ئەسر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 3 ئايەتمەنىسى: ئەسىر، زامان. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەسىر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْعَصْرِ
زامان بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
زامان بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەسر بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم
«ئەسر» - زامان دېمەكتۇر. بۇ قەسەم، قەسەم قىلىنىپ ئېيتىلغان سۆزنى يەنى 2 - ۋە 3 - ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، زاماننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى قىممەت ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى زامان ئىنسانغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئەينەك، ھېكمىتىنى ئۆگىتىدىغان بىر ئۇستاز، نېمىتىنى ئەسلىتىدىغان بىر نەسىھەتچىدۇر. ئىنسان زامان بىلەن ھەق ۋە باتىلنى تونۇيدۇ، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيدۇ. ئىنساننىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ زامان بىلەن قەسەم قىلىپ بىلدۈرۈلۈشى دالالەت قىلىدۇكى، زاماننىڭ ھەر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن ئىبارەت بولغان بۆلىكى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتتۇر. بۇ ئىمكانىيەتتىن لايىق رەۋىشتە پايدىلانمىغان ۋە بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمىگەن ھەر ئىنسان مەڭگۈ زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسىنىڭ بىھۇدە سەرپ قىلىنىشىغا پەرۋا قىلمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى ئازابقا تەييارلىغان ئىنساندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەرقانداق ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە بولىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر». بەزى ئىنسانلار شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كۇفرىلىق قىلىش بىلەن زىيان تارتىدۇ، بەزى ئىنسانلار ئەمەل قىلماسلىق بىلەن زىيان تارتىدۇ، بەزى ئىنسانلار «ھەق»نى يەنى ئىسلامنى ۋە ئىسلامنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى تەۋسىيە قىلماسلىق بىلەن زىيان تارتىدۇ، بەزى ئىنسانلار سەۋرنى تەۋسىيە قىلماسلىق بىلەن زىيان تارىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر-بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا زىيان تارتمايدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
«ئىمان» - ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە ئەمر قىلغان تەۋەررۈكلەرگە ئىشىنىش دېمەكتۇر. «ياخشى ئەمەل» - ئاللاھ تائالا قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشلاردۇر. ئاللاھ تائالا قىلىشتىن مەنئى قىلغان ئىشلارنى ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىپ تەرك ئېتىشمۇ «ياخشى ئەمەل» ھېسابلىنىدۇ. «ياخشى ئەمەل»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىمان شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «ياخشى ئەمەل»، «ئىمان»دىن كېيىن زىكىر قىلىنىدۇ. «ھەق» - «باتىل»نىڭ زىددى (خىلاپى) بولۇپ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتلەر (ئىسلام ۋە ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرى) مەنىسىدە كېلىدۇ. «ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىش» - بىر - بىرىنى ھەقكە دەۋەت قىلىش، ھەقنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا بىر - بىرىگە ۋەزىپە يۈكلەش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ، بۇلارنى ئەسلىدە «ياخشى ئەمەل» ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن «ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىش»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئالاھىدە زىكىر قىلىنغان. چۈنكى «ھەقنى تەۋسىيە قىلىش» ھەر مۇئمىننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر، شۇڭلاشقا ئۆزى ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش يېتەرلىك بولمايدۇ، باشقىلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش كېرەك. «سەۋر» - ئۆزىنى تۇتماق، توسماق ۋە زورلىماق مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. سەۋرنىڭ ھۆكمى پەرزدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان. سەۋرنىڭ تۈرلىرى بەشتۇر: 1) مۇسىبەتكە سەۋر قىلماق يەنى باشقا كەلگەن ئېغىرچىلىققا چىداپ ئىسلامدا چىڭ تۇرماق، 2) نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا سەۋر قىلماق يەنى نەپسىنى خاھىشلىرىدىن توسماق، 3) ئىبادەتكە سەۋر قىلماق يەنى چىداپ تۇرۇپ ئىبادەتلەرنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلماق، 4) دەۋەتنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلماق يەنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، ياخشلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ئەسناسىدا باشقا كەلگەن ئەزىيەت ۋە ھاقارەتلەرگە سەۋر قىلماق، 5) ئىنسانىي مۇناسىۋەتتە سەۋر قىلماق يەنى ئائىلىۋى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئەپۇچان بولماق، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماق ۋە سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلماق. قۇرئان كەرىمدىكى «سەۋر» ئەنە شۇ بەش تۈرلۈك سەۋرنى يەنى ھەر جاي، ھەر چاغ ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ئىسلامنىڭ تەلىماتىدىن ۋاز كەچمەسلىك، توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە يارىشا ئىش قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتە سەۋر قىلىش ۋە باشقىلارنى سەۋر قىلىشقا دەۋەت قىلىشنىڭ «زىيان ئىچىدە» بولماسلىقنىڭ بىر سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىلىشى، «سەۋر»نىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە مۇئمىننىڭ ھاياتىدىكى ئورنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەنە شۇ تۆت ئىشنى قىلغانلار «زىياننىڭ ئىچىدە ئەمەس»: ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، ياخشى ھاياتقا ئېرىشىدۇ، جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ھېسابسىز رىزىققا ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك بەختتە ياشايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى