تەڭشەك

بۇ تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايەت، تەرجىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەسلىكىنى ۋە خەت چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.


ئايەت

تەرجىمىلەر

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر

«قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا دائىر قىسقىچە بايان

ئاپتور: نۇرمان. ماشىيەن، سەھىپە: قۇرئان، 16 Haziran 2023 Cuma ئىلان قىلىندى،
655 قېتىم ئوقۇلدى

«قۇرئان كەرىم» نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا دائىر قىسقىچە بايان


«قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىدىغان بىردىنبىر مۇقەددەس كلاسسىك ئەسەر» لېكىن ئۇنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىرەر دىنىي كلاسسىك ئەسەرنىڭ رولىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇ نەسرىي شەكىلدە خاتىرىلەنگەن تۇنجى ئەرەبچە ھۆججەت 5 ئۇنىڭ مەزمۇنى توغرىدىن - توغرا  7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئۇلۇغ ئىجتىمائىي، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر كېيىنكى ت دا» ئەرەبْ مىللىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى- ئۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلام دىنىنى، شۇنىڭدەك 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەرەب جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى ئەڭ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ئاساسلىرى بىلە تەمىن ئېتىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تېكىستى قاپىيىلىك نەسرىي بولۇپ، سۆزلىرى ئىخچام رېتىمى ئېنىق، ئوقۇسا ئېغىزغا چۈشۈپ تۇرىدۇ ھەم جاراڭلىق، كۈچلۈك چىقىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ۋە ئىپادىلەش شەكلى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە ئەرەب ۋە ئىسلام ئەدىبلىرى ئۇنى ئەدەبىي ئۆرنەك دەپ ھېسابلاپ كەلمەكتە. «قۇرئان كەرىم» بىلەن قېلىپلاشقان ئەرەب تىلى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋە رايونلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئەرەب مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى ۋە پسىخولوگىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدە غايەت زور رول ئوينىدى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە دېگۈدەك چېتىلىدۇ، ئۇ ئىسلام دىنىي-ئەقىدىلىرىنى ۋە قانۇن -نىزاملىرىنى بەلگىلەشتىكى ھەممىدىن مۇھىم ئاساس بولۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىسلام مائارىپىدا ئۇ بىرىنچى دەرسلىك. قىلىنىدۇ؛ شۇڭا ئۇنىڭدا تەشەببۇس قىلىنغان ئالەم قارىشى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى ۋە قانۇن قارىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى شەخسلەرگە ۋە مىللەتلەرگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. قەدىمدىن تارتىپ مۇسۇلمان ئەدىبلەر «قۇرئان كەرىم»گە باھا بېرىپ ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ بىرمۇنچە ماقالە ۋە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازدى. مۇسۇلمان ئەدەبىياتچىلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەدەبىي ئىستىلىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى بېيىتتى ھەمدە ئۇنىڭدىكى بەزى ھۆكۈم ۋە ماقاللارنى ئىجادىيەت تېمىسى قىلدى؛ مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، كۆپىنچە، «قۇرئان كەرىم» دىكى ھەق-ناھەق قارىشى ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى ياخشى-يامانلىققا ھۆكۈم قىلدى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممىسىنى كۆزەتتى، ئىسلام ئۆلىمالىرى بولسا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، كىشىلەرنى «قۇرئان كەرىم»دىكى نەسىھەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ مىزانى قىلىشقا سەمىمىي دالالەت قىلدى. شۇڭلاشقا، تارىختا ئۆتكەن خەلىپە خانىدانلىقلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى «قۇرئان كەرىم»نى خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ  ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ۋە يېتەكچى پرىنسىپى قىلدى. بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر كۆپىنچە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاقىدار مەزمۇنىنى بايراق قىلىپ تۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىككە ۋە سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلدى. ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىن بۇيان بەزى غەرب مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئىجتىمائىيەت ئالىملىرى، شۇنىڭدەك يېقىنقى زامان شەرقشۇناسلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەرەب مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا: كەينى-كەينىدىن نۇرغۇن ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا، يېقىن شەرقنىڭ تارىخى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. گېرمانىيە شائىرى گېتىنىڭ «مۇھەممەت ناخشىسى» دېگەن شېئىرىدا». روسىيە شائىرى پۇشكىننىڭ «‹قۇرئان كەرىمگە تەقلىد» دېگەن شېئىرىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلار غا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇلار نىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بەرگەن باھاسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . دېمەك، «قۇرئان كەرىم» دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنياغا مەشھۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجلانغانلىقى ۋە كەڭ تارقالغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى

«قۇرئان كەرىم» "ئوچۇق ئەرەبىي تىلدا" (36-سۈرە، 195-ئايەت) نازىل بولىدى ۋە خاتىرىلەندى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئاللانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئەرەب تىلى تەبىئىي يوسۇندا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تىلى قىلىندى؛ «قۇرئان كەرىم» ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئىبارە ۋە مەنادىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇنىڭ مەنىسىنى ”كەڭ ۋە چوڭقۇر“ دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى مەنىسى يوشۇرۇن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى تارىختىن تارتىپ ھەر خىل چۈشەندۈرۈلۈپ كەلدى، شۇڭا ھەرقانداق تەرجىماننىڭ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تامامەن توغرا چۈشىنىپ، مەنىسىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىشى ناھايىتى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئىبارىلىرى كارامەت گۈزەل بولۇپ، پاساھەت، قاپىيە، رېتىم،  كىشنى تەسىرلەندۈرۈش جەھەتلەردە باشقىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ ھەرقانداق تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئىبارە ۋە مەنادىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئەسلى تېكىستىگە ئوخشاش بولۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئۇ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولسا ئەسلى ئايەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى تولۇق ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ-دە، چوقۇم «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇقەددەسلىكىگە زىيان يەتكۈزۈلۈپ، دىنىي جەھەتتە گۇناھ سادىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تارىختىن تارتىپ سۈننىي مەزھىبى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ كۆپ سانلىق ئۆلىمالىرى، بولۇپمۇ ئەرەب مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم»نى باشقا تىللار غا تەرجىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلماي كەلگەن. مۇشۇنداق ئىدىيىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا، تارىختا ئۆتكەن خەلىپىلىكلەر نىڭ قارىمىقىدىكى پۇقرالار ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلار ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ھەرخىل مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ خەلىپىلەر «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلدۇرۇش يولى بىلەن ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللانمىغان. مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نی تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئۇ بىر خىل شەخسىي دىنىي ئىلىم پائالىيىتى بولۇپلا كەلدى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشىغا ۋە يۆلىشىگە مۇيەسسەر بولغانلار ناھايىتى ئاز بولدى. ھەتتا 13-ئەسىرگە كەلگەندە، ئوسمانىيە خەلىپىسى ئابدۇلھەمىدمۇ «قۇرئان كەرىم»نی تەرجىمە قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسىنى بېسىپ تارقىتىشىنى مەنئىي قىلدى. شۇڭا ئۇزاقتىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تونۇشتۇرۇشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى كىشىلەرنى تەرجىمە قىلىنغان رەسمىي نۇسخىسىدىن بىلىم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەسلى تېكىستىنى ئوقۇش ۋە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئاغزاكى تەرجىمىسىنى ئاڭلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. لېكىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارغا ن چاغلاردا يالغۇز ئەرەبلەرلا مۇسۇلمان بولغان ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن غەيرى ئەرەب مىللەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى، بىۋاستە ھالدىلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىنى ئوقۇش ۋە ئاغزاكى تەرجىمىنى ئاڭلاش ئۇسۇلى ئىسلام دىنىنىڭ يېڭى دىنغا كىرگەن مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىش ئېھتىياجىغا تولۇق مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يازما تەرجىمىسى بارلىققا كەلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «قۇرئان كەرىم»نى باشقا تىلىغا ئەڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىدىن سەلمان ئىبنى فارس (؟-655-يىللار) بولۇپ، ئۇ يېڭى دىنغا كىرگەن پارىس قېرىنداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە «سۈرە فاتىھە»نى تەرجىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا قىرائەت قىلىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان. غەيرىي ئەرەب مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (767-699-يىللار) «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىپ، ناماز ئوقۇغاندا ئەرەبچە تېكىستىنى ئوقۇشتا قىينالغانلار تەرجىمىسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان. كېيىن ھەنەفىي مەزھىپىدىن بولغان ئالىم سەرخەسى (؟-1097-يىللار) قاتارلىقلار ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى ياقلىغان ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ يازما تەرجىمىسى پارىس تىلغا تەرجىمە قىلىشتىن باشلانغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام بۇخارى (870-810-يىللار) «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قىسمىنى پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى بولسا كېرەك.

ئۇنىڭدىن كېيىن، «قۇرئان كەرىم»نى بەزى ئۆلىمالار پارس، ئوردۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بۇ ئىدىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىدى. بىراق، ياۋروپادا تۈرلۈك تىللار غا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى كەينى-كەينىدىن نەشىر قىلىندى، شۇنىڭدەك بەزى تەرجىمانلار كەلسە-كەلمەس ئىزاھلارنى قوشۇپ، ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى تەسكىرىي قاراشلار ۋە بۇرمىلاشلارنى ئاشكارىلىدى؛ مۇسۇلمانلار تەرجىمە قىلغان نۇسخىلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، شۇنىڭدەك تەرجىمىدە كەمچىلىك، سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى، بولۇپمۇ بەزى تەرجىمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ۋە مەزھەپ قاراشلىرىنى ئالغا سۈرۈشى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنى ئەنسىرەتتى ۋە ئۇلار نىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، مۇقەددەس كلاسسىك ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى خىلمۇ خىل بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قىياپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسىرنىڭ 20- ، 30- يىللىرىغا كەلگەندە،  «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا بولامدۇ، يوق، دېگەن مەسىلە يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ گېزىت، ژۇرناللىرىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مىسىرنىڭ ئەزھەر داشۆسى ئىسلام دىنى بويىچە ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتى بولۇپ مەلۇم نوپۇزغا ئىگە، بۇ يەردە بولغان مۇھاكىمىنىڭ نەتىجىسى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايتتى. 1932- يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، مىسىرنىڭ ئالاقىدار گېزىت، ژۇرناللىرى بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، ئاخىرى تەرجىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ پىكرى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تەرجىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار كۆرسەتكەن ئاساسلىق سەۋەپ مۇنۇلار: «قۇرئان كەرىم» ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا تەشۋىق قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ ۋەزىپىلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئۇنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغانلارنى ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن بىۋاستە خەۋەردار قىلىش ”ئالەمگە ئىچ ئاغرىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام“نىڭ كەڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايان قىلىنىشى بولىدۇ. كېيىن ئەزھەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى شەيخ مۇستافا مۇراغى بۇ قېتىملىق مۇنازىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان فىقھەدىكى بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا تەتقىقات» دېگەن ماقالىنى يېزىپ («ئەزھەر داشۆسى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1936-يىللىق 7-سانىغا قارالسۇن)، تەرجىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار نىڭ قىسمەن پىكرىنى ئىپادىلىدى. ئەزھەر داشۆسى يەنە ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، «قۇرئان ن كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ شەرق ئەللىرى ۋە غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بولۇپ، نۇرغۇن يىللاردىن بېرى «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا توسقۇن بولۇپ كەلگەن دىنىي ئىدىيە جەھەتتىكى تەقىپلەر بۆسۈپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ھەرقايسى ئەل مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى «قۇرئان كەرىم»نى يۈرەكلىك ھالدا ئۆز دۆلىتى تىلىغا ياكى ئۆز مىللىتى تىلىغا تەرجىمە قىلدى، نەتىجىدە «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ئىسلام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا بولۇپ قالدى.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، 8-، 9- ئەسىرلەردە، ئىسلام دىنى بىر نوقۇل دىندىن راۋاجلىنىپ، دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ھالىتىگە يەنى بىز ئادەتتە دەيدىغان ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئايلاندى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار، «قۇرئان كەرىم» ئاللا تەرىپىدىن نازىل بولغان، بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولمايدىغان مۇقەددەس كىتاب، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قارايدۇ؛ غەيرى مۇسۇلمان ئالىملار بولسا «قۇرئان كەرىم» ھەم دىنىي كىتاب ، ھەم ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئەسەر، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلاردا «قۇرئان كەرىم»گە قارىتا مۇسۇلمانلاردىكىگە ئوخشاش مۇقەددەسلىك ھېسسىياتى بولمىغاچقا، ئۇلار بەزى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىنىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىمىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر خىل مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، بەزىلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىغا رەددىيە بېرىش غەرىزىدە، ھەتتا بەزىلىرى ئەينى چاغلاردىكى مۇسۇلمان ھوقۇقدارلارغا ياخشى كۆرۈنۈش مەقسىتىدە «قۇرئان كەرىم»نى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتى. ئېيتىلىشىچە، 11-ئەسىردە، باغداتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان بىر تەرجىمە نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن[1]، بىراق- بۇ تەرجىمە نۇسخىسىغا دائىر كونكرېت ئەھۋالنى تېخى بىز بىلمەيمىز. مىلادى 12-ئەسىردە، مىسسۇپوتامىيىنىڭ شىمالىي رايونىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەدىمقى سۈرىيە تىلىدىكى ئىككى تەرجىمە نۇسخىسى چىققان، ئۇنىڭ بىرسىنى ئېدىسا باش روھانىسى باسىل تەرجىمە قىلغان. يەنە بىرسىنى: دىيار بەكرىنىڭ باش روھانىسى ئىبنى سەلبى تەرجىمە قىلغان[2]. ئالدىنقىسى ھەممىنى تەرجىمە قىلغان، كېيىنكىسى قىسمەن پارىلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئەندالۇستا ئىسلام  مەدەنىيىتىنىڭ ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىدا غەربىي ياۋروپا مەدەنىيىتى بىلەن ئېلىشىشى ۋە خرىستىيان ئەھلى سەلىپنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ئارقىسىدا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى تەتقىق قىلىشقا بولغان ھەۋىسى قوزغالدى، ئارقىدىنلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ياۋروپادىكى غەيرى مۇسۇلمانلار تەرجىمە قىلغان تۈرلۈك تىللاردىكى نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى.

ياۋروپادىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى

«قۇرئان كەرىم»نىڭ غەرب ئەللىرى تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشى؛ ھەممىدىن ئاۋال، غەربىي ياۋروپادىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەھلى سەلىپ ھەرىكىتىگە ماسلىشىش، «قۇرئان كەرىم»گە رەددىيە بېرىش، ئىسلام دىنىنى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى بۇرمىلاش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان. لاتىن تىلى ئەينى چاغدا، ياۋروپادا مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىشلاردا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل ئىدى، شۇڭا، 1141 -1143-يىللاردا، فرانسىيىدىكى كرۇنى موناستىرىنىڭ باشلىقى پېتېرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئەنگلىيىلىك روبېرت، فرانسىيىلىك ھىلمان ۋە ئىسپانىيىدىكى بىر ئەرەب «قۇرئان كەرىم»نى ئالدى بىلەن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلدى، بۇنىڭدا ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغانىدى، بىراق بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئەينى چاغدا بېسىلمىدى، 400 يىل ئۆتۈپ، 1543-يىلى ۋە 1550-يىلى شىۋېتسارىيىنىڭ بازىل دېگەن يېرىدە بىبلەند ئىككى قېتىم باستۇردى. لېكىن ئۇ ساقلاپ قىلىنمىغاچقا، بۇ ھەقتە بىز بەزى ھۆججەت، ماتېرىياللاردىنلا بەزى تەسىراتلارغا ئىگە بولىمىز. بەزى تەكشۈرۈپ دەلىللىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي شەرت-شارائىتلاردىن ئېيتقاندا، بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئەسلىگە بىر قەدەر سادىق بولغان ئىكەن.

15-ئەسىردە، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپاغا قاراپ كېڭىيىشى ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە «قۇرئان كەرىم»گە بولغان ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئوسمانلىلار ئېتىقاد قىلغان دىنغا ۋە ئۇنىڭ دىنىي كىتابلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، ”تۈركلەر ئىلاھىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىش مەقسىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن“،[3] 16-ئەسىردىن بۇيان، غەربىي ياۋروپا ئەللىرى «قۇرئان كەرىم»نى فرانسۇز، ئىنگلىز، لاتىن، گېرمان، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، كەينى - كەينىدىن نەشىر قىلدى، بىراق تەرجىمە نۇسخىلىرىدا تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلار بولمىغانلىرىنىڭ تارقىلىشىغا ئومۇمەن رۇخسەت قىلىنمىدى. بۇ تەرجىمە نۇسخىلىرى ئىچىدە، ئەڭ دەسلەپكى فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى دۇرىيې ئەرەبچىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ، «مۇھەممەتنىڭ قۇرئانى» دەپ ئاتىدى ۋە 1647-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدى. دۇرىيې ئەسلىي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ، كونستانتىنوپول (ھازىرقى ئىستانبۇل)دا ۋە مىسىردا كۆپ يىللار تۇرغان بولۇپ، ئەرەبچە ۋە تۈركچىنى بىلەتتى. ئۇ بۇ تەرجىمە نۇسخىسىغا بىرمۇنچە شەرق مۇپەسسىرلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئۈستىدىكى ئىزاھاتىلىرىنى تاللاپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى مەلۇم ئىلمىي ئابرويغا ئىگە قىلدى. نەشىر قىلىنغاندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارىژدا ۋە گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە بەش قېتىم قايتا نەشىر قىلىندى. دۇرىيېنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدىن كېيىن 1783-يىلى كېرودىيۇ ساۋالنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى چىقتى. بۇ تەرجىمە نۇسخىسى دۇرىيې تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئېشىپ چۈشتى. فرانسىيە ئالىمى گروس: ”ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك بولۇش بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، بىراق ئۇنىڭدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمقى فرانسىيىگە دائىر مەزمۇنلار ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلاردىن كۆپ ئىكەن“ دېگەن. كېيىنكى چاغلاردا. كاشمىرىسكى «قۇرئان كەرىم»نى يەنە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلدى ھەمدە 1840 -يىلى پوتىلنىڭ باش تەھرىرلىكىدە چىققان «شەرقنىڭ مۇقەددەس كىتابلار مەجمۇئەسى»گە كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىندى. كېيىنكى يىلى تەرجىمان تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئايرىم كىتاب قىلىپ باستۇردى. بۇ تەرجىمە نۇسخىسى شەرقشۇناسلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى شىمالىي ئافرىقىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تەرجىمە نۇسخىسىنى قايتا-قايتا باستۇردى، بۇ تەرجىمە نۇسخىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ كۆپ تارقالغان فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن بىرى دەپ قارالدى.

تۇنجى ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئەنگلىيىلىك پوپ ئالېكساندىر روس دۇرىيېنىڭ فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلدى، نامى فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئوخشاش «مۇھەممەتنىڭ قۇرئانى» دەپ ئاتىلىپ، 1649-يىلى لوندوندا نەشىر قىلىندى. روس تەرجىمە نۇسخىسىغا بەرگەن ئىزاھاتىدا «قۇرئان كەرىم»نى "تۈرلۈك سەپسەتىلەرنىڭ بوتقىسى“ دەپ ھاقارەتلىدى. بۇ روسنىڭ دىنىي تەسكىرىي قارىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى خرىستىيان مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىلغان ئىسلام دىنىغا قارشى مۇنازىرە خاراكتېرىدىكى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1734-يىلى نەشىر قىلىنغان جورج سەلنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىغا ئۇنىڭ بىر پارچە ئۇزۇن كىرىش سۆزى بېرىلىپ، تەرجىمە قىلىش مەقسىتى، ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تونۇشتۇرۇلدى، ئۇ ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»گە دىنىي تۇرغۇدىنلا ئەمەس، بەلكى پەلسەپە تۇرغۇسىدىن قاراپ، 18-ئەسىردە فرانسىيە ئىجتىمائىيەت ئالىملىرى ۋە پەيلاسوپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق، تەرجىمان مارازنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدىكى بەزى نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىسلام دىنىغا تەسكىرىي قاراش بىلەن، رەددىيە بېرىش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى. بۇ تەرجىمە نۇسخىسى غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ھەدەپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىۋاتقان دەۋردە، ئۆلچەملىك ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى دەپ قارىلىپ، نۇرغۇن قېتىم نەشىر قىلىندى ھەمدە «جامدوس مەجمۇئەسى»گە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، 1861-يىلى لوندوندا تەرجىمىسى خېلى سىلىق بولغان ليۇدۋىلنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى، 1880-يىلى ئوكسفوردتا پامىلنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى، 1937-يىلى ۋە 1939-يىللىرى مالمادۇ ۋە رىچاردپال قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشىر قىلىندى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاندېرى ئەلفابىن تەرجىمە قىلىپ ، «مۇھەممەتنىڭ قۇرئانى» دەپ نام بەردى ۋە 1547-يىلى نەشىر قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى تونۇشتۇردى، بەزى سۈرە-ئايەتلەرگە ئىزاھات ۋە باھا بەردى. ئۇنىڭدىن سىرت، 1913-يىلى ۋە 1929-يىللىرى مىلاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، فىراكۇش ۋە بۇنال تەرجىمە قىلغان نۇسخىلىرى نەشىر قىلىندى.

ئەڭ دەسلەپكى نېمىسچە تەرجىمە نۇسخىسىنى شۋىگ ئەلفابىننىڭ ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلىدى. ئۇ 1616-يىلى باۋارىيە ئوبلاستىنىڭ نيۇرنبېرگ دېگەن يېرىدە نەشىر قىلىندى. 1641-يىلى بىرەيلەن ئاشۇ تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن، گوللاندىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدى. 1773-يىلى بويىرسىننىڭ تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى، بۇ تەرجىمە نۇسخىسى كېيىن ئوھرىمان قاتارلىقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن يېڭىۋاشتىن نەشىر قىلىنىپ، بىر قەدەر كەڭ تارقىتىلدى. 1826-يىلى ۋە 1840-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ھاللى (تەرجىمە نۇسخىسىغا ئىسمىنى ۋال دەپ يازدى) ۋە ئۇلمانلارنىڭ نېمىسچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشىر قىلىندى.

ئىتالىيە كاتولىك دىنى پوپى مارازنىڭ ئەرەبچە ئەسلى تېكىستىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلغان لاتىنچە تەرجىمە نۇسخىسى 1698-يىلى فادوۋادا بېسىپ تارقىتىلدى. تەرجىمان بۇنىڭغا ئەرەبچە تەپسىرنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىدىن ئۈزۈۋېلىپ بەزى ئىزاھلارنى كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ياۋروپادىكى تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىدىغان نۇسخا بولۇپ قالدى. تەرجىمان پاپا ئىننوسىن XI ئالدىدا تەۋبە قىلغۇچى بولۇپ، تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاسى لىئوبىد I گە تەقدىم قىلدى. تەرجىمان ئۆزى يازغان، «قۇرئان كەرىم»گە رەددىيە بېرىدىغان كىرىش سۆزىدە، ”ياۋروپالىقلاردا ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئەڭ يامان كۆزقاراش پەيدا قىلىش“قا ئۇرۇندى. «قۇرئان كەرىم»نى تەتقىق قىلغۇچى فرانسىيىلىك براھىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشۇ تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنى ياۋروپادىكى دىن تارقاتقۇچىلار ۋە دىنىي خادىملار ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم قىلىش، ئىسلام دىنىنى تەنقىد قىلىشتا ئاساس قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرۇشى ۋە ھۇجۇم قىلىشى 18-ئەسىردە فرانسىيە زىيالىيلىرىدا باشقىچە پىكىر ۋە قارشىلىق پەيدا قىلدى. ئۇنىڭغا تازا قارشى تۇرغان ئادەم ئىبنى قەسىرنىڭ «مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابىنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغۇچى كانىيە بولدى، ئۇ ماراز ئەرەبچىنى ئەسلا بىلمەي تۇرۇپ، ”مۇھەممەتنىڭ ھاياتىغا دائىر كىتابنى قوپاللىق، يىرىكلىك بىلەن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلدى، گەپ-سۆزلىرى باغلاشمايدۇ، سىلىق ئەمەس، تەنقىدلىرىمۇ سەمىمىي ئەمەس“، ”ئۇنىڭ ئەسىرىنى قارىسىغا ئويدۇرۇپ چىققان، مۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنى ھاقارەتلەش بىلەن تولغان، كىشىلەرنىڭ ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىشقىلا بولىدىغان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ“[4] دەپ ئەيىبلىدى.

ئەڭ دەسلەپكى رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىنى بوسنىكوۋ غەربىي ياۋروپا تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىشلىدى، ئۇ 1716-يىلى پېتىربورگدا نەشىر قىلىندى. بىراق، ھەممىدىن ئاۋال ئەرەبچە ئەسلى تېكىستىدىن بىۋاسىتە رۇسچىغا تەرجىمە قىلغانلار پاگۇسراۋىكى (1871-يىلى تەرجىمىسى تۈگىدى، نەشىر قىلمىدى) بىلەن سابرولۇكوۋ (1878-يىلى قازاندا نەشىر قىلىندى) ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى تەرجىمە نۇسخىسىنى كىراچىكىۋىسكى ئىشلىدى، 1963-يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىندى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ياۋروپا تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئوسال بولۇپ، بەزىلىرىدە تەرجىمىگە ئىزاھ بېرىش نامى بىلەن كەلسە-كەلمەس باھا بېرىلگەن ۋە تەنقىد قىلىنغان، شۇڭا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى، ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى.

يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زاۋال تېپىشى ۋە پەن، مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن، ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى تەتقىق قىلىشقا بارا-بارا بىر قەدەر ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قەدەر ئوبېيكتىپ بولغان ھەمدە ئىلمىي قىممىتى بولغان بىرمۇنچە تەرجىمە نۇسخىسى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇر بولغان فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1957-يىلى ۋە 1967-يىلى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ پارىژدا نەشىر قىلىنغان براھىل ۋە ماسۇنلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ بىر قەدەر مەشھۇر ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى مۇنۇلار: ® 1937 -1938-يىللىرى ئېدىنبۇرگلىق بىل تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ئىسلام دىنى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان شەرقىشۇناسلار تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى دەپ قارالدى؛ ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس ئاتەل ج. ئابىل ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەدىمكى تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ 1955-يىلى نەشىر قىلىندى. كېيىنكى يىلى داۋىد ھازىرقى زامان ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نەشىر قىلىندى. كېيىنكى ئىككى تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، 1972-يىلغىچە ئايرىم -ئايرىم ھالدا، تۆت قېتىم ۋە سەككىز قېتىم نەشىر قىلىندى.

ھەرقايسى ئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشى

پارسلار ئىسلام دىنىنى ئەرەبلەردىن قالسا ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغان مىللەت. ئەرەب خەلىپىلىكلىرى پىرسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى زېمىندىكى ئاھالىلار ئىچىدە ئىسلام -ئەرەب مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە پارىس تىلى ۋە پارىس مەدەنىيىتى تارىختا ئۆتكەن ئىسلام خانىدانلىقلىرىدا كۈچلۈك رول ئويناپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. پارىس مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىن ھەم ئۆز مىللىتى تىلىنى پۇختا بىلىدىغان، ھەم ئەرەب تىلىنى پۇختا بىلىدىغان بىرمۇنچە مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى بارلىققا كەلدى. ئۇلار پارىس تىلىدا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇرۇنلا «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە، ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئىسمىنى يوشۇرۇش خاھىشى بولغاچقا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تەرجىمە قىلغۇچىلار كېيىنىكى ئەۋلادلارغا نامەلۇم. تېھرانىىنىڭ «ۋاستىچى» دېگەن كىتابىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، «قۇرئان كەرىم»نى پارسچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلاردىن مەلۇم بولغانلىرى موللا مۇھەممەت دەۋانى، جەمالىدىن خىزائى، مىرزا. م. نۇسەيرى، مىرزا. ت.كەشانى، مۇپەسسىر مازەندىرانى قاتارلىقلاردۇر. پارسچە «تەپسىرى ھۈسەين»نىڭ تەرجىمانى موڭغۇل ئىمپېرىيپىسى دەۋرىدىكى ھىندىستانلىق ئۆلىما ھۈسەين كاشفى ئىدى. ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئىخچام ھەم راۋان چىققان، بەزى سۈرىلەرنى تەرجىمان ئەنئەنىۋىي تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى بويىچە چۈشەندۈردى، شۇڭا ئۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەدەبىي تۈس ئالغان تەپسىرى ھېسابلىنىدۇ. تەرجىماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ھىجرىيىنىڭ 897-يىلى (مىلادى 1491-يىلى) تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، بەش يىلدا تەرجىمە قىلىپ بولغان. بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستانلاردا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا كەڭ تارقالغاندىن باشقا ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە «قۇرئان كەرىم» ۋە پارسچە ئۆگىنىش دەرسلىكى قىلىنغان . مېنىڭ بىلىشىمچە، پارسچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەرجىمىسى ئەسلى تېكىستىنىڭ ئاستىغا يېزىلىپ بېسىلغان. كېيىن ئوردۇ تىلىدىكى ۋە باشقا تىلدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ شۇنداق قىلىنغان. بۇنىڭدا سېلىشتۇرۇشقا ئاسان بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپلا قالماستىن، مۇھىمى، تەرجىمىنىڭ ئەسلى تېكىستكە تەڭ ئەمەسلىكىنى، ئۇنى ئۆگىنىشتە پايدىلىنىشقىلا بولىدىغانلىقىنى، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئۆز ئالدىغا قۇرئان بولالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭدا ئەسلى تېكستىنىڭ مۇقەددەسلىكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلغان. تېكىستى بىلەن تەرجىمىسىنى قوشۇپ نەشىر قىلغاندا، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا قارشى تۇرغۇچى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن ساقلىنىپ، ئۇنى ئوڭۇشلۇق تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولاتتى. 16، 17-ئەسىرلەردىن بۇيان، غەربىي ياۋروپادىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭدا ساقلانغان مەقسەتلىك بۇرمىلاش ۋە مەقسەتسىز خاتالىق ھەم چۈشۈپ قېلىشلار «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغان مۇسۇلمان ئۆلىمالارغا يېڭىۋاشتىن قارشى تۇرۇشقا باھانە بولۇپ بەردى، بىراق بۇ ھال تېخىمۇ كۆپ  مۇسۇلمانلارغا «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىكنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غەرب دىنىي جەمئىيەتلىرى ۋە دىن تارقىتىش تەشكىلاتلىرى دىن تارقىتىش ۋاسىتىسى (جۈملىدىن مۇستەملىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئىنجىل»نى تارقىتىش) ئارقىلىق شەرق مۇسۇلمانلىرىغا سەلبىي جەھەتتىن دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار شۇنى تونۇشقا باشلىدىكى، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش، ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇشتۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ياۋروپا تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىكى خاتالىقلارنى ۋە بۇرمىلاشلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن، تونۇشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش بولسا تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى. ھازىرقى زامان مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە «قۇرئان كەرىم»نى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ماددىي ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئەل مۇسۇلمانلىرى «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز دۆلىتى تىلىغا ياكى ئۆز مىللىتى تىلىغا ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ پارىس تىلىدىن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ جەھەتتە ھىندىستان، پاكىستان مۇسۇلمانلىرى ئالدىدا مېڭىپ بەردى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ھىندىستان ئىسلام دىنىنى بىر قەدەر بۇرۇن قوبۇل قىلغان، مۇسۇلمانلار ئاھالىسى بىر قەدەر زىچ بولغان رايون ئىدى. ئۇ يەردە، ئۆز مىللىتى تىلىنى پۇختا بىلگەندىن سىرت، پارىس تىلىنى ئەرەب تىلىنى ۋە ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىغان نۇرغۇن ئۆلىمالار بارلىققا كەلگەن. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق ئىسلام دىنى كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا بۇرۇنلا ئەھمىيەت بەرگەن. ئوردۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى «قۇرئان كەرىم»نى شاھ ئابدۇقادىر ( 1753 _ 1813) ئەسلى تېكىستىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە پارسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلدى. شاھ ئابدۇقادىر ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى مۇتەپەككۇر ۋەلىيۇللا شاھنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئۇستا مۇپەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس ئىدى. ئۇ فىقىھەنى شەرھىلەش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ 1826-يىلى نەشىر قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى ھازىرغىچە بازارلىق بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن كېيىن، شاھ رافىئىدىن، فەۋق. بىلكىرام، مۇھەممەت ئىبنى سەئىد، شاھ ئەشرەف سانەۋى ۋە نەزىر ئەھمەت قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى. 1887-يىلى ھاجى ئەلى بەھاۋەنكىرىنىڭ كۇجىراتىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىغان نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. ئەينى چاغدا ھىندىستان ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدىغانلار بەك كۆپ ئىدى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ غەربچە تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ تەسىرىنى توسۇش ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»نى ئىنگلىزچىگە ئۆزلىرى تەرجىمە قىلدى. 1905-يىلى ۋە 1919-يىلى دېهلىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئابدۇلھەكىم ۋە ھىراتىلارنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. 1930-يىلى ھىندىستاندا ئەنگلىيىلىك مۇسۇلمان مۇھەممەت ما. بېكسارنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. بېكسار تېكىستقا ئىزاھ بەرمەي، ھەر بىر سۈرە ئالدىغا شۇ سۈرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ۋەقەلەر ئۈستىدە ئەسلەتمە بەردى. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىدىيىسىنى ئەدەبىي يوسۇندا تەسۋىرلەپ، بۇ ”تەڭدىشى يوق سىمفونىيە، كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان ۋە شادلاندۇرىدىغان ھەقىقىي مۇزىكا ساداسى“[5] دېدى. ھىندىستاندىن باشلانغان ئەھمەدىيە مەزھىپى باشقا مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئېتىقات مەسىلىسىدە قارشىلاشتى، بىراق «قۇرئان كەرىم»نى دۇنيادىكى تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىشىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئۆلىماسى مۇھەممەت ئەلىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى. 1917-يىلى نەشىر قىلىنىپ كەڭ تارقالدى. ھىندىستان ئۆلىمالىرى ئىشلىگەن ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولغىنى سۈننىي مەزھىبى ئۆلىماسى يۈسۈف ئەلىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم 1934-يىلى نەشىر قىلىندى، ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم قايتا نەشىر قىلىندى. پاكىستان دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پاكىستان ئۆلىمالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوردۇ ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى يېڭى تەرجىمە نۇسخىلىرىنى نەشىر قىلدى.

تۈرك تىلى ئىسلام دىنىدىكى تۆت چوڭ تىلنىڭ بىرى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. 1956-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ”تۈركىستان تىلى“ (يەنى كونا تۈرك تىلى ياكى چاغاتاي تىلى)غا تەرجىمە قىلىنغان «قۇرئان تەپسىرى» نەشىر قىلىندى. تەرجىمان مەھمۇت تەرازىنىڭ ئېيتىشىچە، ”بۇ تۈركىستان تىلى“غا تەرجىمە قىلىنغان تۇنجى «قۇرئان كەرىم» ئىكەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھىندونېزىيە، مالايسىيا، بېنگال ۋە بىرما قاتارلىق ئەللەردە ئۆز دۆلىتى تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن تەرجىمە نۇسخىلىرى بار. بۇ ھەقتە ھازىرچە ماتېرىيال يوق، كېيىن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ ياپونىيىگە كىرىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن، ياپونىيە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا جۇڭگو ۋە غەرب ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئۈستىدە ئاز-تولا چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ئىدى. 1925-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ياپونىيىنىڭ بىر مەدەنىيەت تەشكىلاتى - دۇنيا دىنىي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش جەمئىيىتى «قۇرئان كەرىم»نىڭ غەربىي ياۋروپا تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغا ن ياپونچە نۇسخىسىنى نەشىر قىلدى. 1954-يىل 3-ئايدا، يۈچۈەنجىمېي ئىسىملىك ياپونىيىلىك بىر مۇسۇلمان ئۆزى تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نى سوغا سۈپىتىدە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە تەقدىم قىلدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 1950-يىلى ۋە 1957-يىلى داچۈەن جۇمىڭ ۋە جىڭجيەن جۇتيەن تەرجىمە قىلغان ئىككى ياپونچە تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. 1972-يىلى، ياپونىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى سەنتيەن لياۋيىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشىر قىلدى. نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بىرمۇنچە خاتالىقلار سېزىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئالاقىدار خەلقئارا ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىرى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تارقىتىلىشتىن توختىتىلدى. 1980-يىلى مەزكۇر جەمئىيەت مەخسۇس ئىختىساسلىق خادىملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىپ، 1983-يىلى «قۇرئان كەرىمىنىڭ ياپونىيىچە-ئەرەبچە سېلىشتۇرمىسى ۋە تەپسىرى» دېگەن نامدا قايتا نەشىر قىلدى.

1955-يىلى ئەتراپىدا، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى تەرجىمە قىلغان ئىككى خىل ئىسپانچە تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. بۇنىڭ بىرىنى ئەھمەت ھەسەن ئەمىل دېگەن ئەرەب تەرجىمە قىلغان، يەنە بىرىنى سەيپىدىن رەھال ۋە پروفېسسور سىتانىياگۇن بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىغان. كېيىنكى تەرجىمە نۇسخىسىغا تەرجىمان يازغان ئەرەبچە، ئىسپانچە كىرىش سۆز بېرىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇقەددەسلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىسلام روھى شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم»نىڭ ”پەن، جەمئىيەت ۋە قۇرۇلۇش“ جەھەتتىكى قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىگېرىيىنىڭ باش قازىسى ئەبۇ بەكىر جۇم «قۇرئان كەرىم»نى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، يورۇبا تىلى ۋە خاۋسا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، غەربىي ئافرىقا ئەللىرىدە بىر قەدەر كەڭ تەسىر قوزغىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، 1914-يىلى خالىد شلىدىرىك دېگەن مۇسۇلمان «قۇرئان كەرىم»نى دۇنيا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ لوندوندا نەشىر قىلىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 70 نەچچە يىلدىن بىرى يېڭى دۇنيا تىلى تەرجىمە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغانلىقى چوقۇم. ئەپسۇسكى، ئالاقىدار ئەھۋالدىن تېخى خەۋەر تاپالمىدۇق.

سانلىق مەلۇماتلار غا قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا «قۇرئان كەرىم»نىڭ 60-70 خىل تىلدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بار. دۇنيا تىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تىلىدا تۆۋەندىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى بار، يەنى خەنزۇ، ئۇيغۇر، تۈرك، پارىس، ئوردۇ، بېنگال، پۇتۇش، كۇرد، ھىندى، كەشمىر، تامىل، پەنجاپ، كۇجىرات، كانارې، ماراتى، مارانو، ھايالام، تېلۇگۇ، مالاي، ھىندونېزىيە، جاۋا، ئامىنىيە، قازاق، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار، دىۋال، سىنغالى، بىرما، تايلاند، ياپون، چاۋشيەن تىللىرىدىكى نۇسخىلىرى بار؛ ياۋروپا ئامېرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ لاتىن، ئىنگلىز. فرانسۇز، نېمىس، ئىسپان، كاستىر، ئىتالىيان، پورتۇگالىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، چېخ، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، سېرۋىيە، كرودىيە، بوسنىيە، ئالبانىيە، رۇمىنىيە، پولشا، رۇس تىللىرىدىكى نۇسخىلىرى بار؛ ئافرىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ سۋاھىلى، خاۋسا، يورۇبا، روئاندا ۋە سېنېگال تىللىرىدىكى نۇسخىلىرى بار، ھازىر دۇنيادا ئورتاق قوللىنىدىغان ياكى قوللىنىدىغان ئادەم سانى كۆپرەك بولغان تىللاردىكى، مەسىلەن، پارىس، ئوردۇ، بېنگال، ئىنگلىز، فرانسۇز، ئىسپان، نېمىس، رۇس ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ ھەرقايسى تىلدا نەچچە خىل،  ھەتتا نەچچە ئون خىل نۇسخىسى بار.

لېكىن بۇ تەرجىمە نۇسخىلىرى ئىچىدە، تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەسمىي تەرجىمە نۇسخىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا تەرجىمە نۇسخىلىرى شەخسىي ئەسەر ھېسابلىنىپ، باشقىلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىش ياكى ئۆگىنىشتە پايدىلىنىشىغىلا بولىدۇ، بۇلار دىنىي جەھەتتە تەۋراتنىڭ تەرجىمىسىدەك ئەسلى تېكىستى بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئىگە ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بىرى، بەزى خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي، تەشۋىقات تارماقلىرى ئادەم ئۇيۇشتۇرۇپ، كوللېكتىپىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن، تەرجىمىسى توغرا بولغان ھەمدە قىسقىچە تەپسىرى بېرىلگەن تۈرلۈك تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشىر قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ. 1985-يىلى مىسىر دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئىسلام دىنى ئالى مۇدىرىيىتى «قۇرئان كەرىم»نی تۈرلۈك ئورتاق تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن بىر ھەيئەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنە 70-يىللاردا مەزكۇر مىنىستىرلىك ۋە مۇدىرىيەتكە قاراشلىق «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس كومىتېتى تۈزۈپ نەشىر قىلىنغان «تەپسىرى قۇرئان»نى تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىشىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسى قىلىشنى بەلگىلىدى[6]، بۇنىڭدا بارلىق تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلى تېكىستنى مۇشۇ ئۆلچەملىك نۇسخىغا ئاساسەن چۈشىنىپ ۋە تەپسىرنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەپ، مەنەن تەرجىمە بىلەن ئىزاھنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى كۆزدە تۇتتى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ جۇڭگودا تەرجىمە قىلىنىشى

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئېلىمىزگە كىرىشىگە ئەگىشىپ جۇڭگوغا كىرگىنىگە بىر مىڭ 300 نەچچە يىل بولدى. بىراق ئۇزاقىتىن بۇيان، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەسلى تېكىستىنى ئۆگىنىش ۋە دىنىي خادىملارنىڭ ئاغزاكى چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق تارقىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت ئۇنىڭغا ئېتىقات قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا چەكلەندى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ۋە دىن تارىخىغا دائىر ئەسەرلەرنى خەنزۇچە يېزىق بىلەن يازغان ئۆلىمالار ئۆز ئەسەرلىرىدە نەقىل كەلتۈرگەن ئايەتلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، لېكىن بىركىمنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق تەرجىمە قىلغىنىنى ئۇچراتمىدۇق. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ماجىبېن تەرجىمە قىلغان «ئاپەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى» (يەنى «قۇرئان كەرىم»دىن ئۈزۈندە) ۋە مافۇچۇ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى»نىڭ بەش پارىسى مەيدانغا چىقتى. ئەمما مۇسۇلمانلار تۇرغان تارىخىي شارائىت ۋە مەدەنىيەت شارائىتى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، مافۇچۇ باشلىغان «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ئىشى داۋاملىشالمىدى. دېڭىز قاتنىشىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ياۋروپا تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كىرىشىگە ۋە مەملىكىتىمىزدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق تەرجىمە قىلىش ئىشى باشلاندى.

دەسلەپتە «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق تەرجىمە قىلىش ئىشىنى غەيرى مۇسۇلمانلار باشلىدى، 1927-يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان لى تيېجېڭ ياپونچە تەرجىمىسىدىن تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» ۋە 1931-يىلى شاڭخەيدە نەشىر قىلىنغان جى جۆمى قاتارلىقلار ئىنگلىزچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلغان «خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىم» ئاشۇ تىپقا كىرىدۇ. تەرجىمە قىلغۇچىلار ئەرەبچىنى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى بىلمىگەنلىكى، تەرجىمىنى كونا ئەدەبىي تىل قېلىپىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، سۆزلىرى بىر قەدەر تېتىقسىز چىققان ھەمدە كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرى كۆپرەك بولغان، بۇ نۇسخىسى كۆپ بېسىلمىغان، تارقىلىشىمۇ چەكلىك بولغان.

جۇڭگودىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشى مۇسۇلمانلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان زاتلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئىسلام دىنى زاتلىرىنىڭ قارشىلىقىنىمۇ قوزغىدى. بۇ ئادەملەردە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇش ئاساسلىرى خاتىرىلەپ قالدۇرۇلمىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تېخى بىلمەيمىز، ۋاڭ جىڭجەي ئاخۇنۇمنىڭ «قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىشقا دائىر سوئال -جاۋابلار»[7] دېگەن ماقالىسىدىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن چەتئەللەردىكى قارشى تۇرغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى غۇۋا بولسىمۇ كۆرۈۋالالايمىز، مەسىلەن، «قۇرئان كەرىم» ”مۇقەددەس كىتاب“، تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ؛ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنسا، تەرجىمە ئۇسۇلى بىرلىككە كەلمەيدۇ-دە، ئىلاھىي كىتاب ”پارچىلىنىپ كېتىپ“، ”گۇناھ بولىدۇ“ ۋەھاكازالار. بىراق، دەۋر تەرەققىي قىلدى، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي تەرغىباتى ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ياكى بىر خىل مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى تونۇشتۇرۇش ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىر خىل مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىدى. ئەينى چاغلاردا، جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىچىدىكى زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى ياقلاش پوزىتسىيىسىنى تۇتتى. ئۇلار ئاللانىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلىش ”مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى“، ”ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا باش تارتىپ بولمایدىغان مەجبۇرىيىتى“ دەپ ھېسابلىدى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى بۇرمىلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەرجىمانلاردىن ئەرەبچە، خەنزۇچىنى ۋە ئىسلام دىنى قائىدىلىرىنى پۇختا بىلىش، ئەسلى تېكىستىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىشقا قارشى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا، «قۇرئان كەرىم»نى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ كوللېكتىپ ياكى شەخسىلەر ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىش پائالىيەتلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇلاردىن ئەڭ نەتىجىلىك چىققىنى تيەنجىنلىك ۋاڭ جىڭجەي ئاخۇنۇم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن، قارشى سادالارنى رەت قىلىشقا تىرىشتى، يەنە بىر تەرەپتىن، قەيسەرلىك بىلەن ئىشلىدى. 1914-يىلىدىن تارتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كونا ئەدەبىي تىلغا، ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىغا ئۈچ قېتىم تەرجىمە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن، 1932-يىلى، 1943-يىلى ۋە 1946-يىلى C .B .A  تەرجىمە نۇسخىلىرىنى باستۇردى، يەنە كېلىپ 1946-يىلى شاڭخەيدە «قۇرئان كەرىمىنىڭ تەرجىمە تەپسىرى (C)» مىليون سۆزلۈك بولۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ چىقتى. ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مەشھۇر تەپسىرلەردىن پايدىلىنىپ، سۈرە، ئايەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرىدىغان ”قىسقىچە تەپسىر“ ۋە 1943 ئىزاھنى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈشتىن تاشقىرى، «قۇرئان كەرىم»گە چېتىلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كەڭ تۈردە دەلىللەپ، ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەپ، ئۇنى ”قوشۇمچە “دەپ ئاتىدى. بۇ نۇسخا مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ، بىر قەدەر كەڭ تارقالدى. 1975-يىلى شاڭگاڭدا قايتا بېسىلىپ، ئۇنىڭغا مەي دېلىن ھاجى تۈزگەن كۆرسىتىش ئاچقۇچى كىرگۈزۈلدى. ۋاڭ جىڭجەي تەرجىمە نۇسخىسىدىن تاشقىرى يەنە مۇنۇلار بار:

1.          1943-يىلى ليۇ جىنياۋ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە قوشۇمچە»، بېيپىڭدا نەشىر قىلىندى. ليۇ جىنياۋ جۇاڭزى، كۇڭزى تەلىماتىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ”قوشۇمچە“دە، كۇڭزى ئىدىيىسىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىگە ماسلاشتۇردى ھەمدە ”قوشۇمچە“نى يېزىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ”بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى“ دېگەنگە ئوخشاش «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ[8]،  ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىشى ئۈچۈن دوس تارتىپ بەردى دېگەن گۇماننى پەيدا قىلىپ، تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزدى.

2.          ياڭ جۇڭمىڭ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسىي مەنىسى»1947-يىلى بېيپىڭ چېڭدا شىفەن مەكتىپىنىڭ نەشرىيات بۆلۈمى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلدى. كونا ئەدەبىي تىلدا قوپال ۋە ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، تىلى ئىخچام بولۇپ چىقتى، بىر ئەرەبچە سۆزى بىر خەنزۇچە خەت بىلەن تەرجىمە قىلىندى، يەنە كېلىپ ئەينى بىر سۆزنىڭ تەرجىمىسى ئاخىرغىچە ئوخشاش بولۇپ، ئەسلى تېكىستىدىن خەۋىرى بار ئادەم سۆزنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ ئەسلى تېكىستىنى ئويلاپ تاپالايدىغان بولۇپ چىقتى. بىراق ئەسلى تېكىستىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوقۇشى تەس بولدى.

3.          1946-يىلى شاڭخەيدە، جاڭ بېندو چاچما شېئىر شەكلىدە تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالدىنقى ئىككى پارىسى نەشىر قىلىندى، بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە «جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئۇ تەرجىمە قىلغان باشقا بىرقانچە سۈرە، ئايەتلەر كەينى - كەينىدىن بېسىلدى، كېيىن توختاپ قالدى. مىنىڭ بىلىشىمچە، جاڭ بېندو ئەپەندى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى ئورۇنلاشقا بېغىشلاشنى خالايدىكەن.

4.          پروفېسسور ما جيەنىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى. پروفېسسور ماجىيەن مىسىردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاڭخەيدە، خا دېچىڭ، شا شەنيۈ ۋە ۋۇ تېگۇڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «قۇرئان كەرىم»نى كونا ئەدەبىي تىلدا تەرجىمە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدا تەرجىمە قىلىشنى باشلاپ، 10 يىل تىرىشىپ، ئاخىرى پۈتتۈردى، 1950-يىلى بېيجىڭ داشۆسى نەشرىيات بۆلۈمى ئۇ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ 1-كىتابىنى باستى، بۇ كىتابقا ئالدىنقى ئالته سۈرە، سەككىز پارە، تەرجىمان تۈزۈپ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش» قاتارلىقلار كىرگۈزۈلدى. كېيىن 1957-يىلى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدا ئالدىنقى 7 سۈرە ۋە 8-سۈرىنىڭ ئالدىنقى 19 ئايىتىنىڭ تەرجىمىسى بېسىلدى. بۇ سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قىسقىچە ئىزاھ بېرىلدى. بۇ ئىزاھنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، دىنىي كىتاب ئارقىلىق دىنىي كىتاب شەرھلەندى ھەمدە تەۋراتنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق قۇرئان شەرھلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ يەھۇدى دىنى، خرىستىيان دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى چۈشەندۈرۈلدى. كېيىن ئوبېيكتىپ شارائىت يار بەرمىگەچكە، قالغان تەرجىمىسىنى سىلىقلاش، ئىزاھلاش ئىشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇنلا پۈتۈن تەرجىمىنى رەتلەپ چىقتى ۋە 1980-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلىندى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىزاھ بېرىلمىدى، بۇ نۇسخا خېلى كۆپ بېسىلىپ، بىر قەدەر كەڭ تارقالدى.

5.          شى زىجۇنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇ تىلى تەرجىمە تەپسىرى» بولۇپ، بۇ بىرنەچچە ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسلىنىپ ھەمدە ۋاڭ جىڭجەينىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىندى. بۇ نۇسخا 1958-يىلى تەيبېيدا نەشىر قىلىندى، 1975-يىلى شاڭگاڭدا قايتا بېسىلدى.

بۇلاردىن باشقاء شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ئىلگىرى ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا نەشىر قىلىنغان چاغاتاي يېزىقى ياكى تاتار يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلدى. تۈرك تىلى ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئۆلىمالاردىن ئۆز مىللىتى تىلى بىلەن يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەلىپى تۇغۇلدى. شۇڭا شىنجاڭدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شەمشىدىن داموللا تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» بىر قەدەر مەشھۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دىنىي تەتقىقات يۇرتىدىكى مۇھەممەت سالىھ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، 14 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، «قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ تۈپ كلاسسىك كىتابى. ئېلىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىشىگە، ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشى ۋە تەتقىق قىلىشىغا، كىشىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»دىن نەقىل ئېلىشتا ئىشەنچلىك تەرجىمە ئاساسىغا ئىگە بولۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان مۇتەخەسسىس ۋە ئادەملەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرجىمىسى توغرا، تىلى راۋان، سىلىق بولغان، زۆرۈر ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىزاھلار بېرىلگەن ھەمدە ئەسلى تېكىستى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەنزۇچە ئۆلچەملىك تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشىر قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردەك قىلىدۇ.



[1] «ئامېرىكا قامۇسى»، 16- توم 521 -بەتكە قارالسۇن.

[2] ئابدۇرېھىم. م. ئەلى: «‹قۇرئان كەرىم› ۋە ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى» ، 39- ۋە 50-بەتلەرگە قارالسۇن.

[3] «ئەرەبلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، ماجيەن تەرجىمىسى، 1979-يىلى شاڭۋۇ نەشرىياتى نەشرى، 147-بەتتىكى ئىزاھقا قارالسۇن.

[4] ئابدۇللا ئىمران: «‹قۇرئان كەرىم›نىڭ بېسىلىشى ۋە تارقىتىلىشى» دېگەن ماقالىغا قارالسۇن (ماراكەش «ھەقىقەت دەۋىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1973-يىللىق 12-سانغا بېسىلغان)

[5] يۈسۈف ئەلىنىڭ ئىنگلىزچە «قۇرئان تەپسىرى، قۇرئاننىڭ تەرجىمە قىلىنىشى توغرىسىدا» دېگەن ئەسرىگە قارالسۇن.

[6] مىسىر «ئېھرام»گېزىتىنىڭ 1985-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 1 بېتىگە قارالسۇن.

[7] «مىڭدې ئايلىق ژۇرنىلى» («قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشقا دائىر بايانلارغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان)، مىنگونىڭ 16-يىلى 8-ئاي نەشرى.

[8] «قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە قوشۇمچە»، 698-، 725، 742-بەتلىرىگە قارالسۇن.


مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 1987-يىل 2-سان

مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ

خەتكۈچلەر: قۇرئان كەرىم