ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
|
1
|
سەندىن ئېغىر يۈكۈڭنى ئېلىپ تاشلىدۇق.
|
2
|
ئۇ يۈك بىلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى.
|
3
|
شۇنىڭدەك، بىز سېنىڭ شەنىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق.
|
4
|
دېمەككى، ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار.
|
5
|
شۈبھىسىزكى، ئۇ مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە يەنە بىر ئاسانلىق بار.
|
6
|
ئۇ ھالدا بىر ئىشتىن بوشىغان چېغىڭدا، يەنە بىر ئىشقا كىرىشكىن.
|
7
|
پەقەت رەببىڭگە يۆنەلگىن.
|
8
|