ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

93- سۈرە زۇھا مەككەدە نازىل بولغان، 11 ئايەت

چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،‏
1




جىمىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
2




ئى مۇھەممەد! رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرمىدى.
3




شۈبھىسىزكى، ئاخىرقىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشىدۇر.
4




شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ساڭا يېقىندا بېرىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن.
5




ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟
6




ئۇ سېنى قايمۇققان كۆرۈپ ھىدايەت قىلدى.
7




ئۇ سېنى موھتاج كۆرۈپ بىھاجەت قىلدى.
8




ئۇ ھالدا يېتىمنى خارلىمىغىن،
9




سائىلغا[1] قوپاللىق قىلمىغىن،
10




رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلىگىن.
11




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى