ھاققە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 52 ئايەت
مەنىسى: بولۇشى مۇقەرەر. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن باشلانغان
  1. (69-سۈرە ھاققە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَاقَّةُ
    (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت

    چوقۇم بولىدىغان ئىش [1].

  2. (69-سۈرە ھاققە، 2-ئايەت)
    مَا الْحَاقَّةُ
    قىيامەت نېمىدۇر؟

    چوقۇم بولىدىغان ئىش دېگەن نېمە؟ [2].

  3. (69-سۈرە ھاققە، 3-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحَاقَّةُ
    قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    سەن چوقۇم بولىدىغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ [3]

  4. (69-سۈرە ھاققە، 4-ئايەت)
    كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌ بِالْقَارِعَةِ
    سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى

    سەمۇد ۋە ئاد (قەۋملىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى [4].

  5. (69-سۈرە ھاققە، 5-ئايەت)
    فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا بِالطَّاغِيَةِ
    سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى

    سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى [5].

  6. (69-سۈرە ھاققە، 6-ئايەت)
    وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
    ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى

    ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى [6].

  7. (69-سۈرە ھاققە، 7-ئايەت)
    سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
    ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى. (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن

    ئاللاھ ئۇلارنى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي بوراندا قالدۇردى، سەن (شۇ چاغدا بولساڭ) ئۇلارنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرەتتىڭ [7].

  8. (69-سۈرە ھاققە، 8-ئايەت)
    فَهَلْ تَرَىٰ لَهُمْ مِنْ بَاقِيَةٍ
    ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟

    ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟[8]

  9. (69-سۈرە ھاققە، 9-ئايەت)
    وَجَاءَ فِرْعَوْنُ وَمَنْ قَبْلَهُ وَالْمُؤْتَفِكَاتُ بِالْخَاطِئَةِ
    پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى

    پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر خاتا ئىشلارنى قىلدى [9].

  10. (69-سۈرە ھاققە، 10-ئايەت)
    فَعَصَوْا رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَابِيَةً
    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى

    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق جازالىدى [10].

  11. (69-سۈرە ھاققە، 11-ئايەت)
    إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ
    شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)

    شۈبھىسىزكى، توپان بالاسى بولغان چاغدا، بىز سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) كېمىگە چىقارغان ئىدۇق، بۇ سىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە قۇلىقىدا ساقلىيالايدىغانلارنىڭ ساقلىشى ئۈچۈن ئىدى [11ـ12].

  12. (69-سۈرە ھاققە، 12-ئايەت)
    لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَا أُذُنٌ وَاعِيَةٌ
    شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)

    شۈبھىسىزكى، توپان بالاسى بولغان چاغدا، بىز سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) كېمىگە چىقارغان ئىدۇق، بۇ سىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە قۇلىقىدا ساقلىيالايدىغانلارنىڭ ساقلىشى ئۈچۈن ئىدى [11ـ12].

  13. (69-سۈرە ھاققە، 13-ئايەت)
    فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ نَفْخَةٌ وَاحِدَةٌ
    بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا

    سۇر بىر قېتىم چېلىنغان چاغدا [13]،

  14. (69-سۈرە ھاققە، 14-ئايەت)
    وَحُمِلَتِ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَاحِدَةً
    زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا

    زېمىن ۋە تاغلار كۆتۈرۈلۈپ بىر ـ بىرىگە ئۇرۇلۇپ ئۇۋىلىپ كەتكەن چاغدا [14]،

  15. (69-سۈرە ھاققە، 15-ئايەت)
    فَيَوْمَئِذٍ وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
    بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ

    بۇ كۈندە چوڭ ۋەقە (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ [15].

  16. (69-سۈرە ھاققە، 16-ئايەت)
    وَانْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَهِيَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ
    ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ

    ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان بوشىشىپ كېتىدۇ [16].

  17. (69-سۈرە ھاققە، 17-ئايەت)
    وَالْمَلَكُ عَلَىٰ أَرْجَائِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَانِيَةٌ
    پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

    پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە ئۆز ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ [17].

  18. (69-سۈرە ھاققە، 18-ئايەت)
    يَوْمَئِذٍ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَىٰ مِنْكُمْ خَافِيَةٌ
    بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر

    بۇ كۈندە سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھازىر قىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر [18].

  19. (69-سۈرە ھاققە، 19-ئايەت)
    فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ
    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ

    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم:«مېنىڭ بۇ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزەمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ [19ـ20].

  20. (69-سۈرە ھاققە، 20-ئايەت)
    إِنِّي ظَنَنْتُ أَنِّي مُلَاقٍ حِسَابِيَهْ
    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ

    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم:«مېنىڭ بۇ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزەمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ [19ـ20].

  21. (69-سۈرە ھاققە، 21-ئايەت)
    فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ
    ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ

    ئۇ (مېۋە ئۈزگۈچىسى قايسى ھالەتتە بولسۇن) مېۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ [21-23].

  22. (69-سۈرە ھاققە، 22-ئايەت)
    فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
    ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ

    ئۇ (مېۋە ئۈزگۈچىسى قايسى ھالەتتە بولسۇن) مېۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ [21-23].

  23. (69-سۈرە ھاققە، 23-ئايەت)
    قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ
    ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ

    ئۇ (مېۋە ئۈزگۈچىسى قايسى ھالەتتە بولسۇن) مېۋىلىرى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ [21-23].

  24. (69-سۈرە ھاققە، 24-ئايەت)
    كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا أَسْلَفْتُمْ فِي الْأَيَّامِ الْخَالِيَةِ
    (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ

    (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) [24].

  25. (69-سۈرە ھاققە، 25-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ
    نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!

    نامە-ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «كاشكى نامە ـ ئەمالىم ماڭا بېرىلمىگەن بولسىچۇ! [25].

  26. (69-سۈرە ھاققە، 26-ئايەت)
    وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
    ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!

    ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ! [26]

  27. (69-سۈرە ھاققە، 27-ئايەت)
    يَا لَيْتَهَا كَانَتِ الْقَاضِيَةَ
    دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!

    ھاياتىم دۇنيادىكى ئۆلۈم بىلەنلا ئاخىرلاشقان بولسىىچۇ! [27].

  28. (69-سۈرە ھاققە، 28-ئايەت)
    مَا أَغْنَىٰ عَنِّي مَالِيَهْ ۜ
    مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى

    مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى [28].

  29. (69-سۈرە ھاققە، 29-ئايەت)
    هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ
    مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»

    مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى» دەپ كېتىدۇ [29].

  30. (69-سۈرە ھاققە، 30-ئايەت)
    خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
    (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار

    (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ):«ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ بوينىغا تاقاق سېلىڭلار [30]،

  31. (69-سۈرە ھاققە، 31-ئايەت)
    ثُمَّ الْجَحِيمَ صَلُّوهُ
    ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار

    ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار [31]،

  32. (69-سۈرە ھاققە، 32-ئايەت)
    ثُمَّ فِي سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَاسْلُكُوهُ
    اندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»

    ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار» [32].

  33. (69-سۈرە ھاققە، 33-ئايەت)
    إِنَّهُ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ
    (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى

    (چۈنكى) ئۇ ھەقىقەتەن مەندەك ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى [33].

  34. (69-سۈرە ھاققە، 34-ئايەت)
    وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
    مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى

    مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى [34].

  35. (69-سۈرە ھاققە، 35-ئايەت)
    فَلَيْسَ لَهُ الْيَوْمَ هَاهُنَا حَمِيمٌ
    بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر

    شۇڭا بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە يېقىن دوست يوقتۇر [35].

  36. (69-سۈرە ھاققە، 36-ئايەت)
    وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍ
    ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر

    ئۇنىڭغا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ-زەردابتىن باشقا تاماق يوقتۇر» [36-37].

  37. (69-سۈرە ھاققە، 37-ئايەت)
    لَا يَأْكُلُهُ إِلَّا الْخَاطِئُونَ
    ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ

    ئۇنىڭغا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ-زەردابتىن باشقا تاماق يوقتۇر» [36-37].

  38. (69-سۈرە ھاققە، 38-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِمَا تُبْصِرُونَ
    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)

    مەن سىلەر كۆرەلەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ۋە كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن [38ـ39].

  39. (69-سۈرە ھاققە، 39-ئايەت)
    وَمَا لَا تُبْصِرُونَ
    مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)

    مەن سىلەر كۆرەلەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ۋە كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن [38ـ39].

  40. (69-سۈرە ھاققە، 40-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
    بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر

    بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك ئەلچى يەتكۈزگەن سۆزدۇر [40].

  41. (69-سۈرە ھاققە، 41-ئايەت)
    وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَاعِرٍ ۚ قَلِيلًا مَا تُؤْمِنُونَ
    ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر. سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر

    ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ئۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيسىلەر [41].

  42. (69-سۈرە ھاققە، 42-ئايەت)
    وَلَا بِقَوْلِ كَاهِنٍ ۚ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
    ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر

    ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئۇنىڭدىن بەك ئاز نەسىھەت ئالىسىلەر [42].

  43. (69-سۈرە ھاققە، 43-ئايەت)
    تَنْزِيلٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [43].

  44. (69-سۈرە ھاققە، 44-ئايەت)
    وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ
    ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا

    ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد) بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا [44]،

  45. (69-سۈرە ھاققە، 45-ئايەت)
    لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ
    ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق

    ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق [45].

  46. (69-سۈرە ھاققە، 46-ئايەت)
    ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ
    ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق

    ئاندىن ئۇنىڭ جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق [46].

  47. (69-سۈرە ھاققە، 47-ئايەت)
    فَمَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ
    سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى

    سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى [47].

  48. (69-سۈرە ھاققە، 48-ئايەت)
    وَإِنَّهُ لَتَذْكِرَةٌ لِلْمُتَّقِينَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن نەسىھەتتۇر [48].

  49. (69-سۈرە ھاققە، 49-ئايەت)
    وَإِنَّا لَنَعْلَمُ أَنَّ مِنْكُمْ مُكَذِّبِينَ
    بىز شەك ـ شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار

    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ھەقىقەتەن بىلىمىز [49].

  50. (69-سۈرە ھاققە، 50-ئايەت)
    وَإِنَّهُ لَحَسْرَةٌ عَلَى الْكَافِرِينَ
    قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ

    قۇرئان ھەقىقەتەن كافىرلارنى (قىيامەت كۈنى) ئەلۋەتتە ھەسرەتتە قويىدۇ [50].

  51. (69-سۈرە ھاققە، 51-ئايەت)
    وَإِنَّهُ لَحَقُّ الْيَقِينِ
    قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر

    قۇرئان شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر [51].

  52. (69-سۈرە ھاققە، 52-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

    سەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن [52].