ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
1
|
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلاردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغلىرىدا تولۇق ئالىدۇ،
|
2
|
ئىنسانلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغلىرىدا كەم بېرىدۇ.
|
3
|
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمامدۇ؟
|
4
|
بۈيۈك كۈن ئۈچۈن.
|
5
|
ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرىدۇ.
|
6
|
ئۇنداق قىلمىسۇن، يامانلارنىڭ كىتابى سىججىندىدۇر.
|
7
|
سىججىن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
8
|
ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
|
9
|
ئۇ كۈندە، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
10
|
ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دەيدىغان كىشىلەردۇر.
|
11
|
ئۇنى ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچىدىن باشقا ھېچكىم يالغان دېمەيدۇ.
|
12
|
ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ.
|
13
|
ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن.
|
14
|
ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۇلار ئۇ كۈنى رەببىنى كۆرۈشتىن توسۇلۇپ قالغۇچىلاردۇر.
|
15
|
ئاندىن ئۇلار دوزاخقا كىرىپ كۆيگۈچىلەردۇر.
|
16
|
ئاندىن: «مانا بۇ، سىلەر يالغان دېگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
|
17
|
ئۇنداق ئەمەس[2]، ياخشىلارنىڭ كىتابى ئىللىيۇندىدۇر.
|
18
|
ئىللىيۇن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
19
|
ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
|
20
|
ئۇنىڭغا، يېقىنلاشتۇرۇلغانلار گۇۋاھ بولىدۇ.
|
21
|
شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[3].
|
22
|
ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە قارايدۇ.
|
23
|
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە نېمەتنىڭ گۈزەللىكىنى تونۇيسەن.
|
24
|
ئۇلار ئېغىزى پېچەتلەنگەن ساپ ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
|
25
|
ئۇنىڭ ئاخىرى ئىپاردۇر. بەسلەشكۈچىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بەسلەشسۇن.
|
26
|
ئۇ ئىچىملىكنىڭ ئارىلاشمىسى تەسنىمدىندۇر.
|
27
|
تەسنىم يېقىنلاشتۇرۇلغانلار[4] ئىچىدىغان بۇلاقتۇر.
|
28
|
شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى،
|
29
|
ئۇلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتكەن چاغلىرىدا ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى،
|
30
|
ئەھلىنىڭ يېنىغا قايتقان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشقان ھالدا قايتاتتى،
|
31
|
ئۇلارنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «ئەنە شۇلار، چوقۇم ئازغۇنلاردۇر» دەيتتى.
|
32
|
ھالبۇكى، ئۇلار مۇئمىنلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن.
|
33
|
بۈگۈن مۇئمىنلار كافىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ.
|
34
|
ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە قارايدۇ.
|
35
|
كافىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلدىمۇ؟
|
36
|