بەلەد سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 20 ئايەتمەنىسى: شەھەر. ئاتىلىش سەۋەبى: مەككە شەھىرى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَا أُقْسِمُ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شەھەر - مەككە- بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، ئۆزىنىڭ ھەر تۈرلۈك كۈچىگە تايىنىپ ھەقكە قارشى چىققان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە پوچىلىق قىلىش ئۈچۈن مال چىقىم قىلغان ئادەملەرگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. «ياق»نىڭ مەنىسى: ئى ھەددىدىن ئاشقانلار! چۈشەنچە ۋە قىلمىشىڭلار توغرا ئەمەس، يولۇڭلاردىن دەرھال يېنىڭلار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ يولۇڭلاردا سىلەرگە نىجاتلىق يوق، بىردىنبىر نىجاتلىق يولى مۇئمىنلەر مېڭىۋاتقان ئىسلام يولىدۇر. «بۇ شەھەر» مەككە مۇكەررەمەدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەن بۇ شەھەردىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن بۇ شەھەردە بىر كۈنى خالىغىنىڭنى قىلىسەن[3]-، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ شەھەردە ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھاراملىقى كەلگۈسىدە سەن ئۈچۈن بىر مۇددەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ چاغدا بۇ شەھەردە ئۇرۇش قىلىپ خالىغىنىڭنى ئۆلتۈرىسەن، خالىغىنىڭنى ئەسىر ئالىسەن، شۇنداقلا بۇ شەھەرنى فەتھى قىلىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاتا ۋە پەرزەنتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاتا ۋە ئۇنىڭ بالىسى بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردىكى «ئاتا ۋە ئۇنىڭ بالىسى»نىڭ كىملەر ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىرلەردە ئۇلار ھەققىدە ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئەۋلادى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى، ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاتا ۋە بالىلىرى دېگەندەك پەرقلىق ئېھتىماللار زىكىر قىلىنىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر بۇ ئېھتىماللاردىن بىرنى تاللايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا بىرەر ئايىتىدە بۇنى بەلگىلىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەيىنلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، توغرىسى ئۇلارنىڭ ئۆز ئومۇملىقى بىلەن قېلىپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئاتا ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. چۈنكى ھەر ئاتا ۋە ھەر بالىدا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى، ئىلمىنى ۋە ھېكمىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي كَبَدٍ
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداشلىق قىلىپ ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئىنساننى ھايۋانغا ئوخشاش تەييارنى يەيدىغان ئەمەس، ئىشلەپ يەيدىغان، جاپا - مۇشەققەت تارتىپ ياشايدىغان قىلدۇق؛ دۇچ كەلگەن جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، يولۇققان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالايدىغان ۋە ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقنى يېڭىپ چىقالايدىغان، شۇنداقلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان قابىلىيەتتە ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئىنساننىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتتە يارىتىلغان، لېكىن ئۇنىڭ بەزىسى تېنى ساق ۋاقتىدا ۋە ياش چاغلىرىدا «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلايدۇ، ھەتتا رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭمۇ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۇفرىلىق قىلىدۇ. ئەمما مۇئمىن «رەببىم ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ، جۈملىدىن ماڭىمۇ كۈچى يېتىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ياشايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُبَدًا
ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ: «مەن دۆۋە-دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ[4]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا رىياكارلىق قىلىپ، مەن ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىپ «دۆۋە - دۆۋە مال تۈگەتتىم» دېگەن چېغىدا، ياكى ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئىچىدە مەن مۇھەممەدنى دۈشمەن تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن «دۆۋە - دۆۋە مال تۈگەتتىم» دېگەن چېغىدا «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ كۈنىمىزدە بۇنداق سۆزنى دەيدىغانلار بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ: 1) ياخشى يوللارغا پۇل - مال سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان بىر مىننەتخور مىننەت قىلىپ ئۇ سۆزنى: «مەن ھازىرغىچە كۆپ پۇل - مال بەردىم، ئەمدى يېتەر» دېگەن مەنىدە دەيدۇ. 2) باشقىلارغا خەير - ساخاۋەت قىلغان بىر رىياكار ئۇ سۆزنى پوچىلىق قىلىش ئۈچۈن: «مەن ئاجىزلارغا كۆپ پۇل - مال بەردىم. مەن مۇشۇنداق قولى كەڭ ئادەم» دېگەن مەنىدە دەيدۇ. 3) ئىسلام دىنى چەكلىگەن بىر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ياكى ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىۋاتقان بىر ھارامخورغا، باشقا بىر كىشى: «بۇ ھارام، بۇ ئىشنى قىلمىسلا» دېسە، ئۇ: «مەن بۇ ئىشنى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پۇل - مال خەجلىدىم. ئەمدى ئىش يولىغا چۈشۈپ پايدىغا ماڭغىلى تۇرغاندا بۇ ئىشنى تاشلىۋەتسەم، بۇ ئىشنى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە خەجلىگەن پۇلۇم زىيان بولمامدۇ؟ دېگەن مەنىدە: «مەن دۆۋە - دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَيَحْسَبُ أَنْ لَمْ يَرَهُ أَحَدٌ
ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئۆزىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ «مېنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
مېلىنى پوچىلىق قىلىش ۋە ياخشى نام قازىنىش ئۈچۈن چىقىم قىلغان، يامان يوللارغا خەجلىگەن بۇ ئىنسان: «مېنى ئاللاھ كۆرمەيدۇ، مەندىن بۇنىڭ ھېسابىنى ئالمايدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇنداق ئويلىمىسۇن، دىققەت قىلسۇن، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، دىللاردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەر نەرسىنىڭ ھېسابىنى ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ نَجْعَلْ لَهُ عَيْنَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇنىڭغا ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئىككى كۆز «بەش سەزگۈ ئەزا»نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۆرۈش ئىككى كۆز بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇ ئايەتتە، ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىگە ئالدىنىپ، رەببىنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ يولىغا كەلمىگەن كىشىلەرگە ئۇلارنى ماددىي نەرسىلەر توغرىسىدا يېتەكلەۋاتقان ئالاھىدىلىك ئەسلىتىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز ئۇنىڭغا ئەتراپىنى كۆرسىتىۋاتقان، پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىپ بېرىۋاتقان ۋە كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى پەرق ئەتتۈرۈۋاتقان ئىككى كۆزنى بەرمىدۇقمۇ؟ ئۇ، بۇ ئىككى كۆز بىلەن ئۆزىنىڭ، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ، ئاسمان - زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئىككى كۆزنىڭ يارىتىلىشىدىكى ئىنچىكىلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ئىككى كۆزنى بۇ شەكىلدە ۋە بۇ ئالاھىدىلىكتە ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەمدۇ؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
تىل - تېتىش، چايناش، يۇتۇش ۋە تەلەپپۇز قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستى قىسمىغا جايلاشقان ئەزادۇر. ئىككى كالپۇك بولسا ئېغىزنىڭ ئاستىن ۋە ئۈستۈن چۆرىسىدۇر. بۇ ئەزالار ئىنساننىڭ يەپ - ئىچىشىگە ياردەم بەرگەندەك، مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ۋاسىتىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نېمەت بولغاندەك، ھەممىسى بىرلىكتە بۈيۈك بىر نېمەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان تۇزكور ئىنسان سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان تىلى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان ئىككى كالپۇكى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇ ئىنسان، ئېغىزىغا سالغان نەرسىلىرىنىڭ تەمىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈۋاتقان ۋە قارشى تەرەپكە مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان تىل ۋە كالپۇكلىرى ھەققىدە نېمىشقا تەپەككۇر قىلمايدۇ؟ ئۇنىڭ شۇنچە ئېھتىياجىنى قامداۋاتقان بۇ ئەزالىرىنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەمدۇ؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهَدَيْنَاهُ النَّجْدَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيارلىق بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا «شۇ ياخشى، شۇ يامان» دەپ ئىلھام قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ
ئۇ داۋان ئاشمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ داۋان ئاشمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداقتىمۇ ئۇ داۋاندىن ئاشمىدى. — ئەنەس ئالىم
(11-13) لېكىن ئۇ نەپسى بىلەن شەيتانغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بولغان داۋاندىن ئاشمىدى. ئايەتتە بۇ كۈرەش داۋاندىن ئېشىشقا ئوخشىتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ داۋاننىڭ نېمىلىكىنى ئاللاھ تائالا بايان قىلىدۇ، بولمىسا بىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ ئۈچ ئايەتنىڭ تەپسىرى تۆۋەندىكىچە: ئىنساننىڭ يۇقىرىدىكى نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، نىجاتلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى داۋاندىن ئېشىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئىنسان ئۇ داۋاندىن ئاشمىدى. ئۇ داۋاننى تەشكىل قىلغۇچى پەللىلەرنىڭ بىرىنچىسى قۇل ئازاد قىلىش ۋە قۇل ئازاد قىلىشقا ياردەملىشىشتۇر. 11 - ئايەت ئۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، قۇللۇققا ۋە قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مەۋجۇت قۇللۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغان چارىلەرنىڭ بىرىدۇر. قالغان چارىلەر بولسا تۆۋەندىكىچە: 1) زاكاتتىن بىر فوند ئاجرىتىش، 2) سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇش، 3) قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇش، 4) زىھار قىلغۇچىلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇش، 5) خالىغان چۆرىلەرنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت بېرىش، 6) خالىغان ئەسىرلەرگە ھۆرلۈككە ئېرىشىش توختامى تۈزۈشكە رۇخسەت بېرىش، 7) قۇل ئازاد قىلىشنى تەقۋادارلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلىش، 8) ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن فىدىيەسىز ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇش، 9) قۇل - چۆرىلەرگە ۋە ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇش. قۇل - چۆرىلەرگە قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئۇلارنى ئازاد قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ
داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ — مۇھەممەد سالىھ
داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
داۋان نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
-
فَكُّ رَقَبَةٍ
(داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر — ئەنەس ئالىم
-
أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تاماق بېرىش — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تائام بېرىشتۇر: — ئەنەس ئالىم
مەمۇرچىلىق بولغان كۈنلەردە باشقىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىش، بولۇپمۇ موھتاجلارغا يېمەكلىك بېرىش ئاسان، لېكىن ئاچارچىلىق بولغان كۈنلەردە يېمەكلىككە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ يېگۈسى بار تۇرۇقلۇق ۋە ئۆزىنىڭ قورسىقى ئاچ تۇرۇقلۇق، يېمەكلىكىنى باشقا بىر قورسىقى ئاچ ئادەمگە بېرىش، ئۇنىڭ تويۇشىنى ئۆزىنىڭ تويۇشىدىن ئەلا بىلىش ۋە يېمەكلىكىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈش زور ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش بۇ يەردە نىجاتلىقنىڭ ئالدىدىكى «داۋان»نىڭ بىر پەللىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە «ياخشىلار»نىڭ بىر سۈپىتى، بىر ئايەتتە «ئەنسارلار»نىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلانغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆزىگە تۇغقان كېلىدىغان يېتىمگە، — ئەنەس ئالىم
بىر بالا ئۈچۈن «يېتىم بالا» بولۇش ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدۇر، لېكىن بىر جەمئىيەتتە «يېتىم بالا»نىڭ بولۇشى، بىر تەرەپتىن ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتى بولغان ئەھۋالدۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن بىر نېمەتتۇر. چۈنكى ئۇلار ئۇ «يېتىم بالا»نىڭ بېشىنى سىلاش ئارقىلىق «ياخشىلار»نىڭ قاتارىغا ئۆتۈشنىڭ بىر شەرتىنى ئورۇندىغان بولىدۇ ۋە جەننەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «داۋان»نىڭ مۇئەييەن بىر پەللىسىنى بېسىپ ئۆتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمىسا توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى توپىدا قالغان مىسكىنگە. — ئەنەس ئالىم
مىسكىنگە تائام بېرىش توغرىسىدا 89 - سۈرە (فەجر)نىڭ 18 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ كَانَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا بِالْمَرْحَمَةِ
شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولوشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقان ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم
«داۋان» - قۇل ئازاد قىلىش ۋە قۇل ئازاد قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئاچارچىلىق بولغان كۈنلەردە يېتىم - مىسكىنلەرگە تائام بېرىشتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتىپ مۇئمىنلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇش، ئۆزئارا سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشىش ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشىش قاتارلىق قەلبىي ۋە قەۋلىي ئەمەللەرنىمۇ قىلىشتۇر، چۈنكى بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە مۇھىمدۇر. مەسىلەن: 1) ئىمان، بىرەر ياخشى ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمان بىلەن قىلىنىشى شەرتتۇر. 2) سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشىش، ھەر مۇئمىننىڭ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىسى بار، بىرىنچىسى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇش. ئىككىنچىسى: باشقىلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش. بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى قىلىش ئۈچۈن سەۋر قىلىش كېرەك. 3) مەرھەمەت، مۇئمىنلەرنىڭ بىر سۈپىتى بىر - بىرىگە مەرھەمەتلىك (كۆيۈمچان) بولۇشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ھەر مۇئمىننىڭ ئۆزى مەرھەمەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى مەرھەمەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشى، مەزكۇر «داۋان»نىڭ بىر پەللىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ئەمەل دەفتىرى ئوڭدىن بېرىلىدىغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار سائادەتمەن كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ماددىدىن (تۇپراقتىن) ياراتقان، ئۇلارغا ئوخشاش نېمەت ۋە ئىمكانلار بەرگەن، خاتا يول بىلەن توغرا يولنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوخشاش مۇساپىدە قويغان، قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئوخشاش ئىختىيار بەرگەن، ئۇ يوللارنىڭ ھەر بىرى چىقىدىغان جاينى ۋە كىم قايسى يولنى تاللاپ قايسى جايغا بارسا ئۆز تاللىشى ۋە قىلمىشى بىلەن بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىگە تەقۋادارلىق مۇسابىقىسىدە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئۇقتۇرغان، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغانلار «داۋان»دىن ئۆتۈپ سائادەتلىك بولغان يەنى تەلىيى ئوڭ، ئامىتى بار كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا هُمْ أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئايەتلىرىمىزگە كافىر بولغانلار بولسا، شۇم كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ياراتقان ئايەتلىرى، يەنە بىرى نازىل قىلغان ئايەتلىرى. ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرىگە ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمەتلىرىنى كۆرمىگەن ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە قەلب كۆزى بىلەن قاراپ ئۇلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىنى تاللىمىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا بەتبەخت بولغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرى، ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرى قەلب كۆزى بىلەن قارىغانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت يولىغا باشلايدۇ. ھەر ئىككى تۈرلۈك ئايەتكە ئەنە شۇ شەكىلدە قاراپ ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرىغا قۇلاق سالمىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا بەتبەخت ئادەملەر بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى بەختى قارا، تەلىيى تەتۈر، ئامىتى كاج قىلىپ ياراتمىغان. ئۆز ئىختىيارى بىلەن يۇقىرىدىكى مەنىۋى «داۋان»دىن ئاشقانلار ئۆز بەختىنى ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرگەندەك، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇ داۋاندىن ئاشمىغانلار ئۆز بەختىنى ئۆزى قاچۇرۇۋەتكەن بولىدۇ، «ھەر كىم ئۆز ئىستىقبالىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ». بېرىلگەن ئىمكان ئوخشاش، ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ئوخشاش، لېكىن ئىمتىھان نەتىجىسى قاتناشقۇچىلارغا باغلىق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَلَيْهِمْ نَارٌ مُؤْصَدَةٌ
ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ھەر تەرىپى ئىتىۋېتىلگەن بىر دۇزاخ باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى ئوت قورشاپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قاتتىق ئازاب ۋە ئەلەملىك ئازاب بارلىقىنى، ئۇلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىدىغانلىقىنى، ئازابنى تېتىشلىرى ئۈچۈن تېرىلىرىنى يەڭگۈشلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا ئۇلارنىڭ، ئىشىكلىرى ئېتىۋېتىلگەن ئوتنىڭ ئىچىدە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشنىڭ جازاسى ئېغىر، ئازابى قاتتىق ۋە مەڭگۈلۈكتۇر. ھەقىقىي زىيان مانا بۇدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى