ئاسمان يېرىلغان
|
1
|
ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا،
|
2
|
زېمىن سوزۇلغان،
|
3
|
ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېشىغا ئېتىپ قۇرۇقدالغان
|
4
|
ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا[1].
|
5
|
ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.
|
6
|
ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلسە،
|
7
|
ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ،
|
8
|
ئۇ ئەھلىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ.
|
9
|
كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە،
|
10
|
ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ
|
11
|
ۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.
|
12
|
چۈنكى ئۇ بىر زامانلار ئەھلىنىڭ ئارىسىدا خۇشال ئىدى،
|
13
|
قايتا تىرىلىپ ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى.
|
14
|
ئەلۋەتتە ھېساب بېرەتتى. چۈنكى رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
|
15
|
ئۇنداق ئەمەس[2]، شەپەق[3] بىلەن قەسەم قىلىمەن،
|
16
|
كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
|
17
|
تولۇن بولغان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،
|
18
|
سىلەر ھالدىن ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر.
|
19
|
ئۇلارغا نېمە بولدىكىن، ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ؟
|
20
|
ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمايدۇ.
|
21
|
بەلكى كافىرلار راستنى يالغان دەۋاتىدۇ.
|
22
|
ئاللاھ ئۇلار ئۆز دىللىرىدا ساقلاۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
|
23
|
ئۇنداقتا ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
|
24
|
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەيدىغان مۇكاپات بار.
|
25
|