رۇم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 60 ئايەت
مەنىسى: ۋىزانتىيە. ئاتىلىش سەۋەبى: «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرىدىن، رۇملۇقلارنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن(2~5-ئايەتلەر)
  1. (30-سۈرە رۇم، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
    ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. (30-سۈرە رۇم، 2-ئايەت) تارىختىن ساۋاقلار
    غُلِبَتِ الرُّومُ
    رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رۇملۇقلار يېڭىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رۇملۇقلار مەغلۇب بولدى، — ئەنەس ئالىم

    (2-5) رۇملۇقلار زېمىننىڭ ئەڭ يېقىن يېرىدە پارسلارغا مەغلۇپ بولدى، رۇملۇقلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا بىرقانچە يىل ئىچىدە پارسلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، كىمنىڭ كىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ؛ بۇ نۆۋەت پارسلارنىڭ رۇملۇقلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولدى، يېقىندا رۇملۇقلارنىڭ پارسلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە غەلىبىنى بەزەن ئۇنىڭغا بەزەن بۇنىڭغا بېرىدۇ. يېقىندا رۇملۇقلار پارسلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن كۈنى مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ، رەھمىتى چەكسىز زاتتۇر؛ ئۆزى خالىغان كىشىگە نۇسرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. رۇملۇقلار ئەھلى كىتاب (خرىتسىئان) ئىدى، پارسلار مۇشرىك (ئوتپەرەس) ئىدى. رۇملۇقلار مۇسۇلمانلارغا پارسلاردىن يېقىنراق ھېسابلىناتتى، بۇ ھەقتە بەزى ئايەتلەر نازىل بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار رۇملۇقلارنىڭ، مۇشرىكلار پارسلارنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. مۇشرىكلار پارسلارنىڭ رۇملۇقلارغا غالىب كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مۇسۇلمانلارغا «سىلەرگە ئوخشاش ئەھلى كىتاب بولغان رۇملۇقلار مەغلۇپ بولدى، بىزگە ئوخشاش بۇتپەرەسلەر غالىب كەلدى، يېقىندا بىزمۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب كېلىمىز» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولۇپ، بىرقانچە يىل ئىچىدە رۇملۇقلارنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقى ۋە مۇئمىنلارنىڭمۇ ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشىپ سۆيۈنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بېرىلگەن. دەرۋەقە رۇملۇقلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن پارسلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن ۋە ئۇ كۈنى مۇسۇلمانلارمۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ سۆيۈنگەن. بۇ ھادىسىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: «رۇملۇقلار» شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمپېرىيە مىلادىيە 4 - ئەسىردە قۇرۇلۇپ، تاكى ئوسمانلى پادىشاھلىرىدىن (7 - پادىشاھ) ئىككىنچى مۇھەممەد (كېيىن سۇلتان فاتىھ دەپ ئاتالغان) ئۇنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى فەتھ قىلغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسى ئاناتولىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى، ئىستانبۇل ۋە ئاق دېڭىز ساھىللىرىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. «پارسلار» بولسا، ساسانىي ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىمپېرىيە مىلادىيە 3 - ئەسىردە قۇرۇلۇپ 651 - يىلى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىران فەتھ قىلىغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسى بۈگۈنكى ئىران، ئىراق، شەرقىي ئاناتولىيەنى، ئەرمەنىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستانلارنىڭ بەزى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىككى ئىمپېرىيە بىر - بىرىگە قوشنا ئىدى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش بولۇپ تۇراتتى. شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى قوستەنتىنوسنىڭ خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ساسانىيلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى خىرىستىيانلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ دوستى ۋە ساسانىلارنىڭ دۈشمىنى ھېسابلاندى، ئەرمەنىستانلىقلارنىڭمۇ خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلىشى بىلەن كونا ئاداۋەتلەر قايتىدىن جانلاندى. شۇنىڭ بىلەن ساسانىيلار بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن زىددىيەت يېڭى بىر شەكىل ئالغان بولدى. بۇ زىددىيەت مىلادىيە 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەۋجىگە چىققان ئىدى. ساسانىيلار 601 ~ 619 - يىللاردا شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىگە بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ غالىب كەلگەن ۋە دەمەشق، قۇددۇس، ئاناتولىيە، مىسىر قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان ئىدى. رۇملۇقلارنىڭ 2 - ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن مەغلۇبىيىتى، ئۇلارنىڭ 615 - يىلى ساسانىيلارغا مەغلۇپ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: ساسانىيلار ئۇ يىلى رۇملۇقلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان شام ۋە پەلەستىن دىيارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا غالىب كەلگەن ۋە ئۇلاردىن ئانتاكىيە ۋە دەمەشقنى ئېلىۋالغان. بۇ، رۇملۇقلار ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەت، ساسانىيلار ئۈچۈن چوڭ غەلىبە ئىدى. ساسانىيلارنىڭ بۇ غەلىبىسى مۇشرىكلارنى سۆيۈندۈرگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ، بىرقانچە يىل ئىچىدە رۇملۇقلارنىڭ ساسانىيلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ سۆيۈنىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. بۇ ئىلاھىي خەۋەر ئەينەن ئەمەلگە ئاشتى: مىلادىيە 622 - يىلى رىم ئىمپېرىيەسى ئىمپېراتورى ھېراقلېئۇس باشتا ئاناتولىيەنى ئاندىن باشقا رايونلارنى ساسانىيلارنىڭ ئىشغالىدىن قۇتقۇزدى. ئاندىن كېيىن ساسانىيلارنىڭ مۇقەددەس شەھىرى «گەنجە»نى ئالدى. ھېراقلېئۇس ساسانىيلارنىڭ ئاساسلىق قوشۇنىنى 627 - يىلى نىنوۋادا تارمار قىلدى ۋە 628 - يىلى بىرىنچى ئايدا 2 - خۇسرەۋ پاناھلانغان «دەستەگىرد»كە كىردى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار بىر تەرەپتىن بۇ خەۋەرنىڭ ئەينەن ئەمەلگە ئېشىپ ئەھلى كىتاب يېقىنلىرىنىڭ غالىب كېلىشىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىگە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن سۆيۈندى. تەپسىرلەردە رىملىقلارنىڭ ساسانىيلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ «بەدر غازىتى»دا زەپەرگە ئېرىشكەن ياكى «ھۇدەيبىييە سۈلھى»سى تۈزۈشكەن تارىخقا ئۇدۇل كەلگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (30-سۈرە رۇم، 3-ئايەت) تارىختىن ساۋاقلار
    فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ
    رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يېقىن بىر جايدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن غەلىبە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەڭ يېقىن يەردە. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا غەلىبە قىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  4. فِي بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ
    رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىر قانچە يىل ئىچىدە. ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، شۇ كۈندە مۇئمىنلار خۇشال بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىرقانچە يىل ئىچىدە. ئىشلار باشتىن - ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ خۇشال بولىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  5. (30-سۈرە رۇم، 5-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد
    بِنَصْرِ اللَّهِ ۚ يَنْصُرُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
    رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەنكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  6. (30-سۈرە رۇم، 6-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد
    وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (ئۇلارنى غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ (چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سۆزى راستتۇر)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىرقانچە يىل ئىچىدە رۇملۇقلارنىڭ پارسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ كۈنى مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن سۆيۈنىدىغانلىقىنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى، خۇسۇسەن بۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ، ھازىر مەغلۇپ بولغان رۇملۇقلارنى بىرقانچە يىل ئىچىدە غالىب قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارغىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىپ ئۇلارنى سۆيۈندۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. يَعْلَمُونَ ظَاهِرًا مِنَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ عَنِ الْآخِرَةِ هُمْ غَافِلُونَ
    ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن تامامەن غاپىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار مۇشۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى بىلىدۇ؛ ئىشلارنىڭ پەقەت سەۋەب بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى ئويلىمايدۇ. شۇڭلاشقا پارسلارغا يېڭىلىپ كەتكەن رۇملۇقلارنىڭ قايتا غالىب كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ، ئۇلار ئاخىرەت ھاياتىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەن ھالەتتىدۇر. بۇ ئىككى ئايەتتە تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەر بىلدۈرۈلىدۇ: 1) ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا دۇنيادا ئۈستۈنلۈك، ئاخىرەتتە جەننەت ۋەدە قىلغان. كافىرلارغا بولسا، دۇنيادا رەسۋالىق، ئاخىرەتتە دوزاخ ۋەدە قىلغان. ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغان، قارشى چىققانلارنى ھالاك قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتە مۇئمىنلارغا نېمەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە كافىرلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىمۇ ئەينەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە. 2) ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ. ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا، شۇنداقلا قىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ئىلمى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلمەسكە سالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار نېمەتكە شۈكۈر قىلمايدۇ، ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھ تائالادىن غەيرىينىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئويلىمايدۇ، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى (رۇبۇبىيىتىنى) قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ، توغرا يولغا قىلىنغان دەۋەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ ماڭمىغانلىقىنى تەكشۈرمەيلا قارىغۇلارچە ئۇلارغا ئەگىشىدۇ، گۇمانغا ئاساسلىنىدۇ، تەخمىن بىلەن ئىش قىلىدۇ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرىدۇ. 3) ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى شەيتانغا ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ياخشى، خاتا كۆزقارىشىنى توغرا ۋە يالغان سۆزىنى راست دەپ ئويلايدۇ، ئەقىل، زېھىن ۋە باشقا قابىلىيەتلىرىنى پەقەت دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ؛ كۆزلىرى دۇنيالىق ئىشلارنى كۆرىدۇ، كۆڭۈللىرى نەپسىرلىرى خالىغان ئىشلارغىلا مايىل بولىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار دۇنيادىكى ھەر ئىش، ھەر ئۆزگىرىش ۋە ھەر ھادىسىنى سەۋەبكە باغلاپ چۈشىنىدۇ، كائىناتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقانلىقىنى ۋە ئۆز ھېكمىتى بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 4) ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاخىرەت ھاياتىدىن غاپىل ھالدا ياشايدۇ. كۆپچىلىك ئىنسانلار ھەقىقەتنى ئەمەس مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ ياشايدۇ، كەلگۈسىدىكى بەختنى ئەمەس ھازىرقى نەق زوقنى ئەلا بىلىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشىنى ئەمەس مۇشۇ دۇنيادا ۋاقىتلىق كەيپ - ساپا سۈرۈشنى ئۈستۈن تۇتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ كۆپچىلىك قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشنى، ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىنكار قىلىدۇ، ئاخىرەت ھاياتىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ ۗ مَا خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ لَكَافِرُونَ
    ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك -شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتى. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى، بولۇپمۇ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىن غاپىل ياشاۋاتقان بۇ مۇشرىكلارنىڭ خاتا تاللىشى نەتىجىسىدە دىللىرى ئۇ قەدەر قارىيىپ كەتتىكى، ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىلغانلىقى ھەققىدە نېمىشقا تەپەككۇر قىلمىدى؟ ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋۋال يوقتىن يارىتىلىش جەريانى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلسا ئىدى، ئۆزلىرىنى خالىغان چېغىدا، ئۆزى خالىغان شەكىلدە يوقتىن ياراتقان، ئۆزى خالىغان بويىچە ياشىتىۋاتقان ۋە ئۆزى خالىغان چاغدا ئۆلتۈرىدىغان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنى، جۈملىدىن ئۆزلىرىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ دۇنيادا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ ھېسابىنى سورايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى، ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان ۋە ئۇلارغا ئەجەل بەلگىلىگەن. ئىنسانلار بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىدۇ. ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، سەييارىلەر... قاتارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئەجىلى توشقاندا قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇ چاغدا ھاياتتا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاسمانلار باشقا ئاسمانلارغا، زېمىن باشقا زېمىنغا ئۆزگەرتىلىپ قايتا يارىتىلىدۇ، مەخلۇقات قايتا تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى قىيامەت قايىم بولۇشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلماقتىدۇر؛ قىيامەت كۈنىنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن يوق ھېسابلاپ ياشىماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَأَثَارُوا الْأَرْضَ وَعَمَرُوهَا أَكْثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
    ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (لېكىن ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى) — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار يەر يۈزىنى قېزىپ ئاستىنى ئۈستىگە كەلتۈرگەن ئىدى ۋە ئۇلار يەريۈزىنى بۇلاردىن كۆپرەك تەرەققى قىلدۇرغان ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زېمىننى قازغان ئىدى ۋە ئۇنى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا ئۆز ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدىغان ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىن غاپىل ھالدا ياشايدىغان كۆپچىلىك ئىنسانلار، خۇسۇسەن بۇ مۇشرىكلار نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدى؟ ئۇلار ئەگەر سەير قىلىپ كۆزەتكەن بولسا ئىدى، بۇرۇنقىلارنىڭ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە قارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان ئۇ كافىرلار، ياشاۋاتقان بۇ كافىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى، زىرائەت تېرىش، ئېرىق - ئۆستەڭ ئېلىش، ھەر تۈرلۈك مەدەنلەرنى چىقىرىش... قاتارلىقلار ئۈچۈن زېمىننى قازغان ئىدى، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنى كولىغان ئىدى، ئۆي - ئىمارەتلەرنى سېلىش ۋە يوللارنى ئېلىش بىلەن زېمىننى بۇلاردىن بەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلار بولسا، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقتى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىق، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولۇش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. ثُمَّ كَانَ عَاقِبَةَ الَّذِينَ أَسَاءُوا السُّوأَىٰ أَنْ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَكَانُوا بِهَا يَسْتَهْزِئُونَ
    ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن يامانلىق قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى بەك يامان بولدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە مەسخىرە قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرى ئۇلارغا بېرىلگەن مۆھلەت تۈگەپ، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، ئايەتلەرگە بويۇنتاۋلىق قىلدى ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلدى، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولدى. بۇ مۇشرىكلار ئەگەر سەپەرگە چىقىپ ئەتراپنى ئايلانسا ئىدى، شىمالدا سەمۇد قەۋمىنىڭ، سەدۇم ۋە مەديەن ئاھالىلىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى، جەنۇبتا ئاد قەۋمىنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرگەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى يېڭىدىن يارىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتتى، يارىتىۋاتىدۇ ۋە قىيامەتكە قەدەر يارىتىدۇ، كائىناتتا بىر تەرەپتىن يوق بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىسى يارىتىلىپ تۇرۇۋاتقان مەخلۇقات بۇنىڭ مسالىدۇر. ئاللاھ قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنى يېڭىدىن يارىتىدۇ ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدۇ، شۇنداقلا ياخشىلارنى مۇكاپاتلايدۇ، يامانلارنى جازالايدۇ. دەسلەپتە يوقتىن يارىتىشقا قادىر بولغان ئاللاھ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قايتا يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يُبْلِسُ الْمُجْرِمُونَ
    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جىمىپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جىمىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ كۆزلىرىنى ئاچقان ھامان ھەر ئىنساننىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ھەيدەپ ماڭغۇچى، يەنە بىرى گۇۋاھچىدۇر. ئاندىن «ھەر كىشى ئۆز ئىمامى بىلەن مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلسۇن» دەپ نىدا قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكارلار قاتتىق قورققان، ئۆز گۇناھلىرىنى دۈمبىلىرىدە يۈدۈگەن ۋە ھەسرەت - نادامەت چەككەن ھالەتتە مەھشەرگە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. شۇنىڭدەك، گۇناھكارلار مەھشەر مەيدانىدا، دوزاخ يولىدا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ئۈمىدسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىدە بولىدۇ، نىجاتلىقتىن ئۈمىدى ئۈزۈلىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھېچ نەرسە دېمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (30-سۈرە رۇم، 13-ئايەت) شاپائەت ھىساب شېرىك
    وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ مِنْ شُرَكَائِهِمْ شُفَعَاءُ وَكَانُوا بِشُرَكَائِهِمْ كَافِرِينَ
    ئۇلارغا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىگە تانىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن شاپائەت كۆرمەيدۇ ۋە ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار بۇ دۇنيادا، «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دەپ ئاللاھتىن غەيرىينى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن قىيامەت كۈنى شافائەت كۆرمەيدۇ، ئۇلار ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، چۈنكى مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى ئۇ مەبۇدلىرىنىڭ ھېچ ئىشقا ئەسقاتمىغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇپ خاتالاشقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار مەبۇدلىرىدىن، مەبۇدلار مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ ۋە بىر - بىرىگە لەنەت ئوقۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (30-سۈرە رۇم، 14-ئايەت) ھىساب
    وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَتَفَرَّقُونَ
    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇئمىنلار بىلەن كاپىرلار بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە ئۇلار ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (14-15) قىيامەت قايىم بولغان كۈندە ياخشىلار ۋە يامانلار بىر - بىرىدىن ئايرىلىدۇ؛ مەھشەردە ھەر ئىنسانغا دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان پۈتكۈل ئەمەللىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلگەن، ھەر ئىنسان ئۆز كىتابىنى ئوقۇغان ۋە كىتابىغا قارىتا خالىغىنىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا يامانلارنى ياخشىلاردىن ئايرىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلارنى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ جەم بولۇشقا ۋە جەننەتكە كىرىشكە بۇيرۇيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىر - بىرىگە قوشۇلىدۇ، ئاندىن ھەممە بىرلىكتە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. دۇنيادىكى چېغىدا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ياخشىلار جەننەت باغچىلىرىدا ھەر تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن كۈتۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَهُمْ فِي رَوْضَةٍ يُحْبَرُونَ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا (يەنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا) يايرىتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا يايرىتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا كۈتۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  16. وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ فَأُولَٰئِكَ فِي الْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇلاقاتنى ئىنكار قىلغان ۋە يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئۇلار داۋاملىق ئازابتا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇلاقاتنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە ھازىر قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىر بولغان، ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشىنى يالغان دېگەنلەر بولسا تۇتۇلۇپ ئازابقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادىكى چېغىدا مۆجىزىلەرنى، ئايەتلەرنى ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلغان يامانلار بولسا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ ۋە دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپ ئازابقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ
    سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاخشامغا كىرگە ۋاختىڭلاردا ۋە ئەتىگەنلىگىنىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى كېلىۋاتىدۇ، ئۇ كۈنى ئاللاھ ھەممىڭلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن مۇشۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن ياخشى ئىش قىلغانلىرىڭلارنى جەننەتكە، يامان ئىش قىلغانلىرىڭلارنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتكەن قانۇنىنى ۋە بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە سىلەرگە ئۇقتۇردى. ئەنە شۇ كۈندە ئاللاھقا ئاسان ھېساب بېرىپ ئاللاھ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىش ئۈچۈن، ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ
    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئېيتقان تەسبىھىڭلارنىڭ پايدىسى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمى مەخلۇقات ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. بۇ ئىككى ئايەتتە تەسبىھ ئېيتىشقا قىلىنغان بۇيرۇق، ۋاقىتلار بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ «تەسبىھ» ئۇ ۋاقىتلاردا مۇئەييەن شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا، مۇئەييەن شەكىللەر بىلەن ئادا قىلىنىدىغان مەخسۇس تەسبىھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەخسۇس تەسبىھ - مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق دالالىتى بىلەن بەش ۋاخ نامازدۇر. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئاللاھ تائالا، 11- سۈرە (ھۇد)نىڭ 114- ئايىتىدە كۈندۈزگە تەۋە بولغان ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىگە تەۋە بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىتتا، يەنى بىر كېچە - كۈندۈزدە بەش ۋاقىتتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ، 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 78 - ئايىتىدە بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ كۈندۈزى پېشىن نامىزى بىلەن باشلىنىپ شۇ كېچىسى تاڭ سۈزۈلگەندە ئۆتىلىدىغان بامدات نامىزى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى (17 - ۋە 18 -) ئايەتتە بولسا مەزكۇر بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەشكە بۇيرۇش بىلەن بىللە ئۇ نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ۋە كېچىگە تەۋە بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىتنىڭ قايسى ۋاقىتلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. «ئاخشامغا ئۇلاشقان چاغدا» ئۆتىلىدىغان ناماز نامازشامدۇر، «ئاخشامدا بولغان»دا ئۆتىلىدىغان ناماز خۇپتەندۇر. نامازشام بىلەن خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقىتلىرى ئەسلىدە ئايرىم - ئايرىم ئىككى ۋاقىت بولسىمۇ ھەر ئىككى ۋاقىت «ئاخشام (مساء)» دەپ ئاتىلىدۇ. كېچە ئۈچكە بۆلۈنسە ئاۋۋالقى بۆلۈمى «ئاخشام (مسائ)»، ئوتتۇرا بۆلۈمى «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى (غسق الليل)» ، ئاخىرقى بۆلۈمى «ئەتىگەن (صباح)» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئاخشام (مسائ)» ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بۇ ئىككى ۋاقىت كۈن پاتقاندىن كېيىن غەربىي ئۇپۇقتا كۆرۈنىدىغان قىزىللىق ۋە ئاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى ۋاقىت بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسىدە نامازشام، ئىككىنچىسىدە خۇپتەن ئۆتىلىدۇ. شۇنىڭدەك، «ئەتىگەن (صباح)»مۇ ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بىرى سەھەر (زولۇق ۋاقتى، سۈبھى كازىب)، يەنە بىرى بامدات ۋاقتى (سۈبھى سادىق). يېغىپ ئېيتقاندا ئاجشامدا ئىككى پەرز ناماز، ئەتىگەندە بىر پەرز ناماز بار بولۇپ، كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا ئۈچ قېتىم پەرز ناماز ئۆتىلىدۇ. «كۈندۈزنىڭ ئاخىرى»دا ئۆتىلىدىغان ناماز نامازدىگەر، «چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان»دا ئۆتىلىدىغان ناماز پېشىن نامىزىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 114 - ئايىتىدە كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە، يەنى كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلارنىڭ ئىككىسىدە ئىككى قېتىم ناماز ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ، 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 78 - ئايتىدە بۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ كۈندۈزى كۈن تىكلىنىپ غەرب تەرەپكە قايرىلغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ وَكَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
    ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرمۇ مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ ۋە ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغ زاتكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ئاندىن مەخلۇقاتنى بىر - بىرىگە زىت نەرسىلەردىن يارىتىدۇ، مەسىلەن: تۇخۇمدىن چۈجە، قۇشتىن تۇخۇم، ئۇرۇقچىدىن دەرەخ، دەرەختىن ئۇرۇقچا ... مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ، قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغ ۋە رەھمىتى شۇنچە كەڭ زاتكى، قاغجىراپ كەتكەن ئۆلۈك ھالەتتىكى زېمىننى يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش، گۈل - گىياھ، زىرائەت ۋە دەل - دەرەخلەرنى يېتىشتۈرۈش بىلەن جانلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا سىلەرگە رىزىق بېرىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنىمۇ ھېساب ئېلىش ئۈچۈن قەبرىلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق جانلاندۇرۇپ چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ إِذَا أَنْتُمْ بَشَرٌ تَنْتَشِرُونَ
    ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن يارىتىشى، ئاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىردىنلا ئىنسان بولۇپ يەر يۈزىگە تارقىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر ئەسلىدە يوق ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى بىرقانچە باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ئىنسانلار ھالىتىڭلارغا كەلتۈردى، سىلەر يوق ھالىتىڭلاردىن كېيىن ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن مەيدانغا كېلىپ، تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ يۈرۈيدىغان ئىنسانلارغا ئايلاندىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەنە شۇنداق يوقتىن يارىتىپ يەر يۈزىگە تارقىتىشى، ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى، قىيامەتنى قايىم قىلىپ ئۇ كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە ۋە سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (19 -) ئايەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەجىلى توشقاندا ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ زېمىندىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (20 -) ئايەتتە بولسا، ئىنسانىيەتنى دەسلەپتە تۇپراقتىن ياراتقانلىقىنى ۋە يەر يۈزىگە تارقىتىپ ياشىتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. دېمەككى، ئىنسانلار دەسلەپتە يوق ئىكەن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، زېمىندا بىر مۇددەت ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياشىتىدۇ ۋە ئاخىرى ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ قىيامەت كۈنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاياللار بىلەن ئۇنسى -ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن[1] جۈپلەر يارىتىپ بېرىشى، ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورنىتىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە، كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئوخشىغان ئىنسان جۈپلەر يارىتىپ بەرگەنلىكى، ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتىڭلارنى بەختلىك ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى، ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىدۇر. شۈبھىسىزكى، تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئەنە شۇ ئىككى ھەقىقەتكە قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەتنى قايىم قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمنى ياراتقاندەك بىۋاسىتە ياراتماي، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ئاتىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالام)نىڭ نەسىل قالدۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى بېكىتكەن نەسىل قالدۇرۇش سىستېمىسى بىلەن ياراتقان ۋە يەر يۈزىگە تارقاتقان، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى بۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇرغان. مەزكۇر سىستېمىنى ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىگە مۇناسىپ ۋە فىترىتىگە ئۇيغۇن ھالدا بېكىتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەر - خوتۇنلۇق، ئاتا - بالىلىق، ئانا - بالىلىق ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەبىلە ۋە مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي ھالدا ياشايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنسانلارنى مەسئۇلىيەت يۈكلەيدىغان مەخلۇقات قىلىشنى خالىغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنى يارىتىلىش، ھايات كەچۈرۈش ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان مەخلۇقاتىدىن ئۈستۈن قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئەر - ئايال ھالىتىدە يارىتىپ، ئۇلارنى بىر - بىرىگە جۈپ قىلىشى، جۈپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئورنىتىشى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى بۇ سىستېما بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى، ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان رەھمىتى، شۇنداقلا قۇدرىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ (21 -) ئايەت ئەنە شۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ
    ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، تىللىرىڭلارنىڭ ۋە رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە ئۇلاردىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر قاتارلىق جىسىملارنى يوقتىن ياراتقانلىقى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭدىكى تاغ - دالا، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھايۋان، ئۆسۈملۈك، دەرەخ... قاتارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقانلىقى، سىلەرنىڭ گەپلىشىدىغان تىللىرىڭلارنى ۋە بەدەنلىرىڭلارنىڭ رەڭلىرىنى خىلمۇخىل قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە زات ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. ئىلىم ئەربابلىرى ئۇلارغا قاراپ ئۇ دەلىللەرنى كۆرىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاسمانلارنى يوقتىن يارىتىپ ئۇلارنى قۇسۇرسىز ھالەتتە يۇقىرى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان، زېمىننى يوقتىن يارىتىپ ئۇنى يايغان، شۇنداقلا ھەر ئىككىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان، ئاسمانلارنى ۋە ئۇنىڭدىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، سەييارىلەر قاتارلىق جىسىملارنى يوقتىن ياراتقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتكەن قانۇنىيەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان. ئىنسانلارنى ئۆزئارا تونۇشسۇن دەپ قەبىلىلەرگە ۋە مىللەتلەرگە ئايرىغان، ھەر قەبىلىگە ۋە ھەر مىللەتكە بىر - بىرىگە مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، ئايرىم بىر تىل ئاتا قىلغان، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۈرلۈك تىللار ۋە ھەر خىل شېۋىلەر مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، قىزىل تەنلىك ۋە سېرىق تەنلىك دېگەندەك پەرقلىق تەنلەردە ياراتقان. ئەنە شۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق تىل ۋە شېۋىلەردە گەپلىشىشى، ئىنسانلارنىڭ تەن رەڭلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرىتىگە، قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇنى مەخلۇقات ئۈستىدە، ئۇلاردىكى پەرقلىق تەرەپلەر ئۈستىدە، زېمىننىڭ پارچىلىرى، مېۋىلەر، تاغلار، ئىنسانلار، جانلىقلار، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ رەڭلىرىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئاڭلىق ۋە ئىلىملىك ئادەملەر تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (30-سۈرە رۇم، 23-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر رىزىق
    وَمِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَابْتِغَاؤُكُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
    سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچە - كۈندۈزدە ئۇخلىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۇيقۇنى يارىتىپ بەردى ۋە سىلەرگە رىزىق ئىزدەشنىڭ يولىنى كۆرسەتتى. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتى بىلەن بەزى چاغدا كېچىدە، بەزى چاغدا كۈندۈزدە ئۇخلاپ ئارام ئالىسىلەر ، بەزى چاغدا كېچىدە، بەزى چاغدا كۈندۈزدە رىزىق ئىزدەپ يەر يۈزىگە تارقىلىسىلەر ۋە ئىشلەيسىلەر. سىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئۇخلىشىڭلار ۋە رىزىق ئىزدەپ تارقىلىشىڭلار، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ۋە قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ، بۇنى نەسىھەتكە قۇلاق سالىدىغان ئادەملەر تونۇپ يېتىدۇ. ئۇيقۇ - روھنىڭ بەدەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش ھادىسىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇخلىغۇچىنى جىسمانىي ۋە ئەقلىي ھەرىكەتتىن توختىتىپ، ئۇنىڭ راھەتلىنىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈز - ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى چوڭ نېمىتى ۋە كامالى قۇدرىتىنىڭ ئىككى دەلىلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كېچىنى ئىنسانلارنىڭ ئۇخلاپ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن، كۈندۈزنى رىزىق ئىزدىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، كۈندۈزى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشنىڭ ياكى كېچىسى رىزىق ئىزدەپ ئىشلەشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ (28 -) ئايەت ۋە 24 - سۈرە (نۇر)، 58 - ئايەتنىڭ چۈش ۋاقتىدا ئۇخلاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان قىسمى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە قورقۇتىدىغان ۋە ئۈمىدلەندۈرىدىغان چاقماقنى كۆرسىتىشى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىڭلار ئۇنىڭ مەنزىرىسىدىن ۋە ئوشۇقچە يامغۇر يېغىپ زىيانغا ئۇچراشتىن قورقىسىلەر، بەزىڭلار ئېھتىياجلىق چېغىڭلاردا يامغۇر يېغىپ سۇغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىسىلەر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈرلەرنى ياغدۇرۇپ، قاغجىراپ كەتكەن ئۆلۈك ھالەتتىكى زېمىننى ئۇلارنىڭ سۇلىرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ؛ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ياپيېشىل ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئەنە شۇ چاقماقنىڭ چېقىشى، يامغۇرنىڭ يېغىشى ۋە زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جانلىنىشى قاتارلىقلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد بەرھەق ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەر باردۇر، ئۇ دەلىللەرنى ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە نەسىھەتكە قۇلاق سالىدىغان ئادەملەر كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ تَقُومَ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ بِأَمْرِهِ ۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِنَ الْأَرْضِ إِذَا أَنْتُمْ تَخْرُجُونَ
    ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئاسمان زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمان - زېمىننىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن بىر قېتىم چاقىرسا دەرھال چىقىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئاسماننى ۋە زېمىننى ئۆزى بېكىتكەن قانۇنىيەت بىلەن ئۆز ئورۇنلىرىدا ساقلاۋاتىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن ئاسمان زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇۋاتىدۇ، زېمىن قالايمىقان ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ. ئاسمان - زېمىننىڭ ئەنە شۇنداق مەۋجۇتلۇقى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد بەرھەق ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەردۇر. ئاسمان - زېمىننى ئەنە شۇنداق ساقلاشقا قادىر بولغان ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرەڭلاردىن چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ قەبرەڭلاردىن چىقىشىڭلار پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَلَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى پەرىشتىلەر، جىنلار، ئىنسانلار ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىدۇر؛ ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرماقتىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاللاھقىلا بويسۇنماقتىدۇر. ئۇلار خالىسۇن خالىمىسۇن، ئاللاھ خالىغان چاغدا، ئاللاھ خالىغان جايدا، ئاللاھ خالىغان شەكىلدە ۋە ئاللاھ خالىغان ئالاھىدىلىكتە پەيدا بولىدۇ، يوق بولىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى قايتا مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن باش تارتالمايدۇ. بۇنى مۇشرىكلارمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. دېمەككى، پۈتكۈل ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىشتا ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتا ئورتاقتۇر. ئەنە شۇ ئەمەلىيەتمۇ ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا يالغۇز ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَهُوَ الَّذِي يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَهُوَ أَهْوَنُ عَلَيْهِ ۚ وَلَهُ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ ئاللاھقا ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر. قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ مەخلۇقاتنى، بولۇپمۇ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان، يارىتىۋاتقان ۋە يارىتىدىغان، ياراتقىنىنىڭ ئەجىلى توشقاندا ئۇنى يوق قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا قايتا يارىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان زاتتۇر. ھالبۇكى، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر بىلەن پەقەت ئاللاھلا سۈپەتلىنىدۇ؛ ئاللاھقا زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا ھېچ نەرسە ئوخشىمايدۇ، ئاللاھتىن غەيرىيمۇ سۈپەتلىنىدىغان بار بولۇش، بىلىش، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە كۈچى يېتىش... قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى بىلەن، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا پەقەت ئاللاھلا سۈپەتلىنىدۇ؛ مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولۇپ، ھېچ نەرسنىڭ بار بولۇشى ئاللاھنىڭ بار بولۇشىغا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئەڭ مۇكەممەل بولۇپ، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ خالىغىنىنى قىلىشقا كۈچى يېتىشى ئاللاھنىڭ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى ئالدىدا ئاسان ياكى تەس دەپ بىرەر ئىش يوق، ئاللاھ بىرەر نەرسىنى يارىتىشنى خالىسا ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىش ياكى ئۇنى ئىككىنچى قېتىم يارىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاسان» دېگەن ئىپادە، مەسىلىنى ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچە ۋە تەسەۋۋۇرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسالدۇر. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىر، ھەر سۆزى راست، ھەر ھۆكمى ئادىل، ھەر پىلانى پۇختا ۋە ھەر ئىشى مۇكەممەل يېگانە زاتتۇر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ مەسىلىنى ئىنسانلار ئاسان چۈشىنىدىغان رەۋىشتە بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ خالايىقنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىشقا قادىر بولغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنىڭ ئۆزىگە ئاسان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ھېچبىر مۇشرىك، ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. ضَرَبَ لَكُمْ مَثَلًا مِنْ أَنْفُسِكُمْ ۖ هَلْ لَكُمْ مِنْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ مِنْ شُرَكَاءَ فِي مَا رَزَقْنَاكُمْ فَأَنْتُمْ فِيهِ سَوَاءٌ تَخَافُونَهُمْ كَخِيفَتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال- مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلاردىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال بايان قىلدى: «قۇل ئاستىڭلاردىكىلەرنى بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك قىلامسىلەر؟ ئۇلار ئۇ رىزىقتا سىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولامدۇ؟ ئۇلاردىن بىر - بىرىڭلاردىن قورققاندەك قورقامسىلەر؟» بىز ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە ئەھۋالىڭلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن مۇنداق بىر مىسال بايان قىلدى: «سىلەر قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتا ئۆزۈڭلار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولىدىغان، سىلەر قورقۇپ رۇخسەت ئېلىپ ئىش قىلىدىغان بىرەر شېرىكىڭلار بارمۇ؟»، ئەسلا يوق؛ سىلەر قۇل - چۆرىلىرىڭلارنىڭ ھېچبىرىنى مال - مۈلكىڭلارغا شېرىك قىلمايسىلەر، مال - مۈلكىڭلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلمايسىلەر ۋە بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار ئۇنىڭدىن تارتىنمايسىلەر، ئىجازەت ئالمايسىلەر ۋە قورقماي ئىش قىلىۋېرىسىلەر، شۇنداققۇ! دېمەككى، سىلەر ئىنسانلىقتا ئۆزۈڭلارغا ئوخشايدىغان، لېكىن ئىدارىي جەھەتتىن سىلەرنىڭ باشقۇرۇشىڭلاردا بولغان قۇل - چۆرىلىرىڭلارنى مال - مۈلكىڭلارغا شېرىك قىلىشقا رازى بولمايسىلەر، بۇنى ئەقلىڭلار قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر ھېچبىر جەھەتتىن ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوق ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرۈسىلەر؟! ئىبادىتىڭلارنى نېمىشقا شۇ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوق ئاللاھقا قىلماي ئۇنىڭ بەزى مەخلۇقاتىغا قىلىسىلەر؟! بىز تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى مۇشۇنداق ئېنىق بايان قىلىمىز، ئۇ دەلىللەرنى پەقەت ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ئادەملەرلا تونۇپ - يېتىدۇ؛ تەكەببۇرلۇق، تەرسالىقتىن ۋە تەقلىدچىلىكتىن ساقلىنىپ ھەقكە ئىنتىلگەن، ھەقنى ئىزدىگەن ۋە ھەقنى تاپسا قوبۇل قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەملەر بايان قىلىنغان دەلىللەرگە قاراپ شېرىكنىڭ باتىل، تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ - دە، دەرھال تەۋھىدنى قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. بَلِ اتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَهْوَاءَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ فَمَنْ يَهْدِي مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
    ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق ئەمەس، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇ زالىملار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. ئاللاھ ئازدۇرغانلارنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىللىرىنى ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەر كۆرىدۇ، لېكىن شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان مۇشرىكلار نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدۇ، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ، نەتىجىدە تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەيدۇ. ئاللاھ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئالدىنئالا بېكىتكەن سىستېمىسى بويىچە ئازغۇنلۇقتا قويغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ ئازابقا دۇچار قىلغاندا ھېچكىم ياردەم قىلىپ، ئازابنى ئۇلاردىن قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابنى يەڭگىللىتەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (30-سۈرە رۇم، 30-ئايەت) فىترەت تەۋھىد توغرا يول
    فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ (فىترەت) بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداقتا سەن يۈزۈڭنى ھەقكە يۆنەلگەن ھالدا بۇ دىنغا توغرىلىغىن، ئاللاھ ياراتقان فىترەتكە بويسۇنغىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[2]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىنلار! نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر شېرىك كەلتۈرىدۇ ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ ھەقتىن يۈز ئۆرۈشىگە پەرۋا قىلماي، باتىل چۈشەنچە ۋە خاتا كۆزقاراشلاردىن بۇرۇلۇپ بۇ دىنغا يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، يەنى ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي ھالەتتىن ئايرىلماڭلار، ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا بويسۇنۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلاركى، ئاللاھ ئىنسانلارنى، جۈملىدىن سىلەرنى ئۇ تەبىئىي ھالەت بىلەن ياراتقان؛ ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ھەقنى سىڭدۈرگەن ۋە ئۇنى ھەق بىلەن شەكىللەندۈرگەن، شۇڭلاشقا بۇ تەبىئىتىنى بۇزمىغانلار تەۋھىدنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر دەۋەت قىلغان ھەق بىلەن ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرۈلگەن ھەق بىردۇر. ئاللاھ ياراتقان بۇ تەبىئىي ھالەتنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە ئالالمايدۇ. ئەنە شۇ تەبىئىي ھالەتكە سىڭدۈرۈلگەن ھەقىقەت ۋە پەيغەمبەر دەۋەت قىلغان ھەقىقەت توغرا دىندۇر، ئەسلىدە ئىككىسى بىردۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى، يەنى مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھالەتلىرىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر دەۋەت قىلغان دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇزۇلغان تەبىئىتى نەپسى خاھىشلىرى بۇيرۇغان يولنى توغرا دەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە «تەبىئىي ھالەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «فىترەت (فطرة)» بولۇپ، ئۇ «ياراتتى» دېگەن مەنىدىكى «فەتەرە (فَطَرَ)» پېئىلىدىن ئېلىنغان ھالەتلىك مەسدەر (ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر) بولۇپ، مەنىسى «يارىتىش پېئىلى ئەمەلىيلەشكەندە يارىتىلغۇچىدا شەكىللەنگەن ھالەت» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «يۈزىنى دىنغا توغرىلاش»نى ئەنە شۇ ھالەتنى قوغداش ۋە ساقلاش بىلەن تەپسىر قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەن ھەر مۇئمىن بۇ دىنغا يۈزلىنىڭلار، ئوڭ - سولغا بۇرۇلماڭلار ۋە ئۇ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، يەنى ئاللاھ تائالا سىلەرنى ياراتقاندا شەكىللەنگەن تەبىئىي ھالىتىڭلارنى ساقلاڭلار، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىڭلار، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداڭلار. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا بويسۇنۇڭلار. ئۇ ھالەتنى باشقا بىر ھالەت بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھالەتكە سىڭدۈرۈلگەن ھەقىقەت ئاللاھنىڭ يېگانە توغرا يولىدۇر. ئەنە شۇ تەبىئىي ھالەتكە سىڭدۈرۈلگەن ھەقىقەت ھاياتنىڭ ئۆز يولىدا داۋاملىشىشىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان يەككە - يېگانە توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەزكۇر تەبىئىي ھالەتنىڭ تەلەپلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ ۋە چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمايدۇ، بەلكىدە نەپسى خاھىشلىرى ياكى شەيتان ۋەسۋەسىلىرى بويىچە ياشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كائىناتتا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىدۇ ۋە جانلىقلارنىڭ ياشاش يوللىرى تارلىشىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. مُنِيبِينَ إِلَيْهِ وَاتَّقُوهُ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا داۋاملىق يۆنىلىڭلار، ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار. — ئەنەس ئالىم

    تىلىڭلاردا تەۋبە - ئىستىغپار ، دىلىڭلاردا ئەيمىنىش ۋە قول - پۇت ئەزالىرىڭلاردا بويسۇنۇش بىلەن ئاللاھقا داۋاملىق يۆنىلىڭلار، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا سۇسلۇق قىلماڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بولۇپمۇ بەش ۋاخ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا، شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ۋە ئەركانلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان ھالدا ئۆتەڭلار، ھېچبىر زامان ئۆز فىترىتىنى بۇزغان، شۇنداقلا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەملەردىن بولماڭلار؛ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن شېرىكلەردىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (30-سۈرە رۇم، 32-ئايەت) ئۈممەتنىڭ بىرلىكى
    مِنَ الَّذِينَ فَرَّقُوا دِينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعًا ۖ كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
    سىلەر دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، پىرقە ـ پىرقە بولۇپ، ھەرپىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغانلاردىن (بولماڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، پىرقە ـ پىرقە بولۇپ، ھەرپىرقە ئۆز دىنى بىلەن خوشاللىنىدىغانلاردىن بولماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    دىنىنى پارچىلاپ، پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن بولماڭلار. ئۇلاردىن ھەر گۇرۇھ ئۆزىنىڭكى بىلەن خۇشالدۇر. — ئەنەس ئالىم

    يەنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغان، ھەر گۇرۇھ ئۆز پىكرى بىلەن خۇشاللىنىدىغان يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقا مۇشرىك تائىپىلارنىڭ قاتارىدىن بولماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق دىننى ئۆزگەرتىپ پىرقىلەرگە ئايرىلدى، ھەر پىرقىنىڭ چوقۇنىدىغان مەبۇدى، چوقۇنۇش شەكلى ۋە دىنىي ھاياتى پەرقلىق ھالەتكە كەلدى. ھەر پىرقە ئۆزىنى توغرا يولدا، باشقا پىرقىلەرنى ئازغۇن دەيدىغان ۋە ئۆز پىكرى بىلەن سۆيۈنىدىغان بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (30-سۈرە رۇم، 33-ئايەت) شېرىك دۇئا تەۋبە قىلىش
    وَإِذَا مَسَّ النَّاسَ ضُرٌّ دَعَوْا رَبَّهُمْ مُنِيبِينَ إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا أَذَاقَهُمْ مِنْهُ رَحْمَةً إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ
    ئىنسانلارغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا رەھمىتىنى تېتىتقان چاغدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلارغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار رەببىغا ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا رەھمىتىنى تېتىتقان چاغدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارغا زىيان يەتسە، رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. رەببى ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن بىرەر رەھمەت تېتىتسا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارغا كېسەللىك، ئەنسىزلىك، ئىقتىسادىي زىيان، ئوڭۇشسىزلىق... قا ئوخشىغان بىرەر زىيان يەتسە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە رىزىق بېرىپ ياشاتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ، ئۆزلىرىدىن مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ، يەنى قىيىنچىلىقتا ھەممەيلەن ئاللاھقا چوقۇنىدۇ، ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى مۇسىبەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارغا ساقلىق، خاتىرجەملىك، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت... كە ئوخشىغان بىرەر رەھمەت تېتىتسا، مۇئمىنلار بىلەن مۇشرىكلار ئايرىلىدۇ: مۇئمىنلار قىيىنچىلىقتىمۇ، ئازادىچىلىكتىمۇ ئاللاھقا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ قىيىنچىلىقتا سەۋر قىلىدۇ، ئازادىچىىلىكتە شۈكۈر قىلىدۇ، تەۋھىد ئەقىدىسىگە ھېچقاچان دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. مۇشرىكلار بولسا، ئازادىچىلىككە چىققان ھامان، ئۆزلىرى ياراتقۇچىمىز، باشقۇرغۇچىمىز ۋە رىزىق بېرىپ ياشاتقۇچىمىز دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ئىگىسى - ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە زىيان بىلەن رەھمەت مەنىسىدىكى كەلمىلەرنىڭ ئېنىقسىز (نەكىرە) ھالىتىدە كېلىشى، مۇشرىكلارنىڭ كىچىككىنە زىيانغا ئۇچرىغان ھامان نالە - پەرياد قىلىدىغانلىقىنى، كىچىككىنە نېمەتكە ئېرىشكەن ھامان كۆرەڭلەپ ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ ۚ فَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
    ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە نا شۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قېنى؟ (ئى مۇشرىكلار!) (دۇنيا تىرىكچىلىكىدە سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، سىلەر (پانىي دۇنيانىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە كۆز يۇمۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، يېقىن كەلگۈسىدە بىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار، بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر! — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئازادىچىلىكتىكى چاغلىرىدا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن. ئى مۇشرىكلار! مۇشۇ دۇنيادا ئۇ نېمەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، پات يېقىندا - ئۆلۈمىڭلار ئەسناسىدا، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ۋە قىيامەت كۈنى تۇزكورلۇقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (30-سۈرە رۇم، 35-ئايەت) شېرىك تاغۇت
    أَمْ أَنْزَلْنَا عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُوا بِهِ يُشْرِكُونَ
    ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر كىتاب نازىل قىلدۇقمۇ؟ (مۇنداق بولغىنى يوق) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ چوقۇنىۋاتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى بىز ئۇلارغا مۇشرىك بولۇشلىرىنى سۆزلەيدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئىبادەتتە بىزگە شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلارغا، بىز شېرىك كەلتۈرۈشىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر دەلىل نازىل قىلدۇقمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ نازىل قىلمىدۇق! لېكىن ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكى ۋە نەپسى خاھىشىغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىدى. يەنى مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىشى بىرەر دەلىلگە ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً فَرِحُوا بِهَا ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ إِذَا هُمْ يَقْنَطُونَ
    ئىنسانلارغا رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلارغا رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىنسانلارغا بىرەر رەھمەت تېتىتساق، خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر يامانلىق كەلسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىنسانلارغا ساقلىق، بايلىق، خاتىرجەملىك... كە ئوخشىغان بىرەر رەھمەت تېتىتساق خۇشال بولۇپ كۆرەڭلەيدۇ، ھەددىدىن ئاشىدۇ، تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كېسەللىك، ئىقتىسادىي زىيان، ۋە ئەنسىزلىك...كە ئوخشىغان بىرەر يامانلىق كەلسە دەرھال نائۈمىد بولىدۇ. مانا بۇ كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدۇر، ئۇلار ئازادىچىلىك ۋە قىيىنچىلىقتا ئوخشاش تۇرمايدۇ. لېكىن مۇئمىنلار ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە؛ مۇئمىنلار يوقلۇقتا سەۋر قىلىدۇ، توقلۇقتا شۈكۈر قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: يامانلىقنى ۋە ياخشىلىقنى يارىتىش ۋە ئىنسانلارغا ئەۋەتىش جەھەتتىن ھەر ئىككىسى ئاللاھتىندۇر. لېكىن ئاللاھ يامانلىقنى ئۆز ئادالىتى بىلەن، ياخشىلىقنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئەۋەتىدۇ. شۇڭلاشقا ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى يامانلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (رىزىق بەرگەن ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە) ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، تار قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    بىرەر نېمەتكە ئېرىشسە كۆرەڭلەپ ھەددىدىن ئاشىدىغان، بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقسا ئىلاھىي رەھمەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ نالە - پەرياد قىلىدىغان ۋە بۇ ئۆزگىرىشچان ئەھۋالىنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن كۆرسىتىدىغان ئۇ جاھىللار، ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتى بويىچە رىزىقنى ئۆزى خالىغان كىشىگە كەڭ، ئۆزى خالىغان كىشىگە تار قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزىقنى تار قىلىشى خارلىغانلىقى، كەڭ قىلىشى ئەزىز قىلغانلىقى ئەمەسلىكىنى نېمىشقا بىلمەيدۇ؟! ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسا، توقلۇقتا كۆرەڭلىك قىلمىغان، يوقلۇقتا نائۈمىد بولمىغان بولاتتى. ئاللاھنىڭ رىزىقنى بەزىلەرگە كەڭ، بەزىلەرگە تار قىلىشىدىكى ھېكمەتنى مۇئمىنلار بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (30-سۈرە رۇم، 38-ئايەت) زاكات ئاللاھقا ئىتائەت
    فَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (سىلە ـ رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    رىزىقنى كۆپ بەرسۇن، ئاز بەرسۇن ئاللاھ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، سەن ھەر ئەھۋالىڭدا ئاللاھ ساڭا كەڭ رىزىق بەرگەن بولسا، تۇغقانلىرىڭغا سىيلە - رەھىم قىلغىن، ئۇلارغا نەپىقە، تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى بېرىپ تۇرغىن. شۇنىڭدەك، مىسكىنلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغىن، ئۇلارغا سەدىقە ۋە زاكاتلىرىڭدىن بەرگىن، ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارغا خالىس ئىئانىمۇ قىلغىن. مەزكۇر كىشىلەرگە بۇ ھەقلىرىنى بېرىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان ئىخلاسمەن كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى ئەمىلىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇكاپات بېرىدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ
    سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل ـ مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ (يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار) غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سىلەر بەرگەن ئۆسۈم، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن پۇل - مېلىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھ ئۇنى خورىتىدۇ. قارشى تەرەپتىن ماددىي - مەنىۋى ھېچ نەرسە كۈتمەستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكات، سەدىقە ۋە ئىئانەڭلار ئۇنداق ئەمەس، سىلەر بۇ تەقدىردە مېلىڭلارنى قاتمۇقات كۆپەيتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قاتمۇقات ئەجرگە ئېرىشىسىلەر. ئۆتنە - يېرىم مۇئامىلىسى، دىرنى قايتۇرغاندا ئۇنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە ئارتۇق تۆلەش شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ مۇئامىلە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە، دىرنىڭ ئارتۇقى ئۆسۈم، دىرنىڭ ئۆزى (پۇل ياكى ئاشلىق) جازانە بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاتالغۇ رىبا «الربا/الربوا» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئايەت ئۆزىنىڭ مېلىنى باشقىلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ بېرىشنىڭ ئۆسۈملۈك مۇئامىلە، ئارتۇق ئېلىنغان قىسىمنىڭ ئۆسۈم، بېرىلگەن نەرسىنىڭ جازانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جازانىگە بېرىلگەن نەرسە، زاكات بىلەن قارىمۇقارشى ھالدا زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (30-سۈرە رۇم، 40-ئايەت) تىرىلىش شېرىك رىزىق
    اللَّهُ الَّذِي خَلَقَكُمْ ثُمَّ رَزَقَكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۖ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَفْعَلُ مِنْ ذَٰلِكُمْ مِنْ شَيْءٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى. ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلاردىن قايسىسى بۇ ئىشلارنىڭ قايسىبىرىنى قىلالايدۇ؟ ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئالىيدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەرگەن، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر، شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلاردىن قايسىسى بۇ ئىشلارنىڭ قايسىبىرىنى قىلالايدۇ؟ ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەرگەن، ئاندىن سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئىشلاردىن بىرىنى قىلالايدىغان كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن يالىڭاچ ۋە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە دۇنياغا چىقارغان، ئاندىن سىلەرگە كىيىم - كېچەك، كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يېمەك - ئىچمەك... قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئاتا قىلىپ ھاياتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئاندىن ئەجىلىڭلار توشقاندا سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئاندىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش ئۈچۈن قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە يوقتىن يارىتىش، رىزىق بېرىش، ئۆلتۈرۈش ۋە تىرىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن بىرەر - يېرىمىنى قىلالايدىغان بىرەر كىشى بارمۇ؟ يوق! بۇنى سىلەرمۇ ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئۇ ئىشلارنى قىلالمىغان نەرسە قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر؛ ئاللاھ بالىسى، شېرىكى، ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى بولۇشتىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى. چۈنكى ئاللاھ زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نازۇنېمەتلەرنى يوقتىن يارىتىپ، ئۇنى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن مۇناسىپ ھالەتكە كەلتۈرگەن، زېمىندا جانلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنى، زېمىننىڭ تەبىئىي ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا باغلىق قىلغان، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسقان. بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىلاھىي چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلىقنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، ئوت، تاشقىن، يەر تەۋرەش... قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى ئىنسانلار سادىر قىلغان ئەنە شۇ تۈرلۈك جىنايەت ۋە گۇناھلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (30-سۈرە رۇم، 42-ئايەت) شېرىك تارىختىن ساۋاقلار
    قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلُ ۚ كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُشْرِكِينَ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار (ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىغا قاراڭلاركى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان، ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خاراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى). ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار، ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار!» ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! دەۋىتىڭىنى قوبۇل قىلماي، شېرىك كەلتۈرۈشتە ۋە ئاسىيلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىگەن بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار! ئۇلارنىڭ تولىسى سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان. سىلەر مەككىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىگە سەير قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىنى كۆرىسىلەر». ئەسكەرتىش: ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ تولىسىنىڭ مۇشرىك بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نارەسىدە بالىلار، ساراڭلار ۋە بۇتقا چوقۇنمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش، مۇشرىك بولمىغان ئازچىلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى بىر قەۋم (مىللەت)نىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يامانلىقىغا قارىتا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، مۇشرىك بولمىغانلار مۇشرىكلارنىڭ قاتارىدا ھالاك قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ الْقَيِّمِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۖ يَوْمَئِذٍ يَصَّدَّعُونَ
    ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن -قىيامەت- كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ تەرىپىدىن، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن يۈزۈڭنى بۇ توغرا دىنغا توغرىلىغىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلار، مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىغا پەرۋا قىلماي، قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ توغرا دىنغا يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار؛ ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلىشنى، توغرا يولدا مېڭىشنى ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ چاغدا قىلغان ئەمەلنىڭ ۋە ئۇ چاغدا كەلتۈرگەن ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئايرىلىدۇ؛ بىر پىرقە جەننەتكە، بىر پىرقە دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. مَنْ كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِأَنْفُسِهِمْ يَمْهَدُونَ
    كىمكى كاپىر بولسا (دوزاختا ئەبەدىي قېلىپ) كۇفرىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىملەركى ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) جاي راستتىنلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى كاپىر بولسا كۇفرىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىملەركى ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇرۇن ھازىرلاۋاتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم كافىر بولسا ئۆزىگە كافىر بولىدۇ. كىم ياخشى ئىش قىلسا ئۆزى ئۈچۈن ئورۇن راسلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كىم بۇ دۇنيادا كافىر بولسا، ئۇ دۇنيادا ئۆز كافرلىقىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ. كىم بۇ دۇنيادا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ دۇنيادا ئۆزى ئۈچۈن جەننەتتىن ئورۇن راسلىغان بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ قىيامەت كۈنى ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزلىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كافىرلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئايرىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى، ئۆزلىرى دۇنيادىكى چاغلىرىدا جەننەتتە تەييارلىغان ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كافىرلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش، نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ نەپرىتىگە يولۇققان. شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئادالىتى بىلەن پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭلا جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ يُرْسِلَ الرِّيَاحَ مُبَشِّرَاتٍ وَلِيُذِيقَكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَلِتَجْرِيَ الْفُلْكُ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى تېتىتىش، ئەمرى بويىچە كېمىلەرنى دېڭىزلاردا ماڭدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدىن تىلىشىڭلارۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى تېتىتىش، ئەمرى بويىچە كېمىلەرنى دېڭىزلاردا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدىن تىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، شاماللارنى يامغۇر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئاللاھ سىلەرگە شاماللارنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز رەھمىتىدىن تېتىتىشى ئۈچۈن، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ شاماللارنى ئەۋەتىشى ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ، رەھمىتىنىڭ ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. ئاللاھ ئۇ شاماللارنى مۇنۇ سەۋەبلەر ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ: 1) يامغۇرنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىپ سىلەرنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن، 2) يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنىڭ، ھايۋانلىرىڭلارنىڭ ۋە زىرائەتلىرىڭلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش، شۇنداقلا سىلەرگە سۈت مەھسۇلاتلىرى. گۆش - ياغ، يۇڭ - تېرە، ئاشلىق، كۆكتات، دورا - دەرمەك ۋە مېۋىلەر... قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن، 3) ئۆزى بېكىتكەن قانۇنىيەت بىلەن دېڭىز - ئوكيانلاردا كېمە ۋە پاراخوتلارنى ماڭدۇرۇپ، سىلەرنى، يۈكلىرىڭلارنى ۋ ماللىرىڭلارنى توشۇش ئۈچۈن، 4) سىلەرنىڭ دېڭىز يولۇچىلىقى بىلەن رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە بېرىپ تىجارەت قىلىش، ئىشلەش، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، 5) سىلەرنىڭ بۇ نېمەتلەرگە تائەت - ئىبادەت بىلەن شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَانْتَقَمْنَا مِنَ الَّذِينَ أَجْرَمُوا ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى). ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن ئىنتىقام ئالدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى، شېرىكتىن توستى. ئۇ قەۋملەر بولسا، مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، ئايەتلىرىمىزگە بويسۇنمىدى ۋە ئۇ ئەلچىلەرگە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئۇ قەۋملەردىن ئىنتىقام ئالدۇق؛ ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزدۇق ۋە ھالاك بولۇشتىن ساقلىدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭلاشقا قەۋمىڭنىڭ ئىنكار قىلىشىغا، قارشى چىقىشىغا ۋە ئەزىيەت قىلىشىغا سەۋر قىلغىن، سەن ۋە مۇئمىنلار ئىنكارچىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە پەرۋا قىلماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، بىز يېقىندا سىلەرگىمۇ ياردەم بېرىمىز. سىلەرنى غالىب، دۈشمىنىڭلارنى مەغلۇپ قىلىمىز، چۈنكى ئەلچىلىرىمىز ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ياردەم بېرىشنى بىز ئۈستىمىزگە ئالدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. اللَّهُ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَيَبْسُطُهُ فِي السَّمَاءِ كَيْفَ يَشَاءُ وَيَجْعَلُهُ كِسَفًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ ۖ فَإِذَا أَصَابَ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
    ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، گاھى ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (48-50) ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۇلۇتلارنى ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغايدۇ، ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە تارقىتىدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ھاۋا بوشلۇقىدا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە - پارچە ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇ بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى تامامەن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالەتتە ئىدى، لېكىن يامغۇر ياغقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان يامغۇرنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغىن؛ ئاللاھنىڭ، يامغۇر ياغدۇرۇش بىلەن خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ، قاغجىراپ كەتكەن ئۆلۈك زېمىننى جانلاندۇرغانلىقىنى كۆرگىن. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولغان ئاللاھ، قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلِ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ مِنْ قَبْلِهِ لَمُبْلِسِينَ
    ھالبۇكى، ئۇلار يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى، ئۇلار يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلار ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى تامامەن ئۈمىدسىز ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  50. فَانْظُرْ إِلَىٰ آثَارِ رَحْمَتِ اللَّهِ كَيْفَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە - ئاللاھنىڭ ئۆلۈك زېمىننى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا - قارىغىن. ئەنە شۇ ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

  51. وَلَئِنْ أَرْسَلْنَا رِيحًا فَرَأَوْهُ مُصْفَرًّا لَظَلُّوا مِنْ بَعْدِهِ يَكْفُرُونَ
    ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە كۇفرىلىق قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز شامال ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتلىرىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلىشقا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە تۇزكورلۇق شۇنچە سىڭىپ كەتكەنكى، بىرەر نېمەتكە ئېرىشسە سۆيۈنۈپ كېتىدۇ؛ كۆرەڭلەيدۇ، شۈكۈر قىلمايدۇ. ناۋادا بىرەر زىيانغا يولۇقسا دەرھال كۇفرىلىق قىلىدۇ. مەسىلەن: بىز پايدىلىق شامال ئەۋەتىپ بۇلۇتلارنى قوزغىساق، شۇنداقلا يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇلارنى، زىرائەت ۋە باغلىرىنى سۇغىرىپ ئۇلارغا ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئاتا قىلساق، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن مەمۇرچىلىققا ئېرىشتۈرسەك، ئۇلار كۆرەڭلەپ ھەددىدىن ئاشىدۇ، شۈكۈر قىلمايدۇ. ئەگەر بىز زىيانلىق سوغۇق شامال ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ زىرائەت ۋە دەرەخلىرىگە ئۈششۈك تەگدۈرسەك ياكى زىيانلىق قىزىق شامال ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ زىرائەت ۋە دەرەخلىرىنى سولدۇرساق، ئۇلار دەرھال كۇفرىلىق قىلىدۇ، نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىدۇ، ھەقىقەتكە قارشى چىقىدۇ. مۇئمىنلار ئۇنداق ئەمەس؛ مۇئمىنلار نېمەتكە ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، مۇسىبەتكە يولۇقسا سەۋر قىلىدۇ، ھېچقاچان ئەقىدىسىگە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ، ئىبادىتىگە سۇسلۇق قىلمايدۇ، ئەخلاقىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. فَإِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
    شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە سۆزۈڭنى ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن. — ئەنەس ئالىم

    (52-53) ئى مۇھەممەد! سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە ئارقىسىنى قىلىپ يېنىڭدىن كەتكەن گاسلارغا ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تەرسا مۇشرىكلارغىمۇ ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن، ئۆزلىرى چوڭقۇرلاشقان ۋە چىقىشنى خالىمىغان ئازغۇنلۇقتىن چىقىرىپ توغرا يولغا باشلىيالمايسەن، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزنى ئاڭلىمايدۇ. ئاۋازنى ئىشىتمەيدۇ، گاسلارغا ئوخشاش ساڭا كەينىنى قىلىپ تۇرغانلىقى (يۈز ئۆرۈشتە ئەزۋەيلىگەنلىكى) ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىڭنى چۈشەنمەيدۇ. سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ بويسۇنغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَمَا أَنْتَ بِهَادِ الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ
    كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا سۆزۈڭنى ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن كورلارنى گۇمراھلىقلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھىدايەت قىلالمايسەن. سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ تەسلىم بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن. — ئەنەس ئالىم

  54. اللَّهُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ ضَعْفٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْ بَعْدِ ضَعْفٍ قُوَّةً ثُمَّ جَعَلَ مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ ضَعْفًا وَشَيْبَةً ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۖ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْقَدِيرُ
    ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن سىلەرنى كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە سىلەرگە قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ئاجىزلىقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى، ئاندىن قۇۋۋەتتىن كېيىن ئاجىزلىق ۋە قېرىلىق يەتكۈزدى. ئۇ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشىنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھ، قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغ، ھېكمىتى شۇنداق چوڭقۇر ۋە ئىلمى شۇنداق چەكسىز زاتكى، سىلەرنى بىرقانچە باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈپ ياراتتى. سىلەرنىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرىڭلارنىڭ ئاۋۋالقىسى ئاجىزلىقتۇر؛ ئاللاھ سىلەرنى ئەڭ ئاجىز ھالىتىڭلاردا دۇنياغا كەلتۈردى. ئاندىن سىلەرنى كۈندىن - كۈنگە يېتىلدۈرۈپ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق باھارى باسقۇچلىرىڭلاردا كۈچلەندۈردى، قىرانلىق باسقۇچىڭلاردا ئەڭ كۈچلۈك ھالىتىڭلارغا يەتكۈزدى، ئاندىن سىلەرنى قايتا ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلاپ كۈن ئۆتكەنسېرى سىلەرگە قېرىلىق يەتكۈزدى ۋە ئەڭ ئاجىز ھالىتىڭلارغا يەتكۈزدى. ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بويىچە خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتىنىڭ ھەر ھالىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، جۈملىدىن قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە ۋە سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا قادىردۇر. ئى ئىنكارچىلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىڭلاردا ئەنە شۇ باسقۇچلارنى كۆرىسىلەر، بىلىسىلەر؛ ئىنسانلار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ يېتىلىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ياشىنىپ ئۆلۈۋاتقان ھالەتتىدۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، يەنى سىلەرمۇ ئەزالىرى بولغان ئىنسانلار ئائىلىسى بوۋاقلار، بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلار، قۇرامىغا يەتكەنلەر، قىرانىغا يەتكەنلەر، قېرىلار، بوۋايلار، مومايلاردىن تەركىب تاپىدۇ. سىلەرنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ياشاۋاتقان چېغىڭلارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى باسقۇچلىرىڭلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. سىلەرنى يوقتىن يارىتىپ ئەڭ ئاجىز ھالىتىڭلاردا دۇنياغا كەلتۈرگەن، مەلۇم مۇددەت كۈچ ئاتا قىلغان ۋە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن قايتا ئاجىز ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇۋاتقان ئاللاھ ئەجىلىڭلار توشقاندا جېنىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يُقْسِمُ الْمُجْرِمُونَ مَا لَبِثُوا غَيْرَ سَاعَةٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَانُوا يُؤْفَكُونَ
    ەت قايىم بولغان كۈندە (گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلار دۇنيادا پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، گۇناھكارلار ئازغىنە ۋاقىتتىن ئارتۇق تۇرمىغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئەنە شۇنداق ئالدايتتى. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، بارلىق ئۆلۈكلەر قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ، جۈملىدىن دۇنيادىكى چېغىدا قىيامەتنى ئىنكار قىلىپ كۇفرىلىق بىلەن ياشىغانلارمۇ قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ، ئۆزلىرىگە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئۆزرىسى بارلىقىنى ۋە بۇ ئۆزرىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادا پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ؛ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز دۇنيادا پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ياشىدۇق، بىزگە يېتەرلىك مۆھلەت بېرىلمىدى، بىز دۇنياغا كېلىپ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ بولغۇچىلىك ياشىمىدۇق، ئەمدى كۆزىمىزنى بۇ يەردە ئاچتۇق، شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆزرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە بىزنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىمىز لازىم» دەيدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئەنە شۇنداق يالغان ئېيتىدۇ، ئۇلار دۇنيادىمۇ ئۆزلىرىنى يالغان بىلەن ئالدايتتى، ئۆزلىرى توقۇپ چىققان تۆھمەتكە ئۆزلىرى ئىشىنىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايتتى، باتىلدا ئەزۋەيلەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَالْإِيمَانَ لَقَدْ لَبِثْتُمْ فِي كِتَابِ اللَّهِ إِلَىٰ يَوْمِ الْبَعْثِ ۖ فَهَٰذَا يَوْمُ الْبَعْثِ وَلَٰكِنَّكُمْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
    ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگۈچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىلىم ۋە ئىمان بېرىلگەنلەر ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار. مانا بۇ قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئىلىم ۋە ئىمان بېرىلگەنلەر (پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلار) ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: «سىلەرگە دۇنيادا ئاللاھنىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، تەپەككۇر قىلىشىڭلارغا، ئويلىنىىشڭلارغا، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلىشىڭلارغا يەتكۈدەك ئۆمۈر بېرىلدى. لېكىن سىلەر يالغانغا ئالدىنىپ باتىل ئۈستىدە ياشىدىڭلار ۋە شۇ پېتى ئۆلدۈڭلار، ئاندىن قەبرەڭلاردا قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىگە قەدەر ئۆلۈك ھالىتىڭلاردا تۇردۇڭلار. ھازىر قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن چىقىرىلدىڭلار، مانا بۇ سىلەر دۇنيادا ئىنكار قىلغان قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىدۇر، بۇنى كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، ئەمەلىيىتىڭلاردا قايتا تىرىلدىڭلار، ئەمدى بۇنى ئىنكار قىلالمايسىلەر، لېكىن سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بۇ كۈننى بىلمەسكە سالاتتىڭلار، ئىشەنگىلى ئۇنىمايتتىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (30-سۈرە رۇم، 57-ئايەت) ھىساب
    فَيَوْمَئِذٍ لَا يَنْفَعُ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَعْذِرَتُهُمْ وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
    بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە زالىملارنىڭ ئېيتقان ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئەنە شۇ كۈندە زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇ چاغدا قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرى، تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ئەمەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە قىلغان ئەمەلنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئالەمىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ ۚ وَلَئِنْ جِئْتَهُمْ بِآيَةٍ لَيَقُولَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا مُبْطِلُونَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا (قۇرئان ئايەتلىرىدىن) بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار (دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن) چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى بايان قىلدۇق. سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەت كەلتۈرسەڭ، ئۇ كافىرلار: «سىلەر پەقەت باتىلغا چۆمگۈچى كىشىلەرسىلەر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى زالىملارنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزرە ئېيتىشلىرى تەلەپ قىلىنماسلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا، جۈملىدىن ئۇ زالىملارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مىساللارنى بايان قىلدۇق، سەن ئۇلارغا قۇرئاننى يەتكۈزدۈڭ، ئۇلارغا يېتەرلىك مۆھلەت بېرىلدى. لېكىن ئۇلار تەرسالىق قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ تەرسالارغا ئۆزۈڭنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، شۇنداقلا يولۇڭنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭ، ئۇ كافىرلار سېنىڭ ھەققىڭدە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھەققىدە: «سىلەر پەقەت باتىلغا چۆمگۈچى كىشىلەرسىلەر» دەيدۇ، چۈنكى ئەقلىي مۆجىزىگە قايىل بولمىغان كىشى ماددىي مۆجىزىگىمۇ قايىل بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
    (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق مۆھۈرلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ھەقنى بىلمەيدىغان، بىلىشكە تىرىشمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئۇ جاھىللارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق مۆھۈرلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. (30-سۈرە رۇم، 60-ئايەت) سەۋر شەكسىز ئىتىقاد
    فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ وَلَا يَسْتَخِفَّنَّكَ الَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىنىڭنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن -ئى مۇھەممەد!- سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ئىشەنمەيدىغانلار سېنى سەل چاغلىمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئىشەنمەيدىغانلار سېنى بوشاشتۇرمىسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياردىمى يېتىپ كەلگۈچىلىك مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىق قىلىپ قارشى چىقىشىغا ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى ھەقتۇر؛ ھەقىقەتكە جەزمەن ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تەرسالىقى، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى، سېنى ئىنكار قىلىشى، ئالدىراڭغۇلۇقى... سېنى سەۋرسىزلىك ۋە يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، ئىرادەڭدىن بوشاشتۇرمىسۇن. سەن دەۋەت پائالىيىتىڭنى ۋە تەۋھىد يولىدىكى كۈرىشىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: ياخشى ئاقىۋەت ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە مەنسۇپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى