ئىنسان سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 31 ئايەت
مەنىسى: ئىنسان. ئاتىلىش سەۋەبى: ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَىٰ عَلَى الْإِنْسَانِ حِينٌ مِنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُنْ شَيْئًا مَذْكُورًا
    ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان ئۈستىدىن ئۇ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر نەرسە بولمىغان ھالەتتە زاماندىن مۇددەت ئۆتمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا زىكىر قىلىنغۇچى بىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زاماندىن بىر مۇددەت كەلدى، شۇنداق ئەمەسمۇ! — ئەنەس ئالىم

    ئىنسان تىلغا ئېلىنغۇدەك بىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زاماندىن بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۆتكۈزدى؛ ئاللاھ يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنساننى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان ۋاقىتتىن تاكى ئۇنى دۇنياغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇزۇن زامان ئۆتىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلىشى ئىرادە قىلىنغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى شەكىللەندۈرۈشى پىلانلانغان تۇپراق باسقۇچى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، لەختە قان، تولۇق شەكىلگە كىرمىگەن بىر چاينام گۆش، (سۆڭەكلەردىن ھاسىل بولغان) ئىسكىلىت، گۆش قوندۇرۇلغان سۆڭەكلەر، روھ پۈۋلىنىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلىرى ۋە تۇغۇلغان چېغى ئەنە شۇ ئۇزۇن زاماننى كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇنداق ئۇزۇن زامانكى ئۇنىڭ تۇپراق باسقۇچىغا كەلگۈچىلىك بولغان مىقدارىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (2-3) بىز ئىنساننى ئاتىلىق ئۇرۇقى بىلەن ئانىلىق ھۈجەيرىسىنىڭ ئارىلاشما ھالىتىدىن شەكىللەنگەن تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى ئەمر - پەرمانلار بىلەن سىنايمىز، شۇڭلاشقا ئۇنى ۋەز - نەسىھەتنى ئاڭلايدىغان ۋە تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۇق. بىز ئۇنىڭغا ياخشى - يامان يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا ياخشى يولدا مېڭىپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ، ياكى يامان يولدا مېڭىپ كۇفرىلىق قىلغۇچى بولىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغىنىنى ۋە كۆرگىنىنى تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرالايدىغان قابىلىيەتتە ياراتتى، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى - يامان يولنى كۆرسەتتى، شۇنداقلا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەردى. ئۇ بۇ ئىختىيارى بىلەن يا ياخشىنى تاللاپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ ياكى ياماننى تاللاپ كۇفرىلىق قىلغۇچى بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئىنسان ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان ئىنسان كافىر بولىدۇ. خالىغان ئىنسان نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ، خالىغان ئىنسان ئەقلى بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بولىدۇ: بىرى ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن شۈكۈر قىلغۇچى ئىنسانلار، يەنە بىرى نەپسىگە بېرىلگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن كۇفرىلىق قىلغۇچى ئىنسانلار. ئەسكەرتىش: ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا روھنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن، ئۇ قۇلاقلىرى ئاڭلىغان ئاۋازلارنى، كۆزلىرى كۆرگەن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىش، دىلى يەكۈن چىقىرىش قابىلىيەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ ئۆگىنىشنىڭ قوراللىرىدۇر، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت يۈكلىنىش سەۋەبلىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىيەتكە ئەسلىتىلگەن سەمئـ، ئەبسار ۋە ئەفئىدە ﴿السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ﴾ ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانغا بېرىلىش ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا مۇئمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  4. (76-سۈرە ئىنسان، 4-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز كافىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە دوزاخنى تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز، ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى يامان يولنى تاللاشقا ئىشلىتىپ كۇفرىلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتتە قول - پۇتلىرىنى باغلاش ئۈچۈن زەنجىرلەرنى، بويۇنلىرىغا سېلىش ئۈچۈن تاقاقلارنى ۋە كۆيدۈرۈپ ئازابلاش ئۈچۈن دوزاخ ئوتىنى تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِنْ كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا
    ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان جاملاردىن ئىچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان قەدەھلەردىن ئىچىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (5-6) بىز، ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى ياخشى يولنى تاللاشقا ئىشلىتىپ شۈكۈر قىلغۇچى بولغان ياخشىلارغا ئاخىرەتتە جەننەتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇلىدۇ، ئۇلارغا خىزمەتچىلەر كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىكلەرنى سۇنۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار سۇنۇلغان قەدەھلەردىن ئۇ ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ. كافۇر - ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى جەننەتتە خالىغان يەرلىرىگە ئېقىتىپ خالىس ئىچىدىغان بۇلاق بولۇپ، ئۇ بۇلاقنىڭ ئىچىملىكىدىن ئەنە شۇ ياخشىلارغا بېرىلىدىغان ئىچىملىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ سۇنۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا
    (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا) ئېقىتىپ بارالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كافۇر بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇلار بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ ئېقىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى خالىغان يەرلىرىگە ئېقىتىپ ئىچىدىغان بۇلاقتۇر. — ئەنەس ئالىم

  7. يُوفُونَ بِالنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُ مُسْتَطِيرًا
    ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن قورقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىلەر نەزىرلىرىگە[1] ۋاپا قىلىدۇ، يامانلىقى كەڭ تارقىلىدىغان كۈندىن قورقىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (7-10) ئۇ ياخشىلار نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلىدىغان، دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان قىيامەت كۈنىدىن قورقىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرغان تائامنى مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە: «بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۈرمۇ كۆزلىمەيمىز. چۈنكى بىز رەببىمىزنىڭ، تۇتۇق ۋە دەھشەتلىك كۈنىدىن قورقىمىز» دېگەن مەنىنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەپ تۇرۇپ يېگۈزىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا
    ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىغا تارتقىنىغا قارىماي، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  9. (76-سۈرە ئىنسان، 9-ئايەت) ئىخلاس سەدىقە
    إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا
    (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلار ئېيتىدۇ- «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۈرمۇ كۆزلىمەيمىز. — ئەنەس ئالىم

  10. (76-سۈرە ئىنسان، 10-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھتىن قورقۇش
    إِنَّا نَخَافُ مِنْ رَبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئېغىر، قاتتىق كۈندە رەببىمىزدىن قورقىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى بىز رەببىمىزنىڭ، تۇتۇق ۋە دەھشەتلىك كۈنىدىن قورقىمىز». — ئەنەس ئالىم

  11. فَوَقَاهُمُ اللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ الْيَوْمِ وَلَقَّاهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا
    ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھمۇ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا بىر نۇر ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى ئۇ كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىدى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر، دىللىرىغا خۇشاللىق بەردى، — ئەنەس ئالىم

    (11-12) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۇ دەھشەتلىك كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر، دىللىرىغا خۇشاللىق بېرىدۇ، ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَجَزَاهُمْ بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا
    ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە يىپەك بىلەن مۇكاپاتلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. — ئەنەس ئالىم

  13. مُتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًا وَلَا زَمْهَرِيرًا
    ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتتە تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتتە ئاپتاپمۇ، سوغۇقمۇ كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (13-18) ئۇلار ئۇ جەننەتتە تەختلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇ تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتتە ئاپتاپمۇ، سوغۇقمۇ كۆرمەيدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ سايىلىرى يېقىن بولىدۇ، مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئاسان قىلىنىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەر ئۇلارنىڭ مېۋە ئۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېگىلىپ بېرىدۇ. خىزمەتچىلەر يېمەكلىكلەر قويۇلغان كۈمۈش قاچىلارنى ۋە ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىغا قاراپ ئىچىملىكلەر بىلەن ئۆزلىرى تولدۇرغان شىشىدەك سۈزۈك كۈمۈش پىيالىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. خىزمەتچىلەر جەننەتتە ئۇلارغا يەنە زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان ۋە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقنىڭ ئىچىملىكى قۇيۇلغان پىيالىلارنى سۇنۇپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَالُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًا
    جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    جەننەتتىكى سايىلەر ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئۇ جەننەتنىڭ سايىلىرى يېقىن بولىدۇ، مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئاسان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  15. وَيُطَافُ عَلَيْهِمْ بِآنِيَةٍ مِنْ فِضَّةٍ وَأَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِيرَا
    ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا كۈمۈش تەخسىلەر ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان سۈزۈك جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن كۈمۈش قاچىلار ۋە پىيالىلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇ پىيالىلەر شېشىلەردىن ياسالغان. — ئەنەس ئالىم

  16. قَوَارِيرَ مِنْ فِضَّةٍ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًا
    ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    كۈمۈشتىن ياسالغان سۈزۈك جاملار. ئۇلار ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئۆلچەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شېشىلەر كۈمۈشتىن ياسالغان. ئۇلار ئۇنى ئۆلچەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  17. وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنْجَبِيلًا
    ئۇلارغا يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار (يەنى جامدىكى مەيلەر) سۇنۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن سۇغىرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە ئۇ جەننەتتە زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان قەدەھلەر بىلەن سۇغىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  18. عَيْنًا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًا
    جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار — مۇھەممەد سالىھ

    جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ، جەننەتتە بىر بۇلاق بولۇپ سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  19. وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَنْثُورًا
    قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، كۆرگەن چېغىڭدا ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر خىل تۇرىدىغان بالىلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنى چېچىلغۇچى مەرۋايىت دەپ ئويلايسەن. — ئەنەس ئالىم

    (19-22) ئى ئىنسان! ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە ياش تۇرىدىغان، سەن كۆرسەڭ چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىدىغان بالا خىزمەتچىلەر ئايلىنىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. سەن ئۇ يەرگە قارايدىغان بولساڭ تۈرلۈك - تۈمەن نېمەتلەر ۋە شاھانە تۇرمۇش كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە نىپىز ۋە قېلىن يىپەكلەردىن تەييارلانغان يېشىل كىيىملەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرىغا كۈمۈش بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى پاك ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈلگەن ۋە سىلەرگە بۇ مۇكاپاتلار تەييارلانغان ئىدى. ھازىر سىلەرگە بېرىلگەن بۇ نازۇنېمەتلەر ئەنە شۇ مۇكاپاتلاردۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًا وَمُلْكًا كَبِيرًا
    قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن — مۇھەممەد سالىھ

    قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەردە كۆرسەڭ، نېمەت ۋە بۈيۈك پادىشاھلىق كۆرىسەن. — ئەنەس ئالىم

  21. عَالِيَهُمْ ثِيَابُ سُنْدُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ ۖ وَحُلُّوا أَسَاوِرَ مِنْ فِضَّةٍ وَسَقَاهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُورًا
    ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارغا پاك شاراب سۇنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، ئۇلار كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، رەببى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئۈستىدە نىپىز ۋە قېلىن يىپەكلەردىن يېشىل كىيىملەر بولىدۇ. ئۇلار كۈمۈش بىلەزۈكلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ. رەببى ئۇلارنى پاك ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  22. إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَاءً وَكَانَ سَعْيُكُمْ مَشْكُورًا
    شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار تەشەككۈرگە لايىق كۆرۈلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەرنىڭ مۇكاپاتىڭلار ئىدى. مېھنىتىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىلغان ئىدى[2]». — ئەنەس ئالىم

  23. إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
    (ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (23-24) ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى ساڭا يادلىشىڭ، ئۆگىنىشىڭ ۋە ئۆگىتىشىڭ ئاسان بولسۇن دەپ پارچە - پارچە ھالىتىدە نازىل قىلدۇق، قۇرئان سېنىڭ دىلىڭغا ئورۇنلىشىپ دىلىڭ مۇستەھكەملەندى، شۇڭلاشقا سەن ئۆزۈڭنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ سېنىڭ زەپەرگە ئېرىشىشىڭنى ۋە مۇشرىكلارنىڭ جازالىنىشىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئاداققىچە بەلنى قويۇۋەتمەي كۈرەش قىلغىن، قەۋمىڭنىڭ ئىچىدىكى ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا ئىتائەت قىلمىغىن، كافىرغىمۇ مۇنافىققىمۇ بويسۇنمىغىن، ئەكسىچە ئاللاھقا تايىنىپ دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
    سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇڭا سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى تۇزكورغا ئىتائەت قىلمىغىن، — ئەنەس ئالىم

  25. (76-سۈرە ئىنسان، 25-ئايەت) زىكىر پەرز ناماز
    فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا
    ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن، — ئەنەس ئالىم

    (25-26) كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلى ۋە ئاخىرىدا رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن؛ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى ئۆتىگىن. كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىگەڭ - ئاللاھقا سەجدە قىلغىن؛ كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن قىسىملىرىدا نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىنى ئۆتىگىن. كېچىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۇزۇن قىسمىدا تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتىگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (76-سۈرە ئىنسان، 26-ئايەت) زىكىر سەجدە كېچە ئىبادىتى
    وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
    كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت — مۇھەممەد سالىھ

    كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئۇزۇن كېچىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم

  27. وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
    شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بۇلار نەخ -دۇنيا- نى ياخشى كۆرۈپ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە سەل قارايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، ئېغىر كۈننى ئارقىسىدا قويىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم

    (27-28) شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، ئېغىر كۈننى ئارقىسىدا قويىدۇ؛ بۇ دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدۇ، ئېغىر كۈن بولغان ئاخىرەت كۈنىنى سەل چاغلايدۇ، ئۇ كۈندىكى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشمايدۇ. ئۇلارنى بىز يوقتىن ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى مەزمۇت قىلدۇق؛ بوغۇملىرىنى چىڭ چىگدۇق. خالىغان چېغىمىزدا ئۇلارنى ئوخشاشلىرى بىلەن ئالماشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا
    بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلىرىنى كەلتۈرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. خالىغان چېغىمىزدا ئۇلارنى ئوخشاشلىرى بىلەن ئالماشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  29. نَحْنُ خَلَقْنَاهُمْ وَشَدَدْنَا أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَا أَمْثَالَهُمْ تَبْدِيلًا
    شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، شۇڭا خالىغان ئادەم رەببىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر[4]. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. — ئەنەس ئالىم

    (29-30) ئى ئىنسانلار! بۇ سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنە شۇ ھەقىقەتلەر ئاللاھنىڭ نەسىھەتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. سىلەر پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا خالىيالايسىلەر. ئاللاھ چەكسىز ئىلىم ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ ھەر نەرسىنى، ھەر ئىشنى ۋە ھەر ئەھۋالنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر ئىشنى ھېكمىتىگە ئۇيغۇن پىلانلايدۇ ۋە پۇختا شەكىلدە مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، بولۇپمۇ بەندىلىرىنى پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، زىيانلىق ئىشلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر ئىشى توغرا، ھەر سۆزى راست ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر. ئەسكەرتىش: «سىلەر پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا خالىيالايسىلەر» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى ھەققىدە 74 - سۈرە (مۇددەسسىر)نىڭ 54 ~ 56- ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئۇ مەلۇماتنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا بۇ قۇرئاندا قايسى يولنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ ئەگرى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق تونۇتتى. بەندىلىرىنىڭ قايسى يولنى تاللىشى توغرىسىدا ئۇلارغا ئىختىيار بەردى. ھەر بەندە ئۆز تاللىشىدا ھۆر بولغانلىقى ئۈچۈن خالىسا ئەگرى يولدىن ساقلىنىپ توغرا يولدا ماڭىدۇ ۋە توغرا ئادەم بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئاللاھ قۇرئاندا «ئەگرى يول» دېگەن يولدا مېڭىپ «توغرا ئادەم» بولالمايدۇ. ئۇ، توغرا ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ قۇرئاندا «توغرا يول» دېگەن يولنى تاللىغاندىلا «توغرا ئادەم» بولالايدۇ.، خاتا يولنى تاللاپ توغرا مەنزىلگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس.. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
    پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ خالىمىغۇچىلىك، سىلەر خالىيالمايسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا خالىيالايسىلەر[5]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  31. وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. زالىملارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. زالىملارغا بولسا ئېغىر ئازاب تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ رەھمىتىگە لايىق كۆرگەن كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئېغىر ئازاب تەييارلىدى؛ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئۇ ئازابقا دۇچار قىلىدۇ؛ ئاللاھ ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن، دەلىلگە قايىل بولغان ۋە ھەقنى قوبۇل قىلغان كىشىنى رەھمىتىگە نائىل قىلىدۇ، ئۇنداق قىلمىغان كىشى زالىم، كافىر، فاسىق، كاززاپ، ئازغۇن، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقۇچى قاتارلىقلاردىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى