زۇمەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 75 ئايەت
مەنىسى: جامائە. ئاتىلىش سەۋەبى: مۆئمىنلەر جامائەسى ۋە كۇففارلار جامائەسى سېلىشتۇرۇلغان
  1. (39-سۈرە زۇمەر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
    بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    بۇ كىتاب ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [1].

  2. (39-سۈرە زۇمەر، 2-ئايەت)
    إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
    ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغانىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن

    (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق، شۇڭا سەن دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلغىن [2].

  3. (39-سۈرە زۇمەر، 3-ئايەت)
    أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ
    بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    بىلىڭلاركى، ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، كۇفردا ھەددىدىن ئاشقۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ [3].

  4. (39-سۈرە زۇمەر، 4-ئايەت)
    لَوْ أَرَادَ اللَّهُ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا لَاصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر.(ئىزاھات:يەنى تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىدىن ئەركەك ـ چىشى بولۇپ جەمئى سەككىز.)

    ئەگەر ئاللاھ بالىسى بولۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغىنىنى ئاللاھ تاللىۋالاتتى. ئاللاھ (بالىسى بولۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ ئاسىيلارغا غەزەپ قىلغۇچى بىر ئاللاھتۇر [4].

  5. (39-سۈرە زۇمەر، 5-ئايەت)
    خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [5].

  6. (39-سۈرە زۇمەر، 6-ئايەت)
    خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر

    ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتى (ھەۋۋا) نى ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن ئەركەك-چىشى بولۇپ سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھى، بالىياتقۇ ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ [6].

  7. (39-سۈرە زۇمەر، 7-ئايەت)
    إِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنْكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ ۖ وَإِنْ تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر

    ئەگەر سىلەر كافىر بولساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۇفرلىق قىلىشىغا رازى بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ. بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىركىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر [7].

  8. (39-سۈرە زۇمەر، 8-ئايەت)
    وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِنْ قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَنْدَادًا لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن

    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ئۇ پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئىلگىرى ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرلىقىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ دۇنيادىن) ئازغىنا ۋاقىت بەھرىمەن بولۇۋالغىن، سەن چوقۇم دوزاخ ئەھلىدىندۇرسەن [8].

  9. (39-سۈرە زۇمەر، 9-ئايەت)
    أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»

    (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەتتىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ بۇنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ» [9].

  10. (39-سۈرە زۇمەر، 10-ئايەت)
    قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
    ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»

    ئېيتقىنكى، «ئى ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» [10].

  11. (39-سۈرە زۇمەر، 11-ئايەت)
    قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
    ئېيتقىنكى، «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن دىننى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم [11].

  12. (39-سۈرە زۇمەر، 12-ئايەت)
    وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ
    ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»

    ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) تۇنجى مۇسۇلمان بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» [12].

  13. (39-سۈرە زۇمەر، 13-ئايەت)
    قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)»

    ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن [13].

  14. (39-سۈرە زۇمەر، 14-ئايەت)
    قُلِ اللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَهُ دِينِي
    ئېيتقىنكى، «دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن

    ئېيتقىنكى، «مەن دىنىمنى ئاللاھقا خاس قىلىپ ئىبادەت قىلىمەن [14].

  15. (39-سۈرە زۇمەر، 15-ئايەت)
    فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُمْ مِنْ دُونِهِ ۗ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
    سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر

    سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر [15].

  16. (39-سۈرە زۇمەر، 16-ئايەت)
    لَهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِنَ النَّارِ وَمِنْ تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ ۚ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ
    ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار

    ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ ئازاب بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ ئازابىمدىن قورقۇڭلار [16].

  17. (39-سۈرە زۇمەر، 17-ئايەت)
    وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَنْ يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
    تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر

    شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغان، ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشىلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر [17 ـ 18].

  18. (39-سۈرە زۇمەر، 18-ئايەت)
    الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
    تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر

    شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغان، ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشىلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇ سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر [17 ـ 18].

  19. (39-سۈرە زۇمەر، 19-ئايەت)
    أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنْتَ تُنْقِذُ مَنْ فِي النَّارِ
    كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟

    بىر كىم ئۈستىدە ئازابلاش ھۆكمى چۈشسە (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئۇ ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟ [19].

  20. (39-سۈرە زۇمەر، 20-ئايەت)
    لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِنْ فَوْقِهَا غُرَفٌ مَبْنِيَّةٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ
    لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ

    لېكىن، (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ [20].

  21. (39-سۈرە زۇمەر، 21-ئايەت)
    أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار

    سەن كۆرمىدىڭمۇ، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ. ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇلاردا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھېكمەت بار [21].

  22. (39-سۈرە زۇمەر، 22-ئايەت)
    أَفَمَنْ شَرَحَ اللَّهُ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ فَوَيْلٌ لِلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر

    ئاللاھ كۆڭلى-كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى (يەنى ھىدايىتى) ئىچىدە بولغان ئادەم (دىلى قېتىپ كەتكەن ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر [22].

  23. (39-سۈرە زۇمەر، 23-ئايەت)
    اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

    ئاللاھ ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، (بەزى مەزمۇنلىرى) تەكرارلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل سۆز- قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇ تىلاۋەت قىلىنغاندا، پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى ئارام تاپىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ قۇرئان بىلەن خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ [23].

  24. (39-سۈرە زۇمەر، 24-ئايەت)
    أَفَمَنْ يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
    قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)

    قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا يۈزىچە تاشلىنىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟). كافىرلارغا: «قىلغان گۇناھلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ [24].

  25. (39-سۈرە زۇمەر، 25-ئايەت)
    كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى [25].

  26. (39-سۈرە زۇمەر، 26-ئايەت)
    فَأَذَاقَهُمُ اللَّهُ الْخِزْيَ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى)

    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنى تېتىتتى، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئېغىردۇر [26].

  27. (39-سۈرە زۇمەر، 27-ئايەت)
    وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق [27].

  28. (39-سۈرە زۇمەر، 28-ئايەت)
    قُرْآنًا عَرَبِيًّا غَيْرَ ذِي عِوَجٍ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
    قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىدۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي

    ئۇلارنى تەقۋادار بولسۇن دەپ قۇرئاننى ھەرقانداق خاتالىقتىن خالىي قىلىپ، ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق [28].

  29. (39-سۈرە زۇمەر، 29-ئايەت)
    ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ

    ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر-بىرى بىلەن (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن غوجايىنلار ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قۇل بىلەن بىرلا غوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەنە بىر قۇلنىڭ ھالى ئوخشاشمۇ؟ بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! لېكىن، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ [29].

  30. (39-سۈرە زۇمەر، 30-ئايەت)
    إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُمْ مَيِّتُونَ
    سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن ۋاپات بولىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ [30].

  31. (39-سۈرە زۇمەر، 31-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عِنْدَ رَبِّكُمْ تَخْتَصِمُونَ
    ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر

    ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىسىلەر [31].

  32. (39-سۈرە زۇمەر، 32-ئايەت)
    فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَبَ عَلَى اللَّهِ وَكَذَّبَ بِالصِّدْقِ إِذْ جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ
    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان، نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ گۇناھكار ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟ [32].

  33. (39-سۈرە زۇمەر، 33-ئايەت)
    وَالَّذِي جَاءَ بِالصِّدْقِ وَصَدَّقَ بِهِ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
    راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر ـ ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر

    قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر ـ ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر [33].

  34. (39-سۈرە زۇمەر، 34-ئايەت)
    لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر

    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزى خالىغان نازۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ بۇرۇن قىلىپ قويغان يامان ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ يوققا چىقىرىشىنى، بۇرۇن بەجا كەلتۈرگەن ياخشى ئىشلىرىغا ساۋاب بېرىشىنى كۆزلەپ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر [34-35].

  35. (39-سۈرە زۇمەر، 35-ئايەت)
    لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ

    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزى خالىغان نازۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ بۇرۇن قىلىپ قويغان يامان ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ يوققا چىقىرىشىنى، بۇرۇن بەجا كەلتۈرگەن ياخشى ئىشلىرىغا ساۋاب بېرىشىنى كۆزلەپ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر [34-35].

  36. (39-سۈرە زۇمەر، 36-ئايەت)
    أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِنْ دُونِهِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

    ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ. ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان ئادەمنى ھېچبىر ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ [36].

  37. (39-سۈرە زۇمەر، 37-ئايەت)
    وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِي انْتِقَامٍ
    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھقالىب، (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچبىر ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ غالىب، يامان ئىش قىلغانلارنى جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟ [37].

  38. (39-سۈرە زۇمەر، 38-ئايەت)
    وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
    ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)»

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشكە ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھنى قويۇپ سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن» [38].

  39. (39-سۈرە زۇمەر، 39-ئايەت)
    قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىڭلار، مەنمۇ ئۆز يولۇم بويىچە ئىش قىلاي. سىلەر رەسۋا قىلىدىغان ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر» [39ـ40].

  40. (39-سۈرە زۇمەر، 40-ئايەت)
    مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ئىش قىلىڭلار، مەنمۇ ئۆز يولۇم بويىچە ئىش قىلاي. سىلەر رەسۋا قىلىدىغان ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر» [39ـ40].

  41. (39-سۈرە زۇمەر، 41-ئايەت)
    إِنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)

    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدۇق. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۆزىگىلا بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن [41].

  42. (39-سۈرە زۇمەر، 42-ئايەت)
    اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا ۖ فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَىٰ عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَىٰ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنىمۇ ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

    ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئەجىلى توشمىغانلارنىڭ جېنىنى ئۇخلىغان چاغدا (يېرىم) ئېلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلاردىن (ئۇخلاۋاتقاندا) ئەجىلى توشقانلارنىڭ جېنىنى (داۋاملىق) تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جېنىنى ئەجىلى توشقۇچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار [42].

  43. (39-سۈرە زۇمەر، 43-ئايەت)
    أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ
    (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى ئاللاھنى قويۇپ، شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغانلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟)

    مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقىلارنى شاپائەتچى قىلىۋالدىمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ئاتالمىش شاپائەتچىلەر ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋە ھېچ نەرسىنى سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ، يەنە ئۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامسىلەر؟ [43].

  44. (39-سۈرە زۇمەر، 44-ئايەت)
    قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»

    شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن (بىلىڭلاركى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» [44].

  45. (39-سۈرە زۇمەر، 45-ئايەت)
    وَإِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَحْدَهُ اشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
    يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ

    ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىچى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنغاندا بولسا، ئۇلار يايراپ كېتىدۇ [45].

  46. (39-سۈرە زۇمەر، 46-ئايەت)
    قُلِ اللَّهُمَّ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ أَنْتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن»

    ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن» [46].

  47. (39-سۈرە زۇمەر، 47-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِنْ سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
    ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ

    ئەگەر يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان مۇشرىكلارنىڭ بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە فىديە قىلىپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرى (دۇنيادا) ئويلاپمۇ باقمىغان ئازابلارنى ئاشكارا قىلىدۇ [47].

  48. (39-سۈرە زۇمەر، 48-ئايەت)
    وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ

    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارغا دۇنيادا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب چۈشىدۇ [48].

  49. (39-سۈرە زۇمەر، 49-ئايەت)
    فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

    ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ [49].

  50. (39-سۈرە زۇمەر، 50-ئايەت)
    قَدْ قَالَهَا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى

    بۇنداق گەپنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى [50].

  51. (39-سۈرە زۇمەر، 51-ئايەت)
    فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا ۚ وَالَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ هَٰؤُلَاءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
    ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ

    ئۇلار دۇنيادا قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يامان ئىش قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ [51].

  52. (39-سۈرە زۇمەر، 52-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

    ئۇلار شۇنى بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭكىنى تار قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار [52].

  53. (39-سۈرە زۇمەر، 53-ئايەت)
    قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ سۆزۈم سۈپىتىدە) ئېيتقىنكى، «ئى ئۆزىگە گۇناھلارنى ھەددىدىن ئارتۇق يۈكلىۋالغان بەندىلىرىم! سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە گۇناھنى (تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [53].

  54. (39-سۈرە زۇمەر، 54-ئايەت)
    وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ
    سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار

    سىلەرگە ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار [54].

  55. (39-سۈرە زۇمەر، 55-ئايەت)
    وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
    سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»

    سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى، بىرەر ئادەمنىڭ <ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىپتىكەنمەن> دەيدىغان كۈنگە قېلىشىدىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل سۆز قۇرئانغا ئەگىشىڭلار ]55-56].

  56. (39-سۈرە زۇمەر، 56-ئايەت)
    أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
    ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن

    سىلەر غەپلەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى، بىرەر ئادەمنىڭ <ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىپتىكەنمەن> دەيدىغان كۈنگە قېلىشىدىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل سۆز قۇرئانغا ئەگىشىڭلار ]55-56].

  57. (39-سۈرە زۇمەر، 57-ئايەت)
    أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
    ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن

    ياكى <ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولغان بولاتتىم> دەيدىغان، ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: <كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا (مۇمكىن) بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا) ياخشىلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان كۈنگە قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل سۆزگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار [57-58].

  58. (39-سۈرە زۇمەر، 58-ئايەت)
    أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى الْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِي كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)

    ياكى <ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولغان بولاتتىم> دەيدىغان، ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: <كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا (مۇمكىن) بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا) ياخشىلاردىن بولغان بولاتتىم» دەيدىغان كۈنگە قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل سۆزگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار [57-58].

  59. (39-سۈرە زۇمەر، 59-ئايەت)
    بَلَىٰ قَدْ جَاءَتْكَ آيَاتِي فَكَذَّبْتَ بِهَا وَاسْتَكْبَرْتَ وَكُنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
    دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ

    (ئۇ ئادەمگە) «سېنىڭ گېپىڭ توغرا ئەمەس. ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلگەن ئىدى، سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلىپ كافىر بولغان ئىدىڭ» (دېيىلىدۇ) [59].

  60. (39-سۈرە زۇمەر، 60-ئايەت)
    وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُمْ مُسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْمُتَكَبِّرِينَ
    قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟

    سەن ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. جەھەننەمدە مۇتەككەببىرلەرگە ئورۇن يوقمىكەن؟ [60]

  61. (39-سۈرە زۇمەر، 61-ئايەت)
    وَيُنَجِّي اللَّهُ الَّذِينَ اتَّقَوْا بِمَفَازَتِهِمْ لَا يَمَسُّهُمُ السُّوءُ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
    ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ

    ئاللاھ تەقۋادارلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ [61].

  62. (39-سۈرە زۇمەر، 62-ئايەت)
    اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
    ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)

    ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر [62].

  63. (39-سۈرە زۇمەر، 63-ئايەت)
    لَهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار – ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر [63].

  64. (39-سۈرە زۇمەر، 64-ئايەت)
    قُلْ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَأْمُرُونِّي أَعْبُدُ أَيُّهَا الْجَاهِلُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟»

    (ئى مۇھەممەد!) «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟» دېگىن [64].

  65. (39-سۈرە زۇمەر، 65-ئايەت)
    وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى

    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى [65 ـ 66].

  66. (39-سۈرە زۇمەر، 66-ئايەت)
    بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى

    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى [65 ـ 66].

  67. (39-سۈرە زۇمەر، 67-ئايەت)
    وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر

    مۇشرىكلار ئاللاھنى ئاللاھقا مۇناسىپ سۈپەت بىلەن تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە قاتلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر [67].

  68. (39-سۈرە زۇمەر، 68-ئايەت)
    وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَصَعِقَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَىٰ فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنْظُرُونَ
    سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ

    سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغان ھامان ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقىنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ [68].

  69. (39-سۈرە زۇمەر، 69-ئايەت)
    وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ

    مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ كېتىدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ [69].

  70. (39-سۈرە زۇمەر، 70-ئايەت)
    وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ
    ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ

    ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ [70].

  71. (39-سۈرە زۇمەر، 71-ئايەت)
    وَسِيقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِ رَبِّكُمْ وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ الْعَذَابِ عَلَى الْكَافِرِينَ
    كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ

    كافىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر چىقمىغانمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «چىققان، لېكىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ دېگەن ھۆكۈم بىزدەك كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ [71].

  72. (39-سۈرە زۇمەر، 72-ئايەت)
    قِيلَ ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
    (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ

    (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ [72].

  73. (39-سۈرە زۇمەر، 73-ئايەت)
    وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ
    پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ

    پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە سالام! خۇش كەپسىلەر، سىلەر جەننەتكە مەڭگۈ تۇرۇش ئۈچۈن كىرىڭلار» دەيدۇ [73].

  74. (39-سۈرە زۇمەر، 74-ئايەت)
    وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي صَدَقَنَا وَعْدَهُ وَأَوْرَثَنَا الْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ الْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَاءُ ۖ فَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
    ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!»

    ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ) ئېيتىدۇ: «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. بىز ئەمدى جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى نېمىدېگەن ياخشى!» [74].

  75. (39-سۈرە زۇمەر، 75-ئايەت)
    وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن (قىيامەت كۈنى) پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ (يەنى بەندىلەرنىڭ) ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، «بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ [75].