ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن .
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
| 1 |
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى .
خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ
| 2 |
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر .
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
| 3 |
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى .
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
| 4 |
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى .
عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
| 5 |
شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (اﷲ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ.
كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَىٰ
| 6 |
أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَىٰ
| 7 |
(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن) .
إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ
| 8 |
ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟
أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ
| 9 |
عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ
| 10 |
ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا .
أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ
| 11 |
ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟) .
أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ
| 12 |
ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە) .
أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
| 13 |
اﷲ نىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ .
أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ
| 14 |
ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز.
كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
| 15 |
نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ
| 16 |
ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن! .
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
| 17 |
بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز .
فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
| 17 |
(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (اﷲ قا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن اﷲ قا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن .
سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
| 18 |