تەڭشەك

بۇ تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايەت، تەرجىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەسلىكىنى ۋە خەت چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.


ئايەت

تەرجىمىلەر

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر

قۇرئان كەرىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور: نامەلۇم، سەھىپە: قۇرئان، 20 Aralık 2022 Salı ئىلان قىلىندى،
605 قېتىم ئوقۇلدى

قۇرئان كەرىم (ئەرەپچە القرآن ياكى القرآن الكريم) ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن لەۋھۈلمەھپۇزغا رامىزان ئىيىنىڭ قەدر كېچىسىدە بىر يوللا تولۇقى بىلەن دۇنيا ئاسمىنىغا نازىل قىلىنغان. ئاندىن دۇنيا ئاسمىنىدىن 23 يىل جەريانىدا پارچە - پارچە ھالدا رەسۇلۇللاھقا جىبرىئىل ئارقىلىق ئەرەپ تىلىدا تەدرىجى نازىل بولۇپ تولۇق تاماملانغان. قۇرئان كەرىم «كەلامۇللاھ»، «كىتابۇللاھ»، «فۇرقان»، «تەنزىل»، «مۇششاف» ، «كىتاب»، «نۇر»، «زىكىر» قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە 30 پارە 114 سۈرە 6236 ئايەت بار. بۇنىڭ ئىچىدە 28 سۈرە مەدىنە سۈرىىلىرى، 86 سۈرە مەككە سۈرىلىرى. ئەڭ ئاۋال نازىل بولغان ئايەت « ئەلەق» سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتۇر. قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەيەيھى ۋەسەلەم دەۋرىدە كىتاپ ھالىغا كەلتۈرۈلمىگەن، پەقەت دەرەخ قوۋزاقلىرى، تىرە ياكى تاشتەك نەرسىلەرگە يىزىپ ساقلانغان، كىيىن خەلىفە ئابابەكرى زامانىسىدا، قۇرئاننى ھازىرقى كىتاپ ھالىدە رەتلەپ چىقىلغان، رەتلەشكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى يىزىشقا تەيىنلىگەن قارى زەيىد ئىبنى سابىت مەسئۇل بولغان، خەلىفە ئوسمان زامانىسىدا ئالتە نۇسخا كۆچۈرۈلۈپ جايلاردىكى ئىسلام ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىپ بىرىلگەن. مانا بۇ ھازىرقى «ئوسمانلى نۇسخىسى» قۇرئان كەرىمدۇر.


ئىزاھات


سۈرە «بەقەرە» 185-ئايەت، سۈرە «قەدر» 1-ئايەت، سۈرە «دۇخان» 3-ئايەتلەرگە قارالسۇن.
سۈرە«بەنى ئىسرائىل» 106-ئايەت...
بۇخارى بىلەن مۇسلىمدە ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئوقۇ» دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدى. پەرىشتە ئۇنى تۇتۇپ قاتتىق سىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چارچاپ كەتتى. پەرىشتە جىبرىئىل ئۇنى قويۇۋېتىپ «ئوقۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بايىقى سۆزنى تەكرارلىدى. بۇ ئەھۋال ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، ئۈچىنچى قېتىمدا جىبرىئىل ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتنى ئوقۇدى.
« ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1] ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2] ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3] ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4] ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5] .»


مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ

خەتكۈچلەر: قۇرئان كەرىم