فۇرقان سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 77 ئايەتمەنىسى: ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي نَزَّلَ الْفُرْقَانَ عَلَىٰ عَبْدِهِ لِيَكُونَ لِلْعَالَمِينَ نَذِيرًا
پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسى- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-غا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھ نېمە دېگەن ئۇلۇغدۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى
بەندىسىنىڭ ئالەملەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا فۇرقاننى نازىل قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز! — ئەنەس ئالىم
بەندىسىنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە جىنلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى، راست بىلەن يالغاننى ۋە چىرايلىق بىلەن سەتنى ئايرىپ بېرىدىغان قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، نېمەتلىرى سان - ساناقسىزدۇر. «بەندە» - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە قۇرئان كەرىمنى بەندىسىگە نازىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرقانچە ئايەتتە بولسا ئۇ بەندىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. «ئاللاھ ئۇلۇغدۇر» - ئاللاھ تائالا زاتى، ئىسىم - سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا يەككە - يېگانىدۇر، چۈنكى ئاللاھتىن باشقا ھەر نەرسە بار بولۇشتا ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر ، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغۇچىدۇر. «نېمەتلىرى سان - ساناقسىزدۇر» - ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلەر ھېسابسىز ۋە سان - ساناقسىز بولۇپ ئۇ نېمەتلەر ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە جىنلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمىتى بولسا، بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەلچىسى قىلىپ قۇرئان كەرىم بىلەن ئەۋەتىشىدۇر. بۇ ئايەتتە بۇ ئەڭ بۈيۈك نېمىتى ئەسلىتىلمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىگەن زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يوقتىن يارىتىپ ئۆز ئىلكىدە تۇتقان، بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، ھاكىمىيىتىدە شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىگەن زاتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىگە بەش دانە دەلىل كەلتۈرگەن بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) كائىناتنىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش، 2) بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈن بولۇش، 3) ھاكىمىيىتىدە شېرىكى بولماسلىق. 4) ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇش، 5) ياراتقان ھەر نەرسىسىنى ئۆلچەم بىلەن يارىتىش، ئۇنىڭغا ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى بەلگىلەش . ئاللاھ تائالا بۇ دەلىللەرنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەر نەرسىنى ياراتقانلىقىنى ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى. بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ھاكىمىيىتىدە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى، كائىناتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىكەنلىكىنى، مۇشرىكلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ ھەر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا ياشاش يولىنى بەلگىلەپ ئۇنى شۇ يولغا باشلىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر نەرسىنى ئۆلچەملىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَاةً وَلَا نُشُورًا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق تۇرۇغلۇق مۇشرىكلار ئاللاھ نى قويۇپ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار قىلىۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆلتۈرۈش، ھاياتلىق بېرىش ياكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچىگە ئېگە ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەمەلىيەت ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغان، ئۆلتۈرۈشكە، ياشىتىشقا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىنى ۋە ئۇلاردىكى ھەر نەرسىنى ياراتقان، ياراتقان نەرسىلىرىنى نېمەتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان يەككە - يېگانە ئىلاھ تۇرۇقلۇق، مۇشرىكلار ئەنە شۇ ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغان، ھېچبىر جانلىقنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيدىغان، ھېچبىر جانسىزغا جان بېرىپ ئۇنى ياشىتالمايدىغان، ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىرالمايدىغان نەرسىلەرنى ئىلاھلىرى قىلىۋالدى. ئەسلىدە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە ۋە ھېچ كىم يوق، لېكىن مۇشرىكلار بەزى نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قىلىۋالدى. مەسىلەن: ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان بۇتلارنى «لات، مەنات، ئۇززا» دېگەن خىيالىي ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئۇلارغا چوقۇندى. بۇرۇنقى مۇشرىكلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇنداق خىيالىي ئىسىملار بىلەن ئاتايتتى ۋە چوقۇناتتى. دېمەككى، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر نەرسە ئەمەلىيەتتە ئىلاھ ئەمەس، لېكىن مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسە ۋە شەخسلەر ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئۇلار ئۈچۈن ئىلاھتۇر. ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنىڭ بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ھېچ نەرسە يارىتالماسلىق. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇش ئۈچۈن تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە بولۇش لازىم. بۇ قۇدرەتكە پەقەت ئاللاھلا ئىگىدۇر. 2) ئۆزلىرى يارىتىلغان بولۇش. بۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە يوق ئىكەنلىكىنى ۋە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇش ئۈچۈن ئەزەلدىن بار بولغان بولۇش لازىم. بۇ سۈپەت پەقەت ئاللاھتىلا بار. 3) ئۆزلىرىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالماسلىق. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارنى مۇكاپاتلاشقا، چوقۇنمىغانلارنى جازالاشقا قادىر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خالىغىنىغا پايدا، خالىغىنىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۆزىگە چوقۇنغانلارنى مۇكاپاتلاشقا ۋە چوقۇنمىغانلارنى جازالاشقا پەقەت ئاللاھلا قادىردۇر. 4 ~ 6) جانلىقنىڭ جېنىنى ئېلىشقا، جانسىزغا جان بېرىشكە ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولماسلىق. بۇ ئىشلارنى پەقەت ئاللاھلا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ (3 -) ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىنى (ئاللاھنى) قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىپ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: «مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر. ئۇلار ئۆلۈكتۇر، تىرىك ئەمەستۇر، قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ». «ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ نېمىدېگەن ئاجىز!». «ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرىدىغان تۈۋرۈكلەرسىز ياراتتى، زېمىندا سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار قويدى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى يارىتىپ تارقاتتى. بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. مانا بۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار، ئاللاھتىن باشقىسى نېمە ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر». «مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان شېرىكلىرىڭلارغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلار زېمىننىڭ قايسى پارچىسىنى ياراتتى ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشىدا شېرىكچىلىكى بارمۇ ۋە ياكى ئۇلارغا بىز كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىتابتىكى دەلىللەرگە ئاساسەن ئىش قىلامدۇ؟ ياق، ئۇ زالىملار بىر - بىرىنى پەقەتلا يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالدايدۇ». «ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىرەر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىرەر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار». ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مۇناسىۋەت ئالماشلىرىدىن بىرى بولغان «ما» بولۇپ، «ما» ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئەقىلسىزلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ «ما» بۇ ئايەتتە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن «خەلەقۇ» ۋە «لەھۇم»دىكى ئالماشلارنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مەنىسىدىن بىرى بولغان ئەقىللىقلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالماش ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇ «ما»نىڭ مەنىسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ «ما» نى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلماستىن «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟ ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر، ئوخشاشتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن! ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار». «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار ئاڭلىمايدۇ». ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ». «سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۆلۈك ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر». «ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەرگەن، ئاندىن سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىلالايدىغان كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا إِفْكٌ افْتَرَاهُ وَأَعَانَهُ عَلَيْهِ قَوْمٌ آخَرُونَ ۖ فَقَدْ جَاءُوا ظُلْمًا وَزُورًا
كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى — مۇھەممەد سالىھ
كاپىر بولغانلار: «بۇ -قۇرئان-، پەقەت ئۇ-مۇھەممەد- ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زۇلۇم ئىشلىدى ۋە يالغان چاپلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار: «بۇ قۇرئان مۇھەممەد توقۇپ چىققان ئويدۇرمىدۇر. بۇ ئىشتا باشقا بىر قەۋم ئۇنىڭغا ياردەم بەردى» دېيىشتى. ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىشتى ۋە يالغان ئېيتىشتى. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ: «مۇھەممەد قۇرئان دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلەر ئۆزى توقۇپ چىققان ئويدۇرمىدۇر. ئۇنىڭ ئۇ سۆزلەرنى توقۇپ چىقىشىغا باشقا بىر جامائە ياردەم بەردى» دېدى. ئۇ كافىرلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن ناھەق گەپ قىلدى، ھەقسىزلىق قىلدى ۋە يالغان ئېيتىشتى. چۈنكى بۇ قۇرئاننى بىرەر ئىنساننىڭ، ھەتتا بارلىق جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپمۇ مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار: «مۇھەممەدكە ئۆگەتتى» دېگەن كىشىلەرنىڭ تىلى ئەجەمچە، قۇرئاننىڭ تىلى بولسا روشەن ئەرەبچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ اكْتَتَبَهَا فَهِيَ تُمْلَىٰ عَلَيْهِ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىفزى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «-بۇ- ئۇ يازدۇرۇۋالغان بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر. مۇھەممەد ئۇلارنى يازدۇرۇۋالغان. ئۇ كۆچۈرمىلەر ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشام ئوقۇپ بېرىلمەكتىدۇر» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇھەممەدنىڭ قۇرئان دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلىرى بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى بولۇپ، مۇھەممەد ئۇلارنى باشقىلارغا كۆچۈرتگەن، كۆچۈرمىلەر ئۇنىڭغا باشقىلار تەرىپىدىن ئەتىگەن - ئاخشام ئوقۇپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئۇلارنى يادلاپ ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇغان». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَنْزَلَهُ الَّذِي يَعْلَمُ السِّرَّ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «بۇ قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى بىلىدىغان زات نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدىغان، ئۈنلۈك - مەخپىي پۈتكۈل ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە - ئىستىغپار قىلغان گۇناھكارلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر؛ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، ئەكسىچە مۆھلەت بېرىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر پۇرسەت بار چاغدا شېرىكتىن تەۋبە قىلىڭلار، گۇناھىڭلارغا كەچۈرۈم سوراڭلار، قۇرئانغا ئىشىنىڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ ۋە سىلەرگە مەرھەمەت قىلىدۇ». بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇشرىكلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە بايان قىلىنغان ھەر ئىككى دەۋاسىغا رەددىيە بولۇپ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى» دېگەن دەۋاسىدىمۇ، «قۇرئان بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن دەۋاسىدىمۇ يالغانچىدۇر، چۈنكى قۇرئاننى ئىلمى چەكسىز، مەغپىرىتى كۆپ ۋە رەھمىتى كەڭ بولغان ئاللاھ، پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەدكە نازىل قىلغان، شۇنداقلا مۇھەممەدنى قۇرئان بىلەن قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇ كىتاب نازىل بولغان كىشىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنى ئاللاھ كەچۈرىدۇ، ئۇلارغا ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا مَالِ هَٰذَا الرَّسُولِ يَأْكُلُ الطَّعَامَ وَيَمْشِي فِي الْأَسْوَاقِ ۙ لَوْلَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَلَكٌ فَيَكُونَ مَعَهُ نَذِيرًا
مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى: «بازارلاردا (بىز تاماق يېگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار ئېيتتى: «بازارلاردا تاماق يەيدىغان، مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇ قانداق ئەلچى، تاماق يەيدۇ، بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولمىدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار تەرسالىقتا ئەزۋەيلەپ مۇھەممەد ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەۋالغان بۇ ئادەم قانداق ئەلچى؟! باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش تاماق يەيدۇ، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ؟! ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغان بولسا، ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولمايتتى، ئەكسىچە ئۇ يېمەك - ئىچمەككە ۋە بازاردا ئايلىنىپ ئېلىم - سېتىم قىلىشقا موھتاج بولمايدىغان بىر پەرىشتە بولاتتى، ياكى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلاتتى؛ پەرىشتە ئۇنى قوللايتتى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلاتتى ۋە ئوخشاش نەرسىگە دەۋەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنەتتۇق. ئۇ پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ يُلْقَىٰ إِلَيْهِ كَنْزٌ أَوْ تَكُونُ لَهُ جَنَّةٌ يَأْكُلُ مِنْهَا ۚ وَقَالَ الظَّالِمُونَ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَسْحُورًا
يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى، يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟» زالىملار (يەنى كاپىرلار): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى، يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟» زالىملار: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرەر بېغى بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يېمىدى؟» بۇ زالىملار: «ئەگەر مۇھەممەدكە ئەگەشسەڭلار، سېھىرلەنگەن ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ياكى ئاللاھ تەرىپىدىن نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ، مېۋلىرىدىن يەيدىغان بىرەر بېغى بولمىدى؟». كۇفرىلىق ۋە تەرسالىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ كافىرلار ئىنسانلارنى مۇھەممەدكە ئىشىنىشتىن توسۇش ئۈچۈن: «ئەگەر مۇھەممەدكە ئەگەشسەڭلار، سېھىرلەنگەن ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دېدى. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلار ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ قارشى چىققان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا ئۆتىدىغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ باشقىلارنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن توسقان. شۇنداقلا جازالانغان. جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن بىرەر پەرىشتىنىڭ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ كافىرلار بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاجىز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەر خىل تەلەپلەرنى قويغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىگىمۇ جاۋاب بەرگەن. دەرۋەقە ئاللاھنىڭ، ئىنسانلارغا ئەۋەتىدىغان ئەلچىسى بولۇش ئۈچۈن پەرىشتە بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە ئىنسان بولۇش لازىم. شۇڭلاشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان ياكى قەۋمى تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسىتەلىشمۇ شەرت ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ بەرگەن مۆجىزىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلىشى كۇپايە قىلىدۇ. ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتقانلار مۆجىزە يوقلۇقىدىن ياكى كۆرسىتىلگەن مۆجىزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقىدىن ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەر كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنىڭ مۆجىزىلىكىنى كۆڭلىدە بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر ۋە يەنە باشقا مۆجىزىلەر كۆرسىتىلسىمۇ يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
انْظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا لَكَ الْأَمْثَالَ فَضَلُّوا فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئازدى، ئەمدى ئۇلار توغرا يول تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىغىنا، ئۇلار سېنى كىملەرگە ئوخشاتتى![1] ئۇلار ئازدى، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يول تاپالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ سەن ئۈچۈن ئوخشىتىشلارنى قانداق بايان قىلغانلىقىغا، ئېزىپ كەتكەنلىكىگە، شۇنداقلا يول تاپالمايۋاتقانلىقىغا قارىغىن، ئەجەبلەنگىن. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە «سېھىرگەر»، «سېھىرلەنگەن ئادەم»، «ئەقلىدىن ئازغان ئادەم»، «شائىر»، «يالغانچى» دېگەن ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. ئۇلار بۇ سۆزلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەنە شۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاتقان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بىرقانچە ئايەتتە رەددىيە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَبَارَكَ الَّذِي إِنْ شَاءَ جَعَلَ لَكَ خَيْرًا مِنْ ذَٰلِكَ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَيَجْعَلْ لَكَ قُصُورًا
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ نېمە دېگەن بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن[2] ياخشىسىنى - ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى - قىلىپ بېرىدىغان ۋە ساڭا سارايلارنى قىلىپ بېرىدىغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، شەنى شۇنداق ئۇلۇغ ۋە بەرىكىتى شۇنداق چەكسىز زاتكى، ئەگەر خالىسا ساڭا ئۇلار تەلەپ قىلغان خەزىنە ۋە باغدىن ياخشىسىنى بېرەتتى، يەنى ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى ساڭا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان كۆركەم باغلارنى ۋە ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئاتا قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ بۇلارنى ساڭا بۇ دۇنيادا بېرىشنى خالىمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيا راھەت - پاراغەت كۆرۈش يۇرتى ئەمەس، ئەكسىچە ئىشلەش يۇرتى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتتا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش مەيدانىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ كَذَّبُوا بِالسَّاعَةِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لِمَنْ كَذَّبَ بِالسَّاعَةِ سَعِيرًا
ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنى يالغانغا چىقاردى، قىيامەتنى يالغانغا چىقارغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئەسلىدە قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ. بىز قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا يالقۇنلۇق ئوت تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارنىڭ ساڭا ئىشەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبى، سېنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولۇشىڭ ياكى ئاللاھنىڭ ساڭا پەرىشتە چۈشۈرمەسلىكى ياكى خەزىنە بەرمەسلىكى ۋە ياكى سېنىڭ بېغىڭ بولماسلىقى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشىنى ئىنكار قىلىشىدۇر. ئۇلار ئەگەر قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىپ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىشىگە ئىشەنگەن بولسا ئىدى، ئۇ كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ساڭا ئىمان كەلتۈرگەن بولاتتى. بىز قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا يالقۇنلىنىپ كۆيۈۋاتقان ناھايىتى ھارارەتلىك ئوت تەييارلىدۇق. دەرۋەقە مۇشرىكلار قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى، خۇسۇسەن ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلاتتى. ناۋادا قايىم بولغان ۋە ئۆزلىرى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن تەقدىردە يەنە مۇشۇ دۇنيادىكى پاراۋانلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى باياشات تۇرمۇشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئامەتلىك، تەلەيلىك ۋە بەختلىك ئادەملەر ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا بۇ ھالىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا دەلىل قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ھالىمىز قانداق بولار دېگەن ئەندىشىسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى ئۇلارنى تەكەببۇرلۇق قىلىشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۇلارنىڭ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى ئىنكار قىلىشنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەجەبلەنسەڭ، ئۇلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنەرلىكتۇر. ئەنە شۇلار رەببىگە كافىر بولغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر». «ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بىزگە سېلىنغان بۇ تەھدىت بۇرۇن ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ سېلىنغان ئىدى. بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر!›». «ئۇ بىزگە مىسال بايان قىلدى، ئۆزىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇدى ۋە: ‹چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟› دېدى». «شۈبھىسىزكى، بۇ مۇشرىكلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىزنىڭ بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق. بىز قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز. ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىڭلار›». «بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق؟ بۇ ئېھتىمالدىن يىراق قايتىشتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذَا رَأَتْهُمْ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ سَمِعُوا لَهَا تَغَيُّظًا وَزَفِيرًا
دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە ھاڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئوت ئۇلارغا يىراق يەردىن كۆرۈنگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ قاينىغان ۋە گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەتنى ئىنكار قىلغان ئۇ كافىرلار مەھشەردە تۇرۇۋاتقان چاغدا، يالقۇنلىنىپ كۆيۈۋاتقان ھارارەتلىك ئوت - دوزاخ كەلتۈرۈلىدۇ. دوزاخ ئۇ كافىرلارنى يىراقتىن كۆرۈپ غەزەپ بىلەن ئۇلارغا خىرقىرايدۇ ۋە دەھشەت بىلەن ئۇلارغا ھۆركىرەيدۇ. قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھقا دوزاخ كەلتۈرۈلۈپ ئازغۇنلار تۇرغان تەرەپكە يېقىن جايدا توختىتىلىدۇ. دوزاخ ئەسلىدە ئازغۇنلار ئۈچۈن كەلتۈرۈلسىمۇ ئۇنى مەھشەرگاھتىكى ھەممەيلەن كۆرىدۇ. كافىر ئىنسان ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەسلىك بىلەن خاتالاشقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. لېكىن بۇ ئەسلەشنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت خاتالىقنى تۈزىتىدىغان ئالەم ئەمەس، خاتالىقنىڭ جازاسىنى چېكىدىغان ئالەمدۇر. ئەسكەرتىش: دوزاخ مەھشەرگاھتا كافىرلارنى كۆرۈپ ئەنە شۇنداق ئاچچىقلايدۇ ۋە گۈركىرەيدۇ، ئىچىگە كافىرلار تاشلانغاندا تېخىمۇ بەك ئاچچىقلايدۇ؛ كافىرلار دوزاخقا تاشلانغان چېغىدا ئۇنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ، دوزاخ ئۇ ئەسنادا ئاچچىقىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا أُلْقُوا مِنْهَا مَكَانًا ضَيِّقًا مُقَرَّنِينَ دَعَوْا هُنَالِكَ ثُبُورًا
ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار ئۆلۈمنى تىلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قوللىرى بويۇنلىرىغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چېغىدا، شۇ يەردە يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار مەھشەرگاھتا بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنغان، قوللىرى بويۇنلىرىغا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ھالەتتە، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىكى دەرىجىلىرىگە قارىتا دوزاخنىڭ تار بىر يېرىگە تاشلانغاندا، تاشلانغان يېرىدە تۇرۇپ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَدْعُوا الْيَوْمَ ثُبُورًا وَاحِدًا وَادْعُوا ثُبُورًا كَثِيرًا
(ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
-ئۇلارغا- بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار -دېيىلىدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «بۈگۈن بىر قېتىم يوق بولۇشنى تىلىمەڭلار، كۆپ قېتىم يوق بولۇشنى تىلەڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئەسنادا ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن: «ئى كافىرلار! بۈگۈن بىر قېتىم يوق بولۇشنى تىلىمەڭلار، ئەكسىچە كۆپ قېتىم يوق بولۇشنى تىلەڭلار، قانچە قېتىم يوق بولۇپ كېتىشنى تىلىسەڭلار تىلەڭلار، بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلالمايسىلەر!» دېيىلىدۇ. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى كافىرلار دوزاخقا تاشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار ۋە قول - پۇتلىرىغا كويزا - كىشەنلەر سېلىنىدۇ، ئۇلار زەنجىلەر بىلەن باغلىنىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدىمۇ ئەنە شۇنداق باغلانغان ھالەتتە ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَذَٰلِكَ خَيْرٌ أَمْ جَنَّةُ الْخُلْدِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۚ كَانَتْ لَهُمْ جَزَاءً وَمَصِيرًا
ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ يا تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، (كىرگەن كىشى) مەڭگۈ قالىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۇ -دوزاخ- ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «بۇ ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان دائىمىي جەننەتمۇ؟» جەننەت ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئاخىرقى ئورنى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(15-16) ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ ئاقىۋەتكە يولۇقۇش ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈ ياشاش يۇرتى بولغان جەننەتكە كىرىش ياخشىمۇ؟». جەننەت تەقۋادارلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئاخىرقى ئورنى بولىدۇ. ئۇلار جەننەتتە خالىغىنىغا ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، رەببىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋەدىدۇر. تەقۋادارلار - ئەقىدىسى توغرا، ئەمىلى تۈزۈك، ئەخلاقى گۈزەل ۋە مۇئامىلىسى دۇرۇس كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاخىرەتتە جەننەت ۋەدە قىلغان. ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىپ ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام، مىسلىسىز خۇشاللىق... قاتارلىقلار ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئالدىنقى (11 ~ 14 - ) ئايەتلەردە كافىرلار قىيامەت كۈنى دۇچار بولىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 15 - ئايەتتە كافىرلاردىن ئۇ ئاقىۋەت بىلەن تەقۋادارلارنىڭ ئەبەدى يۇرتى بولىدىغان جەننەتتىن قايسىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سوراش ئارقىلىق ئۇلارنى تەۋبە قىلىپ تەقۋادار بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ، 16 - ئايەتتە جەننەتتىكى نېمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى بايان قىلىپ ئۇ تەرغىبىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا يەردە ئىككى ئايەتتە، ئۆزى تەقۋدارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇ كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا پۇرسەت بار چاغدا تەقۋادارلارنىڭ سېپىگە قېتىلىپ ئۇ جەننەتكە لايىق بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: 1) «تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېمەكلىكلىرى ۋە سايىلىرى تۈگەپ قالمايدۇ. ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. كافىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا دوزاخ ئوتىدۇر». 2) «تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان ۋە قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلىپ قايناق سۇ ئۈچەيلىرىنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَهُمْ فِيهَا مَا يَشَاءُونَ خَالِدِينَ ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعْدًا مَسْئُولًا
ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭدىن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ رەببىڭدىن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جەننەتتە خالىغىنىغا ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ رەببىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋەدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَقُولُ أَأَنْتُمْ أَضْلَلْتُمْ عِبَادِي هَٰؤُلَاءِ أَمْ هُمْ ضَلُّوا السَّبِيلَ
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنى ۋە ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى يولدىن ئازدىمۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە، ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلارغا: «شۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىر كۈنى رەببىڭ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىيسا، ئۇزەير، پەرىشتىلەر ۋە باشقا ياخشى بەندىلەرگە ئوخشىغان مەبۇدلىرىنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگە يىغىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇ مەبۇدلىرىغا: «شۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇرۇپ ئۆزۈڭلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇدۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى توغرا يولدىن ئېزىپ سىلەرگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن چوقۇندىمۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا سُبْحَانَكَ مَا كَانَ يَنْبَغِي لَنَا أَنْ نَتَّخِذَ مِنْ دُونِكَ مِنْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِنْ مَتَّعْتَهُمْ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ نَسُوا الذِّكْرَ وَكَانُوا قَوْمًا بُورًا
(ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېيتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش بىزگە لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۈمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشىنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى پاك دەپ بىلىمىز. سېنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە چوقۇنۇش بىزگە لايىق ئەمەس. لېكىن سەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئۇ قەدەر كۆپ نېمەت ئاتا قىلدىڭكى، ھەممىسى ئاخىرى سېنىڭ كىتابىڭنى ئۇنتۇپ ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك قەۋم بولۇشتى». — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ ئۇ مەبۇدلىرى ئاللاھنىڭ بۇ سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «يارەب! سەن ئۇلۇغ ۋە پاكتۇرسەن. بىز سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇرمىز، بىزگە سەندىن غەيرىيگە چوقۇنۇش، سېغىنىش، تېۋىنىش ۋە سەندىن غەيرىينى ئۆزىمىزگە ھامىي قىلىۋېلىش لايىق ئەمەس. بىز بىراۋنى قانداقمۇ سېنى قويۇپ بىزگە چوقۇنۇشقا چاقىرايلى! ئۇلارنى بىزگە چوقۇنۇشقا بىز بۇيرۇمىدۇق، بىز ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدىن ئادا - جۇدامىز. بىزارمىز، يارەب! ئۇلارنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ بىزگە چوقۇنۇشىدىكى سەۋەب، سەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا شۈكۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن كۆپ نېمەت ئاتا قىلدىڭ، لېكىن ئۇلار ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ نېمەتلەر بىلەن ھەددىدىن ئېشىپ ئەيىش - ئىشرەتكە چۆكتى ۋە كۆڭۈل ئارزۇلىرىغا بېرىلدى، ئاخىرى سېنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىڭغا بويسۇنۇشنى ئۇنتۇپ ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك قەۋم بولدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقَدْ كَذَّبُوكُمْ بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسْتَطِيعُونَ صَرْفًا وَلَا نَصْرًا ۚ وَمَنْ يَظْلِمْ مِنْكُمْ نُذِقْهُ عَذَابًا كَبِيرًا
شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ (ئۇلارنى مەبۇد دېگەن) سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، (ئى كۇففارلار!) سىلەر (ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى) دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە (بۇ بالادىن ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا) ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، سىلەر دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى. سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى دەپئى قىلالمايسىلەر ۋە ياردەممۇ كۆرەلمەيسىلەر. بىز ئىچىڭلاردىكى زالىملارغا چوڭ ئازاب تېتىتىمىز». — ئەنەس ئالىم
ئۇلار بۇ جاۋابنى بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «ئى مۇشرىكلار! مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ ‹بىزنى بۇلار يولدىن چىقارغان› دېگەن دەۋايىڭلارنى يالغانغا چىقاردى. ئەمدى ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر، ئازابنى ئۆزۈڭلاردىن ئۆزۈڭلار دەپئىمۇ قىلالمايسىلەر، ئۆزۈڭلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويىدىغان بىرەر كىشىنىڭ ياردىمىنىمۇ كۆرمەيسىلەر» دەيدۇ، ئاندىن مەھشەر ئەھلىگە: «ئى بەندىلەر! ئى خالايىق! بىز ئىچىڭلاردىن بۇ مۇشرىكلارغا ئوخشاش كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى چوڭ ئازاب بىلەن ئازابلايمىز» دەيدۇ. مۇشرىك ئاز دېگەندە ئىككى مەبۇدقا چوقۇنىدۇ. ئۇ ئىككى مەبۇدنىڭ بىرى چوقۇم ئاللاھ تائالا بولىدۇ، يەنە بىرى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرى بولىدۇ. بۇ، بىرەر نەرسە ياكى بىرەر شەخس بولىدۇ. «مۇشرىك» كەلىمىسىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى دېگەن مەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بەزىلىرى ئۇ نەرسىگە ۋە ئۇ شەخسكە بىۋاسىتە چوقۇنىدۇ، بەزىلىرى ئۇ نەرسە ۋە ئۇ شەخسنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى مەھشەرگە يىغىپ، مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش، تاپا - تەنە قىلىش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بولغان شەخسلەردىن يۇقىرىدىكى شەكىلدە سوئال سورايدۇ، مەبۇدلىرى مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرى زىيادە بولىدۇ، دەرد - ئەلەملىرى كۈچىيىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: «ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟›، ئىيسا ئېيتىدۇ: ‹ياق، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». «ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟› دەيدۇ. پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئىدى›». «بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار! سىلەرمۇ، بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارمۇ مىدىرلىماي تۇرۇڭلار!» دەيمىز. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىمىز. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرى، مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بىزگە چوقۇنمىغان ئىدىڭلار، سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇركى، بىز سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىدۇق». يىغىپ ئېيتقاندا مۇشرىكلارنىڭ، «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، بىزگە ئىززەت قازاندۇرىدۇ، بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ ئىچىدىن ئىيسا، مەريەم، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش (ئۇلارغا سالاملار بولسۇن) ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىنىشىغا رازى بولمىغان ياخشى بەندىلەر بولسا، بۇ ياخشى بەندىلەر يۇقىرىدىكى سوئال - جاۋابلاردىن كېيىن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىنىشىغا رازى بولغان ئازغۇنلار بولسا، ئۆز چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلار مەھشەرگاھتا، دوزاخنىڭ يولىدا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن ئۆزئارا تىللىشىدۇ، بىر - بىرىگە لەنەت ئوقۇشىدۇ، تاپا - تەنە قىلىشىدۇ ۋە بىر - بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا إِنَّهُمْ لَيَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَيَمْشُونَ فِي الْأَسْوَاقِ ۗ وَجَعَلْنَا بَعْضَكُمْ لِبَعْضٍ فِتْنَةً أَتَصْبِرُونَ ۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرًا
بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ رەببىڭ كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزمۇ تاماق يەيتتى، بازارلاردا ماڭاتتى. ئى ئىنسانلار! بىز بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. سەۋر قىلامسىلەر! رەببىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ 7 - ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «بۇ تاماق يەيدىغان ۋە بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان قانداق رەسۇل؟» دېگەن مەنىدىكى سۆزىگە رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار سېنى تاماق يېيىشىڭ ۋە ئېلىم - سېتىم ئۈچۈن بازارلاردا يۈرۈشىڭ بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ. بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلارغا تاماق يەيدىغان ۋە بازارلاردا ئايلىنىپ كەسىپ قىلىدىغان ئىنسان ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق. بۇ قېتىم مەككە ئاھالىسىدىن سېنى تاللاپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. بۇنىڭدا ھەيران قالارلىق ئەھۋال يوق، ئىنسان بولۇش پەيغەمبەر بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، لېكىن مۇشرىكلار ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن. ئى ئىنسانلار! بىز بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى قىلدۇق. ئۆز ھالىڭلارغا سەۋر قىلامسىلەر ياكى باشقىلارنىڭ ھالىغا قاراپ ھەددىڭلاردىن ئاشامسىلەر؟ بۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز. ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندا ھەر كىشىدىن ئۆز قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە تېگىشلىك بولغان نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنسانلارنى بىر - بىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پەرقلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى باي - كەمبەغەل، ئابرۇيلۇق - ئابرۇيسىز، كۈچلۈك - ئاجىز ... دېگەندەك تەبىقىلەردىن تەركىب تاپقان. ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان ۋە كەمسىتىدىغان بولغان. لېكىن ئاللاھ تائالا ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغانلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ھىدايەتكە چىن قەلبىدىن ئىنتىلگەن ۋە سەمىمىيلىك بىلەن يۆنەلگەنلەرنى ھىدايەت قىلغان. نەتىجىدە ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەر ئاساسەن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى تەبىقىدىكى كافىرلار تۆۋەن تەبىقىدىكى مۇئمىنلارغا قاراپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئامەتلىك ۋە بەختلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار پەيغەمبەرلەر چاقىرغان توغرا يول ئەگەر ياخشى ۋە پايدىلىق يول بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەردىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ كىرىشىنىڭ لازىملىقىنى، ئۇ يولغا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ بۇرۇن كىرگەنلىكى ئۇ يولنىڭ يامان يول ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولغانلىقىنى ئويلايتتى ۋە بۇ ئويىنى ئاشكارا سۆزلەيتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى ۋە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كافىرلار مۇئمىنلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ بىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇشقا ۋە ياندۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئۇلارغا تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ، ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى قىلىشى ئەنە شۇ شەكىلدە بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْمَلَائِكَةُ أَوْ نَرَىٰ رَبَّنَا ۗ لَقَدِ اسْتَكْبَرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ وَعَتَوْا عُتُوًّا كَبِيرًا
بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى — مۇھەممەد سالىھ
بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسسابىنى بىزگە بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىدىغان تەرسالار ساڭا مۇنداق دېدى: «سەن راستتىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغان بولساڭ، رەببىمىز ئاللاھ بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ سېنىڭ سۆزۈڭنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھچى قىلمىدى ياكى بىزگە نېمىشقا ئۆزى كۆرۈنۈپ سېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ساڭا ئەگىشىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتمىدى؟». ئى مۇھەممەد! ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ كافىرلار دىللىرىدا ئۆزلىرىنى چوڭ كۆردى، ئۆزلىرىنىڭ كاتتا ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تەرسالىق قىلدى ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا بەك ئەزۋەيلىدى. دەرۋەقە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار، ناسارالار)نىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىم ئالدىدا زۇۋانى تۇتۇلغان بولسىمۇ ئۇلار تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسەتكەن، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يَرَوْنَ الْمَلَائِكَةَ لَا بُشْرَىٰ يَوْمَئِذٍ لِلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَحْجُورًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇشخەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈن بارغۇ، ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «-سىلەرگە خۇش خەۋەر- ھارامدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈنىمۇ كېلىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا ھېچ خۇش خەۋەر بېرىلمەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنىپتىمىز» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار ئۆزلىرىگە پەرىشتىلەرنىڭ چۈرۈلۈشىنى ۋە پەرىشتىلەرنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈنمۇ كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرگەن چېغىمىزدا قەبرىلىرىدىن ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈش، بىزگە ھېساب بېرىپ بولغاندىن كېيىن دوزاخقا ھەيدەپ بېرىش ۋە دوزاختا ئازابلاش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن يانلىرىغا كەلگەن مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇلار بۇ چاغلاردا پەرىشتىلەر ئۇلارنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئىچىنى پۇشۇرۇش، بىئارام قىلىش، قورقۇتۇش ۋە ئازابلاش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ چاغلاردا، خۇددى قورقۇنچلۇق بىرەر ئەھۋالدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغاندەك، پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن نېرى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، پەرىشتىلەرنى كۆرمەسلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: «بىز ھېچ يامان ئىش قىلمىدۇق، شۇڭلاشقا بىزنى ئازابلىشىڭلار چەكلىنىدۇ، مەنئى قىلىنىدۇ» دەيدۇ. ئەسكەرتىش: ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىكى «ئۇلار: ‹چەكلەنگەن، مەنئى قىلىنغان› دەيدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزنىڭ مەزكۇر پەرىشتىلەرنىڭ كافىرلارغا ئېيتىدىغان سۆزى بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇ تەقدىردە بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى، «ئى كافىرلار! سىلەرگە خۇش خەۋەر ئاڭلاش ۋە جەننەتكە كىرىش چەكلەنگەن، مەنئى قىلىنغان» دېگەن شەكىلدە بولىدۇ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَدِمْنَا إِلَىٰ مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَنْثُورًا
بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز) — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلار قىلغان ھەر ئەمەلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋىتىمىز. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۇ كافىرلارنىڭ ئاجىز - ئورۇقلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىش، تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارغا ئىئانە قىلىش... دېگەندەك ياخشى ئىشلىرىنى بىكار قىلىۋېتىمىز. ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ مۇئمىن بولۇشىنى شەرت قىلغان، شۇڭلاشقا كافىر ۋە مۇنافىقلارنىڭ ياخشى ئىشلىرنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى كافىرلاردا ئىمان يوق، مۇنافىقلاردا لايىق رەۋىشتە ئىمان يوق. ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىنى بىرقانچە ئايەتتە تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَصْحَابُ الْجَنَّةِ يَوْمَئِذٍ خَيْرٌ مُسْتَقَرًّا وَأَحْسَنُ مَقِيلًا
ئەھلى جەننەت بۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى جەننەت بۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى ئەڭ ياخشى قارارگاھتا ۋە ئەڭ گۈزەل ئارامگاھتا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولغانلارنىڭ ئۇ كۈندە قارارگاھى ئەڭ ياخشى، ئارامگاھى ئەڭ گۈزەلدۇر، چۈنكى ئۇلار ئۇ كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى، كۆركەم باغچىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك ئارامگاھلىرىدا كۈتۈلىدۇ. كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئۇ كۈندە جايى ئەڭ ياماندۇر، چۈنكى ئۇلار ئۇ كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ تَشَقَّقُ السَّمَاءُ بِالْغَمَامِ وَنُزِّلَ الْمَلَائِكَةُ تَنْزِيلًا
شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن يېرىلىدىغان ۋە پەرىشتىلەر توپ - توپ ھالدا چۈشۈرۈلىدىغان كۈننى زىكىر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى ئاسمان يېرىلىدۇ ۋە ئېچىلغان يەرلەردىن بۇلۇتلار كۆرۈنىدۇ، ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلاردا بەندىلىرىدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەر بىلەن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كېلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ كۈننى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن ۋە ئىنسانلارغا ئەسلىتىشنى داۋاملاشتۇرغىن. بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇئەككەل پەرىشتە بىرىنچى قېتىم سۇر چالغاندا قىيامەت قايىم بولىدۇ، بۇ چاغدا يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ ھەممىسى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. قۇياشنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان پلانېتىلارنىڭ ئارىلىرىدىكى تارتىش كۈچى بىكار قىلىنغانلىقتىن ھەممىسى ئۆز ئوربىتىلىرىدىن ئايرىلىپ، چېچىلىپ كېتىدۇ. ئاسمان دەز كېتىدۇ، چاك كېتىدۇ، يېرىلىپ، گۈلدەك قىزىرىدۇ ۋە مايدەك ئېرىيدۇ، ئېچىلىدۇ ۋە ئىشىكلەر ھاسىل بولىدۇ، ئاندىن كىتابنىڭ ۋاراقلىرى تۈرۈلگەندەك تۈرۈلۈپ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ قولىدا بولىدۇ ۋە كېيىن باشقا شەكىلدە قايتا ئاسمانلار ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاسمان يېرىلىپ تۈرۈلگەندىن كېيىن شۇ يەردە بۇلۇتلار پەيدا بولىدۇ. ئەنە شۇ بۇلۇتلاردا ئاللاھ تائالا خالايىقتىن ھېساب ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەھشەرگە كېلىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە كېلىدۇ. خالايىقلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ لِلرَّحْمَٰنِ ۚ وَكَانَ يَوْمًا عَلَى الْكَافِرِينَ عَسِيرًا
پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى پۈتكۈل پادىشاھلىق رەھماننىڭ بولىدۇ ۋە ئۇ كۈن كافىرلار ئۈچۈن قاتتىق كۈن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ كۈندە پادىشاھلارنىڭ پادىشاھلىقى ۋە چوڭلارنىڭ چوڭلۇقى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، پادىشاھلىق چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاس بولىدۇ؛ ئاللاھ ئۇ كۈننىڭ يېگانە پادىشاھىدۇر، خالايىقلارنى دۇنيادا ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتى بىلەن ياشاتقان ئاللاھ ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ، كافىرلار ئۈچۈن قىيىن كۈن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن -نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ! — ئەنەس ئالىم
(27-29) ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە يول تۇتسامچۇ! ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ! ئۇ ئادەم مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى». ئى ئىنسانلار! شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز ۋە چارىسىز ھالەتتە قويىدۇ، باشتا ئالداپ ئاخىرى ئەنە شۇنداق تاشلىۋېتىدۇ. بۈگۈن (بۇ دۇنيادا) شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلار ئۇ كۈندە ئىشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلىدۇ، قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە نەدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇشايمان قىلىدۇ، دۇنياغا قايتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ ئاخىرەتكە باشقىدىن كېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ، لېكىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا 21 - ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلسە - كەلمەس ئېتىرازلارنى بىلدۈرۈپ ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 22 ~ 29 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە، دۇنيادىكى چېغىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن 30 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەنە شۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ئۇ مۇشرىكلار ئۈستىدىن ئۆزىگە (ئاللاھقا) ئەرز قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، 31 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا وَيْلَتَىٰ لَيْتَنِي لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ! — ئەنەس ئالىم
-
لَقَدْ أَضَلَّنِي عَنِ الذِّكْرِ بَعْدَ إِذْ جَاءَنِي ۗ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِلْإِنْسَانِ خَذُولًا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى خار-زەبۇن قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى». شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَٰذَا الْقُرْآنَ مَهْجُورًا
پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەسۇلۇللاھ: «ئى رەببىم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى ئۆزىدىن يىراق تۇتتى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
رەسۇلۇللاھ قەۋمىنىڭ تەرسالىقى، دۈشمەنلىكى ۋە كۇفرىلىقىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلىپ ئېيتتى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلىۋېتىلگەن نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؛ كېرەكسىز بىرەر نەرسە قاتارىدا كۆردى، قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرمىدى، سېنىڭ ئۇنىڭدىكى نەسىھەتلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا پەرۋا قىلمىدى، يارەب!». ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ شىكايىتى ئۆز دەۋرىدىن قىيامەتكە قەدەر قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە بويسۇنمىغان بارلىق گەدەنكەشلەر ئۈستىدىنمۇ قىلىنغان شىكايەت، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، رەببىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ھەر نەبىيگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق دۈشمەن قىلدۇق. يېتەكچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ كۇپايىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرىنى ساڭا دۈشمەن قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر نەبىيگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى دۈشمەن قىلدۇق. سېنىڭ رەببىڭ بۇرۇنقى ئەلچىلىرىگە ياردەم بەرگەندەك، ساڭىمۇ يېقىندا ياردەم بېرىدۇ، سېنى دۈشمەنلىرىڭنى مەغلۇپ قىلىش يولىغا باشلايدۇ ۋە ئۆز نۇسرىتى بىلەن ساڭا زەپەر نېسىپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سەن سەۋر قىلغىن، رەببىڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىك يول كۆرسەتكۈچى ۋە يېتەرلىك ياردەمچىدۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەن قىلغان گۇناھكارلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەن قىلىشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا، باشتا مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ الْقُرْآنُ جُمْلَةً وَاحِدَةً ۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِ فُؤَادَكَ ۖ وَرَتَّلْنَاهُ تَرْتِيلًا
كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم - ئايرىم نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار: «قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كافىرلارنىڭ قۇرئان كەرىم ھەققىدىكى بىر ئېتىرازىغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد كافىرلار: «قۇرئان نېمىشقا مۇھەممەدكە بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟ بىر قېتىمدىلا ئۈلگۈجە ھالىتىدە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قەلبىڭنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە - پارچە ھالىتىدە نازىل قىلدۇق، پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق ساڭا دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق، ئۇنى يادلىشىڭ، چۈشىنىشىڭ، يەتكۈزۈشىڭ ۋە ئىجرا قىلىشىڭ ئاسان بولسۇن دەپ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَأْتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئْنَاكَ بِالْحَقِّ وَأَحْسَنَ تَفْسِيرًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۇرۇشنى نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلار يېنىڭغا قاچانىكى بىرەر ئېتىراز بىلەن كەلسە، بىز ساڭا ھەقىقەتنى ۋە ئەڭ گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى كەلتۈردۇق. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ يۇقىرىدىكى (4 ~ 32 -) ئايەتلەردە كافىرلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن بەزى ئېتىرازلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتتە كافىرلارنىڭ پۈتكۈل ئېتىرازلىرىغا رەددىيە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! كافىرلار قاچان يېنىڭغا كېلىپ پەيغەمبەرلىكىڭگە بىرەر ئېتىراز بىلدۈرسە، ھەققىڭدە بىرەر ناشايان گەپ قىلسا ۋە ساڭا ئىشەنمىگەنلىكىگە بىرەر باھانە كۆرسەتسە، بىز ساڭا ئايەت نازىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېتىرازلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدۇق، دەۋالىرىنى بىكار قىلىپ تاشلىدۇق، شۈبھىلىرىگە جاۋاب بەردۇق، باھانىلىرىگە رەددىيە بەردۇق، شۇنداقلا ئۇلار شۈبھە قىلغان مەسىلىنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە چۈشەندۈردۇق، ھەقىقەتنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بايان قىلدۇق. مەسىلەن: يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ: «مۇھەممەدنىڭ ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇۋاتقىنى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى توقۇپ چىققان ئويدۇرمىدۇر»، «ئۇ، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى بولۇپ مۇھەممەد ئۇنى باشقىلارغا كۆچۈرتۈۋالغان ۋە ئەتە - ئاخشام ئوقۇتۇپ يادلىۋالغان»، «مۇھەممەد يەپ - ئىچىدىغان ۋە بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان قانداق رەسۇل؟!»، «سېھىرلەنگەن ئادەم»، «سەن پەيغەمبەر بولىدىغان بولساڭ، بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا رەببىمىز ئاللاھ بىزگە كۆرۈنمىدى؟»، «قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىر قېتىمدىلا ئۈلگۈجە نازىل قىلىنمىدى؟» دېگەن كەلسە - كەلمەس گەپلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدىكى باشقا ناشايان سۆزلىرىگە رەددىيە بەردۇق، شۇنداقلا سېنىڭ بىزنىڭ ئەلچىمىز ۋە قۇرئاننىڭ بىزنىڭ كىتابىمىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُحْشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ جەھەننەمگە تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ جايى بەك ياماندۇر، يولى بەك خاتادۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغان ئۇ كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقى سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىپ، يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ جەھەننەمگە تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار خاراكتېرى بەك يامان، يولى بەك خاتا ئادەملەردۇر. كافىرلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن مەھشەرگاھقا يۈزلىرى بىلەن ماڭدۇرۇپ كەلتۈرۈلىدۇ، ھېساب ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن بويۇنلىرىغا تاقاقلار، قول - پۇتلىرىغا كويزا - كىشەن سېلىنىدۇ ۋە زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ، ئاندىن مەھشەر مەيدانىدىن دوزاخقىچە ئەنە شۇ شەكىلدە باغلانغان ھالەتتە ئېلىپ مېڭىلىدۇ ۋە دوزاخنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلۈپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاشلىنىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدىمۇ يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ ئازاب چېكىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 34 - ئايىتىگىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان كەرىم بىلەن قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئېتىراز قىلغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ. 35 ~ 40 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆتمۈشتە پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان بەزى قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى پارچە - پارچە نازىل قىلغىنىمىزدەك، مۇساغا كىتابنى يەنى ئۇنىڭغا دەسلەپتە ۋەھىي قىلغان ئايەتلىرىمىزنى پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭغا پەرىشتە ئەمەس ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەردۇق. شۇڭلاشقا، ساڭا: «قۇرئان نېمىشقا بىر قېتىمدا ئۈلگۈجە نازىل قىلىنمىدى؟»، «نېمىشقا پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى» دېگەن كافىرلارنىڭ بۇ ئېتىرازلىرى ئورۇنسىزدۇر، چۈنكى بىز ئايەتلىرىمىزنى پارچە - پارچىمۇ نازىل قىلىمىز، ئىنسانلارغا پەرىشتە ئەمەس، ئىنسان پەيغەمبەر ئەۋەتىمىز ۋە ئىنسان پەيغەمبەرگە ئىنساننى ياردەمچى قىلىمىز؛ بىز ئۆزىمىز خالىغانچە ئىش قىلىمىز. بىز مۇساغا ئەنە شۇ ئايەتلەرنى پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، كېيىن تاختىغا يېزىلغان ئايەتلەرنى (تەۋراتنى) بىر پۈتۈن ھالەتتە ۋە بىر قېتىمدا نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقُلْنَا اذْهَبَا إِلَى الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَدَمَّرْنَاهُمْ تَدْمِيرًا
ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، ئاخىرىدا ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە: «ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز مۇساغا ئۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇنغا: «بىزنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىللىرىنى ئىنكار قىلغان فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسى بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز بويىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلدى، ئۇلار بولسا بۇ ئىككى ئەلچىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: 35 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن كىتاب، ئايەتنىڭ مەنىسىدە ئىپادە قىلىنغاندەك مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان دەسلەپكى ۋەھىينى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەھىيلەر ئۇنىڭ قىسسەسىنىڭ، مەديەندىن قايتىشىدا تۇر تېغىدا ئۇنىڭغا دەسلەپتە ۋەھىي نازىل بولۇشىدىن باشلاپ تاكى بەنى ئسرائىلنى ئېلىپ دېڭىزدىن مۆجىزىلىك ھالەتتە ئۆتكۈچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى بۆلۈمىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ئىچىدە زىكىر قىلىنىدۇ، چۈنكى 36 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇ كىتاب بېرىلگەندىن كېيىن فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئەمىر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تاختىلارغا يېزىلغان ھالەتتە بېرىلگەن كىتاب (تەۋرات) بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل بىلەن قىزىل دېڭىزدىن مۆجىزىلىك شەكىلدە ئۆتكەن ۋە فىرئەۋن ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھالاك قىلىنغان ھادىسىدىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ دەۋىتى بىلەن تۇر تېغىغا بېرىپ 40 كۈن تۇرغاندا بېرىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَوْمَ نُوحٍ لَمَّا كَذَّبُوا الرُّسُلَ أَغْرَقْنَاهُمْ وَجَعَلْنَاهُمْ لِلنَّاسِ آيَةً ۖ وَأَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنى، ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقان چاغلىرىدا سۇغا غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا ناھايىتى ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلار ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنى توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلدۇق، شۇنداقلا ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادا ھالاك قىلىنىش بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئەسلىي جازاسىنى ئاخىرەتتە تارتىدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارغا ۋە باشقا بارلىق زالىملارغا ناھايىتى قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق، پۈتۈن زالىملار بۇ قىينىغۇچى ئازابقا قىيامەت كۈنى دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئۇنى مەڭگۈ چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَادًا وَثَمُودَ وَأَصْحَابَ الرَّسِّ وَقُرُونًا بَيْنَ ذَٰلِكَ كَثِيرًا
ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھەم (ھالاك قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنىمۇ ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئادنى، سەمۇدنى، رەسسىلىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زامانلاردا ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، بىز ئادنى، سەمۇدنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زامانلاردا ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق؛ بىز نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئاد قەۋمىنى ۋە ئۇ ئىككى قەۋمنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرۇغۇنلىغان قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن سەمۇد قەۋمىگىچە نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى ۋە سەمۇد قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئاندىن رەس ئاھالىسىگىچە نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى ۋە رەس ئاھالىسىنى ھالاق قىلدۇق. ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكُلًّا ضَرَبْنَا لَهُ الْأَمْثَالَ ۖ وَكُلًّا تَبَّرْنَا تَتْبِيرًا
ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز ـ نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق ۋە ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىساللارنى بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ھەممىسىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەقىقەتنى، مىساللارنى بايان قىلىپ چۈشەندۈردۇق، ئاگاھلاندۇردۇق، لېكىن ئۇلار تەرسالىق قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق. «ئاد» - ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا «ئەھقاف - قۇم بارخانلىرى» دېگەن جايدا ياشايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «سەمۇد» سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، ئۇلار ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا «ۋادىلقۇرا» دېگە جايدا ياشايتتى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر سالىھ ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. «رەس ئاھالىسى»، بىرى بۇ يەردە (38 - ئايەتتە)، يەنە بىرى 50 - سۈرە (قاف)نىڭ 12 - ئايىتىدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە جەمئىي ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۆز پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قاتارىدا ھالاك قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئۇلار توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا بىرەر مەلۇمات يوق. تەپسىرلەردە ئۇلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا پەرقلىق بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھېچبىرى بىرەر ئايەتكە ياكى بىرەر سەھىھ ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَتَوْا عَلَى الْقَرْيَةِ الَّتِي أُمْطِرَتْ مَطَرَ السَّوْءِ ۚ أَفَلَمْ يَكُونُوا يَرَوْنَهَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ نُشُورًا
ئۇلار ھەقىقەتەن (شامغا بېرىپ كېلىشتە) يامان يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ (ئىبرەت ئالمامدۇ؟) ياق (يەنى ئىبرەت ئالمايدۇ)، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەقىقەتەن -شامغا بېرىپ كېلىشتە- يامان يامغۇر -تاش- ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ ئىبرەت ئالمامدۇ؟ ياق، ئۇلار قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ مۇشرىكلار تاش ياغدۇرۇلغان يۇرتقا كەلدى. ئۇلار ئۇ يۇرتنى كۆرمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە ۋە ئۇ سەپەرلىرىدىن قايتىشلىرىدا، تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىنغان قەۋمنىڭ يۇرتىدىن ئۆتىدۇ ۋە ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكلىرىنى، ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلىقى، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن يانمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىقىنى كۆرىدۇ، لېكىن ئىبرەت ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگە ، شۇنداقلا ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلۈپ بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ خارابىلىكلەرگە ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن قارىمايدۇ. «تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىنغان قەۋم » - لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ ئۇلارنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالا 35 ~ 40 - ئايەتلەردە ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋمىلەردىن بىرقانچىسىنىڭ قىسسىلىرىنى ئەسلىتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان تەرسا مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 41 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا ئۇ مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەرسالىق ۋە كۇفرىلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا رَأَوْكَ إِنْ يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا الَّذِي بَعَثَ اللَّهُ رَسُولًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سېنى كۆرسە، مەسخىرە قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئاللاھ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(41-42) ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سېنى كۆرسە، ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشىپ بىر - بىرىگە مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئاللاھ بىزگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، بۇ ئادەم بىزنى ئازدۇرۇپ ئىلاھلىرىمىزدىن چوقۇم ئايرىۋىتەتتى؛ بۇ ئادەم تەسىرلىك سۆزلىرى ۋە كۈچلۈك دەلىللىرى بىلەن ئېتىقادىمىزنى ئەيىبلەپ بىزنى ئازدۇرۇپ ئۆز ئىلاھلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا ئۆز ئىلاھىغا مايىل قىلىشقا تاس قالدى، لېكىن بىز ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى ۋە ئۆز دىنىمىزدا چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم بىزنى ئازدۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى». (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئۇلار ھازىر بۇ دۇنيادا ئۆزلىرى دەۋەت قىلىنغان توغرا يولغا كېلىشنى ئېزىپ كەتكەنلىك دەۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاختا ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەن خاتالاشقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇشرىكلارنىڭ: «ئەگەر ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، بۇ ئادەم بىزنى ئازدۇرۇپ ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىۋەتكەن بولاتتى» دېگەن مەنىدىكى سۆزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، دەۋەت ۋەزىپىسىنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلغانلىقىغا، ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنْ آلِهَتِنَا لَوْلَا أَنْ صَبَرْنَا عَلَيْهَا ۚ وَسَوْفَ يَعْلَمُونَ حِينَ يَرَوْنَ الْعَذَابَ مَنْ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزندىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» دېدى. كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن يول ئىكەنلىكىنى ئۇلار پات - يېقىندا؛ ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، بۇ بىزنى ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىۋىتەتتى». ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا كىمنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنْتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا
ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭغا سەن ھامىي بولالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟[3] — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆز نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ توغرا يولدىن ئازغان، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە شۇنچە كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا قارىغىن ۋە ئەجەبلەنگىن. سەن ئۇ ئادەمنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرالامسەن؟ سەن ئۇنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ياق، كەلتۈرەلمەيسەن. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ (ھەقنى يەتكۈزۈش)تىنلا ئىبارەتتۇر. سەن تەبلىغ قىلغاندىن كېيىن، سېنىڭ دىۋىتىڭنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلغانلارنى بىز ھىدايەت قىلىمىز، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋېتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ ۚ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ ۖ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار چاھارپايلار بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكى يول جەھەتتىن ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەرگە دىققەت بىلەن قۇلاق سالىدۇ ياكى ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ تەۋھىدنىڭ كائىناتتىكى دەلىللىرى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ سەن روھىنى ئۆلتۈرگەن، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى يوقاتقان ئادەملەرگە دەۋىتىڭنى ئاڭلىتالمايسەن. ئۇلار سەن ئايەتلەرنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭدا، ئايەتلەرنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ ۋە بىھۇدە ئىشلارنى ئويلاپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر، ھەتتا ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر، چۈنكى ئۇ ھايۋانلار ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئىگىسى يېتىلىگەن يەرگە ماڭىدۇ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىيدۇ، بىر قېتىم سېپىلغان تۆشۈكتىن قاچىدۇ، يايلاق ۋە قوتانلىرىنى تېپىپ كېلەلەيدۇ. مۇشرىكلارچۇ؟ ئۇلار ياراتقۇچىسى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە بويسۇنمايدۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇ باشلىغان يولغا كىرمەيدۇ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ئايرىمايدۇ، كەلگەن يېرىنى، بارىدىغان يېرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 44 - ئايەتكىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، قارشى چىققانلارنىڭ ئېتىرازلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 45 ~ 62 - ئايەتلەردە بولسا، تەۋھىدنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاقىرغان يولنىڭ توغرىلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىققانلارنىڭ يولىنىڭ خاتالىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيْفَ مَدَّ الظِّلَّ وَلَوْ شَاءَ لَجَعَلَهُ سَاكِنًا ثُمَّ جَعَلْنَا الشَّمْسَ عَلَيْهِ دَلِيلًا
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈننىڭ چىققانلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ سايىنى قانداق ئۇزارتتى؟ - رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇنى بىر خىل ھالەتتە قوياتتى - ئاندىن قۇياشنى ئۇنىڭغا قانداق دەلىل قىلدۇق؟ — ئەنەس ئالىم
(45-46) ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق ئۇزارتىشىغا قارىغىن. رەببىڭ خالىسا ئىدى سايىنى بىر خىل ھالەتتە تۇرىدىغان قىلاتتى. شۇنىڭدەك، رەببىڭنىڭ قۇياشنى سايىنىڭ ئالامىتى قىلغانلقىقا قارىغىن. ئاللاھ تائالا زېمىننى شار شەكلىدە يارىتىپ، ئۇنى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭغا مۇئەييەن يول بەلگىلەپ ئۇنى قۇياش ئەتراپىدىمۇ ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن بىر كېچە - كۈندۈز، قۇياش ئەتراپىدىن بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن بىر يىل ھاسىل بولغان، يەر شارىنىڭ قۇياش نۇرى چۈشكەن يېرى كۈندۈز، قۇياش نۇرى چۈشمىگەن يېرى كېچە، يەر يۈزىدىن قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان جاي يورۇق ۋە ئىسسىق، قۇياش نۇرىنى بىرەر جىسىم توسۇپ تۇرغان جاي سايە (قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشۈپ تۇرغان يورۇق ۋە ئىسسىق جايغا نىسبەتەن بىرئاز قاراڭغۇ ۋە سالقىن) بولغان. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى قاراڭغۇنى ۋە سايىنى دائىم قىلاتتى ياكى يورۇقنى ۋە ئاپتاپنى دائىم قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن يورۇق ۋە ئاپتاپ جايلاردا ھېچ قاراڭغۇ ۋە سايە مەيدانغا كەلمەيدىغان، قاراڭغۇ ۋە سايە جايلاردا ھېچ يورۇق ۋە ئاپتاپ مەيدانغا كەلمەيدىغان بولاتتى، نەتىجىدە مەخلۇقاتنىڭ ياشىشى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولمايتتى. لېكىن ئاللاھ مەخلۇقاتىغا مەرھەمەت قىلىپ ئۇنداق قىلمىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە ئىنسانلارنى، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ۋە ئاپتاپ بىلەن سايىنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىدىكى كامالى قۇدرىتى، چوڭقۇر ھېكمىتى ۋە چەكسىز مەرھەمىتىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونوپ يېتىشكە چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ قَبَضْنَاهُ إِلَيْنَا قَبْضًا يَسِيرًا
ئاندىن ئۇنى ئاستا – ئاستا يوقاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇنى ئاستا - ئاستا يوقاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇنى ئاز - ئازدىن قىسقارتىپ قانداق يوقاتتۇق؟ — ئەنەس ئالىم
-
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِبَاسًا وَالنَّوْمَ سُبَاتًا وَجَعَلَ النَّهَارَ نُشُورًا
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى ئىستىراھەت، كۈندۈزنى تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلغان زات ئاللاھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە كېچىنى كىيىمدەك يۆگىگۈچى، ئۇيقۇنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى زېمىنغا تارقىلىش ۋاقتى قىلىپ بەردى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى كىيىمدەك يۆگىگۈچى، ئۇيقۇنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى زېمىنغا تارقىلىش ۋاقتى قىلىپ بەردى؛ كېچە ئۆزىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ۋە پۈتۈن ئەتراپنى خۇددى كىيىمدەك ياپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەجبۇرەن مەشغۇلاتنى قويۇپ دەم ئالىسىلەر، ئۇخلايسىلەر ۋە ئارام ئالىسىلەر، ئاندىن كېچە ئاخىرلىشىپ كۈندۈز باشلىنىدۇ، سىلەر رىزىق ئىزدەپ يەر يۈزىگە تارقىلىسىلەر، ھاياتىڭلار بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. دېمەككى، كېچە بىلەن كۈندۈز ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، مەرھەمىتى چەكسىز، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا بىردىنبىر لايىق مەبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى ئالامەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُورًا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ
رەھمىتى-يامغۇر-نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات ئاللاھتۇر. ئاسماندىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق، — ئەنەس ئالىم
(48-49) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ يەر يۈزىدىن مۇئەييەن جايلارغا يامغۇر ياغدۇرۇشنى ئىرادە قىلسا شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار سۇ يۈكلەنگەن بۇلۇتلارنى ھەيدپ ئۇ جايلارغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇ جايلاردىكى ئىنسانلارغا يامغۇرنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. ئى ئىنسانلار! بىز - ئاللاھ ئاسماندىن (ئۇ بۇلۇتلاردىن) پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق؛ ئىچىش، تاھارەت ئېلىش، مەينەتچىلىك ۋە كىرلەرنى پاكلاش، تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۈزۈك سۇ ئاتا قىلدۇق. بىز ئۇ سۇنى قاغجىراپ كەتكەن يەرنى سۇغىرىپ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جانلاندۇرۇش، شۇ يەردىكى ھايۋانلارنى ۋە ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن چۈشۈردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِنُحْيِيَ بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا وَنُسْقِيَهُ مِمَّا خَلَقْنَا أَنْعَامًا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرًا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى ۋە نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۇ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنى ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش، مەخلۇقاتىمىزدىن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ صَرَّفْنَاهُ بَيْنَهُمْ لِيَذَّكَّرُوا فَأَبَىٰ أَكْثَرُ النَّاسِ إِلَّا كُفُورًا
ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق (يەنى گاھ ئۇ يەرگە، گاھ بۇ يەرگە ياغدۇردۇق)، ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھقا) كۇفرىلىق قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى نانكۆرلۈك قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز بۇ ھەقىقەتنى، ئىنسانلارنى چۈشەنسۇن دەپ ھەر خىل ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنىلا كۇفىرىلىقتا چىڭ تۇردى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! بىز ئۇ سۈزۈك سۇنى بەزىدە ئۇ جايغا، بەزىدە بۇ جايغا چۈشۈرۈشىمىز، شۇنداقلا ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ جانلاندۇرۇشىمىز، شۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ سۇ ئاتا قىلىش بىلەن ئىلتىپات قىلغانلىقىمىزنى بىلىشى ۋە شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈندۇر. بىز ئۇ سۇنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇ جاينىڭ ئىنسانلىرىنىڭ ئاز قىسمى شۈكۈر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنىلا كۇفرىلىققا ئەزۋەيلىدى؛ ئازچىلىقى: «ئاللاھ بىزگە ئىلتىپات قىلىپ يامغۇر ئاتا قىلدى» دېدى، كۆپچىلىكى: «بىزگە بۇلۇت يامغۇر ياغدۇردى، پالان يۇلتۇزنىڭ سەۋەبى، پوكۇن شامالنىڭ تۈپەيلى، پۇستانى بوراننىڭ چىقىشى... بىلەن يامغۇر ياغدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ كۇفرىلىق قىلدى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ يامغۇرنى بەزى ۋاقىتلاردا، بەزى جايلارغا ياغدۇرۇشى ۋە يامغۇر سۈيى بىلەن ئۇ جايلارنىڭ ھايۋانلىرىنى، ئىنسانلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭدەك، ئىنسانلارغا قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ شِئْنَا لَبَعَثْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ نَذِيرًا
ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئەگەر خالىغان بولساق ھەر يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئەگەر خالىغان بولساق ھەر يۇرتقا، ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنى كۇفرىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتكەن بولاتتۇق. لېكىن بىز ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق، ئەكسىچە سېنى يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل يۇرتلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا
شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى بۇ قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
ئۇنداقتا، سەن ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىگە قۇرئاننى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قۇرئانغا بويسۇنمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، كافىرلارنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنمىغىن، پىكىرلىرىگە قوشۇلمىغىن. ئەكسىچە ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن؛ قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرنى دادىللىق بىلەن يەتكۈزگىن، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىقلىرىغا پەرۋا قىلماستىن ئىجرا قىلغىن، پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ قۇرئاندا بىلدۈرۈلگەن دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغىن. قۇرئانغا بويسۇنۇش - قۇرئاننى ھاياتقا تەتبىقلاش، قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش كافىر ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكەن ئايەتلەردە ئۇنى كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ. «قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلىش» - قۇرئاندىكى ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇنىڭدىكى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ھېچ نەرسىدىن قورقماستىن ۋە ھېچكىمدىن تارتىنماستىن ئۆز پېتى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ئىلىمنىڭ مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە بۇ جىھاد «ئىلىم بىلەن جىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جىھادنىڭ «چوڭ جىھاد» بولۇشى، ئىلىمنىڭ يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى بولغان جاھالەتنى، شۇنداقلا ھەقىقەتكە قارشىلىق قىلىشنى يوقىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئىسلامنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى يوق قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى كۇفرى ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىغا چىقىرىش بولۇپ، بۇ ئىشتا ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد ئاساستۇر، شۇنداقلا چوڭ جىھاددۇر . شۇڭلاشقا مەككىدە نازىل بولغان بۇ سۈرە (فۇرقان)نىڭ بۇ ئايىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ جىھادقا بۇيرۇلغان. جىھادنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسمىغا بولسا، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ مۇسۇلمانلار ھەر جەھەتتىن كۈچەيگەندىن كېيىن باشتا رۇخسەت قىلىنغان، ئاندىن ئەمىر قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَحْجُورًا
ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بىرى تاتلىق، بىرى تۇزلۇق بولغان ئىككى دەريانى بىرلەشتۈردى ۋە ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە ۋە توسما بەرپا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بىرى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىرلىكتە قويۇۋېتىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، بىرىنىڭ سۈيى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرىنىڭ سۈيى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرىگە تۇتاش ھالەتتە قويۇۋەتتى، ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى؛ بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق ئىككى دېڭىزنىڭ ئېقىنىنى يانمۇيان ۋە بىر - بىرىگە تۇتاش، لېكىن ئىككىسىنىڭ سۇلىرىنى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغان قىلدى. بۇ ئىككى دېڭىز ھەققىدە ئىككى تۈرلۈك ئېھتىمال بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) سۈيى تاتلىق بولغان دېڭىز - ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئىچىشى ۋە سۇغا بولغان باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى، ھايۋانلارنىڭ ئىچىشى، زىرائەتلەرنىڭ سۇغىرىلىشى ۋە باشقا مەخلۇقاتىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، يەر يۈزىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا، بۇلاق، كۆل ۋە قۇدۇقلاردا ياراتقان سۇلاردۇر. ئاچچىق دېڭىز بولسا، يەر شارىنىڭ يۈزدە يەتمىش ئەتراپىدىكى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان دېڭىز - ئوكيانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىككى سۇنىڭ ئوتتۇرىسىكى توسۇق بولسا، يەر يۈزىنىڭ ئۇ ئىككى سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق قىسمىدۇر. 2) بىرى تاتلىق، يەنە بىرى ئاچچىق بولغان ھەر ئىككى دېڭىز - ئاللاھ تائالا دېڭىز - ئوكيانلاردا ياراتقان، ئىككىسىنى بىر ئېقىمدا قىلغان، لېكىن ئۆز قۇدرىتىدىن ئىبارەت بولغان پەردە بىلەن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىشتىن توسۇپ تۇرغان ئىككى سۇ ئېقىندۇر. بۇ ئىككىنچى ئېھتىمال تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسۇق قىلىپ، ئىككىسىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى، ئىككى ئايەتتە «مەرەجە - مرج» پېئىلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ پېئىل ئەسلىدە كەتكۈزۈش، كەلتۈرۈش، ئارىلاشتۇرۇش ۋە داۋالغۇتۇش دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئايەتتە ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئىككى دېڭىزنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق بولۇشى لازىم. ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن توسۇلۇشى «مەرەجە» پېئىلىنىڭ مەنىسىگە ۋە ئىككى دېڭىزنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا خىلاپ كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ مِنَ الْمَاءِ بَشَرًا فَجَعَلَهُ نَسَبًا وَصِهْرًا ۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرًا
ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتقان، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان قىلغان زات ئاللاھتۇر، رەببىڭ ھەممىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سۇدىن ئىنسان يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رەببىڭ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى سۇدىن يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانلىق ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى؛ ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش ماددىسى سۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئۇ سۇدىن ئەر - ئاياللارنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى تۈرلۈك يېقىنلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى: بىرى قانداشلىق مۇناسىۋىتى، يەنە بىرى نىكاھ كېلىشىمى بىلەن شەكىللىنىدىغان مۇناسىۋەت. شۇڭلاشقا بىر جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتە قىلغاندا يا بىر ئەۋلادقا مەنسۇپ ياكى ئۆزئارا قۇدا - باجا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي ھالدا ھايات كەچۈرىدىغان قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇ ئىككى مۇناسىۋەتنى ئورناتقان. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، بىرى - بىرى بىلەن ياردەملىشىش، بىر - بىرىنى يوقلىشىش ۋە بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھاياتنى ھەقىقىي مەنىدە ياشاشنىڭ ئامىللىرىدۇر. ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتقان، جۈملىدىن ئىنساننىمۇ بىر تۈرلۈك سۇدىن ياراتقان. شۇنىڭدەك، بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى سۇ بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ ئىشلار، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، مەرھەمىتى چەكسىز، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا يېگانە لايىق مەبۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُهُمْ وَلَا يَضُرُّهُمْ ۗ وَكَانَ الْكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِ ظَهِيرًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇنداق كاپىر رەببىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن -باتىلغا- ياردەم بەرگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئىنسانلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. كافىر رەببىنىڭ دۈشمىنىگە ياردەم بەرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكى ئەنە شۇنداق ئېنىق تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئىنسانلار ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنى قويۇپ، چوقۇنسا پايدا، چوقۇنمىسا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. ئۇ كافىرلار شۇنچىلىك ھاماقەت ئادەملەركى، ئۆزلىرى ياراتقۇچىمىز، ياشاتقۇچىمىز ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىمىز دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئاللاھقا قارشى شەيتاننىڭ ياردەمچىسى بولماقتىدۇر؛ ئۇلار شەيتاننى دوست تۇتىدۇ ۋە شەيتان كۆرسەتكەن يولدا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى بولغان شەيتاننى قانداقمۇ دوست تۇتىدۇ؟! ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ياشاتقۇچىسى بولغان بىزنى قانداقمۇ دۈشمەن تۇتىدۇ؟! بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغان ساڭا قانداقمۇ قارشى چىقىدۇ؟! ھالبۇكى، بىز سېنى پەقەت ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىپ ماڭغان تەقدىردە ئۇ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنى بولغان يولنى كۆرسىتىشىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يانمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقان ئادەمگە قارشى چىقىش، ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش نېمىدېگەن چوڭ ھاماقەتلىك! نېمىدېگەن چوڭقۇر جاھالەت! ئى مۇھەممەد! ئۇلار ساڭا قارشى چىقسا چىقىۋەرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە ۋە قۇرئان ھەققىدە ئېيتقان ناشايان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن. سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزسەن، ۋەزىپەڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر، قوبۇل قىلمىغانلارغا شۇم خەۋەر بېرىشتۇر. سەن ۋەزىپەڭنى ئورۇندىغىن، ھەقىقەتنى ئاڭلىغانلاردىن خالىغان كىشى قوبۇل قىلسۇن، خالىغان كىشى ئىنكار قىلسۇن، بىز قىيامەت كۈنى ھەممىنى ھۇزۇرىمىزغا يىغىپ ھېساب ئالىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِلَّا مَنْ شَاءَ أَنْ يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن) پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار (يول ئالسۇن)» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت رەببى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ يول ئېلىشىنىلا تەلەپ قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنىڭ، رەببىنىڭ يولىغا كىرىشكە بەل باغلىغان كىشىلەر بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىمگە يەنى سىلەرنى ئىسلامغا دەۋت قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. لېكىن مەن سىلەردىن دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ياراتقان، ياشاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا كىرگەن كىشىلەر بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن». ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ سۆزنى ئېيتىشقا بۇيرۇشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 72 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحْ بِحَمْدِهِ ۚ وَكَفَىٰ بِهِ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا
(ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ۋە ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇ، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! دەۋەت پائالىيىتىڭنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرغىن. مەڭگۈ باقىي، بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان ئاللاھقا تايانغىن؛ ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنغىن، ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشتا قولۇڭدىن كەلگەننى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، يولۇڭدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا چىدىغىن، ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بىلگىنكى ئاللاھ ساڭا نۇسرەت ۋە زەپەر نېسىپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ھەمد ئېيتىپ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تىلىڭغا جارى قىلغىن، قارشى چىققانلارغا پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى سەن تايانغان ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر؛ ھەر نىيەت ۋە ھەر قىلمىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ الرَّحْمَٰنُ فَاسْأَلْ بِهِ خَبِيرًا
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى. ئۇ رەھماندۇر. بۇنى، خەۋاردار بىرىدىن سورىغىن. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشكە يۈكسەلگەن زاتتۇر. ئاللاھ بارلىق بەندىلىرىگە چەكسىز رەھمەت ئاتا قىلىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر؛ ئۇلارغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئۆز رەھمىتى بىلەن قامدىغۇچىدۇر. ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، رەھمىتى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. بۇ توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولساڭ، ھەر نەرسىنى تولۇق بىلىدىغان رەببىڭ ئاللاھتىن سورىغىن؛ ئاللاھنى ئاللاھتىن سورىغىن، ساڭا ئۆزىنى ئوبدان تونۇتىدۇ، بۇ ھەقتە نازىل قىلغان ئايەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَٰنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «رەھمان-مەرھەمەتلىك ئاللاھ- غا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ زىيارە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا، «چوقۇنۇشۇڭلارنى، ئىتائەت ۋە باش ئېگىشىڭلارنى رەھمانغىلا - چەكسىز مەرھەمەتلىك زاتقىلا قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ نەسىھەت قىلغۇچىغا: «سەن بىزنى چوقۇنۇشقا بۇيرۇغان رەھمان نېمدۇر؟ بىز ئۇنى بىلمەيمىز، بىز ئۆزىمىز بىلمىسەكمۇ سەن بىزنى چوقۇنۇشقا بۇيرۇغان ئۇ نەرسىگە چوقۇنامدۇق؟ ياق، چوقۇنمايمىز» دېدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى ئاللاھقا چوقۇنۇشتىن يىراقلاشتۇردى؛ ئۇلار «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ئۈركۈپ كېتىشتى، تىكىۋەتتى. دېمەككى، ئۇ مۇشرىكلار تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تۇزكورلۇقتا شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ، بەندىلىرىگە چەكسىز رەھمەت، ھېسابسىز ئىلتىپات ۋە سان - ساناقسىز نېمەت ئاتا قىلغۇچى دېگەن مەنىدىكى «رەھمان - الرحمن» ئىسمىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا، شۇنداقلا شۈكۈر قىلىشقا دەۋەت قىلسا، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ ھەقىقەتتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلىگەن. ئۇلار ئەسلىدە «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقنىڭ «ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار» دېگەن بولىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ «رەھمان» دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ، ئۆزلىرى بىلىمىگەن نەرسىگە سەجدە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا تەۋھىدكە قىلىنغان چاقىرىقنى رەت قىلغان ۋە كۇفرىلىقتا چوڭقۇرلاشقان. ئۇلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىكلىقىدىن يانماسلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ: «ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار - ئاللاھقا باش ئېگىڭلار، ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن بۇيرۇقنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەردە، ئۇلارنىڭ خۇپسەنلىك قىلىپ: «رەھمان نېمىدۇر؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، «رەھمان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۈرە نازىل قىلىپمۇ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَبَارَكَ الَّذِي جَعَلَ فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَاجًا وَقَمَرًا مُنِيرًا
ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسماندا بۇرجلار قىلغان، ئۇنىڭدا چىراغ ۋە نۇرلۇق ئاينى بار قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز! — ئەنەس ئالىم
رەھمان، شەنى شۇنداق ئۇلۇغ ۋە بەرىكىتى شۇنداق چەكسىز زاتكى، زېمىندىكى مەخلۇقاتنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئاسماندا 12 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز ياراتتى، ئاسماندا يەنە ئىسسىقلىق ۋە نۇر مەنبەسى بولغان قۇياشنى، قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بولغان ئاينى بار قىلدى، ئۇلارنى ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرۇپ زېمىندىكى مەخلۇقاتىغا نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزدى؛ قۇياشنى ئۆز سىستېمىسىدىكى باشقا پلانېتىلار بىلەن ئۆز ئوربىتىسىدا بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدىغان ۋە بۇ ئايلىنىش جەريانىدا مەزكۇر 12 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز رايونىدىن ئۆتىدىغان، شۇنداقلا زېمىن ئەھلىنى سان - ساقسىز مەنپەئەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ خِلْفَةً لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يَذَّكَّرَ أَوْ أَرَادَ شُكُورًا
ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبرەت ئالماقچى بولغان ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگەن زات ئۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئويلانماقچى ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرىدىغان قىلدى. — ئەنەس ئالىم
رەھمان شۇنداق زاتكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرىدىغان، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئالمىشىپ تۇرىدىغان ۋە بىرى - ئۇزىرىپ يەنە بىرى قىسقىرىپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت تەييارلايدىغان قىلدى، بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ ئىككى مەخلۇقاتنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدىكى ئىلاھىي قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمەتنى، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ تائالا «رەھمان نېمىدۇر؟» دېگەن مۇشرىكلارغا، 61 - ۋە 62 - ئايەتلەردە «رھمان»نىڭ نېمىلىكىنى تونۇتقاندىن كېيىن، 63 ~ 77 - ئايەتلەردە «رەھمان»غا لايىق رەۋىشتە بەندە بولغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعِبَادُ الرَّحْمَٰنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا -ياقتۇرمايدىغان- سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەھماننىڭ بەندىلىرى، زېمىندا تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدىغان ۋە نادانلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! «رەھمان» - ئەنە شۇدۇر. ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ۋە ھايات كەچۈرۈشىنىڭ «رەھمان» ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلگەن، شۇنداقلا ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ نمېەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان «رەھمان»غا باش ئەگكەن بەندىلەر كەمتەر ئادەملەر بولۇپ ماڭسا تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار قوپال گەپ قىلسا سىلىق گەپ بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، ئەخمەقلەر تىللىسا تەڭ بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا «خەير - خوش» دەپ ئۇلاردىن يىراقلىشىدۇ. دەرۋەقە غادىيىپ مېڭىش تەكەببۇرلۇقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە چۈشەندۈرىدۇ ۋە بۇنداق مېڭىشتىن توسىدۇ. جاھىل، نادان ۋە ئەخمەق ئادەملەر بىلەن تەڭ بولماسلىق، ئۇلارنىڭ ناشايان سۆزلىرىگە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىش مۇئمىنلارنىڭ ئەخلاقىدۇر. بۇنىڭغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، مۇشرىك ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمسەن؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. مېنى بىر مۇددەت تەرك ئەتكىن؛ يوقال كۆزۈمدىن، سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېگەن چاغدا، ئۇنىڭ بۇ قوپال سۆزلىرىگە، «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر. مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن» دېگەن مەنىدىكى چىرايلىق ۋە ھەققانىي سۆزلىرى مىسال بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا
ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار كېچىلەرنى رەببىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
(64-66) ئۇ بەندىلەر كۈندۈزنى ئەنە شۇنداق ياخشى ئەخلاق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ؛ بىراۋغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ، بىراۋنىڭ ئەزىيىتىگە سەۋر قىلىدۇ، خاتالىققا توغرىلىق بىلەن، قوپاللىققا سىلىقلىق بىلەن ۋە نادانلىققا كەڭ قورساقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار كېچىلىرىنى بولسا نەپلە نامازلارنى ئۆتەش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇلار تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتەيدۇ ۋە تەھەججۇدنىڭ ئاخىرىدا رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ. رەببىنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن يامان تۇرالغۇ!». يەنى ئۇ ياخشى بەندىلەر بەش ۋاخ نامازنى لايىق رەۋىشتە ئۆتىگەننىڭ ۋە باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا نەپلە ئىبادەتلەرنى، بولۇپمۇ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ، ئىسسىق ياتىقىدىن ئايرىلىپ كېچە نامىزى بولغان تەھەججۇدنى ئۆتەيدۇ ۋە تەھەججۇدنىڭ ئاخىرىدا، سەھەر ۋاقتىدا قۇنۇت دۇئاسىنى قىلىپ ئۆزى، ئائىلىسى، ۋە بارلىق مۇئمىن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى، خۇسۇسەن قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ ۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن داۋاملىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دەيدىغان كىشىلەردۇر: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّهَا سَاءَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
جەھەننەم نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن يامان تۇرالغۇ!». — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ إِذَا أَنْفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خىراجەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ بەندىلەر ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلىدىغان چىقىملىرى، ئاتا - ئانىسغا قىلىدىغان ماددىي ياخشىلىقلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قىلىدىغان سىيلە - رەھىملىرى، پېقىر - مىسكىن ۋە موھتاجلارغا قىلىدىغان خەير - ئېھسانلىرى، ياخشى يوللارغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ياردەم ۋە ئىئانىلىرى... قاتارلىق خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئەكسىچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يول تۇتىدۇ؛ ئېھتىياجدىن ئارتۇقمۇ چىقىم قىلمايدۇ، كېرەكلىك مىقداردىن ئازمۇ چىقىم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا چىقىم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا
ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر مەبۇدغا يالۋۇرمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇلارنى قىلىدىكەن ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ، — ئەنەس ئالىم
(68-69) ئۇ بەندىلەر شېرىك، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زىنا قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ؛ ئۇلار تەۋھىد ۋە ئىخلاسنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىشلىرىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يىراق تۇرىدۇ، ئىپپىتىنى ساقلايدۇ، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە زىنا قىلىش ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ دەسلەپكى ئۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ياخشى بەندىلەرنىڭ قىلمىشى بولمايدۇ. كىمكى بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن جازاغا ئۇچرايدۇ؛ قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا، ئەنە شۇلار بارغۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
لېكىن ئۇ قەبىھ گۇناھ ۋە ئېغىر جىنايەتلەردىن تەۋبە قىلغان، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەنلەر مەزكۇر جازاغا ئۇچرىمايدۇ. ئاللاھ بۇنداق سەمىمىي تەۋبىكارلارنىڭ بۇرۇنقى يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شېرىك ئەقىدىسىنى تەۋھىد ئەقىدىسىگە، يامان قىلمىشلىرىنى ياخشى ئەمەللەرگە ئۆزگەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ سەمىمىي تەۋبىسىدىن كېيىن تەۋھىدتە چىڭ تۇرىدىغان، ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنى ۋە ئۇ گۇناھلارغا بېرىدىغان جازانى بۇ سەمىمىي تەۋبە بىلەن كەچۈرۈم قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇكاپات ۋە ئىنئاملار ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغانلارغا ئەنە شۇنداق مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ تَابَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّهِ مَتَابًا
كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى ئۇ ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە پۇشمان بىلەن يۈزلەنگەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كىم گۇناھىدىن تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغان بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، پايدىسىز سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتكە يولۇقسا، ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ بەندىلەر يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىدۇ، ئەھمىيەتسىز گەپ، ناشايان ئىش ۋە بىمەنە قىلىققا يولۇقسا، ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىدىن، چاقچاق ۋە قۇرۇق پاراڭ جايلىرىدىن، بەزمە ئۇچرىشىشلىرىدىن يىراق تۇرىدۇ، ناۋادا دۇچ كېلىپ قالسا ئېتىبارىنى ساقلاپ، ئىناۋىتىنى قوغداپ ئۇ يەردىن تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» يالغان ئېيتىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ قەبىھ گۇناھتىن ۋە ئەڭ چوڭ گۇناھ بولغان بۇتپەرەسلىكتىن توسۇشنى بىر ئايەتتە بىرلىكتە زىكىر قىلغان. بۇ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ نە قەدەر چوڭ گۇناھ ۋە نە قەدەر ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتتە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئاللاھقا لايىق بەندە بولۇشقا زىت كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئۇ گۇناھنىڭ قەبىھلىكى ئەسلىتىلىدۇ. «بىھۇدە سۆز - ھەرىكەت»تىن نېرى تۇرۇشمۇ ئىككى ئايەتتە مۇرادىغا يېتىدىغانلىقى بېشارەت بېرىلگەن مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ، بۇ ئايەتتە ئاللاھقا لايىق بەندە بولغان كىشىلەرنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَمْ يَخِرُّوا عَلَيْهَا صُمًّا وَعُمْيَانًا
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدىغان كىشىلەردۇر[4]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ بەندىلەر قۇرئان ئايەتلىرى يەتكۈزۈلسە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالمايدۇ، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالمايدۇ، ئەكسىچە دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە چۈشەنگەنلىرىنى دىللىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، دىللىرى يورۇيدۇ، ئىمانى كۈچىيىدۇ، تەقۋالىقى ئارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە شادلىق ۋەسىلىسى بولىدىغان جۈپتىلەر ۋە ئەۋلادلار بەرگىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ بەندىلەر ئاللاھتىن ئائىلە تەۋەلىرىگە ھىدايەت، ئۆزلىرىگە تەقۋالىقتا پېشىۋالىق تىلەيدۇ؛ ئاللاھقا، «رەببىمىز! بىزگە دىيانىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان جورا ۋە نەسىللەر ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەر بەندىلەر، ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرى ئۈچۈن پاك - دىيانەتلىك خوتۇن ۋە ئىمان - ئىنساپلىق ئەۋلاد ئاتا قىلىشىنى، ئۆزلىرىنى ياخشى ئىشلاردا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيدۇ. ئايال بەندىلەرمۇ ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ۋاپادار ۋە تەقۋادار ئەر، ئاللاھقا ئىتائەتچان ۋە ئۆزلىرىگە (ئاتا - ئانىسىغا) كۆيۈمچان ئەۋلاد ئاتا قىلىشىنى، ئۆزلىرىنى ياخشى ئىشلاردا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيدۇ. دەرۋەقە مۇئمىننىڭ ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تۈزىتىش، ئاندىن باشقىلارنى ئۆزىنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىشتۇر. ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تۈزەتمەستىن بىراۋنى ئۆزىنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بەك يامان كۆرۈلىدىغان ئىشنى قىلغانلىقتۇر. شۇڭلاشقا ھەر مۇئمىن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تۈزىتىشكە، شۇنداقلا دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزۇشقا تىرىشىشى لازىم. 63 - ئايەتتىن بۇ (74 -) ئايەتكىچە، ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە بەندە بولغان ئەر - ئايال مۇئمىنلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۇ ياخشى بەندىلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالاغا تايىنىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ ئۈلگە مۇئمىن ۋە ئۆرنەك ئائىلە بولۇش، غايىسىنىڭ پەقەتلا ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئىكەنلىكى قاتارلىق خىسلەتلىرى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ياخشى بەندە بولۇش ئۈچۈن ھەم لايىق رەۋىشتە سەۋەب قىلىش ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىلاھىي نۇسرەت بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ يُجْزَوْنَ الْغُرْفَةَ بِمَا صَبَرُوا وَيُلَقَّوْنَ فِيهَا تَحِيَّةً وَسَلَامًا
ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(75-76) ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى (63 ~ 74 -) ئايەتلەردە تونۇتۇلغان ياخشى بەندىلەر توغرا يولدا سەۋر قىلىپ ئاداققىچە ماڭغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ سارايلار نېمىدېگەن ياخشى قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن ياخشى تۇرالغۇدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَالِدِينَ فِيهَا ۚ حَسُنَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ سارايلار نېمىدېگەن ياخشى قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن ياخشى تۇرالغۇدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ ۖ فَقَدْ كَذَّبْتُمْ فَسَوْفَ يَكُونُ لِزَامًا
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كاپىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، -ئى كاپىرلار! سىلەر پەيغەمبەرنى- ئىنكار قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟ سىلەر راستنى يالغان دېدىڭلار. بۇنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى بىلەن ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇ خىسلەتلىرى بولمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۇ مۇكاپاتقا ھەرگىزمۇ ئېرىشتۈرمەيدۇ. دېمەككى، سىلەر ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئېتىبار بەرمەيدۇ، ئىلتىپات قىلمايدۇ، سىلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. ئى كافىرلار! سىلەر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدىڭلار، شۇڭلاشقا بۇنىڭ مەڭگۈ جازاسىنى چوقۇم تارتىسىلەر، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن يانمىساڭلار ئۇ جازانى چېكىشكە تەييارلىنىڭلار». دەرۋەقە ئاللاھ تائالا كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىنسانلارنى بولسا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىپ سىناش، سىناقتىن ئۆتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش، سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەرنى جازالاش ئۈچۈن ياراتقان. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىنسانلار ئوخشاش؛ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى. لېكىن لايىق ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئەستايىدىل ئىتائەت قىلىش بىلەن سىناقتىن ئۆتكەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ۋە مۇكاپاتلىشىغا لايىق بەندىلىرى، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ يامان ۋە جازالىنىشقا تېگىشلىك بەندىلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى