كافىرۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 6 ئايەت
مەنىسى: كاپىرلار. ئاتىلىش سەۋەبى: كۇپپارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەدىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان
  1. (109-سۈرە كافىرۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
    (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى كافىرلار! [1].

  2. (109-سۈرە كافىرۇن، 2-ئايەت)
    لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
    سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن

    سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايۋاتىمەن [2].

  3. (109-سۈرە كافىرۇن، 3-ئايەت)
    وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
    سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر

    سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايۋاتىسىلەر [3].

  4. (109-سۈرە كافىرۇن، 4-ئايەت)
    وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
    سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق

    (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ) سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن [4].

  5. (109-سۈرە كافىرۇن، 5-ئايەت)
    وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
    سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق

    سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر [5].

  6. (109-سۈرە كافىرۇن، 6-ئايەت)
    لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ
    سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»

    سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» [6].