ساد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 88 ئايەت
مەنىسى: «ص» ھەرپى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. (38-سۈرە ساد، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ص ۚ وَالْقُرْآنِ ذِي الذِّكْرِ
    ساد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر)

    ساد (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). نەسىھەت مەنبەسى بولغان قۇرئان بىلەن قەسەمكى (بۇ ھەق كىتابتۇر) [1].

  2. (38-سۈرە ساد، 2-ئايەت)
    بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ
    بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا

    كافىرلار (ئىمان ئېيتماقتا يوق)، ئەكسىچە ھاكاۋۇرلۇق قىلماقتا ۋە (مۆمىنلەرنىڭ يولىغا) ئوخشىمايدىغان يول تۇتماقتا [2].

  3. (38-سۈرە ساد، 3-ئايەت)
    كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ فَنَادَوْا وَلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس

    بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، ئۇلار پەرياد قىلدى. ھالبۇكى، ئۇ قېچىپ قۇتۇلىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى [3].

  4. (38-سۈرە ساد، 4-ئايەت)
    وَعَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ ۖ وَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر

    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كافىرلار: «بۇ ئۇچىغا چىققان بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر [4].

  5. (38-سۈرە ساد، 5-ئايەت)
    أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ
    ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش»

    ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» دېدى [5].

  6. (38-سۈرە ساد، 6-ئايەت)
    وَانْطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَىٰ آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ
    ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ)

    ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ (مۇھەممەتنىڭ دەۋەت قىلىۋاتقىنى) ھەقىقەتەن پىلانلىق بولۇۋاتقان بىر ئىش [6].

  7. (38-سۈرە ساد، 7-ئايەت)
    مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَٰذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ
    بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر

    بۇنى بىز ئاخىرقى دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىن) ئاڭلىمىغان ئىدۇق. بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر [7].

  8. (38-سۈرە ساد، 8-ئايەت)
    أَأُنْزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِنْ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْ ذِكْرِي ۖ بَلْ لَمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ
    قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق

    قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بوپتۇمۇ؟» دېيىشتى، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مەن نازىل قىلغان قۇرئانغا شەك كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار مېنىڭ ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى [8].

  9. (38-سۈرە ساد، 9-ئايەت)
    أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ
    ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟

    ئۇلاردا ھەممىگە قادىر، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ [9].

  10. (38-سۈرە ساد، 10-ئايەت)
    أَمْ لَهُمْ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا فِي الْأَسْبَابِ
    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن

    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ ئاسمانغا چىقىپ باقسۇن [10].

  11. (38-سۈرە ساد، 11-ئايەت)
    جُنْدٌ مَا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِنَ الْأَحْزَابِ
    ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان، مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر

    ئۇلار ھەرقايسى جامائەلەردىن ئۇيۇشقان، شۇ يەردە (يەنى بەدرىدە) مەغلۇب قىلىنىدىغان بىر قوشۇندۇر [11].

  12. (38-سۈرە ساد، 12-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ
    ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.) (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.)

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە كۈچلۈك سەلتەنەت ئىگىسى بولغان پىرئەۋن (ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى [12].

  13. (38-سۈرە ساد، 13-ئايەت)
    وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ
    سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى

    سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئەنە شۇلار (ئۆز پەيغەمبىرىگە قارشى) ئۇيۇشقان جامائەلەر ئىدى [13].

  14. (38-سۈرە ساد، 14-ئايەت)
    إِنْ كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
    ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى

    ئۇلاردىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى [14].

  15. (38-سۈرە ساد، 15-ئايەت)
    وَمَا يَنْظُرُ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً مَا لَهَا مِنْ فَوَاقٍ
    بۇلار پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ

    بۇلار (يەنى مەككە مۇشرىكلىرى) سۇرنىڭ قىلچە كېچىكتۈرۈلمەيدىغان بىر ئاۋازىنىلا كۈتىدۇ [15].

  16. (38-سۈرە ساد، 16-ئايەت)
    وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّلْ لَنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ
    ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق- قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابتىن) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق – قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى [16].

  17. (38-سۈرە ساد، 17-ئايەت)
    اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى [17].

  18. (38-سۈرە ساد، 18-ئايەت)
    إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ
    بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى

    بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇ تاغلار داۋۇد بىلەن بىللە ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى [18].

  19. (38-سۈرە ساد، 19-ئايەت)
    وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ
    قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ ـ تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر

    توپ-توپ قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى [19].

  20. (38-سۈرە ساد، 20-ئايەت)
    وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
    داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق

    بىز داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە ئوچۇق سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدۇق [20].

  21. (38-سۈرە ساد، 21-ئايەت)
    وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ
    (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسەسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى

    (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان جاينىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرىۋېدى، داۋۇد ئۇلاردىن قورقۇپ كەتتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە يولسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى [21-22].

  22. (38-سۈرە ساد، 22-ئايەت)
    إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى

    (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان جاينىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرىۋېدى، داۋۇد ئۇلاردىن قورقۇپ كەتتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە يولسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى [21-22].

  23. (38-سۈرە ساد، 23-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ
    (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى

    (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ توقسان توققۇز ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەۋاتىدۇ، ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى [23].

  24. (38-سۈرە ساد، 24-ئايەت)
    قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
    داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىنىڭ (ھەققىگە) چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر ـ بىرىنىڭ ھەققىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى

    داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىپتۇ. نۇرغۇن شېرىكلەر، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىگە يولسىزلىق قىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇنداق ئەمەس. بۇنداقلار ناھايىتى ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلىپ، پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ تىلىدى ھەمدە سەجدىگە باردى ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلدى [24].

  25. (38-سۈرە ساد، 25-ئايەت)
    فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
    بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ

    بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە گۈزەل جايغا ئىگە بولىدۇ [25].

  26. (38-سۈرە ساد، 26-ئايەت)
    يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
    ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [26].

  27. (38-سۈرە ساد، 27-ئايەت)
    وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ
    ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇنداق قاراش كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. كافىرلارنىڭ دوزاختىكى ھالىغا ۋاي! [27].

  28. (38-سۈرە ساد، 28-ئايەت)
    أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟

    بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ياكى تەقۋادارلارنى پاسىقلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ [28].

  29. (38-سۈرە ساد، 29-ئايەت)
    كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر

    بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر [29].

  30. (38-سۈرە ساد، 30-ئايەت)
    وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    بىز داۋۇدقا سۇلايماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى

    بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى بەخش ئەتتۇق. سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ناھايىتى ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى [30].

  31. (38-سۈرە ساد، 31-ئايەت)
    إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ
    ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى

    ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلۇقى ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلدى [31].

  32. (38-سۈرە ساد، 32-ئايەت)
    فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ
    سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغىچە (ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»

    ئاندىن ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ياد ئېتىشتىن بەكرەك ياخشى كۆرۈپ كېتىپتىمەن-دە، قاراپ تۇرۇپ كۈن ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ [32]

  33. (38-سۈرە ساد، 33-ئايەت)
    رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ
    سۇلايمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلايمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى

    ئاتلارنى قايتۇرۇپ كېلىڭلار» دېدى. (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندە) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى چېپىشقا باشلىدى [33].

    .
  34. (38-سۈرە ساد، 34-ئايەت)
    وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ
    بىز ھەقىقەتەن سۇلايماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى

    بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىناپ، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلاپ قويدۇق؛ ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ): «ئى رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ تەۋبە قىلدى [34-35].

  35. (38-سۈرە ساد، 35-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
    سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»

    بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىناپ، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلاپ قويدۇق؛ ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ): «ئى رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ تەۋبە قىلدى [34-35].

  36. (38-سۈرە ساد، 36-ئايەت)
    فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ
    بىز سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى

    بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى [36].

  37. (38-سۈرە ساد، 37-ئايەت)
    وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ
    ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق

    ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا قۇرۇلۇشچى ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە ئىشكەل سېلىنىپ پۇت-قوللىرى بوغۇلغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق [37-38].

  38. (38-سۈرە ساد، 38-ئايەت)
    وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
    يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر

    ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا قۇرۇلۇشچى ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە ئىشكەل سېلىنىپ پۇت-قوللىرى بوغۇلغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق [37-38].

  39. (38-سۈرە ساد، 39-ئايەت)
    هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
    (بىز سۇلايمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ»

    (بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، سەندىن ھېساب ئېلىنمايدۇ» [39].

  40. (38-سۈرە ساد، 40-ئايەت)
    وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
    ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ

    سۇلەيمان بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە گۈزەل جايغا ئىگە بولىدۇ [40].

  41. (38-سۈرە ساد، 41-ئايەت)
    وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
    بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى

    (ئى مۇھەممەد!) بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى [41].

  42. (38-سۈرە ساد، 42-ئايەت)
    ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
    ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق)

    ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، (ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق) [42].

  43. (38-سۈرە ساد، 43-ئايەت)
    وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى ـ ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    بىز ئۇنىڭ (ھادىسىگە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى ـ ئەۋلادىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ (يېڭىدىن) بەردۇق. بۇ بىزنىڭ قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن نەسىھەتتۇر [43].

  44. (38-سۈرە ساد، 44-ئايەت)
    وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِبْ بِهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھقا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر (ئىزاھات: ئەييۇب ئايالىنى 100 دەررە ئۇرۇشقا قەسەم قىلغان ئىدى.)

    بىز (ئۇنىڭغا) «قولۇڭغا بىر باغلام چىۋىقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (خوتۇنۇڭنى) ئۇرغىن ، قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنىڭ ھەقىقەتەن سەۋرچان ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ئۇ ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) ناھايىتى ئىتائەت قىلغۇچىدۇر [44].

  45. (38-سۈرە ساد، 45-ئايەت)
    وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
    ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن كۈچلۈك ۋە پاراسەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن [45].

  46. (38-سۈرە ساد، 46-ئايەت)
    إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ
    ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق

    بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە قىلدۇق [46].

  47. (38-سۈرە ساد، 47-ئايەت)
    وَإِنَّهُمْ عِنْدَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ
    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر

    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن تاللانغان ياخشى كىشىلەردۇر [47].

  48. (38-سۈرە ساد، 48-ئايەت)
    وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِنَ الْأَخْيَارِ
    ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر

    سەن ئىسمائىلنى، ئەليەسەئنى ۋە زۇلكىفلىنى ئەسلىگىن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى كىشىلەردۇر [48].

  49. (38-سۈرە ساد، 49-ئايەت)
    هَٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَآبٍ
    بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار

    بۇ قۇرئان نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە گۈزەل جاي بار [49].

  50. (38-سۈرە ساد، 50-ئايەت)
    جَنَّاتِ عَدْنٍ مُفَتَّحَةً لَهُمُ الْأَبْوَابُ
    (ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر

    ئۇ گۈزەل جاي ئۇلار ئۈچۈن دەرۋازىلىرى ئوچۇق تۇرىدىغان، كىرگەن كىشى مەڭگۈ چىقىپ كەتمەيدىغان جەننەتلەردۇر [50].

  51. (38-سۈرە ساد، 51-ئايەت)
    مُتَّكِئِينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ
    ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شەربەتلەرنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ [51].

  52. (38-سۈرە ساد، 52-ئايەت)
    وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ
    ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ يانلىرىدا باشقىغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپلىرى بولىدۇ [52].

  53. (38-سۈرە ساد، 53-ئايەت)
    هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ
    بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر

    بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈنىدە بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر [53].

  54. (38-سۈرە ساد، 54-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُ مِنْ نَفَادٍ
    بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ

    بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھەرگىز تۈگىمەيدىغان ئىنئامىمىزدۇر [54].

  55. (38-سۈرە ساد، 55-ئايەت)
    هَٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّاغِينَ لَشَرَّ مَآبٍ
    بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر

    بۇ ھەقىقەتتۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قارارگاھى ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر [55].

  56. (38-سۈرە ساد، 56-ئايەت)
    جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ الْمِهَادُ
    ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

    ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! [56]

  57. (38-سۈرە ساد، 57-ئايەت)
    هَٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ
    بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان ـ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن

    بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان ـ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن [57].

  58. (38-سۈرە ساد، 58-ئايەت)
    وَآخَرُ مِنْ شَكْلِهِ أَزْوَاجٌ
    يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار

    يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلارمۇ بار [58].

  59. (38-سۈرە ساد، 59-ئايەت)
    هَٰذَا فَوْجٌ مُقْتَحِمٌ مَعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُو النَّارِ
    (ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»

    (ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، باشلامچىلىرىغا) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىللە كىرگۈچىدۇر» دېيىلىدۇ. (باشلامچىلىرى) «ئۇلارغىمۇ ياخشىلىق يوق، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» (دەيدۇ) [59].

  60. (38-سۈرە ساد، 60-ئايەت)
    قَالُوا بَلْ أَنْتُمْ لَا مَرْحَبًا بِكُمْ ۖ أَنْتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ الْقَرَارُ
    ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»

    ئەگەشكۈچىلىرى: «بىزگە ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ياخشىلىق يوق، ئازابنى بىزگە سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار. بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!» دەيدۇ [60]

  61. (38-سۈرە ساد، 61-ئايەت)
    قَالُوا رَبَّنَا مَنْ قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ
    ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ

    ئەگەشكۈچىلىرى يەنە: «ئى رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ [61].

  62. (38-سۈرە ساد، 62-ئايەت)
    وَقَالُوا مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُمْ مِنَ الْأَشْرَارِ
    ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟

    باشلامچىلىرى ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامان دەپ قارايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) دوزاختا كۆرمەيمىزغۇ؟ [62]

  63. (38-سۈرە ساد، 63-ئايەت)
    أَتَّخَذْنَاهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ الْأَبْصَارُ
    ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)»

    ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) خاتا مەسخىرە قىلىپ قالدۇقمۇ ياكى ئۇلاردىن كۆزلىرىمىز ئېغىپ كەتتىمۇ؟ [63].

  64. (38-سۈرە ساد، 64-ئايەت)
    إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ النَّارِ
    ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر

    ئەھلى دوزاخنىڭ ئۆزئارا مۇشۇنداق دەتالاش قىلىشى مۇقەررەردۇر [64].

  65. (38-سۈرە ساد، 65-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنْذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

    (ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر [65].

  66. (38-سۈرە ساد، 66-ئايەت)
    رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
    (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»

    ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» [66].

  67. (38-سۈرە ساد، 67-ئايەت)
    قُلْ هُوَ نَبَأٌ عَظِيمٌ
    (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر

    (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ قۇرئان بۈيۈك بىر خەۋەردۇر [67].

  68. (38-سۈرە ساد، 68-ئايەت)
    أَنْتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ
    سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر

    سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر [68].

  69. (38-سۈرە ساد، 69-ئايەت)
    مَا كَانَ لِيَ مِنْ عِلْمٍ بِالْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم

    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم [69].

  70. (38-سۈرە ساد، 70-ئايەت)
    إِنْ يُوحَىٰ إِلَيَّ إِلَّا أَنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم

    پەقەت مەن روشەن چۈشەندۈرىدىغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، ماڭا ۋەھيى بېرىلىدۇ» [70].

  71. (38-سۈرە ساد، 71-ئايەت)
    إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ طِينٍ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن [71].

  72. (38-سۈرە ساد، 72-ئايەت)
    فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
    ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»

    ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېۋىدى، پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى سەجدە قىلدى [72-73].

  73. (38-سۈرە ساد، 73-ئايەت)
    فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
    پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى

    ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېۋىدى، پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى سەجدە قىلدى [72-73].

  74. (38-سۈرە ساد، 74-ئايەت)
    إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
    پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى

    پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلمىدى، ئۇ بويۇنتاۋلىق قىلىپ كافىر بولۇپ كەتتى [74].

  75. (38-سۈرە ساد، 75-ئايەت)
    قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟» [75].

  76. (38-سۈرە ساد، 76-ئايەت)
    قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى

    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى [76].

  77. (38-سۈرە ساد، 77-ئايەت)
    قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى

    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم يېغىپ تۇرسۇن» دېدى [77ـ78].

  78. (38-سۈرە ساد، 78-ئايەت)
    وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى

    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم يېغىپ تۇرسۇن» دېدى [77ـ78].

  79. (38-سۈرە ساد، 79-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گۈچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى

    ئىبلىس: «ئى رەببىم! ماڭا خالايىق تىرىلدۈرۈلىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە مۆھلەت بەرسەڭ» دېدى [79].

  80. (38-سۈرە ساد، 80-ئايەت)
    قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى

    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە (قىيامەتكىچە) مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى [80ـ81].

    .
  81. (38-سۈرە ساد، 81-ئايەت)
    إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ
    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى

    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە (قىيامەتكىچە) مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى [80ـ81].

  82. (38-سۈرە ساد، 82-ئايەت)
    قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
    ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن

    ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن [82].

    !
  83. (38-سۈرە ساد، 83-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ
    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»

    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىڭنىلا ئازدۇرالمايمەن» [83].

  84. (38-سۈرە ساد، 84-ئايەت)
    قَالَ فَالْحَقُّ وَالْحَقَّ أَقُولُ
    ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن

    ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن [84].

  85. (38-سۈرە ساد، 85-ئايەت)
    لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكَ وَمِمَّنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ
    سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»

    (ئى ئىبلىس) سەن بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن» [85].

  86. (38-سۈرە ساد، 86-ئايەت)
    قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ
    ئېيتقىنكى، «(ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن قىلچە ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (گەپ ياساپ) جاپا تارتقۇچىلاردىن بولمايمەن [86].

  87. (38-سۈرە ساد، 87-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر [87].

  88. (38-سۈرە ساد، 88-ئايەت)
    وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ
    بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»

    ئۇنىڭ خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى بىر مەزگىلدىن كېيىن چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر» [