يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[1]،
|
1
|
ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
|
2
|
ئەركەكنى ۋە چىشىنى ياراتقان زات بىلەن قەسەمكى،
|
3
|
سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر.
|
4
|
كىمكى بېرىدىكەن، تەقۋادارلىق قىلىدىكەن
|
5
|
ۋە ئەڭ ياخشىنى تەستىقلايدىكەن،
|
6
|
بىز ئۇنىڭغا ئەڭ ئاساننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
|
7
|
ئەمما كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىكەن
|
8
|
ۋە ئەڭ ياخشىنى يالغان دەيدىكەن،
|
9
|
بىز ئۇنىڭغا ئەڭ قىيىننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
|
10
|
ئۇ تاشلانغان چاغدا[2]، مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.
|
11
|
شۈبھىسىزكى، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
|
12
|
شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتمۇ، دۇنيامۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر.
|
13
|
مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.
|
14
|
ئۇنىڭغا بەختسىز كىشىدىن باشقىسى كىرمەيدۇ.
|
15
|
ئۇ راستنى يالغان دېگەن ۋە يۈز ئۆرۈگەن كىشىدۇر.
|
16
|
ئۇنىڭدىن تەقۋادار كىشى يىراق قىلىنىدۇ.
|
17
|
ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىدىغان كىشىدۇر.
|
18
|
ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمنىڭ ياندۇرۇلىدىغان ياخشىلىقى يوق[3].
|
19
|
ئۇ ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بېرىدۇ.
|
20
|
شۈبھىسىزكى، ئۇ يېقىندا رازىلىققا ئېرىشىدۇ.
|
21
|