مۈلك سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 30 ئايەت
مەنىسى: ئىگىدارچىلىق. ئاتىلىش سەۋەبى: پۈتۈن ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بىلەن باشلانغان
  1. (67-سۈرە مۈلك، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    (پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [1].

  2. (67-سۈرە مۈلك، 2-ئايەت)
    الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ
    سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھقالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

    ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [2].

  3. (67-سۈرە مۈلك، 3-ئايەت)
    الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
    ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟

    ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدىن ھېچقانداق ئېۋەن تاپالمايسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر نوقساننى كۆرەمسەنكىن [3].

  4. (67-سۈرە مۈلك، 4-ئايەت)
    ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنْقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ
    ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ

    ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ [4].

  5. (67-سۈرە مۈلك، 5-ئايەت)
    وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ
    (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق

    ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق ۋە يۇلتۇزلارنى يەنە (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارغا ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق، شەيتانلارغا يەنە دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق [5].

  6. (67-سۈرە مۈلك، 6-ئايەت)
    وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

    پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغان كافىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! [6]

  7. (67-سۈرە مۈلك، 7-ئايەت)
    إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ
    ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ

    ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ [7].

  8. (67-سۈرە مۈلك، 8-ئايەت)
    تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ
    دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ

    دوزاخ غەزەپتىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ [8].

  9. (67-سۈرە مۈلك، 9-ئايەت)
    قَالُوا بَلَىٰ قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ
    ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھىيدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا- دېدۇق» دەيدۇ

    ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز ئۇنى يالغانچى دېگەن ھەمدە بىز:‹ئاللاھ سىلەرگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىغان، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا تۇرۇۋاتىسىلەر›دېگەن ئىدۇق» دەيدۇ [9].

  10. (67-سۈرە مۈلك، 10-ئايەت)
    وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ
    ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ

    ئۇلار يەنە:«ئەگەر بىز پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىكەنمىز» دەيدۇ [10].

  11. (67-سۈرە مۈلك، 11-ئايەت)
    فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ فَسُحْقًا لِأَصْحَابِ السَّعِيرِ
    ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن! [11]

  12. (67-سۈرە مۈلك، 12-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
    پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ

    پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورققانلار ھەقىقەتەن مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ [12].

  13. (67-سۈرە مۈلك، 13-ئايەت)
    وَأَسِرُّوا قَوْلَكُمْ أَوِ اجْهَرُوا بِهِ ۖ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    سىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار (ئاللاھ ھامان ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

    سىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنىمۇ بىلگۈچىدۇر [13].

  14. (67-سۈرە مۈلك، 14-ئايەت)
    أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
    (مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر

    مەخلۇقاتنى ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر [14].

  15. (67-سۈرە مۈلك، 15-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ ۖ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ
    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

    ئاللاھ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەردى، ئەمدى سىلەر زېمىننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھ بېرىدىغان رىزىقتىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر [15].

  16. (67-سۈرە مۈلك، 16-ئايەت)
    أَأَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
    ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟

    (ئى كافىرلار!) سىلەر (ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان)، ئاسماندىكى (ھۆكۈمرانلىقنى ھەم يۈرگۈزىدىغان) زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ [16]

  17. (67-سۈرە مۈلك، 17-ئايەت)
    أَمْ أَمِنْتُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ أَنْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
    ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر

    ياكى (ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان) ئاسماندىكى (ھۆكۈمرانلىقنى ھەم يۈرگۈزىدىغان) زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ سىلەر يېقىندا مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر [17].

  18. (67-سۈرە مۈلك، 18-ئايەت)
    وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى. (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟

    شۈبھسىزكى، ئۇ مەككە مۇشرىكلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانچى دېگەن ئىدى، مېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىم قانداق بولدى؟ [18]

  19. (67-سۈرە مۈلك، 19-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
    ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى(يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت مېھرىبان ئاللاھلا تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [19].

  20. (67-سۈرە مۈلك، 20-ئايەت)
    أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ جُنْدٌ لَكُمْ يَنْصُرُكُمْ مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ
    سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ؟ كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)

    سىلەرگە مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا يەنە كىم ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ، كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر [20].

  21. (67-سۈرە مۈلك، 21-ئايەت)
    أَمَّنْ هَٰذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ ۚ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ
    ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر

    ئەگەر ئاللاھ بېرىۋاتقان رىزقىنى توختۇتۇپ قويسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار (بۇلارنى ئويلىماقتا يوق) ئەكسىچە تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەندۇر [21].

  22. (67-سۈرە مۈلك، 22-ئايەت)
    أَفَمَنْ يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّنْ يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟

    يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ؟ [22]

  23. (67-سۈرە مۈلك، 23-ئايەت)
    قُلْ هُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۖ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش، كۆرۈش، ۋە تەپەككۇر قىلىش ئەزالىرىنى ياراتتى، سىلەر بولساڭلار ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلسىلەر» [23].

  24. (67-سۈرە مۈلك، 24-ئايەت)
    قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن)ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر» [24].

  25. (67-سۈرە مۈلك، 25-ئايەت)
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ

    ئۇلار: «ئەگەر سۆزۈڭلار راستچىل بولسا، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ [25].

  26. (67-سۈرە مۈلك، 26-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن [26].

  27. (67-سۈرە مۈلك، 27-ئايەت)
    فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَدَّعُونَ
    ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ

    كافىرلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ [27].

  28. (67-سۈرە مۈلك، 28-ئايەت)
    قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِيَ اللَّهُ وَمَنْ مَعِيَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَنْ يُجِيرُ الْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
    (ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»

    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغانلارنى مەيلى ھالاك قىلسۇن ياكى (ھالاك قىلماي) بىزگە رەھىم قىلسۇن (بۇ ئاللاھنىڭ ئىختىياردىكى ئىش)، سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، سىلەردەك كافىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟» [28

  29. (67-سۈرە مۈلك، 29-ئايەت)
    قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھتۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، «ئۇ ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر» [29].

  30. (67-سۈرە مۈلك، 30-ئايەت)
    قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
    (ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن

    ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى، «سۈيىڭلار سىڭىپ كەتسە، دەپ بېقىڭلارچۇ سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» [30].