ئى مۇھەممەد! ئۇنداق ئەمەس[1]. بۇ شەھەر[2] بىلەن قەسەم قىلىمەن-
|
1
|
سەن بۇ شەھەردە بىر كۈنى خالىغىنىڭنى قىلىسەن[3]-،
|
2
|
ئاتا ۋە ئۇنىڭ بالىسى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
|
3
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.
|
4
|
ئۇ «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
|
5
|
ئۇ: «مەن دۆۋە-دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ[4].
|
6
|
ئۇ «مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
|
7
|
بىز ئۇنىڭغا ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟
|
8
|
بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟
|
9
|
ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق.
|
10
|
شۇنداقتىمۇ ئۇ داۋاندىن ئاشمىدى.
|
11
|
داۋان نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
12
|
ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر
|
13
|
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تائام بېرىشتۇر:
|
14
|
ئۆزىگە تۇغقان كېلىدىغان يېتىمگە،
|
15
|
ياكى توپىدا قالغان مىسكىنگە.
|
16
|
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقان ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.
|
17
|
ئەنە شۇلار سائادەتمەن كىشىلەردۇر.
|
18
|
ئايەتلىرىمىزگە كافىر بولغانلار بولسا، شۇم كىشىلەردۇر.
|
19
|
ئۇلارنى ئوت قورشاپ تۇرىدۇ.
|
20
|