فەجر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 30 ئايەت
مەنىسى: تاڭ، سۈبھى. ئاتىلىش سەۋەبى: سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (89-سۈرە فەجر، 1-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْفَجْرِ
    سۈبھى بىلەن — مۇھەممەد سالىھ

    سۈبھى بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    فەجر بىلەن[1]، — ئەنەس ئالىم

    «فەجر»- ئەتىگەندە شەرقىي ئۇپۇقتا بويىغا تىك كۆرۈنىدىغان ئاقلىق (سۈبھى كازىب)تىن كېيىن ئاق، سېرىق، قىزغۇچ، قىزىل ۋە قارا رەڭلەردە توغرىسىغا كۆرۈنىدىغان ھادىسە (سۈبھى سادىق) بولۇپ، بۇ ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى شەرئىي ھۆكۈم بار: بىرى ئىمساك ۋاقتى بولغانلىقى (يەپ - ئىچىشنى توختىتىپ روزىنى باشلاش ۋاقتى)، يەنە بىرى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرىشى. يەنى شەرقىي ئۇپۇقتا مەزكۇر ھادىسە مەيدانغا كەلگەندە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى يېيىش - ئىچىشنى توختىتىدۇ ۋە بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ. «فەجر» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 4 قېتىم كەلگەن بولۇپ ھەممىسى ئەنە شۇ ھادىسىنى ۋە بامدات نامىزىنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئىمساك ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «فەجر» كەلىمىسى «تاڭ»، «بامدات» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. «فەجر» ۋاقتى - كېچە ئۈچكە بۆلۈنسە ئۈچىنچى ئۈچتە بىرىنىڭ ئاخىرىدۇر، كېچە ئالتىگە بۆلۈنسە ئالتىنچى بۆلۈمى ۋە بىرىنچى بۆلۈمى بولغان نامازشام ۋاقتى بىلەن قارىمۇقارشى بولغان ۋاقىتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىشى، بۇ ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا دالالەت قىلغانلىقى ۋە ئىككى دانە شەرئىي ھۆكۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (89-سۈرە فەجر، 2-ئايەت) قەدىر كېچىسى قەسەملەر
    وَلَيَالٍ عَشْرٍ
    (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئون كېچە بىلەن[2]، — ئەنەس ئالىم

    «ئون كېچە»نىڭ قايسى ئون كېچە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئايەتلەردە بىرەر بەلگىلىمە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى مەشھۇردۇر: 1) بۇ ئون كېچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ (ھىجىرىيە 12 - ئاينىڭ) ئاۋۋالقى ئون كۈنىدۇر. 2) رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدۇر. ئايەتتە ئاللاھ تائالا «ئون كېچە» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى «ئون كۈن» ئەمەس، «ئون كېچە» دەپ چۈشىنىش مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىرىنچى رىۋايەت ھەر نەقەدەر مەشھۇر ۋە كۆپچىلىك مۇپەسسىرنىڭ تاللىشى بولسىمۇ، ئىككىنچى رىۋايەت ئېلىشقا تېخىمۇ لايىقتۇر، چۈنكى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا، قۇرئان كەرىمدىكى مەخسۇس بىر سۈرىدە بايان قىلىنغان «مىڭ ئايدىن ياخشى» ۋە بەرىكەتلىك قەدر كېچىسى بار. قۇرئان كەرىم ئەنە شۇ كېچىدە نازىل قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىنمۇ بۇ ئىككىنچى رىۋايەت ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزقاراشنى تاللايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (89-سۈرە فەجر، 3-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر قەسەملەر
    وَالشَّفْعِ وَالْوَتْرِ
    جۈپ ۋە تاق بىلەن — مۇھەممەد سالىھ

    جۈپ ۋە تاق بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    جۈپ ۋە تاق بىلەن — ئەنەس ئالىم

    «جۈپ ۋە تاق» - زامان، ماكان، ئىبادەت ۋە باشقا ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار يا جۈپ بولىدۇ ياكى تاق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (89-سۈرە فەجر، 4-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَاللَّيْلِ إِذَا يَسْرِ
    ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاختىدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاختىدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئۆتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    كېچىنىڭ ئاخىرلىشىپ ئۆتۈپ كېتىشى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىش جەھەتتىن ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى جەھەتتىن مۇھىم ھادىسىدۇر. كېچىنى كەتكۈزۈپ كۈندۈزنى، كۈندۈزنى كەتكۈزۈپ كېچىنى كەلتۈرۈشكە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كېچىنىڭ كېتىشى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. بۇ قەسەمنىڭ جاۋابى يەنى قەسەم بىلەن تەكىتلەنگەن ئىپادىنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا تەپسىرلەردە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1) بۇ نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، «سىلەر ئى ئىنسانلار! ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر ، مەھشەرگاھقا يىغىلىسىلەر، ھېساب بېرىسىلەر، قىلمىشىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى كۆرىسىلەر». بۇ ئىپادىلەر يۇقىرىدا قەسەم قىلىنغان نەرسىلەردىن ۋە بۇ سۈرىنىڭ پۈتۈنلۈكىدىن بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن ئاشكارا زىكىر قىلىنمىغان. 2) بۇ نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى «رەببىڭ ھەقىقەتەن كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر». بۇ 14 - ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر. دېمەككى، بۇ كۆزقاراشقا ئاساسەن بۇ قەسەمنىڭ جاۋابى 14 - ئايەتتۇر. بۇ تەقدىردە قەسەم بىلەن قەسەمنىڭ جاۋابى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇنداق بولىدۇ: بۇ نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، رەببىڭ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە قىيامەتتە قىلمىشىڭلارنىڭ بەدىلىنى - جازاسىنى ۋە مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (89-سۈرە فەجر، 5-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر تەپەككۇر
    هَلْ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٌ لِذِي حِجْرٍ
    ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرىقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك) قەسەم بارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا قەسەم باردۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ نەرسىلەردە ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئەلۋەتتە قەسەم بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىپادە يۇقىرىدا قەسەم قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ قەسەمنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ مەتنىدە (تېكىستىدە) سوراق قوشۇمچىسى بولغان «ھەل - ھل» كەلگەن بولۇپ، بۇ قوشۇمچە بۇ يەردە تەكىتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشى، قەسەم قىلىنغان بۇ نەرسىلەردە مۆجىزىلەر ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دەلىللەر بارلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نەرسىلەر بىلەن قىلغان قەسىمىنىڭ يېتەرلىك ۋە قانائەتلىنەرلىك قەسەم ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ نەرسىلەردە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، نەتىجىدە ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ۋە يامانلارنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقى قاتارلىقلارغا يېتەرلىك دەلىل بارلىقىنىمۇ بىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئەقىل، ئىگىسىنى خاتا چۈشەنچە ۋە يامان ھەرىكەتتىن توسۇپ، ھەقكە يېتەكلەيدىغان، ھادىسىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىشقا ئۈندەيدىغان يولباشچىدۇر. جۈملىدىن ئەقىل يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە قەسەم قىلىنغان تەبىئىي ھادىسە ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نەرسىلەر بىلەن نېمە ئۈچۈن قەسەم قىلغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ. ئەقىلنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە ئۇنىڭ بۇ يەردە توسماق مەنىسىدىكى «ھىجر - حجر» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىشىمۇ بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ ئاد قەۋمىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ ئاد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاد - ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت (يەمەننىڭ بىر ناھىيەسى )نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ئەھقاف - قۇم بارخانلىرى» دېگەن يەردە ياشايدىغان قەدىمىي بىر قەۋم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئەسكەرىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچىگە تايىنىپ، جىسمانىي كۈچى، ماددىي مەدەنىيىتى ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان، ھەتتا ئۇنىڭغا خىلمۇخىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ جەڭ ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قاتتىق بوران ئاپىتى ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. إِرَمَ ذَاتِ الْعِمَادِ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كۈچلۈك ئىرەم خەلقىنى-چۇ؟- — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىگىسى ئىرەمگە؟- — ئەنەس ئالىم

    «ئىرەم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە پەقەت مۇشۇ يەردىلا كېلىدۇ. بۇ كەلىمە «ئاد» كەلىمىسىدىن كېيىنلا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار: 1) «ئىرەم» باشتىكى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن «ئاد» بىلەن بىر مەنىنى، يەنى ئازغۇنلۇقى سەۋەبلىك ھالاك بولۇپ كەتكەن «ئاۋۋالقى ئاد»نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاد ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئاد ئىبنى ئىرەم ئىبنى ئاۋس ئىبنى سام ئىبنى نۇھنىڭ ئەۋلادىدۇر. 2) «ئىرەم» ئاد قەۋمى ياشىغان يۇرتنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ كۆزقاراشتىكىلەر ئۇنىڭ بېشىغا «ئەھل - أهل» ئېنىقلانغۇچىسىنى تەقدىر قىلىپ (مۆلچەرلەپ)، «ئىرەم ئاھالىسى، ئىرەملىكلەر» دېگەن شەكىلدە مەنە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. الَّتِي لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِي الْبِلَادِ
    بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    باشقا شەھەرلەردە تېخى ئوخشاشلىرى يارىتىلمىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شەھەرلەر ئىچىدە ئوخشىشى يارىتىلمىغان يۇرتتۇر- — ئەنەس ئالىم

    «ئىرەم» ئاد قەۋمىنى ئىپادىلىگەن تەقدىردە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئۇ قەۋمنىڭ ئوخشىشى شەھەرلەردە يارىتىلمىغان» دېگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېگىز بويلۇق قاۋۇل ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىرەم» ئاد قەۋمى ياشىغان يۇرتنىڭ ئىسمى بولغان تەقدىردە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئۇ يۇرتنىڭ ئوخشىشى شەھەرلەردە يارىتىلمىغان» دېگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىناكارلىقتا يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شەھەرلىرىنى پەۋقۇلئاددە پۇختا ۋە گۈزەل سالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَثَمُودَ الَّذِينَ جَابُوا الصَّخْرَ بِالْوَادِ
    شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ -ئۆيلەرنى بىنا قىلغان- سەمۇدنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋادىدا قورام تاشلارنى كەسكەن سەمۇد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — ئەنەس ئالىم

    سەمۇد قەۋمى تاشلارنى كېسىپ ئۆيلەر ياسايتتى. بۇ ئايەتتىكى «ۋادى»- «ۋادىلقۇررا» دەپ ئاتىلىدىغان ۋادىنى كۆرسىتىدۇ. سەمۇد قەۋمىنىڭ يۇرتى بولغان «ھىجر - مەدائىن سالىھ» ئەنە شۇ ۋادىغا جايلاشقان. بۇلارنىڭ جازالىنىشى توغرۇلۇق 85 - سۈرە (بۇرۇج)نىڭ 18 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَفِرْعَوْنَ ذِي الْأَوْتَادِ
    شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى فىرئەۋنگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ — ئەنەس ئالىم

    «فىرئەۋننىڭ قوزۇقلىرى» 38 - سۈرە (ساد)نىڭ 12 - ئايىتىدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ قوزۇقلار توغرىسىدا تەپسىرلەردە ئاساسەن ئۈچ تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1) بۇ قوزۇقلار مەجازىي مەنىدە فىرئەۋننىڭ ئەسكەرلىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار فىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. 2) بۇ قوزۇقلار قىينىماقچى بولغان ئىنسانلارنى باغلايدىغان ھەقىقىي مەنىدىكى قوزۇقلاردۇر. 3) ئېگىز بىنالار، ئېھراملار (پىرامىدالار)، چۈنكى ئۇلار خۇددى قوزۇقلارغا ئوخشاش مۇستەھكەم بىنالاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (89-سۈرە فەجر، 11-ئايەت) كىبىر ئادالەتسىزلىك
    الَّذِينَ طَغَوْا فِي الْبِلَادِ
    ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشتى، — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار يەنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاد قەۋمى، سەمۇد قەۋمى ۋە فىرئەۋن خانىدانى ئۆزلىرى ياشىغان شەھەر ۋە رايونلاردا ھەددىدىن ئاشقان. مەسىلەن: 1) ئاد قەۋمى ئۆزلىرى ياشىغان «ئەھقاف»تا نۇھ توپانىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇتقا چوقۇنغان، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان، دۇنيا ھاياتىنىڭ كەيپ - ساپاسىغا چۆمگەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان قەۋمدۇر. 2) سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرى ياشىغان «ھىجر»دە ئاد قەۋمىدىن كېيىن قالسا ھەر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكتە ئىدى: ئەسكىرىي كۈچى يۈكسەك، بىناكارلىقتا ماھىر، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، تۇرمۇشى باياشات ئىدى. ئۇلار پۈتۈن بۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان، ئۇنى ساراڭ، جىنلىق، سېھىرلەنگەن، يالغانچى، ھاكاۋۇر دەپ تۆھمەت قىلغان ئىدى. 3) فىرئەۋن ئۆز ۋاقتىدا بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى. ئاللاھ تائالا فىرئەۋنگە مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى پەيغەمبەر بېرىپ ئۇنى ھەقكە دەۋەت قىلسا ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان، ھاقارەت قىلغان ۋە سېھىرگەر دېگەن ئىدى، ھەتتا ئۇ ئىككىيلەن: «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز» دېسە، «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دەپ دەتالاش قىلغان، كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، ئاندىن تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئادەم توپلاپ: «مەن ئەڭ ئۈستۈن رەببىڭلاردۇرمەن» دېگەن، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئىچىدە ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى مەندىن باشقىسىغا چوقۇنساڭ سېنى زىندانغا تاشلايمەن دەپ تەھدىت قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. فَأَكْثَرُوا فِيهَا الْفَسَادَ
    ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە كۆپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۆۋەندىكىچە ئىدى: 1) ئاد قەۋمى ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلغان ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشكەن، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلغان ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دەپ، ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك گۇناھقا پاتقان. 2) سەمۇد قەۋمى بۇتقا چوقۇناتتى، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلغان، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ئاللاھ تائالانىڭ مۆجىزە تۆگىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا جەڭ ئېلان قىلغان. 3) «فىرئەۋن مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلغان، مەملىكىتىنىڭ خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىغان، ئۇلاردىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلغان: ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇرغان، ئۇ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ
    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئازاب قامچىسى ياغدۇردى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياغدۇرغان ئازاب قامچىسى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىگە7 كېچە، 8 كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران بالاسى ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتكەن ۋە ئۇلارغا لەنەت ئوقۇلىدىغان قىلغان. بۇ، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادا تېتىتىلغان ئازاب ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاخىرەتتىمۇ رەسۋا قىلغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2) سەمۇد قەۋمىگە ئۈستىدىن قاتتىق ئاۋاز، ئاستىدىن زىلزىلە ئەۋەتكەن. 3) فىرئەۋن خانىدانىغا تۈرلۈك بالالارنى بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە خىلمۇخىل مۆجىزىلەرنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە توغرا يولغا كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. إِنَّ رَبَّكَ لَبِالْمِرْصَادِ
    پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالاغا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ ئىلىم ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەر جايدا ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، دىللاردىكى سىرلارنى، تىللاردىكى سۆزلەرنى ۋە پۇت - قولدا قىلىنغان ئەمەللەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخپىي قىلىشقان سۆز بىلەن ئۈنلۈك قىلىشقان سۆز ئاللاھ تائالاغا ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭ ئىلمىدىن زەررىچىلىك نەرسىمۇ قاچالمايدۇ. كائىناتتا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، ياپراق مىدىرلىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى ئۈچ تائىپىنى جازالىشى، ئادالىتىنى نامايان قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلگەن قەۋملەرگە مەرھەمەت قىلىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (89-سۈرە فەجر، 15-ئايەت) ئىلاھىي سىناق شۈكۈر
    فَأَمَّا الْإِنْسَانُ إِذَا مَا ابْتَلَاهُ رَبُّهُ فَأَكْرَمَهُ وَنَعَّمَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَكْرَمَنِ
    پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا كەلسەك، رەببى ئۇنى سىناپ ئەزىز قىلغان ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرگەن چاغدا: «رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئىنساننى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىدۇ، قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. رىزقى كەڭ بولسۇن، تار بولسۇن بۇ ھەقىقەتنى چۈشەنگەن ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ ياشىغان ئىنسان توغرا يولدىكى ئىنساندۇر. ئەمما بۇ ھەقىقەتتىن غاپىل ياشىغان ئىنسان ئاللاھ تائالا ئىمتىھان يۈزىسىدىن مال، ئېتىبار ۋە كۈچ ئاتا قىلسا: «رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى، مەن بۇنىڭغا لايىق ئىدىم، رەببىم بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بەردى. دېمەككى، مەن رەببىمنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسىمەن، ئاخىرەتتىمۇ تەلىيىم ئوڭدىن كېلىدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَأَمَّا إِذَا مَا ابْتَلَاهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَهَانَنِ
    پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمما رەببى ئۇنى سىناپ رىزقىنى تار قىلغان چاغدا: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئۇ ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا يەنى ئۇنىڭغا يەتكۈدەك ۋە تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك مىقداردا رىزىق بەرسە، «ئۇھ تارتىپ رەببىم مېنى خار قىلدى، مېنى تاشلىۋەتتى، مېنى ئۇنتۇدى» دېگەندەك ناشايان سۆزلەرنى قىلىدۇ. بۇنداق ئىنسان ھەر ئىككى ئەھۋالدا خاتالىشىدۇ، رەببىگە يامان گۇماندا بولىدۇ ۋە بۇ بولمىغۇر سۆزنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رىزىقنى كەڭ قىلىشى ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تار قىلىشى خارلىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىككىسى سىناش ئۈچۈندۇر، مال ۋە بالىلار بىرەر سىناقتۇر. كىشىنى ئاللاھقا مېلى ۋە بالىسى ئەمەس، ئىمانى ۋە ئەمىلى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بەزى ئىنسانلارغا باياشاتلىق بېرىشى ئۇلارنى بۈيۈك ئازابقا قەدەممۇقەدەم يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. كَلَّا ۖ بَلْ لَا تُكْرِمُونَ الْيَتِيمَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس[3]، بەلكى سىلەر يېتىمنى ئىززەتلىمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! ئەمەلىيەت سېنىڭ ئېيتقىنىڭدەك ئەمەس، سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭ توغرا ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ رىزقىڭنى كەڭ قىلىشى سېنىڭ لايىق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ساڭا ئىلتىپات قىلىش ۋە سېنى نېمەت بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رىزقىڭنى تار قىلىشى سېنى خارلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھېكمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش، شۇنداقلا سېنى پېقىرلىق بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا شۈكۈر قىلىشىڭ كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۈچىنچى شەخس ئورنىدا قويۇپ چۈشەندۈرگەن ئىنساننى ئىككىنچى شەخس ئورنىدا قويۇپ بىۋاسىتە خىتاب قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىدىنمۇ يامان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئايەتلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى غاپىل ئىنسانلار! ئەسلىدە سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بۇ سۆزلىرىڭلاردىنمۇ ياماندۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە مال - مۈلۈك ئاتا قىلسا، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايسىلەر: يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلىمايسىلەر. ھالبۇكى، يېتىملەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك ياخشىلىق قىلىش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئىسلامىي ئەمىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (89-سۈرە فەجر، 18-ئايەت) سەدىقە يوقسۇللارنىڭ ھەققى
    وَلَا تَحَاضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
    بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ يەنە بىر يامان قىلىقىڭلار شۇكى، سىلەر سۆز ۋە ھەرىكىتىڭلار بىلەن مىسكىنگە تائام بېرىشكە ئۆزئارا تەرغىب قىلىشمايسىلەر. ھالبۇكى، مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەرغىب قىلىش مىسكىننىڭ زىممەڭلاردىكى بىر ھەققىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا مىسكىننىڭ ھەققىنى بېرىشكە بۇيرۇغان. بۇ ھەق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: 1) مىسكىنگە ماددىي جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىش. ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ مىسكىنگە ياخشىلىق قىلماسلىق دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. 2) مىسكىنگە ماددىي جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىشقا باشقىلارنى تەرغىب قىلىش. بۇنىڭغا ھەر كىشىنىڭ قۇربى يېتىدۇ. بۇنى قىلماسلىق ئاللاھقا ئىشەنمەسلىك بىلەن بىر يەردە زىكىر قىلىنىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، دىننى ئىنكار قىلىشنىڭ ئالامىتى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (89-سۈرە فەجر، 19-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ۋارىسلىق
    وَتَأْكُلُونَ التُّرَاثَ أَكْلًا لَمًّا
    مىراسنى (ھالال- ھارام دېمەستىن) ھە دەپ يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    مىراسنى ھە دەپ يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مىراسنى ھالال-ھارام دېمەستىن يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ ئۈچىنچى رەزىللىكىڭلار شۇكى، مىراسنى ھە دەپ يەيسىلەر، ھالالمۇ، ھاراممۇ پەرۋا قىلمايسىلەر، نارەسىدىلەرنىڭ ۋە ئاجىزلارنىڭ مىراستىكى ھەققىنى بەرمەيسىلەر. شۇنىڭدەك، ئىلىكىڭلاردىكى ماللارنى كەيپ - ساپايىڭلار ۋە زوقىڭلار ئۈچۈن ھە دەپ چىقىم قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئالدىدا پوچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئورۇنسىز چىقىملارنى قىلىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇ ماللاردا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارنىڭ، مىسكىنلەرنىڭ، يولۇچىلارنىڭ ۋە بارلىق موھتاجلارنىڭ ھەققى بار. بۇنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسىلەر. ئەسلىدە، مال - مۈلكۈڭلار سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئامانەت بولۇپ، باشقىلاردىن سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭلارغا ئۆتكەن، پات يېقىندا سىلەردىن باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَتُحِبُّونَ الْمَالَ حُبًّا جَمًّا
    مالنى (ھېرىسلىق بىلەن) ناھايىتى دوست تۇتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    پۇل - مالنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرۈسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مالنى بەك ياخشى كۆرىسىلەر[4]. — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ تۆتىنچى رەزىللىكىڭلار شۇكى، مال - مۈلۈكنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىسىلەر. ئەسلىدە، مالنى ياخشى كۆرۈش ئەيىبلەنمەيدۇ، شۇڭا مالنى ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق موھتاجلارغا بەرگەن كىشى مەدھىيەلىنىدۇ. لېكىن مال - مۈلۈك سۆيگۈسىگە چۆمۈپ كېتىش، مال - مۈلۈكنىڭ ئەسىرى بولۇپ كېتىش ۋە مال - مۈلۈك ئۈچۈن ياشاش ئەيىبلىنىدۇ. نەپسانىيەتچىلىك، بېخىللىق ۋە شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەر ئەنە شۇ مال - مۈلۈك سۆيگۈسىگە چۆمۈپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل مال سۆيگۈسى ئەيىبلىنىدۇ. شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار لازىمكى، مال - مۈلۈك ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە زىننىتىدۇر، شۇنداقلا سىناق ۋاسىتىسىدۇر. ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرۈلگەن. مۇھىم بولغىنى مال - مۈلۈكنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولماسلىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. كَلَّا إِذَا دُكَّتِ الْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا
    (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق قىلماڭلار! بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق قىلماڭلار! زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار ! يۇقىرىدىكى بولمىغۇر سۆزلەرنى ئېيتىشتىن ۋە رەزىل قىلىقلارنى قىلىشتىن يېنىڭلار، ئالدىڭلاردا ھېساب، جازا ۋە مۇكاپات كۈنى بار، ئۇ كۈن ئۈچۈن پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن تەييارلىق قىلىڭلار. قىيامەت قايىم بولغان ئەسنادا زېمىن ۋە ئۈستىدىكى تاغلار قاتتىق تەۋرىتىلىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاغلار ئۇۋىلىپ قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ، ئاندىن سورۇلىدۇ ۋە ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭلاردەك ئۇچۇپ كېتىدۇ ۋە ئورنى تۈپتۈز ھالەتكە كېلىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (89-سۈرە فەجر، 22-ئايەت) ھىساب پەرىشتىلەر
    وَجَاءَ رَبُّكَ وَالْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا
    پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ ۋە سەپ-سەپ پەرىشتە كەلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    رەببىڭ قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كېلىدۇ. پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَجِيءَ يَوْمَئِذٍ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ وَأَنَّىٰ لَهُ الذِّكْرَىٰ
    (گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ، ھالبۇكى، ئەمدى ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن![5] — ئەنەس ئالىم

    مەھشەرگاھقا جەھەننەم (دوزاخ) كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئازغۇنلار ئۈچۈن كەلتۈرۈلسىمۇ، ئۇنى ھەممەيلەن كۆرىدۇ. ئىنسان ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەسلىك بىلەن خاتالاشقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت خاتالىقنى تۈزىتىدىغان ئالەم ئەمەس، خاتالىقنىڭ جازاسىنى چېكىدىغان ئالەمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
    ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «كاشكى، ھاياتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسامچۇ!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «ھاياتىم ئۈچۈن» ئىپادىسى ئىنساننىڭ ئەسلىي ھاياتىنىڭ ئاخىرەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (89-سۈرە فەجر، 25-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
    شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھېچكىم شۇ كۈندە ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىيالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغاندەك ئازابلىيالمايدۇ، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئۇ كۈندىكى ئازابى بەك قاتتىقتۇر، ناھايىتى بۈيۈكتۇر، ئىنتايىن رەسۋا قىلغۇچىدۇر ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازابلاش ۋاسىتىلىرىمۇ كۆپتۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئوت. دوزاخ ئەھلى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلىدۇ. 2) قايناق سۇ. دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۈستىگە قاتتىق ھارارەتلىك قايناق سۇ تۆكۈلىدۇ ۋە ئۇلار قايناق سۇنىڭ ئىچىدە سۆرىلىدۇ. 3) ئازابلىغۇچى يېمەكلىكلەر. دوزاخ ئەھلىگە زەققۇم، بەتبۇي ۋە ئاچچىق تىكەن، يىرىڭ ۋە ئوت قاتارلىق نەرسىلەر يېمەكلىك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. 4) ئازابلىغۇچى ئىچىملىكلەر. دوزاخ ئەھلىگە قاتتىق ھارارەتلىك قايناق سۇ، زەرداب سۇ، مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بىر خىل ئىچىملىك ۋە يىرىڭ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلار ئىچىملىك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. 5) ئازابلىغۇچى كىيىم ۋە يوتقان - كۆرپىلەر. دوزاخ ئەھلىگە ئازابلىغۇچى كىيىملەر كىيدۈرۈپ قويۇلىدۇ، ئاستىغا ئوتتىن تۆشەك سېلىنىدۇ، ئۈستىگە ئوتتىن يوتقان يېپىلىدۇ. 6) زەھەرلىك ھاۋا . دوزاخ ئەھلى ناھايىتى ھارارەتلىك شامال ۋە قاتتىق بۇلغانغان ھاۋادا نەپەس ئالىدۇ. 7) تۆمۈر توقماقلار. دوزاخ ئەھلى دوزاختىن چىقماقچى بولسا مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (89-سۈرە فەجر، 26-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    فَيَوْمَئِذٍ لَا يُعَذِّبُ عَذَابَهُ أَحَدٌ
    ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىيالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دوزاخ ئەھلىنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق، قوللىرىغا كويزا، پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنىدۇ، ئاندىن پۇت - قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُ أَحَدٌ
    ئى ئارام تاپقۇچى جان! — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئارام تاپقۇچى جان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئارام تاپقۇچى نەفس![6] — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردىكى «ئارام تاپقۇچى نەفس»، 13 - سۈرە (رەئد)نىڭ 28 - ئايىتىگە ئاساسەن ئاللاھنىڭ زىكرى (كىتابى) بىلەن ئارام تاپقۇچى كىشى دېگەن بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە، ئىنكارچىلار قىيامەتتىكى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئىلىملەر بىلەن قەلبى ئارام تاپقان ۋە ئۇلار بويىچە ياشىغان كىشىلەرگە بېشارەت بېرىلمەكتە. بۇ ئايەتنىڭ، ئىلگىرىكى ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايەتلەرنىڭ بۇ تەرتىپى دالالەت قىلىدۇكى، بۇ سۆز، ئاخىرەتتە جازا ۋە مۇكاپاتلارنى ئېلان قىلىش ئەسناسىدا ياخشىلارغا دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. يَا أَيَّتُهَا النَّفْسُ الْمُطْمَئِنَّةُ
    سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن رەببىڭدىن مەمنۇن، رەببىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رازى بولغان ۋە رازى بولۇنغان[7] ھالدا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن، — ئەنەس ئالىم

    سەن رەببىڭنىڭ نېمەتلىرىدىن رازى بولىسەن ۋە ئىلتىپاتلىرىدىن خۇرسەن بولىسەن، رەببىڭ سېنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرىڭگە رازى بولغان. رەببىڭ سېنى كۈتۈش ئۈچۈن تەييارلىغان ۋە ساڭا مەڭگۈلۈك ئارامگاھ قىلىپ بەلگىلىگەن ئالىي ماقامغا قايتقىن، چۈنكى سەن دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇ ماقام ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ بۇ ماقامنىڭ ئەسلى تۇرالغۇ، دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ھايات ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقارماي ياشىغان ئىدىڭ، ئەمدى مۇساپىرلىقىڭ تۈگىدى، تەلمۈرۈشۈڭ ئاخىرلاشتى، شۇڭلاشقا ئەسلى تۇرالغۇڭغا قايتقىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. ارْجِعِي إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةً مَرْضِيَّةً
    سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن مېنىڭ بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەندىلىرىمگە قوشۇلغىن — ئەنەس ئالىم

    ئۇ بەندىلەر - نەبىلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. فَادْخُلِي فِي عِبَادِي
    مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە جەننىتىمگە كىرگىن. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىككى ئايەت يۇقىرىدىكى «رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا رازى بولغان ۋە رازى بولۇنغان ھالدا قايتقىن» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا «مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەندىلىرىمنىڭ ئارىسىغا كىرگىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدا جەننىتىمگە كىرگىن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىككى ئەمىردىن كېيىن ئاللاھ رازى بولغان پۈتۈن بەندىلەر- نەبىلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىر - بىرىگە قوشۇلىدۇ، ئاندىن جەننەتكە خۇددى ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى