ھەشر سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 24 ئايەت
مەنىسى: سۈرگۈن. ئاتىلىش سەۋەبى: بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان (3-ئايەت)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەتتە ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى پەرىشتىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر ، زېمىندىكى جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئاللاھقا تەزىم قىلدى، ئېھتىرام قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇردى. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ قىلماقچى بولغان ئىشىنى پۇختا پىلانلاپ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىدۇ، ياراتقان ھەر نەرسىسى ۋە قىلغان ھەر ئىشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىنىڭ چەكسىز، رەھمىتىنىڭ كەڭ ۋە ئادالىتىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنْتُمْ أَنْ يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ مَانِعَتُهُمْ حُصُونُهُمْ مِنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُمْ بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ
    ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، ھالبۇكى سىلەر ئۇلارنى چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ -ئازابىدىن- توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ئىبرەت ئېلىڭلار! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىرلارنى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە يۇرتلىرىدىن چىقاردى. سىلەر ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار. ئۇلار قورغانلىرىمىز بىزنى ئاللاھتىن ساقلايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ۋە مۇئمىنلارنىڭ قوللىرى بىلەن خاراب قىلاتتى. ئى ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەر! ئىبرەت ئېلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئەھلى كىتابتىن بولغان بەنى نەزىر كافىرلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن تۇنجى قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقاردى. سىلەر ئۇلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە، ئىستىھكاملىرىغا ۋە سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار، ئۇلارمۇ ئىستىھكاملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلارغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى، ئۇلار مۇئمىن قوشۇننى كۆرۈپ ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆيلىرىنى ۋە ئۆي جاھازىلىرىنى «مۇسۇلمانلارغا قالغۇچە بۇزىۋېتەيلى» دەپ ۋەيران قىلدى، چاقتى، يىقتى. مۇئمىنلەر بولسا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ كىرىش، ئۇلارنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى سىرتتىن يىقتى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھدىسىدە تۇرماسلىق بىلەن ئۆيلىرىنىڭ بۇ شەكىلدە ۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئى ئەقىل - پاراسەتلىك كىشىلەر! ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار. ئەسكەرتىش: بەنى نەزىر قەبىلىسى بۇ تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈن قىلىنىشىدا شامغا ۋە خەيبەرگە كېتىدۇ، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ خەيبەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقانلىرىنى ، ھىجرەتنىڭ 20 - يىلى (مىلادىيە 641 - يىلى) شامغا (سۇرىيەگە ) سۈرگۈن قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (59-سۈرە ھەشر، 3-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي ھۆكۈم
    وَلَوْلَا أَنْ كَتَبَ اللَّهُ عَلَيْهِمُ الْجَلَاءَ لَعَذَّبَهُمْ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابُ النَّارِ
    ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا (ئۆلتۈرۈش) بىلەن ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا سۈرگۈن بولۇشنى يازمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا باشقا شەكىلدە ئازابلايتتى. ئۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بار. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا بۇ شەكىلدە خورلىنىپ سۈرگۈن بولۇشنى تەقدىر قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا باشقا شەكىلدە ئازابلايتتى؛ ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرەتتى، ئەسىرگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ جازاسى بۇ سۈرگۈن بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغىمۇ دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۖ وَمَنْ يُشَاقِّ اللَّهَ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇردى. كىم ئاللاھقا قارشى تۇرىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن. دۇنيادا سۈرگۈن قىلىندى، ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. كىم ئاللاھقا قارشىلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (59-سۈرە ھەشر، 5-ئايەت) جىھاد ئىلاھىي ئىرادە
    مَا قَطَعْتُمْ مِنْ لِينَةٍ أَوْ تَرَكْتُمُوهَا قَائِمَةً عَلَىٰ أُصُولِهَا فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيُخْزِيَ الْفَاسِقِينَ
    (ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە ئاللاھ رۇخسەت قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلىشى) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر مەيلى خورما دەرەخلىرىدىن بىر قىسمىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەندۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ قانداقلا بىر خورما دەرىخىنى كېسىشىڭلار ياكى ئۇنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەندۇر. بۇ، فاسىقلارنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بەنى نەزىرنى قورغانلىرىدا مۇھاسىرە قىلىۋاتقان ئەسنادا ئۇلارنى قورقىتىش ۋە سۈلھىگە زورلاش ئۈچۈن قورغانلارنىڭ تېشىدىكى خورما دەرەخلىرىدىن بىرقانچىسىنى كېسىشكە بۇيرۇغان، مۇسۇلمان قوشۇن بىرقانچە تۈپ خورما دەرىخىنى كېسىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بەنى نەزىر ئۇلارنى ئەيىبلىگەن، مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېس قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قانداقلا بىر خورما دەرىخىنى كېسىشىڭلار ياكى قانداقلا بىر خورما دەرىخىنى كەسمەي ئۆرە ھالىتىدە قالدۇرۇپ قويۇشىڭلار ئاللاھنىڭ ئۆز ئەلچىسىگە بەنى نەزىرنىڭ خورمىلىرىنى كېسىۋېتىش ياكى كەسمەي قويۇپ قويۇش توغرىسىدا بەرگەن رۇخسىتى بىلەن بولغان ئىشتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىشقا رۇخسەت بېرىشى مۇئمىنلەرنى ئەزىز قىلىش، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن ئۇ يەھۇدىيلارنى خورلاش ۋە رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَمَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْهُمْ فَمَا أَوْجَفْتُمْ عَلَيْهِ مِنْ خَيْلٍ وَلَا رِكَابٍ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىيمەتلەرنى سىلەر ئات ـ تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا ـ مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن قايتۇرغان غەنىمەتلەرنى سىلەر ئات ـ تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە قارشى ئۈستۈن قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۇ كافىرلاردىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان ئولجىلارنى، سىلەر ئات - ئۇلاغقا مىنىپ بېرىپ قولغا كەلتۈرمىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ ئەلچىلىرىنى خالىغان كىشىگە ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    بەنى نەزىر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلاردىن ئۈچ ئائىلىنى خالىغان نەرسە - كېرەكلىرىدىن توپلام بىر تۆگىگە يۈكلەنگۈدەك نەرسىلىرىنى ئېلىپ يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىشكە ھۆكۈم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتەلمىگەن مال - مۈلۈكلىرىنى ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە خۇسۇسىي ئولجا قىلىپ بەرگەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇ ماللاردىن ئۆز ئائىلىسىگە ۋە ئايەتتە كۆرسىتىلگەن كىشىلەرگە چىقىم قىلاتتى. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ بەنى نەزىر كافىرلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان ئولجىلارنى، سىلەر ئات - تۆگىلەرگە مىنىپ بېرىپ، ئۇرۇش قىلىپ قولغا كەلتۈرمىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ ئەلچىلىرىنى خالىغان كىشىگە ھۆكۈمران قىلىدۇ، جۈملىدىن بەنى نەزىرنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن بۇ ئەلچىسىنى ئۇلارغا ھۆكۈمران قىلدى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلاردىن قالغان مال - مۈلۈكلەر ئادەتتىكى غەنىيمەت تەقسىم قىلىنغان شەكىلدە تەقسىم قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە ئادەتتىكى غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى چىقىم قىلىنغان جايلارغا چىقىم قىلىنىدۇ. بۇ ھۆكۈمنى تۆۋەندىكى ئايەت ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  7. (59-سۈرە ھەشر، 7-ئايەت) رىزىق بايلىق ئايلىنىشى
    مَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاءِ مِنْكُمْ ۚ وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەھلى قۇرا - قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى- نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان ئولجىلار ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارغا ئائىتتۇر. بۇ، ئۇ ئولجىلارنىڭ بايلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. رەسۇلۇللاھ سىلەرگە نېمە بەرسە، ئۇنى ئېلىڭلار، ئۇ سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە چەكلىنىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان ئولجىلار، ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىش، دەۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مۈلكىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش... قاتارلىق ياخشى ئىشلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ (زاكات ئېلىش ھارام قىلىنغان) تۇغقانلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ يېتىم بالىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ يوقسۇللىرى ئۈچۈن ۋە موھتاج يولۇچىلارنىڭ يولۇچىلىق ئەسناسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ تەقسىمات، ئۇ ئولجىلارنىڭ بايلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەرگە نېمە بەرسە ئۇنى ئېلىڭلار، ئۇ سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن چەكلىنىڭلار؛ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قايسى ئىش توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم چىقارسا ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە بويسۇنۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەرنى قايسى ئىشتىن توسسا ئۇنىڭدىن يېنىڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى: ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. لِلْفُقَرَاءِ الْمُهَاجِرِينَ الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأَمْوَالِهِمْ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا وَيَنْصُرُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
    (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى ئۆز دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار راستچىل ئادەملەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ماللار يەنە يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ماللىرىدىن ئايرىلغان، ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھاجىرلار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەنى ئۇ ئولجىلارنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۈچۈن ئايرىلغىنىدىن باشقىسى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال - مۈلكىدىن ئايرىلغان، ئاللاھتىن ئىلتىپات ۋە رازىلىق تىلەيدىغان، ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئەلچىسىگە ياردەم بېرىدىغان پېقىر مۇھاجىرلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئەنە شۇ مۇھاجىرلار قىلمىشلىرى سۆزلىرىنى تەستىقلايدىغان راستچىل مۇئمىنلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ ۚ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ مۇھاجىرلار كېلىشتىن بۇرۇن مەدىنىدە يەرلىك بولغان ۋە ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار، يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەن ۋە قەلبلىرىگە ئىماننى يەرلەشتۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن ماللار ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە بىرەر ھاجەت ھېس قىلمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بار تۇرۇپ ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەن ۋە قەلبلىرىگە ئىماننى يەرلەشتۈرگەن ئەنسارلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئولجىدىن ئۇلارغا بېرىلگەن نېسىۋىلەر ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە قىلچە ھەسەت قىلمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بار تۇرۇقلۇق ئۇ مۇھاجىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى ئەلا بىلىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر. ئەسكەرتىش: مۇرادىغا يېتىش - جەننەتتە ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە ۋە 22 - سۈرە (ھەج)نىڭ 23 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَالَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
    ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلارغا قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەلبلىرىمىزدە مۇئمىنلارغا قارشى ھېچ ئاداۋەت قويمىغىن! رەببىمىز! سەن شەپقەتلىكسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇرسەن». — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇھاجىرلاردىن ۋە ئەنسارلاردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن، ئۇلارغا ياخشى ئىشتا ئەگەشكەن كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئىگىمىز - ئاللاھ! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلەرگە قارشى ھېچ ئاداۋەت قويمىغىن، ئى ئىگىمىز - ئاللاھ! سەن شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك مەبۇدىمىزسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِنْ قُوتِلْتُمْ لَنَنْصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلارنىڭ، ئەھلى كىتابتىن ئىنكار قىلغان بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇ مۇنافىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىر قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر ھەيدەپ چىقىرىلساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە چىقىمىز، سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە قەتئىي ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا ئەلۋەتتە سىلەرگە ياردەم بېرىمىز». ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنىڭ كافىر قېرىنداشلىرى بولغان بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىغا: «ئەگەر مۇھەممەد سىلەرنى مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتسە، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىمىز، ناۋادا بىرەر كىشى سىلەرگە ياردەم قىلماسلىق ياكى سىلەر بىلەن بىللە مەدىنىدىن چىقىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا بىزگە بۇيرۇق چۈشۈرسە، بىز ئۇ كىشىگە ئەسلا ئىتائەت قىلمايمىز، ئەگەر مۇھەممەد سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، بىز چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دەۋاتقان مۇنافىقلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىغا قارىدىڭ، شۇنداققۇ! ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇ مۇنافىقلار ئۇ قېرىنداشلىرىغا، يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىدە يالغانچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. لَئِنْ أُخْرِجُوا لَا يَخْرُجُونَ مَعَهُمْ وَلَئِنْ قُوتِلُوا لَا يَنْصُرُونَهُمْ وَلَئِنْ نَصَرُوهُمْ لَيُوَلُّنَّ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
    ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ تىكىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇنافىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇنافىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ. ناۋادا ياردەم بەرسە ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر مۇئمىنلەر ئۇ يەھۇدىيلارنى مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقارسا، ئۇ مۇنافىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ. ئەگەر مۇئمىنلەر ئۇ يەھۇدىيلارغا ئۇرۇش ئاچسا، ئۇ مۇنافىقلار ئۇ يەھۇدىيلارغا ياردەم بەرمەيدۇ. ناۋادا ئۇ مۇنافىقلار ئۇ يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلار بىلەن بىللە مۇئمىنلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشسا، ئۇ مۇنافىقلار ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇ يەھۇدىيلارغا نۇسرەت بەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (59-سۈرە ھەشر، 13-ئايەت) كاپىرلىق ئاللاھتىن قورقۇش
    لَأَنْتُمْ أَشَدُّ رَهْبَةً فِي صُدُورِهِمْ مِنَ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھقا قارىغاندىمۇ قورقۇنچلۇقسىلەر (يەنى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھتىن قورققاندىنمۇ بەك قورقىدۇ)، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ (ئۇلۇغلۇقىنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھقا قارىغاندىمۇ قورقۇنچلۇقسىلەر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئاللاھتىنمۇ بەك قورقۇنۇچلۇقسىلەر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مۇنافىقلار دىللىرىدا ئاللاھتىن قورققاندىن بەكرەك سىلەردىن قورقىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورققاندىن بەك سىلەرنىڭ ھۇجۇمىڭلاردىن ۋە زەربە بېرىشىڭلاردىن قورقىدۇ، چۈنكى مۇنافىقلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. لَا يُقَاتِلُونَكُمْ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرًى مُحَصَّنَةٍ أَوْ مِنْ وَرَاءِ جُدُرٍ ۚ بَأْسُهُمْ بَيْنَهُمْ شَدِيدٌ ۚ تَحْسَبُهُمْ جَمِيعًا وَقُلُوبُهُمْ شَتَّىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
    ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قورغانلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن يۇرتلاردا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا بولغاندىلا بىرلىشىپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى سۈركىلىش قاتتىقتۇر. سەن ئۇلارنى ئۆم كىشىلەر دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى تارقاقتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ جەڭگاھتا ئۇرۇشالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار قورغانلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن يۇرتلاردا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا بولغان چاغلىرىدىلا ئۆزئارا بىرلىشىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى سۈركىلىش قاتتىقتۇر، بىر - بىرىگە بولغان ئاداۋىتى كۈچلۈكتۇر. سەن ئۇلارنى ئۆم كىشىلەر دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر؛ ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغان، ئاقىۋەتنى ئويلىمايدىغان جامائەدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. كَمَثَلِ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَرِيبًا ۖ ذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار، ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يېقىندىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغان. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەھۋالى يېقىندىلا ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرى ۋە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى تېتىغان. بەنى قەينۇقا يەھۇدىيلىرى بۇلاردىن ئىلگىرى سۈرگۈن قىلىنغان، مەككە مۇشرىكلىرى «بەدر»دە تارمار قىلىنغان. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادىكى بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئۇلار ئەسلىي جازاسىغا قىيامەت كۈنى يولۇقىدۇ، دوزاختا قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (59-سۈرە ھەشر، 16-ئايەت) كاپىرلىق شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى
    كَمَثَلِ الشَّيْطَانِ إِذْ قَالَ لِلْإِنْسَانِ اكْفُرْ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيءٌ مِنْكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا ـ جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئۇلار شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا ـ جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالى شەيتاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. شەيتان ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانغا: «كافىر بولغىن» دېگەن ئىدى. ئىنسان كافىر بولغاندا: «مەن سەن بىلەن ئادا - جۇدامەن، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    مۇنافىقلارنىڭ بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ۋەدىسىنى بېرىشىدىكى ئەھۋالى، ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانغا: «كافىر بولغىن» دېگەن، ئىنسان كافىر بولغاندا: «مەن سەن بىلەن ئادا - جۇدامەن، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېگەن شەيتاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ مۇنافىقلارغا ئالدانغان بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەھۋالى بولسا شەيتانغا ئالدىنىپ كافىر بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. فَكَانَ عَاقِبَتَهُمَا أَنَّهُمَا فِي النَّارِ خَالِدَيْنِ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
    ئۇلارنىڭ (يەنى شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ) ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەتىجىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتى، دوزاخقا تاشلىنىش ۋە دوزاختا مەڭگۈ قېلىش بولدى. ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    شەيتان ۋە شەيتانغا ئالدىنىپ كافىر بولغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. ئەنە شۇ، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جازاسىدۇر؛ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر شەيتان بىلەن دوزاختا جەم بولىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇنافىقلارغا ئالدانغانلار مۇنافىقلار بىلەن بىرلىكتە دۇنيادا لەنەتكە، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 15 ~ 17 - ئايەتلەردە شەيتانغا ئالدانغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. 18 ~ 24 - ئايەتلەردە بولسا، شەيتانغا ئالدانماسلىق توغرىسىدا مۇئمىنلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنْظُرْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ھەر كىشى ئەتە ئۈچۈن ئەۋەتكەن نەرسىسىگە قارىسۇن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىڭلار، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەمىلىگە قارىسۇن، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە بارغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (59-سۈرە ھەشر، 19-ئايەت) كاپىرلىق زىكىر غەپلەت
    وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
    سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۇنتۇلدۇرغان ئادەملەردەك بولماڭلار؛ ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى، زىيانلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشنى ئۇنتۇپ كېتىش جازاسىغا مەھكۇم قىلغان غاپىللاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇ كىشىلەر توغرا يولدىن چىققان ئادەملەردۇر، سىلەر ئۇ ئادەملەرگە ئوخشاش بولماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. لَا يَسْتَوِي أَصْحَابُ النَّارِ وَأَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۚ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمُ الْفَائِزُونَ
    ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    دوزاخ ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلى باراۋەر بولمايدۇ. جەننەت ئەھلى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلار بىلەن جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولغانلار باراۋەر بولمايدۇ. ئۇ كۈنى پەقەت جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولغانلارلا جەننەتتە ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. لَوْ أَنْزَلْنَا هَٰذَا الْقُرْآنَ عَلَىٰ جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۚ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
    ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى تاغقا نازىل قىلغان بولساق، سەن ئۇ تاغنى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئېھتىرام بىلەن باش ئەگكەن ۋە يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرەتتىڭ. بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز بۇ قۇرئاننى سىلەرگە نازىل قىلدۇق، قۇرئان سىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىش يولىغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ؛ سىلەرگە چىرايلىق نەسىھەت، پايدىلىق ئىلىم ۋە ئىبرەتلىك قىسسەلەرنى بايان قىلىۋاتىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ غاپىللىق قىلىۋاتىسىلەر. ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلغان بولساق ۋە تاغلاردا ئەقىل بولۇپ قۇرئاننى چۈشەنسە ئىدى، شۇنچە قاتتىق، چوڭ ۋە كۈچلۈك تاغ ئاللاھتىن ئەيمىنىپ ئېھتىرام بىلەن باش ئەگكەن ۋە قورقۇنچتىن يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى، بۇنى ئۇ چاغدا تاغقا قارىغان ھەر كىشى كۆرەتتى. ئەمما بىز قۇرئاننى تاغقا ئەمەس سىلەرگە نازىل قىلدۇق. بىز بۇ مىساللارنى سىلەرگە تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىۋاتىمىز، شۇڭلاشقا قۇرئاننىڭ مەنىلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىڭلار، قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇڭلار . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۖ هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر؛ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوقتۇر، ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولغان نەرسىلەرنىمۇ، سىلەرگە ئاشكارا بىلىنگەن نەرسىلەرنىمۇ ئوخشاشلا بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتىغا چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر، مۇئمىنلەرگە ئالاھىدە ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر، خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر، باشقۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئەزىزدۇر، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر؛ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوقتۇر، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ يوقتىن ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىسى بولغان ئىگىسىدۇر، ئاللاھ ھەرقانداق ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، مۇئمىنلەرگە سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر، دوستلىرىغا خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر، كائىناتنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر، بارلىق مەخلۇقاتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىدۇر، شەنى ئۇلۇغ ۋە سەلتەنىتى مۇتلەقتۇر. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە شەكىل بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھتۇر، ياراتقۇچىدۇر، بار قىلغۇچىدۇر، شەكىل ۋە ئالاھىدىلىك بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بارلىق مەخلۇقات ۋە جىمى مەۋجۇداتنى يوقتىن ياراتقۇچىدۇر، ھەر نەرسىنى پەرقلىق مەيدانغا كەلتۈرگۈچىدۇر، ھەر نەرسىگە ئايرىم شەكىل ۋە ئالاھىدىلىك بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاسمانلاردىكى پەرىشتە، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، سەييارىلەر ، زېمىندىكى جىن، ئىنسان، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئانئورگانىك نەرسىلەر، ھاۋادىكى قۇشلار، دېڭىزلاردىكى جانلىقلار... قاتارلىق بارلىق مەخلۇقات ۋە جىمى مەۋجۇدات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتىدۇر، ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەت ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى