ئىنفىتار سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەت
مەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
  1. (82-سۈرە ئىنفىتار، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
    ئاسمان يېرىلغان چاغدا

    ئاسمان يېرىلغان چاغدا [1]،

  2. (82-سۈرە ئىنفىتار، 2-ئايەت)
    وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
    يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا

    يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا [2]،

  3. (82-سۈرە ئىنفىتار، 3-ئايەت)
    وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
    دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا

    دېڭىزلار بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا [3]،

  4. (82-سۈرە ئىنفىتار، 4-ئايەت)
    وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
    قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا

    قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر تىرىلدۈرۈلۈپ چىقىرىلغان چاغدا [4]،

  5. (82-سۈرە ئىنفىتار، 5-ئايەت)
    عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
    ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ

    ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ [5].

  6. (82-سۈرە ئىنفىتار، 6-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
    ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟

    ئى ئىنسان! سېنى بېجرىم، قامىتىڭىنى تۈز قىلىپ، ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزۈپ ياراتقان كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسيىلىق قىلىشىڭدا سېنى نېمە قايمۇقتۇردى؟ [6-8].

  7. (82-سۈرە ئىنفىتار، 7-ئايەت)
    الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
    ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى

    ئى ئىنسان! سېنى بېجرىم، قامىتىڭىنى تۈز قىلىپ، ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزۈپ ياراتقان كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسيىلىق قىلىشىڭدا سېنى نېمە قايمۇقتۇردى؟ [6-8].

  8. (82-سۈرە ئىنفىتار، 8-ئايەت)
    فِي أَيِّ صُورَةٍ مَا شَاءَ رَكَّبَكَ
    سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى

    ئى ئىنسان! سېنى بېجرىم، قامىتىڭىنى تۈز قىلىپ، ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزۈپ ياراتقان كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسيىلىق قىلىشىڭدا سېنى نېمە قايمۇقتۇردى؟ [6-8].

  9. (82-سۈرە ئىنفىتار، 9-ئايەت)
    كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِالدِّينِ
    ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر

    ھەرگىز قايمۇقۇپ قالمىغىن (ئى مەككە كافىرلىرى!) ئەمەلىيەتتە سىلەر دىننى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر [9].

  10. (82-سۈرە ئىنفىتار، 10-ئايەت)
    وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
    ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار

    ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ھەقىقەتەن سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار [10].

  11. (82-سۈرە ئىنفىتار، 11-ئايەت)
    كِرَامًا كَاتِبِينَ
    ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ

    ئۇلار خاتىرلىگۈچى ئىززەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [11-12].

  12. (82-سۈرە ئىنفىتار، 12-ئايەت)
    يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
    ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

    ئۇلار خاتىرلىگۈچى ئىززەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [11-12].

  13. (82-سۈرە ئىنفىتار، 13-ئايەت)
    إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
    مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ

    ياخشى ئادەملەرنىڭ ئورنى چوقۇم جەننەت بولىدۇ [13]،

  14. (82-سۈرە ئىنفىتار، 14-ئايەت)
    وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
    كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ

    يامان ئادەملەرنىڭ ئورنى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ [14].

  15. (82-سۈرە ئىنفىتار، 15-ئايەت)
    يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
    ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ

    ئۇلار ئۇ دوزاخقا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ [15].

  16. (82-سۈرە ئىنفىتار، 16-ئايەت)
    وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
    ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ

    ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ [16].

  17. (82-سۈرە ئىنفىتار، 17-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق دەھشەتلىك كۈن ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟ [17].

  18. (82-سۈرە ئىنفىتار، 18-ئايەت)
    ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    يەنە قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق دەھشەتلىك كۈن ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟ [18].

  19. (82-سۈرە ئىنفىتار، 19-ئايەت)
    يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
    ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر

    ئۇ كۈندە بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر [19].