تەغابۇن سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 18 ئايەت
مەنىسى: زىيان تارتىش. ئاتىلىش سەۋەبى: كاپىرلارنىڭ قىيامەتتە زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (9-، 10-ئايەتلەر)
  1. (64-سۈرە تەغابۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [1].

  2. (64-سۈرە تەغابۇن، 2-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ فَمِنْكُمْ كَافِرٌ وَمِنْكُمْ مُؤْمِنٌ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۆمىنلەرمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    سىلەرنى ئاشۇ ئاللاھ ياراتقان، شۇنداق تۇرسا بەزىڭلار كافىر بولدۇڭلار، بەزىڭلار ئىمان ئېيتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [2].

  3. (64-سۈرە تەغابۇن، 3-ئايەت)
    خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدى، شەكلىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر بارىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر [3].

  4. (64-سۈرە تەغابۇن، 4-ئايەت)
    يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (نىيەتلىرىڭلاردىن، ئەمەللىرىڭلاردىن) يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنىمۇ بىلگۈچىدۇر [4].

  5. (64-سۈرە تەغابۇن، 5-ئايەت)
    أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ فَذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    سىلەرگە بۇرۇنقىلاردىن كافىر بولۇپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار يەنە (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [5].

  6. (64-سۈرە تەغابۇن، 6-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالُوا أَبَشَرٌ يَهْدُونَنَا فَكَفَرُوا وَتَوَلَّوْا ۚ وَاسْتَغْنَى اللَّهُ ۚ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلالامدۇ؟» دېدى. (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) موھتاج ئەمەستۇر، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: « بىزنى بىر ئىنسان ھىدايەت قىلامدۇ؟» دەپ، پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى، ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) ئۆزىنىڭ مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە مۇچتاج ئەمەستۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر [6].

  7. (64-سۈرە تەغابۇن، 7-ئايەت)
    زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ لَنْ يُبْعَثُوا ۚ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ ۚ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
    كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»

    كافىرلار بىز ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ ئويلىدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»دېگىن [7].

  8. (64-سۈرە تەغابۇن، 8-ئايەت)
    فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالنُّورِ الَّذِي أَنْزَلْنَا ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر

    ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇر (يەنى قۇرئانغا)غا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر [8].

  9. (64-سۈرە تەغابۇن، 9-ئايەت)
    يَوْمَ يَجْمَعُكُمْ لِيَوْمِ الْجَمْعِ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ التَّغَابُنِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر

    ئاللاھ ھەممىنى توپلايدىغان قىيامەت كۈنى سىلەرنىمۇ توپلايدۇ، بۇ كۈن (ئىمان ئېيتمىغانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلالمىغانلار) ھەقىقىي زىيان تارتىدىغان كۈندۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر [9].

  10. (64-سۈرە تەغابۇن، 10-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

    ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! [10].

  11. (64-سۈرە تەغابۇن، 11-ئايەت)
    مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

    كىشىگە كەلگەن ھەر قانداق پىشكەللىك پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەنلا كېلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر [11].

  12. (64-سۈرە تەغابۇن، 12-ئايەت)
    وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر

    ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بۇنىڭدىن باش تارتساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت چۈشىنىشلىك تەبلىغ قىلىشتۇر [12].

  13. (64-سۈرە تەغابۇن، 13-ئايەت)
    اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، شۇڭا مۆمىنلەر ئالاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن [13].

  14. (64-سۈرە تەغابۇن، 14-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ ۚ وَإِنْ تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئىچىدە سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، شۇڭا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ياپساڭلار (ئاللاھمۇ سىلەرنى كەچۈرۈۋېتىدۇ).ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [14].

  15. (64-سۈرە تەغابۇن، 15-ئايەت)
    إِنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ ۚ وَاللَّهُ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار

    سىلەرنىڭ پۇل-ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەرگە بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، بۇ سىناقتىن ئۆتكەنلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار [15].

  16. (64-سۈرە تەغابۇن، 16-ئايەت)
    فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ ۗ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر

    شۇڭا، سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئۇنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاڭلار، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدا پۇل-ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىڭلار، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى ئۆزىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مۇرادىغا يېتىدۇ [16].

  17. (64-سۈرە تەغابۇن، 17-ئايەت)
    إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
    ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

    ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار (يەنى پۇل-ماللىرىڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر [17].

  18. (64-سۈرە تەغابۇن، 18-ئايەت)
    عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    (ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [18].