ئىسرا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 111 ئايەت
مەنىسى: كېچىلىك سەپەر. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ سەپىرى بايان قىلىنىدۇ
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئۆز قۇدرىتىمىزنىڭ بەزى دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بارچە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىر كېچىدە بەندىسىنى[1] مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجدى ئەقساغا ئېلىپ بارغان زات پاكتۇر. مەسجىدى ئەقسا بىز ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىتتۇر. بىز ئۇ بەندىمىزنى ئۇ يەرگە بىر قىسىم ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر كېچىسى ھەرەم مەسجىدىدىن ئەقسا مەسجىدىگە، بىر قىسىم ئايەتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 53 - سۈرە (نەجم)نىڭ 13 ~ 18 - ئايەتلىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەتتىنچى قات ئاسماندىكى «سىدرەتۇل مۇنتەھا» دېگەن جايغا ئېلىپ چىققانلىقىنى ۋە بىر قىسىم بۈيۈك ئايەتلىرىنى شۇ يەردە كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يولۇچىلىقىنىڭ «ھەرەم مەسجىدى»دىن «ئەقسا مەسجىدى»گىچە بولغان قىسمى «ئىسرا»، ئۇ يەردىن يەتتىنچى قات ئاسماندىكى «سىدرەتۇل مۇنتەھا»غىچە بولغان قىسمى «مىئراج» دەپ ئاتالسىمۇ دىنىي مەنبەلەردە بۇ ھادىسە «ئىسرا»، «مىئراج»، «ئىسرا ۋە مىئراج» دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يولۇچىلىقنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لۇغەتتە «ئىسرا» ئۆتۈملۈك مەسدەر بولۇپ، كېچىدە سەپەر قىلدۇرماق، كېچىسى يول ماڭدۇرماق دېگەن مەنىلەردە، «مىئراج - معراج» كەلىمىسى، «شوتا، پەلەمپەي، لىفىت» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، لېكىن ھەر ئىككى سۆز ئىستىلاھتا (دىنىي ئاتالغۇدا) ئەنە شۇ يولۇچىلىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ توغرىدا ھەدىس، تەپسىر ۋە سىيەر كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە كۆپچىلىك ئىسلام ئالىملىرى قوبۇل قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى ھەرەم مەسجىدىدىكى چېغىدا پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ، ئۇنى بەدىنى ۋە روھى بىلەن ئويغاق ھالىتىدە «بۇراق» ئىسىملىك بىر ئۇلاغقا مىندۈرۈپ «بەيتىلمەقدىس»كە (ھازىرقى ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئورنىغا) ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن بىرىنچى قات ئاسمانغا چىقىرىدۇ ۋە كېيىن ھەر قات ئاسماندىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى يەتتىنچى قات ئاسمانغا، ئۇ يەردىن «سىدرەتۇل مۇنتەھا» دېيىلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇ يەردە بىر قىسىم ئاجايىباتلار كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئەينى كېچىدە ئۆيىگە قايتۇرۇپ قويۇلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: كېچىنىڭ بىر قىسمىدا بەندىسى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نى ھەرەم مەسجىدىدىن ئۆزى چۆرىسىنى بەرىكەتلىك قىلغان ئەقسا مەسجىدىگە بىر قىسىم ئايەتلىرىنى (قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئاللاھ ھەرقانداق نۇقساندىن پاكتۇر. ئاللاھ بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ۋە پۈتكۈل نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغان زاتتۇر. بىر كىشىنى كېچىنىڭ بىر قىسمىدا زېمىندىن ئېلىپ ئاسمانلاردىن ئۆتكۈزۈپ يەتتىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىشقا ۋە ئۇ يەردىكى ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىشكە، ئاندىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قايتۇرۇپ ئۆيىگە ساق - سالامەت چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، پاكلىقىنى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىشنى قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كائىناتتىكى بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، پۈتكۈل نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغان يېگانە زات ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىپ مەزكۇر ئېلانىنى تەكىتلەيدۇ. «ئەقسا مەسجىدى»نىڭ، ئاللاھ تائالا بەرىكەتلىك قىلغان چۆرىسى، قەدىم شام دىيارى (سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن)نى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىر كېچىدە مېراجقا ئېلىپ چىقىش بىلەن ئىلتىپات ئاتا قىلغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. 2 - 3 ئايەتلەردە بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى بېرىش بىلەن ئىلتىپات ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىتابنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئەسلىتىپ ئۇنىڭغا يارىشا ئىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. وَآتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُوا مِنْ دُونِي وَكِيلًا
    مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، (ئۇلارغا) مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، ئۇلارغا مەندىن غەيرىنى ھامىي قىلىۋالماڭلار!» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق دېدۇق: مەندىن باشقىنى ۋەكىل قىلىۋالماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز مۇھەممەدنى بىر كېچىدە مۆجىزىلىك سەپەر قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇ سەپىرىدە بىر قىسىم ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش بىلەن ئىلتىپات قىلغىنىمىزدەك، ئىلگىرى مۇساغا ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن توغرا يول يېتەكچىسى بولغان كىتابنى (تەۋراتنى) بېرىش بىلەن ئىلتىپات قىلغان ۋە ئۇ كىتابتا ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: «مەندىن باشقا بىرىنى ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، تايانچۇق ۋە ئىشلىرىڭلارنى تاپشۇرىدىغان ھامىي قىلىۋالماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (17-سۈرە ئىسرا، 3-ئايەت) شۈكۈر نوھ
    ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَبْدًا شَكُورًا
    (ئى) بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقىرىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسلى! نۇھ ھەقىقەتەن شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەر نۇھ بىلەن بىللە كېمىدە توپان بالاسىدىن قۇتۇلغان مۇئمىنلارنىڭ نەسلى بولىسىلەر. شۇڭلاشقا ئۆز ۋاقتىدا ئەجدادىڭلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى نۇھقا ئەگىشىپ نىجاتلىققا ئېرىشكەندەك، سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ھازىرقى پەيغەمبىرى بولغان مۇساغا ئەگىشىپ نىجاتلىققا ئېرىشىڭلار. نۇھ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغان بەندە ئىدى. سىلەرمۇ نۇھتىن ئۈلگە ئېلىپ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار، يەنى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئەستايىدىل ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىڭلارنى ئىپادىلەڭلار». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 2 - ئايەتتە ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا «مەندىن غەيرىينى مەبۇد، تايانچۇق ۋە ھامىي قىلىۋالماڭلار» دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، تەۋرات ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملار، نەسىھەتلەر ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ، تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىيلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىمۇ ئەنە شۇ تەۋھىدكە بۇيرۇش، شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 2 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان كىتاب (تەۋرات)نىڭ بەنى ئسرائىل ئۈچۈن ھىدايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۇ كىتابقا ئەمەل قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. 4 ~ 8 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز ۋاقتىدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدە تەۋراتنىڭ ھىدايىتىدىن يىراقلىشىپ، ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قەتئىي مەلۇمات ۋە راستتىنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان خەۋەرنىڭ ئۇلارغا مەزكۇر كىتابتا بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ خەۋەرنىڭ ئەينەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر قېتىمدا ئىلاھىي جازاغا يولۇققانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارغا نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ۋە جازاغا يولۇقۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَقَضَيْنَا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ فِي الْكِتَابِ لَتُفْسِدُنَّ فِي الْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا
    ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا (يەنى تەۋراتتا): «(پەلەستىن) زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابتا: «پەلەستىن زېمىنىدا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز كىتابتا ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنۇ ھۆكۈمنى بەلگىلىدۇق: زېمىندا چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ كىتابتا بەنى ئىسرائىلغا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە پەلەستىن زېمىنىدا ئىككى قېتىم كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، باشقىلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە زۇلۇم سېلىش بىلەن بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى توغرا چىقىدىغان خەۋەرنى بىلدۈردۇق، بۇ ھەقتىكى قەتئىي مەلۇماتنى يەتكۈزدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ ۚ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا
    بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ جازاسى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆيلەرنى ئاختۇردى. ئەنە شۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ناھايىتى جەسۇر بەندىلىرىمىزنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. بۇلار قورۇ - جايلىرىڭلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ سىلەرنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى. بۇ ئىجرا قىلىنىشقا تېگىشلىك ۋەدە ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى بەنى ئسرائىل! مەزكۇر ئىككى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بىرىنچىسىنى قىلغان چېغىڭلاردا، بىز سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن ئۈستۈڭلارغا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قاتتىق قول بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق. ئۇ بەندىلىرىمىز سىلەرنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش ئۈچۈن يۇرت - ماكان، ئۆي - جايلىرىڭلارنى ئاقتۇردى. بۇ مۇشۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. ثُمَّ رَدَدْنَا لَكُمُ الْكَرَّةَ عَلَيْهِمْ وَأَمْدَدْنَاكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَجَعَلْنَاكُمْ أَكْثَرَ نَفِيرًا
    ئاندىن (يەنى تەۋبە قىلغىنىڭلاردىن) كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق (يەنى دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلدۇق، سىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق)، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، سىلەرگە نۇرغۇن مال ۋە ئەۋلادلار ئاتا قىلدۇق، سانىڭلارنى كۆپ قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدۇق. سىلەرگە ماللار ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم قىلدۇق ۋە سىلەرنى كۈچلۈك قوشۇنغا ئىگە قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى بەنى ئىسرائىل! ئاندىن سىلەر ئەنە شۇ جازانى تېتىغاندىن كېيىن بۇزغۇنچىلىقتىن قول ئۈزۈپ ئۆزۈڭلارنى تۈزەتكەن ئىدىڭلار، بىز سىلەرگە غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدۇق. سىلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتە باي، نوپۇس جەھەتتە كۆپ ۋە ئەسكىرىي جەھەتتە كۈچلۈك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. إِنْ أَحْسَنْتُمْ أَحْسَنْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ ۖ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا ۚ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ لِيَسُوءُوا وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا الْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا مَا عَلَوْا تَتْبِيرًا
    (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى!) ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق (جازاسىنىڭ) ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، (دۈشمەنلەرنىڭ خار قىلىشى بىلەن) يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشىۋە ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن (ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق جازاسىنىڭ ۋەدە قىلىنغان ۋاقتى كەلگەندە، يۈزۈڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەيتۇلمۇقەددەسكە دەسلەپكى قېتىمدا كىرگەندەك كىرىشى ئۈچۈن، ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلىشى ئۈچۈن -ئۇلارنى بىز ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغان بولىسىلەر. ئەگەر يامانلىق قىلساڭلار، بۇ مۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە بولسا، ئۇلارنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى قايغۇغا سېلىپ يۈزۈڭلارنى سەتلەشتۈرۈش، مەسچىتكە ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم كىرگىنىدەك كىرىش ۋە قول ئاستىغا ئالغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىش ئۈچۈن كەلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرگە، «ئەگەر ياخشىلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرساڭلار پايدىسى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە رەھمىتىمىز داۋاملىشىدۇ. ناۋادا ئەسكىلىك قىلساڭلار زىيىنى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، چۈنكى ئىلاھىي جازاغا يەنە دۇچار قىلىنىسىلەر» دېدۇق. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەزكۇر ئىككى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ئىككىنچىسىنى قىلغان چېغىڭلاردا، بىز سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن ئۈستۈڭلارغا يەنە دۈشمىنىڭلارنى ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى خورلاش، ئېزىش، ھەر تۈرلۈك ئەزىيەتلەرنى قىلىپ غەم - قايغۇ ئالامەتلىرىنى يۈزۈڭلاردا نامايان بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇش، بىرىنچى قېتىمدىكىلەرنىڭ مەسجىدكە كىرىپ خاراب قىلىۋەتكىنىدەك مەسجىدكە كىرىپ ئۇنى خاراب قىلىش ۋە ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزگەن ھەر نەرسىنى بەربات قىلىۋېتىش قاتارلىق يامانلىقلارنى قىلىش ئۈچۈن كەلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يَرْحَمَكُمْ ۚ وَإِنْ عُدْتُمْ عُدْنَا ۘ وَجَعَلْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ حَصِيرًا
    (ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار (يەنى قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار)، بىزمۇ قايتىمىز (يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز). بىز جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يېقىندۇر، ئەگەر سىلەر قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز. جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭدىن كېيىن رەببىڭلار سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇمكىن. لېكىن سىلەر يەنە بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار، بىز يەنە جازالايمىز. بىز جەھەننەمنى كافىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرگە ئېيتتۇق: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بۇ ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق ۋە ئۇنىڭ جازاسىدىن كېيىن ئەگەر تەۋبە قىلىپ ئۆزۈڭلارنى تۈزەتسەڭلار سىلەرگە رەھىم قىلىپ يەنە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىمىز. ناۋادا يەنە بۇزغۇنچىلىققا قايتساڭلار بىز سىلەرنى يەنە قايتا جازالايمىز. بىلىڭلاركى، جازا مۇشۇ دۇنيادىكى ئاسارەت ۋە پالاكەت بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئاخىرەتتە دوزاختا داۋاملىشىدۇ». بۇ ئايەتلەر بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا بابىل ئىمپېراتورلۇقى ۋە رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن كەلگەن مۇسىبەتلەرگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: يەتتىنچى ئايەتتىكى «مەسجىد» بىلەن بىرىنچى ئايەتتىكى «مەسجىد» بىر مەسجىد (بەيتىلمەقدىس)نى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە)دۇر. ئەرەبچىدە ئېنىق ئىسىم تەكرارلانسا ھەر ئىككىسىدىن بىر نەرسە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 8 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغانلىقىنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن ھىدايەت بولغان تەۋراتنى بەرگەنلىكىنى، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۇ كىتابقا ئەمەل قىلغان چېغىدا ئىززەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمەل قىلمىغان چېغىدا خورلۇققا دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 9 - ۋە 10 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابى - قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازاب بىلەن ئازابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. إِنَّ هَٰذَا الْقُرْآنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا
    بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا، مۇكاپاتلىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئەنە شۇ بەندىسى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان بۇ قۇرئان، ئىنسانلارنى دۇنيالىق ۋە دىنىي ئىشلاردا ئەڭ توغرا، ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ ساغلام يولغا باشلايدۇ. قۇرئاننىڭ بۇ باشلىشىغا ئەگىشىپ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئەڭ بۈيۈك مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. قۇرئان بۇ كىشىلەرگە ئەنە شۇ خۇش خەۋەرنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (17-سۈرە ئىسرا، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَأَنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    (يەنە مۆمىنلەرگە خۇشخەۋەر بېرىدۇكى) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىقىمىزنى خۇش خەۋەر بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئان يەنە ئۇ مۇئمىنلارغا، بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىغانلىقىمىز بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قۇرئاننىڭ بۇ باشلىشىغا ئەگەشمىگەنلەر، يەنى ئاخىرەتكە، ۋە ئاخىرەتتە دۇنيادا قىلغان ئىشلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان، شۇنداقلا خاتالىقىلاردىن قول يىغمىغانلار ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. قۇرئان بىزنىڭ ئۇلارغا بۇ ئازابنى تەييارلىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ توغرا يولغا باشلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە نازىل قىلغان ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىنى مەنسۇخ قىلىشى، ھۆكۈملىرىنىڭ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ۋە ئورۇنلىنىشى ئاسان بولۇشى، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ھەر تەلىماتىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق، فىترەتكە ماس ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ھەر ئىككى ئالەمدە بەختلىك بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرىكى كىتابلىرىمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلايتتى، لېكىن ئۇ كىتابلار ئۆز ۋاقتىدىكى مەلۇم ئىنسانلارنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن بەزى ئېغىر ھۆكۈملەرنى ۋە ئىلاھىي جازا سۈپىتىدە بەزى ۋاقىتلىق ھاراملارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم بولسا نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر ھەر زامانغا ۋە ھەر ماكانغا، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دۇنيالىق بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىدىغان ئالەمشۇمۇل ئەھكام ۋە تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەزكۇر ئېغىر ھۆكۈملەرنى ۋە ۋاقىتلىق ھاراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، شۇنداقلا «ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَيَدْعُ الْإِنْسَانُ بِالشَّرِّ دُعَاءَهُ بِالْخَيْرِ ۖ وَكَانَ الْإِنْسَانُ عَجُولًا
    ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان -ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا- خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، بەتدۇئامۇ قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان ياخشىلىقنى تىلىگەندەك يامانلىقنىمۇ تىلەيدۇ. ئىنسان بەك ئالدىراڭغۇدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئىنساننىڭ بەزىدە ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قۇرئان كەرىم باشلىغان ئەڭ توغرا يولدىن چەتنەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئىنسان ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلىگەندەك، ئىچى پۇشقان، ئاچچىقلانغان، خاپا بولغان چاغلاردا يامانلىق تىلەيدۇ. مەسىلەن: بىراۋنىڭ بىرەر سۆزىگە ياكى بىرەر قىلمىشىغا ئاچچىقى كەلسە، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشى كۆڭلىدىكىدەك يۈرۈشمىسە ئۆزىگە بالا تىلەيدۇ، بالا - چاقىلىرىدىن بىرى خاپا قىلسا دەرھال قارغايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئالدىراڭغۇلۇق بولۇشىدۇر. ئەگەر ئىنسان قۇرئاندا بايان قىلىنغان سەۋرچانلىق، ئېغىر - بېسىقلىق، تەمكىنلىك، مۇلايىملىق... قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن بولسا ئۇنداق قىلمايتتى. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بەرگەنلىكى ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن يامانلىقنى تاللىغانلارغا بىر مۇددەت مۆھلەت بېرىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇنداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھەر يامان تىلىكى ئىجابەت قىلىنسا ھەممىسى ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن يامان تىلەكتە بولغانلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتمىسە جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ آيَتَيْنِ ۖ فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً لِتَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ فَصَّلْنَاهُ تَفْصِيلًا
    كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، رەببىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق ۋە پۈتۈن ئىشلارنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئايەت قىلدۇق. ئاندىن كېچە ئايىتىنى ئۆچۈردۇق، كۈندۈز ئايىتىنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق[2]. بۇ رەببىڭلاردىن پەزل تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر، ھەمدە يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز ھەر نەرسىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا ئىنسانلارغا ئەڭ بۈيۈك نېمىتى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلارنى ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ ئەڭ توغرا يولنىڭ ئېتىقادتا ۋە ئەمەلدە شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۆزىگە (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىككى دەلىلىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئىككى دەلىلنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئىككى نېمىتى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى قۇدرىتىمىزنىڭ ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىككى دەلىلى قىلدۇق. كېچىدىن ئىبارەت بولغان دەلىلنى قاراڭغۇ قىلدۇق. كۈندۈزدىن ئىبارەت بولغان دەلىلنى يورۇق قىلدۇق. ئى ئىنسانلار! بۇ، سىلەرنىڭ كۈندۈزى تۇرمۇشۇڭلارغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىشىڭلار، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ئاي - كۈنلەرنىڭ ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز بۇ كىتابتا سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار بولغان ۋە سىلەر موھتاج بولىدىغان ھەر نەرسە توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەردۇق. دەرۋەقە كېچە بىلەن كۈندۈز ئۆزلىرىنىڭ بارلىقى ۋە ئالمىشىپ تۇرۇشى، ھەر بىرىنىڭ ئۇزىرىپ قىسقىرىپ تۇرۇشى بىلەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز، رەھمىتى كەڭ ۋە ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىگە ناھايىتى كۈچلۈك دەلىللەردۇر، شۇنداقلا بارلىق جانلىقلار خۇسۇسەن ئىنسانلار ئۈچۈن نېمەتلەردۇر. ناۋادا زاماننىڭ ھەممىسى كېچە بولسا ئىدى، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىشى، شۇنداقلا تۇرمۇش كەچۈرۈشى قىيىن بولاتتى. ناۋادا زاماننىڭ ھەممىسى كۈندۈز بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشى قىيىن بولاتتى. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنىڭ يەنە بىر پايدىسى ئىنسانلارغا يىللارنىڭ، ئاي - كۈنلەرنىڭ ۋە مۇھىم مەۋسۇملارنىڭ ھېسابىنى بىلدۈرۈشىدۇر. مەسىلەن: كېچە - كۈندۈزنىڭ 30 - قېتىم تەكرارلىنىشى بىلەن بىر ئاي، بىر ئاينىڭ 12 قېتىم تەكرارلىنىشى بىلەن بىر يىل ئۆتكەن بولىدۇ. بەش ۋاخ ناماز، جۈمە، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرى ئەنە شۇ كېچە - كۈندۈزنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بىلىنىدۇ. ھامىلىدارلىق، بالىنى ئېمىتىش ۋە ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقىتلىرى، ئەرلىرىدىن ئاجراشقان ۋە ئادەتتىن توختىغان ئاياللارنىڭ، نورمال ئادەت كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ ۋە ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىددىتى توشقانلىقى ئەنە شۇ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى بىلەن بىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، سىياسىي شەرتنامىلەرنىڭ مۇددىتى، ئۆتنە - يېرىم ۋە نېسى سودىدا تۆلەش ۋاقتى ئەنە شۇ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى بىلەن توشىدۇ. ئاللاھ تائالا 9 ~ 12 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى، ئۆز قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ ئىككى دەلىلىنى بايان قىلىدۇ. 13 ~ 17 - ئايەتلەردە ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەختىنىڭ ۋە بەختسىزلىكىنىڭ ئۆز قىلمىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَكُلَّ إِنْسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ كِتَابًا يَلْقَاهُ مَنْشُورًا
    ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىدۇق. بىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    «بىز ھەر ئىنساننىڭ بەختىنى ۋە بەختسىزلىكىنى ئۆزىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدۇق» - ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشى بىلەن ئۆز بەختىنى ياكى ئۆز بەختسىزلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرسىنى ئىنسان ئۈچۈن، ئىنساننى سىناش ئۈچۈن ياراتقان. شۇڭلاشقا ئىنساننى چىرايلىق قەددى - قامەتتە ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىپ، ئۇنىڭغا ياخشى - يامان ئىككى يولنى تونۇتقان ۋە قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاندىن كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنى ياخشى يولغا دەۋەت قىلغان، يامان يولدىن توسقان، شۇنداقلا ياخشى يولغا كىرگەنلەرنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى، يامان يولغا كىرگەنلەرنىڭ بەختسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئايەتتە «بەخت ۋە بەختسىزلىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە قۇش مەنىسىدىكى «تائىر - طائر» بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ مەزكۇر مەنىنى ئىپادىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەرەبلىرى قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ بولمايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىش ئۈچۈن بىرەر قۇشنى قويۇپ بېرەتتى. قۇش ئوڭ تەرەپكە ئۇچسا ئىشنى قىلىش پايدىلىق ئىكەن دەپ قارايتتى ۋە قىلاتتى، قۇش سول تەرەپكە ئۇچسا ئىشنى قىلىش زىيانلىق ئىكەن دەپ قارايتتى ۋە ئۇ ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كېچەتتى. بۇ سەۋەبتىن «قۇش - طائر» كەلىمىسى بىۋاسىتە بەخت، تەلەي، ئامەت، بەختسىزلىك، تەلەيسىزلىك، شۇملۇق دېگەن مەنىلەردە، «قۇش ئۇچۇرماق - تطير» شۇم پال ئېلىش، شۇملۇق ھېس قىلىش مەنىلىرىدە ئىشلىتىلگەن . «روشەن ئەرەبچە تىلدا» نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمدە ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە كەڭ تارقالغان بۇ كۆچمە مەنىلىك سۆز بىرقانچە ئايەتتە ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئىنساننىڭ بەختى قۇشنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئۇچۇشىغا، بەختسىزلىكى قۇشنىڭ سول تەرەپ ئۇچۇشىغا باغلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىنساننىڭ بەختى ئۆزىنىڭ ياخشى قىلمىشىغا، بەختسىزلىكى ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشىغا باغلىقتۇر. ئىنساننىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغاندەك ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ»، «غەيرەت قىلغان غەنىيمەت ئالىدۇ»، «زەخمەت چەككەن زەپەر قۇچىدۇ»، «ئەمەل قىلغاننىڭ ئامىتى، تىرىشقاننىڭ تەلىيى كېلىدۇ». شۇنىڭدەك، «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ»، «مېھنەت قىلمىغان نېمەتكە ئېرىشمەيدۇ»، «ئەمەل قىلمىغاننىڭ ئامىتى كاج، تىرىشمىغاننىڭ تەلىيى تەتۈر بولىدۇ». بىز (ئاللاھ) قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشكە ياكى دوزاخقا كىرىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە لايىق بولغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەللىرى يېزىلغان كىتابنى، ئېچىلغان ھالەتتە چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىمىز. ئۇ، ئىنساننىڭ دۇنيادا چېغىدا قىلغان چوڭ - كىچىك پۈتكۈل قىلمىشلىرى مۇئەككەل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يېزىلغان كىتاب بولۇپ، ياخشىلارنىڭ ئوڭ قولىغا، يامانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلىدۇ. ياخشىلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدا يېزىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ، يامانلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدا يېزىلغان يامانلىقلىرى سەۋەبىدىن تەلىيى تەتۈر كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. اقْرَأْ كِتَابَكَ كَفَىٰ بِنَفْسِكَ الْيَوْمَ عَلَيْكَ حَسِيبًا
    (ئۇنىڭغا) «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭغا-: «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا: «كىتابىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن سەن ئۆز ھېسابىڭنى ئۆزۈڭ ئېلىشقا يېتىسەن» دەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ھەر ئىنسانغا، «كىتابىڭنى ئوقۇغىن، بۈگۈن ئۆزۈڭدىن ھېساب ئېلىشقا ئۆزۈڭ كۇپايە قىلىسەن. ئۇ كىتابقا سەن قىلمىغان بىرەر نەرسە يېزىلمىدى، قىلغان ئىشلىرىڭدىن ھېچبىرى يېزىلماي قالمىدى. دۇنيادا قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭنى ئۇ كىتابتا كۆرىسەن ۋە قانداق مۇئامىلىگە يولۇقساڭ ئۆز قىلمىشىڭ بىلەن لايىق بولغانلىقىڭنى بىلىسەن» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا خەت ئوقۇشنى بىلسۇن بىلمىسۇن ھەر ئىنسان ئۇ يەردە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۆز كىتابىنى ئوقۇيدۇ ۋە دۇنيادا قىلغان پۈتۈن قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ. گۇناھكارلار گۇناھلىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىدۇ، ياخشىلار ياخشىلىقلىرىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. مَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا
    كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىغىنىمىز يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە ھەر ئىنساننىڭ بەختىنى ۋە بەختسىزلىكىنى ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىغا باغلىق قىلغانلىقىنى، قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسانغا ئۆز قىلمىشى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز كىتابىغا يېزىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئەنە شۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: كىم توغرا يولنى قوبۇل قىلسا پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ، كىم ئازغۇنلۇقتا قالسا زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ. ئىنسان ئۆز قىلمىشىنىڭلا نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ؛ ياخشى ئىش قىلغان بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ، يامان ئىش قىلغان بولسا جازالىنىدۇ، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلار زىيان تارتىدۇ، بويسۇنغانلار پايدا ئالىدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە ئەسلا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئىنسانلارغا «ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان قۇرئان»نىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەر كەلگەن بولىدۇ. كىم ئۇ دەلىللەرنىڭ نۇرىدا ھەقىقەتنى كۆرسە ۋە بويسۇنسا پايدىسى ئۆزىگە، كىم ئۇ دەلىللەرگە كۆز يۇمسا زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ؛ ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىغا جازا چەكمەيدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىغا مۇكاپات ئالمايدۇ بىز ئالدى بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ ھەقنى يەتكۈزىمىز، ھەقكە بويسۇنماسلىقنىڭ زىيىنىنى، بويسۇنۇشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرىمىز، ئاندىن ھەقكە بويسۇنغانلارنى مۇكاپاتلايمىز، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى جازالايمىز. شۇنىڭ بىلەن جازالانغانلار باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىغا قانائەت قىلىدۇ. نەتىجىدە مۇكاپاتلانغانلارمۇ ئۆز قىلمىشى بىلەن مۇكاپاتلانغان، جازالانغانلارمۇ ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالانغان بولىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمىغان بولىدۇ. ناۋادا بىز ئىنسانلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ھەقنى يەتكۈزمەستىن ئۇلارنى يامانلىقلىرى سەۋەبلىك جازالىغان بولساق، ئۇلار: «بىز بۇ يامانلىقلارنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىدۇق، بىلگەن بولساق قىلماس ئىدۇق، بىزگە نېمىشقا ئەلچى ئەۋەتىپ توغرا - خاتانى بىلدۈرمىگەن ئىدىڭ؟ ئەلچى ئەۋەتكەن بولساڭ ئەگىشەتتۇق ۋە بۇ جازاغا يولۇقمىغان بولاتتۇق» دېگەندەك ئۆزرىلەرنى ئېيتاتتى، ئۆزلىرىچە بىزگە دەلىل كۆرسىتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ھەقنى يەتكۈزدۇق. پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلىدۇق، ئەگەشمىگەنلەرنى جازالىدۇق. مۇكاپات ۋە جازا بۇ دۇنيادىكى بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە قىيامەت كۈنى، پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرگە ئەسلىي مۇكاپاتى، ئەگەشمىگەنلەرگە ئەسلىي جازاسى بېرىلىدۇ. جازالانغانلار جازاسىنى چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلانغاندا، مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئەيىبلەش، تەنقىدلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا «دۇنيادا سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، لېكىن بىز ئىنكار قىلغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. دېمەككى، جازالانغانلار قىيامەت كۈنى ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا چارىسى بولمايدۇ، نەدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى چۈشىنىدۇ ۋە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ چاغدىكى پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَإِذَا أَرَدْنَا أَنْ نُهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا الْقَوْلُ فَدَمَّرْنَاهَا تَدْمِيرًا
    بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىرەر شەھەر - ئاھالىسى-نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بىرەر يۇرتنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىگە ئەمر بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يۇرتتا فاسىقلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرت ھالاك بولۇشقا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئەلچى ئەۋەتىپ ھەقنى چۈشەندۈرمەستىن ھېچكىمنى جازالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە جازالاشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز بىرەر يۇرتنى، ئاھالىسى كۇفرىلىق ۋە ئاسىي قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلساق، دەرھال ھالاك قىلماي ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باياشاتچىلىققا چۆمۈپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كاتتىباشلىرىنى گۇناھ ۋە زۇلۇمدىن قول يىغىپ تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ۋە توغرا يولدا مېڭىشقا بۇيرۇيمىز. ئۇلار ئۇ يۇرتتا بۇيرۇقىمىزغا بويۇنتاۋلىق قىلىپ يولدىن چىقىشتا ئەزۋەيلەيدۇ، تۆۋەن تەبىقىدىكىلىرى ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرت ئاھالىسى ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولىدۇ - دە، بىز ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنَ الْقُرُونِ مِنْ بَعْدِ نُوحٍ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
    نۇھتىن كېيىن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشتا، كۆرۈپ تۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەسىلەن، بىز نۇھتىن كېيىنكى ئۇممەتلەردىن نۇرغۇنلىرىنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ، ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئۆزىنىڭ قەۋملەرنى ھالاك قىلىۋېتىشتىكى قانۇنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ قانۇنىنىڭ ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان ئازغۇن قەۋملەرگە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاد، سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى، ئەيكەلىكلەر، فىرئەۋن خانىدانى... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئى مۇھەممەد! رەببىڭگە بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، مۆھلەت تۈگەپ جازالاش ۋاقتى كەلگەندە گۇناھكارلارغا تېگىشلىك جازانى بېرىدۇ. شۇڭلاشقا گۇناھكارلارنىڭ، ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعَاجِلَةَ عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَاءُ لِمَنْ نُرِيدُ ثُمَّ جَعَلْنَا لَهُ جَهَنَّمَ يَصْلَاهَا مَذْمُومًا مَدْحُورًا
    بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، ئۇ جەھەننەمگە خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم بۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيانى ئىرادە قىلسا، بىز دۇنيادا ئۇنىڭغا - بىز ئىرادە قىلغان كىشىگە - خالىغىنىمىزنى بېرىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى جەھەننەم قىلىمىز. ئۇ جەھەننەمگە ئەيىبلەنگەن ۋە ھاقارەتلەنگەن ھالدا كىرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىم بۇ تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنىلا كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىمىز ئىرادە قىلغان كىشىگە ئۆزىمىز خالىغان نەرسىنى بېرىمىز. ئاندىن كېيىن ئاخىرەتتە جەھەننەمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇرار جاي قىلىمىز. ئۇ، جەھەننەمگە ئەيىبلەنگەن ۋە خورلانغان ھالدا كىرىپ كۆيىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە دۇنيا ھاياتىنى كۆزلىگەنلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىگە ئۆزى خالىغاننى بۇ دۇنيادا بېرىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە ئۇنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە، دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادا تولۇق بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بىر ئايەتتە دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرگە ئۇ مەنپەئەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دېمەككى، بۇ ئايەت مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىدۇ ۋە بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئورتاق مەزمۇنى مۇنداق بولىدۇ: دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى خالىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردىن ئاللاھ ئىرادە قىلغان كىشى ئاللاھ خالىغان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئاقىۋەت ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ كَانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورًا
    كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ئاخىرەتنى ئىرادە قىلسا ۋە مۇئمىن بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى تەقدىرلىنىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىمكى ئاخىرەت ھاياتىنىڭ نېمەتلىرىنى كۆزلەيدىكەن ۋە ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇئمىن ھالدا لايىق تىرىشچانلىق قىلىدىكەن، ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ. «لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق» - ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قىلىشنى ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «مۇئمىن ھالدا» - «شېرىك، كۇفرى ۋە رىيادىن پاكلانغان ئىمان بىلەن تۇرۇپ» دېگەن بولىدۇ ۋە ياخشى ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىماننىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ. كافىرلارنىڭ، تۇغقانلىرىغا قىلغان سىيلە - رەھىم، ئاجىزلارغا بەرگەن خەير - ساخاۋەت، ياخشى ئىشلارغا قىلغان ئىئانە، ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن قىلغان پايدىلىق ئىشلىرى... قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى قىيامەت كۈنى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ياخشى ئەمەللەر ئىمان بىلەن قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىكار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (17-سۈرە ئىسرا، 20-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى رىزىق
    كُلًّا نُمِدُّ هَٰؤُلَاءِ وَهَٰؤُلَاءِ مِنْ عَطَاءِ رَبِّكَ ۚ وَمَا كَانَ عَطَاءُ رَبِّكَ مَحْظُورًا
    بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە رەببىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. رەببىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى ھېچ ئادەمدىن مەنئى قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە ياردەم قىلىمىز، يەنى سېنىڭ رەببىڭ دۇنيانى ئىرادە قىلغانلارغىمۇ، ئاخىرەتنى ئىرادە قىلغانلارغىمۇ ئىنئام قىلىدۇ. رەببىڭنىڭ ئىنئامىدىن ھېچكىم مەھرۇم قالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھەر بىرىگە دۇنيادا رىزىق ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن ئۆز ھېكمىتىمىز تەلەپ قىلغان بويىچە بېرىپ تۇرىمىز. يەنى ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ دۇنيانى كۆزلىگەنلەرگىمۇ ئاخىرەتنى كۆزلىگەنلەرگىمۇ ئىلتىپات قىلىدۇ، ئېھسان قىلىدۇ، دۇنيادا ئۇنىڭ ھالىغا مۇۋاپىق بولغان مىقداردا نېمەت ئاتا قىلىدۇ، بۇ دۇنيادا رەببىڭنىڭ ئاتاسى ھېچكىمدىن مەنئى قىلىنمايدۇ. بۇ سايىدا ھەر كىم يەپ - ئىچىدۇ. كىيىم - كېچەك كىيىدۇ ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ، چۈنكى رەببىڭنىڭ رەھمىتى ناھايىتى كەڭ بولۇپ بۇ دۇنيادا ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئاخىرەتتە پەقەت مۇئمىنلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (17-سۈرە ئىسرا، 21-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات رىزىق
    انْظُرْ كَيْفَ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ وَلَلْآخِرَةُ أَكْبَرُ دَرَجَاتٍ وَأَكْبَرُ تَفْضِيلًا
    ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك (جەھەتتىكى پەرق) زىيادە چوڭدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى پەرق ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر، ئۈستۈنلۈك جەھەتتىكى پەرق زىيادە چوڭدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىغىنا، بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلدۇق! ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەر ۋە ئۈستۈنلۈكلەر تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ رىزىقتا (مال - مۈلۈك، بالا - چاقا ۋە يۈز - ئابرۇيدا) ئىنسانلارنى بىر - بىرىدىن قانداق پەرقلىق قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: بىزنىڭ بۇ دۇنيادا بەزى ئىنسانلارغا كەڭ، بەزى ئىنسانلارغا تار رىزىق ئاتا قىلىشىمىزنىڭ ئىمان ياكى كۇفرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭ ھېكمىتى ئىنسانلارنى سىناش، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشىنى قىلدۇرۇشى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە بىر - بىرىگە ياردەم قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ئىنتىزامغا كىرىشى ئۈچۈندۇر. ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى دەرىجىلىرى ناھايىتى چوڭ، بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈكى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. يەنى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇئمىن - كافىر ئايرىماستىن رىزىق بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ رىزىقتىكى دەرىجىلىرى پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە مۇئمىنلار ئەڭ بۈيۈك دەرىجە ۋە ئەڭ ئۈستۈن ماقام بولغان جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ھەر بىرىنىڭ جەننەتتە ئۆز ئەمىلىگە قارىتا دەرىجىسى بولىدۇ. كافىرلار دۇنيادا قانچىلىك ئالىي مەرتىۋىدە ياشىسا ياشىسۇن دوزاخقا تاشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جايى بىلەن مۇئمىننىڭ جايى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ ۋە ئىنتايىن كاتتىدۇر. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا 13 - ئايەتتە ھەر ئىنساننىڭ بەختىنى ۋە بەختسىزلىكىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئالدىنقى 21 - ئايەتكىچە ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ، جۈملىدىن ئاخىرەت بەختىنى ئىرادە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرتنى ئورۇنداپ لايىق رەۋىشتە تىرىشقانلارغا ئۇ بەختنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 22 - ئايەتتىن باشلاپ 39 - ئايەتكىچە ئاخىرەت بەختىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرتنى ئورۇنداشنىڭ ۋە لايىق رەۋىشتە تىرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (17-سۈرە ئىسرا، 22-ئايەت) شېرىك تەۋھىد
    لَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَخْذُولًا
    ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن، (ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەيىبلەنگەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا دوزاختا مەڭگۈ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ھېچبىر ئىلاھنى تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا، ئەيىبلەنگەن ۋە ياردەمسىز قويۇلغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالىسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! ئاخىرەت بەختىگە ئېرىشىشنىڭ شەرتى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتى ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. ئىماننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئۈچۈن شېرىك بىلەن بۇلغانمىغان بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن: چوقۇنۇش، دۇئا، مۇتلەق ئىتائەت، چەكسىز ئېھتىرام، ئۇلۇغلاپ دوست تۇتۇش، رەھمىتىگە ئۈمىد باغلاش ۋە ئازابىدىن قورقۇش... قاتارلىق ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلىرىڭدا ئاللاھقا ھېچكىمنى ۋە ھېچ نەرسىنى ئورتاق قىلمىغىن. ناۋادا ئاللاھقا بىرەر شەكىلدە شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەيىبلىنىسەن ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىسەن. جازايىڭ بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
    پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا، ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن). ئۇلارنى دۈشكەللىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئوھوي» دېمىگىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا - ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇف!»[3] دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    رەببىڭ مۇنداق قەتئىي ھۆكۈم قىلدى: «ئىبادەتنى ماڭىلا قىلىڭلار ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر سېنىڭ يېنىڭدا ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى قېرىلىق دەۋرىگە يەتسە ئۇلارغا، مالاللىق ئىپادىلەيدىغان «ئۇھ» دېگەنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن، سىلىق مۇئامىلە قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا
    ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىق بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە : «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغىن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا - ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەندەك سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن!».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن، كەمتەر بولغىن ، رەھىمدىل بولغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا - ئانام مېنى كىچىكىمدە تەربىيەلىگەندەك، سەن ئۇلارغا ھازىر مەرھەمەت قىلغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمْ ۚ إِنْ تَكُونُوا صَالِحِينَ فَإِنَّهُ كَانَ لِلْأَوَّابِينَ غَفُورًا
    پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا ـ ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىغىڭلارنى كەچۈرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار كۆڭلۈڭلاردىكى سىرلىرىڭلارنى، نىيەت ۋە مەقسەتلىرىڭلارنى بىلىدۇ، شۇنداقلا سىلەردىن ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. جۈملىدىن كۆڭلۈڭلاردا ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش نىيىتىڭلار بولسا ئۇنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنى قاقشىتىش نىيىتى، مالاللىق تۇيغۇسى ۋە تويغانلىق ھېسسىياتى بولسا ئۇلارنىمۇ بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ياخشىسىغا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، يامىنىغا جازا بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭلۈڭلاردا بىرەر يامان تۇيغۇ ساقلىماڭلار. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتا بىرەر كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن ياكى ئۇلارغا بىرەر يامانلىق قىلىپ سالغان بولساڭلار دەرھال نىيىتىڭلارنى دۇرۇسلاپ ئۆزۈڭلارنى تۈزەتسەڭلار ۋە ئۇلارغا ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇرۇنقى يامان قىلمىشىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ گۇناھىغا تەۋبە قىلغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى پاناھىغا ئېلىپ ھىمايە قىلىدىغان زاتتۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئىنسان ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىشقا ۋە ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بىرلىكتە بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ نەسىل قالدۇرۇشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن. ئاللاھنىڭ سان - ساناقسىز نېمەتلىرى، ئاتا - ئانىسىنىڭ چەكسىز سۆيگۈ ۋە بەدەلسىز مېھىر - شەپقىتى بىلەن بېقىلىپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلغان. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ زىممىسىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەق ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، بۇ ھەق ئۇنىڭ ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن قالسا ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەققى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىش بۇرچىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىنساننى، «ماڭا ئىبادەت قىل، ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىل»، «ماڭا شېرىك كەلتۈرمە، ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىل»، «ماڭا شۈكۈر قىل، ئاتا - ئاناڭغا تەشەككۈر بىلدۈر» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقلىرى بىلەن مەزكۇر ئىككى ھەقنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ھەتتا بەزى ئايەتلەردە جۈملىدىن بۇ (23 ~ 25 -) ئايەتلەردە ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، ئۇسۇل ۋە يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا
    تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە (خەيرى ـ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل ـ مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە خەيرى ـ ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىن، ئىسراپ قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    تۇغقانلىرىڭغا سىيلە - رەھىم قىلغىن، ئۇلارغا نەپىقە، تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى بېرىپ تۇرغىن. شۇنىڭدەك، مىسكىنلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغىن، ئۇلارغا سەدىقە ۋە زاكاتلىرىڭدىن بەرگىن، ئەھۋالغا قاراپ خالىس ئىئانىمۇ قىلغىن. پۇل - مېلىڭنى پايدىسىز يەرگە چىقىم قىلمىغىن، كېرەكسىز ئىشلارغا خەجلىمىگىن، لازىملىق يەرگە ئېھتىياجدىن ئارتۇق سەرپ قىلمىغىن، بولمىسا بۇزۇپ - چاچقان بولىسەن. ئىنسانىڭ زىممىسىگە ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەققى بىلەن بىرلىكتە يەنە باشقا ھەقلەرمۇ يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھەقلەر يېقىنلىرىغا يېقىنلىق دەرىجىسى بويىچە ياخشىلىق قىلىشى مەجبۇرىيەتلىرىدۇر. مەسىلەن: ئىنسان ئەڭ باشتا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىكى ۋە ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشلاپ بارلىق تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلىشى، يېتىملەرنىڭ بولۇپمۇ تۇغقان يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلىشى، مىسكىنلەرگە خەير - ساخاۋەت قىلىشى ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەۋھىدكە ۋە ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر كىشىلەرگە (تۇغقانلار، يېتىملەر، مىسكىنلەر، يولۇچىلارغا) ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ شەرتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ. ئاتا - ئانىغا پۇل - مال سەرپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغىمۇ پۇل - مال سەرپ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردە 26 - ئايەتتە تۇغقانلار، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە ئالاھىدە ئەمىر قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش «ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش»نىڭ تۆتىنچى شەرتى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەتتە بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشنىڭ ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ۋە قىيامەت كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بەزى ئايەتلەردە مىسكىنگە تائام بېرىشكە (تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا) باشقىلارنى تەرغىب قىلماسلىق، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلىدۇ، ئەسكى ئادەملەرنىڭ سۈپەتلىرى ۋە دىننى ئىنكار قىلىشنىڭ ئىپادىلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ. چۈنكى قول - ئىلكىدە بار مۇئمىنلارنىڭ ماللىرىدا ئۇلارنىڭ ھەقلىرى بار. ئۇلار بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرىلىرىگە بويسۇنمىغان بولۇش بىلەن بىرگە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى يېگەن بولىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئىجتىمائىي ھايات بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى بەخت - سائادىتى ئائىلىسىدە ھۇزۇر ۋە جەمئىيىتىدە ئاسايىشلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە باغلىق. ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىش، جەمئىيەتتىكى يېتىم، مىسكىن، يولۇچى ۋە باشقا بارلىق موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قول - ئىلكىدە بار كىشىلەر تەرىپىدىن قامدىلىشى ئەنە شۇ ھۇزۇر ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى بالىلار ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا ئۇلارنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئالىدۇ، تۇغقانلار بىر - بىرىگە سىيلە - رەھىم قىلىشسا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش پائالىيىتى قوشۇلغان بولىدۇ. نەتىجىدە ئائىلە، جەمەت ۋە قەبىلە ئارىسىدا ھۇزۇر ھاكىم بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بايلار موھتاجلارغا قانچىلىك سېخىي ۋە شەپقەتلىك بولسا، ئۇلاردىن شۇنچىلىك ھۆرمەت كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ياخشى تىلەكلەردە بولۇش مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە دوستلۇق ۋە كۆيۈمچانلىق ئاساس بولىدۇ، ئىتتىپاقلىق ھاسىل بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (17-سۈرە ئىسرا، 27-ئايەت) ئىسراپ شۈكۈر
    إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ ۖ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا
    ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان رەببىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    پۇل - ماللىرىنى بۇزۇپ - چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ يېقىنلىرى، دوستلىرى ۋە ھەمراھلىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى شەيتانلار نېمەتكە كۇفرىلىق قىلىشقا، يامان يولغا پۇل چىقىم قىلىشقا ۋە ئىسراپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ. پۇل - مېلىنى بۇزۇپ چاچقانلار شەيتانلارغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇلارنى دوست تۇتقان، يېقىن بىلگەن ۋە ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان بولىدۇ. شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى: شەيتان رەببىگە كۇفرىلىق قىلغان ئىدى. ئۇ سېنى ھەرگىزمۇ توغرا يولغا باشلىمايدۇ، ياخشىلىققا ئۈندىمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاءَ رَحْمَةٍ مِنْ رَبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُلْ لَهُمْ قَوْلًا مَيْسُورًا
    ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سەن رەببىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سەن رەببىڭدىن ئۈمىد قىلغان رەھمەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ[4]، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر سەن رەببىڭدىن رىزىق ئۈمىد قىلىپ، ئۇ رىزىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، لېكىن تېخى ئۇ رىزىققا ئېرىشەلمىگەن بىر پەيتتە ئۇلارغا ھەقلىرىنى بېرىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭ، يەنى قولۇڭ قىسقا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن تۇغقانلىرىڭغا، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئەمر قىلىنغان ھەقلىرىنى ھازىرچە بېرەلمىسەڭ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياسىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    !
  29. (17-سۈرە ئىسرا، 29-ئايەت) ئىسراپ سېخىيلىق
    وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا
    قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋېلىپ-بېخىللىق قىلمىغىن-، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىۋېتىپ-ئىسراپ قىلمىغىن-، ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن[5]، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولمىغىن. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    قولۇڭ تاقاق بىلەن بوينۇڭغا باغلاپ قويۇلغاندەك، ئۇنى ياخشى يوللارغا پۇل - مال چىقىم قىلىشقا ھەرىكەت قىلمايدىغان ھالەتتە تۇتمىغىن، يەنى ياخشى يوللارغا پۇل - مال چىقىم قىلىشتا بېخىللىق قىلمىغىن. قولۇڭنى بەك ئېچىۋەتمىگىن، يەنى ئىمكانىيىتىڭنىڭ ئۈستىدە چىقىممۇ قىلمىغىن. قولۇڭنى بەك يۇمۇۋالساڭ (پىخسىقلىق قىلساڭ) ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ مالامەت قىلىسەن، باشقىلار سېنى ئەيىبلەيدۇ. بەك ئېچىۋەتسەڭ (بار - يوقۇڭنى بېرىۋەتسەڭ) چارىسىز بولۇپ قالىسەن، ھايات يولۇڭدا توختاپ قالىسەن، ئۆزۈڭ ۋە ئائىلەڭ قىينىچىلىقتا قالىسىلەر ۋە ئىشلىرىڭ يۈرۈشمەيدۇ. سەپەر ئۈستىدە ئۇلىغىدىن ئايرىلىپ قېلىپ مېڭىشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئادەمدەك، تۇرمۇش يولۇڭدا توختاپلا قالىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    رەببىڭ ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. چۈنكى رەببىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، خۇي - پەيلىنى ۋە نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە بەزى بەندىلىرىنى بايلىق بىلەن بەزى بەندىلىرىنى پېقىرلىق بىلەن سىنايدۇ. شۈبھىسىزكى، بايلىق ئاللاھنىڭ ئەزىز قىلغانلىقى، پېقىرلىق ئاللاھنىڭ خار قىلغانلىقى ئەمەس. شۇڭلاشقا پېقىرلىقتىن قورقۇپ ھېچ بەرمەسلىكمۇ توغرا ئەمەس، پېقىر - مىسكىننى موھتاجلىقتىن قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ ھەممىنى بېرىۋېتىپ، ئۆزى قىيىن ئەھۋالدا قېلىشمۇ توغرا ئەمەس، ئەكسىچە پۇل - مالنى چىقىم قىلىشتا ئاللاھنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سېلىپ، ئوتتۇرا يول تۇتۇش لازىم. ھېچ بەرمەسلىك، بايلىقنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىق، ھەممىنى بېرىۋېتىپ ئۆزى موھتاج ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر بەندىسىنى ئۇنىڭ ھالىغا يارىشا ھالەت (بايلىق ياكى پېقىرلىق بىلەن) سىنىغان. بۇ قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىپ ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئىجتىمائىي ھاياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (17-سۈرە ئىسرا، 31-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب رىزىق
    وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُمْ ۚ إِنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْئًا كَبِيرًا
    كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.(ئىزاھات:جاھالەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر نامراتلىقتىن قورقۇپ ياكى نۇمۇس قىلىپ قىزلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايتتى.) — مۇھەممەد سالىھ

    كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار[1]. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ خاتالىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    جاھىلىيەتتە ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ تولىسى شەيتانلارنىڭ چىرايلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۆز بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى (قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتەتتى). ئۇلار بۇ ۋەھشىيلىكنى كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى كەلگۈسىدە كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قىلاتتى. ئاللاھ تائالا قايسى سەۋەب بىلەن بولسا بولسۇن، ئۇلارنى بۇ ۋەھشىي جىنايەت ۋە قەبىھ گۇناھتىن توسىدۇ، قىيامەت كۈنى ھېسابىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ بۇ ۋەھشىي جىنايەتتىن چەكلەش بىلەن ئۇنىڭ ئاخىرەت بەختىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: جاھىلىيەت دەۋرىدە بەزى ئادەملەر قىلغاندەك، «چوڭ قىلىپ بولغۇچىلىك نۇرغۇنلىغان چىقىم كېتىدۇ، بۇ تەقدىردە كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز» دېگەن ئەندىشە بىلەن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ رىزقىغىمۇ، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارغىمۇ بىز كېپىلدۇرمىز. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ھەقىقەتەن بۈيۈك گۇناھ ۋە چوڭ جىنايەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (17-سۈرە ئىسرا، 32-ئايەت) ئىپپەت
    وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَا ۖ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاءَ سَبِيلًا
    زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئاتا - ئانىسى بولغان ئەر - ئايالنى ئۆزى بىۋاسىتە يارىتىپ، ئۇلاردىن تۇنجى ئائىلىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئاندىن باشقا ئىنسانلارنى ئۆزى ئالدىنئالا بېكىتكەن سىستېما بويىچە ئۇ ئائىلىنىڭ نەسىل قالدۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئائىلە قۇرۇپ نەسىل قالدۇرۇشى بىلەن كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان. قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارغا يارىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېمەتلەر ئەسلىتىلگەن ئايەتلەردە ئۆتكەن «ئاتا - ئانا، ئوغۇل - قىز پەرزەنتلەر ۋە نەۋرىلەر، قۇدا - باجا ۋە تۇغقانلار، قەبىلە، مىللەت» مەنىسىدىكى ئاتالغۇلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقۇچە ئەنە شۇنداق داۋاملاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇڭلاشقا بويتاقلارنى ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇشقا ۋە مۇئمىنلارنى ئەتراپىدىكى بويتاقلارنى ئۆيلەپ قويۇشقا تەرغىب قىلغان. ئائىلە ھاياتىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك بىر نېمىتى ئىكەنلىكىنى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلۇشى، ئىناقلىق بىلەن داۋاملىشىشى، نەسىلنىڭ ساغلام دۇنياغا كېلىشى ۋە ھۇزۇرلۇق ئائىلە مۇھىتىدا يېتىلىشى، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەر - ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ بولماسلىقى ۋە بۇنىڭغا ھەر كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا باشتا ھەر ئىككى تەرەپكە ئىپپەتلىك جورا تاللاشنى تەۋسىيە قىلغان، ئىپپەتلىكنىڭ ئىپپەتسىز بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. زىنا - پاھىشىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىسىنى ھارام قىلغان. زىنا - پاھىشىدىن ساقلىنىشنى مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتى ۋە ياخشى بەندىلەرنىڭ خىسلىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭدەك، زىناغا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق سەۋەبلەرنى ۋە يەتكۈزىدىغان پۈتۈن يوللارنىمۇ ھارام قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئەر - ئاياللارغا ئائىلە ئىچىدە ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا گەپ - سۆز، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى توغرىسىدا قىلغان نەسىھەتلىرى، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولغانلارغا قىلغان تەۋسىيىلىرى، مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ «پاھىشىلەرنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى ئەنە شۇ سەۋەب ۋە يوللارنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن بۇ (32 -) ئايەتنىڭ «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسىمۇ زىنانىڭ ۋە زىناغا ئېلىپ بارىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: زىناغا يېقىنلاشماڭلار، يەنى زىنادىن نېرى تۇرۇڭلار، زىنا بىلەن ئاراڭلاردا مۇساپە بولسۇن، زىنا قىلماسلىقىڭلار كۇپايە قىلمايدۇ، زىناغا ئېلىپ بارىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنىمۇ قىلماسلىقىڭلار كېرەك. چۈنكى زىنا ناھايىتى قەبىھ، ئىنتايىن سەت ۋە غايەت يىرگىنچلىك ئىشتۇر، شۇنداقلا بەك يامان ئادەتتۇر. ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، نەسىلنىڭ بۇزۇلۇشىغا، مالنىڭ زايە قىلىنىشىغا ۋە جەمئىيەتكە خەتەرلىك ۋابالارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى دوستلۇقلارنى دۈشمەنلىككە، ئۆزئارا ئىززەتنى زىددىيەتكە، بىر - بىرىگە ھۆرمەتنى خۇسۇمەتكە ۋە ئىتتىپاقلىقنى تارقاقلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان پالاكەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَمَنْ قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلَا يُسْرِفْ فِي الْقَتْلِ ۖ إِنَّهُ كَانَ مَنْصُورًا
    ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن (قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، -قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش- ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىدىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەر ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇقتا پۈتۈن ئىنسانلار باراۋەردۇر. شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئۆزئارا بۇ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىر ئىنساننىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان كىشى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك بولىدىغانلىقى، ئۆز بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ چەكلىنىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما باشقا بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشى ئۇ ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشى باشقا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى يوقاتقان، شۇنداقلا جازالىنىشقا لايىق بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قاتىلدىن «قىساس» ئېلىشنى پەرز قىلىشى، بۇزغۇنچىلارغا جازا بەلگىلىشى ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەشنى «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار» شەكلىدە بايان قىلىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (31 - ئايەتتە) بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن چەكلەش ۋە بۇ ئايەتتە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەش بىلەن ئەنە شۇ ھوقۇققا (باشقىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا) ھۆرمەت قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، قاتىلدىن قىساس ئېلىشنىڭ ۋە بۇزغۇنچىنى جازالاشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، قىساس ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار، لېكىن ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ. مەسىلەن: قاتىلنى قىساس ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش، زېمىندا بۇزغۇچىلىق قىلىش بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بولغانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. ئۇ خالىسا مەھكىمىدىن قىساس تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ، خالىسا قىسمەن ئەپۇ قىلىپ قاتىلدىن دىيەت ئالىدۇ، خالىسا تامامەن ئەپۇ قىلىپ قىساسمۇ دىيەتمۇ ئالمايدۇ. ئۇ، قاتىلنى ئۆلتۈرۈشتە ھەددىدىن ئاشمىسۇن: قاتىلدىن باشقىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى، بىر ئادەمنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى ئادەم ياكى بىرقانچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭغا قىساسنى تەلەپ قىلىش ياكى دىيەتكە رازى بولۇش ۋە ياكى تامامەن ئەپۇ قىلىش توغرىسىدا تولۇق ھوقۇق بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۚ وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا
    يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر يېتىمگە ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    يېتىملەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ساقلاپ، ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ ئەقلى تاكامۇللاشقاندا ئۇ ماللارنى ئۇلارغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇش جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە يېتىملەرگە يامانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىغا زىيان يەتكۈزۈش چەكلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ماللىرىنى ساقلاپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەمر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، توختامغا رىئايە قىلىش ۋە شەرتنامىگە سادىق قېلىش مۇھىمدۇر، چۈنكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام داۋاملىشىشى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئېتىبارىنىڭ قوغدىلىشى، ئىناۋىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، شۇنداقلا ئۆزئارا دوستانە ئالاقىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى لەۋزىدە تۇرۇشقا، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە سۆزىدىن يانماسلىققا باغلىقتۇر. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ. بۇ (34 -) ئايەت، ئەنە شۇ ئىككى مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى زايە قىلىشتىن توسىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! كاپالىتىڭلاردىكى يېتىم بالىلارنىڭ ماللىرىنى ئۇلار قىرانىغا يەتكۈچىلىك ئىشلەتمەڭلار، پايدىلانماڭلار ۋە تەسەررۇپ قىلماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۇلار قىرانىغا يەتكۈچىلىك بىرەر ئىشتا ئايلاندۇرۇپ كۆپەيتىپ قويۇش ۋە بىرەر تىجارەتكە سېلىپ پايدا قوشۇپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ئۇلار قىرانىغا يەتتىمۇ تاپشۇرۇشۇڭلار كېرەك. ئى مۇئمىنلار! ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى، ئەھدە قىلغانلاردىن ئەھدىلىرى توغرۇلۇق سورايدۇ؛ ئەھدىسىدە تۇرغان بولسا مۇكاپاتلايدۇ، بۇزغان بولسا جازالايدۇ. بۇ «ئەھدە» ئومۇمىي ئىپادە بولۇپ، مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەرگەن ئەھدىنى، ئۇلار ئۆزئارا قىلىشقان ئەھدىلەرنى ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (17-سۈرە ئىسرا، 35-ئايەت) ئادىل سودا ئادالەت
    وَأَوْفُوا الْكَيْلَ إِذَا كِلْتُمْ وَزِنُوا بِالْقِسْطَاسِ الْمُسْتَقِيمِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
    سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار. بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش ھەم تېخىمۇ ياخشىدۇر، ھەمدە ئاقىبەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئوبداندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كەمچەنلىگەن چېغىڭلاردا تولۇق كەمچەنلەڭلار ۋە توغرا ئۆلچەم بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچەڭلار. بۇ ناھايىتى خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى تارتىش، كەمچەنلەش ۋە ئۆلچەش ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى كەم بېرىش، بىراۋنىڭ ھەققىنى ناھەق يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈۋالغانلىق ۋە ئۇنى ئالدىغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۆلچەم ۋە تارازىنى توغرا تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە كەم تۇتقانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەنىسى تۆۋەندىكىچە: خېرىدارغا بىرەر نەرسە كەمچەنلەپ بەرگەن چېغىڭلاردا كەمچەننى تولۇق تولدۇرۇپ كەمچەنلەڭلار، تارتىپ بەرگەن ۋە ياكى (مېتىرلاپ، گەزلەپ دېگەندەك) باشقا شەكىلدە ئۆلچەپ بەرگەن چېغىڭلاردا توغرا ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن توغرا ئۆلچەڭلار. بۇ، دۇنيادا سىلەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى باشقىلار سىلەرگە ئىشەنچ قىلىدۇ، داۋاملىق مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە راستچىل دەپ نامىڭلار يېيىلىدۇ، شۇنداقلا ئىشىڭلار يۈرۈشىدۇ، ئاللاھ ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىش (ئۆلچەمنى توغرا تۇتۇش) ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ، چۈنكى يامانلىقنى قىلىشقا كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىدە ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش بىلەن بىراۋغا ناھەقچىلىك قىلىش گۇناھى بولمىغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۚ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَٰئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا
    بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە، چۈنكى ئىنسان قىيامەت كۈنى قۇلاق، كۆز، دىلدىن ئىبارەت ئەزالارنىڭ ھەربىرى ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنىڭ ھەر بىرى ئەلۋەتتە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    خاتالىشىش، نەپسى خاھىشقا بويسۇنۇش ياكى باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش (تەقلىدچىلىق) نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەر، شۇنداقلا نەپسى خاھىشقا ئەگەشكەنلەر ئەيىبلىنىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، دەلىلسىز ھۆكۈم چىقىرىش، بىر سۆزنى بىلمەستىن سۆزلەش، بىر ئىشنى ئۇقماستىن قىلىش چەكلىنىدۇ، بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى گۇمان، تەخمىن ۋە پەرەز بىلەن بەلگىلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلەرنىڭ باتىل يولدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسان! راستلىقىغا ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان سۆزنى ئېيتمىغىن، ئۆزۈڭ توغرىلىقىنى بىلمىگەن ئىشنى قىلمىغىن، ئۆزۈڭ بىلمىگەن يولدا ماڭمىغىن. ئەكسىچە ئىزدەنگىن، تەتقىق قىلغىن ۋە ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىن، ئاندىن قوبۇل قىلغىن ۋە ئىجرا قىلغىن. چۈنكى سەن بىلىش، مەلۇمات توپلاش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش قابىلەتلىرىڭ بولغان ئاڭلاش قابىلىيىتىڭ، كۆرۈش قابىلىيىتىڭ ۋە دىلىڭ قاتارلىق نېمەتلەر توغرىسىدا قىيامەت كۈنى سوئال - سوراق قىلىنىسەن، ئۇلارنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىڭنىڭ ھېسابىنى بېرىسەن، شۇنداقلا نەتىجىسىنى كۆرىسەن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىنساننى دۇنياغا ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە، لېكىن ئۆگىنەلەيدىغان قابىلىيەتتە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ قابىلىيىتى، ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن روھ پۈۋلىنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىنغان ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە قارار بېرىش قابىلىيەتلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ قابىلىيەتلەرنى ئىشلىتىپ ئىلىم ئۆگەنگەن، ئىزدەنگەن، تەتقىق قىلغان، مەلۇمات توپلىغان ۋە توپلانغان مەلۇماتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، توغرا قارار بەرگەن، شۇنداقلا ئۇنى ئىجرا قىلغاندىلا ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئۇ نېمەتلەر ئەسلىتىلگەن ئايەتلەردە شۈكۈر بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (17-سۈرە ئىسرا، 37-ئايەت) كەمتەرلىك ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
    وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّكَ لَنْ تَخْرِقَ الْأَرْضَ وَلَنْ تَبْلُغَ الْجِبَالَ طُولًا
    سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، چۈنكى ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى پۇتۇڭ زېمىننى تېشىۋېتەلمەيدۇ، بېشىڭ تاغلار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    تەكەببۇرلۇق يامان ئىللەتلەردىن بولۇپ، ئۇ گەپ - سۆزدە پوچىلىق، ماختانچاقلىق ۋە مەنمەنچىلىك سۈپىتىدە، كۆرۈنۈش ۋە مېڭىشتا غادىيىش، گىدىيىش شەكلىدە ئەكس ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەكەببۇرلۇقنىڭ ئالامەتلىرى بولغان ئەنە شۇ سۆز - ھەرىكەتلەردىن توسۇش بىلەن ۋە ئۆزىنىڭ ھاكاۋۇر، مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن ئەسلىدە تەكەببۇرلۇق قىلىشتىن توسىدۇ. كەمتەرلىكنىڭ ئالامىتى بولغان راستچىللىق، تەمكىنلىك، ئېغىر - بېسىقلىق ۋە ئالىيجانابلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە تەكەببۇرانە مېڭىشتىن توسىدۇ ۋە شۇنداق ماڭغۇچىغا ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسان! سېنىڭ ئەسلىڭ بولغان زېمىندا يوغانچىلىق قىلمىغىن، چوڭچىلىق قىلمىغىن، ھاكاۋۇرلۇق قىلمىغىن، يۈرۈش - تۇرۇشۇڭدا تەبىئىي ھالەتتىن چەتنەپ كەتمىگىن. غادىيىپ ماڭساڭ، گىدىيىپ يۈرسەڭ ۋە مەغرۇرانە كۆرۈنۈشكە تىرىشساڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان بولىسەن. ئەسلىگىنكى: سەن تۇپراقتىن مەيدانغا كەلدىڭ، يەنە پات يېقىندا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىسەن. چۈنكى سەن چوڭچىلىق، يوغانچىلىق، كۆرەڭلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى كۆرسىتىش ئۈچۈن گىدىيىپ مېڭىش بىلەن يەرگە ھەرقانچە قاتتىق دسسىسەڭمۇ ئۇنى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەرقانچە غادايساڭمۇ ئېگىزلىكىڭ تاغدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، ھالىڭغا يارىشا ماڭغىن، ئۆزۈڭگە تۇشلۇق يۈرگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (17-سۈرە ئىسرا، 38-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    كُلُّ ذَٰلِكَ كَانَ سَيِّئُهُ عِنْدَ رَبِّكَ مَكْرُوهًا
    يۇقىرىقى (ئىش) لارنىڭ ھەممىسى قەبىھ بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياماندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەبىھ بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياماندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇقىرىدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يۇقىرىدا (22 ~ 37 - ئايەتلەردە ) چەكلىگەن ئىشلارنىڭ يامانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسان! رەببىڭ سېنى يۇقىرىدا نۇرغۇن ئىشلارغا بۇيرۇدى، نۇرغۇن ئىشلاردىن توستى. ئۆز بەختىڭنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ئىشلاردىن بۇيرۇلغانلىرىڭنى ئادا قىلغىن، توسۇلغانلىرىڭدىن ساقلانغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: ئۇ ئىشلارنىڭ چەكلەنگەنلىرى ھەقىقەتەن يامان ئىشلار بولۇپ، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ياقتۇرۇلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (17-سۈرە ئىسرا، 39-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت شېرىك تەۋھىد
    ذَٰلِكَ مِمَّا أَوْحَىٰ إِلَيْكَ رَبُّكَ مِنَ الْحِكْمَةِ ۗ وَلَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتُلْقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومًا مَدْحُورًا
    بۇلار پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەردۇر. ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇش، مۇشرىكنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىلاھىي ياردەمدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن باشلايدۇ. بۇ ئايەتتە مەزكۇر بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆزى ۋەھىي قىلغان ھېكمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇشنى تەكرارلاپ مۇشرىكنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى بۇيرۇق، تەۋسىيە ۋە چەكلىمىلەر رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان توغرا ھۆكۈم، پايدىلىق ئىلىم ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن مەرىپەتتۇر. ئۇلارنى بىلىش، ئېسىدە ساقلاش ۋە ئەمەل قىلىش ئىنساننى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، ئۇنىڭغا ئامەت كەلتۈرىدىغان، ئۇنىڭ تەلىيىنى ئاچىدىغان ئامىلدۇر. ئى ئىنسان! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، ناۋادا شېرىك كەلتۈرسەڭ قىيامەت كۈنى ئەيىبلىنىسەن، خورلىنىسەن ۋە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىسەن. ئاللاھ تائالا 22 ~ 39 - ئايەتلەردە ئىنساننىڭ ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن قىلماسلىقى ۋە قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى، شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇش بىلەن باشلاپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. 40 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە قۇدرىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. أَفَأَصْفَاكُمْ رَبُّكُمْ بِالْبَنِينَ وَاتَّخَذَ مِنَ الْمَلَائِكَةِ إِنَاثًا ۚ إِنَّكُمْ لَتَقُولُونَ قَوْلًا عَظِيمًا
    ئەجەبا ئاللاھ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ھەقىقەتەن سىلەر چوڭ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر.(ئىزاھات:بۇ پەرىشتىلەر «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگۈچىلەرگە قارىتىلغان.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەجەبا ئاللاھ سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟[1] سىلەر ھەقىقەتەن بەڭ چوڭ گەپ قىلىۋاتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلار ئوغۇل بالىلارنى سىلەرگە ئايرىپ، بىر قىسىم پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالدىمۇ؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئېغىر سۆزنى دەۋاتىسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئۆزۈڭلار قىز بالىلارنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاندىن «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيسىلەر. رەببىڭلار ئاللاھ ئوغۇللارنى سىلەرگە بېرىپ، قىزلارنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىش بىلەن سىلەرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇتتىمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدى! سىلەر ئۇ سۆزنى قىلىش بىلەن ھەقىقەتەن چوڭ بوھتان ئويدۇرۇۋاتىسىلەر!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (17-سۈرە ئىسرا، 41-ئايەت) كاپىرلىق قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ لِيَذَّكَّرُوا وَمَا يَزِيدُهُمْ إِلَّا نُفُورًا
    ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قۇرئاندا تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) ئۇلار (ھەقىقەتەن) تېخىمۇ يىراقلاشماقتا — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ -ۋەز ـ نەسىھەتنى- قۇرئاندا تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقەتەن تېخىمۇ يىراقلاشماقتا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنى ئويلانسۇن دەپ بىز بۇ قۇرئاندا ھەقىقەتنى ھەر خىل ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن بۇ ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتمەكتە.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ قۇرئاندا ئۇ مۇشرىكلارنىڭ نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىشى، شۇنداقلا ھەقنى چۈشىنىپ توغرا يولغا كېلىشى ئۈچۈن ئەھكام، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا تەكرار - تەكرار بايان قىلدۇق. لېكىن ئۇلار بۇ باياندىن ئۈركۈپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. چۈنكى ئۇلار تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە تەكەببۇرلۇققا چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمىدى، دەلىلگە قايىل بولمىدى، ھەقنى چۈشەنمەيلا رەت قىلدى. دەرۋەقە قۇرئان، ئىشەنگۈچىلەرگە پايدىلىق، ئىنكار قىلغۇچىلارغا زىيانلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (17-سۈرە ئىسرا، 42-ئايەت) شېرىك تەۋھىد
    قُلْ لَوْ كَانَ مَعَهُ آلِهَةٌ كَمَا يَقُولُونَ إِذًا لَابْتَغَوْا إِلَىٰ ذِي الْعَرْشِ سَبِيلًا
    مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى (ئاللاھ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى ئاللاھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر مۇشرىكلارنىڭ دېگىنىدەك ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇلار ئەرشنىڭ ئىگىسىگە يول ئىزدەيتتى»[6].‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئۆز مەبۇدلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا بۇ چۈشەنچىسىنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئى مۇشرىكلار! ئەگەر بۇتلىرىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا چوقۇنۇش بىلەن بىرلىكتە چوقۇنۇلىدىغان ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىلاھلار سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشقا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتى. ئاللاھقا سىلەرنى يېقىنلاشتۇرىدىغان، سىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولىدىغان ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە يوق. سىلەرنى ئاللاھقا پەقەت ئۆز ئىمان ۋە ئەمەللىرىڭلار يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئاللاھقا بىۋاسىتە چوقۇنۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە جان تومۇرىڭلاردىنمۇ يېقىندۇر؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەرىكىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنچە يېقىن ئاللاھ بىلەن ئاراڭلارغا ۋاسىتە قويساڭلار، ئاللاھنى ئۆزۈڭلاردىن يىراق دەپ چۈشەنگەن، شۇنداقلا خاتا تونۇغان بولىسىلەر. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ تۆۋەندىكىچە بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار: ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئى مۇشرىكلار! ئەگەر ئېيتقىنىڭلاردەك، ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىلاھلار ئاللاھتىن سەلتەنەت تالىشىپ ئاللاھنىڭ ئەرشىگە يول ئىزدەپ ماڭغان بولاتتى، ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇشقا تىرىشاتتى ۋە ئىلاھلار ھوقۇق تالىشىپ ئۆزئارا ئېلىشاتتى. نەتىجىدە كائىنات ھازىرقى شەكىلدە بولماي ئىنتىزامسىز، تەرتىپسىز ھالەتتە بولغان بولاتتى. دېمەككى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئۇنداقتا ئاللاھقىلا چوقۇنۇڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوًّا كَبِيرًا
    ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن پاكتۇر ۋە ناھايىتى ئۈستۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن ناھايىتى پاك ۋە بەك ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئاتىمۇ ئەمەستۇر، بالىمۇ ئەمەستۇر. ئاللاھنىڭ ئوخشىشى، تەڭدىشى، شېرىكى ۋە ياردەمچىسى يوقتۇر. ئاللاھ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە رىزىق بېرىشتە يالغۇز بولغاندەك، ئىبادەتكە لايىق بولۇشتىمۇ يالغۇزدۇر. ئۇنداقتا ئىبادىتىڭلارنى ئەنە شۇ ئاللاھقىلا قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. تُسَبِّحُ لَهُ السَّمَاوَاتُ السَّبْعُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ وَلَٰكِنْ لَا تَفْقَهُونَ تَسْبِيحَهُمْ ۗ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
    يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيەلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيەسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھ نى پاك دەپ بىلىدۇ، كائىناتتىكى قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھ نى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى كىشىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ تەسبىھىنى چۈشەنمەيسىلەر. ئاللاھ ھەلىيمدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    يەتتە قات ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنى، بالىسى ۋە شېرىكى بولۇشتىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ؛ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى، چوڭقۇر ھېكمىتى ۋە چەكسىز ئىلمىگە دالالەت قىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قىلغان ھەر ئىشىنى پۇختا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزىگە يارىشا ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئىپادىلىشىنى چۈشەنمەيسىلەر. ئاللاھ ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈپ پاناھىغا ئالىدۇ. دەرۋەقە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ قانداق ئىبادەت قىلىشنى، قانداق تەسبىھ ۋە ھەمد ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. شۇڭلاشقا كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ ئاللاھتىن ئۆگەنگىنى بويىچە ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھېس - تۇيغۇسى بولۇپ، ئاللاھقا ئۇ ھېس - تۇيغۇسى بىلەن ئېھتىرام قىلىپ تۇرماقتىدۇر. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا 9 - ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئالدىنقى ئايەتكىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى بايان قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مۇشرىكلارغا ئالاھىدە نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 45 ~ 48 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىدىن پايدىلىنالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (17-سۈرە ئىسرا، 45-ئايەت) كاپىرلىق قۇرئاننى ئوقۇش
    وَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ جَعَلْنَا بَيْنَكَ وَبَيْنَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ حِجَابًا مَسْتُورًا
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا سەن بىلەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇن پەردە تارتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا «ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان بۇ قۇرئان»نى ئوقۇغان چېغىڭدا، بىز ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى، تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقى، بولۇپمۇ ئاخىرەتكە ئەشەنمەسلىكى سەۋەبلىك سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇن بىر تۈرلۈك پەردە تارتتۇق. سېنىڭ قۇرئان ئوقۇغان ئاۋازىڭ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەردە ئۇلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سەندىن قۇرئاننى ئاڭلىشى ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى. دەرۋەقە ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە، «ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ» دەپ قارشى چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئەنە شۇ (دىلىنى پەردىلەش) جازانى بەرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِذَا ذَكَرْتَ رَبَّكَ فِي الْقُرْآنِ وَحْدَهُ وَلَّوْا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ نُفُورًا
    قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز رەببىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن رەببىڭنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۇلارنىڭ تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە پەردىلەر تارتتۇق، قۇلاقلىرىدا بىر تۈرلۈك ئېغىرلىق پەيدا قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئاندىن تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ ئايەتلەرنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن سورۇندىن كەينىچە ئايرىلىپ تارقىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (17-سۈرە ئىسرا، 47-ئايەت) دىننى مەسخىرە قىلىش ئازغۇنلۇق
    نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَسْتَمِعُونَ بِهِ إِذْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ وَإِذْ هُمْ نَجْوَىٰ إِذْ يَقُولُ الظَّالِمُونَ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَسْحُورًا
    تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن (يەنى مەسخىرە ئۈچۈن) قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا (سېنىڭ توغراڭدا) پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار (مۆمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا سېنىڭ توغراڭدا پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار مۇئمىنلارغا: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ، ساڭا قۇلاق سالغان چاغلىرىدا نېمە مەقسەت بىلەن قۇلاق سالغانلىقىنى ۋە ئۇ زالىملارنىڭ ئۆزئارا: «ئەگەر مۇھەممەدكە ئەگىشىدىغان بولساڭلار، چوقۇم سېھىرلەنگەن ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دېيىشىپ پىچىرلاشقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ مۇشرىكلارغا قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا، ئۇلار ساڭا چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە بويسۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئېۋەن تېپىش، تەنە قىلىش، مەسخىرە قىلىش ۋە رەت قىلىش ئۈچۈن قۇلاق سالاتتى، بىر - بىرىگە: «مۇھەممەدكە ئەگەشسەڭلار سېھىرنىڭ تەسىرىدە قېلىپ ئەقلىدىن ئازغان بىر ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دەپ پىچىرلىشاتتى. بىز ئۇلارنىڭ ساڭا بۇ يامان نىيەت بىلەن قۇلاق سالغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق مەنىۋى پەردە تارتتۇق، قۇلاقلىرىدا مەنىۋى ئېغىرلىق پەيدا قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئاننى چۈشىنىشتىن توستۇق. ئۇ مۇشرىكلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان چاغلىرىدىمۇ (‹سىلەر سېھىرنىڭ تەسىرىدە قالغان بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر› دېگەن) مەزكۇر ناشايان سۆزنى قىلىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزنى ئۆزئارا مەخپىي قىلىشقانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتىمۇ، مۇئمىنلارغا ئېيقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ گەدەنكەشلىكى بىلەن ھىدايەت تاپالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت بولسىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت تەقۋادارلارغىلا ھىدايەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۇنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى، يۈز ئۆرۈشىگە سەۋەبچى بولغان تەكەببۇرلۇق ۋە تەقلىدچىلىك ئىدىيەسى ئاللاھ ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (17-سۈرە ئىسرا، 48-ئايەت) دىننى مەسخىرە قىلىش ئازغۇنلۇق
    انْظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا لَكَ الْأَمْثَالَ فَضَلُّوا فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
    ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا (بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك) نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار (مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن) ئازدى، ئۇلار (ھىدايەتكە) يول تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا -بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك- نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار -مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن- ئازدى، ئۇلار ھىدايەتكە يول تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىغىنا، ئۇلار سېنى كىملەرگە ئوخشاتتى! ئۇلار ئازدى، بۇنىڭدىن كېيىن يول تاپالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە گاھىدا «سېھىرگەر»، گاھىدا «سېھىرلەنگەن ئادەم»، گاھىدا «ئەقلىدىن ئازغان ئادەم»، گاھىدا «كاھىن» دەپ سېنى ئۇ ئادەملەرگە ئوخشاتقانلىقىغا، بۇ ئارقىلىق گۇمراھلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىگە، بۇ سەۋەبتىن توغرا يولغا كېلەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ ئەجەبلەنگىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: بۇ ئوخشىتىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان، ھەممىسى تۆھمەت ۋە ھەممىسى كۇفرىلىقتۇر. بۇ ئوخشىتىشلارنى قىلغانلار ئازغۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقنى تېپىشى، توغرىنى تونۇشى ۋە ھەقىقەتكە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتنى چىداپ تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، ھەقنىڭ كائىناتتىكى دەلىللىرىگە ئىنساپ بىلەن قارىمايدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭمۇ بىز ئاتا قىلغان ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللىرى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللىرىنى لايىق رەۋىشتە ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى رەت قىلىدۇ. ئاللاھ 40 ~ 48 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ تەۋھىد ۋە نۇبۇۋۋەتكە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) تۇتقان پوزىتسىيەلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا تەۋھىد بىلەن نۇبۇۋۋەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 49 ~ 52 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈش ۋە دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىش، شۇنداقلا نەتىجىسىنى كۆرۈش ھەققىدىكى شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا بۇ توغرىدىكى ھەقنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (17-سۈرە ئىسرا، 49-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    وَقَالُوا أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا وَرُفَاتًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا
    مۇشرىكلار: ‹‹بىز قۇرۇق سۆڭەك بولۇپ ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟›› دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇشرىكلار: ‹‹بىز قۇرۇق سۆڭەك ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟›› دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇ سۆزنىمۇ قىلىشتى: «بىز ئۆلۈپ سۆڭەككە ۋە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلەمدۇق؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرۈش ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇ ئىشنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، «بىز ئۆلۈپ سۆڭەكلەرگە ۋە چىرىپ كەتكەن ئۇششاق توپا پارچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىپ قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئىشتۇر. بىز بۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (17-سۈرە ئىسرا، 50-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    قُلْ كُونُوا حِجَارَةً أَوْ حَدِيدًا
    سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى، ‹‹سىلەر تاش ياكى تۆمۈر بولۇپ كېتىڭلار›› — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «تاش بولۇڭلار يا تۆمۈر‏ — ئەنەس ئالىم

    (50-52) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر مەيلى تاش بولۇڭلار، مەيلى تاشتىنمۇ قاتتىق نەرسە بولغان تۆمۈر بولۇڭلار، مەيلى ئۆزۈڭلار كۆڭلۈڭلاردا ‹ھاياتلىقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ› دەپ بىلىدىغان باشقا بىر نەرسە بولۇڭلار، قىيامەت كۈنى چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر!». ئى مۇھەممەد! ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئاڭلاپ ئىنكاردا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ ۋە: «ئۇنداقتا بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ!». ئۇلار بۇ جاۋابىڭنى ئاڭلاپ ساڭا باشلىرىنى مەسخىرىلىك لىڭشىتىدۇ ۋە: «قاچانلىققا تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «يېقىندا تىرىلدۈرىدۇ، ئاز قالدى دەپ ئويلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھ سىلەرنىڭ تىرىلىشىڭلارنى ئىرادە قىلىدۇ - دە، سىلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ دەرھال تىرىلىسىلەر ۋە دۇنيادا بەكمۇ ئاز ياشىغانلىقىڭلارنى ئويلايسىلەر». دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھېساب نەتىجىسىدە بەزىلەرنىڭ جەننەتكە، بەزىلەرنىڭ دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى... قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئايەتلەرنى يەتكۈزسە، مۇشرىكلار مەسخىرە قىلىپ يۇقىرىقىدەك بولمىغۇر گەپلەرنى قىلاتتى، ھەتتا بەزىدە ئۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلىپ سوئاللار سورايتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنداق سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىنئالا بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان رەددىيە ۋە جاۋابلارنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىر تۈركۈمىدۇر. ئاللاھ تائالا 40 ~ 52 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارغا تەۋھىدنىڭ ھەق شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ چوقۇم قايىم بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 53 ~ 55 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ، ئىلمىنىڭ چەكسىز ۋە ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىنى پەرقلىق مۆجىزە ۋە ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. أَوْ خَلْقًا مِمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ ۚ فَسَيَقُولُونَ مَنْ يُعِيدُنَا ۖ قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَ ۖ قُلْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَرِيبًا
    سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسپلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، -ئيېتقىنكى :‹‹پات - يېقىندا بولىشى مۇمكىن›› — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سىلەر كۆڭلۈڭلاردا چوڭ بىلىدىغان بىر نەرسە. نېمە بولساڭلار بولۇڭلار، چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر». ئۇلار: «ئۇنداق بولسا، بىزنى كىم قايتا تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زات» دېگىن. ئۇلار بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىدۇ ۋە: «ئۇ قاچان؟» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بەك يېقىندا بولۇشى مۇمكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

  52. يَوْمَ يَدْعُوكُمْ فَتَسْتَجِيبُونَ بِحَمْدِهِ وَتَظُنُّونَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا
    شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە دۇنيادا پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىسىلەر. سىلەر ئۇ چاغدا بۇرۇنقى يەردە بەك ئاز تۇرغانلىقىڭلارنى ئويلايسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

  53. وَقُلْ لِعِبَادِي يَقُولُوا الَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ يَنْزَغُ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوًّا مُبِينًا
    بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: سۆزنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى قىلىسۇن. چۈنكى شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنساننىڭ ئاشكارا دۈشمىنىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: «مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان چاغلىرىدا ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن دەۋەت قىلسۇن: ئۇلارنى دەلىللىك، تەسىرلىك ۋە سىلىق سۆزلەر بىلەن ھەقكە چاقىرسۇن. ئۇيغۇن پۇرسەتتە، ئىلمىي يوسۇندا ۋە تاتلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرسۇن. قوپال مۇئامىلە، يىرىك تىل ۋە دەلىلسىز سۆزدىن ساقلانسۇن»، چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ ئاشكارا دۈشمىنى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدۇ؛ مۇئمىنلارنىڭ مۇئامىلىسىدە ئازغىنە قوپاللىق ۋە سۆزلىرىدە بىرەر سەۋەنلىك بايقىسا ئۇنى كۆپتۈرۈپ مۇشرىكلارنى مۇئمىنلارغا قارشى كۈشكۈرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشرىكلار باتىلدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. نەتىجىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا نەپرەت ۋە ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. شەيتاننىڭ ئىنسانلارغا بولغان دۈشمەنلىكى ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمگە بولغان ھەسەت قىلىشى بىلەن باشلانغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قىيامەتكە قەدەر ئادەمنىڭ ئەۋلادىنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىغا دائىر قەسەم ئىچكەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن قوغلانغان. شۇڭلاشقا شەيتان مۇشرىكلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ۋە مۇئمىنلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەسكەرتىش: مۇسۇلماننىڭ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى، يەنە بىرى بىراۋنى ھەقكە دەۋەت قىلىشىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئىبادەت ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەندەك، دەۋەت ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىتىدۇ؛ مۇئمىنلارنىڭ، ئۆزلىرى ئىشەنگەن ھەقكە باشقىلارنى ئۇيغۇن سۆز، مۇناسىپ ئۇسۇل، چىرايلىق نەسىھەت ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِكُمْ ۖ إِنْ يَشَأْ يَرْحَمْكُمْ أَوْ إِنْ يَشَأْ يُعَذِّبْكُمْ ۚ وَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
    ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ ، سېنى ئۇلار (يەنى كاپىرلار) غا ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ، سېنى ئۇلارغا ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلار سىلەرنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ خالىسا سىلەرگە مەرھەمەت قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ. بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    يەنى مۇئمىن بەندىلىرىم مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغاندا، ئۇلارغا (سىلەر دوزىخى، سىلەر ئازابلىنىشقا لايىق، سىلەر تۈگەشكەن ئادەملەرسىلەر... دېگەندەك) ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان ۋە ھەقتىن نەپرەت قىلدۇرۇپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدىغان سۆزلەرنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك چىرايلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلسۇن: «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ: ئىچىڭلاردىن ھىدايەتكە لايىق بولغانلارنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ ھىدايەت تېپىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئازغۇنلۇقتا قېلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ. ھىدايەت تاپقانلارنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئازغۇنلۇقتا قالغانلارنى ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ». ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى ساڭا تاپشۇرۇلمىغان. تەبلىغ قىلىش (ھەقنى يەتكۈزۈش) سېنىڭ ئىشىڭ، ھېساب سوراش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. شۇڭلاشقا سەن ۋە مۇئمىنلار تەبلىغنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىچە چىرايلىق شەكىلدە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. تەبلىغنى ئاڭلىغان ئىنسانلار توغرا يولغا كېلەمدۇ ياكى ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەمدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. چۈنكى توغرا يولغا كەلگەنلەر پايدىسىنى ئۆزلىرى كۆرىدۇ، ئازغۇنلۇقتا قېلىپ قالغانلارمۇ زىيىنىنى ئۆزلىرى تارتىدۇ. دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغانلارغا قاراپ قايغۇرۇپ كەتمەڭلار، غەمكىن بولماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِمَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَىٰ بَعْضٍ ۖ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
    پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز نەبىيلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بىز داۋۇتقا زەبۇر بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭ زامانداشلىرىڭنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش بىلەن بىرلىكتە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، شۇنداقلا كىمنىڭ نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنىمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا سېنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسايەتكە ئاخىرقى پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتىشكە تاللىدى، بەزى ئىنسانلارنى ھىدايەتكە مۇيەسسەر قىلىپ ساڭا ئەگىشىشكە تاللىدى، بەزى ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە پەرقلىق مۆجىزە ۋە پەرقلىق ئالاھىدىلىك ئاتا قىلدى، ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنى پەرقلىق قىلدى. جۈملىدىن داۋۇد پەيغەمبەرگە زەبۇر ئاتلىق كىتابنى ئاتا قىلدى، چۈنكى رەببىڭ كىمنىڭ قايسى دەرىجىگە ۋە قايسى ئالاھىدىلىككە لايىق ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ قايسى مۆجىزە بىلەن ھەقكە دەۋەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەسكەرتىش: داۋۇد ئەلەيھىسسالام يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولۇپ، ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن تىكلەنگەن پادىشاھى «تالۇت»نىڭ قوشۇنى ئىچىدە جەسۇر ۋە جەڭگىۋار بىر ئەسكەر ئىدى. كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا ھەم پەيغەمبەر ھەم پادىشاھ قىلغان. ئۇنىڭغا زەبۇر ئاتلىق بىر كىتاب نازىل قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. ئۇنىڭغا تاغلارنى ۋە قۇشلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. ئۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتسا تاغلار ۋە قۇشلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتاتتى. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشىتىپ بەرگەن ۋە تۆمۈردىن ئۇرۇش كىيىملىرى ياساشنى ئۆگەتكەن. ئاللاھ تائالا 53 ~ 55 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ، ئۆزى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى، خۇي - مىجەزلىرىنى ۋە قانداق شەكىلدە ھەقكە دەۋەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر پەيغەمبىرىنى پەرقلىق مۆجىزە بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى، ھەر پەيغەمبىرىگە پەرقلىق ئالاھىدىلىك ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 56 - ۋە 57 - ئايەتتە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشكە كۆرسەتكەن دەلىلىگە رەددىيە بېرىدۇ، چۈنكى مۇشرىكلار پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ خىيالىي ھەيكەللىرىنى ياساپ، ئۇلارغا چوقۇناتتى ۋە بۇ چوقۇنۇشىغا، نىيىتىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلاتتى. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. (17-سۈرە ئىسرا، 56-ئايەت) شېرىك تەۋھىد دۇئا
    قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنْكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا
    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار. ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئى قىلىشقىمۇ، باشقا بىرىگە يۆتكىۋېتىشكىمۇ ئىگە بولالمايدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر، مەدەت تىلىگەنلەرگە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە زىياندىن ساقلايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى، بېشىڭلارغا بالا - مۇسىبەت كەلگەندە ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلار بېشىڭلارغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋېتىپ سىلەرگە پايدا يەتكۈزۈشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇ بالانى سىلەردىن ئېلىپ ئۆزلىرىگە چوقۇنمىغانلاردىن بىرىنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇ ئىشلارغا پەقەت ئاللاھنىڭلا كۈچى يېتىدۇ. يەنى ئىرادە قىلغىنىغا بالا ئەۋەتىشكە، ئىرادە قىلغىنىدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە، دۇئا قىلغاننىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشقا، چوقۇنغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاشقا، چوقۇنۇشتىن باش تارتقانلارنى جازالاشقا قادىر بىردىنبىر زات ئاللاھتۇر. شۇڭلاشقا چوقۇنۇشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ ۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا
    ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ ئىلاھ دەپ ئىبادەت قىلىدىغانلار رەببىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەببىغا يېقىنراق بولغىنى، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ، چۈنكى رەببىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئازابتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، بىزگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدۇ» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان (ئاللاھتىن غەيرىي قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىشلىرى توغرىسىدا مەدەت ۋە ياردەم تىلەۋاتقان) پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشى بەندىلەر تائەت - ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىنلىرىمۇ تائەت - ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى قورقۇشقا ۋە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئازابتۇر. ئى مۇشرىكلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان، بولۇپمۇ مەدەت تىلەپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاللاھنىڭ بىرەر بەندىسىدۇر. ئۇنداقتا ئۇلارغا قانداقمۇ چوقۇنىسىلەر؟ ئۇلاردىن قانداقمۇ مەدەت تىلەيسىلەر؟ ئەسلىدە سىلەرنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇش ئەمەس، ئۇلارغا ئەگىشىپ ئاللاھقا چوقۇنۇشۇڭلار، ئاللاھقا دۇئا قىلىشىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەدەت تىلىشىڭلار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇشۇڭلار لازىم ئىدى. نېمىشقا مۇشۇنداق قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەيسىلەر؟ ئى مەككە مۇشرىكلىرى! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرى بولۇپ، ئۇلار كېچە - كۈندۈز ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە تائەت - ئىبادەتتە ھېچ سۇسلۇق قىلمايدۇ، ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرىدۇ. ئى خىرىستىيانلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئىيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم ئاللاھنىڭ ئىككى بەندىسىدۇر. ئىيسا ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بىر بەندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان، ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەۋھىدكە بۇيرۇغان، شېرىكتىن توسقان ئىدى. ئىيسانىڭ ئانىسى مەريەم بولسا، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بىر ئايال بەندىسى ئىدى. ئى يەھۇدىيلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئۇزەير ئاللاھنىڭ بىر بەندىسىدۇر. ئى يەھۇدىيلار ۋە ئى خىرىستىيانلار! ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا رەب قىلىۋالغان ئۆلىما ۋە زاھىتلىرىڭلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَإِنْ مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ الْقِيَامَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
    (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قانچىلىك يۇرت بولسا، بىز ھەممىسىنى قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى يا ھالاك قىلىمىز ياكى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ كىتابتا يېزىلغاندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇشرىكلارغا، چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ، باشلىرىغا كەلگەن بالا - مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ زالىم ئاھالىلەرگە ئىجرا قىلىدىغان قانۇنىنى ئەسلىتىپ، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى، ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىۋېتىش ياكى ئۇ زالىم ئاھالىنى قاتتىق ئازابلاش قانۇنىمىز ھازىغىچە ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ قانۇنىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىيامەتكىچە زالىملارغا ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ، كىتاب (لەۋھى مەھفۇز)غا مۇشۇنداق يېزىلغان. شۇڭلاشقا سېنىڭ قەۋمىڭ ئېھتىيات قىلسۇن، شېرىكتىن ۋە ئاسىيلىقتىن يېنىش ئارقىلىق ئۇ قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. وَمَا مَنَعَنَا أَنْ نُرْسِلَ بِالْآيَاتِ إِلَّا أَنْ كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ ۚ وَآتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا ۚ وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
    (قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت بەندىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ مەككە مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ بۇ خىل مۆجىزىلەرنى يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر، خالاس. بىز سەمۇد قەۋمىگە ھەقىقەتنى كۆرسەتكۈچى چىشى تۆگىنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلدى. بىز بۇنداق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئىنسانلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا 56 ~ 58 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى دەلىلىگە رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدىكى شۈبھىسىگە رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن سەندىن قۇرئاندىن باشقا مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلدى. ساڭا ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمەسلىكلىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئۇلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇ مۇشرىكلار تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەقلىي مۆجىزە بولغان قۇرئانغا قايىل بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. ئەگەر بىز ساڭا ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرسەك ۋە سەن ئۇلارنى ئۇ مۇشرىكلارغا كۆرسەتسەڭ، ئۇلار يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. بىز بۇنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ساڭا بەرمىدۇق. بۇلاردىن ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەردىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان، ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزە كۆرسىتىلسە ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن ھالاك قىلىنغان ئىدى. مەسىلەن: سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر سالىھتىن مۆجىزە تەلەپ قىلدى. بىز ئۇنىڭغا بىر چىشى تۆگىنى مۆجىزە ھالىتىدە بەردۇق. ئۇلار ئۇ مۆجىزە تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە جازالاندى. بىز مۆجىزىلەرنى، ئىنسانلارنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ ھەقنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتىمىز. ئەۋەتكەن مۆجىزىمىزنى كۆرۈپ قورقمىغان، شۇنداقلا ھەقكە قايتمىغانلارنى ھالاك قىلىۋېتىمىز. سېنىڭ قەۋمىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىبرەت كۈزى بىلەن قاراپ، ئۇنى سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە دەلىل قىلمايدۇ ۋە ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولىدۇ. ئى مۇھەممەد! بىز، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چاغدا ئۇلارنى ئازابلاشنى خالىمىدۇق. ساڭا، قەۋمىڭ تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمەسلىكىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مانا بۇدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَإِذْ قُلْنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِالنَّاسِ ۚ وَمَا جَعَلْنَا الرُّؤْيَا الَّتِي أَرَيْنَاكَ إِلَّا فِتْنَةً لِلنَّاسِ وَالشَّجَرَةَ الْمَلْعُونَةَ فِي الْقُرْآنِ ۚ وَنُخَوِّفُهُمْ فَمَا يَزِيدُهُمْ إِلَّا طُغْيَانًا كَبِيرًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ (ئەھۋالى) نى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، بىز ساڭا (مىراج كېچىسى ئاسمان ـ زېمىندىكى ئاجايىپلاردىن) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى (يەنى قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان زەققۇم دەرىخىنى) پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق، بىز ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتىشىمىز ئۇلارنىڭ يولسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەسۇلۇم! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا رەببىڭنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، بىز ساڭا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق، بىز ئۇلارنى قورقۇتىمىز. بىزنىڭ قورقۇتىشىمىز ئۇلارنىڭ يولسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا: «رەببىڭ ئىنسانلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن ئىدۇق. بىز ساڭا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى[7] ۋە قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى[8] ئىنسانلارغا سىناق ۋاسىتىسى قىلدۇق، خالاس. بىز ئىنسانلارنى قورقۇتىمىز، لېكىن بۇ ئۇلارنى تېخمۇ ھەددىدىن ئاشۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مەككە مۇشرىكلىرىغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا مەزكۇر مۆجىزىلەرنى كۆرسەتمەسلىك بىلەن ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدىغانلىقىنى، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا يېقىندا مەغلۇپ بولۇپ يوق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مېراج ھادىسىسى ۋە قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان مەلئۇن دەرەخ ئىنسانلار ئۈچۈن بىرەر سىناق ۋاسىتىسى بولغاندەك، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسەتمەسلىكنىڭمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناق ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى كۆرسەتمەسلىك بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى ئاجىزلىمايدىغانلىقىنى، لېكىن كافىرلار كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇ ئىنسانلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى يوق. شۇڭا بىز ساڭا ئۇ مۆجىزىلەرنى بەرمىدۇق. بۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇلار ساڭا: «سەن راستتىنلا پەيغەمبەر بولساڭ، بىز سەندىن تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كەلتۈرگەن بولاتتىڭ» دەپ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلەيدۇ. ئۇلاردىن قورقمىغىن، چۈنكى بىز ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىمىز ۋە سېنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز، ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇمىز ۋە ۋاقتى كەلگەندە جازالايمىز. ئاقىۋەتتە سەن غالىب كېلىسەن، ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. بۇنى ساڭا ئىلگىرى ۋەدە قىلغان ئىدۇق، بۇ ۋەدىمىزنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا مېراجدا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى قىلغان ئىدۇق. سەن مېراجدىن قايتىپ ئۇ يولۇچىلىقىڭدا كۆرگەنلىرىڭنى ئىنسانلارغا ئېيتقان چېغىڭدا مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى زىيادە بولغان، كافىرلار كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخ (زەققۇم دەرىخى)نىمۇ ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى قىلدۇق. ئۇ دەرەخنىڭ دوزاخنىڭ تېگىدە بولىدىغانلىقىنى ۋە مېۋىسىنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ تامىقى بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر ئوقۇلسا، مۇئمىنلار بۇنىڭغا ئىشىنىپ ئىمانىنى ئارتتۇرغان. كافىرلار بولسا، «دوزاختا ئوت بار تۇرسا، ئوتنىڭ ئىچىدە دەرەخ قانداق يېتىشىدۇ» دەپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ئىدى. خۇددى مۇشۇ ئىككى ئەھۋال ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى بولغاندەك، ساڭا مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمەسلىكىمىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسىدۇر. ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتمەسلىك بىلەن سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭ ئاجىزلىمايدۇ ۋە مۇئىمىنلارنىڭ ئىمانى سۇسلاشمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەقكە ئىنتىلگەن، ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ۋە توغرىنى تېپىشقا تىرىشقان كىشىلەر قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىگە قايىل بولۇپ ئىمان كەلتۈرىدۇ. لېكىن تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمۈپ كەتكەنلەر كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. بىز مۇشرىكلارنى دۇنيا - ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىمىزنى بايان قىلىش بىلەن قورقۇتۇۋاتىمىز، لېكىن بۇ قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ . قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە تەھدىتلەر تەسىر قىلمىغان بۇ مۇشرىكلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار ھازىر قۇرئاندىكى مەۋجۇت ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقاندەك، ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا 59 - ۋە 60 - ئايەتتە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تەرسالىق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، قۇرئان كەرىمدىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن سىناق ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 61 ~ 65 - ئايەتلەردە بولسا، ئىبلىسنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلمىغانلىقىنى، شۇ چاغدىن كېيىن ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەۋلادىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە تارىخ بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي سىناق ئالدىدا ئىككى پىرقىگە ئايرىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. (17-سۈرە ئىسرا، 61-ئايەت) كىبىر پەرىشتىلەر ئادەم
    وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە، «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىغان ۋە سەجدە قىلىشقا بېرىلگەن ئىلاھىي ئەمىرگە ئېتىراز قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئاللاھ! سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە مەن سەجدە قىلامتىم؟! مېنى ئوتتىن ياراتقانلىقىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن ياخشى تۇرسام ئۇنىڭغا قانداقمۇ سەجدە قىلىمەن؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. قَالَ أَرَأَيْتَكَ هَٰذَا الَّذِي كَرَّمْتَ عَلَيَّ لَئِنْ أَخَّرْتَنِ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَأَحْتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُ إِلَّا قَلِيلًا
    ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى ئازدۇرۇپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ بالىلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئاللاھ! سەن مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن مەندىن ئۈستۈن تۇتقان بۇ ئادەم توغرۇلۇق ماڭا چۈشەنچە بەرسەڭچۇ! مەن ئۇنىڭدىن ياخشى تۇرۇقلۇق، سەن بۇنى مەندىن قانداقمۇ ئۈستۈن تۇتتۇڭ؟! ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنىڭ ئۆلۈمىمنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈپ مېنى ھايات قويساڭ، مەن بۇنىڭ نەسلىنىڭ ئازغىنسىدىن (سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدىن) باشقا ھەممىسىنى يېتىلەپ، ئۇلارغا خالىغىنىمنى قىلدۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. قَالَ اذْهَبْ فَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَاؤُكُمْ جَزَاءً مَوْفُورًا
    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «بارغىن (ساڭا مۆھلەت بەردىم)، ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بالىلىرىدىن) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، (جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «بارغىن ساڭا مۆھلەت بەردىم، ئۇلاردىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دېدى: «يوقال! ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە جازايىڭلار جەھەننەم بولىدۇ. بۇ يېتەرلىك جازادۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئىبلىسكە مۇنداق دېدى: «بولىدۇ، ساڭا مۆھلەت بەردىم، قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىلغىن. بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، جەھەننەم ئۇنىڭ ۋە سېنىڭ جازايىڭلار بولىدۇ. سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر جەھەننەمدە تولۇق جازالىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ وَأَجْلِبْ عَلَيْهِمْ بِخَيْلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكْهُمْ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ وَعِدْهُمْ ۚ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىشىڭ بىلەن) قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن ـ شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا يالغان ۋەدىلەرنى بەرگىن ـ شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن كۈچۈڭ يەتكەنلىرىنى چاقىرىقىڭ بىلەن يولدىن چىقارغىن. ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملىرىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن. ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن. ئۇلارغا ھەر خىل ۋەدىلەرنى قىلغىن - شەيتان پەقەت ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈنلا ۋەدە قىلىدۇ -‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىبلىس! بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى كىشىنى گۇناھقا چاقىرىش بىلەن قوزغاپ يولدىن چىقىرىشقا تىرىشقىن. ئاتلىق ۋە پىيادە بارلىق قوشۇنلىرىڭنى توپلاپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يوللىغىن؛ ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈڭنى چىقارغىن، قولۇڭدىن كەلگەننى قىلغىن، پۈتۈن قۇتراتقۇلۇق ۋاسىتىلىرىڭنى ۋە جىمى ھىيلە - نەيرەڭلىرىڭنى ئىشلەتكىن. ئۇلارنى، پۇل - مالنى ھارامدىن تېپىشقا ۋە پۇل - ماللىرىنى ھارامغا سەرپ قىلىشقا قىزىقتۇرغىن، بەزى ھايۋان ۋە ئېكىنلىرىنى نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ ھارام قىلىشقا تەشۋىق قىلغىن. بالىلىرىغا يامان ئىسىملارنى قويۇشقا، ئۇلارنى ئوبدان تەربىيەلىمەسلىككە، شۇنداقلا كۇفرىلىق، ئاسىيلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقتا تاشلىۋېتىشكە، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش (تىرىك كۆمۈۋېتىش)كە كۈشكۈرتكىن. ئۇلارنى ئەمەل قىلمىسىمۇ نىجاتلىققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، باياشاتچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقى... قاتارلىق يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالدىغىن». شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئالداش ئۈچۈنلا ئۇلارغا ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ ۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلًا
    شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. رەببىڭ ئۇلارنى چوقۇم ساقلايدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىبلىسكە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى ئىبلىس! سەن ھەرقانچە تىرىشساڭ تىرىشقىن، پەقەت ساڭا ئەگەشكەنلەرنىلا ئازدۇرالايسەن. ئەمما مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنى ھەرگىزمۇ ئازدۇرالمايسەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىخلاس قىلغانلىقى، ماڭا تايانغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ ھىمايەمدە بولىدۇ. مەن ئۇلارنى سېنىڭ يامانلىقىڭدىن ساقلايمەن، مەن ئۇلارنىڭ يېتەرلىك ھامىيىسىمەن». ئى مۇھەممەد! ئىبلىس ئەنە شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئادەم ئەۋلادىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئىشقا كىرىشكەن. شۇڭلاشقا تارىخ بويىچە ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئالدىدا ئىككى پىرقىگە ئايرىلغان: بىرى ئىبلىسكە ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىگە ئەگىشىپ دەۋەتكە قارشى چىققان تەرسا ۋە تەقلىدچىلەر پىرقىسى، يەنە بىرى ئىبلىسكە ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان ھەققانىيەتچىلەر پىرقىسى. شۇڭلاشقا سەن دەۋىتىڭگە قارشى چىققانلارنىڭ تەرسالىقىغا پەرۋا قىلمىغىن، ئاھانەتلىرىگە سەۋر قىلغىن؛ مەيۈسلەنمىگىن، غەمكىن بولمىغىن، قورقمىغىن، ئەكسىچە دەۋەتنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرغىن. ھازىرغىچە بولغاندەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇئمىنلارغا باش بولۇپ قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىن. ئاللاھ تائالا 56 ~ 60 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشكە كەلتۈرگەن دەلىلىگە رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن 61 ~ 65 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدا ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن پەقەت ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىلا ئازدۇرالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. 66 ~ 70 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. رَبُّكُمُ الَّذِي يُزْجِي لَكُمُ الْفُلْكَ فِي الْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
    پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭلار، سىلەرنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ رەببىڭلار، رايوندىن رايونغا ۋە قىتئەدىن قىتئەگە بېرىپ ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، مال يۆتكەش ... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ پايدا تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېمە ۋە پاراخوتلارنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن ئاللاھتۇر. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە مېھرىبان ۋە مەرھەمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قىلدى. ئى ئىنسانلار! بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرەتلىك ۋە سىلەرگە چەكسىز مەرھەمەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چوقۇنۇشۇڭلارغا بىردىنبىر لايىق زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (17-سۈرە ئىسرا، 67-ئايەت) ئىلاھىي سىناق شۈكۈر دۇئا
    وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَنْ تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ كَفُورًا
    سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان ـ ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ناھايىتى نانكوردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېڭىزدا مۇسىبەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار ئېسىڭلارغىمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! كېمە ۋە پاراخوتلارغا ئولتۇرۇپ دېڭىزلاردا كېتىۋاتقان چېغىڭلاردا شامال شىددەتلىنىپ كېمە ئۇ يان - بۇ يانغا چايقالغىلى تۇرسا، ئاللاھتىن باشقا بارلىق مەبۇدلىرىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ چاغدا پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر؛ خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قويۇشى ئۈچۈن ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. خاتىرجەم چېغىڭلاردا ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان مەبۇدلىرىڭلارنى بۇ خەتەرگە دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا ئۇنتۇپ كېتىسىلەر. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ساق - سالامەت چىقىرىپ قويسا، تەۋھىدتىن يېنىۋالىسىلەر، كۇفرىلىق قىلىسىلەر ۋە ئاللاھنىڭ بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ كونا ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر. ئى مۇشرىكلار! قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭلار ۋە پەقەت ئاللاھنىلا ئەسلەپ ئۇنىڭغىلا دۇئا قىلىشىڭلار، فىترىتىڭلاردا ئاللاھنىڭلا قۇدرەتلىك رەب ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئېتىقادىنىڭ بارلىقى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشۇڭلارنىڭ بىر قىسىم مەنپەئەتكە ئېرىشىش چۈشەنچىسى بىلەن ياكى باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، يارىتىش، باشقۇرۇش، رىزىق بېرىش ۋە ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. ئەسكەرتىش: «ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر» - مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق تۇزكوردۇر، لېكىن مۇئمىنلار ھەرقانداق شارائىتتا تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. أَفَأَمِنْتُمْ أَنْ يَخْسِفَ بِكُمْ جَانِبَ الْبَرِّ أَوْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ وَكِيلًا
    (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر تەرىپىدە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارغا قوغدىغۇچى تاپالمايسىلەر. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، شېرىك كەلتۈرۈشكە باشلىدىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتىشىدىن ۋە سىلەر ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالماستىن ھالاك بولۇپ كېتىشتىن قورقمىدىڭلارمۇ؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. أَمْ أَمِنْتُمْ أَنْ يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِنَ الرِّيحِ فَيُغْرِقَكُمْ بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِ تَبِيعًا
    ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھەدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا قارا بوران چىقىرىپ، كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھەدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا قايتۇرۇپ ئۈستۈڭلارغا ھەر نەرسىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغان قارا بوران ئەۋەتىشىدىن، شۇنداقلا كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟ ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭلارغا ياردەمچى تاپالمايسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا قايتۇرۇپ، ئۈستۈڭلارغا ھەر نەرسىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغان قارا بوران ئەۋەتىشىدىن، شۇنداقلا ئۆتكەن قېتىم قۇتقۇزۇپ قويغانلىق نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ قېتىم كېمەڭلەرنى چۆكتۈرۈۋېتىشىدىن، ئاللاھقا قارشى بىرەر ھىمايىچى تاپالماستىن دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قورقمىدىڭلارمۇ؟ ئى مۇشرىكلار! دېڭىزدا خەتەرگە دۇچ كەلسەڭلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدىڭلار، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشىنى تىلىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسا شېرىك كەلتۈرۈشكە قايتا باشلىدىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كېلىشتىن، بىرەر بالا - مۇسىبەتكە يولۇقۇشتىن قۇتۇلدۇڭلارمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ قۇتۇلمىدىڭلار! ئاللاھ خالىسا سىلەرنى باشقا شەكىلدە ھالاك قىلىدۇ: خالىسا قۇرۇقلۇقنىڭ سىلەر تۇرۇۋاتقان تەرىپىنى تەۋرىتىپ ياكى كۆمتۈرۈپ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ، خالىسا ئۈستۈڭلارغا تاش ياغدۇرۇپ گۇمران قىلىۋېتىدۇ، خالىسا سىلەرنى قايتا دېڭىزغا ئېلىپ بېرىپ غەرق قىلىۋېتىدۇ. دېمەككى، سىلەر ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا، ئاللاھ سىلەرنى خالىغان چېغىدا خالىغان ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر دائىم ئاللاھقا چوقۇنۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَىٰ كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ئۇلاغلارغا مىندۇردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا توشۇدۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى بەردۇق. ئۇلارنى نۇرغۇن مەخلۇقاتىمىزدىن ئۈستۈن قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئادەم ئەۋلادىغا، ئەڭ چىرايلىق قامەتتە ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىش، ئىرادە ئەركىنلىكى بېرىش، كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش، پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ياخشى - ياماننى تونۇتۇش، ئۆلگىنىدىن كېيىن زېمىنغا دەپنە قىلىش قاتارلىق ھۆرمەت، ئىلتىپات ۋە نېمەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا بەزى ھايۋانلار ۋە ھەر تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن، دېڭىزلاردا كېمە ۋە پاراخوتلار بىلەن توشۇدۇق. ئۇلارغا، سۇ، سۈت، ھەسەل، ئاشلىق، مېۋىلەر، دورا - دەرمەك، ئوتياشلار، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ گۆشلىرى، دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ گۆشلىرى، زەيتۇن ۋە بەزى مايلىق دانلاردىن چىقىدىغان ياغلار... قاتارلىق پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارغا تەپەككۇر، قىلىش، چۈشىنىش ۋە چۈشەنگىنىنى ئىپادىلەش، ئىلىم - مەرىپەت ھاسىل قىلىش، زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلاردىن پايدىلىنىش قابىلىيەتلىرىنى ئاتا قىلىش بىلەن ئۇلارنى مەخلۇقاتىمىزنىڭ تولىسىدىن ئۈستۈن قىلدق. ئى ئىنسانلار! سىلەرگە ئەنە شۇ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زات سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھتۇر. ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقىلا قىلىش بىلەن ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىڭلار⑪. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئادەم ئەۋلادىغا بۇ دۇنيادا ئاتا قىلغان ھۆرمەت ۋە نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى شۈكۈر قىلىشقا چاقىرىدۇ. 71 - ۋە 72 - ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتتە دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. يَوْمَ نَدْعُو كُلَّ أُنَاسٍ بِإِمَامِهِمْ ۖ فَمَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَأُولَٰئِكَ يَقْرَءُونَ كِتَابَهُمْ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
    بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى (ئېسىڭدا تۇتقىن)، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى ئېسىڭدا تۇتقىن، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زورلۇق قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر ئىنسان گۇرۇھىنى ئۆز يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز. كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئادەم ئەۋلادىغا يەنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېيتىپ بەرگىنكى: قىيامەت كۈنى سۇر چېلىنىپ ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز ھەر جامائەنى دۇنيادا ئەگەشكەن يېتەكچىسى بىلەن بىللە ھۇزۇرىمىزغا كېلىشكە چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توپ - توپ ھالدا ھۇزۇرىمىزغا يىغىلىدۇ⑫. ئاندىن ھەر كىشىگە، دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى يېزىلغان، ئۇنىڭغا بېرىلىشى ئۈچۈن ساقلانغان ۋە ئۇنىڭ كىتابى ھېسابلىنىدىغان كىتابنى بېرىمىز. كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۆز كىتابلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (17-سۈرە ئىسرا، 72-ئايەت) ھىساب ئازغۇنلۇق
    وَمَنْ كَانَ فِي هَٰذِهِ أَعْمَىٰ فَهُوَ فِي الْآخِرَةِ أَعْمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلًا
    بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ دۇنيادا دىلى كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ دۇنيادا كور بولغانلار ئاخىرەتتىمۇ كوردۇر، تېخىمۇ ئازغۇندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىتابى سول قولىغا بېرىلگەنلەر كىتابلىرىغا قاراپ قورقۇپ كېتىدۇ، ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ ۋە تېگىشلىك بولغان جايى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيادا ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇپ ياشىغان ئادەملەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئاخىرەتتە نىجاتلىقنىڭ يولىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە تاپالمايدۇ. ئاللاھ تائالا 71 - ۋە 72 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى، بۇ دۇنيادا ھەقىقەتكە بويسۇنغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 73 ~ 75 - ئايەتلەردە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلارنىڭ ھەقىقەتكە بويسۇنغانلارنى يولدىن ئاداشتۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى قىلىدىغانلىقىغا ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنى مىسال قىلىپ، ھەقىقەتكە بويسۇنغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلارغا ئەگەشكەن تەقدىردە تارتىدىغان زىيىنىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَإِنْ كَادُوا لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ لِتَفْتَرِيَ عَلَيْنَا غَيْرَهُ ۖ وَإِذًا لَاتَّخَذُوكَ خَلِيلًا
    ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزگە قۇرئاندىن غەيرىنى ئىپتىرا قىلدۇرۇشقا تاس قالدى، (ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىنىڭدا) ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى (ئۆزلىرىگە) دوست قىلىۋالاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزگە قۇرئاندىن غەيرىنى ئىپتىرا قىلدۇرۇشقا تاس قالدى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىنىڭدا ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا ئاجىز قالغان مۇشرىكلار، بىزنىڭ نامىمىزدىن قۇرئاندىن باشقا سۆزلەرنى سۆزلەپ بىزگە تۆھمەت چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى قۇرئاندىن ئاداشتۇرۇۋەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار سېنى بۇ تەقدىردىلا دوست تۇتاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. وَلَوْلَا أَنْ ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدْتَ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلًا
    سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    سېنى بىز قەدىمىڭزنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز سېنى ھەق ئۈستىدە مۇھتەھكەم تۇرغۇزمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىگە ھېرىسمەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن بىزدىن قۇرئاندىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىش كۆڭلۈڭگە كەلگەن ئىدى. لېكىن بىز سېنى، كۆڭلۈڭگە كەلگەن بۇ خىيالنى تىلىڭدا سۆزلەشتىن ساقلىدۇق. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ساڭا بايان قىلىپ، سېنى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قارىتا ئىش قىلىشتىن ياندۇردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. إِذًا لَأَذَقْنَاكَ ضِعْفَ الْحَيَاةِ وَضِعْفَ الْمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيْنَا نَصِيرًا
    ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بەرگەن بولاتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچ ئادەم تاپالمايتتىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازاب بەرگەن بولاتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچ ئادەم تاپالمايتتىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان بولساڭ، بىز سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتمۇقات ئازابلايتتۇق. ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايتتىڭ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ناۋادا ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان بولساڭ، بىز سېنى بۇ دۇنيادىمۇ ئىككى ھەسسە، ئاخىرەتتىمۇ ئىككى ھەسسە ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق. ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايتتىڭ. دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. مۇشرىكلار بولسا، تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئىمان كەلتۈرمەيتتى، ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان چاغلاردا بەزى شەرتلەرنى قوياتتى. ئاللاھ تائالا ھەر قېتىمدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇنى ئۇ مۇشرىكلارغا قەتئىي ئىرادىسىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىشتىن ساقلىغان ئىدى. مەسىلەن: ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئى مۇھەممەد! بىزگە باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇ قۇرئاننى ئۆزگەرتكىن» دېگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا «مېنىڭ ئۆز خاھىشىم بىلەن قۇرئاننىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەددىم ئەمەس. مەن پەقەت ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە بويسۇنىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن» دېيىشكە بۇيرۇغان. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «سەنمۇ بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنغىن، بىزمۇ سېنىڭ ئىلاھىڭغا چوقۇنايلى» دېگەن تەكلىپنى سۇنغاندا، ئاللاھ تائالا بىر سۈرە نازىل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئىرادىسىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، يېنىدىكى ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىش توغرىسىدا تەلەپ قىلغاندا، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە بويسۇنۇشتىن يەنى ئۇلارنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى يېنىدىن قوغلىۋېتىشتىن توسقان، ھەتتا ئۇ مۇئمىنلار بىلەن بىللە بولۇشقا بۇيرۇغان. ئۇلار بۇ نۆۋەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىم ئۇلارغا ھەر پۇرسەتتە ئوقۇلاتتى ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلاتتى، ھەتتا بۇ ھەقتە جەڭ ئېلان قىلاتتى. ئۇلار بولسا، بۇ تەلەپ ۋە جەڭ ئېلانى ئالدىدا ئاجىز قالاتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا مۆجىزە تەلەپ قىلاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىگە بەك ھېرىسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن «قۇرئاندىن باشقا مۆجىزە بولغان بولسا، ئۇلار لەۋزىدە تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرەرمىدى» دەپ ئويلىغان ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئەسنادا دەرھال يۇقىرىدىكى (73 ~ 75 -) ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناۋادا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ ئاللاھ تائالادىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالاغا تۆھمەت چاپلىغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ بۇ تەقدىردە قۇرئان كەرىمنىڭ يېتەرلىك مۆجىزە ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلمىغان بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىشىنىڭ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېتەرلىك مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىگە قايىل بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان تەرسالار باشقا ھېچقانداق مۆجىزىگە قايىل بولمايتتى، شۇنداقلا كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ ئىمان كەلتۈرمەيتتى. بۇنى ئاللاھ تائالا ئوبدان بىلەتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇنداق تەلەپنى قىلىشتىن ساقلىغان ۋە كۆڭلىگە كەلگەن خىيالنىمۇ يوق قىلىپ ئۇنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. وَإِنْ كَادُوا لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الْأَرْضِ لِيُخْرِجُوكَ مِنْهَا ۖ وَإِذًا لَا يَلْبَثُونَ خِلَافَكَ إِلَّا قَلِيلًا
    (ئۇلار) سېنى زېمىندىن (يۇرتۇڭدىن) چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇ يەردە سېنى خاتىرجەم تۇرغۇزماسلىققا ئورۇندى. شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايتتى (يەنى ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن ھالاك بولاتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرى ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن سېنى دەۋەتتىن توختىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. لېكىن ئۇلار بۇ نۆۋەت دۈشمەنلىك قىلىش، بىئارام قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش بىلەن سېنى مەككىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇندى ۋە بۇ مەقسىتىگە يېتىشكە يېقىنلاشتى. ناۋادا ئۇلار سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن تەقدىردە ئۆزلىرى مەككىدە ئازغىنە مۇددەت تۇرىدۇ؛ ئۇزۇنغا قالماي تۈگىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. سُنَّةَ مَنْ قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنْ رُسُلِنَا ۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا
    (بۇ بىزنىڭ) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدە تۇتقان يولىمىزدۇر (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان ھەرقانداق ئۈممەتنى ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە تۇتقان يولىدۇر)، تۇتقان يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ يولىدۇر، بىزنىڭ يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ، بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتكەن قەۋملەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىمىز بولۇپ، بۇ قانۇن بۇ مۇشرىكلارغىمۇ ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ. دەرۋەقە تارىخ بويىچە ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەن، دۈشمەنلىك قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان قەۋملەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەر مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە قۇتقۇزۇلغان. بۇنىڭغا ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قىسسەلىرى مىسال بولىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىككىلى دۇنيادا نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش، ئەزىيەت قىلىش ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە زۇلۇم قىلىش، ئاخىرىدا ئۇنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق يامانلىقلارنى قىلىش بىلەن ئۇنى مەككىدىن كۆچۈپ كېتىشكە زورلىغان ۋە بۇ مەقسىتىگە يېتىشكە يېقىنلاشقان. ئاللاھ تائالا مانا بۇ ئەسنادا بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا خەۋەر قىلغان. ئۇ ئىشلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى ھىجرەت قىلىدىغانلىقى، مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىدىغانلىقى بولۇپ، ئەينەن ئەمەلىيلەشكەن. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇ مۇشرىكلار بىلەن «بەدىر»دە ئۇچراشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدۇردى، مۇئمىنلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ ئۇ مۇشرىكلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە كاتتىباشلىرىنى شۇ يەردە ھالاك قىلدى. ئاندىن ئۇ مۇشرىكلارنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى قىلغان بارلىق ھۇجۇملىرىدا مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن چىقىپ كېتىپ 10 - يىلى مەككىنى ئۇلاردىن ئېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەردى. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ قىسقا مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنى بىلەن بىرلىكتە يوقالدى، پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەندى. ئاللاھ تائالا 73 ~ 77 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىق، تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمەسلىك ۋە تەنە - ھاقارەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. باتىلنىڭ مەغلۇپ، ھەقنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ. 78 ~ 84 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئېيتىشى كېرەك بولغان سۆزلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. يامان ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَىٰ غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ ۖ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا
    (ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن . بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ.(ئىزاھات: بۇ يەردە پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن[1]. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، چۈنكى كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ[9] ئۆتىگىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئالدانمىغىن، سېنى مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلاپ قىلغان ئەزىيەت ۋە ھاقارەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن. رەببىڭگە ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن؛ كۈن چۈش بولۇپ غەرب تەرەپكە قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق بولغان ئارىلىقتا پېشىن، نامازدىگەر، نامازشام ۋە خۇپتەن قاتارلىق تۆت دانە پەرز نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۇنىڭدەك، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا پەرز نامازلارنىڭ بىرى بولغان بامدات نامىزىنى داۋاملىق ۋە تولۇق ئۆتىگىن. بامدات نامىزىغا كېچىسى زېمىندا تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ، كۈندۈزى زېمىندا تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ ھازىر بولىدۇ. چۈنكى بامدات مەزكۇر ئىككى جامائە پەرىشتە نۆۋەت ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئۆتىلىدۇ؛ كېچىسى نۆۋەتچىلىك قىلغان پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، كۈندۈز نۆۋەتچى بولىدىغان پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن ئىككى جامائە بىرلىكتە مۇئمىنلارنىڭ بامدات نامىزىغا ھازىر بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 4 - سۈرە نىسانىڭ 103 - ئايىتىدە ناماز ئۆتەشنىڭ مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، 11 - سۈرە ھۇدنىڭ 114 - ئايىتىدە كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا، كېچىگە تەۋە ئۈچ ۋاقىتتا پەرز ناماز ئۆتەشكە بۇيرۇش بىلەن ئۇ ۋاقىتلارنىڭ كۈندۈزدە ئىككى، كېچىدە ئۈچ بولۇپ جەمئىي بەش ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇ ۋاقىتلاردىن بىرىنىچىسىنىڭ ئاۋۋىلىنى، تۆتىنچىسىنىڭ ئاخىرىنى، بەشىنچىسىنىڭ ئاۋۋال - ئاخىر، ھەممىسىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَىٰ أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا
    ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا نەپلە - ئىبادەت- بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا -ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن- ئويغانغىن، -ئى مۇھممەد — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغىنىپ ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە قۇرئان ئوقۇپ ساڭا ئارتۇق ۋەزىپە بولغان تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتىگىن. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ «ساڭا ئارتۇق ۋەزىپە» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى، ئالدىنقى ئايەتتە بۇيرۇلغان بەش ۋاخ نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئۇممىتىگە پەرز ئىكەنلىكىگە، تەھەججۇد نامىزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتنى تەھۇججۇد نامىزىغا قەتئىي شەكىلدە بۇيرۇماستىن تەرغىب قىلىشىمۇ تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. (17-سۈرە ئىسرا، 80-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش دۇئا
    وَقُلْ رَبِّ أَدْخِلْنِي مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِي مُخْرَجَ صِدْقٍ وَاجْعَلْ لِي مِنْ لَدُنْكَ سُلْطَانًا نَصِيرًا
    «پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «رەببىم! مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، قەبرەمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! مېنى كىرىدىغان يېرىمگە توغرىلىق بىلەن كىرگۈزگىن، چىقىدىغان يېرىمدىن توغرىلىق بىلەن چىقارغىن، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى كۈچ ئاتا قىلغىن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىگە بىر دۇئا ئۆگىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! رەببىڭگە مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ماڭا ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن باشلاشنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشنى، كىرىدىغان يېرىمگە ساق - سالامەتلىك ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن كىرىشنى، چىقىدىغان يېرىمدىن ساق - سالامەتلىك ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن چىقىشنى نېسىپ قىلغىن. ماڭا ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ياردەمچى كۈچ ئاتا قىلغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. وَقُلْ جَاءَ الْحَقُّ وَزَهَقَ الْبَاطِلُ ۚ إِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَهُوقًا
    «ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۇفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «ھەقىقەت كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلاۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ تەرىپىدىن، شەك - شۈبھىسىز ھەق بولغان ئىسلام كەلدى. سىلەرنىڭ ئويدۇرما دىنىڭلار بولغان شېرىك چوقۇم يوقىلىدۇ ۋە باتىل نىزامىڭلار چوقۇم ئاغدۇرۇلىدۇ. چۈنكى ھەق باش كۆتۈرسە باتىل يوقىلىدۇ، ھەق بار يەردە باتىل مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. باتىل ئەسلىدە يوق نەرسىدۇر، ھەق بولسا ئەمەلىيەت بولۇپ ئۇ ھېچقاچان يوقالمايدۇ، ئەكسىچە مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ ۙ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا
    بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولغان قۇرئاننى نازىل قىلماقتىمىز. قۇرئان زالىملارغا زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئىشەنگەنلەرنى شەك - شۈبھە، يامان نىيەت، خاتا چۈشەنچە، ناتوغرا تەسەۋۋۇر، جاھالەت، ئوسال ئادەت، ناچار ئىللەت ۋە قوپال مۇئامىلە قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقايتىدىغان ۋە ساقلايدىغان، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاپ دۇنيا - ئاخىرەتتە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان قۇرئاننى نازىل قىلماقتىمىز. ئەنە شۇ قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان دىن ھەق، بەرگەن مەلۇمات راست، چاقىرغان يول توغرا بولۇپ، ئۇنىڭ ئايەتلىرى يەتكۈزۈلگەنسېرى باتىلنىڭ باتىللىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە يوقىلىدۇ. لېكىن بۇ قۇرئان، ئۆزىنىڭ شېرىك، خۇراپات ۋە ئويدۇرمىلاردىن ئىبارەت بولغان باتىل يولىدا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلىش يولىنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىغانسېرى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ ۖ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ كَانَ يَئُوسًا
    ئىنسانغا(تۈرلۈك نېمەتلەرنى) بەرسەك (پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (چوڭچىلىق قىلىپ) پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانغا تۈرلۈك نېمەتلەرنى بەرسەك رەببىنىڭ ئىبادىتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە رەببىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ، بېشىغا يامانلىق كەلسە بەك نائۈمىد بولۇپ كېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز يامان ئىنسانغا مال - مۈلۈك، تەن سالامەتلىكى، باياشاتچىلىق ۋە غالىبىيەت... قاتارلىق نېمەتلەردىن بىرەر نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ ئىنسان بىزگە تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتىدۇ ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ بىزدىن يىراقلىشىدۇ. ئۇ ئىنسانغا ئىقتىسادىي زىيان، كېسەللىك، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ئوڭۇشسىزلىق... قاتارلىق مۇسىبەتلەردىن بىرەر مۇسىبەت يەتسە، ئىلاھىي رەھمەتتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، روھى چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە تۈگەشكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ئەمما ئىمان كەلتۈرگەن ۋە تائەت - ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان ياخشى ئىنسانلار ئۇنداق قىلمايدۇ. بۇلار بايلىق پېقىرلىق، شادلىق، خاپىلىق، شاھلىق گادايلىق، ئاچلىق توقلۇق، ساقلىق بىمارلىق... قاتارلىق پەرقلىق ھالەتلەرنىڭ قايسىسىدا بولسا بولسۇن ئىمان - ئېتىقادتا ۋە ئەمەل - ئىبادەتتە قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. قُلْ كُلٌّ يَعْمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِ فَرَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَنْ هُوَ أَهْدَىٰ سَبِيلًا
    ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئادەم ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، رەببىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ھەركىم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ، كىمنىڭ يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ يامان ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ھەر بىرىمىز ئۆز خاراكتېرىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، يەنى بىزمۇ ئۆز مىجەز - خۇلقىمىز ۋە كۆنگەن خۇيىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز. سىلەرمۇ شۇنداق قىلىسىلەر. بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ قايسىمىزنىڭ يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. توغرا يولدا بولغىنىمىزغا مۇكاپات، خاتا يولدا بولغىنىمىزغا جازا بېرىدۇ». ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننىڭ فىتىرىتىنى پاك - پاكىز ياراتقان بولۇپ، ئۇ فىترەت ئۆز ئىگىسىنى ھەقكە يېتەكلەيدۇ، راستقا ئۈندەيدۇ، ياخشىغا چاقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا فىترەتنى ساقلاشقا ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. فىترىتىگە بويسۇنۇپ ياشىغانلارنىڭ خاراكتېرى ياخشى، ۋە مىجەز - خۇلقى ئوبدان بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇلار بۇ ھالىتى بىلەن ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل كۆرىدۇ، شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلىدۇ، راستنى سۆزلەيدۇ، ياخشى ئىشنى قىلىدۇ. فىترىتىنىڭ چاقىرىقلىرىغا پەرۋا قىلماي ياشىغانلارنىڭ خاراكتېرى ئوسال ۋە مىجەز - خۇلقى يامان بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇلار بۇ ھالىتى بىلەن باتىلنى ھەق، يالغاننى راست ۋە ياماننى ياخشى دەپ بىلىدۇ، شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ، يالغاننى سۆزلەيدۇ ۋە يامان ئىشنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا بۇ يامان يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئايەتتە ئۇلارنى بۇ خاتا تاللىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە باشتا (71 ~ 77 - ئايەتلەردە) ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئاندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئالدىنىشتىن ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، چىقىرىۋەتكەن تەقدىردە ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن (78 ~ 84 - ئايەتلەردە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئالداش، تەھدىت سېلىش، ئەزىيەت ۋە تەنە - ھاقارەتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن ئىبادەت ۋە دەۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. 85 ~ 89 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئامالسىز قالدۇرۇش ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن روھ توغرىسىدا سوئال سورايدىغانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىنئالا بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆگىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۈيۈك ئىلتىپات قىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئەنە شۇ مۆجىزە كىتاب قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ ۖ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُمْ مِنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا
    ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئېتقىنكى: ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ؛ سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن›› — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سەندىن روھ توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «روھ رەببىمنىڭ ئەمرىدىندۇر. سىلەرگە بۇ ھەقتە بەك ئاز ئىلىم بېرىلگەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا ئاجىز قالغان مۇشرىكلار تەرسالىق قىلىپ، سەندىن «روھ»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: روھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز بولۇپ، ئۇنى يېزىش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق دېڭىز - ئوكيانلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر ئوخشىشى سىياھ بولغان، پۈتكۈل دەرەخلەر قەلەم بولغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگەنگە قەدەر يازسىمۇ ئاللاھنىڭ ئىلمى تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتىڭلارنىڭ يولىنى كۆرسىتىشكە يەتكۈدەك مىقداردا ئىلىم ئاتا قىلدى. بۇ ئىلىم، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىلا بىلىدىغان ئىلىمنىڭ يېنىدا بەكمۇ ئازدۇر. روھنىڭ ماھىيىتى ۋە ھەقىقىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىممۇ ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدىغان، باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمىغان ۋە بىلدۈرمىگەن ئىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمىگەن. ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى سىلەر مەۋجۇت قابىلىيىتىڭلار بىلەن ھەرگىزمۇ بىلەلمەيسىلەر، ئەقلىڭلار بىلەن تونۇپ يېتەلمەيسىلەر، پەم - پاراسىتىڭلار بىلەن چۈشىنەلمەيسىلەر. ئەسكەرتىش: «روھ» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ۋەھىي، قۇرئان، كۈچ - قۇۋۋەت، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، رەھمەت، ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىچىگە پۈۋلىنىدىغان، ئۇنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ئىنساندا مۇئەييەن قابىلىيەتلەر پەيدا بولىدىغان ۋە ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان غەيرىي تەبىئىي ئامىل، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «روھ» ئەنە شۇ ئاخىرقى روھنى يەنى ئىنساننىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاجىز قالدۇرۇش ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ روھ توغرىسىدا سورىغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ سوئالغا، «ئۇ روھنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ھەقىقىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇغان. مۇشرىكلار ئەگەر باشقا مەنىلەردىكى روھلارنىڭ بىرى توغرىسىدا سورىغان بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن بولاتتى. بۇ سوئال - جاۋابنىڭ ئارقىسىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنىڭ بايان قىلىنىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. وَلَئِنْ شِئْنَا لَنَذْهَبَنَّ بِالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِ عَلَيْنَا وَكِيلًا
    ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە (دىللاردىن ۋە مۇسھەفلەردىن) كۆتۈرۈۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە كۆتۈرىۋېتەتتۇق، ئاندىن سەن بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىساق بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئېلىۋالىمىز. ئاندىن سەن بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئەگەر خالىساق، ئىنسانلارغا سەن ئارقىلىق بەرگەن ئاز ئىلىمنى - قۇرئاننى تارتىپ ئالىمىز؛ ئۇنى دىللاردىن ئۇنتۇلدۇرىمىز، كىتابلاردىن ئۆچۈرۈۋېتىمىز. سەن بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ھامىي تاپالمايسەن. بىز بۇنىڭغا قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ فَضْلَهُ كَانَ عَلَيْكَ كَبِيرًا
    پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن رەببىڭ ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئۇنداق قىلمايدۇ. رەببىڭنىڭ ساڭا بولغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن بىز مەرھەمەت قىلىپ ئۇنداق قىلمايمىز؛ قۇرئاننى دىللاردىن ۋە كىتابلاردىن يوق قىلىۋەتمەيمىز، ئەكسىچە ئۇنى قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قويىمىز. چۈنكى بىزنىڭ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن قىلغان ئىلتىپاتىمىز ھەقىقەتەن چوڭدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. (17-سۈرە ئىسرا، 88-ئايەت) تەۋھىد قۇرئاننىڭ ئوخشىشى يوق
    قُلْ لَئِنِ اجْتَمَعَتِ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَىٰ أَنْ يَأْتُوا بِمِثْلِ هَٰذَا الْقُرْآنِ لَا يَأْتُونَ بِمِثْلِهِ وَلَوْ كَانَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ ظَهِيرًا
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر- بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئىنسانلار بىلەن جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلسا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ بۇنى قىلالمايدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئىنسانلار بىلەن جىنلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ». دەرۋەقە «روھ» ئاللاھتىن غەيرىي بىلمەيدىغان بىر سىر بولغاندەك، قۇرئانمۇ ئاللاھتىن غەيرىي مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغان كىتابتۇر. ئىنسانلار روھنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى، خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە نىشانىلىرىنى كۆرىدۇ، بىلىدۇ، ھېس قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ روھ بىلەن ياشايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ؛ ئۇنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنەلەيدۇ ۋە ھاياتىنى ئۇنىڭغا توغرىلاپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم تۈزىلىشى جەھەتتىن مۆجىزە، مەزمۇنى جەھەتتىن ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلاھىي نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. وَلَقَدْ صَرَّفْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ فَأَبَىٰ أَكْثَرُ النَّاسِ إِلَّا كُفُورًا
    بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى خىلمۇ خىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، (روشەن پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي) ئىنسانلارنىڭ تولىسى پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مەسەللەرنى خىلمۇ ـ خىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى پەقەت ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا كۇفرىلىقتا چىڭ تۇردى، — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى، ھىدايەت تېپىشى ۋە چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقنى ئىنكار قىلىشتا، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇش ۋە بويۇنتاۋلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىدى. چۈنكى كۆپچىلىك ئىلىم ۋە ئاڭ بىلەن ئەمەس، گۇمان ۋە تەقلىد بىلەن ئىش قىلىدۇ؛ قۇرئاندا ھەقىقەت شۇنچە ئېنىق بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ، دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلماستىن تەرسالىق قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ . شۇڭلاشقا سەن ئى مۇھەممەد! كۆپچىلىككە قاراپ مەيۈسلەنمىگىن، غەمكىن بولمىغىن ۋە خاپا بولۇپ كەتمىگىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: ئۇلارنىڭ قۇرئاننى قوبۇل قىلماسلىقى قۇرئاندا بىرەر نۇقسان تاپقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ ھاماقەتلىكى، تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكىدىن بولغان. ئۇلار ساڭا ئەگەشمەسلىك بىلەن دوزاخقا تەييارلىنىدۇ. سەن تائەت - ئىبادەتنى ۋە دەۋەتنى داۋاملاشتۇرغىن. ئاللاھ تائالا 85 ~ 89 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ۋە ئاجىز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن «روھ» توغرىسىدا سوئال سورايدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرۈپ ، ئۇلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان جاۋابنى ئۆگىتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجزىلىكى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقى شۇنچە ئېنىق ۋە ئاشكارا تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ يەنىلا كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 90 ~ 93 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ئۈچۈن بىرقانچە تەلەپنى قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىگە توسالغۇ بولغان باھانىسىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. وَقَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ تَفْجُرَ لَنَا مِنَ الْأَرْضِ يَنْبُوعًا
    ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز، تاكى سەن يەردىن بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە،‏ — ئەنەس ئالىم

    (90-93) قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا ئاجىز قالغان تەرسا مۇشرىكلار باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزگە زېمىندىن بىر بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە، ياكى سېنىڭ خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك بېغىڭ بولۇپ سەن ئۇ باغنىڭ ئارىسىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىتمىغۇچە، ياكى دەۋا قىلغىنىڭدەك سەن ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچىلار ھالىتىدە چۈشۈرمىگىچە، ياكى سەن ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمىگىچە، ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە، ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغىچە بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز. سەن بىزگە ئاسماندىن بىز ئوقۇيدىغان بىرەر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «توۋا! رەببىم ئاللاھ سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا ۋە سىلەرگە كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. مەن پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىر ئىنسانمەن. سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مەن پەقەت ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە قۇرئاننى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلدۇم!». ئەسكەرتىش: مۇشرىكلار «دەۋا قىلغىنىڭدەك» دېگەن سۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر خالىساق، بىز ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئۈستىگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرىمىز» دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى مەقسەت قىلىدۇ. «ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمىگىچە» دېگەن سۆزى بىلەن «ئى مۇھەممەد! سەن ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغان بولساڭ، نېمىشقا ئاللاھ بىزگە پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بۇنى خەۋەر قىلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۆزى بىزگە كۆرۈنۈپ بۇنى ئېيتمىدى؟» دېمەكچى بولاتتى. «سەن بىزگە ئاسماندىن بىز ئوقۇيدىغان بىرەر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن سۆزى بىلەن «ئى مۇھەممەد! ئاسمانغا چىقىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەر بىرىمىزگە ‹ئى پالانى! مۇھەممەد راستتىنلا پەيغەمبەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار› دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتاب ئېلىپ چۈشكىن» دېگەن تەلەپنى مەقسەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. أَوْ تَكُونَ لَكَ جَنَّةٌ مِنْ نَخِيلٍ وَعِنَبٍ فَتُفَجِّرَ الْأَنْهَارَ خِلَالَهَا تَفْجِيرًا
    ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سېنىڭ خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك بېغىڭ بولۇپ، دەرەخلىرىنىڭ ئارىلىرىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىتمىغىچە،‏ — ئەنەس ئالىم

  92. أَوْ تُسْقِطَ السَّمَاءَ كَمَا زَعَمْتَ عَلَيْنَا كِسَفًا أَوْ تَأْتِيَ بِاللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ قَبِيلًا
    ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن، ياكى (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن ياكى پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھ نى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئېيتقىنىڭدەك ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ ئۈستىمىزگە چۈشۈرمىگۈچە ياكى ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمىگۈچە، — ئەنەس ئالىم

  93. أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِنْ زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَىٰ فِي السَّمَاءِ وَلَنْ نُؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَابًا نَقْرَؤُهُ ۗ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّي هَلْ كُنْتُ إِلَّا بَشَرًا رَسُولًا
    ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىكى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ)» — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن شوتا بىلەن ئاسمانغا چىقىپ بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغىچە ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغىچە. سەن بىزگە ئوقۇيدىغان كىتاب ئېلىپ چۈشمىگىچە ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». ئېيتقىنكى: «سۇبھاناللاھ! مەن پەقەت ئەلچى بولغان ئىنسانمەن، خالاس!».‏ — ئەنەس ئالىم

  94. وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَبَعَثَ اللَّهُ بَشَرًا رَسُولًا
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر بىلەن قۇرئان) كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەندە ئىشەنمەسلىكىنىڭ بىرلا باھانىسى بار. ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېيىشىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقكە ئىمان كەلتۈرۈشتىن، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ بىر ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەن چۈشەنچىلىرى ۋە دەۋالىرىلا توستى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا تارىخ بويىچە ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن ئادەتتىكى بىر ئەر كىشىنى تاللاپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ھەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى تەرسا ئادەملەر ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا كىشى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ئىدى. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلغان ۋە قارشى چىققان. ئاد قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى ۋە بايلىرى تۆۋەن تەبىقىدىكىلىرىگە، ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېگىنىدىن يەيدىغانلىقىنى ۋە ئىچكىنىدىن ئىچىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن تەقدىردە زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەمۇد قەۋمى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئىچىدىن بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن، ھەتتا ئۇنى كاززاپلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىككى ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلغان. يىغىپ ئېيتقاندا ئۆتمۈشتە ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىپ جازالانغان كافىرلارنىڭ ھەممىسى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىنسانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە ئاسىيلىق قىلغان، شۇنداقلا جازالانغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. قُلْ لَوْ كَانَ فِي الْأَرْضِ مَلَائِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ مَلَكًا رَسُولًا
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «مۇبادا زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغانلار ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ چۈشۈرەتتۇق».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرىشتە چۈشۈرمىدى؟ نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىرەر پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتمىدى؟» دېگەن تەرسا مۇشرىكلارغا بىزنىڭ مۇنۇ سۆزىمىزنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر زېمىندا، ئولتۇراقلىشىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ چۈشۈرەتتۇق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
    (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ تەرسالارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى ۋە ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مەن سىلەرگە پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ۋە ماڭا ئەگىشىشىڭلار لازىملىقىنى ئېيتتىم، سىلەر ئىنكار قىلدىڭلار، ئىككىمىز بۇ شەكىلدە ئىختىلاپلاشتۇق. ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر، يەنى ئاللاھ قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. شۇڭلاشقا مەن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشتا راستچىلمەن. سىلەر بولساڭلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىنكار قىلىشتا يالغانچىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلاردىن ھىدايەتكە لايىق بولغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئازغۇنلۇقتا قېلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويىدۇ. دېمەككى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشىغا لايىق بولمىغان كىشىلەرسىلەر». تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلار، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى ۋە ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ قارشى چىققاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلارمۇ ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنى ۋە ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ قارشى چىققان ۋە ئۇنى ئاجىز قالدۇرۇش، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە باھانە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھەر تۈرلۈك ماددىي مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلغان. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (90 ~ 96 - ئايەتلەردىمۇ) ئەنە شۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەزى تەلەپلەرنى قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ تەلەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى (پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى) بايان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا كېرەكلىك جاۋابنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا
    كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ سۆرەلگەن كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا ئوتنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ۋەلىىيلەر تاپالمايسەن. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالدا يۈزلىرى بىلەن دۈم ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇلارغا يالقۇننى زىيادە قىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ لايىق بولغانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە تېگىشلىك بولغانلارنى ئازدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا بىر سىستېما بەلگىلىگەن. بەندىلىرىگە، ھىدايەتنى ياكى ئازغۇنلۇقنى تاللاش توغرىسىدا ئەركىنلىك بەرگەن ۋە ئۇلارغا ھىدايىتىگە لايىق بولغانلارنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى (توغرا يولىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ يولدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى)، ئازغۇنلۇقتا قېلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرگەن. ئاللاھ ئۆزى بېكىتكەن مەزكۇر سىستېمىسى بويىچە كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە ئۇ كىشى زىيان تارتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ئەنە شۇ سىستېمىسى بويىچە ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويغان كىشىلەرنىڭ، ئۆزلىرىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدىغان ھېچ ھامىيىلىرى بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالەتتە يۈزلىرى بىلەن ماڭدۇرۇپ ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسەيگەسېرى بىز ئۇنى ئۇلغايتىمىز. ئەسكەرتىش: باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئازغۇنلارنىڭ قىيامەت كۈنى كور، دۈمبىلىرىدە گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن، يۈزلىرى بىلەن ماڭدۇرۇلغان ھالەتتە ھەشر قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ ئەسنادا، مەھشەرگاھتا، ھەتتا قايتا تىرىلىپلا گەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ پەردىسىنىڭ ئېچىلىپ كۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقى، دوزاخنى كۆرىدىغانلىقى، دوزاخنىڭ ئاچچىقلىنىپ قاينىغان ۋە گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىكى كورلۇق ھەقىقىي مەنىدە، بۇ ئايەتتىكى كورلۇق، گاچىلىق ۋە گاسلىق مەجازىي مەنىدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ، سۆيۈندۈرىدىغان بىرەر نەرسە كۆرمەيدىغانلىقىنى، قۇلاقلىرىغا ياقىدىغان بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن دەلىل سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن تارتىپ دوۋزاخقا تاشلانغۇچىلىك ھەقىقىي مەنىدە گاچا ۋە گاس بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتتە، مەجازىي مەنىدىكى گاچىلىق ۋە گاسلىق بىلەن زىكىر قىلىنغان كورلۇقمۇ مەجازىي مەنىدە بولىدۇ. بۇنى (كافىرلارنىڭ مەجازىي مەنىدىمۇ كور ھالەتتە ھەشر قىلىنىدىغانلىقىنى) بۇ سۈرىنىڭ 72 - ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ تەكىتلەيدۇ. دېمەككى، كافىرلار قىيامەت كۈنى ھەقىقىي ۋە مەجازىي مەنىدە كور، مەجازىي مەنىدە گاچا ۋە گاس ھالەتتە ھەشر قىلىنىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). بۇ ئايەتنىڭ «جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇنى ئۇلغايتىمىز» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى ھەرگىزمۇ ئەھلى دوزاخنىڭ ئازابىنىڭ يەڭگىللىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئوت ئۇلارنىڭ تېرە ۋە گۆشلىرىنى كۆيدۈرسە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇش بىلەن ئۇلارغا ئازابنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە دوزاخ ئازابىنىڭ ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە بارغانسېرى ئارتتۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُمْ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا وَقَالُوا أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا وَرُفَاتًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا
    ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا قايتىدىن تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستتىنلا قايتىدىن تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا بۇ ئۇلارنىڭ جازاسىدۇر. چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئىدى ۋە: «بىز ئۆلۈپ سۆڭەككە، توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلەمدۇق؟» دېيىشكەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا ئۇ جازانىڭ بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلىشىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلىش ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇش، شۇنداقلا تامامەن زىيان تارتىشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئىككى (97 - ۋە 98 -) ئايەتتە، دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ياشاپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتە بۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرۈش بىلەن بارلىق ئىنسانلارنى بۇ سەۋەبنى قىلىپ مەزكۇر جازاغا لايىق بولماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى الظَّالِمُونَ إِلَّا كُفُورًا
    ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، زالىملار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقات ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، كاپىرلار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىشىنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن كېلىشىدە ھېچ شۈبھە بولمىغان مۇددەت بەلگىلىدى. لېكىن ئۇ زالىملار كۇفرىلىقتا چىڭ تۇردى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بارلىق ئىنسانلار، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ساناپ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان بۇ ئادەملەر، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆلۈملىرىدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. پەقەت كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەر يوقتىن يارىتىشقا قادىر بولغان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق يەنىلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىمەكتە. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. (17-سۈرە ئىسرا، 100-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
    قُلْ لَوْ أَنْتُمْ تَمْلِكُونَ خَزَائِنَ رَحْمَةِ رَبِّي إِذًا لَأَمْسَكْتُمْ خَشْيَةَ الْإِنْفَاقِ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ قَتُورًا
    «ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «ئەگەر رەببىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەببىڭلارنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا ئىدى، ئۇ خەزىنىلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ ھېچكىمگە ھېچ نەرسە بەرمىگەن بولاتتىڭلار. ئىنسان ناھايىتى بېخىلدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغان ۋە سەندىن كۈچۈڭ يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەلەپ قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ناۋادا رەببىم مەخلۇقاتىغا ئاتا قىلىۋاتقان رىزىق ۋە نېمەت خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولسا ئىدى، ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى پۈتمەس - تۈگىمەس تۇرۇقلۇق، سىلەر ئۇ خەزىنىلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ ھېچكىمگە بىر نەرسە بەرمىگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاچ كۆزلۈك ۋە بېخىللىق سىلەرنىڭ مىجەز - خۇلقىڭلارغا ئايلانغان. شۇڭلاشقا سىلەر ئىمان كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەزى ماددىي مۆجىزىلەرنى تەلەپ قىلدىڭلار . سىلەرگە ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغان مۆجىزە بېرىلگەن تەقدىردە، يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر، بۇ نۆۋەت باشقا نەرسە تەلەپ قىلىسىلەر. ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سىلەر تەلەپ قىلغان ئۇ مۆجىزىلەرنى بەرمىدى . چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان زاتتۇر». ئاللاھ تائالا 90 ~ 100 - ئايەتلەردە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بىرقانچە ماددىي مۆجىزە تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش توغرىسىدىكى قانۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ جازاسىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. 101 ~ 104 - ئايەتلەردە بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەنى قىسقىلا بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللىي بېرىدۇ. مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا
    بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «ئۇلاردىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشنى سورىغىن» -دېدۇق-. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بەردۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: مۇسا ئۇلارغا كەلگەندە فىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى سېھىرلەنگەن ئادەم دەپ ئويلايمەن» دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد ! بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. بىز ئۆز ۋاقتىدا ئەلچىمىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بېرىپ ئۇنى فىرئەۋنگە ئەۋەتكەن ئىدۇق. زامانداشلىرىڭ بولغان بەنى ئىسرائىلدىن، مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەجدادىغا پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى سورىغىن، ئۇلار ئۇ ئەھۋاللارنى بىلىدۇ ۋە ئېيتىپ بېرىدۇ. مۇسا ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ فىرئەۋننى ھەقكە دەۋەت قىلغان، فىرئەۋن مۇساغا «ئى مۇسا! مېنىڭچە سەن چوقۇم سېھىرلەنگەن ئادەمسەن» دېگەن ئىدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نۇرغۇن مۆجىزە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «روشەن توققۇز مۆجىزە» - ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە ، پىت، پاقا ۋە قان بالالىرىنى قاتارلىق توققۇز مۆجىزىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر توققۇز مۆجىزىدىن باشقا يەنە بىرقانچە مۆجىزە بەرگەن بولۇپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ يېرىلىشى، بۇلۇتنىڭ سايە قىلىنىشى، ھاسىسىنى ئۇرۇش بىلەن تاشتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشى، مەننە ۋە بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىلىشى، تاغنىڭ قۇمۇرۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە خۇددى سايىۋەندەك تۇرۇشى قاتارلىق مۆجىزىلەردۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ مۆجىزىلەرنى بەنى ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا أَنْزَلَ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ بَصَائِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا فِرْعَوْنُ مَثْبُورًا
    مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا: «-ئى پىرئەۋن!- بۇلارنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇنداق دېدى: «سەن بۇ مۆجىزىلەرنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن. ئى فىرئەۋن! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى ھالاك قىلىنىدىغان ئادەم دەپ ئويلايمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا فىرئەۋننىڭ «ئى مۇسا! مېنىڭچە سەن چوقۇم سېھىرلەنگەن ئادەمسەن» دېگەن سۆزىگە، «ئى فىرئەۋن! سەن بۇ مۆجىزىلەرنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ، ھەقنى كۆرسىتىدىغان ھالەتتە چۈشۈرگەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مېنىڭچە سەن ھالاك قىلىنىدىغان ئادەمسەن!» دەپ رەددىيە بەردى. چۈنكى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ مۆجىزىلەردىن مۇسانىڭ راستتىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، لېكىن تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن. مۇسا بۇنى بىلگەن، شۇڭلاشقا ئۇلارغا يۇقىرىدىكى رەددىيەنى بەرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ فىرۋئەن بىلەن بۇ ئۇچرىشىشىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ۋە سوئال - جاۋابلارنىڭ تەپسىلاتى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. (17-سۈرە ئىسرا، 103-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    فَأَرَادَ أَنْ يَسْتَفِزَّهُمْ مِنَ الْأَرْضِ فَأَغْرَقْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ جَمِيعًا
    پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى ـ ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى - ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    كۈچلۈك دەلىللەرگە جاۋاب بېرەلمىگەن ۋە قايىل بولۇپ ئىمان كەلتۈرۈشكە كىبرى يول قويمىغان فىرئەۋن ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ئەسكىرىي كۈچىگە تايىنىپ مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى بەنى ئىسرائىلنى قەتلىئام قىلىپ تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇندى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ تەلتۆكۈس يوق قىلىۋەتتۇق. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولغان: سېھىرگەرلەرنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يېڭىلىپ، ئىمان كەلتۈرۈش ھادىسىسىدىن كېيىن، فىرئەۋن ئۇ كونا سېھىرگەر ۋە يېڭى مۇئمىنلارنى جازالاش، بەنى ئىسرائىلنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ، شۇنداقلا قارارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىقلارغا باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىقىشى ۋە مۇئەييەن تەرەپكە قاراپ مېڭىشى لازىملىقىنى ۋەھىي بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان فىرئەۋن دەرغەزەپ بولۇپ، قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ دېڭىز (قىزىل دېڭىز)نىڭ بويىدا بىر - بىرىنى كۆرىدۇ. بەنى ئىسرائىل «ئەمدى تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دەپ تۇرغان ئەسنادا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ھاسىسىنى دېڭىزغا ئۇرىدۇ ۋە دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق بىر يول ئېچىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل بىلەن ئۇ يولغا كىرىدۇ، فىرئەۋنمۇ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۇ يولغا كىرىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاخىرى ئۇ يولدىن چىقىپ قۇرۇقلۇققا يېتىشى بىلەن فىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاخىرى ئۇ يولغا كىرىپ بولىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپتە تاغدەك تۇرغان ئىككى دولقۇن يېپىلىدۇ - دە، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ. بەنى ئىسرائىل دېڭىزدىن ساق - سالامەت چىقىپ قۇرۇقلۇققا ئېرىشىدۇ ۋە فىرئەۋندىن قۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. وَقُلْنَا مِنْ بَعْدِهِ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ اسْكُنُوا الْأَرْضَ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ جِئْنَا بِكُمْ لَفِيفًا
    پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «-مىسىر- زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى-قىيامەت- كەلگەن چاغدا سىلەرنى ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «بۇ يەرگە سىلەر يەرلىشىڭلار. قىيامەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ھەممىڭلارنى ئارىلاش ھالەتتە ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز بەنى ئىسرائىلنى قۇتقۇزدۇق ۋە فىرئەۋن ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «زېمىنغا يەرلىشىڭلار. ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەدىمىز ئەمەلگە ئاشقاندا بىز ھەممىڭلارنى ئارىلاش ھالەتتە يىغىمىز، ئاندىن ئاراڭلاردا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ ھەر بىرىڭلارنى لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۈرىمىز» دېدۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر قەۋمگە قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى ۋە ھېساب نەتىجىسىدە ھەر كىشىنى لايىق بولغان يېرىگە (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۈملىدىن بەنى ئىسرائىلغىمۇ بۇ ھەقىقەتنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئېيتقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. وَبِالْحَقِّ أَنْزَلْنَاهُ وَبِالْحَقِّ نَزَلَ ۗ وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
    قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. قۇرئان ھەق بىلەن نازىل بولدى. سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى پەقەت ھەقىقەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالەتتە نازىل قىلدۇق؛ قۇرئاندا بىلدۈرۈلگەن ھۆكۈملەر ئادىل، بايان قىلىنغان قىسسەلەر توغرا، بېرىلگەن خەۋەرلەر راستتۇر. چۈنكى بىز ئۇنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ئىلمىمىز بىلەن تۈزۈپ نازىل قىلدۇق. قۇرئان ھەقىقەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى. چۈنكى ئۇنى ئىشەنچلىك، كۈچلۈك ۋە ھۇزۇرىمىزدا ئېتىبارلىق پەرىشتە جىبرىئىل بىزدىن ئالغان پېتى نازىل قىلىپ سېنىڭ قەلبىڭگە يەرلەشتۈردى. شۇڭلاشقا سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلاشقا بۇ قۇرئان كۇپايە قىلىدۇ. باشقا مۆجىزىگە ھاجەت يوق. سەندىن، باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلغانلار تەرسالار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ ئىشەنمەيدۇ. بىز سېنى قۇرئانغا بويسۇنغانلارغا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىشىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنىڭ شۇم خەۋىرى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلسا پايدىسى ئۆزىگە، ئىنكار قىلسا زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلمىشىدىن سەن جاۋابكار بولمايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. وَقُرْآنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَىٰ مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنْزِيلًا
    قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئالدىرىماي[10] ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز قۇرئاننى، ئىنسانلارغا چۈشەنگەنسېرى ئاز - ئازدىن ۋە ئاستا - ئاستا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق، شۇنداقلا تەدرىجىي نازىل قىلدۇق. مۇشرىكلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى بىرلا قېتىمدا نازىل قىلىنمىغانلىقىغا ئېتىراز قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىرازىنى بىلدۈرگەن ئايەتتە، قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۆلەكلەرگە ئايرىپ تەدرىجىي نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارغا دانىمۇدانە ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن بۆلەكلەرگە ئايرىپ نازىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېمەككى، قۇرئان كەرىم ئەسكە ئېلىش، چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئايەت ۋە سۈرىلەرگە ئايرىلغان، شۇنداقلا پارچە - پارچە ھالەتتە ۋە ۋاقىتلارغا بۆلۈپ نازىل قىلىنغان. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاستا - ئاستا، دانىمۇدانە ۋە ئاز - ئازدىن ئوقۇش كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. قُلْ آمِنُوا بِهِ أَوْ لَا تُؤْمِنُوا ۚ إِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهِ إِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ يَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ سُجَّدًا
    «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار قۇرئانغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار قۇرئانغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيقىنكى، «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر». شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا دەرھال سەجدىگە بارىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: قۇرئانغا خالىساڭلار ئىشىنىڭلار، خالىساڭلار ئىشەنمەڭلار. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، دەرھال سەجدىگە بارىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ياكى ئىمان كەلتۈرمەسلىكىڭلار قۇرئاننىڭ ئۇلۇغلۇقى، مۆجىزىلىكى ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا قۇرئاننى نازىل قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى بىلىدۇ. ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلسا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ دەرھال سەجدىگە بارىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  108. وَيَقُولُونَ سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنْ كَانَ وَعْدُ رَبِّنَا لَمَفْعُولًا
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ ۋەدىسى راستتىنلا ئەمەلگە ئاشتى» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار: ‹رەببمىز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. رەببىمىزنىڭ ھەر ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. رەببىمىزنىڭ بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدىكى ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەدنى ئەۋەتىش ۋە ئاخىرقى كىتابى قۇرئاننى نازىل قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىمۇ ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشتى› دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. وَيَخِرُّونَ لِلْأَذْقَانِ يَبْكُونَ وَيَزِيدُهُمْ خُشُوعًا ۩
    ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن) تېخىمۇ ئەيمىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە يىغلىغان ھالدا سەجدىگە بارىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئوقۇلغان ئايەتلەردىن تەسىرلىنىپ يىغلىغان ھالدا ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ. قۇرئاننى ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسى، ئېھتىرامى ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىشى زىيادە بولىدۇ». دېمەككى، قۇرئان كەرىمگە، ئوقۇلغان ئايەتلەرنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى دىققەت بىلەن چۈشەنگەن، شۇنداقلا ھەقىقەتنى تاپسا بويسۇنۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەملەرلا ئىشىنىدۇ. قۇرئان كەرىمگە تەرسالار ئىشەنمەيدۇ، تەقلىدچىلەر ئىشەنمەيدۇ، ھاكاۋۇرلار ئىشەنمەيدۇ، ھەقىقەتكە قۇلاق يوپۇرىدىغان، كۆز يۇمىدىغان ۋە ئازغۇنلۇقتا تۇراقلاشقان قاتماللار ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 85 ~ 109 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ سوئال، ئېتىراز، تەلەپ، شۈبھە ۋە باھانىلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ، 110 - ۋە 111 - ئايەتتە بولسا ئۇلارنىڭ: «مۇھەممەد بىزنى ئىككى ئىلاھقا چوقۇنۇشتىن توسىدۇ، لېكىن ئۆزى بىردەم ‹ئاللاھ› دەيدۇ، بىردەم ‹رەھمان› دەيدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزىگە رەددىيە بېرىلىدۇ. ناماز ئۆتىگەن چاغدا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بىلدۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تالانىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارغا بېرىلگەن رەددىيە تەكىتلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. قُلِ ادْعُوا اللَّهَ أَوِ ادْعُوا الرَّحْمَٰنَ ۖ أَيًّا مَا تَدْعُوا فَلَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَابْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
    «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ قېلىپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار ھەممىسى ياخشىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار»، نامىزىڭدا قىرائەتنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد!: «خالىساڭلار ئاللاھ دەپ دۇئا قىلىڭلار، خالىساڭلار رەھمان دەپ دۇئا قىلىڭلار. قايسىسىنى ئاتاپ دۇئا قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسمىلىرى بار» دېگىن. نامىزىڭنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتقىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى ‹ئاللاھ› دېگەن ئىسمى بىلەن ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، ‹رەھمان› دېگەن ئىسمى بىلەن ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئاللاھنى قايسى ئىسمى بىلەن ئاتىساڭلار بولاۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەڭ چىرايلىق مەنە ۋە ئەڭ كامىل سۈپەتلەرگە دالالەت قىلىدىغان گۈزەل ئىسىملىرى بار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۈيۈكلۈكى، ۋە ئىشلىرىنىڭ مۇكەممەلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! نامىزىڭنىڭ قىرائىتىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، بولمىسا مۇشرىكلار ئاڭلاپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، قۇرئانغا ھاقارەت قىلىدۇ، ناشايان سۆزلەرنى قىلىدۇ. پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، مۇئمىنلار ئاڭلىيالماي قالىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاۋاز بىلەن ئوقۇغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  111. وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُنْ لَهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ وَلِيٌّ مِنَ الذُّلِّ ۖ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيرًا
    ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! «ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېگىن، ئاللاھنى شەنىگە لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! «بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، پادىشاھلىقىدا شېرىكى بولمىغان، خارلىق ۋە ئاجىزلىقتىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچىگە، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگۈچىگە ئېھتىياجى بولمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېگىن ۋە ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن. يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەپ دەۋا قىلاتتى، خىرىستىيانلار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەپ قارايتتى. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بەزى قەبىلىلىرى: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇ پىرقىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تەۋھىدكە دەۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى