ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىغىن.
|
1
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتتى ئاندىن بېجىرىم قىلدى.
|
2
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئۆلچىدى، ئاندىن توغرا يولنى كۆرسەتتى.
|
3
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئوتلاقنى چىقاردى،
|
4
|
ئاندىن ئۇنى قارامتۇل لۆجىگە ئايلاندۇردى.
|
5
|
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز. سەن ئۇنتۇمايسەن.
|
6
|
ئاللاھ خالىغان نەرسە مۇستەسنا. ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىدۇ.
|
7
|
بىز ساڭا ئەڭ ئاسان نەرسىنى مۇيەسسەر قىلىمىز.
|
8
|
ئۇ ھالدا ئەگەر ئەسلىتىش پايدىلىق بولسا ئەسلەتكىن[1].
|
9
|
ئەيمىنىدىغان كىشى[2] ئەلۋەتتە ئەسلىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ.
|
10
|
بەتبەخت كىشى ئەسلىتىشتىن قاچىدۇ.
|
11
|
ئۇ شۇنداق كىشىكى، ئەڭ شىددەتلىك ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ،
|
12
|
ئاندىن ئۇ يەردە ئۆلمەيدۇ ۋە ياشىمايدۇ.
|
13
|
مۇنداق كىشى چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ: پاكلانغان
|
14
|
ۋە رەببىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ناماز ئۆتىگەن[3].
|
15
|
بەلكى سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر.
|
16
|
ھالبۇكى، ئاخىرەت ھاياتى ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر.
|
17
|
شۈبھىسىزكى، بۇ ئاۋۋالقى سەھىپىلەردىدۇر:
|
18
|
ئىبراھىمنىڭ ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە.
|
19
|