مۇھەممەد سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 38 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: جىھاد ھەققىدە بايانلار بار. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان
  1. (47-سۈرە مۇھەممەد، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ أَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
    كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ

    كافىر بولغان ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ [1].

  2. (47-سۈرە مۇھەممەد، 2-ئايەت)
    وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَآمَنُوا بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ـ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ)

    ئىمان ئېيتقان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ۋە مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتكە، يەنى قۇرئانغا ئىشەنگەنلەرگە كەلسەك ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ [2].

  3. (47-سۈرە مۇھەممەد، 3-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا اتَّبَعُوا الْبَاطِلَ وَأَنَّ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّبَعُوا الْحَقَّ مِنْ رَبِّهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ لِلنَّاسِ أَمْثَالَهُمْ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىرلار باتىلغا (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى، مۆمىنلەر بولسا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كافىرلار باتىل (شەيتان) غا ئەگەشتى، مۆمىنلەر بولسا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ [3].

  4. (47-سۈرە مۇھەممەد، 4-ئايەت)
    فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
    سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ

    سىلەر كافىرلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە ئۇرۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ ھالسىراتقان چاغدا (توختاپ)، ئۇلارنى مەھكەم باغلاڭلار (يەنى ئەسىر ئېلىڭلار)، ئاندىن سىلەر كافىرلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە ئۇرۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ ھالسىراتقان چاغدا (توختاپ)، ئۇلارنى مەھكەم باغلاڭلار (يەنى ئەسىر ئېلىڭلار)، ئاندىن ئۇلارنى ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى تۆلەم ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر (شۇنداق قىلىڭلار). مېنىڭ بۇيرۇقۇم مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا بۇيرۇماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى. ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدۇ [4].

  5. (47-سۈرە مۇھەممەد، 5-ئايەت)
    سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
    ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ

    ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە باشلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ [5].

  6. (47-سۈرە مۇھەممەد، 6-ئايەت)
    وَيُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ
    ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ)

    ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تونۇشتۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ [6].

  7. (47-سۈرە مۇھەممەد، 7-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا)مۇستەھكەم قىلىدۇ [7].

  8. (47-سۈرە مۇھەممەد، 8-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
    كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ

    كافىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ [8].

  9. (47-سۈرە مۇھەممەد، 9-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (قۇرئان) نى يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى [9].

  10. (47-سۈرە مۇھەممەد، 10-ئايەت)
    أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۖ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ

    ئۇلار زېمىننى كېزىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى.بۇ كافىرلارمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ [10].

  11. (47-سۈرە مۇھەممەد، 11-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ مَوْلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَأَنَّ الْكَافِرِينَ لَا مَوْلَىٰ لَهُمْ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كافىرلارغا ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر [11].

  12. (47-سۈرە مۇھەممەد، 12-ئايەت)
    إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يَتَمَتَّعُونَ وَيَأْكُلُونَ كَمَا تَأْكُلُ الْأَنْعَامُ وَالنَّارُ مَثْوًى لَهُمْ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى،ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كافىرلار دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ [12].

  13. (47-سۈرە مۇھەممەد، 13-ئايەت)
    وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِنْ قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
    سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى

    سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەر (مەككە) نىڭ ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى [13].

  14. (47-سۈرە مۇھەممەد، 14-ئايەت)
    أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ كَمَنْ زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
    پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟

    پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ [14].

  15. (47-سۈرە مۇھەممەد، 15-ئايەت)
    مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟

    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمەيدىغان سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شەربەت ئۆستەڭلىرى ۋە ساپ ھەسەل ئۆستەڭلىرى بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، بۇنداق تەقۋادارلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ ئۈچەيلىرى پارچە-پارچە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ [15].

  16. (47-سۈرە مۇھەممەد، 16-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
    ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر

    مۇناپىقلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (مەسخىرە قىلىپ): «بايا مۇھەممەد نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەردۇر [16].

  17. (47-سۈرە مۇھەممەد، 17-ئايەت)
    وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْوَاهُمْ
    ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ

    ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقنى ئاشۇرىدۇ [17].

  18. (47-سۈرە مۇھەممەد، 18-ئايەت)
    فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
    ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ)

    مەككە كافىرلىرى پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزىگە تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەزـ نەسىھەت ئالىدۇ؟ [18].

  19. (47-سۈرە مۇھەممەد، 19-ئايەت)
    فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
    بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)

    (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارنى ۋە تۇرار جايىڭلارنى بىلىدۇ [19].

  20. (47-سۈرە مۇھەممەد، 20-ئايەت)
    وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ مُحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
    مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى

    مۆمىنلەر: «نېمىشقا (جىھاد ھەققىدە) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ. جىھاد زىكرى قىلىنغان مەزمۇنى ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسىلى بارلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ساڭا ئۆلۈمدىن قورقۇپ ھوشۇدىن كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى [20 ـ 21].

  21. (47-سۈرە مۇھەممەد، 21-ئايەت)
    طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ
    مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى

    مۆمىنلەر: «نېمىشقا (جىھاد ھەققىدە) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ. جىھاد زىكرى قىلىنغان مەزمۇنى ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسىلى بارلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ساڭا ئۆلۈمدىن قورقۇپ ھوشۇدىن كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى [20 ـ 21].

  22. (47-سۈرە مۇھەممەد، 22-ئايەت)
    فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
    سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟

    سىلەر ئەگەر ھوقۇق تۇتۇپ قالساڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ [22].

  23. (47-سۈرە مۇھەممەد، 23-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
    ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى

    ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ، (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلىپ قويدى [23].

  24. (47-سۈرە مۇھەممەد، 24-ئايەت)
    أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
    ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)

    ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار [24].

  25. (47-سۈرە مۇھەممەد، 25-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ ارْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى ۙ الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
    توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى

    توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن يېتىۋېلىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەرگە شەيتان (ئۇلارنىڭ يېنىۋېلىشىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى،ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى [25].

  26. (47-سۈرە مۇھەممەد، 26-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ ۖ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
    بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان تۇرسا. ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەنلەرگە: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېگەن ئىدى [26].

  27. (47-سۈرە مۇھەممەد، 27-ئايەت)
    فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ
    (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟

    پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟ [27].

  28. (47-سۈرە مۇھەممەد، 28-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
    بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى

    ئۇلارنىڭ جېنى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق شەكىلدە ئېلىندىكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ نەرسىگە (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى [28].

  29. (47-سۈرە مۇھەممەد، 29-ئايەت)
    أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَنْ لَنْ يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ
    دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟

    دىللىرىدا كېسىلى بارلار ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاللاھ ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ [29].

  30. (47-سۈرە مۇھەممەد، 30-ئايەت)
    وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!)ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى چوقۇم ئۇلارنىڭ بەلگىلىرىدىن تونۇيتتىڭ، سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تەلەپپۇزىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [30].

  31. (47-سۈرە مۇھەممەد، 31-ئايەت)
    وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنْكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ
    بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر

    بىز سىلەرنى تاكى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن جىھادقا چىققانلارنى ۋە بەرداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر ئەلۋەتتە سىنايمىز[31].

  32. (47-سۈرە مۇھەممەد، 32-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
    شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ)

    شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ [32].

  33. (47-سۈرە مۇھەممەد، 33-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار [33].

  34. (47-سۈرە مۇھەممەد، 34-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ
    شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ

    شۈبھىسىزكى،ھەقنى ئىنكار قىلىپ كافىر بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كافىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ [34].

  35. (47-سۈرە مۇھەممەد، 35-ئايەت)
    فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَنْ يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ
    (كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ

    (جەڭدە) بوشىشىپ قالماڭلار، سىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تۇرۇپ (دۈشمەننى) سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ [35].

  36. (47-سۈرە مۇھەممەد، 36-ئايەت)
    إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ
    دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (ئاللاھ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ)

    دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن-تاماشىدىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ،سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلارنى تەلەپ قىلمايدۇ [36].

  37. (47-سۈرە مۇھەممەد، 37-ئايەت)
    إِنْ يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ
    ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ

    ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى قاتتىق تەلەپ قىلسا، سىلەر بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ [37].

  38. (47-سۈرە مۇھەممەد، 38-ئايەت)
    هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
    سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)

    ئاگاھ بولۇڭلار، سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، بىخىللىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر، سىلەر بولساڭلار ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ [38].