ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

98-سۈرە بەييىنە مەدىنەدە نازىل بولغان، 8 ئايەت

ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى.
1




ئۇ روشەن دەلىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇر. ئۇ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ.
2




ئۇ سەھىپىلەرگە توغرا ھۆكۈملەر يېزىلغان.
3




كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن پىرقىلەرگە ئايرىلدى.
4




ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.
5




شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
6




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
7




بۇلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ، رەببىدىن ئەيمەنگەن كىشى ئۈچۈندۇر.‏
8




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى