بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

99-سۈرە زەلزەلە مەدىنەدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت

‮زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە .
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
1
‮ زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا .
وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
2
‮ ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە .
وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
3
‮ بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ .
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
4
‮ (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر .
بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
5
‮ بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ .
يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ
6
‮ كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ .
فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ
7
‮ كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ .
وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
8