ئەنجۈر ۋە زەيتۇن بىلەن،
|
1
|
سىينا تېغى بىلەن،
|
2
|
ۋە بۇ بىخەتەر شەھەر بىلەن قەسەمكى،
|
3
|
ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.
|
4
|
ئاندىن ئۇنى تۆۋەن بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە قايتۇردۇق.
|
5
|
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەس ئەجىر بار.
|
6
|
ئى ئىنسان! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ساڭا دىننى[1] يالغان دېگۈزگەن نەرسە نېمىدۇر؟
|
7
|
ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلى ئەمەسمۇ؟
|
8
|