ساففات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 182 ئايەت
مەنىسى: سەپراس قوشۇن. ئاتىلىش سەۋەبى: مەزكۇر سۈپەتتىكى مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (37-سۈرە ساففات، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالصَّافَّاتِ صَفًّا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى

    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھقا زىكرى ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1 ـ 3].

  2. (37-سۈرە ساففات، 2-ئايەت)
    فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى

    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھقا زىكرى ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1 ـ 3].

  3. (37-سۈرە ساففات، 3-ئايەت)
    فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى

    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان پەرىشتىلەر بىلەن، ئاللاھقا زىكرى ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1 ـ 3].

  4. (37-سۈرە ساففات، 4-ئايەت)
    إِنَّ إِلَٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ
    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر

    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر [4].

  5. (37-سۈرە ساففات، 5-ئايەت)
    رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ
    (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر [5].

  6. (37-سۈرە ساففات، 6-ئايەت)
    إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ
    بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق

    بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق [6].

  7. (37-سۈرە ساففات، 7-ئايەت)
    وَحِفْظًا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ مَارِدٍ
    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق

    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەربىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق [7].

  8. (37-سۈرە ساففات، 8-ئايەت)
    لَا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِنْ كُلِّ جَانِبٍ
    ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ

    ئۇلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن (ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب بار [8ـ9].

  9. (37-سۈرە ساففات، 9-ئايەت)
    دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ
    ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ

    ئۇلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن (ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب بار [8ـ9].

  10. (37-سۈرە ساففات، 10-ئايەت)
    إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
    لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)

    لېكىن، (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىۋالغان شەيتاننى كۆيدۈرگۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ [10].

  11. (37-سۈرە ساففات، 11-ئايەت)
    فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمْ مَنْ خَلَقْنَا ۚ إِنَّا خَلَقْنَاهُمْ مِنْ طِينٍ لَازِبٍ
    ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلاردىن (يەنى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن: «سىلەرنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى باشقا مەخلۇقاتلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟» دەپ سوراپ باققىن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق [11].

  12. (37-سۈرە ساففات، 12-ئايەت)
    بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) بەلكىم سەن (ئۇلارنىڭ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ھەيران قالغانسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ [12].

  13. (37-سۈرە ساففات، 13-ئايەت)
    وَإِذَا ذُكِّرُوا لَا يَذْكُرُونَ
    ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ

    ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، قوبۇل قىلمايدۇ [13].

  14. (37-سۈرە ساففات، 14-ئايەت)
    وَإِذَا رَأَوْا آيَةً يَسْتَسْخِرُونَ
    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ

    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ [14].

  15. (37-سۈرە ساففات، 15-ئايەت)
    وَقَالُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ [15ـ17].

  16. (37-سۈرە ساففات، 16-ئايەت)
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ [15ـ17].

  17. (37-سۈرە ساففات، 17-ئايەت)
    أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ [15ـ17].

  18. (37-سۈرە ساففات، 18-ئايەت)
    قُلْ نَعَمْ وَأَنْتُمْ دَاخِرُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر» [18].

  19. (37-سۈرە ساففات، 19-ئايەت)
    فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنْظُرُونَ
    بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ

    ئۇلار بىر ئاۋازنى (يەنى سۇر ئاۋازىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ قارىشىپ تۇرىدۇ [19].

  20. (37-سۈرە ساففات، 20-ئايەت)
    وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَٰذَا يَوْمُ الدِّينِ
    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ

    ئۇلار: «بىزنىڭ ھالىمىزغا ۋاي! بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ [20].

  21. (37-سۈرە ساففات، 21-ئايەت)
    هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر

    بۇ سىلەر يالغان دېگەن ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان كۈندۇر [21].

  22. (37-سۈرە ساففات، 22-ئايەت)
    احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ
    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار

    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى مەھشەرگاھقا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار [22ـ23].

  23. (37-سۈرە ساففات، 23-ئايەت)
    مِنْ دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْجَحِيمِ
    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار

    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى مەھشەرگاھقا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار [22ـ23].

  24. (37-سۈرە ساففات، 24-ئايەت)
    وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُمْ مَسْئُولُونَ
    ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ

    ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ [24].

  25. (37-سۈرە ساففات، 25-ئايەت)
    مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ
    (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)

    (ئاندىن) ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەرغۇ؟» دېيىلىدۇ [25].

  26. (37-سۈرە ساففات، 26-ئايەت)
    بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ
    بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر

    ئەكسىچە، ئۇلار بۇ كۈندە ناھايىتى ئىتائەتمەن بولۇپ كېتىدۇ [26].

  27. (37-سۈرە ساففات، 27-ئايەت)
    وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ

    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ [27].

  28. (37-سۈرە ساففات، 28-ئايەت)
    قَالُوا إِنَّكُمْ كُنْتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ
    ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ

    ئۇلار باشلامچىلىرىغا: «سىلەر ھەقىقەتەن قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ [28].

  29. (37-سۈرە ساففات، 29-ئايەت)
    قَالُوا بَلْ لَمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
    (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار

    باشلامچىلار ئېيتىدۇ: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتمىدىڭلار [29].

  30. (37-سۈرە ساففات، 30-ئايەت)
    وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ ۖ بَلْ كُنْتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ
    بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار

    بىزنىڭ سىلەرنى زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر ئازغان قەۋم ئىدىڭلار [30].

  31. (37-سۈرە ساففات، 31-ئايەت)
    فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ
    پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز

    پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ھۆكمى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ ھۆكۈم بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇدەكمىز [31]؛

  32. (37-سۈرە ساففات، 32-ئايەت)
    فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ
    سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»

    سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىزمۇ ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» [32].

  33. (37-سۈرە ساففات، 33-ئايەت)
    فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
    ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قىيامەت كۈنىدە ئازابتا ئورتاقتۇر [33].

  34. (37-سۈرە ساففات، 34-ئايەت)
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
    بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)

    بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز [34].

  35. (37-سۈرە ساففات، 35-ئايەت)
    إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى

    ئۇلار ھەقىقەتەن مۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتىپ: «ئىلاھلىرىمىزنى بىر مەجنۇن شائىرنى دەپلا تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى [35-36].

  36. (37-سۈرە ساففات، 36-ئايەت)
    وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَجْنُونٍ
    ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى

    ئۇلار ھەقىقەتەن مۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتىپ: «ئىلاھلىرىمىزنى بىر مەجنۇن شائىرنى دەپلا تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى [35-36].

  37. (37-سۈرە ساففات، 37-ئايەت)
    بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى

    مۇھەممەد مەجنۇنمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس) بەلكى ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىدى [37].

  38. (37-سۈرە ساففات، 38-ئايەت)
    إِنَّكُمْ لَذَائِقُو الْعَذَابِ الْأَلِيمِ
    (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر

    (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىيسىلەر [38].

  39. (37-سۈرە ساففات، 39-ئايەت)
    وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر

    سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر [39].

  40. (37-سۈرە ساففات، 40-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ

    پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ [40].

  41. (37-سۈرە ساففات، 41-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَعْلُومٌ
    ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ

    ئەنە شۇلار مەلۇم رىزىقتىن __ تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ [41ـ42].

  42. (37-سۈرە ساففات، 42-ئايەت)
    فَوَاكِهُ ۖ وَهُمْ مُكْرَمُونَ
    ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ

    ئەنە شۇلار مەلۇم رىزىقتىن __ تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ [41ـ42].

  43. (37-سۈرە ساففات، 43-ئايەت)
    فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە، ئېسىل كارىۋاتلار ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ [43ـ44].

  44. (37-سۈرە ساففات، 44-ئايەت)
    عَلَىٰ سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە، ئېسىل كارىۋاتلار ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ [43ـ44].

  45. (37-سۈرە ساففات، 45-ئايەت)
    يُطَافُ عَلَيْهِمْ بِكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ
    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ

    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شەربەتلەر تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ [45ـ46].

  46. (37-سۈرە ساففات، 46-ئايەت)
    بَيْضَاءَ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ
    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ

    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شەربەتلەر تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ [45ـ46].

  47. (37-سۈرە ساففات، 47-ئايەت)
    لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنْزَفُونَ
    ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ

    ئۇنىڭدا ئەقلىنى بۇزىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ [47].

    .
  48. (37-سۈرە ساففات، 48-ئايەت)
    وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ
    ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ يېنىدا باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى ئەتىۋارلاپ ساقلانغان تۇخۇمدەك ئاپپاق، شەھلا كۆزلۈك جۈپلەر بولىدۇ [48-49].

  49. (37-سۈرە ساففات، 49-ئايەت)
    كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌ مَكْنُونٌ
    ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ

    ئۇلارنىڭ يېنىدا باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى ئەتىۋارلاپ ساقلانغان تۇخۇمدەك ئاپپاق، شەھلا كۆزلۈك جۈپلەر بولىدۇ [48-49].

  50. (37-سۈرە ساففات، 50-ئايەت)
    فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ

    ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ [50].

  51. (37-سۈرە ساففات، 51-ئايەت)
    قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٌ
    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن

    ئۇلاردىن بىرى: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بولۇپ [51[،

  52. (37-سۈرە ساففات، 52-ئايەت)
    يَقُولُ أَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُصَدِّقِينَ
    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن

    ئۇ (ماڭا) <سەن ھەقىقىي ئىشىنەمسەنكى، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، بىزگە چوقۇم مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ> دەيتتى»دەيدۇ ]52-53[.

  53. (37-سۈرە ساففات، 53-ئايەت)
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَدِينُونَ
    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟" دەيتتى»

    ئۇ (ماڭا) <سەن ھەقىقىي ئىشىنەمسەنكى، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ، بىزگە چوقۇم مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ> دەيتتى»دەيدۇ ]52-53[.

  54. (37-سۈرە ساففات، 54-ئايەت)
    قَالَ هَلْ أَنْتُمْ مُطَّلِعُونَ
    ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ

    ئۇ يەنە يېنىدىكىلەرگە: «سىلەر ئۇنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟» دەيدۇ [54].

  55. (37-سۈرە ساففات، 55-ئايەت)
    فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ
    ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ

    ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ [55].

  56. (37-سۈرە ساففات، 56-ئايەت)
    قَالَ تَاللَّهِ إِنْ كِدْتَ لَتُرْدِينِ
    ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن

    ئۇ مۆمىن ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قاپتىكەنسەن [56]؛

  57. (37-سۈرە ساففات، 57-ئايەت)
    وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّي لَكُنْتُ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
    ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتەمەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم

    ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە مەنمۇ دوزاخقا كىرگۈزۈلەر ئىكەنمەن [57]؛

  58. (37-سۈرە ساففات، 58-ئايەت)
    أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ
    بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟

    بىز تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئەمدى ئۆلمەيمىز ۋە ئازابقىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58ـ59].

  59. (37-سۈرە ساففات، 59-ئايەت)
    إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
    بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟

    بىز تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئەمدى ئۆلمەيمىز ۋە ئازابقىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ [58ـ59].

  60. (37-سۈرە ساففات، 60-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر

    بىز ئېرىشكەن بۇ نېمەت ھەقىقەتەن زور بەختتۇر [60]؛

  61. (37-سۈرە ساففات، 61-ئايەت)
    لِمِثْلِ هَٰذَا فَلْيَعْمَلِ الْعَامِلُونَ
    ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»

    ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن» [61].

  62. (37-سۈرە ساففات، 62-ئايەت)
    أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ
    بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟

    بۇ نېمەتلەر ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ [62]

  63. (37-سۈرە ساففات، 63-ئايەت)
    إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِلظَّالِمِينَ
    زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق

    زەققۇمنى بىز كافىرلار ئۈچۈن ئازاب دەرىخى قىلدۇق [63].

  64. (37-سۈرە ساففات، 64-ئايەت)
    إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِي أَصْلِ الْجَحِيمِ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر

    شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن جەھەننەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر [64].

  65. (37-سۈرە ساففات، 65-ئايەت)
    طَلْعُهَا كَأَنَّهُ رُءُوسُ الشَّيَاطِينِ
    ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ

    ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ [65].

  66. (37-سۈرە ساففات، 66-ئايەت)
    فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
    ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ

    ئۇلار چوقۇم شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ [66].

  67. (37-سۈرە ساففات، 67-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِنْ حَمِيمٍ
    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ

    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناپ تۇرغان ئارىلاشما سۇنى ئىچىدۇ [67].

  68. (37-سۈرە ساففات، 68-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى الْجَحِيمِ
    ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ

    ئاندىن ئۇلار قايتىدىغان جاي چوقۇم يەنە دوزاخ بولىدۇ [68].

  69. (37-سۈرە ساففات، 69-ئايەت)
    إِنَّهُمْ أَلْفَوْا آبَاءَهُمْ ضَالِّينَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى

    ئۇلار ھەقىقەتەن ئازغۇن ئاتا ـ بوۋىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ يۈگۈرىدۇ [69-70].

  70. (37-سۈرە ساففات، 70-ئايەت)
    فَهُمْ عَلَىٰ آثَارِهِمْ يُهْرَعُونَ
    ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى

    ئۇلار ھەقىقەتەن ئازغۇن ئاتا ـ بوۋىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ يۈگۈرىدۇ [69-70].

  71. (37-سۈرە ساففات، 71-ئايەت)
    وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى، بۇرۇنقىلارنىڭ نۇرغۇنى ھەقىقەتەن ئازغان ئىدى [71].

  72. (37-سۈرە ساففات، 72-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِمْ مُنْذِرِينَ
    بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق

    بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق [72].

  73. (37-سۈرە ساففات، 73-ئايەت)
    فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
    ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن [73].

  74. (37-سۈرە ساففات، 74-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)

    لېكىن، ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا [74].

  75. (37-سۈرە ساففات، 75-ئايەت)
    وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
    نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!

    نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى (بىز ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدۇق). بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچى! [75].

  76. (37-سۈرە ساففات، 76-ئايەت)
    وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
    بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق

    بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ بالا-قازادىن (يەنى توپان بالاسىدىن) قۇتقۇزۇپ [76].

  77. (37-سۈرە ساففات، 77-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ
    ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق

    ئۇنىڭ نەسلىنىلا ساقلاپ قالدۇق [77].

  78. (37-سۈرە ساففات، 78-ئايەت)
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق

    بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق [78].

  79. (37-سۈرە ساففات، 79-ئايەت)
    سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
    خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ

    شۇڭا، خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ [79].

  80. (37-سۈرە ساففات، 80-ئايەت)
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    ھەقىقەتەن بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [80].

  81. (37-سۈرە ساففات، 81-ئايەت)
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى [81].

  82. (37-سۈرە ساففات، 82-ئايەت)
    ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
    ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق

    ئاندىن بىز قالغانلارنى (يەنى كافىرلارنى) غەرق قىلدۇق [82].

  83. (37-سۈرە ساففات، 83-ئايەت)
    وَإِنَّ مِنْ شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ
    ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى

    ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋە بولغان كىشىلەردىن ئىدى [83].

  84. (37-سۈرە ساففات، 84-ئايەت)
    إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام دىل بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى [84].

  85. (37-سۈرە ساففات، 85-ئايەت)
    إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟ [85].

  86. (37-سۈرە ساففات، 86-ئايەت)
    أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ
    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ [86].

  87. (37-سۈرە ساففات، 87-ئايەت)
    فَمَا ظَنُّكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»

    سىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا قانداق قاراشتا بولىسىلەر؟» دېگەن ئىدى [87].

  88. (37-سۈرە ساففات، 88-ئايەت)
    فَنَظَرَ نَظْرَةً فِي النُّجُومِ
    ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى

    ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قۇر قارىۋېتىپ: «مەن راستتىنلا كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى [88 ـ 89].

  89. (37-سۈرە ساففات، 89-ئايەت)
    فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ
    ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى

    ئۇ يۇلتۇزلارغا بىر قۇر قارىۋېتىپ: «مەن راستتىنلا كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى [88 ـ 89].

  90. (37-سۈرە ساففات، 90-ئايەت)
    فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ
    ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)

    ئۇلار ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى [90].

  91. (37-سۈرە ساففات، 91-ئايەت)
    فَرَاغَ إِلَىٰ آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى

    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «سىلەر (بۇلارنى) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى [91ـ92].

  92. (37-سۈرە ساففات، 92-ئايەت)
    مَا لَكُمْ لَا تَنْطِقُونَ
    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى

    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «سىلەر (بۇلارنى) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى [91ـ92].

  93. (37-سۈرە ساففات، 93-ئايەت)
    فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ
    ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى

    ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇلارنى چېقىشقا باشلىدى [93].

  94. (37-سۈرە ساففات، 94-ئايەت)
    فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
    ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى

    ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىشتى [94].

  95. (37-سۈرە ساففات، 95-ئايەت)
    قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟

    ئىبراھىم: «سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، ئۆزۈڭلار تاراشلاپ ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟» دېۋىدى [95-96].

  96. (37-سۈرە ساففات، 96-ئايەت)
    وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ
    ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»

    ئىبراھىم: «سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، ئۆزۈڭلار تاراشلاپ ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟» دېۋىدى [95-96].

  97. (37-سۈرە ساففات، 97-ئايەت)
    قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ
    ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى

    ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر قورۇق سېلىپ، ئۇنى شۇ قورۇق ئىچىدىكى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. [97].

  98. (37-سۈرە ساففات، 98-ئايەت)
    فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
    بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق

    ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلماقچى بولغان ئىدى، بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزۇپ) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق [98].

  99. (37-سۈرە ساففات، 99-ئايەت)
    وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهْدِينِ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ

    ئىبراھىم : «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ [99].

  100. (37-سۈرە ساففات، 100-ئايەت)
    رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»

    ئى رەببىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن» دېدى [100].

  101. (37-سۈرە ساففات، 101-ئايەت)
    فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ
    بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق

    ئاندىن بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى سالماق بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق [101].

  102. (37-سۈرە ساففات، 102-ئايەت)
    فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
    ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»

    ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى (قۇربانلىق ئۈچۈن) بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېۋىدى، ئۇ: «ئى ئاتا! سەن نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ سەۋر قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن» دېدى [102].

  103. (37-سۈرە ساففات، 103-ئايەت)
    فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق [103ـ106]،

  104. (37-سۈرە ساففات، 104-ئايەت)
    وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ
    بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق [103ـ106]،

  105. (37-سۈرە ساففات، 105-ئايەت)
    قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق [103ـ106]،

  106. (37-سۈرە ساففات، 106-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ
    بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر

    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز، بۇ ناھايىتى ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق [103ـ106]،

  107. (37-سۈرە ساففات، 107-ئايەت)
    وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
    بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق

    ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق [107].

  108. (37-سۈرە ساففات، 108-ئايەت)
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق

    بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق [108].

  109. (37-سۈرە ساففات، 109-ئايەت)
    سَلَامٌ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! [109].

  110. (37-سۈرە ساففات، 110-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [110].

  111. (37-سۈرە ساففات، 111-ئايەت)
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر [111].

  112. (37-سۈرە ساففات، 112-ئايەت)
    وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
    ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق

    بىز ئۇنىڭغا ياخشىلار ئىچىدىن پەيغەمبەر بولۇپ چىقىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق [112].

  113. (37-سۈرە ساففات، 113-ئايەت)
    وَبَارَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰ إِسْحَاقَ ۚ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِنَفْسِهِ مُبِينٌ
    ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ

    ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ [113].

  114. (37-سۈرە ساففات، 114-ئايەت)
    وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق

    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالا-قازادىن قۇتقۇزدۇق [114-115].

  115. (37-سۈرە ساففات، 115-ئايەت)
    وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
    ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق

    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالا-قازادىن قۇتقۇزدۇق [114-115].

  116. (37-سۈرە ساففات، 116-ئايەت)
    وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
    بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى

    بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى [116].

  117. (37-سۈرە ساففات، 117-ئايەت)
    وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
    ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق

    ئۇ ئىككەيلەنگە روشەن بىر كىتابنى (تەۋرات) نى بەردۇق [117].

  118. (37-سۈرە ساففات، 118-ئايەت)
    وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
    ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق

    ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق [118].

  119. (37-سۈرە ساففات، 119-ئايەت)
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق [119].

  120. (37-سۈرە ساففات، 120-ئايەت)
    سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!

    مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن! [120].

  121. (37-سۈرە ساففات، 121-ئايەت)
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [121].

  122. (37-سۈرە ساففات، 122-ئايەت)
    إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر

    ئۇ ئىككەيلەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر [122].

  123. (37-سۈرە ساففات، 123-ئايەت)
    وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر

    ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى [123].

  124. (37-سۈرە ساففات، 124-ئايەت)
    إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟ [124]

  125. (37-سۈرە ساففات، 125-ئايەت)
    أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
    سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟

    سىلەر ئەڭ ئەۋزەل ياراتقۇچى ئاللاھنى قويۇپ بەئلىگە چوقۇنامسىلەر؟ [125].

  126. (37-سۈرە ساففات، 126-ئايەت)
    اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
    ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»

    ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگەن ئىدى [126].

  127. (37-سۈرە ساففات، 127-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
    ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ

    ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى. شۇڭا، ئۇلار چوقۇم ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ [127]؛

  128. (37-سۈرە ساففات، 128-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا

    پەقەت ئاللاھنىڭ تاللانغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا [128].

  129. (37-سۈرە ساففات، 129-ئايەت)
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق [129].

  130. (37-سۈرە ساففات، 130-ئايەت)
    سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
    ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!

    ئىلياسقا سالام بولسۇن! [130].

  131. (37-سۈرە ساففات، 131-ئايەت)
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [131].

  132. (37-سۈرە ساففات، 132-ئايەت)
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى [132].

  133. (37-سۈرە ساففات، 133-ئايەت)
    وَإِنَّ لُوطًا لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر

    لۇتمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى [133].

  134. (37-سۈرە ساففات، 134-ئايەت)
    إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق

    بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالغان قېرى خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق [134-135].

  135. (37-سۈرە ساففات، 135-ئايەت)
    إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
    پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق

    بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالغان قېرى خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق [134-135].

  136. (37-سۈرە ساففات، 136-ئايەت)
    ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
    ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق

    ئاندىن قالغانلارنى (يەنى كافىرلارنى) ھالاك قىلدۇق [136].

  137. (37-سۈرە ساففات، 137-ئايەت)
    وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِمْ مُصْبِحِينَ
    (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟

    (ئى مەككە ئەھلى!) سىلەر ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. سىلەر ئويلانمامسىلەر؟ [137 ـ 138].

  138. (37-سۈرە ساففات، 138-ئايەت)
    وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟

    (ئى مەككە ئەھلى!) سىلەر ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. سىلەر ئويلانمامسىلەر؟ [137 ـ 138].

  139. (37-سۈرە ساففات، 139-ئايەت)
    وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر

    يۇنۇسمۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىن ئىدى [139].

  140. (37-سۈرە ساففات، 140-ئايەت)
    إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قېچىپ، ئادەم لىق توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى [140].

  141. (37-سۈرە ساففات، 141-ئايەت)
    فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
    (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)

    يۇنۇس كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشقان ئىدى ، نەتىجىدە ئۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغان بولۇپ چىقتى. (ئاندىن ئۇ دېڭىزغا تاشلاندى) [141].

  142. (37-سۈرە ساففات، 142-ئايەت)
    فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
    ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى

    ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەپ تۇرغاندا، ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى [142].

  143. (37-سۈرە ساففات، 143-ئايەت)
    فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى [143-144].

  144. (37-سۈرە ساففات، 144-ئايەت)
    لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى [143-144].

  145. (37-سۈرە ساففات، 145-ئايەت)
    فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
    ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى

    بىز ئۇنى كېسەل ھالىتىدە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) بىر قاقاس يەرگە ئاتتۇق [145].

  146. (37-سۈرە ساففات، 146-ئايەت)
    وَأَنْبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِنْ يَقْطِينٍ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق

    ئۇنىڭ ئۈستىگە سايە بولۇش ئۈچۈن بىر تۈپ قاپاق ئۆستۈرۈپ بەردۇق [146].

  147. (37-سۈرە ساففات، 147-ئايەت)
    وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
    ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق

    ئۇنى بىز يۈز مىڭ، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك كىشىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق [147].

  148. (37-سۈرە ساففات، 148-ئايەت)
    فَآمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
    (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق

    ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتى، ئاندىن ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق [148].

  149. (37-سۈرە ساففات، 149-ئايەت)
    فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) مۇشرىكلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟ [149].

  150. (37-سۈرە ساففات، 150-ئايەت)
    أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ
    ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)

    ياكى بىزنىڭ پەرىشتىلەرنى قىز ياراتقىنىمىزنى ئۇلار كۆرۈپتىكەنمۇ؟ [150].

  151. (37-سۈرە ساففات، 151-ئايەت)
    أَلَا إِنَّهُمْ مِنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ
    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر [151- 152].

  152. (37-سۈرە ساففات، 152-ئايەت)
    وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر [151- 152].

  153. (37-سۈرە ساففات، 153-ئايەت)
    أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
    ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟

    ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ [153].

  154. (37-سۈرە ساففات، 154-ئايەت)
    مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ [154].

  155. (37-سۈرە ساففات، 155-ئايەت)
    أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    ئويلاپ باقمامسىلەر؟

    پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمامسىلەر؟ [155].

  156. (37-سۈرە ساففات، 156-ئايەت)
    أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُبِينٌ
    ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟

    ياكى بۇنىڭغا ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ [156].

  157. (37-سۈرە ساففات، 157-ئايەت)
    فَأْتُوا بِكِتَابِكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)

    ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، كىتابىڭلارنى ئەكېلىپ بېقىڭلار [157].

  158. (37-سۈرە ساففات، 158-ئايەت)
    وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)

    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار ئۇلارنىڭ چوقۇم ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلىدۇ [158].

  159. (37-سۈرە ساففات، 159-ئايەت)
    سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر [159].

  160. (37-سۈرە ساففات، 160-ئايەت)
    إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)

    ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىلا ئازابقا دۇچار قىلىنمايدۇ [160].

  161. (37-سۈرە ساففات، 161-ئايەت)
    فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ

    (ئى مۇشرىكلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ [161- 163].

  162. (37-سۈرە ساففات، 162-ئايەت)
    مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ بِفَاتِنِينَ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ

    (ئى مۇشرىكلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ [161- 163].

  163. (37-سۈرە ساففات، 163-ئايەت)
    إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ الْجَحِيمِ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ

    (ئى مۇشرىكلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخقا كىرىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ [161- 163].

  164. (37-سۈرە ساففات، 164-ئايەت)
    وَمَا مِنَّا إِلَّا لَهُ مَقَامٌ مَعْلُومٌ
    (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار

    (پەرىشتىلەر): «بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار [164].

  165. (37-سۈرە ساففات، 165-ئايەت)
    وَإِنَّا لَنَحْنُ الصَّافُّونَ
    بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز

    بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز [165].

  166. (37-سۈرە ساففات، 166-ئايەت)
    وَإِنَّا لَنَحْنُ الْمُسَبِّحُونَ
    بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»

    بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز» (دەيدۇ) [166].

  167. (37-سۈرە ساففات، 167-ئايەت)
    وَإِنْ كَانُوا لَيَقُولُونَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ

    ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى [167- 169].

  168. (37-سۈرە ساففات، 168-ئايەت)
    لَوْ أَنَّ عِنْدَنَا ذِكْرًا مِنَ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ

    ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى [167- 169].

  169. (37-سۈرە ساففات، 169-ئايەت)
    لَكُنَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ

    ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىر كىتاب بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى [167- 169].

  170. (37-سۈرە ساففات، 170-ئايەت)
    فَكَفَرُوا بِهِ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ

    ئۇ كىتاب (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ [170].

  171. (37-سۈرە ساففات، 171-ئايەت)
    وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ
    بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن بەندىلىرىمىزگە بىزنىڭ سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان [171].

  172. (37-سۈرە ساففات، 172-ئايەت)
    إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنْصُورُونَ
    ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر

    ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر [172]؛

  173. (37-سۈرە ساففات، 173-ئايەت)
    وَإِنَّ جُنْدَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ
    بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر

    بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر [173].

  174. (37-سۈرە ساففات، 174-ئايەت)
    فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن [174].

  175. (37-سۈرە ساففات، 175-ئايەت)
    وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ

    سەن ئۇلارغا قاراپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ [175].

  176. (37-سۈرە ساففات، 176-ئايەت)
    أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
    ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزغا ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟ [176].

  177. (37-سۈرە ساففات، 177-ئايەت)
    فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنْذَرِينَ
    ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!

    ئازاب ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان! [177].

  178. (37-سۈرە ساففات، 178-ئايەت)
    وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن

    ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن [178].

  179. (37-سۈرە ساففات، 179-ئايەت)
    وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ

    سەن ئۇلارغا قاراپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ [179].

  180. (37-سۈرە ساففات، 180-ئايەت)
    سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
    قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر

    قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر [180].

  181. (37-سۈرە ساففات، 181-ئايەت)
    وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ
    پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!

    پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! [181].

  182. (37-سۈرە ساففات، 182-ئايەت)
    وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!

    بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! [182].