بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

88-سۈرە غاشىيە مەككەدە نازىل بولغان، جەمئىي 26 ئايەت

‮(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى .
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
1
‮ بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر .
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
2
‮ ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر .
عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ
3
‮ ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ .
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
4
‮ (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ .
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
5
‮ ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ .
لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ
6
‮ زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ .
لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ
7
‮ بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر .
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاعِمَةٌ
8
‮ بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر .
لِسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
9
‮ ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر .
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
10
‮ ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ .
لَا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً
11
‮ ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ .
فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
12
‮ ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار .
فِيهَا سُرُرٌ مَرْفُوعَةٌ
13

وَأَكْوَابٌ مَوْضُوعَةٌ
14

وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
15

وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ
16
‮ ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى .
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
17
‮ ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى .
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
18
‮ تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى .
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
19
‮ زېمىن قانداق يېيىتىلدى .
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
20
‮ سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن .
فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
21
‮ سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن .
لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
22
‮ لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن .
إِلَّا مَنْ تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
23
‮ اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ .
فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
24
‮ ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ .
إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ
25
‮ ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز .
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ
26