بۇرجلىرى بولغان ئاسمان بىلەن،
|
1
|
ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن،
|
2
|
شاھىد[1] بىلەن ۋە مەشھۇد[2] بىلەن قەسەمكى،
|
3
|
ئورەكنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى،
|
4
|
ئۇ ئورەكتە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بار ئىدى.
|
5
|
ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ،
|
6
|
مۇئمىنلارغا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرەتتى.
|
7
|
ئۇلار مۇئمىنلاردىن ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالاتتى.
|
8
|
ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىردىنبىر پادىشاھى بولغان، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان زاتتۇر.
|
9
|
شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار.
|
10
|
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. بۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
|
11
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى بەك قاتتىقتۇر.
|
12
|
ئۇ دەسلىپىدە بار قىلىدۇ ۋە قايتا بار قىلىدۇ.
|
13
|
ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر،
|
14
|
ئەرشىنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،
|
15
|
ئىرادە قىلغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
|
16
|
ساڭا قوشۇنلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
|
17
|
فىرئەۋننىڭ ۋە سەمۇدنىڭ.
|
18
|
بەلكى كافىرلار راستنى يالغان دېيىشىۋاتىدۇ.
|
19
|
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
|
20
|
بەلكى ئۇ[3] ئۇلۇغ قۇرئاندۇر،
|
21
|
لەۋھى مەھپۇزدىدۇر.
|
22
|