تەڭشەك

بۇ تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايەت، تەرجىمە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەسلىكىنى ۋە خەت چوڭلۇقىنى تەڭشىيەلەيسىز.


ئايەت

تەرجىمىلەر

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر

قۇرئان كەرىمدىكى بىز بىلۋېلىشقا تېگىشلىك بەزى مەلۇماتلار

ئاپتور: ئامانۇللا ھىزبۇللا، سەھىپە: قۇرئان، Friday, November 25, 2022 ئىلان قىلىندى،
108 قېتىم ئوقۇلدى

قۇرئان كەرىم بۈيۈك ئاللاھنىڭ كالامى بولغان مۇقەددەس كىتاب. ئۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى، ياشاش ۋە دۇنيا ھەم ئاخىرەتتىكى بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى، ئۆزگەرتىشتىن، كېمەيتىشتىن، زىيادە قىلىشتىن، ئالماشتۇرۇشتىن خالىي بولغان كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، مۇكەممەللىكى بىلەن مۇقەددەسستۇر. "ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر"{سۈرە «فۇسسىلەت»(41-سۈرە)،42-ئايەت}. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىنىدىغان، تەلىماتلىرى بويىچە ئەمەل قىلىنىدىغان، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىش بىلەن ئىككى ئالەملىك ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان، مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىن، ئەقىدە، ئىبادەت، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرى، ئەخلاق ئۆلچىمى، ۋەز-نەسىھەت، ئىلىم-مائارىپ ئىشلىرىدا ۋە تۇرمۇشىدا ئاساسلىنىدىغان ئىلاھىي كىتابتۇر. ئۇ ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، سۈرە «فاتىھە» بىلەن باشلىنىپ، سۈرە «ناس» بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك بولغان بىر دىن بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىگە كىتاب نازىل قىلىشنى ۋە ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى توختاتقان. قۇرئان كەرىم يەنە رەسۇللۇللاھنىڭ ھەقىقىيۋە راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى دەللىلەيدىغان ھۆججەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ساڭا بىز كىتابنى ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھىدايەت، رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق"{سۈرە «نەھل»(16-سۈرە)، 89-ئايەت}.

بىز قۇرئاننى بېرىلىپ ئوقۇغىنىمىزدا قۇرئاننىڭ مۇقەددەسلىكى، كاتتىلىقى، مۆجىزە ئىكەنلىكى ۋە شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا بولغان ئىمانىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئەرەبلەرنى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەدىب-شائىرلارنى ئۆزىنىڭ بالاغەت-پاساھىتى بىلەن ۋە تۈزۈلۈشىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن ھەيران قالدۇرغان بولسا، مەزمۇنىنىڭ ئەتراپلىقلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلدى. مانا، قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغاندىن بېرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە شەك كۆزى بىلەن قارايدىغانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش بىر كىتابنى ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرىدەك بىرەر سۈرىنى ياكى بىرەر ئايەتنى مەيىدانغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغىنىغا 1400 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ قالدى، لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىلالمىدى ھەم مەڭگۈ قىلالمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:" ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ"{سۈرە «ئىسرا» (17-سۈرە)، 88-ئايەت}.

قۇرئان ھەقىقەتەن بەندىنىڭ سۆزى بولماستىن بەلكى بەندىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، تەربىيەتچىسى، رىزىق بەرگۈچىسى، ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار، ھەممىگە قادىر بۈيۈك ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سىرلىرى، ئىنسان ئەقلىنى ھەيرەتتە قالدۇرغۇچى مۆجىزىلىرى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ كەلمەكتە. بىز بۇ ماقالىمىزدە قۇرئان كەرىمدىكى بىز ئويلاپ باقمىغان، ھەربىرىمىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بەزى مەلۇماتلارنى قىسقىچە بايان قىلىمىز:

  • قۇرئان كەرىم رەببىمىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن كىتابى بولۇپ، 30 پارە، 114 سۈرە، 6236 ئايەت، 77439 سۆزلۈك ۋە 323670 ھەپتىن تەركىب تاپقان.
  • قۇرئان كەرىمدە ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولغان "مەككە سۈرىلىرى"نىڭ سانى 86، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان "مەدىنە سۈرىلىرى"نىڭ سانى 28 دۇر.
  • قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ لەۋزى جالالى پىش ئوقۇلغان شەكىلدە 980 قېتىم، زەۋەر ئوقۇلغان شەكىلدە 592 قېتىم، زىر ئوقۇلغان شەكىلدە 1125 قېتىم، جەمئىي 2697 قېتىم زىكىر قىلىنغان.
  • قۇرئان كەرىمدە تۇنجى بولۇپ نازىل قىلىنغان سۈرە - سۈرە «ئەلەق» (96-سۈرە)، ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت - سۈرە «مائىدە» (5-سۈرە)نىڭ، 3-ئايىتى.
  • قۇرئان كەرىمدە 14 يەردە سەجدە ئايىتى بار بولۇپ، بۇلار سۈرە «ئەئراف»(7-سۈرە)، 206-ئايەت؛ سۈرە «رەئىد»(13-سۈرە)، 15-ئايەت؛ سۈرە «نەھل»(16-سۈرە)، 49-، 50-ئايەتلەر؛ سۈرە «ئىسرا»(17-سۈرە)، 109-ئايەت؛ سۈرە «مەريەم»(19-سۈرە)، 58-ئايەت؛ سۈرە «ھەج»(22-سۈرە)، 18-ئايەت؛ سۈرە «فۇرقان»(25-سۈرە)، 60-ئايەت؛ سۈرە «نەمل»(27-سۈرە)، 25-ئايەت؛ سۈرە «سەجدە»(32-سۈرە)، 15-ئايەت؛ سۈرە «ساد»(38-سۈرە)، 24-ئايەت؛ سۈرە «فۇسسىلەت»(ھامىم سەجدە سۈرىسى)(41-سۈرە)، 37-، 38-ئايەتلەر؛ سۈرە «نەجىم»(53-سۈرە)، 62-ئايەت؛ سۈرە «ئىنشىقاق»(84-سۈرە)، 21-ئايەت؛ سۈرە «ئەلەق»(96-سۈرە)، 19-ئايەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
  • قۇرئان كەرىمدىكى تۇنجى بولۇپ تولۇق نازىل بولغان سۈرە - سۈرە «فۇرقان»(25-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە - سۈرە «بەقەرە»(2-سۈرە)، ئەڭ قىسقا سۈرە - سۈرە «كەۋسەر»(108-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدىكى ئىككى قېتىم "بىسمىللاھ" زىكىر قىلىنغان سۈرە - سۈرە «نەمل»(27-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدە "بىسمىللاھ" بىلەن باشلانمىغان سۈرە - سۈرە «تەۋبە»(بەرائە سۈرىسى)(9-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدىكى ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى "ر" ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە - سۈرە «كەۋسەر»(108-سۈرە) بىلەن «ئەسىر» سۈرىسى(103-سۈرە). ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى "د" ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە - سۈرە «ئىخلاس»(112-سۈرە). ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى "س" ھەپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە - سۈرە «ناس»(114-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدىكى جەننەتنىڭ نېمەت ۋە سۈپەتلىرى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۈرە -سۈرە «رەھمان»(55-سۈرە)، جەننەت تىلغا ئېلىنمىغان سۈرە - سۈرە «يۈسۈف»(12-سۈرە).
  • قۇرئان كەرىمدە زىكر قىلىنغان مالائىكەلەرنىڭ ئىسمى - سۈرە «بەقەرە»دە زىكىر قىلىنغان جىبرىئىل، مىكائىل، ھارۇت، مارۇت؛ سۈرە «زۇخرۇف»تا زىكىر قىلىنغان مالىك.
  • قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار: ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام، نوھ ئەلەيھىسسالام، ھۇد ئەلەيھىسسالام، سالىھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام، ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام، شۇئەيىپ ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ھارۇن ئەلەيھىسسالام، زۇلكەفىل ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالام، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام، ئىلياس ئەلەيھىسسالام، يەسئى ئەلەيھىسسالام، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام، يەھيا ئەلەيھىسسالام، ئەيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.
  • قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار: سۈرە «ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 144-ئايەت؛ سۈرە «ئەھزاب»(33-سۈرە)، 40-ئايەت؛ سۈرە «مۇھەممەد»(47-سۈرە)، 2-ئايەت؛ سۈرە «فەتىھ»(48-سۈرە)، 29-ئايەت؛ سۈرە «سەپ»(61-سۈرە)، 6-ئايەت.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ساماۋى كىتابلار: قۇرئان كەرىم، ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر، مۇسا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن كىتابتۇر.
  • قۇرئان كەرىمدە ئىسمى ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان ساھابە - زەيىد ئىبنى ھارىسە. ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئايال - ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم.
  • قۇرئان كەرىمدە مىسىر بەش يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار: 2- سۈرە «بەقەرە»، 61-ئايەت؛ 12-سۈرە «يۈسۈف»، 21-، 99-ئايەتلەر؛ 43-سۈرە «زۇخرۇف»، 51-ئايەت؛ 10-سۈرە «يۇنۇس»، 87-ئايەت.
  • قۇرئان كەرىمدە ۋاقىت بىلەن ئاتالغان سۈرىلەر تۆۋەندىكىچە: 89-سۈرە «فەجر» (سۈبھى، تاڭ سەھەر)؛ 92-سۈرە «لەيل» (كېچە)؛ 93-سۈرە «زۇھا» (چاشگاھ ۋاقتى)؛ 103-سۈرە «ئەسىر» (زامان)؛ 113-سۈرە «فەلەق» (تاڭ، سۈبھى).
  • قۇرئان كەرىمدە ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان سۈرىلەر تۆۋەندىكىچە: 2-سۈرە «بەقەرە» (كالا)؛ 16-سۈرە «نەھل» (ھەسەل ھەرىسى)؛ 27-سۈرە «نەمل» (چۈمۈلە)؛ 29-سۈرە «ئەنكەبۇت» (ئۆمۈچۈك).
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مەسچىتلەر: مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدى ئاقسا، مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان تاغلارنىڭ ئىسملىرى: سافا، مەرۋە، تۇر، سىنا، جۇدى، ئەرەفات.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان سۇ ئاقمايدىغان دەيالار: سۈت ئاقىدىغان دەريالار، شەربەت ئاقىدىغان دەريالار، ھەسەل ئاقىدىغان دەريالار.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مەدەنلەر: ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر. جاۋاھىراتلار: مەرۋايىت، ياقۇت، مارجان.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكلەر: ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم، زەيتۇن، خورما، بانان، قاپاق، چىلان، تەرخەمەك، سامساق، پىياز، قىچا ئۇرۇقى، يۇلغۇن، تىكەن، زەقۇم دەرىخى، زەنجىۋىل قاتارلىقلار.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار نامى: قەلب، قول، قورساق، تىل، پۇت، پىشانە، بېلەك، كۆز، لەۋ، دۈمبە، قۇلاق، ئېغىز، باش، سۆڭەك، تېرە، ئوشۇق، كېكىردەك، يۈز، بويۇن، مەڭىز، ئۈچەي، كۆكرەك، چىش، تاپان، كاناي، بۇرۇن، ئالقان، ئومۇرتقا، بارماق.
  • قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلار: ئۆمۈچۈك، چېكەتكە، قاغا، پىت، شاتۇتى، پاقا، چىۋىن، پاشا، چۈمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، شىر، بۆرە، ئىت، يىلان، كالا، تۆگە، ئات، ئىشەك، قېچىر، ۋە پىل.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ھۈنەر-كەسىپلەر: تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، دېقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، غەۋۋاسلىق، زەگەرچىلىك، كېمىچىلىك، ئاشپەزلىك، قاسساپلىق ۋە بوياقچىلىق قاتارلىقلار.
  • قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان كۇففارلارنىڭ ئىسىملىرى: جالۇت - 2-سۈرە «بەقەرە»، 251-ئايەت؛ ئازەر - 6-سۈرە «ئەنئام» 74-ئايەت؛ سامىرى - 20-سۈرە «تاھا»، 95-ئايەت؛ قارۇن - 28-سۈرە «قەسەس»، 76-ئايەت؛ فىرئەۋن بىلەن ھامان - 40-سۈرە «غافىر»، 36-ئايەت؛ ئەبۇلەھەب - 111-سۈرە «مەسەد»، 1- ئايەت.
  • قۇرئان كەرىمدە ئەر سۆزى بىلەن ئايال سۆزى ئوخشاشلا 24 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. پەرىشتە سۆزى بىلەن شەيتان سۆزى ئوخشاشلا 88 قېتىم تەكرارلانغان. ھايات بىلەن مامات 145 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. جەننەت بىلەن دوزاخ ئوخشاشلا 77 قېتىم تەكرارلانغان. ياخشى ئەمەل بىلەن يامان ئەمەل 167 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. ياخشى كۆرۈش (دوست تۇتۇش) بىلەن بويسۇنۇش (ئىتائەت قىلىش) 83 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. توغرا يول بىلەن رەھىمدىللىك 79 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. جاپا-مۇشەققەت بىلەن سەۋر-تاقەت 102 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. سىھرىگەرلىك بىلەن گۇمراھلىق 60 قېتىمدىن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن نۇر 49 قېتىمدىن، تىل بىلەن ئىسلامىي دەۋەت 25 قېتىمدىن، يامان كۆرۈش بىلەن خەۋپ-قورقۇنچ 8 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. ئىبلىس بىلەن ئاللاھقا سىغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلەش 11 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان.
  • قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سان بىر ۋە يەتتە.
  • قۇرئان كەرىمدە ئاي سۆزى 12 قېتىم، كۈن سۆزى 365 قېتىم زىكىر قىلىنغان. دۇنيا سۆزى ۋە ئاخىرەت سۆزى ئوخشاشلا 115 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
  • قۇرئان كەرىمدە ئىخلاسمەن تەقۋادار مۆمىنلەر بىلەن ئاللاھ يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش 41 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. ئۆسۈملۈك بىلەن دەرەخ ئوخشاشلا 26 قېتىم تەكرارلانغان. جازا 117 قېتىم، ئەپۇ قىلىش 234 قېتىم تەكرارلانغان. يەتتە ئاسمان بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى ئوخشاشلا 7 قېتىم تەكرارلانغان. زاكات بىلەن بەرىكەت ئوخشاشلا 32 قېتىم تەكرارلانغان. شاراپ بىلەن مەستلىك 6 قېتىمدىن، رەھمەت بىلەن ھېدايەت 79 قېتىمدىن تەكرارلانغان. نامراتلىق 13 قېتىم، بايلىق 26 قېتىم تەكرارلانغان.
قۇرئان كەرىمدىكى بىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ. بۇ ماقالىدە تىلغا ئالغانلىرىمىز پەقەت دېڭىزدىن بىر قەترىدۇر خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز قۇرئان كەرىمنى داۋاملىق ئوقۇش، مەنە-مەزمۇنلىرىنى ئۈستىدە ئويلىنىش، ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى.

ئى ئاللاھ! بىزگە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنالىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى، تەپەككۇر قىلىشنى، ھاياتىمىزغا تەتبىقلاپ ياشاشنى نىسىپ قىلغايلا!


مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ

خەتكۈچلەر: قۇرئان كەرىم