يۇنۇس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 109 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (98-ئايەت)
  1. (10-سۈرە يۇنۇس، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْحَكِيمِ
    ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر

    ئەلىف، لام، را (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). بۇ ھېكمەتلىك كىتاب (قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر [1].

  2. (10-سۈرە يۇنۇس، 2-ئايەت)
    أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ رَجُلٍ مِنْهُمْ أَنْ أَنْذِرِ النَّاسَ وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنَّ لَهُمْ قَدَمَ صِدْقٍ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ قَالَ الْكَافِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ مُبِينٌ
    ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھىي قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى

    ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر ئەر (مۇھەممەد) گە: ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئەجەبلىنىۋاتامدۇ؟ كافىرلار: «بۇ (مۇھەممەد) ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق سېھىرگەردۇر» دېدى [2].

  3. (10-سۈرە يۇنۇس، 3-ئايەت)
    إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۖ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) مۇستەۋى بولدى . ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىجازىتىنى ئالىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ [3].

  4. (10-سۈرە يۇنۇس، 4-ئايەت)
    إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
    (قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، ئۇ ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئىش قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كافىرلارغا كەلسەك، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [4].

  5. (10-سۈرە يۇنۇس، 5-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور مەنپەئەت ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ

    ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ئۇنى ھېسابلاشنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى بەلگىلەپ بەردى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق. ئاللاھ چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ [5].

  6. (10-سۈرە يۇنۇس، 6-ئايەت)
    إِنَّ فِي اخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَّقُونَ
    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پاكىتلار بار [6].

  7. (10-سۈرە يۇنۇس، 7-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا وَرَضُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاطْمَأَنُّوا بِهَا وَالَّذِينَ هُمْ عَنْ آيَاتِنَا غَافِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار __ [7].

  8. (10-سۈرە يۇنۇس، 8-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمُ النَّارُ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ

    ئەنە شۇلارنىڭ جايى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ [8].

  9. (10-سۈرە يۇنۇس، 9-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ يَهْدِيهِمْ رَبُّهُمْ بِإِيمَانِهِمْ ۖ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە باشلايدۇ [9].

  10. (10-سۈرە يۇنۇس، 10-ئايەت)
    دَعْوَاهُمْ فِيهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ ۚ وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر

    ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «ئامان بولغايسەن» دېيىشتىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەت بولىدۇ [10].

  11. (10-سۈرە يۇنۇس، 11-ئايەت)
    وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُمْ بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ ۖ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
    ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز

    ئەگەر كىشىلەر ياخشىلىقنىڭ تېز كېلىشىگە ئالدىرىغاندەك ئاللاھمۇ يامانلىقنى ئۇلارغا تېز چۈشۈرگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم توشقان بولاتتى. بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلىدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز [11].

  12. (10-سۈرە يۇنۇس، 12-ئايەت)
    وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى

    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ) ئۇ بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇلار گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى [12].

  13. (10-سۈرە يۇنۇس، 13-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَمَّا ظَلَمُوا ۙ وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
    سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز

    سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كۇفرلىقتا چىڭ تۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز [13].

  14. (10-سۈرە يۇنۇس، 14-ئايەت)
    ثُمَّ جَعَلْنَاكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ مِنْ بَعْدِهِمْ لِنَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
    سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدۇق

    ئۇلاردىن كېيىن، سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، بىز زېمىندا سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتۇق [14].

  15. (10-سۈرە يۇنۇس، 15-ئايەت)
    وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ ۙ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَٰذَا أَوْ بَدِّلْهُ ۚ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۖ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيەلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن

    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار: «(ئى مۇھەممەد!) بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا) «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك بىر كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن [15].

  16. (10-سۈرە يۇنۇس، 16-ئايەت)
    قُلْ لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا تَلَوْتُهُ عَلَيْكُمْ وَلَا أَدْرَاكُمْ بِهِ ۖ فَقَدْ لَبِثْتُ فِيكُمْ عُمُرًا مِنْ قَبْلِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    «ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن

    «ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇ (قۇرئان) نى ئوقۇپ بەرمەس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاراڭلاردا ئۇزاق ۋاقىت تۇردۇم، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن [16].

  17. (10-سۈرە يۇنۇس، 17-ئايەت)
    فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْمُجْرِمُونَ
    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ [17].

  18. (10-سۈرە يۇنۇس، 18-ئايەت)
    وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر

    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇ (بۇت) لار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاللاھ بىلمەي قاپتۇ دەپ، سىلەر بۇنى ئاللاھقا ئېيتىپ بەرمەكچىمۇ؟». ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر [18].

  19. (10-سۈرە يۇنۇس، 19-ئايەت)
    وَمَا كَانَ النَّاسُ إِلَّا أُمَّةً وَاحِدَةً فَاخْتَلَفُوا ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ھەق دىن) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى)

    ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىرلا ئۈممەت (يەنى بىر دىندا)ئىدى. كېيىن ئۇلار (دىندا) ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى) [19].

  20. (10-سۈرە يۇنۇس، 20-ئايەت)
    وَيَقُولُونَ لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۖ فَقُلْ إِنَّمَا الْغَيْبُ لِلَّهِ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
    ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): «نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاس (مۆجىزىلەرنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (ئاللاھنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن»

    ئۇلار (يەنى مەككە ئەھلى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش ئاللاھقىلا خاستۇر، سىلەر (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈپ تۇرۇڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتۈپ تۇرىمەن» [20].

  21. (10-سۈرە يۇنۇس، 21-ئايەت)
    وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُمْ مَكْرٌ فِي آيَاتِنَا ۚ قُلِ اللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ
    كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ

    كىشىلەرگە زىيان ـ زەخمەت يەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان ھىيلە-مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ھىيلە-مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ [21].

  22. (10-سۈرە يۇنۇس، 22-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ

    ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر ئۆزىنىڭ ھالاكەت قورشاۋىدا قالغانلىقىغا كۆزى يېتىپ: «(ئى ئاللاھ!) ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزساڭ، بىز چوقۇم ساڭا شۈكۈر قىلاتتۇق» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ [22].

  23. (10-سۈرە يۇنۇس، 23-ئايەت)
    فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز

    ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز [23].

  24. (10-سۈرە يۇنۇس، 24-ئايەت)
    إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز

    دۇنيا ھاياتى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق زىننەتلەنگەن، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپ تۇرغان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا بالايىمىز يەتتى ـ دە، ئۇنى تۈنۈگۈن يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق. پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز [24].

  25. (10-سۈرە يۇنۇس، 25-ئايەت)
    وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَىٰ دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    ئاللاھ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) چاقىرىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ

    ئاللاھ (كىشىلەرنى) جەننەتكە چاقىرىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ [25].

  26. (10-سۈرە يۇنۇس، 26-ئايەت)
    لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَىٰ وَزِيَادَةٌ ۖ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

    ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدىغانلار بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ تۇرغۇچىلاردۇر [26].

  27. (10-سۈرە يۇنۇس، 27-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    (دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

    يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار قىلغان يامانلىقىغا لايىق جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئېغىر خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخقا كىرىدىغانلار بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر [27].

  28. (10-سۈرە يۇنۇس، 28-ئايەت)
    وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا مَكَانَكُمْ أَنْتُمْ وَشُرَكَاؤُكُمْ ۚ فَزَيَّلْنَا بَيْنَهُمْ ۖ وَقَالَ شُرَكَاؤُهُمْ مَا كُنْتُمْ إِيَّانَا تَعْبُدُونَ
    شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)

    قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىللە ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار [28].

  29. (10-سۈرە يۇنۇس، 29-ئايەت)
    فَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِنْ كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَافِلِينَ
    سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»

    سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنغانلىقىڭلارنى بىز بىلمەيتتۇق (يەنى بىز جانسىز ئىدۇق)» [29].

  30. (10-سۈرە يۇنۇس، 30-ئايەت)
    هُنَالِكَ تَبْلُو كُلُّ نَفْسٍ مَا أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
    بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ

    بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىدىن خەۋەر تاپىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولىدۇ [30].

  31. (10-سۈرە يۇنۇس، 31-ئايەت)
    قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟

    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمان - زېمىندىن كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ بارلىق ئىشلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟ [31].

  32. (10-سۈرە يۇنۇس، 32-ئايەت)
    فَذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ ۖ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
    (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»

    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەكچى؟» [32].

  33. (10-سۈرە يۇنۇس، 33-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ فَسَقُوا أَنَّهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى «ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى مانا شۇنداق راست بولۇپ چىقتى [33].

  34. (10-سۈرە يۇنۇس، 34-ئايەت)
    قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟». ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. شۇنداق تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» [34].

  35. (10-سۈرە يۇنۇس، 35-ئايەت)
    قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَنْ يُتَّبَعَ أَمَّنْ لَا يَهِدِّي إِلَّا أَنْ يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
    ئېيتقىنكى، « شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (نەرسىلەرگە) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»

    ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلىرى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇش كېرەكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج بولغانلارغا (بۇتلارغا) بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟» [35].

  36. (10-سۈرە يۇنۇس، 36-ئايەت)
    وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
    ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر

    ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پەقەت گۇمانغىلا تايىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ [36].

  37. (10-سۈرە يۇنۇس، 37-ئايەت)
    وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَنْ يُفْتَرَىٰ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ). قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    بۇ قۇرئاننى ئاللاھتىن باشقا بىر كىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر. (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [37].

  38. (10-سۈرە يۇنۇس، 38-ئايەت)
    أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِثْلِهِ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»

    ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار راست بولسا، ئاللاھتىن باشقا چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» [38].

  39. (10-سۈرە يۇنۇس، 39-ئايەت)
    بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
    ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن

    ئەكسىچە، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانچى دېگەن ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن [39].

  40. (10-سۈرە يۇنۇس، 40-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ لَا يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِالْمُفْسِدِينَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلارمۇ بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار. پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ [40].

  41. (10-سۈرە يۇنۇس، 41-ئايەت)
    وَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ لِي عَمَلِي وَلَكُمْ عَمَلُكُمْ ۖ أَنْتُمْ بَرِيئُونَ مِمَّا أَعْمَلُ وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ
    ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ قىلغان ئەمەلىمدىن سىلەر ئادا ـ جۇداسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا ـ جۇدامەن (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ قىلغان گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس)» دېگىن

    ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم بىلەن سىلەرنىڭ ئالاقەڭلار يوق، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلار بىلەن مېنىڭمۇ ئالاقەم يوق» دېگىن [41].

  42. (10-سۈرە يۇنۇس، 42-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ وَلَوْ كَانُوا لَا يَعْقِلُونَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار (ئۇلار گاستۇر)، سەن گاسلارغا ئۇلار ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟ [42].

  43. (10-سۈرە يۇنۇس، 43-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْظُرُ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تَهْدِي الْعُمْيَ وَلَوْ كَانُوا لَا يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا

    ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (ئۇلار كوردۇر ). كورلار (ھەقىقەتنى) كۆرەلمىسىمۇ ئۇلارغا سەن يول كۆرسىتەلەمسەن؟ [43].

  44. (10-سۈرە يۇنۇس، 44-ئايەت)
    إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ النَّاسَ شَيْئًا وَلَٰكِنَّ النَّاسَ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە ئۇۋال قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلىدۇ [44].

  45. (10-سۈرە يۇنۇس، 45-ئايەت)
    وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ كَأَنْ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنَ النَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيْنَهُمْ ۚ قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
    قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى

    ئاللاھ ئۇلارنى يىغىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ئۆزى دۇنيادا كۈندۈزنىڭ ئاز قىسمىدىلا ياشاپ ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىنى يالغان دەپ توغرا يولغا ماڭمىغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ [45].

  46. (10-سۈرە يۇنۇس، 46-ئايەت)
    وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ اللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ
    ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن ئىلگىرى) قەبزى روھ قىلساقمۇ، ئۇلار بەرىبىر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ [46].

  47. (10-سۈرە يۇنۇس، 47-ئايەت)
    وَلِكُلِّ أُمَّةٍ رَسُولٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ رَسُولُهُمْ قُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    (ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ

    ھەربىر ئۈممەتنىڭ بىر پەيغەمبىرى بولىدۇ. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ [47].

  48. (10-سۈرە يۇنۇس، 48-ئايەت)
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار: «ئەگەر سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ [48].

  49. (10-سۈرە يۇنۇس، 49-ئايەت)
    قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۚ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىماي تۇرۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ پايدا-زىيىنىغا ئىگە بولالمايمەن. ھەر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ» [49].

  50. (10-سۈرە يۇنۇس، 50-ئايەت)
    قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُهُ بَيَاتًا أَوْ نَهَارًا مَاذَا يَسْتَعْجِلُ مِنْهُ الْمُجْرِمُونَ
    ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟

    ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە گۇناھكارلار بۇ ئازابنىڭ قايسىسىغا ئالدىرايدۇ؟ [50].

  51. (10-سۈرە يۇنۇس، 51-ئايەت)
    أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ آمَنْتُمْ بِهِ ۚ آلْآنَ وَقَدْ كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
    (ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»

    ئازاب يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ سىلەر بۇرۇن ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدىڭلار، ئەمدى ئىمان ئېيتمامسىلەر؟» [51].

  52. (10-سۈرە يۇنۇس، 52-ئايەت)
    ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
    ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ

    ئاندىن كېيىن ئۆزىگە ئۇۋال قىلغانلارغا: «سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ، سىلەر مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ [52].

  53. (10-سۈرە يۇنۇس، 53-ئايەت)
    وَيَسْتَنْبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
    ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن

    ئۇلار سەندىن: «ئۇ جازانىڭ بېرىلىدىغانلىقى راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن [53].

  54. (10-سۈرە يۇنۇس، 54-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّ لِكُلِّ نَفْسٍ ظَلَمَتْ مَا فِي الْأَرْضِ لَافْتَدَتْ بِهِ ۗ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ

    ئەگەر كافىر بولغان ھەربىر ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن) ئەلۋەتتە ئۇنى فىديە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ [54].

  55. (10-سۈرە يۇنۇس، 55-ئايەت)
    أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، راستتىنلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

    ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر؛ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن راستتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ [55].

  56. (10-سۈرە يۇنۇس، 56-ئايەت)
    هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر

    ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر [56].

  57. (10-سۈرە يۇنۇس، 57-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ
    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى

    ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى [57].

  58. (10-سۈرە يۇنۇس، 58-ئايەت)
    قُلْ بِفَضْلِ اللَّهِ وَبِرَحْمَتِهِ فَبِذَٰلِكَ فَلْيَفْرَحُوا هُوَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا ـ ماللىرىدىن) ياخشىدۇر»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان مال - دۇنيالىرىدىن ياخشىدۇر» [58].

  59. (10-سۈرە يۇنۇس، 59-ئايەت)
    قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ لَكُمْ مِنْ رِزْقٍ فَجَعَلْتُمْ مِنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا قُلْ آللَّهُ أَذِنَ لَكُمْ ۖ أَمْ عَلَى اللَّهِ تَفْتَرُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟»

    ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلىۋالدىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىجازەت بەردىمۇ ياكى ئاللاھقا تۆھمەت قىلىۋاتامسىلەر؟» [59].

  60. (10-سۈرە يۇنۇس، 60-ئايەت)
    وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
    ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ

    ئاللاھقا تۆھمەت قىلىدىغانلار قىيامەت كۈنىنى قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بۇنىڭغا شۈكۈر قىلمايدۇ [60].

  61. (10-سۈرە يۇنۇس، 61-ئايەت)
    وَمَا تَكُونُ فِي شَأْنٍ وَمَا تَتْلُو مِنْهُ مِنْ قُرْآنٍ وَلَا تَعْمَلُونَ مِنْ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيْكُمْ شُهُودًا إِذْ تُفِيضُونَ فِيهِ ۚ وَمَا يَعْزُبُ عَنْ رَبِّكَ مِنْ مِثْقَالِ ذَرَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَلَا أَصْغَرَ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرَ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
    سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر

    (ئى مۇھەممەد!) سەن قايسى ھالەتتە بولساڭ، قۇرئاندىن قايسى ئايەتنى ئوقۇساڭ، (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلساڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر [61].

  62. (10-سۈرە يۇنۇس، 62-ئايەت)
    أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
    راستتىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ

    بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە ئاخىرەتتە ئەنسىرەش، غەم قىلىش يوقتۇر [62].

  63. (10-سۈرە يۇنۇس، 63-ئايەت)
    الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
    ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر

    ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر [63].

  64. (10-سۈرە يۇنۇس، 64-ئايەت)
    لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۚ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر

    ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر باردۇر. ئاللاھ ۋەدىسىگە قىلچە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر [64].

  65. (10-سۈرە يۇنۇس، 65-ئايەت)
    وَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) مۇشرىكلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، چۈنكى پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [65].

  66. (10-سۈرە يۇنۇس، 66-ئايەت)
    أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ شُرَكَاءَ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
    راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھتىن باشقىغا بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ

    بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنى قويۇپ، بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ [66].

  67. (10-سۈرە يۇنۇس، 67-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
    ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

    ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، ئىبرەت قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار [67].

  68. (10-سۈرە يۇنۇس، 68-ئايەت)
    قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ الْغَنِيُّ ۖ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنْ عِنْدَكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ بِهَٰذَا ۚ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟

    ئۇلار (كافىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ بۇنىڭدىن خالىيدۇر، بىھاجەتتۇر، ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟ [68].

  69. (10-سۈرە يۇنۇس، 69-ئايەت)
    قُلْ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا تۆھمەت قىلىدىغانلار ھەقىقەتەن ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ [69].

  70. (10-سۈرە يۇنۇس، 70-ئايەت)
    مَتَاعٌ فِي الدُّنْيَا ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ الْعَذَابَ الشَّدِيدَ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
    ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز

    ئۇلار بۇ دۇنيادىن ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كافىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز» [70].

  71. (10-سۈرە يۇنۇس، 71-ئايەت)
    وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
    ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن ماڭا بىر ئازمۇ ۋاقىت بەرمەي، ماڭا قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار [71].

  72. (10-سۈرە يۇنۇس، 72-ئايەت)
    فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
    ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى

    ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (بۇنىڭغا سەۋەب بولغۇدەك) مەن سىلەردىن ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلمايمەن، مەن مۇكاپاتىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى [72].

  73. (10-سۈرە يۇنۇس، 73-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
    لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن

    لېكىن، ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلار (مۆمىنلەر) نى ئاسراپ قالدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورنىغا قويدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق، (ئى مۇھەممەد!) بۇ ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن [73].

  74. (10-سۈرە يۇنۇس، 74-ئايەت)
    ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ نَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْمُعْتَدِينَ
    نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز

    نۇھتىن كېيىن بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، بۇ پەيغەمبەرلەر روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار ئىلگىرى ئىنكار قىلغىنىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، يەنىلا ئىمان ئېيتمىدى. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئاشۇنداق پېچەتلەيمىز [74].

  75. (10-سۈرە يۇنۇس، 75-ئايەت)
    ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ وَهَارُونَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ بِآيَاتِنَا فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
    . ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى

    ئۇلاردىن كېيىن بىز مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن، ئۇلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ گۇناھكار قەۋم بولۇپ كەتتى [75].

  76. (10-سۈرە يۇنۇس، 76-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا إِنَّ هَٰذَا لَسِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى

    ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ جەزمەن روشەن سېھىردۇر» دېدى [76].

  77. (10-سۈرە يۇنۇس، 77-ئايەت)
    قَالَ مُوسَىٰ أَتَقُولُونَ لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَكُمْ ۖ أَسِحْرٌ هَٰذَا وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُونَ
    مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى

    مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە، ئۇنى مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ ھالبۇكى، سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى [77].

  78. (10-سۈرە يۇنۇس، 78-ئايەت)
    قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَلْفِتَنَا عَمَّا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا الْكِبْرِيَاءُ فِي الْأَرْضِ وَمَا نَحْنُ لَكُمَا بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى

    ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە بۇ زېمىننىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى [78].

  79. (10-سۈرە يۇنۇس، 79-ئايەت)
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
    پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى

    پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى [79].

  80. (10-سۈرە يۇنۇس، 80-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
    سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى

    سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى [80].

  81. (10-سۈرە يۇنۇس، 81-ئايەت)
    فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
    ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى

    ئۇلار (ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىنى) تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى [81].

  82. (10-سۈرە يۇنۇس، 82-ئايەت)
    وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
    گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ

    گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ [82].

  83. (10-سۈرە يۇنۇس، 83-ئايەت)
    فَمَا آمَنَ لِمُوسَىٰ إِلَّا ذُرِّيَّةٌ مِنْ قَوْمِهِ عَلَىٰ خَوْفٍ مِنْ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِمْ أَنْ يَفْتِنَهُمْ ۚ وَإِنَّ فِرْعَوْنَ لَعَالٍ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الْمُسْرِفِينَ
    مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر

    مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمى (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئاز بىر قىسمى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا شەك ـ شۈبھىسىز زوراۋان ئىدى، ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىدى [83].

  84. (10-سۈرە يۇنۇس، 84-ئايەت)
    وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
    مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى

    مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى [84].

  85. (10-سۈرە يۇنۇس، 85-ئايەت)
    فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن

    ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، ئى رەببىمىز! زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن [85].

  86. (10-سۈرە يۇنۇس، 86-ئايەت)
    وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
    بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»

    بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» [86].

  87. (10-سۈرە يۇنۇس، 87-ئايەت)
    وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
    بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق

    بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر سېلىڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، (ئى مۇسا!) مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق [87].

  88. (10-سۈرە يۇنۇس، 88-ئايەت)
    وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
    مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا دۇنيادىكى ھاياتىدا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، ئى رەببىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازۇردى. ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن» [88].

  89. (10-سۈرە يۇنۇس، 89-ئايەت)
    قَالَ قَدْ أُجِيبَتْ دَعْوَتُكُمَا فَاسْتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَانِّ سَبِيلَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» [89].

  90. (10-سۈرە يۇنۇس، 90-ئايەت)
    وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا: «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، مەنمۇ مۇسۇلمان بولدۇم» دېدى [90].

  91. (10-سۈرە يۇنۇس، 91-ئايەت)
    آلْآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
    (ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ

    (ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟ سەن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن ئىدىڭ [91].

  92. (10-سۈرە يۇنۇس، 92-ئايەت)
    فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آيَةً ۚ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آيَاتِنَا لَغَافِلُونَ
    سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر

    سېنىڭ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى (دېڭىزدىن) چىقىرىپ قويىمىز». نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر [92].

  93. (10-سۈرە يۇنۇس، 93-ئايەت)
    وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا) ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر توغرىسىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ [93].

  94. (10-سۈرە يۇنۇس، 94-ئايەت)
    فَإِنْ كُنْتَ فِي شَكٍّ مِمَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ فَاسْأَلِ الَّذِينَ يَقْرَءُونَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ لَقَدْ جَاءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
    مۇبادا سەن ساڭا بىز نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن

    مۇبادا سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك كەلتۈرمىگىن [94].

  95. (10-سۈرە يۇنۇس، 95-ئايەت)
    وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ فَتَكُونَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، (ئۇنداق بولساڭ) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن

    سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، بولمىسا زىيان تارتىپ قالىسەن [95].

  96. (10-سۈرە يۇنۇس، 96-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ حَقَّتْ عَلَيْهِمْ كَلِمَتُ رَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ
    شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ

    شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە لايىق بولغانلار پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ [96]-[97].

  97. (10-سۈرە يۇنۇس، 97-ئايەت)
    وَلَوْ جَاءَتْهُمْ كُلُّ آيَةٍ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
    ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە (ئىمان ئېيتمايدۇ)

    شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە لايىق بولغانلار پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ [96]-[97].

  98. (10-سۈرە يۇنۇس، 98-ئايەت)
    فَلَوْلَا كَانَتْ قَرْيَةٌ آمَنَتْ فَنَفَعَهَا إِيمَانُهَا إِلَّا قَوْمَ يُونُسَ لَمَّا آمَنُوا كَشَفْنَا عَنْهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
    (ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق

    شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇسنىڭ قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق. يۇنۇسنىڭ قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە ھاياتلىقتىن بەھرىمەن قىلدۇق [98].

  99. (10-سۈرە يۇنۇس، 99-ئايەت)
    وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَنْ فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا ۚ أَفَأَنْتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟

    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتقان بولاتتى. سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلىيالامسەن؟ [99].

  100. (10-سۈرە يۇنۇس، 100-ئايەت)
    وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تُؤْمِنَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
    ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ

    ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ [100].

  101. (10-سۈرە يۇنۇس، 101-ئايەت)
    قُلِ انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا تُغْنِي الْآيَاتُ وَالنُّذُرُ عَنْ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىڭلار. بۇنىڭدىكى دەلىللەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدا بەرمەيدۇ [101].

  102. (10-سۈرە يۇنۇس، 102-ئايەت)
    فَهَلْ يَنْتَظِرُونَ إِلَّا مِثْلَ أَيَّامِ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ قُلْ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
    ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن»

    ئۇلار پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ كېلىشىنى كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتىمەن» [102].

  103. (10-سۈرە يۇنۇس، 103-ئايەت)
    ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيْنَا نُنْجِ الْمُؤْمِنِينَ
    ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز

    ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردۇق. مۆمىنلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈشكە مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز [103].

  104. (10-سۈرە يۇنۇس، 104-ئايەت)
    قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي شَكٍّ مِنْ دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلانساڭلار، (مەن گۇمانلانمايمەن) مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» [104].

  105. (10-سۈرە يۇنۇس، 105-ئايەت)
    وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن

    يەنە (ماڭا): «سەن توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن [105].

  106. (10-سۈرە يۇنۇس، 106-ئايەت)
    وَلَا تَدْعُ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَ ۖ فَإِنْ فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِنَ الظَّالِمِينَ
    ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن

    ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىلاردىن بولىسەن [106].

  107. (10-سۈرە يۇنۇس، 107-ئايەت)
    وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ ۚ يُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)

    ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئۇنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ بۇ مەرھەمىتىنى ھېچكىم قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ مەرھەمىتىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (دېيىلدى) [107].

  108. (10-سۈرە يۇنۇس، 108-ئايەت)
    قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن ھەق دىن كەلدى. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن» [108].

  109. (10-سۈرە يۇنۇس، 109-ئايەت)
    وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەمەل قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر-تاقەت قىلغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر [109].