تەڭشەك

بۇ تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايەت، تەرجىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەسلىكىنى ۋە خەت چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.


ئايەت

تەرجىمىلەر

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر

«قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە ناملىرى توغرىسىدا

ئاپتور: ئابدۇرەقىپ ئابدۇغېنى، سەھىپە: قۇرئان، 25 Kasım 2022 Cuma ئىلان قىلىندى،
831 قېتىم ئوقۇلدى

«قۇرئان كەرىم» دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى، شەرىئەتنىڭ تۈپ ئاساسى، دىلىمىزدىكى ئىماننىڭ كونكرېت پروگراممىسى، مۇتلەق ھاكىم بولغان پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق ھەقىقەت بىلەن مۇجەسسەملىگەن بەرھەق كالامى. كەسكىن ئېيتىمىزكى، «قۇرئان كەرىم» بىزگە ھەممىنى ئاتا قىلالايدۇ. ھەرقانداق ئىشلىرىمىزدا بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»{سۈرە «مائىدە» (5-سۈرە)، 16-ئايەت}. رەھۇلۇللاھنىڭ قىسقىغىنە 23 يىل جەريانىدا پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۈچ قىتئەگە ھالقىغان غايەت زور ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالالىشى «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت كالامۇللانىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى ۋە كارامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جانابى سەرۋەر ئالەم، رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قۇرئان كەرىم» ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھنىڭ كىتابى (قۇرئان كەرىم)دە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسىلىرى، سىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى، ئاراڭلاردىكى ئىشلارنىڭ ھۆكۈمى باردۇر. ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر، بەلكى (ھەق بىلەن ناھەقنى) ئايرىغۇچى (كالام)دۇر. كىمكى تەكەببۇرلۇقتىن ئۇ(نىڭ ھۆكمى)نى تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھالاك قىلىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن غەيرىيدىن توغرا يول ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى گۇمراھ قىلىۋېتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر، ھېكمەتلىك باياناتتۇر، توغرا يولدۇر. نەپسى خاھىشقا ئەگەشكەنلەر ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا غەيرى نەرسىلەر ئارىلىشىپ قالمايدۇ. ئۆلىمالار ئۇنىڭغا قانمايدۇ. ئۇ كۆپ ئوقۇغانغا كونىراپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئاجايىباتلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ. ئۇ شۇنداق كالامكى، ھەتتا جىنلارمۇ ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا: "بىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق" دېمەي تۇرالمىغان. كىمكى ئۇ (قۇرئان كەرىم)نى دەيدىكەن، راستنى دېگەن بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىكەن، ئەجىرگە مۇيەسسەر بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدىكەن ئادىل بولىدۇ، كىمكى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىدىكەن، توغرا يولغا يېتەكلىنىدۇ». دېمەك «قۇرئان كەرىم» ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى يول خەرىتىمىزدۇر. شۇ ۋەجىدىن «قۇرئان كەرىم» ھەققىدە ئىزدىنىش، بۇ ساھەدە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز، شۇنداقلا دۇنيالىق ھاياتىمىزنى توغرا يول ئۈستىگە قۇرۇپ، ئاخىرەتلىك سائادىتىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

شۇنىڭغا ئاساسەن، ساھابىلەر زامانىدىن تارتىپ تالاي ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەر بىر ئايىتى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھەمدە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىلىرىنى پرىنسىپ قىلغان ئاساستا، ھەر قايسى دەۋرلەرگە ماس ھالدا تەپسىرلەش ئارقىلىق، ئەينى دەۋرلەردىكى ئىسلام خەلىپىلىكلىرى ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ دىني كۆرسەتمە، ئەھكاملارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان سەرخىل نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن. ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم»نىڭ 1000دىن ئارتۇق تەپسىرى بار دېيىلمەكتە ۋە بۇنىڭ بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ كۆپ شەرھىلەنگەن بىردىنبىر كىتاب دەپ تەرىپلەنمەكتە.

ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى مەسئۇلىيتىمىزنى تونۇش سۈپىتىدە، ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلپ، «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە ناملىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. «قۇرئان كەرىم»دە جەمئىي 114 سۈرە بولۇپ، ھەربىر سۈرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم نامى بار. بۇ ناملار تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ ئىلاھىي دەستۇرغا تېخىمۇ رەڭدار تۈس بېغىشلايدۇ. سۈرىلەرگە نام قىلىپ قويۇلغان ھەر بىر سۆز سىزدە ئۆزگىچە ئىشتىياق قوزغاپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلىدۇ. تۆۋەندە «قۇرئان كەرىم»دىكى 114 سۈرىنىڭ نامى، نام مەنىسى ۋە قىسقىچە ئاتىلىش سەۋەبى «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرىلەر تەرتىپى بويىچە جەدۋەللەشتۈرۈپ بېرىلدى.

تەرتىپى ئىسمى مەنىسى ئاتىلىش سەۋەپلىرى
1 فاتىھە مۇقەددىمە، ئاچقۇ بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 12 ئىسمى بار، «قۇرئان كەرىم» ۋە نامازلارمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ
2 بەقەرە كالا كالا ۋەقەسى بايان قىلىنغان (67-، 73- ئايەتلەر)
3 ئال ئىمران ئىمران ئائىلىسى ئىمران (ھەزىرتى مەريەمنىڭ ئاتىسى) ئائىلىسىنىڭ پەزلى بايان قىلىنغان(35~55-ئايەتلەر)
4 نىسا ئاياللار ئاياللار ھەققىدىكى ئەھكاملار كۆپ
5 مائىدە داستىخان ھەۋارىلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاسماندىن"ئۈستىدە تاماق بار دەستىخان" چۈشۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 112~115-ئەيەتلەر)
6 ئەنئام چاھارپايلار چاھارپايلارنىڭ ھالال-ھاراملىرى بايان قىلىنغان (136~146-ئايەتلەر)
7 ئەئراف جاي ئىسمى جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرسىدىكى پاسىل، يەنى ئەئراف زىكىر قىلىنغان (48-، 49—ئايەتلەر)
8 ئەنفال غەنىيمەت(ئولجا) غەنىيمەت تەقسىماتى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
9 تەۋبە تۆۋبە تۆۋبە ياكى ئازابنى تاللاش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان (بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 14 ئىسمى بار)
10 يۇنۇس كىشى ئىسمى يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (98-ئايەت)
11 ھۇد كىشى ئىسمى ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (50~60-ئايەتلەر)
12 يۈسۈف كىشى ئىسمى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان
13 رەئد چاقماق چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (13-ئايەت)
14 ئىبراھىم كىشى ئىسمى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (35~41-ئايەتلەر)
15 ھىجر جاي ئىسمى سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىجر دېگەن جايدا ياشايدىغان قەۋمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (80~82-ئايەتلەر)
16 نەھل ھەسەل ھەرىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (68~69-ئايەتلەر)
17 ئىسرا كېچىلىك سەپەر رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ سەپىرى بىلەن باشلىنىدۇ
18 كەھف غار ئەسھابۇل كەھف قىسسىسى بايان قىلىنغان (9~26-ئايەتلەر)
19 مەريەم كىشى ئىسمى ھەزرىتى مەريەم ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان (16~37-ئايەتلەر)
20 تاھا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ئىسمى بىلەن باشلانغان
21 ئەنبىيا پەيغەمبەرلەر بىر بۆلۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن قىسقىچە ئومۇمىي بايان بېرىلگەن
22 ھەج ھەج ھەجگە ئالاقىدار بايانلار بار ( 25~37-ئايەتلەر)
23 مۆئمىنۇن مۆمىنلەر مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلانغان
24 نۇر نۇر ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ نۇرى ئىكەنلىكى... بايان قىلىنغان (35-، 40-ئايەتلەر)
25 فۇرقان ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
26 شۇئەرا شائىرلار شائىرلار ھەققىدە بايانلار بار (225~227-ئايەتلەر)
27 نەمل چۈمۈلە چۈمۈلە قىسسىسى بايان قىلىنغان (18-، 19- ئايەتلەر)
28 قەسەس قىسسەلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدىن، تا پەيغەمبەرلىكىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
29 ئەنكەبۇت ئۆمۈچۈك مۇشرىكلارنىڭ مەبۇد قىلىۋېلىشقان بۇتلىرى ئۆمۈچۈكنىڭ ئاجىز ئۆيىگە ئوخشىتىلغان (41-ئايەت)
30 رۇم ۋىزانتىيە «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرىدىن، رۇملۇقلارنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن (2~5-ئايەتلەر)
31 لوقمان لوقمان ھەكىم لوقمان ھەكىمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (13~19-ئايەتلەر)
32 سەجدە سەجدە بىر سەجدە ئايىتى بار (15-ئايەت)
33 ئەھزاب قوشۇنلار مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپ-توپ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان (9-، 27-ئايەتلەر)
34 سەبەئ قەۋم ئىسمى يەمەندىكى سەبەئ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (15~21-ئايەتلەر)
35 فاتىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
36 ياسىن ي، س ھەرپلىرى ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان
37 ساففات سەپراس قوشۇن مەزكۇر سۈپەتتىكى مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
38 ساد «ص» ھەرپى ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ھەرپ بىلەن باشلانغان
39 زۇمەر جامائە مۆمىنلەر جامائەسى ۋە كۇففارلار جامائەسى سېلىشتۇرۇلغان
40 غافىر مەغپىرەت قىلغۇچى سۈرە بېشىدىلا ئاللاھنىڭ مەزكۇر ئىسمى زىكىر قىلىنغان
41 فۇسسىلەت مۇپەسسەل بايان قۇدرىتى ئىلاھىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
42 شۇرا كېڭەش كېڭەشنىڭ ئىسلامدىكى ئالاھىدە ئورنى بايان قىلىنغان (48-ئايەت)
43 زۇخرۇف زىبۇزىننەت باقىيسى يوق دۇنيا نېمەتلىرى پارقىراق زىبۇزىننەتكە ئوخشىتىلغان ۋە ئۇنىڭدىن دۇنيادا كۇففارلارمۇ بەھىرلىنەلەيدىغانلىقى، ئاخىرەتتە مۆمىنلەرگىلا خاس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
44 دۇخان تۈتۈن ئاللاھ كۇففارلارنى رەسۇلۇللاھقا تەكزىب قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈتۈن بىلەن قورقۇتقان (10-ئايەت)
45 جاسىيە تىزلانغان(قەۋم) قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر قەۋمنىڭ قورقۇنچتىن تىزلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (28-ئايەت)
46 ئەھقاف جاي ئىسمى ئەھقافتىكى ئاد قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان
47 مۇھەممەد كىشى ئىسمى جىھاد ھەققىدە بايانلار بار. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان
48 فەتىھ ئازاد قىلىش مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
49 ھۇجۇرات ھۇجرىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھۆرمىتى بايان قىلىنغان
50 قاف «ق» ھەرپى ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ھەرپ بىلەن باشلانغان
51 زارىيات سورىغۇچى تۇپراقنى سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
52 تۇر تۇر تېغى تۇر تېغى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
53 نەجىم يۇلتۇز يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
54 قەمەر ئاي باشتىلا «ئاي يىرىلىش ۋەقەسى» زىكىر قىلىنغان
55 رەھمان ناھايتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
56 ۋاقىئە زور ۋەقە قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
57 ھەدىد تۆمۈر تۆمۈرنىڭ خۇسۇسيىتى بايان قىلىنغان (25-ئايەت)
58 مۇجادەلە تاكاللىشىش زىھار قىلىنغان بىر ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئېرىدىن شىكايەت قىلغان ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
59 ھەشىر سۈرگۈن بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ( 3-ئايەت)
60 مۇمتەھىنە سىنالغان ئايال ھۈدەيبىيە سۈلھىسى مەزگىلىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىنەلەرنى سىناپ ئېلىپ قېلىش، كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بايان قىلىنغان (10-ئايەت)
61 سەپ سەپ، قاتار كۇففارلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جىھاد قىلغانلار مەدھىيىلەنگەن (4-ئايەت)
62 جۇمۇئە جۈمە جۈمە نامىزىغا دائىر ئەھكاملار بار (9~11-ئايەتلەر)
63 مۇنافىقۇن مۇناپىقلار مۇناپىقلارنىڭ ئەپت-بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان
64 تەغابۇن زىيان تارتىش كاپىرلارنىڭ قىيامەتتە زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (9-، 10-ئايەتلەر)
65 تەلاق تالاق تالاققا دائىر ئەھكاملار بايان قىلىنغان
66 تەھرىم ھارام قىلىۋېلىش رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، دېدىكى مارىيەگە يېىقىنلىشىشىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن
67 مۈلك ئىگىدارچىلىق پۈتۈن ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بىلەن باشلانغان
68 قەلەم قەلەم باشتىلا قەلەم بىلەن قەسەم قىلىنغان
69 ھاققە بولۇشى مۇقەرەر قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن باشلانغان
70 مائارىج ئاسمان شوتىلىرى ئاللاھنىڭ ئاسمان شوتىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان (3-ئايەت)
71 نوھ كىشى ئىسمى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
72 جىن جىن جىنلار ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار
73 مۇزەممىل كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
74 مۇدەسسىر كىيىمگە پۈركۈنىۋالغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
75 قىيامەت قىيامەت قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
76 ئىنسان ئىنسان ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان
77 مۇرسەلات لەرزان (شاماللار) شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
78 نەبە ئۇچۇر قىيامەت، قايتا تىرىلدۈرۈش... ھەققىدە ئۇچۇر بىرىلگەن
79 نازىئات سۇغۇرۇۋالغۇچى شۇ سۈپەتلىك مالائىكىلەر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
80 ئەبەسە تەرىنى تۈرۈش رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمغا تەرىنى تۈرگەن ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
81 تەكۋىر (نۇرى) ئۆچۈش قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
82 ئىنفىتار يېرىلىش قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
83 مۇتەففىفىن تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر ئاگاھلاندۈرۇلۇپ باشلانغان
84 ئىنىشقاق يېرىلىش قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
85 بۇرۇج ئاسمان بۇرۇجلىرى بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
86 تارىق يورۇق يولتۇز باشتىلا يورۇق يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنغان
87 ئەئلا ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
88 غاشىيە ھەممىنى ئوراپ ئالغۇچى
قورقۇنچ ھەممىنى ئوراپ ئالىدىغان قىيامەت ئەھۋاللىرى سۆزلەنگەن
89 فەجر تاڭ، سۈبھى سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
90 بەلەد شەھەر مەككە شەھىرى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
91 شەمس قۇياش قۇياش بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
92 لەيل كېچە كېچە بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
93 زۇھا چاشكا چاشكا ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
94 ئىنىشىراھ ئېچىۋېتىش ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋېتىپ دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان
95 تىن ئەنجۈر ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
96 ئەلەق لەختە قان ئىنساننىڭ لەختە قاندىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان
97 قەدر قەدرى كېچىسى قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، خاسىيىتى بايان قىلىنغان
98 بەييىنە بۇرھان، ھۆججەت ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» كەلگىچە كۇفرىدىن يانمىغانلىقى بايان قىلىنغان
99 زەلزەلە تەۋرەش قىيامەتتە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
100 ئادىيات ئاتلىق (قوشۇن) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
101 قارىئە چەككۈچى قۇرقۇنچلۇقى بىلەن دىللارنى چېكىدىغان قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
102 تەكاسۇر پەخىرلىنىش مال- دۇنيا، پەرزەنتتىن پەخىرلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان
103 ئەسىر ئەسىر، زامان ئەسىر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
104 ھۇمەزە بۆھتان چاپلىغۇچىلار بۆھتان چاپلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن
105 فىل پىل «كەئبە شەرىف»نى ۋەيران قىلىش قەستىدە قوشۇن باشلاپ كەلگەن پىل ئىگىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سۆزلەنگەن
106 قۇرەيىش قەبىلە نامى ئاللاھنىڭ قۇرەيشكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەن
107 مائۇن قۇلقا كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ- يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىپلەنگەن
108 كەۋسەر ھەۋزى كەۋسەر رەسۇلۇللاھقا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن
109 كافىرۇن كاپىرلار كۇپپارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەدىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان
110 نەسىر نۇسرەت مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
111 مەسەد چىگە ئەبۇ لەھەبنىڭ سۇخەنچى خوتۇنىنىڭ بوينىدا چىگىدىن ئېشىلگەن ئارغامچا بولدىغانلىقى سۆزلەنگەن
112 ئىخلاس ئىخلاس ئاللاھنىڭ بىرلىكى، تەڭداشسىزلىقى... بايان قىلىنغان
113 فەلەق سۈبھى سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن
114 ناس ئىنسانىيەت ئىنسانلارنىڭ رەببى، پادىشاھى، ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن


مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2004-يىل 2-سان

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ

خەتكۈچلەر: قۇرئان كەرىم