تۇر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 49 ئايەت
مەنىسى: تۇر تېغى. ئاتىلىش سەۋەبى: تۇر تېغى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (52-سۈرە تۇر، 1-ئايەت) قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالطُّورِ
    تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۇر تېغى بىلەن، — ئەنەس ئالىم

    (1-8) ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا گەپ قىلغان تۇر تېغى بىلەن، بىز نازىل قىلغان ۋە يېيىلغان ئوچۇق قەغەزلەرگە يېزىلغان كىتاب بىلەن، بەيتۇلمەئمۇر (ئىبادەت بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇلغان ئۆي بىلەن)، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۇرۇس (ئاسمان) بىلەن ۋە ئوت ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى، رەببىڭنىڭ كافىرلارغا ۋەدە قىلغان ئازابى ئۇ كافىرلارغا چوقۇم كېلىدۇ. ئۇ ئازابقا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ. «تۇر» مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن تاغنىڭ ئىسمىدۇر، «سىينىين» ۋە «سەينا» بولسا، ئۇ تاغ ئورۇن ئالغان يەرنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ يەر مىسىرنىڭ سىينا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. «يېيىلغان ئوچۇق قەغەزلەرگە يېزىلغان كىتاب» - تەۋراتتۇر، چۈنكى بۇ كىتابنىڭ «تۇر» بىلەن بىر يەردە زىكىر قىلىنىشى، تەۋراتنىڭ تاختىلارغا يېزىلغان ھالەتتە بېرىلىشى ۋە بېرىلگەندىن كېيىن قەغەزلەرگە يېزىلىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ قۇرئان كەرىم بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىدۇ، «تۇر» بىلەن قەسەم قىلىشى ئۆز ۋاقتىدىكى تەۋراتقا ئىشارەت، ئاندىن قەغەزگە يېزىلغان كىتاب بىلەن قەسەم قىلىشى قۇرئان كەرىمگە ئىشارەت بولۇشى مۇمكىن (ۋەللاھۇ ئەئلەم). تەۋرات بىلەن قۇرئاننىڭ، تۇر بىلەن مەككىنىڭ بىر يەردە زىكىر قىلىنىشىمۇ بۇ ئېھتىمالنى كۈچلەندۈرىدۇ. «بەيتۇلمەئمۇر» - كەئبىنىڭ ئۇدۇلىدا، يەتتىنچى ئاسماندا بولغان ۋە پەرىشتىلەر ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس ئۆينى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇ مەنىنى كۆرسىتىدۇ. «كۆتۈرۈلگەن تۇرۇس» - ئاسماندۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاسماننى كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ساقلانغان (قوغدالغان) تۇرۇس قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. «ئوت ياندۇرۇلغان دېڭىز» - دېڭىزلارنىڭ قىيامەت قايىم بولغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ چاغدا دېڭىزلاردا پارتلاش مەيدانغا كېلىدۇ، ئارقىسىدىن ئۇلارغا ئوت كېتىدۇ ۋە لاۋۇلداپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. وَكِتَابٍ مَسْطُورٍ
    ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    يېزىلغان كىتاب –يەنى قۇرئان- بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېزىلغان كىتاب بىلەن — ئەنەس ئالىم

  3. فِي رَقٍّ مَنْشُورٍ
    ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېيىلغان قەغەزگە، — ئەنەس ئالىم

  4. وَالْبَيْتِ الْمَعْمُورِ
    بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەيتىلمەئمۇر بىلەن، — ئەنەس ئالىم

  5. وَالسَّقْفِ الْمَرْفُوعِ
    ئاسمان بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمان بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆتۈرۈلگەن تورۇس بىلەن، — ئەنەس ئالىم

  6. (52-سۈرە تۇر، 6-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى قەسەملەر
    وَالْبَحْرِ الْمَسْجُورِ
    (قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قىزىتىلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  7. (52-سۈرە تۇر، 7-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ھەق
    إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَاقِعٌ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ ئازابى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  8. مَا لَهُ مِنْ دَافِعٍ
    ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچى يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ھېچبىر توسالغۇ بولغۇچى يوق. — ئەنەس ئالىم

  9. يَوْمَ تَمُورُ السَّمَاءُ مَوْرًا
    ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ، — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتقا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئۆزگىرىش توغرۇلۇق بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. جۈملىدىن ئاسمان - زېمىنغىمۇ بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. ئاسمان ئۇ چاغدا ئۇ ئىلاھىي بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قاتتىق تەۋرەش، ئاندىن دەز كېتىش، چاك كېتىش، يېرىلىش، ئىشىكلەر ھالىتىگە كېلىش ۋە تۈرۈلۈش قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ باشقا بىر ئاسمانغا ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ باسقۇچلارنىڭ ئەڭ باشتىكىنى بىلدۈرۈلىدۇ، قالغان باسقۇچلار مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَتَسِيرُ الْجِبَالُ سَيْرًا
    تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ يۈرۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنىشى بىلەن زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدۇ - دە، زېمىن ۋە تاغلار ببر - بىرىگە ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ، باشتا پارچىلىنىپ قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ، ئاندىن ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك ھالەتكە كېلىدۇ؛ پارچىلىرى ناھايىتى يەڭگىل، رەڭلىك ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن سورۇۋېتىلىدۇ ۋە چاڭ - توزانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغلارنىڭ ئورنى خۇددى سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ جەرياننىڭ باشلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسكەرتىش: تاغلارنىڭ ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭلارغا ئوخشاپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ھەر خىل رەڭدە، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق، قاپقارا قىلىپ يارىتىلغان بولۇشىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (52-سۈرە تۇر، 11-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    فَوَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈنى راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

    (11-16) بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن، ئاخىرەتتىكى ھېساب - كىتابنى ئىنكار قىلغان ۋە ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئوينىغان ئادەملەر ئەنە شۇ كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ؛ ئۇ كۈنى ئۇلار دوزاخ ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىنكار قىلغان ئوتتۇر. سىلەر ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ دوزاخ (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا دەۋا قىلغىنىڭلاردەك) سېھىرمىكەن؟ ياكى كۆزۈڭلار ئۇنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلا سېھىر ئەمەس، كۆزۈڭلارمۇ كۆرۈۋاتىدۇ، كۆرۈۋاتقىنىڭلار ھەقىقەتتۇر؛ بۇ سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ دەل ئۆزىدۇر! ھازىر ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار چىدىساڭلارمۇ، چىدىمىساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر؛ قۇتۇلالمايسىلەر، تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ئازابلىنىسىلەر، ئازابىڭلار ھېچ يەڭگىللىتىلمەيدۇ، سىلەرگە مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى چېكىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. الَّذِينَ هُمْ فِي خَوْضٍ يَلْعَبُونَ
    ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئوينىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

  13. يَوْمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا
    ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلار جەھەننەم ئوتىغا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  14. (52-سۈرە تۇر، 14-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    هَٰذِهِ النَّارُ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
    (ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاختۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ئوتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  15. (52-سۈرە تۇر، 15-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    أَفَسِحْرٌ هَٰذَا أَمْ أَنْتُمْ لَا تُبْصِرُونَ
    (ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «بۇ سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ سېھىرمىكەن ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  16. اصْلَوْهَا فَاصْبِرُوا أَوْ لَا تَصْبِرُوا سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    دوزاخقا كىرىڭلار، ئاندىن مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار. سەۋر قىلساڭلارمۇ ياكى سەۋر قىلمىساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم

  17. إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَعِيمٍ
    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەرگە كىرىدۇ ۋە نازۇنېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (17-20) بۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغانلار ئۇ دۇنيادا جەننەت باغچىلىرىدا بولىدۇ ۋە نازۇنېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ؛ ئاللاھ ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، شۇنداقلا جەننەتتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى باشتىلا دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇلار جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا ھەقىقىي خاتىرجەملىك، مىسلىسىز خۇشاللىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ باغچىلاردىكى يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئىچىملىكلەردىن ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. بۇ نېمەتلەر دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر» دېيىلىدۇ. ئۇلار ئۇ باغچىلاردا قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنچۈكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئەتراپىدا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بولىدۇ، خىزمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. فَاكِهِينَ بِمَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ وَوَقَاهُمْ رَبُّهُمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
    ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار رەببى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، رەببى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، رەببى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  19. كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    (ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلار تۈپەيلى كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «يەڭلار، ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  20. مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ سُرُرٍ مَصْفُوفَةٍ ۖ وَزَوَّجْنَاهُمْ بِحُورٍ عِينٍ
    ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇلارغا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ھەمراھ قىلىپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  21. وَالَّذِينَ آمَنُوا وَاتَّبَعَتْهُمْ ذُرِّيَّتُهُمْ بِإِيمَانٍ أَلْحَقْنَا بِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَمَا أَلَتْنَاهُمْ مِنْ عَمَلِهِمْ مِنْ شَيْءٍ ۚ كُلُّ امْرِئٍ بِمَا كَسَبَ رَهِينٌ
    ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ئەۋلادلىرى ئىمان بىلەن ئىزىنى باسقان كىشىلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارغا ئەۋلادلىرىنى قوشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەمىلىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيمىز. ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرى بىلەن جەننەتتە ئالىي دەرىجىلەرگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىمان بىلەن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن ئەۋلادلىرى، ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە بولمىسىمۇ، بىز ئۇ ئەۋلادلارنى ئۇلارغا قوشۇپ ھەممىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە مۇكاپاتلايمىز، بىز ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيمىز. ئەسلىدە ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشىغا جاۋابكاردۇر؛ ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ ۋە نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ، ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا كۆرىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئادالىتىمىزدۇر، لېكىن بىز ئۆز قىلمىشى بىلەن جەننەتتە ئاتا - ئانىسى ئېرىشكەن دەرىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئەۋلادلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئېرىشكەن دەرىجىگە ئېرىشتۈرىشىمىز، بۇ ئۇ ئاتا - ئانىلارغا قىلغان ئىلتىپاتىمىزدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ جەننەتتە جەم بولۇشى ئاتا - ئانىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئارتتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَأَمْدَدْنَاهُمْ بِفَاكِهَةٍ وَلَحْمٍ مِمَّا يَشْتَهُونَ
    ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلارنى كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز. — ئەنەس ئالىم

    (22-28) بىز ئۇلارنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە گۆشلەر بىلەن تەمىنلەيمىز، ئۇلار ئۇ باغچىلاردا رەڭگى ئاپئاق ۋە ئىچكەنلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيلەر تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى بىر - بىرىگە تۇتىشىدۇ. ئۇ قەدەھلەردىكى مەيلەر ئۇلارنى مەست قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتمايدۇ، ھەم بىھۇدە سۆزلەتمەيدۇ، ھەم گۇناھكار قىلىدىغان بىرەر ئىشقا ئېلىپ بارمايدۇ؛ ئۇ مەيدىن ئىچكەنلەر مەست بولۇپ قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، يامان ئىش قىلىپ ئەتراپىغا زىيان سالىدىغان بولۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك چىرايلىق غىلمانلار ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ، ئۇلار: «بىز ئىلگىرى دۇنيادا ئائىلىمىزنىڭ ئىچىدىكى چېغىمىزدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقاتتۇق. ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق قىلىپ، بىزنى بىز قورققان ئازابتىن ساقلىدى. بىز دۇنيادىكى چېغىمىزدا ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلاتتۇق. ئاللاھ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلىپ بىزگە ئىلتىپات قىلدى، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلدى ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلدى، ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ياخشىلىقى چەكسىز، مەرھەمىتى كۆپتۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. يَتَنَازَعُونَ فِيهَا كَأْسًا لَا لَغْوٌ فِيهَا وَلَا تَأْثِيمٌ
    ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا مەي قاچىلانغان جاملارنى تۇتىشىدۇ، مەي ئىچىش بىلەن ئۇلاردىن بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار جەننەتتە بىر - بىرىگە قەدەھ تۇتىشىدۇ. ئۇ قەدەھلەردىكى شارابلار ھەم بىھۇدە سۆزلەتمەيدۇ، ھەم گۇناھكار قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  24. وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ غِلْمَانٌ لَهُمْ كَأَنَّهُمْ لُؤْلُؤٌ مَكْنُونٌ
    گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك چىرايلىق غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا غىلمانلىرى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ غىلمانلار گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  25. وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ سورىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  26. قَالُوا إِنَّا كُنَّا قَبْلُ فِي أَهْلِنَا مُشْفِقِينَ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن دۇنيادىكى چاغدا ئائىلىمىزدە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ ئىچىدىكى چېغىمىزدا قورقاتتۇق. — ئەنەس ئالىم

  27. فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا وَوَقَانَا عَذَابَ السَّمُومِ
    ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى. — ئەنەس ئالىم

  28. إِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلُ نَدْعُوهُ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْبَرُّ الرَّحِيمُ
    بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىلگىرى ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  29. فَذَكِّرْ فَمَا أَنْتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ
    (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق بولغانىكەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەسلەتكىن. سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەس، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەممۇ ئەمەس. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ دەۋىتىڭنى ئاڭلىغان ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى ساڭا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، سەن ئۇلارغا قاراپ مەيۈسلەنمىگىن، قايغۇرمىغىن، ئەكسىچە ئىنسانلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى سەن سېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك نېمىتىگە ئېرىشكەن كىشىسەن، ئەسلا كاھىن ئەمەسسەن، ئەقلىدىن ئازغان ئادەممۇ ئەمەسسەن؛ پالچىمۇ ئەمەس، ساراڭمۇ ئەمەسسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَتَرَبَّصُ بِهِ رَيْبَ الْمَنُونِ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقۇشىنى كۈتىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار سەن توغرۇلۇق: «ئۇ شائىردۇر، ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (30-31) ئى مۇھەممەد! ساڭا قارشى چىقىۋاتقان مۇشرىكلار سەن توغرۇلۇق: «ئۇ شائىردۇر، ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقۇپ ئۆلۈشىنى كۈتۈۋاتىمىز؛ بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچراپ ئۆلسە قۇتۇلساق» دەۋاتامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئۆلۈمىمنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن» دېگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. قُلْ تَرَبَّصُوا فَإِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُتَرَبِّصِينَ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن». — ئەنەس ئالىم

  32. (52-سۈرە تۇر، 32-ئايەت) ئادالەتسىزلىك كاپىرلىق
    أَمْ تَأْمُرُهُمْ أَحْلَامُهُمْ بِهَٰذَا ۚ أَمْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
    ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق سۆز قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ياكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقان قەۋممۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنى بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى بۇيرۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋممۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ياكى ئۇلارنى سېنىڭ ھەققىڭدە ئەنە شۇنداق بىر - بىرىگە زىت تۆھمەتلەرنى قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى بۇيرۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (52-سۈرە تۇر، 33-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    أَمْ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُ ۚ بَلْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا ئۇلار: «مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟» ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇدى» دەمدۇ؟ ياق، ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (33-34) ئى مۇھەممەد! ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى» دەمدۇ؟ ياق، قۇرئاننى سېنىڭ ئويدۇرغىنىڭ يوق. لېكىن ئۇ مۇشرىكلار تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قىلىپ قۇرئانغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى» دېگەن سۆزىدە راستچىل بولىدىغان بولسا، ئۇلارمۇ سەندەك ئەرەب بولغاندىكىن قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۆز كەلتۈرۈپ باقسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِثْلِهِ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ
    ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداقتا ئەگەر بۇ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق بولسا، ئۇلار قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۆز كەلتۈرۈپ باقسۇن! ئەگەر راستچىل بولسا. — ئەنەس ئالىم

  35. أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ
    ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلدىمۇ، يەنى ئۇلار تاسادىپىيلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ قالغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ياراتقانمۇ؟ ياق، چۈنكى بۇ ئىككى ئېھتىمالنىڭ ھېچ بىرى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، بىرلا ئېھتىمال قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنى بىر ياراتقۇچىنىڭ ياراتقانلىقىدۇر. ئەنە شۇ ياراتقۇچى، يەنى ئۇلارنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان ئاللاھ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ يەرنىڭ ئاستىدا توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دېگەن سۆزلىرىگە بىرقانچە ئايەتتە رەددىيە بېرىدۇ، بۇ (35 -) ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۚ بَلْ لَا يُوقِنُونَ
    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشەنچى جەزمەنلىك دەرىجىسىدە ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلار ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، قىيامەتنى، قايتا تىرىلىشىنى، ھېسابنى ۋە دوزاخنى سەل چاغلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَبِّكَ أَمْ هُمُ الْمُصَيْطِرُونَ
    ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا رەببىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار - كائىناتنى- بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى رەببىڭنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟ ياكى كائىناتنى باشقۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىلكىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە قارشى چىقىۋاتىدۇ، قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنغانلىقىغا نارازى بولۇۋاتىدۇ؟ سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟ ياكى كائىناتنى ئۇلار باشقۇرامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە پەيغەمبەرلىك بەرگەن ۋە كىتاب نازىل قىلغان بولاتتى، لېكىن ئۇنداق ئىش يوق، ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس، كائىناتنىمۇ ئۇلار باشقۇرمايدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئۆز خەزىنىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ، كائىناتنى ئۆزى باشقۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزى خالىغان كىشىگە ئۆزى خالىغان نېمەتنى ئاتا قىلىدۇ، جۈملىدىن ساڭا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (52-سۈرە تۇر، 38-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش كاپىرلىق
    أَمْ لَهُمْ سُلَّمٌ يَسْتَمِعُونَ فِيهِ ۖ فَلْيَأْتِ مُسْتَمِعُهُمْ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنىڭ بىر شوتىسى بارمۇكى، ئۇلار ئۇ شوتىدا يۈكسىلىپ سۆز تىڭشايدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ تىڭشىغۇچىسى روشەن دەلىل كەلتۈرسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ، سېنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىڭنى ئېيتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاسمانغا چىقىپ پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشايدىغان شۇتىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ تىڭشىغۇچىسى سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا روشەن دەلىل كەلتۈرسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. أَمْ لَهُ الْبَنَاتُ وَلَكُمُ الْبَنُونَ
    ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەۋاتىسىلەر، ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاللاھنىڭ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟ بۇ تەقدىردە بۇ، ئادالەتسىز تەقسىمات بولمامدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُمْ مِنْ مَغْرَمٍ مُثْقَلُونَ
    ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سەن ئۇلاردىن دەۋىتىڭ ئۈچۈن ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن ئۇلارغا ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ ئىمان ئېيتمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ياكى سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ دەۋىتىڭدىن يۈز ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالغاچقا دەۋەتتىن قېچىۋاتامدۇ؟ ياق، سېنىڭ ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغىنىڭ يوق، ئەكسىچە ئۇلار تەرسالىق قىلغانلىقى ۋە تەقلىدكە چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (52-سۈرە تۇر، 41-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش كاپىرلىق
    أَمْ عِنْدَهُمُ الْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب ئىلمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى يېزىۋالامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى غەيب ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇكى، ئۇلار يېزىۋالىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سەن دەۋەت قىلغان يولنىڭ خاتالىقىنى، يېقىندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ يوق بولىدىغانلىقىڭنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنى باشقىلارغا ئېيتىۋاتىدۇ، ئۇلار غەيىب ئىلمىگە ۋاقىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن خالىغانلىرىنى يېزىۋالامدۇ؟ ياق، ئۇلار غەيىبكە ئەسلا ۋاقىپ ئەمەس، لېكىن ئۇلار نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ شۇنداق دەۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (52-سۈرە تۇر، 42-ئايەت) كاپىرلىق ئىلاھىي ھۆكۈم
    أَمْ يُرِيدُونَ كَيْدًا ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا هُمُ الْمَكِيدُونَ
    ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار تۇزاق قۇرماقچى بولۇۋاتامدۇ؟ كافىرلار تۇزاققا ئۆزلىرى چۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار تەرسالىق قىلىپ ئۆزلىرى ھەقىقەتكە قارشى چققاننىڭ سىرتىدا باشقىلارنىمۇ ساڭا قارشى كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ساڭا تۇزاق قۇرۇش بولىدىغان بولسا، بىلىپ قويسۇنلاركى: ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرى يېقىندا بەربات بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىدۇ، كافىرلارنى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چۈشۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. أَمْ لَهُمْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئاللاھ پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى بار بولۇپ، ئۇ ئىلاھى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلامدۇ؟ ياق، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى يوق، لېكىن ئۇلار ئەقىلسىزلىك قىلىپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتىدۇ، ئاللاھ ئۇلار چۇقۇنغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇلارنى ئەسلا قوغدىيالمايدۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (52-سۈرە تۇر، 44-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    وَإِنْ يَرَوْا كِسْفًا مِنَ السَّمَاءِ سَاقِطًا يَقُولُوا سَحَابٌ مَرْكُومٌ
    ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئەگەر ئاسماندىن بىرەر پارچە چۈشكەنلىكىنى كۆرسە: «توپلانغان بۇلۇت» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار ساڭا ئىشىنىش ئۈچۈن قويغان شەرتلەرنىڭ ئىچىدە ئاسماننى پارچىلار ھالىتىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈشىڭمۇ بار. ناۋادا بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاسماندىن بىرەر پارچە چۈشۈرسەك ۋە ئۇلار ئۇ پارچىنى كۆرسە يەنىلا تەرسالىق قىلىپ: «بۇ، توپلاشقان بۇلۇت» دەيدۇ، ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. فَذَرْهُمْ حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي فِيهِ يُصْعَقُونَ
    ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر تەرك ئەتكىن. — ئەنەس ئالىم

    (45-46) مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق خەق، ئىمان كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن تۈرلۈك باھانىلارنى كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان ئەھۋالنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىمۇ يەنىلا تەرسالىق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، شۇڭا سەن ئۇلارنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغان كۈنى بىلەن ئۇچراشقۇچىلىك ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن؛ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمىگىن، ناشايان سۆز ۋە بولمىغۇر قىلىقلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن. ئۇ كۈن يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ھالاك قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ھېچكىم ياردەممۇ قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. يَوْمَ لَا يُغْنِي عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
    ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  47. (52-سۈرە تۇر، 47-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا عَذَابًا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ئۇ ئازابتىن باشقا يەنە ئازا باردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    زالىملارغا ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئازاب بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ كافىرلار دۇنيادا ئازابقا يولۇققاندىن سىرت ئاخىرەتتىمۇ دوزاخ ئازابىغا يولۇقىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دۇنيادىمۇ ئاخىرەتتىمۇ ئازابلايدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەم رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، ئۇيقۇدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن. ئورنۇڭدىن تۇرغان چېغىڭدا رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم

    (48-49) ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ، ساڭا قارشى چىققان كافىرلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالايدۇ، ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، لېكىن ئىگەڭ - ئاللاھ بۇ ئىشلار ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن، شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ سېنى رەنجىتىشىگە سەۋر قىلغىن، دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى سېنى بىز قوغدايمىز ۋە چوقۇم زەپەرگە ئېرىشتۈرىمىز. ئورنۇڭدىن تۇرغان چېغىڭدا رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن. شۇنىڭدەك، كېچىنىڭ بىر قىسمىدىمۇ ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن. ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئاللاھقا ھەر دائىم زىكىر - تەسبىھ ئېيتىشنىڭ لازىملىقىنى ياكى بەش ۋاخ نامازنى ئۈزلۈكسىز ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ
    كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىنىڭ بىر قىسمىدىمۇ ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم