قاف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 45 ئايەت
مەنىسى: «ق» ھەرىپى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى شۇ ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. (50-سۈرە قاف، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ق ۚ وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ
    قاف. شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن

    قاف (بۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى [1].

  2. (50-سۈرە قاف، 2-ئايەت)
    بَلْ عَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ
    بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر

    كافىرلار (ئىمان ئېيتمايلا قالماي) بەلكى ئۆزىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى ھەمدە:«بۇ ھەيران قالارلىق ئىشتۇر [2]،

  3. (50-سۈرە قاف، 3-ئايەت)
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا ۖ ذَٰلِكَ رَجْعٌ بَعِيدٌ
    بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر»

    بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن تىرىلىپ ئەسلىمىزگە قايتامدۇق؟ بۇنداق قايتىش ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېيىشتى [3].

  4. (50-سۈرە قاف، 4-ئايەت)
    قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنْقُصُ الْأَرْضُ مِنْهُمْ ۖ وَعِنْدَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ
    ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار

    ئۇلارنىڭ جەسەتلىردىن زېمىننىڭ قانچىلىك يەپ كەتكەنلىكى ئەلۋەتتە بىزگە مەلۇمدۇر. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (لەۋھۇلمەھفۇز) بار [4].

  5. (50-سۈرە قاف، 5-ئايەت)
    بَلْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ فَهُمْ فِي أَمْرٍ مَرِيجٍ
    بەلكى ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، ئۇلار قالايمىقان ھالەتتىدۇر

    ئۇلار بولسا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت (قۇرئان) نى ئىنكار قىلدى،شۇڭا ئۇلار قالايمىقان ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ [5].

  6. (50-سۈرە قاف، 6-ئايەت)
    أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ
    ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟

    ئۇلار ئاسماننى قانداق تۇرغۇزغانلىقىمىزغا، قانداق بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟ [6].

  7. (50-سۈرە قاف، 7-ئايەت)
    وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
    زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق

    يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق [7].

  8. (50-سۈرە قاف، 8-ئايەت)
    تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
    ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق)

    بۇنى ئاللاھقا يۈزلەنگۈچى ھەربىر بەندىنىڭ ئەقلىنى ئېچىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى ئويغا سېلىش ئۈچۈن قىلدۇق [8].

  9. (50-سۈرە قاف، 9-ئايەت)
    وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُبَارَكًا فَأَنْبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ
    كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق

    بۇلۇتتىن مەنپەئەتى كۆپ سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق [9-10].

  10. (50-سۈرە قاف، 10-ئايەت)
    وَالنَّخْلَ بَاسِقَاتٍ لَهَا طَلْعٌ نَضِيدٌ
    كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق

    بۇلۇتتىن مەنپەئەتى كۆپ سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق [9-10].

  11. (50-سۈرە قاف، 11-ئايەت)
    رِزْقًا لِلْعِبَادِ ۖ وَأَحْيَيْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ الْخُرُوجُ
    (ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن (ئۆستۈردۇق)، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر

    بۇلارنى بەندىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى تىرىلدۈردۇق، ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر [11].

  12. (50-سۈرە قاف، 12-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى- ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرنى يالغانچى دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازاب ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى [12ـ14].

  13. (50-سۈرە قاف، 13-ئايەت)
    وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى- ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرنى يالغانچى دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازاب ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى [12ـ14].

  14. (50-سۈرە قاف، 14-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (شۇئەيب قەۋمى) تۈببە قەۋمى- ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرنى يالغانچى دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازاب ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى [12ـ14].

  15. (50-سۈرە قاف، 15-ئايەت)
    أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
    (ئىنسانلارنى) دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (بىز بۇنىڭدا ئاجىزلىق قىلمىغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشتىمۇ ئاجىزلىق قىلمايمىز). ئۇلار يېڭىدىن يارىتىلىشقا (يەنى قىيامەتتە تىرىلدۈرۈشكە) قارىتا گۇماندىدۇر

    بىز ئاۋۋالقى قېتىم يوقنى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ئەكسىچە ئۇلار (قىيامەتتە) يېڭىدىن يارىتىلشقا گۇماندىدۇر [15].

    .
  16. (50-سۈرە قاف، 16-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
    بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز

    بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز [16].

  17. (50-سۈرە قاف، 17-ئايەت)
    إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ

    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار. ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلسۇن، ئۇنىڭ يېنىدىكى پەرىشتە نەق مەيداندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ [17ـ18].

  18. (50-سۈرە قاف، 18-ئايەت)
    مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ

    ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار. ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلسۇن، ئۇنىڭ يېنىدىكى پەرىشتە نەق مەيداندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ [17ـ18].

  19. (50-سۈرە قاف، 19-ئايەت)
    وَجَاءَتْ سَكْرَةُ الْمَوْتِ بِالْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنْتَ مِنْهُ تَحِيدُ
    ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ

    ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى، سەن بولساڭ ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ [19].

  20. (50-سۈرە قاف، 20-ئايەت)
    وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ
    سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كۇففارلارغا) ئازاب ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر

    سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ كۈن (كافىرلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر [20].

  21. (50-سۈرە قاف، 21-ئايەت)
    وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ
    ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ

    ھەر ئىنسان بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھ بولغۇچى پەرىشتە بىلەن مەھشەرگاھقا كېلىدۇ [21].

  22. (50-سۈرە قاف، 22-ئايەت)
    لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ
    ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ

    ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! سەن بۇ كۈندىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى كۆزۈڭدىكى پەردىنى كۆتۈرۋەتتۇق،شۇڭا بۈگۈن سېنىڭ كۆزۈڭ روشەنلىشىپ كەتتى» دېيىلىدۇ [22].

  23. (50-سۈرە قاف، 23-ئايەت)
    وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
    ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ

    ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ نامە ـ ئەمال مېنىڭ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ [23].

  24. (50-سۈرە قاف، 24-ئايەت)
    أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)

    (ئاللاھ تائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كافىرنى دوزاخقا تاشلاپ، قاتتىق ئازبلاڭلار» (دەيدۇ) [24ـ26].

  25. (50-سۈرە قاف، 25-ئايەت)
    مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)

    (ئاللاھ تائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كافىرنى دوزاخقا تاشلاپ، قاتتىق ئازبلاڭلار» (دەيدۇ) [24ـ26].

  26. (50-سۈرە قاف، 26-ئايەت)
    الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ
    (ئاللاھتائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار» (دەيدۇ)

    (ئاللاھ تائالا ئىككى پەرىشتىگە خىتاب قىلىپ) «ھەققە قارشى تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كافىرنى دوزاخقا تاشلاپ، قاتتىق ئازبلاڭلار» (دەيدۇ) [24ـ26].

  27. (50-سۈرە قاف، 27-ئايەت)
    قَالَ قَرِينُهُ رَبَّنَا مَا أَطْغَيْتُهُ وَلَٰكِنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
    ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن (ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن) چوڭقۇر گۇمراھلىقتا بولدى» (دەيدۇ)

    ئۇنىڭ ھەمراھى(شەيتان): «ئى رەببىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزى بەك ئېزىپ كەتتى» دەيدۇ [27].

  28. (50-سۈرە قاف، 28-ئايەت)
    قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُمْ بِالْوَعِيدِ
    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ

    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ [28ـ29].

  29. (50-سۈرە قاف، 29-ئايەت)
    مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ

    ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ [28ـ29].

  30. (50-سۈرە قاف، 30-ئايەت)
    يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِنْ مَزِيدٍ
    ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ

    ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ» دەيدۇ [30].

  31. (50-سۈرە قاف، 31-ئايەت)
    وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ
    جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ

    جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، يىراق بولمايدۇ [31].

  32. (50-سۈرە قاف، 32-ئايەت)
    هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
    مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر

    (ئۇلارغا)«سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بۇ جەننەت ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە رىئايە قىلغان، مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك كۈندۇر» دېيىلىدۇ [32ـ34].

  33. (50-سۈرە قاف، 33-ئايەت)
    مَنْ خَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ وَجَاءَ بِقَلْبٍ مُنِيبٍ
    كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)

    (ئۇلارغا)«سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بۇ جەننەت ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە رىئايە قىلغان، مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك كۈندۇر» دېيىلىدۇ [32ـ34].

  34. (50-سۈرە قاف، 34-ئايەت)
    ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُلُودِ
    كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە (ئۇلارغا) «جەننەتكە ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ)

    (ئۇلارغا)«سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بۇ جەننەت ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە رىئايە قىلغان، مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك كۈندۇر» دېيىلىدۇ [32ـ34].

  35. (50-سۈرە قاف، 35-ئايەت)
    لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ فِيهَا وَلَدَيْنَا مَزِيدٌ
    جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا (ئۇلارغا) زىيادە (نېمەتلەر) بار

    جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نېمەت بار [35].

  36. (50-سۈرە قاف، 36-ئايەت)
    وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُمْ بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِنْ مَحِيصٍ
    بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى، (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟

    بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش كافىرلىرىدىن ) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇ ئۈممەتلەر ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلارمۇ دەپ ھەرقايسى جايلارنى كەزگەن ئىدى [36].

  37. (50-سۈرە قاف، 37-ئايەت)
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَنْ كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
    بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار

    بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىسى ياكى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار [37].

  38. (50-سۈرە قاف، 38-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِنْ لُغُوبٍ
    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھېچقانداق چارچاپ قالغىنىمىز يوق

    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىز ھەرگىزمۇ چارچاپ قالمىدۇق [38].

  39. (50-سۈرە قاف، 39-ئايەت)
    فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
    (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن

    (ئى مۇھەممەد!)ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ تەسبىھ ئېيتقىن [39].

  40. (50-سۈرە قاف، 40-ئايەت)
    وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ
    كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن

    كېچىدە ۋە نامازدىن كېيىن تەسبىھ ئېيتقىن [40].

  41. (50-سۈرە قاف، 41-ئايەت)
    وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
    نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن

    نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسرافىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن [41].

  42. (50-سۈرە قاف، 42-ئايەت)
    يَوْمَ يَسْمَعُونَ الصَّيْحَةَ بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُرُوجِ
    ئۇلار ھەقنى ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋازنى (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇرنى) ئاڭلىغان كۈن ـ ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر

    ئۇلار شۇ كۈندە سۇر ئاۋازىنى ھەقىقى ئاڭلايدۇ، ئەنە شۇ (كۈن قەبرىلەردىن چىقىش كۈنىدۇر [42].

  43. (50-سۈرە قاف، 43-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا الْمَصِيرُ
    بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر

    بىز ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىمىز ۋە تىرىلدۈرىمىز، ئاخىر بارىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر [43].

  44. (50-سۈرە قاف، 44-ئايەت)
    يَوْمَ تَشَقَّقُ الْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ
    ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇ يىغىش بىزگە ئاساندۇر

    ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ، ئەنە شۇنداق يىغىش بىزگە ئاساندۇر [44].

  45. (50-سۈرە قاف، 45-ئايەت)
    نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآنِ مَنْ يَخَافُ وَعِيدِ
    بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن

    بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازابىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن [45].