 16 |
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ .
وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
| 17 |
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ .
ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
| 18 |
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر .
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
| 19 |