ئاسمان بىلەن ۋە تارىق بىلەن قەسەمكى-
|
1
|
تارىق نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
2
|
ئۇ، تېشىپ ئۆتكۈچى يۇلتۇزدۇر-
|
3
|
ساقلىغۇچىسى بولمىغان ھېچقانداق نەفس يوقتۇر.
|
4
|
ئۇ ھالدا ئىنسان ئويلانسۇن، ئۇ نېمىدىن يارىتىلدى؟
|
5
|
ئۇ، ئېتىلىپ چىققۇچى سۇدىن يارىتىلدى.
|
6
|
ئۇ سۇ ئومۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
|
7
|
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىردۇر.
|
8
|
كۈن كېلىدۇ، سىرلار ئاشكارا قىلىنىدۇ.
|
9
|
ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە ھېچقانداق ياردەمچىسى بولمايدۇ.
|
10
|
يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان ئاسمان بىلەن
|
11
|
ۋە يېرىلىدىغان زېمىن بىلەن قەسەمكى [1]،
|
12
|
قۇرئان ياخشى-ياماننى ئايرىغۇچى سۆزدۇر.
|
13
|
ئۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر.
|
14
|
ئۇلار ھىيلە قىلىپ تۇرىدۇ.
|
15
|
مەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسىگە تاقابىل تۇرىمەن.
|
16
|
ئۇنداقتا، كافىرلارغا مۆھلەت بەرگىن. شۇنداق، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
|
17
|