ھەج سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 78 ئايەت
مەنىسى: ھەج. ئاتىلىش سەۋەبى: ھەجگە ئالاقىدار بايانلار بار ( 25~37-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ
    ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادار بولۇڭلار. قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ناھايىتى چوڭ نەرسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى يوقتىن ياراتقۇچى. رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە مەنپەئەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇپ زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسۇش بىلەن سىلەرگە ئىلتىپات قىلغۇچى ئىگەڭلار (ئاللاھ)غا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ نېمىگە بۇيرۇغان بولسا ئۇنى ئىخلاس بىلەن قىلىڭلار، نېمىدىن توسقان بولسا ئۇنىڭدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن يېنىڭلار. قىيامەت كۈنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار، چۈنكى قىيامەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە كائىناتتا مەيدانغا كېلىدىغان سىلكىنىش ناھايىتى چوڭ ھادىسىدۇر. ئۇ شۇنداق چوڭ ھادىسىدۇركى، ئۇ چاغدا يەر شارى قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ، ئاسمان يېرىلىپ كېتىدۇ، قۇياش يۆگىلىدۇ ۋە ئاي بىلەن بىر يەرگە كېلىپ قالىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆچىدۇ، سەييارىلەر چېچىلىپ كېتىدۇ، بالىلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (22-سۈرە ھەج، 2-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب
    يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُمْ بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
    ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقۇچى ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ھەقىقەتتە مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ زىلزىلىنى كۆرگەن كۈنۈڭلاردا، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا دەھشەتنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈپ، ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ھەر ھامىلىدار ھامىلىسىنى تۇغۇۋېتىدۇ. ئىنسانلارنى مەست ھالەتتە كۆرىسەن. ئەسلىدە ئۇلار مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۇ سىلكىنىشنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان كۈندە، دەھشەت ۋە قورقۇنچتىن، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ ۋە ھەر ھامىلىدار ھامىلىسىنى تۇغۇۋاتىدۇ. ئى ئىنسان! سەن ئۇ چاغدا باشقا ئىنسانلارنى قورقۇنچتىن مەست كۆرىسەن. ئەسلىدە ئۇلار مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلىپ مەست بولمىغان، لېكىن ئۇ كۈندىكى دەھشەت ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ئەقىل - ھوشىنى يوقىتىۋەتكەن. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە ئىنسانلارنى تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى بايان قىلىپ تەقۋادار بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىدۇ. 3 - ۋە 4 - ئايەتتە ئۇ ئىلاھىي ئەمرگە بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان ۋە ئۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمايدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَانٍ مَرِيدٍ
    بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ قۇدرىتى ۋە سۈپەتلىرى) ئۈستىدە ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەر بىر سەركەش شەيتانغا (يەنى ھەقتىن توسقۇچى كۇففارلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدىغان ۋە ھەر بىر جاھىل شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ ۋە ھەر ئىسيانكار شەيتانغا ئەگىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ئەمرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر بەزى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر ئىلاھلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، ئۇلار پەقەت تەقلىدچىلىك بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن باش تارتقان، شۇنداقلا توغرا يولدىن يىراقلاشقان ھەر شەيتانغا (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئازدۇرغۇچىلارغا) ئەگىشىدۇ. مەسىلەن: 1) ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھالال - ھارام بەلگىلەش ۋە بەيتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىشتەك بىرەر قەبىھ ئىشنى قىلىدۇ، بۇ قەبىھلىكتىن مەنئى قىلىنسا ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىنسا ھېچبىر ئىلمىي دەلىل كۆرسەتمەي ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا تەقلىد قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەتتا «بىزنى بۇ ئىشقا ئاللاھ بۇيرۇغان» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلار بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ، 2) ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئىشەنگەنلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىدۇ، 3) قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (22-سۈرە ھەج، 4-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئازغۇنلۇق
    كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَنْ تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
    ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتان توغرىسىدا يېزىلغان ھۆكۈم شۇ: شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىنى ئازدۇرىدۇ ۋە دوزاخ ئازابىغا باشلايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، شەيتان ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى توغرا يولدىن ئاداشتۇرۇپ دوزاخنىڭ يولىغا باشلايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە شەيتاننىڭ ئىنسانىيەتكە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۇنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان. شەيتاننىڭ ئۆز دوستلىرىنى ۋە گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭدەك، شەيتاننى قوغلىۋەتكەندە، ئۇنىڭغا: «دوزاخنى سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەنكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ (4 -) ئايەتتىمۇ شەيتاننىڭ ئۆز دوستلىرىنى دۇنيادا گۇمراھلىققا، قىيامەت كۈنى دوزاخقا باشلايدىغانلىقىنىڭ، شەيتان ئۈچۈن يېزىلغان تەقدىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. شەيتان ئۈچۈن بۇ تەقدىرنىڭ يېزىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىشى ۋە ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە باشتا ئىككى (1 - ۋە 2 -) ئايەتتە بارلىق ئىنسانلارنى تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى ئەسلىتىپ بۇ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاندىن كېين ئىككى (3 - ۋە 4 -) ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەنە شۇ ئىلاھىي ئەمىرگە ئەمەس، ئەكسىچە شەيتاننىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خاتا تاللىشىنىڭ زىيىنىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەت، ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئەمىر ئالدىدا ئىككى تۈرلۈك بولۇشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەركىن پىكىرلىك ۋە ھۆر ئىرادىلىك قىلىپ ياراتقان، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنى ياخشى يولغا چاقىرغان ۋە يامان يولدىن توسقان. ئىنسان تاللىشىدا ھۆر ۋە ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ توغرا يولغا كېلىدۇ، بەزىلەر شەيتاننىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ ئازغۇنلۇقتا قالىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانلار دۇنيادا توغرا يولدىكىلەر ۋە خاتا يولدىكىلەر بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدۇ، قىيامەت كۈنىمۇ جەننەت ئەھلى ۋە دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانغا بېرىلگەن ئەركىنلىك ھەر ئىككى ئالەمدە خالىغىنىنى تاللاش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە مۇشۇ دۇنيادا خالىغان يولنى ۋە ئۇ يولنىڭ ئاخىرىدىكى مەنزىلنى (جەننەتنى ياكى دوزاخنى) بىرلىكتە تاللاشتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەركىنلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھۆرلۈكنىڭ ھېسابى بار؛ قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز تاللىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ، نەتىجىدە يا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ياكى جازاغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىنساننىڭ ئالدىدا توغرا يولنىڭ قويۇلغانلىقى، ئۇ يولغا كىرگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى پايدا ئالىدىغانلىقى، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللىغانلارنىڭ ئۆزلىرى زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 4 - ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى بىلدۈرىدۇ، قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جازاسىنى بايان قىلىدۇ. 5 ~ 7 - ئايەتلەردە بولسا، قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىغا دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِنْ مُضْغَةٍ مُخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنْ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنْبَتَتْ مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
    ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا ـ ئاستا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، -ئېسىڭلاردا بولسۇنكى-، بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى -ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن- بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز، ئاندىن سىلەر قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشىڭلاردىن شۈبھىلەنسەڭلار شۇنى بىلىڭلاركى: بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن، ئاندىن تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن بىر چاينام گۆشتىن ياراتتۇق. بۇلارنى، سىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. بىز خالىغىنىمىزنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە بالىياتقۇلاردا تۇتىمىز. ئاندىن سىلەرنى بوۋاق ھالىتىدە دۇنياغا كەلتۈرىمىز، ئاندىن ئۇنى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغۇچە يوغىنىتىمىز. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، بىز ئۇنىڭغا سۇ چۈشۈرسەك جانلىنىدۇ، كۆپۈشىدۇ ۋە خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر بىزنىڭ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشىمىز توغرىسىدا شۈبھەڭلار بولسا، بىزنىڭ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى ئويلاپ بېقىڭلار؛ ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىشىڭلارنىڭ باشلانغۇچى ۋە كېيىنكى باسقۇچلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار ۋە شۇنى بىلىڭلاركى: بىز سىلەرنى دەسلەپتە يوق چېغىڭلاردا توپىدىن ياراتتۇق، ئاندىن بىرقانچە باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى بوۋاق ھالىتىڭلاردا دۇنياغا كەلتۈردۇق، ئاندىن سىلەرنى تۈرلۈك لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ ھەر جەھەتتىن كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغۇچە بېقىپ يوغىنىتىمىز، ئاندىن ئىچىڭلاردىن بەزىڭلارنى ياش ھالىتىدە ۋاپات قىلدۇرىمىز، بەزىڭلارنى ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قەدەر ياشىتىمىز. سىلەر بۇ ئەمەلىيەتلەرنى كۈندىلىك ھاياتىڭلاردا كۆرىسىلەر، بىلىسىلەر ۋە ئاڭلايسىلەر. ئى ئىنسانلار! سىلەرنى يوقتىن ئەنە شۇنداق ياراتقان، ياشاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان بىز سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قىيامەت كۈنى قايتا يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز. ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ كۆزقارىشىڭلار بويىچە ئېيتقاندا بۇزۇلغان بىر نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دەسلەپتە ئۇ نەرسە يوق چاغدا يېڭىدىن ئىجاد قىلىشتىن ئاسان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئىككىنچى قېتىم يارىتىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان. ئى ئىنسانلار! سىلەر بىزنىڭ بۇ دەسلەپكى يارىتىشىمىزنى بىلدىڭلار، ئۇنداقتا نېمىشقا ئويلىنىپ باقمايسىلەر؟؛ «بىزنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان ئاللاھ بىزنى ئىككىنچى قېتىم قايتا يارىتىشقا ئاللىقاچان قادىر» دەپ بىلمەيسىلەر؟ يوقتىن يارىتىلىشىڭلارغا قاراپ نېمىشقا قىيامەت كۈنى قايتا يارىتىلىشىڭلارنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟ شۇنى بىلىڭلاركى: بىز سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق ياراتقان بولساق، قىيامەت كۈنى شۇنداق يارىتىپ ئەسلىڭلارغا كەلتۈرىمىز. بۇنى بىز ئۆزىمىزگە ۋەدە قىلدۇق. بىز بۇ ۋەدىمىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇ - دەسلەپتە يوقتىن يارىتىلىشىڭلار، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بىر دەلىلى. بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى: بىز قاقاس زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇ زېمىن ھەرىكەتلىنىدۇ، جانلىنىدۇ، كۆپۈشىدۇ ۋە تۈرلۈك گىياھلارنى ئۈندۈرىدۇ، گىياھلار ئۆسۈپ مەنزىرىلىك باغلارغا، چىرايلىق زىرائەتلەرگە ۋە گۈزەل ئوتلاقلارغا ئايلىنىدۇ. زېمىننىڭ مۇشۇنداق بىر قېتىملىق جانلىنىشىغا، ئۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىگە قارىساڭلار ۋە ئۇلارنىڭ جەريانى ھەققىدە تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟ ئى ئىنسانلار! سىلەر كۆرۈۋاتىسىلەر: ئاللاھ ئاسمان تەرەپتىن قار، يامغۇر ۋە مۆلدۈر ياغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ سۈيى بىلەن زېمىندىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ ۋە سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ زىرائەتلەر، باغلار ۋە يايلاقلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۈنۈپ يېتىشكەن نەرسىلەر كۈز بولغاندا ھوسۇلىنى بېرىپ بولۇپ ھەممىسى سارغىيىپ قۇرۇپ كېتىدۇ ۋە كۇكۇم - تالقان بولۇپ يوق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زېمىن قاقاس ھالەتكە كېلىدۇ ۋە قىش مەزگىلىدە مۇشۇنداق قاقاس ھالەتتە تۇرىدۇ. ئاندىن باھار مەزگىلىدە بىز ھاۋانى ئىسسىتىش ۋە سۇ چۈشۈرۈش بىلەن زېمىننى يەنە جانلاندۇرىمىز. يەنە ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ ۋە ھەر ئۈنگەن نەرسە ئۆسۈپ ۋايىغا يېتىدۇ، ھوسۇلىنى بېرىدۇ ۋە بۇرۇنقىدەك يەنە يوق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّهُ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ،‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى دەسلەپتە ئەنە شۇنداق يوقتىن يارىتىش ۋە قاقاس زېمىننى سۇ بىلەن جانلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي رەب ۋە بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، سىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە ناھايىتى روشەن دەلىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (22-سۈرە ھەج، 7-ئايەت) تىرىلىش قىيامەت ۋاقتى
    وَأَنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ مَنْ فِي الْقُبُورِ
    شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قەبىرلەردىكى كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئۇ ئىشلار (ئىنسانلارنىڭ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىلىشى ۋە زېمىندىن خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈشى)، قىيامەتنىڭ ۋاقتىنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ شەك - شۈبھىسىز ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ قەبرىلەردە ئۆلۈك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئېلىش ۋە قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ناھايىتى روشەن دەلىلدۇر. ئاللاھ تائالا 3 - ۋە 4 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ باشتىكى ئىككى ئايەتتە قىلغان بۇيرۇق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ ئىككى پىرقە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 8 ~ 10 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ (5 ~ 6 - ئايەتلەردە) قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا دەلىل كەلتۈرۈشى، شۇنداقلا ئۇ دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇشى ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ ئىككى پىرقىگە ئايىرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُنِيرٍ
    بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچقانداق ھەقىقىي ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى - خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    بەزىلەر ھېچ قانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ھېچبىر ئىلىمگە، ھېچبىر دەلىلگە ۋە ھېچبىر نۇرلۇق كىتابقا ئاساسلانماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى يارىتىلىشى ۋە زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈشى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە قىلغان بۇيرۇقىمىز ئالدىدا ئىككى پىرقە بولىدۇ: بىرى ئۇ دەلىللەرگە قاراپ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشكە ئىشەنگەن پىرقە، يەنە بىرى ئۇ دەلىللەرگە قارىماستىن شۈبھىلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان پىرقە. بۇ ئىككىنچى پىرقە بىز قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزغا يۇقىرىدىكى دەلىللەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن مۇنازىرىلىشىدۇ. ئۇلارنى بۇ مۇنازىرىگە ئېلىپ بارغان سەۋەب، ئۆزلىرىنىڭ ئىلىمسىزلىكى، ئازغۇنلۇقى ۋە ئىلاھىي كىتابتىن يىراق ئىكەنلىكىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
    ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ، مۇنازىرە ئەسناسىدا مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇشتۇر. بىز ئۇنى دۇنيادا رەسۋا قىلىمىز، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئۇلارنى ئۇ مۇنازىرىگە ئېلىپ بارغان سەۋەب، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش مەقسىتىدۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بار؛ بىز دۇنيادا ھەقنى غالىب قىلىش بىلەن ئۇلارنى رەسۋاچىلىق ۋە خورلۇققا دۇچار قىلىمىز، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ ئازابلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
    (ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا: «-خارلىق بىلەن ئازاب- سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا: «بۇ ئۆزۈڭلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر» دېيىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا، «بۇ ئازاب، ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ سەۋەبىدىندۇر ۋە ئاللاھ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى بولمىغانلىقى، ئەكسىچە ئاللاھ ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر» دېيىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىش باشتا ئىبلىس قىلغان گۇناھ بولۇپ، ئۇ گۇناھ ئىبلىسنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىنىشىغا، قىيامەتكە قەدەر لەنەتگەردى بولۇشىغا ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا مەھكۇم بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. ئاندىن بۇ تەكەببۇرلۇق تارىخ بويىچە ئۆتكەن بارلىق مۇشرىكلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئۇلارنى ئايەتنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا ئۇلارنى دۇنيادا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشتىن توسقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئاللاھ تائالاغا تۈرلۈك بوھتانلارنى چاپلىغان، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەر كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ھاكاۋۇر ئىنسانلاردۇر. ئۇلار تەكەببۇرلۇقىنىڭ جازاسىنى ئۆلۈمى ئەسناسىدا چېكىشكە باشلايدۇ ۋە ۋە ئاخىرەتتە دوزاختا چېكىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: فىرئەۋن، فىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە قوشۇنلىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا ئىشەنمىگەن. ئۇلار بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن دۇنيادا دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىنىپ ھالاك قىلىنغان ۋە لەنەتكە مەھكۇم قىلىنغان، ئاخىرەتتە بولسا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭدەك، ئاد قەۋمى تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھۇد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن. ئۇلار دۇنيادا قاتتىق بوران بىلەن ھالاك قىلىنغان ۋە ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئىلاۋە: ئازغۇن قەۋملەر، گۇمراھ پىرقىلەر ۋە توغرا يولدىن يىراقلاشقان گۇرۇھلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى مۇتەكەببىر ۋە تەرسا بولىدۇ، تۆۋەن تەبىقىسى نادان ۋە تەقلىدچى بولىدۇ. يۇقىرى تەبىقە تۆۋەن تەبىقىنى ئالدايدۇ، تۆۋەن تەبىقە يۇقىرى تەبىقىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۇنيادا ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۆتىدۇ، ئاخىرەتتە بىر- بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشىدۇ، تەقلىدچىلار پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ھەر ئىككى تەبىقىگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا 11 ~ 13 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى ئەمرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ئالدىدا ئۈچىنچى بىر پىرقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
    بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن-تۇراقسىز ھالدا- ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا زىياندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ تەقۋادار بولۇشقا (ئىسلامغا كىرىشكە) قىلغان بۇيرۇقى ئالدىدا جەزمەن ئىشەنگۈچىلەردىنمۇ بولمىغان، قەتئىي ئىنكار قىلغۇچىلاردىنمۇ بولمىغان، ئەكسىچە تەرەددۇت بىلەن قوبۇل قىلغان، ئاندىن توغرا يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋە ھەقنىڭ مەركىزىگە كەلمەي قىرغاقتا تۇرۇپ (شەك، شۈبھە ۋە دېلىغۇللۇق بىلەن) ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىدىغان، شۇنداقلا پايدا - زىيانغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان پىرقىدۇر. بولار ھەقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدۇ، ئەگەر ھەقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خاتىرجەملىك، پاراۋانلىق ۋە ئوڭۇشلۇقتەك بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە دىللىرى ھەقنىڭ توغرىلىقى بىلەن ئارام تاپىدۇ، ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلىدۇ ۋە قايىل بولىدۇ. ناۋادا ھەقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەنسىزلىك، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتەك بىرەر يامانلىققا يولۇقسا ھەقكە قېيىداپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدۇ؛ ھەقنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە تەرك ئېتىدۇ، شۇنداقلا كۇفرىغا قايتىدۇ. بۇلار دۇنيادا كۆزلىگەن ئىززەت - ھۆرمەت، خاتىرجەملىك، بايلىق ۋە جان - مال بىخەتەرلىكىدىن ھېچبىر نەرسىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاخىرەتتە جەننەتتىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي ۋە ئاشكارا زىياندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (22-سۈرە ھەج، 12-ئايەت) شېرىك
    يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنْفَعُهُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
    ئۇ ئاللاھنى قويۇپ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ئاللاھ نى قويۇپ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەخلۇقلارغا دۇئا قىلىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىدۇ. مانا بۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، چوقۇنمىسا جازا بېرىپ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، چوقۇنسا مۇكاپاتلاپ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق نەرسىلەرگە دۇئا قىلىش، يېلىنىپ - يالۋۇرۇش ۋە ئىلتىجا قىلىش (چوقۇنۇش) توغرا يولدىن بەك يىراق ئازغۇنلۇقتۇر، بەك چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (22-سۈرە ھەج، 13-ئايەت) شېرىك
    يَدْعُو لَمَنْ ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِنْ نَفْعِهِ ۚ لَبِئْسَ الْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ
    ئۇ ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ مەبۇد) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان كىشىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ نېمەدېگەن يامان مەدەتكاردۇر ۋە نېمەدېگەن يامان ھەمراھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن كىشىگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇ كىشى نېمىدېگەن يامان ياردەمچى ۋە نېمىدېگەن يامان ھەمراھتۇر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن كىشىگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەبۇدى نېمىدېگەن يامان ھىمايىچى ۋە نېمىدېگەن يامان ھەمراھتۇر! ئەسكەرتىش: ئالدىنقى (12 -) ئايەتتىكى مۇشرىكلار، بۇتقا ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرگە چوقۇنغان مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ (13 -) ئايەتتىكى مۇشرىكلار بولسا، ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانغا چوقۇنغان مۇشرىكلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىككى ئايەتتە پەرقلىق ئىككى نىسبىي ئالماش كەلگەن بولۇپ، بىرىنچى ئايەتتىكى «ما» شەيئىلەر ۋە نەرسىلەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، ئىككىنچى ئايەتتىكى «مەن - من» بولسا شەخسلەر ۋە كىشىلەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئايەتتىكى مۇشرىكلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) فىرئەۋنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ھۆكۈمرانلارغا چوقۇنغانلار. مەسىلەن: پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارغا مۇتلەق مەنىدە ئىتائەت قىلىش ۋە چىن دىلىدىن ئېھتىرام قىلىش ئۇلارغا چوقۇنغانلىق بولىدۇ. پۇقرانىڭ قۇرئان - سۈننەتتىن چەتنەپ كەتكەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارغا قۇرئان - سۈننەتكە قايتىشى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشى، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارنىڭ بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى لازىم. پۇقرا: «باشلىق نېمە دېسە ۋە قانداق قىلسا توغرا» دەپ قارىسا، باشلىق: «مېنىڭ ھەر سۆزۈم راست، ھەر ئىشىم توغرا» دەپ بىلسە، بۇ ئەھۋالدا چوقۇنۇش ۋە چوقۇندۇرۇش شەكىللەنگەن بولىدۇ. 2) ئۆزلىرىنىڭ «ئۇلۇغ زاتلار» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ باشقىلارنى ئۆزلىرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغان «ئۇلۇغلار»غا چوقۇنغانلار. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ موللىلىرىغا چوقۇناتتى، ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ راھىبلىرىغا چوقۇناتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ٣١﴾ «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاكتۇر». ﴿۞يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡأَحۡبَارِ وَٱلرُّهۡبَانِ لَيَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۗ ... ٣٤﴾ «ئى مۇئمىنلار! ئۇ ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ تولىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ...». يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ موللا - ئىشانلىرى نېمە دېسە، ئۇ سۆزنى قۇرئان - سۈننەتكە توغرىلىماستىن ۋە ئەقىل تارازىسى بىلەن تارتماستىن شۇنىڭغا مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنۇش، ئۇلار قانداق ئىش قىلسا «توغرا» دەپ بىلىش ۋە ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ئۇ موللا - ئىشانلارغا چوقۇنغانلىق بولىدۇ. ئۇ موللا - ئىشانلار بۇنىڭغا رازى بولسا ئۇ كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە چوقۇندۇرغان بولىدۇ. مانا بۇ مۇشرىكلار دۇنيادا ئۆزلىرى چوقۇنغان ئەنە شۇ كىشىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى بىر- بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشىدۇ ۋە لەنەت ئوقۇشىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە: ﴿... كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَّعَنَتْ أُخْتَهَاۖ حَتَّىٰ إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِّنَ النَّارِۖ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَٰكِن لَّا تَعْلَمُونَ ٣٨ وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِن فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْسِبُونَ ٣٩ ﴾ «... دوزاخقا كىرگەن ھەر جامائە يەنە بىر جامائەگە لەنەت ئوقۇيدۇ. باشتا كاتتىباشلار، ئاندىن ئەگەشكۈچى گۇرۇھلار ئارقا - ئارقىدىن دوزاخقا كىرىپ، ھەممىسى جەم بولغان چاغدا، ئەگەشكۈچىلەر كاتتىباشلار ھەققىدە: ‹رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرغان، شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلغىن› دەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا: ‹ھەر بىرىڭلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ، لېكىن سىلەردىن ھەر پىرقە باشقا پىرقىنىڭ ھەسسىلەپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ› دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دوزاخقا باشتا كىرگەن كاتتىباشلىرى، كېيىن كىرگەن ئەگەشكۈچى گۇرۇھلارغا ئېيتىدۇ: ‹سىلەرنىڭ بىزدىن يەڭگىل ئازاب چېكىشىڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، چۈنكى بىز ئازغۇنلۇقتا ۋە ئازابقا لايىق بولۇشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش، شۇڭلاشقا ئۆز گۇناھىڭلار سەۋەبىدىن ئازابنى تېتىڭلار!›». ﴿وَبَرَزُواْ لِلَّهِ جَمِيعٗا فَقَالَ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا مِنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ قَالُواْ لَوۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيۡنَٰكُمۡۖ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَجَزِعۡنَآ أَمۡ صَبَرۡنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٖ ٢١﴾ «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: ‹ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، ھازىر سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىرەر نەرسە دەپئى قىلالامسىلەر؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹ئەگەر ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتسە ئىدى، بىزمۇ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ھازىر نالە - پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ ئوخشاش. قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىمىز يوق› دەيدۇ». ﴿يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ يَقُولُونَ يَالَيْتَنَا أَطَعْنَا اللَّهَ وَأَطَعْنَا الرَّسُولَا ٦٦ وَقَالُوا رَبَّنَا إِنَّا أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَاءَنَا فَأَضَلُّونَا السَّبِيلَا ٦٧ رَبَّنَا آتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ الْعَذَابِ وَالْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا ٦٨ ﴾ «ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: ‹كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!›. ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىز ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ. رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابتىن ئىككى ھەسسە بەرگىن، ئۇلارنى چوڭ لەنەت بىلەن لەنەتلىگىن›». ئەنە شۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان مۇشرىكلارغا ئۆز مەبۇدلىرى دۇنيادا ئانچە - مۇنچە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئۆز مەبۇدلىرىدىن يېتىدىغان زىيان كۆپتۇر. ئۇ مۇشرىكلار مەبۇدلىرىدىن كۆزلىگەن پايدىغا ئېرىشىپ بولغۇچىلىك نۇرغۇنلىغان زىيان تارتىدۇ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ؛ كىشلىكىنى يوقتىدۇ، ئىززەت - غۇرۇرىنى قۇربان قىلىدۇ، ۋاقتىنى ۋە ھاياتىنى پىدا قىلىدۇ. ئالىدىغان پايدىسى بولسا، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىدىن پارچە - پۇرات نەرسىلەر ۋە چەكلىك ئىززەت - ئابرۇيدۇر. ئۇلارغا بۇ مەبۇدلىرىدىن ئاخىرەتتە ھېچ پايدا كەلمەيدۇ، تامامەن زىيان يېتىدۇ؛ ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئەنە شۇ مەبۇدلىرى ئۇلار ئۈچۈن بەك يامان ھىمايىچىدۇر، چۈنكى بۇ مەبۇدلار ئۆز ھىمايىلىرىگە سېغىنغان چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدا بېرىشتىن ئىلگىرى زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ مەبۇدلار ناھايىتى يامان ھەمراھتۇر، چۈنكى ئۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ كەينىدىن ماڭغان يولداشلىرىنى خەتەرلىك مەنزىلگە باشلاپ بارىدۇ. مەسىلەن: فىرئەۋن ئۆزىگە چوقۇنغانلارنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇلارغا بەزى مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەتتى، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىگە چوقۇندۇراتتى. فىرئەۋن ئۇلارنى دۇنيادا ھالاكەتكە، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا ئېلىپ باردى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدە بارلىق ئىنسانلارنى تەقۋادار بولۇشقا (ئىسلامغا كىرىشكە) بۇيرۇيدۇ، ئاندىن 3 -، 4 - ۋە 8 ~ 10 - ئايەتلىرىدە ئۇ بۇيرۇقىغا تەقلىدچىلىك ۋە تەرسالىق بىلەن بويسۇنمىغان كىشىلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 11 ~ 13 - ئايەتلىرىدە ئۇ بۇيرۇقىغا ئۆز مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ بويسۇنىدىغان (مۇنافىقلار)لارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جازاسىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن 14 - ئايەتتە مەزكۇر بۇيرۇقىغا لايىق رەۋىشتە بويسۇنغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (22-سۈرە ھەج، 14-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات ئىمان
    إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ. «ئىمان ئېيتىش» - ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى، ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «ياخشى ئەمەللەر» - ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى قىلىشقا بۇيرۇغان، تەرغىب قىلغان ۋە ئۆگەتكەن ئىشلاردۇر. «جەننەتلەر» - دۇنيادا ھەق ئۈستىدە ياشىغانلارنىڭ ئاخىرەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان يېرى بولغان «جەننەت»تىكى باغ ۋە باغچىلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ياخشىلارنىڭ ئاخىرەتتىكى يۇرتى بىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك باغلار بار. قۇرئان كەرىمدە بىرلىك شەكىلدە كەلگەن «جەننەت»، ئەنە شۇ يۇرتنى، «كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن «جەننەتلەر» ئەنە شۇ باغلارنى ئىپادىلەيدۇ. «ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەر» - جەننەتتىكى دەرەخلەر ۋە سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە سۇ، يېڭى سۈت، سۈزمە ھەسەل ۋە لەزەتلىك مەي ئۆستەڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ» - ئاللاھ تائالا خالىغىنى خالىغىنى بويىچە قىلىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە، دۇنيادا ھەق ئۈستىدە ياشىغانلارنى قىيامەت كۈنى جەننەتكە، دۇنيادا باتىل ئۈستىدە ياشىغانلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ جۈملىدە ئۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا، لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغان كىشىلەرگە دۇنيادا ئىززەت، ئاخىرەتتە ئەنە شۇ جەننەت باغچىلىرىنى ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (22-سۈرە ھەج، 15-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش
    مَنْ كَانَ يَظُنُّ أَنْ لَنْ يَنْصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنْظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ
    كىمكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا. چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ ئاسمانغا بىر سەۋەب بىلەن -قولىنى- ئۇزاتسۇن، ئاندىن -باشقا مۇناسىۋەتلىرىنى-كەسسۇن، ئاندىن قارىسۇنكى، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ماڭا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن ئاندىن كەسسۇن. ئۇ كىشى قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇئمىنلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىرادە قىلغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئايەتتە بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي نۇسرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمان ۋە ئەمەلدە خالىس بولۇش، توغرا يولدا ئاداققىچە غەيرەت قىلىش، ئۈمىدۋار بولۇش ۋە بەل قويۇۋەتمەسلىك لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلامغا كىرگەن كىشى ھەرقانداق شارائىتتا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىمانىنى ۋە ياردىمىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتماسلىقى لازىم. كىمكى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئويلاپ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ: «ئاللاھ ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم قىلمايدۇ» دەپ ئويلىسا، ئۇ كىشى (قولىدىن كەلسە) ئاسمانغا بىر ئارغامچا ئۇزارتىپ، ئۇنىڭغا ئېسىلسۇن، ئاندىن ئارغامچىنى كەسسۇن، ئاندىن قارىسۇن: بۇ چارىسى نۇسرەتنى تېزلىتەلەمدۇ؟ كۆرۈپ باقسۇن. ئەسلا تېزلىتەلمەيدۇ. چۈنكى ئىلاھىي نۇسرەتنىڭ كېلىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار. شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلمىگىچە نۇسرەت كەلمەيدۇ. نۇسرەت تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. شۇنىڭ ئېنىق بىلىنىشى لازىمكى: ئىمان كەلتۈرۈپلا تۈرلۈك ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشنى، ھېچقانداق يامانلىققا يولۇقماسلىقنى ۋە ھەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلاش خاتادۇر. مۇئمىنلار تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ ۋە ئېغىر بالا - مۇسىبەتلەرگە يولۇقىدۇ. دۇنيادا نۇسرەتكە ئېرىشىش ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش، سىناقلاردىن ئۆتكەن، بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان، شۇنداقلا ئىلاھىي رەھمەتكە بولغان ئۈمىدىنى يوقاتمىغان، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرمىغان ۋە كۈرىشىنى توختاتمىغان مۇئمىنلارغىلا نېسىپ بولىدىغان رەھمەتتۇر. مۇئمىن، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىشى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھېچقاچان نائۈمىد بولماسلىقى، رەھمەت كېچىكسە سەۋرسىزلىك قىلماسلىقى لازىم. ئۆزىنىڭ ئىمان ۋە ئەمىلىنى ياخشىلىققا ئېرىشسە داۋاملاشتۇرۇش، يامانلىققا يولۇقسا كەينىگە يېنىۋېلىش مەنپەئەتپەرەسلىك بولۇپ، ئۇ مۇنافىقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىمانىدا سادىق بولغانلارنى مۇكاپاتلايدۇ، مۇنافىقلارنى تەۋبە قىلمىسا ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يُرِيدُ
    شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش)، قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭغا ئوخشاش بىز قۇرئاننى روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق روشەن ئايەتلەر ھالىتىدە نازىل قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىرادە قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا 1 ~ 15 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىقىنى، ئۇ دەۋەت ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق پوزىتسىيەلەر تۇتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنى ئەنە شۇنداق ئېنىق ۋە روشەن ئايەتلەر ھالىتىدە نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشىمىزنى ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ دەۋىتىمىز ئالدىدا پىرقىلەرگە ئايرىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (يۇقىردىكى) ئايەتلەرنى ھەر جەھەتتىن روشەن ئايەتلەر ھالەتتە نازىل قىلغىنىمىزدەك، قۇرئاننىڭ تامامىنى ھەر جەھەتتىن روشەن ھالەتتە نازىل قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ «روشەن كىتاب - الكتاب المبين» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى «روشەن ئايەتلەر - آيات بينات» ھالىتىدە نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. «روشەن ئايەتلەر» - ھەقىقەتلەرنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدىغان ئايەتلەر دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتتە ئايەتلەرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكتە نازىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، «ئاللاھ ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە كېلىدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا مۇنداق ئىپادىلەر كېلىدۇ: «ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»، «ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ». «روشەن ئايەتلەرگە پەقەت يولدىن چىققانلارلا كافىر بولىدۇ»، «ئى ئىنسانلار! بەندىمىزگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلىشىمىز سىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ سىلەرگە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر». بۇ ئىپادىلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى جاھالەت، خۇراپات، شېرىك ۋە كۇفرىلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىلىم، ھەقىقەت، تەۋھىد ۋە ئىمان نۇرىغا چىقسۇن دەپ ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق تىلى راۋان ۋە مەنىسى ئوچۇق ھالەتتە تۈزۈپ نازىل قىلغان. بۇ «روشەن ئايەتلەر»نى تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئادەملەرلا ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، ھەقىقەتنى تاپسا قوبۇل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەملەر ئۇ ئايەتلەرگە ئىشىنىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا مانا مۇشۇنداق رايىش ئادەملەرنى ھىدايەت قىلىدۇ (يولىغا قوبۇل قىلىدۇ ۋە يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ). ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەردە خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە باشقا بىرقانچە ئايەتتە بولسا، يالغانچى، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، فاسىقلارنى، زالىملارنى، كافىرلارنى، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ھەقتىن شۈبھىلەنگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھىدايەت قىلىشى ۋە ئازدۇرۇشى ئۈچۈن كىملەرنى خالايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ بىلدۈرۈشىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ناھايىتى ئېنىق مەلۇم بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا، تۇزكورلۇقتىن، يالغانچىلىقتىن ۋە ھەددىدىن ئېشىشتىن ساقلانغانلارنى ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن خالايدۇ ۋە ھىدايەت قىلىدۇ. يەنى ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ياردەم قىلىدۇ ۋە ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلىدۇ. كۇفرىلىق، زالىملىق، فاسىقلىق قىلغان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ھەقتىن شۈبھىلەنگەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن خالايدۇ ۋە ئازدۇرىدۇ. يەنى ئۇلارنى مەدەت ۋە ياردەمسىز قويىدۇ، رەھمىتىدىن يىراق تۇتىدۇ، توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا 3 ~ 15 - ئايەتلەردە ئىسلامغا قىلىنغان ئىلاھىي دەۋەت ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ بىرقانچە تۈرگە ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 16 - ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 17 - ۋە 18 - ئايەتلەردە بولسا، ھەقىقەتكە قارشى چىققان ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق ئىسىملار بىلەن ئاتالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ بايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن كىمنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنى ئىرادە قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
    مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر ۋە شېرىك كەلتۈرگەنلەر ئارىسىدا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار، ناسارالار، مەجۇسىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئايرىيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى قىيامەت كۈنى ئايرىيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دۇنيادا ھەق ئۈستىدە ياشىغان (مۇئمىن)لارنى، باتىل ئۈستىدە ياشىغان (گۇرۇھ)لاردىن ئايرىپ جەننەتكە كىرگۈزۈپ مۇكاپاتلايدۇ، باشقا گۇرۇھلارنى بولسا دوزاخقا تاشلاپ جازالايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ئايەتتىكى «مۇئمىنلار»، «يەھۇدىيلار»، «ناسارالار» ۋە «سابىئىيلار» ھەققىدە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 62 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. «مەجۇسىيلار» ۋە «مۇشرىكلار» ھەققىدە تۆۋەندە مەلۇمات بېرىلىدۇ: 1) «مەجۇسىيلىق» - ئەسلىدە «ياخشىلىق ئىلاھى» ۋە «يامانلىق ئىلاھى»دىن ئىبارەت ئىككى ئىلاھ بار دەپ قاراش بولۇپ، ئۇنى دەسلەپتە زوروئاستېر پەيدا قىلغان، ئاندىن ئۇ ئادەم تەشۋىق قىلغان ئېتىقاد ۋە پىكىرلەر، قەدىمكى ئىران ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەن بىرلىشىپ «مەجۇسىيلىق دىنى» بولۇپ شەكىللەنگەن ۋە بۇ دىننىڭ مۇخلىسلىرى «مەجۇسىيلار» دەپ ئاتالغان. بەزى تارىخىي مەنبەلەردىكى «زوروئاستېرىزم»، «مازدېئىزم»، «ئوتپەرەسلىك» دېگەن ئاتالغۇلار ئەنە شۇ «مەجۇسىيلىق دىنى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، جەمئىيەتتە مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە دىنىي پىرقە دەپ تونۇلغان ئالتە پىرقىنى زىكىر قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى قىيامەت كۈنى ئايرىيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە بۇ ئالتە پىرقىنىڭ ئىچىدىن مەجۇسىيلار ۋە مۇشرىكلاردىن باشقا تۆت پىرقىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، «مەجۇسىيلار»مۇ ئازغۇن قەۋملەرنىڭ بىرى بولۇپ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا مۇئامىلە كۆرىدۇ (دوزاخقا تاشلىنىدۇ). 2) «مۇشرىكلار»غا كەلسەك، بۇلار بۇتنى، شەيتاننى، نەپسى خاھىشىنى، بىرەر كىشىنى ياكى بىرەر نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بارلىق ئازغۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە «مۇئمىنلار»دىن باشقا پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىنى «مۇشرىكلار» دېگەن ئاتالغۇ ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، لېكىن ئۇ پىرقىلەر ئۆزلىرىنى باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتىغانلىقى ۋە شۇنداق تونۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ئۇلار ئۆزلىرىىنىڭ مەشھۇر ئىسىملىرى بىلەن ۋە قالغان بارلىق ئازغۇنلار «مۇشرىكلار» دېگەن ئومۇمىي ئىسىم بىلەن ئاتالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
    بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بولسا ئازاب ھەق بولدى، ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسى بولسا ئازابقا لايىق بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاسمانلاردىكى كىشىلەر (پەرىشتىلەر)، زېمىندىكى كىشىلەر (يەر يۈزىدىكى پەرىشتىلەر ۋە جىنلارنىڭ مۇئمىنلىرى)، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. شۇنىڭدەك، نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلىپ مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولماقتا، نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماي ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولماقتىدۇر. ئاللاھ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىپ خارلىغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ؛ ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى «ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېگەن ئىپادە، «ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە يۇقىرىدا 16 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ سەجدىسىنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ سەجدىسىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىمۇ ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئاللاھ تائالا 18 - ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ «ئاللاھقا سەجدە قىلىپ مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولغانلار»، «ئاللاھقا سەجدە قىلماي ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلار» دەپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 19 ~ 24 - ئايەتلەردە ئۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇمەت، جېدەل - ماجىرا ۋە زىددىيەتنىڭ شەكلىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋاللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (22-سۈرە ھەج، 19-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    هَٰذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِنْ نَارٍ يُصَبُّ مِنْ فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ
    (مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئىككى - پىرقە- پەرۋەردىگارلىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئىككىسى رەببى توغرىسىدا جېدەللەشكەن ئىككى پىرقىدۇر: كافىر بولغانلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ ۋە باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن قايناق سۇ تۆكىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولغان ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان، بىر - بىرى بىلەن كېلىشەلمىگەن ۋە ھەر بىرى ئۆزىنى ھەقلىق دەپ دەۋا قىلغان، نەتىجىدە بىرى مۇئمىن، يەنە بىرى كافىر بولۇپ ئىككىگە ئايرىلغان ئىككى پىرقىدۇر. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ ؛ ھەر پىرقىگە ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرى بىلەن لايىق بولغان نەتىجىسىنى بېرىدۇ (ياخشىغا مۇكاپات، يامانغا جازا بېرىدۇ). كافىر بولغان پىرقىگە كەلسەك، ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، دوزاخ ئوتىدىن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە باب كېلىدىغان كىيىم شەكلىدە پارچىلار ئۇلارنى ئوراپ تۇرىدۇ ۋە كۆيدۈرۈپ قىينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ تۆكۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (22-سۈرە ھەج، 20-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    يُصْهَرُ بِهِ مَا فِي بُطُونِهِمْ وَالْجُلُودُ
    ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ -باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ - باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سۇ ئۇلارنىڭ ئىچ ئەزالىرىنى ۋە تېرىلىرىنى ئېرىتىۋېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    تۆكۈلگەن قايناق سۇ ئۇلارنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ قورساقلىرىدىكى ئەزالىرىنى ئېرىتىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ تېرىلىرىگە يېتىپ بېرىپ تېرىلىرىنىمۇ ئېرىتىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (22-سۈرە ھەج، 21-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    وَلَهُمْ مَقَامِعُ مِنْ حَدِيدٍ
    ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار تۆمۈر ـ توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا تۆمۈر توقماقلار بار؛ مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارنى تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (22-سۈرە ھەج، 22-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    كُلَّمَا أَرَادُوا أَنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا مِنْ غَمٍّ أُعِيدُوا فِيهَا وَذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
    ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم ـ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر قاچان ئۇلار غەم ـ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، -ئۇلارغا- كۆيدۈرگۈچى -دوزاخ- ئازابىنى تېتىڭلار - دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار دەرد - ئەلەمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا، «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» دەپ ئازار بېرىلىپ ئارقىسىغا قايتۇرۇلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن، قاچانىكى دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە ياندۇرۇۋېتىلىدۇ ۋە ئۇلارغا، «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازابى دائىمىي، ئازاب چېكىش مۇددىتى ئەبەدىيدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار دوزاختىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ. ئەسكەرتىش: دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئوتتىن كىيىم كىيىش، ئۈستىگە قايناق سۇ تۆكۈلۈش ۋە تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلۇشلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارغا باشقا ئازابلارنىڭمۇ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە 89 - سۈرە (فەجر)، 25 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇئمىنلارنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتلەردىكى كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇئمىن بولغان پىرقىگە كەلسەك، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ باغچىلاردىكى كىيىمى يىپەكتۇر. ئەسكەرتىش: جەننەت ئەھلى جەننەتتە ئېرىشىدىغان نېمەتلەر بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغانلار بىلەن چەكلىك ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلار ئېرىشىدىغان نېمەتلەر كۆپ، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تۈرلۈك نېمەت بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ماددىي نېمەتلەر - گۆش ۋە مېۋىلەردىن ئىبارەت يېمەكلىكلەر، بۇزۇلمىغان سۇ، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت، لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل، كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىك، زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان سەلسەبىل بۇلىقىنىڭ ئىچىملىكى، بىر خىل پاك ئىچىملىك، ئاخىرى ئىپار بولغان ساپ بىر خىل ئىچىملىك قاتارلىق ئىچىملىكلەر، نېپىز ۋە قېلىن تاۋار - دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەر، ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتتىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردۇر. مەنىۋى نېمەتلەر بولسا، جەننەت ئەھلى بولغان ئائىلە - تاۋابىئات ۋە يېقىن - يورۇقلار بىر يەرگە جەم بولۇش، گۈزەل مۇھىتتا ياخشى كۈتۈلۈش، چەكسىز ئىززەت - ئىكرام كۆرۈش، ھەقىقىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىش، مىسلىسىز خۇشاللىققا چۆمۈش ۋە ئاللاھنىڭ رازى بولغانلىق ئېلانىنى ئاڭلاپ ئەڭ بۈيۈك بەختىيارلىق ھېس قىلىش قاتارلىق نېمەتلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَىٰ صِرَاطِ الْحَمِيدِ
    ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ياخشى سۆز-كەلىمە تەۋھىد-كە ھىدايەت قىلىندى؛ يەنە ئۇلار ماختالغان يولغا ھىدايەت قىلىندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار چىرايلىق سۆز قىلىشقا ھىدايەت قىلىندى ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇ مۇئمىن پىرقىنىڭ كۆڭلىگە چىرايلىق سۆز قىلىشنى سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر - سانا ئېيتىدۇ، بىر - بىرىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۆزئارا قىزغىن سالاملىشىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار جەننەتكە كىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَذۡهَبَ عَنَّا ٱلۡحَزَنَۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٞ شَكُورٌ ٣٤ ٱلَّذِيٓ أَحَلَّنَا دَارَ ٱلۡمُقَامَةِ مِن فَضۡلِهِۦ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٞ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٞ ٣٥﴾ «بىزدىن غەم - قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىسىزكى، رەببىمىز مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن بىزنى ئەبەدىي يۇرتقا يەرلەشتۈردى. بىز بۇ يۇرتتا ھېچ ھارمايمىز ۋە ھېچ چارچىمايمىز». ﴿ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي صَدَقَنَا وَعۡدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلۡأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلۡجَنَّةِ حَيۡثُ نَشَآءُۖ فَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ ٧٤﴾ «بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ۋە بىزنى بۇ يەرگە ۋارىس قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. جەننەتتە خالىغان يېرىمىزگە ئورۇنلىشالايمىز. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!». لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغان ئۇ كىشىلەر، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشكە ۋە جەننەتتە ئەنە شۇنداق چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىشقا يېتەكلەنگەندەك، دۇنيادا توغرا يولغا مۇيەسسەر ۋە ئۇ يولدا مۇۋەپپەق قىلىنغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (22-سۈرە ھەج، 25-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ھەرەم مەسجىدى
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ ۚ وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
    كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا _ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن _ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلار، ـ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن ـ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلار بارغۇ؟ بىز مەسجىدى ھەرامدا زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئىنسانلارنى توسۇپ كېلىۋاتقانلارغا ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز. بىز مەسجىدى ھەرەمنى يەرلىك بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولسۇن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاشلا قىبلە قىلىپ بەردۇق. بىز يەنە مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغانلارغىمۇ ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا 19 ~ 24 - ئايەتلەردە كافىرلارنىڭ ۋە مۇئىمنلارنىڭ ئارىسىنى قىيامەت كۈنى قانداق ئايرىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۇ كافىرلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇ يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارغان سەۋەبنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ، قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە كافىر بولغان، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (ئىسلامغا كىرىشتىن، ھىجرەت قىلىشتىن ۋە جىھادقا قاتنىشىشتىن)، بىز يەرلىك بولسۇن ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بارلىق ئىنسانلارغا قىبلە ۋە تاۋاپگاھ قىلغان ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇۋاتقان ئادەملەر قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بىز ھەرەم مەسجىدىدە شېرىك كەلتۈرۈش ۋە باشقىلارغا ناھەقچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىگە ئەلەملىك ئازابتىن تېتىتىمىز. دەرۋەقە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇش ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ يولىغا كىرىش، ئاللاھ ھەر ئىنسانغا بەرگەن ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئۆزى خالىغان يولنى تاللاشقا ئىشلەتكەنلىك، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلىقتۇر. بەيتۇللاھ بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلار ئۈچۈن تۇنجى ئىبادەتگاھ قىلىپ بەلگىلەنگەن، ئىنسانلارنىڭ خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە جەم بولۇش ۋە ئامانلىقتا بولۇش يېرى قىلىنغان جاي ۋە ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيىدۇر. شۇڭلاشقا باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان كىشى ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن بىرگە - دىنغا كىرىش ھوقۇقىغا رىئايە قىلمىغان ۋە ئاللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، باشقىلارنى بەيتۇللاھتىن توسقان كىشى، بەيتۇللاھنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش، ئاللاھقا قارشى چىقىش، ئىنسانلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ئامانلىقتا بولۇشى كېرەك بولغان جايدا بىئارام قىلىش قاتارلىق گۇناھلارنى قىلغان بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ كىشى ئەنە شۇ جىنايەت ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 25 - ئايەتتە بەيتۇللاھنىڭ تەۋەلىكىدە شېرىك كەلتۈرگەن ۋە باشقىلارغا ناھەقچىلىك قىلغانلارنىڭ ئەلەملىك ئازاب بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 26 ~ 29 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بەيتۇللاھنى قايتا بىنا قىلىشقا، ئۇنى ماددىي - مەنىۋى ھەر تۈرلۈك نىجاسەتتىن پاك تۇتۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئامانلىق ۋە ھۇزۇر ئىچىدە مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىشى، شۇنداقلا ھەج پائالىيىتى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ھەرەم مەسجىدىدە شېرىك كەلتۈرۈش ۋە باشقىلارغا ھەقسىزلىق قىلىش ئارقىلىق بەيتۇللاھنى مەينەت قىلىش گۇناھىنى قىلغانلىقىغا ۋە ھەرەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئەلەملىك ئازابقا لايىق بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (22-سۈرە ھەج، 26-ئايەت) تەۋھىد ھەج تاۋاپ
    وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيامدا تۇرغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، -ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى-: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيام قىلغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ - سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى، بەيتۇللاھنى سالغان ۋە بىز بەيتۇللاھنى پاك تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن دەپ دەۋا قىلىدىغان، لېكىن ئۇ ئىبراھىمنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بۇ مۇشرىكلارغا، ئىبراھىمنىڭ بەيتۇللاھنى بىنا قىلىش، بەيتۇللاھنى پاك تۇتۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بىزدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان چاغلاردىكى قىسسىسىنى بايان قىلغىن: بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنى بولغان جاينى كۆرسىتىپ، ئۇنى شۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنى بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرمەسلىكى، مېنىڭ ئۆيۈم بولغان بەيتۇللاھنى تاۋاپ ۋە ناماز ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك نىجاسەت (بۇت ۋە ئەخلەت)لەردىن پاك تۇتۇشى لازىملىقىنى تاپىلىغان ئىدۇق. «كەئبە» - ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلار ئۈچۈن تۇنجى ئىبادەتگاھ قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئاندىن ئۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى توپان بالاسىدا يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇللىرى قالغان ۋە ئىزناسى قالمىغان. لېكىن ئۇنىڭ مەككىدە ئىكەنلىكى بىلىنەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كۆرسىتىپ، ئۇنى كەبىنى قايتا سېلىشقا بۇيرۇغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنى كونا ئۇللىرىنىڭ ئۈستىگە قايتا سالغان. كەئبىنىڭ بىناسى پۈتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا «مېنىڭ ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچى، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچى ۋە ناماز ئۆتىگۈچىلەر ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان. بۇ (26 -) ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كەئبىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى بىنا قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدىمۇ ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن كەئبە باشتىلا تەۋھىد ۋە تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (22-سۈرە ھەج، 27-ئايەت) ھەج
    وَأَذِّنْ فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِنْ كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ
    كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئۇرۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئۇرۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بىز ئىبراھىمنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: «سەن ھەجنى ئېلان قىلساڭ، ئىنسانلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ. كەئبە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى توپان بالاسىدا يوق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر قىلىشى ۋە ئورنىنى كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنى قايتا سالغانغا قەدەر ھەج پائالىيىتىمۇ بولمىغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ بىناسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەج ئىبادىتى قايتا باشلانغان. كەئبىنىڭ يەر يۈزىدىكى تۇنجى ئىبادەتگاھ قىلىنىشى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ۋە ئوغلىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىپ قويۇپ قويغاندىن كېيىن: «رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم» دېيىشى، ئۇنىڭ كەئبىنى ئۇللىرىدىن باشلاپ سېلىشى ۋە «بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن» دەپ دۇئا قىلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىل» دەپ ئەمىر قىلىشى قاتارلىقلار دالالەت قىلىدۇكى: كەئبە ۋە ھەج ئىبادىتى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇت. لېكىن ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە ھەجنىڭ بەزى ئەھكاملىرى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىكى ھەج ئىبادىتىدە سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدىكى سەئىينىڭ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھاجەرنىڭ سۇ ئىزدەپ مەزكۇر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈشىدىن كېلىپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (22-سۈرە ھەج، 28-ئايەت) شۈكۈر قۇربانلىق
    لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۖ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ
    كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىنى ۋە دىنىي مەنپەئەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن. ھەمدە ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى تەشرىق كۈنلىرىدە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەنە شۇ شەكىللەردە كېلىدۇ. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلىق ئىچىدە قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگىمۇ يېگۈزۈڭلار. ھاجىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆرۈشى - ئۇلارنىڭ دۇنيالىق جەھەتتىن ھەج مەۋسۇمىدا خەلقئارالىق ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا ھەر تۈرلۈك ئېلىم - بېرىم قىلىشىپ ۋە كېلىشىم - توختام تۈزىشىپ دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرەتلىك جەھەتتىن ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىنى ئادا قىلىش، تەقۋالىققا ئادەتلىنىش، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىش قاتارلىق مەنىۋى پايدىلارغا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (22-سۈرە ھەج، 29-ئايەت) ھەج تاۋاپ
    ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ
    ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن (يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن)، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن[1]، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي ئۆي-بەيتۇللاھ-نى تاۋاپ قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەجنىڭ قالغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىقسۇن[1]، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن[2] ۋە بەيتى ئەتىقنى تاۋاف قىلسۇن[3]».‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەج ئېلانىنى ئاڭلاپ بەيتۇللاھقا كەلگەنلەر ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىقسۇن، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن ۋە «بەيتى ئەتىق»نى تاۋاپ قىلسۇن. ھەج پائالىيەتلىرى - زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 - ياكى 9 - كۈنىدىن باشلاپ، 12 - كۈنىگىچە ياكى خالىغانلار 13 - كۈنىگىچە بەيتۇللاھ ئورۇن ئالغان شەھەر مەككىدە بەلگىلەنگەن جايلاردا، بەلگىلىگەن كۈنلەردە مۇئەييەن شەكىللەردە ئادا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردۇر. ئېھرام باغلاش - ئەرلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپ ئىككى پارچە رەختكە ئورىنىش، ئاياللار ئۈچۈن ئۆز كىيىملىرىنى ئىبادەت نىيىتى بىلەن كىيىشتۇر. ئېھرامدىن چىقىش - چاچنى چۈشۈرتۈش ياكى قىسقارتىش ۋە بەدەن تازىلىقى قىلىپ ئادەتتىكى كىيىمىنى كىيىشتۇر. نەزىر- ھەجدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مۇنچىلىك قۇربانلىق قىلىمەن ياكى مۇنچىلىك سەدىقە بېرىمەن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئادا قىلىشنى ئۆزىگە ئۆزى ۋەزىپە قىلغان ياخشى ئىشتۇر. «بەيت» ئۆي، «ئەتىق» كونا، ئازاد قىلىنغان دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، بۇ ئىككى كەلىمە كەئبىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كەئبە ھەم يەر يۈزىگە سېلىنغان ئەڭ قەدىمىي ئۆيدۇر، ھەمدە ئاللاھ تائالا دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن ساقلاپ ئازاد ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئۆيدۇر. ئۇ ئۆينىڭ «ھەرەم»، «مۇھەررەم»، ئۇ ئۆي ئورۇن ئالغان شەھەرنىڭ «بەلەدى ئەمىن» دەپ سۈپەتلىنىشى قاتارلىقلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تاۋاپ - كەئبىنىڭ ئەتراپىدا 7 قېتىم ئوڭ ئايلىنىشتۇر. بۇ، كەئبىنى سول تەرىپىگە ئېلىپ مۇئەييەن نۇقتىدىن باشلاپ شۇ نۇقتىغا كەلگەندە بىر ھېسابلاش ۋە بۇ شەكىلدە يەتتە قېتىم ئايلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەتتە قېتىم ئايلىنىش بىر تاۋاپ قىلغانلىق بولۇپ، بۇ يەردىكى تاۋاپ ھەجنىڭ پەرز تاۋاپىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى 27 ~ 30 - ئايەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، تاۋاپ قىلىشقا قىلىنغان بۇيرۇق پېئىلىنىڭ شەكلى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 25 ~ 29 - ئايەتلەردە بەيتۇللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى، بەيتۇللاھ بىلەن ۋە ھەج ئىبادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بىلدۈرىدۇ. 30 ~ 38 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ ئەھكاملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھكاملارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۗ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ الْأَنْعَامُ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ۖ فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ
    (ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    -ھەج ئىبادىتى- ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا[1]، بۇ، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا - ھاراملىقى- بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەج ئەنە شۇدۇر. كىم ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان نەرسىلەرگە ھۆرمەت قىلسا، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ھالال قىلىندى، لېكىن بۇلاردىن قۇرئاندا ھاراملىقى بايان قىلىنغانلىرى مۇستەسنا[4]. ئۇنداقتا بۇتلاردىن ئىبارەت بولغان نىجاسەتتىن ساقلىنىڭلار، يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئەھكاملارغا رىئايە قىلىش مۇھىمدۇر ۋە خەيرلىكتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇلۇغ بىلىپ ئادا قىلسا ۋە چەكلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاپ ئۇلاردىن ساقلانسا، ئۇ كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ھالال قىلدى. سىلەرگە پەقەت ھازىرغىچە ھارام قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن نەرسىلەر (تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ئۇلارنى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان) ھارامدۇر. ئۇنداقتا، ئى ئىنسانلار! بۇتلاردىن ئىبارەت بولغان نىجىستىن ساقلىنىڭلار. شۇنىڭدەك، يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار. بۇ ئايەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەج بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنىڭ ئىچىدە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ھاجىلار ئۈچۈن ئېھرام باغلاش بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاللىقىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم). 2) «بۇتلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ئەۋسان - أوثان» بولۇپ، ئۇنىڭ بىرلىك شەكلى ۋەسەندۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان نەرسە ۋە چوقۇنۇلىشىغا رازى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەربىرى بىرەر «ۋەسەن»دۇر (چوقۇنۇلىشىغا رازى بولمىغان بولسا چوقۇنغۇچى مۇشرىك بولىدۇ، چوقۇنۇلغۇچى گۇناھكار بولمايدۇ). مەسىلەن: بۇت بىر ۋەسەندۇر. شۇنىڭدەك، ئىنسان، ھايۋان، دەرەخ ۋە ئانئورگانىك (جانسىز) ماددىلارنىڭ ئىچىدىن ئىبادەت قىلىنغان، دۇئا قىلىنغان ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان سەۋىيىدە ئىتائەت قىلىنغان، ئاللاھ بىلەن تەڭ سەۋىيىدە سۆيۈلگەن، ئۈمىد باغلانغان ۋە قورقۇلغانلاردىن ھەر بىرى بىرەر ۋەسەندۇر. قۇرئان كەرىمدە «بۇت» مەنىسىدە كېلىدىغان يەنە باشقا ئىككى كەلىمە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «تەماسىل - تماثيل»، يەنە بىرى «ئەسنام - أصنام»دۇر. «تەماسىل» كۆپلۈك شەكىل بولۇپ ئۇنىڭ بىرلىك شەكلى «تىمسال - تمثال»دۇر. بىرەر ئۆرنەككە قاراپ ياسالغان ھەيكەللەر «تەماسىل» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ياغاچ، تاش، تۆمۈر، گىپىس، مېتال قاتارلىق نەرسىلەردىن بىرەر ئىنسان، بىرەر ھايۋان، بىرەر قۇش شەكلىدە ياسالغان ھەيكەللەردىن ھەر بىرى بىرەر «تىمسال»دۇر. «بۇت» مەنىسىدە كېلىدىغان يەنە بىر كەلىمە «ئەسنام - أصنام» بولۇپ، ئۇنىڭ بىرلىك شەكلى «سەنەم - صنم»دۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان «تەماسىل» ۋە ئانئورگانىك ماددىلار «ئەسنام» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، قەۋمى چوقۇنغان بۇتلارنى ئەنە شۇ ئۈچ كەلىمىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئاتىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ كەلىمىنىڭ ھەر بىرى باشتا بۇت مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنماسلىق، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلماسلىق توغرىسىدا كەلگەن ئايەتلەر، ئەنە شۇ نەرسە ۋە كىشىلەرگە چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھتىن غەيرىي قانداق نەرسە ۋە قانداق كىشى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا چوقۇنۇشقا بولمايدۇ، پەقەت ئاللاھقىلا چوقۇنۇش كېرەك. مانا بۇ تەۋھىد دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر شەرتىدۇر. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا مانا بۇ ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن؛ شېرىكتىن توسۇپ تەۋھىدكە بۇيرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. پۈتۈن بۇ ئىزاھلار دالالەت قىلىدۇكى، «بۇتلاردىن ئىبارەت بولغان نىجىستىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش پاك فىترەت يىرگىنىدىغان، ساغلام ئەقىل نەپرەتلىنىدىغان ۋە ئىنسانىي زوق يامان كۆرىدىغان پاسكىنىلىقتۇر، رەزىللىكتۇر، يىرگىنچلىك ئىشتۇر. 3) «يالغاننى سۆزلەش» - ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام دېيىش، ئاللاھ ھالال قىلمىغان نەرسىنى ھالال دېيىش، ئاللاھ دېمىگەننى «دېدى»، ئاللاھ دېگەننى «دېمىدى» دېيىش قاتارلىق سۆزلەرنىڭ بىرى بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ يەردە «يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇق، «بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقتىن كېيىن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بۇيرۇق ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەسلىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقىتۇر، لېكىن بۇ يەردە باشتا تۆھمەتنىڭ ئەڭ چوڭىدىن، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك بارلىق تۆھمەتلەردىن ئايرىم - ئايرىم چەكلەنگەن. شۇنىڭدەك، بۇ ئىپادە (يالغاننى سۆزلەش)، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئىنسانلارغا تۆھمەت قىلىش ۋە ھەقىقەتكە خىلاپ گەپ قىلىپ باشقىلارنى ئالداش قاتارلىق يالغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە «يالغان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زۇر - زور» بولۇپ، بۇ كەلىمە لۇغەتتە ھەقتىن بۇرۇلۇش، توغرىدىن چەتنەش، ئاساسى يوق سۆزنى قىلىش، ساختىلىق قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش، ھەقىقەتكە خىلاپ گەپ قىلىش، يالغان، باتىل دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ ناشايان سۆز قىلغانلارنىڭ بۇ سۆزى، «يالغان سۆز، ئاساسسىز سۆز، باتىل سۆز، ھەقىقەتكە خىلاپ سۆز» دېگەن مەنىدە بۇ (زۇر - زور) كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭدەك، ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن» دېگەن ئادەمنىڭ بۇ سۆزىمۇ يۇقىرىدىكى مەنىلەردە «زۇر - ز،ر» دېگەن كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياخشى بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىنغان «يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىك»تىكى «يالغان» سۆزىمۇ بۇ «زۇر» دېگەن كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭلاشقا ئايەتتىكى «يالغاننى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئىلاھىي بۇيرۇق ئەڭ باشتا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان شەكىلدە ئاللاھقا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى دەۋا - دەستۇرلاردا يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋە بىراۋغا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (22-سۈرە ھەج، 31-ئايەت) شېرىك تەۋھىد
    حُنَفَاءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ
    ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا يۆنەلگۈچى بولۇڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى بولماڭلار. كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋە يالغان سۆز ئېيتىشتىن ساقلانغان چېغىڭلاردا، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلغان كىشىلەر بولۇڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى كىشىلەر بولماڭلار. چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى، خۇددى ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكەن، ئاندىن قۇشلار ئېلىپ قاچقان ۋە ئۆزئارا تارتىشىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن ياكى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن ۋە پارچىلاپ يىراق جايلارغا تاشلىۋەتكەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈپ قۇشلارغا يەم بولغان ياكى بوران ئۇچۇرۇپ ۋۇجۇدىنى پارچىلارغا ئايرىۋەتكەن ۋە ھەر پارچىسىنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋەتكەن ئادەمنىڭ ساق قۇتۇلۇشى مۇمكىن بولمىغاندەك، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭمۇ قىيامەت كۈنى دوزاختىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ شېرىك كەلتۈرگەن كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلغان، ئۇنىڭغا دوزاخنى ئەبەدىي ماكان قىلىپ تەييارلىغان. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى مۇشرىك شېرىكتىن تەۋبە قىلماي ئۆلگەن ياكى سەكراتقا چۈشكەندە تەۋبە قىلغان مۇشرىكنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلغان كافىر ۋە مۇشرىكلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، سەكراتقا چۈشكەندە تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ تەۋبىسىنى (ئاخىرەتتىكى پۇشايمىنىنى ) قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (22-سۈرە ھەج، 32-ئايەت) ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)
    ذَٰلِكَ وَمَنْ يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِنْ تَقْوَى الْقُلُوبِ
    ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداقتۇر. كىم ئاللاھ قويغان نىشانلارغا ھۆرمەت قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئۆزىنى ئەنە شۇنداق خەتەرگە ئاتقانلىقتۇر. كىمكى ئاللاھ ئىبادەت يېرى قىلىپ بەلگىلىگەن جايلارنى، ئىبادەتنىڭ سىمۋولى قىلغان نەرسىلەرنى ۋە ئىبادەت شەكلى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ئۇلۇغلاش قەلبتە تەقۋالىق بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئادا قىلىش، جۈملىدىن ھەجنىڭ ھەر پائالىيىتىنى بەلگىلەنگەن يەردە ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش، قۇربانلىق ھايۋانلارنى ياخشى بېقىش، ئاسراش ۋە ۋاقتى كەلگەندە كۆرسىتىلگەن بويىچە قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار، دىلدا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن قورقۇش ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىش تۇيغۇلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ياخشى ئىشلارنى لايىق رەۋىشتە پەقەت دىلدا ئاللاھقا سۆيگۈ ۋە ئېھتىرام، ئاللاھتىن ئەيمىنىش ۋە ھايا قىلىش تۇيغۇلىرى بولغان كىشىلەرلا قىلىدۇ. مۇخلىسلار بىلەن مۇنافىقلارنى ئايرىغان ئاساسىي پەرق ئەنە شۇ دىلنىڭ تەقۋالىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (22-سۈرە ھەج، 33-ئايەت) قۇربانلىق
    لَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ
    مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئەييەن مۇددەتكىچە پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق ماللاردا مۇئەييەن مۇددەتكىچە مەنپەئەتلەر بار. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېتىپ بارىدىغان يېرى بەيتى ئەتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ھاجىلار! ھەرەمگە ئاتاپ شۇ يەردە قۇربانلىق ئۈچۈن يېنىڭلاردا ئېلىپ ماڭغان «ھەدىيە ھايۋانلىرى»ڭلارنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلارغا قەدەر ئۇلاردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنى ھەرەم تەۋەلىكىگە بارغۇچىلىك ۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلغۇچىلىك، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ۋە بىرەر نۇقسانلىق كەلتۈرمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇلارنى مىنسەڭلار، ئۇلارغا يۈك ئارتساڭلار، ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنى سېغىپ ئىچسەڭلار، يۇڭ، چۇپۇر ۋە تىۋىتلىرىنى قىرقىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ئاندىن ئۇ ھايۋانلارنىڭ يېتىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان يېرى بەيتۇللاھنىڭ تەۋەلىكىدۇر؛ ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك بولغان جاينىڭ بەيتۇللاھنىڭ تەۋەلىكى قىلىنىشىدىمۇ سىلەر ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار، يەنى سىلەر ئۈچۈن ھەدىيە ھايۋانلىرىڭلاردا يۇقىرىدىكى دۇنيالىق مەنپەئەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك بولغان جايدا ۋە قۇربانلىق قىلىنىشى كېرەك بولغان ۋاقىتتا قۇربانلىق قىلىشتا ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەرمۇ بار. ئۇلار قۇربانلىقنى بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاش بىلەن ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش، پېقىر ۋە موھتاجلارغا گۆشلىرىنى تارقىش بىلەن ئەجىر قازىنىش بولۇپ، بۇ مەنپەتلەر ئۇلاردىن ئالىدىغان ئاساسىي مەنپەئەتىڭلاردۇر. ئەسكەرتىش: «ھەدىيە ھايۋانلار» ھاجىلار ھەرەمگە ھەدىيە قىلىپ يېنىدا بىللە ئېلىپ ماڭغان ھايۋانلار بولۇپ، ھاجىلار ئۇلارنى مەككىگە ئېلىپ بېرىپ بەلگىلەنگەن جاي بولغان ھەرەم تەۋەلىكىدە، قۇربان ھېيت كۈنىدە ياكى ئۇنىڭ داۋامىدىكى تەشرىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يېتىپ بارىدىغان جايى بەيتۇللاھتۇر» دېگەن ئىپادە بۇنى كۆرسىتىدۇ، 5 - سۈرە (مائىدە)نىڭ 95 - ئايىتىدىكى «كەئبىگە يېتىپ بارىدىغان ھەدىيە» ۋە 48 - سۈرە (فەتھ)نىڭ 25 - ئايىتىدىكى «ھەدىيىنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن» دېگەن ئىپادىلەر تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۗ فَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا ۗ وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ
    ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى - قۇربانلىق قىلغانلىرىدا- ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى[5] بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن‎.‎ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ھەج ئىبادىتى سىلەرگە خاس ئىبادەت بولمىغاندەك، قۇربانلىق ئىبادىتىمۇ سىلەرگە خاس ئىبادەت ئەمەس. بىز ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. دېمەككى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا، ئىبادەتنى پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. ئى مۇھەممەد! بىزگە ئەستايىدىل ئىتائەت قىلغۇچىلارغا رەھمەت، مەغپىرەت ۋە جەننەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگىن. قۇربانلىق قىلىش، يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن ئىبادەتتۇر. ئادەم ئاتىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قۇربانلىق قىلغانلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجنى ئېلان قىلسا، ئىنسانلارنىڭ كېلىپ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ «بىلىنگەن كۈنلەردە قۇربان قىلىشى»نىڭ زىكىر قىلىنىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىپادە قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا بىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈشى، بۇ چۈشنىڭ ئىلاھىي ئەمىر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىجرا قىلىشى، ئاخىرقى پەيتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئوغۇل ئورنىغا بىر قۇربانلىق ھايۋان بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشى ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىمۇ قۇربانلىقنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ بار ئىبادەت ئىكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَىٰ مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ -تىترەيدۇ-، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار «ئاللاھ» دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ئەستايىدىل ئىتائەت قىلىپ رەھمەت، مەغپىرەت ۋە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىشكە لايىق بولغان ئۇ بەندىلەر، «ئاللاھ» دېيىلسە ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىپ يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، باشلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ ۋە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان، بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشى ئىشلار ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (22-سۈرە ھەج، 36-ئايەت) شۈكۈر قۇربانلىق
    وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ ۖ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ ۖ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    (كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    تۆگىنى ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرى-ھەجنىڭ ئەھكاملىرى-دىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ - بىسمىللا دەڭلار-، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شۈكۈر قىلغايسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز سىلەرگە، قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئىبادەتنىڭ سىمۋوللىرىدىن قىلىپ بەردۇق؛ ئۇ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا ئاتىشىڭلار، بويۇنلىرىغا «قۇربانلىق ھايۋان» ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەت (قىلادە) لىرىنى ئېسىشىڭلار ۋە ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشىڭلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقىڭلارنىڭ ئالامىتى ۋە ئىپادىسىدۇر. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا كۆپ ياخشىلىقلار بار؛ مىنىش ، يۈك توشۇش، يۇڭ، چۇپۇر ۋە تىۋىتلىرىنى ئىشلىتىش، سۈتلىرىنى ئىچىش قاتارلىق دۇنيالىق پايدىلار، قۇربانلىق قىلىش، گۆشلىرىنى موھتاجلارغا تارقىتىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەشتەك دىنىي پايدىلار بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا گۆشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭلار يەڭلار، بىر قىسمىنى بارغا قانائەت قىلىپ ئېھتىياجىنى بىراۋغا ئېيتمىغان موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار ، بىر قىسمىنى بولسا ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمىزگە، خۇسۇسەن بۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىمىزگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَٰكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَىٰ مِنْكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ ۗ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ
    ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئەسلا يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق يېتىپ بارىدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىلىڭلاركى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ؛ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھايۋان سويۇش ۋە قان ئېقىتىش ئەمەس، ئەكسىچە خالىس نىيەت ۋە سەمىمىي ئىتائىتىڭلار ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا نىيىتىڭلارنى خالىس ۋە ئىتائىتىڭلارنى ئەستايىدىل قىلىڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇ، ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى، بولۇپمۇ ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ يوللىرىنى كۆسەتكەنلىكىكە شۈكۈر قىلىش مەقسىتى بىلەن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ياخشى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگىن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 34 - ئايەتتە قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ تارىخ بويىچە ئۆتكەن بارلىق ئۇممەتلەردە بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى تونۇتىدۇ، قادىر بولالىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. 36 - ۋە 37 - ئايەتلەردە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈپەتلىرى، قۇربانلىق قىلىش شەكلى، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى، قۇربانلىق قىلىشتىن ئاساسىي مەقسەتنىڭ نېمىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. خۇلاسە: «ھەدىيە قۇربانلىقلىرى» خالىغان ھاجىلار يېنىدا ئېلىپ بېرىپ بەيتۇللاھنىڭ تەۋەلىكىدە ھېيت كۈنلىرىدە سويىدىغان قۇربانلىقلار بولۇپ، بۇ ھاجىلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر؛ خالىغانلار ئۇنداق قىلمىسىمۇ بولىدۇ. قۇربان ھېيت قۇربانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: قۇربانلىق قىلىش - ئىقتىسادى يار بەرگەن مۇئمىنلار ھەر يىلى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە زۇلھەججە (12 - ئاي)نىڭ 10 - كۈنى ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئۈچ كۈن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى ئۇمەتنىڭ ئىچىدىن قادىر بولالىغان مۇئمىنلارغا پەرزدۇر، چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۇممەتكە بەلگىلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بىر ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «نامىزىم ۋە قۇربانلىقىم ئاللاھقا خاستۇر» دېيىشكە ۋە بىر ئايەتتە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى (سەۋەبى)، ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش، قۇربانلىق قىلغان ئائىلىنىڭ ۋە موھتاجلارنىڭ گۆش يېيىشى. قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ سۈرە (ھەج)نىڭ 28 - ۋە 34 - ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى «ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. باشقا بىر ئايەتتە «ئەنئام» كەلىمىسىنىڭ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىلا ئىپادىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ مەلۇم ياشقا كىرگەن، سېمىز ۋە بېجىرىم بولۇشىدۇر چۈنكى (36 -) ئايەتتىكى «گەۋدىلىك ھايۋانلار» بۇنى كۆرسىتىدۇ. 37 - ئايەتنىڭ «ئاللاھقا قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ» دېگەن مەزمۇنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى تەقۋالىق سۈپەتلىك، ساغلام، سېمىز، بېجىرىم ۋە چىرايلىق بولغان ئەڭ قىممەتلىك ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا 25 - ئايەتتە، ئۆزىنىڭ يولىدىن ۋە ھەرەم مەسجىدىدىن ئىنسانلارنى توسۇۋاتقان كافىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 26 ~ 37 - ئايەتلەردە ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇ يەردە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئىبادەت (قۇربانلىق)نى زىكىر قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كافىرلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. 38 ~ 41 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كافىرلارنىڭ مەزكۇر زۇلۇملىرىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، خالىغان كىشىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە بەيتۇللاھقا كىرىپ ئىبادەت قىلالايدىغان شارائىتنىڭ كېلىدىغانلىنى، مۇئمىنلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە غەلىبىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (22-سۈرە ھەج، 38-ئايەت) ئىمان ئاللاھقا ئىشىنىش
    إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آمَنُوا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
    ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ مۇئمىنلارنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلارنى قوغدايدۇ. ئاللاھ خائىنلارنى ۋە تۇزكورلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇسرىتى بىلەن مۇئمىنلارنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ۋە مۇنافىقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھىمايە قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزىگە خائىنلىق قىلغان ۋە نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغان ھەر كىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى «مۇئمىنلار» - لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغان، ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن دۇچ كەلگەن ئېغىر شارائىتلاردا بەلنى قويۇۋەتمەستىن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان مۇئمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ «مۇئمىنلار»نى قوغدايدىغانلىقىنى، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «مۇئمىنلار»غا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە ئۆزىنىڭ دۇنيادا ياردەم ۋە نۇسرىتىگە، ئاخىرەتتە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ، جەزمەن ئىمانغا ئىگە بولغان، ئۆزىنىڭ يولىدا مال ۋە جېنىنى تىكىپ جىھاد قىلغان، دىلى، تىلى، بەدىنى ۋە مېلى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىبادەتلەرنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىپ ئاخشىمى نۇسرەت كۈتۈش توغرا بولمايدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ تارىخىتىن بېرى ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ۋە قىيامەتكىچە ئىجرا قىلىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇنى (سۇننەتۇللاھ)غا خىلاپ كېلىدۇ. ئۇ قانۇنغا قارىتا مۇئمىنلار، ئىمان ئېيتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ. ئىلاھىي سىناقلاردىن لايىقىدا ئۆتكەن مۇئمىنلارلا زەپەرگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (22-سۈرە ھەج، 39-ئايەت) جىھاد ئۆزىنى قوغداش
    أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ
    ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر — مۇھەممەد سالىھ

    ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى سەۋەبلىك، -قارشىلىق كۆرسىتىشكە- رۇخسەت قىلىنىدى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇرۇش ئېچىلغانلارغا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلدى. چۈنكى ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇرۇش ئېچىلغان مۇئمىنلارغا تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىلدى. چۈنكى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىندى. ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىشكە ۋە ئۇلارنى غالىب قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار دەسلەپتە ھەر جەھەتتىن ئاجىز ئىدى، دۈشمەننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويسا قاتتىق زىيانغا ئۇچرايتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار مەككىدىكى چاغلىرىدا ئۇرۇش قىلىشتىن مەنئى قىلىندى، سەۋر قىلىشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ئۇلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كۈچلەنگەن چاغدا باشتا ئۇلارغا بۇ ئايەتنىڭ ۋە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 190 - ئايىتىنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىشكە رۇخسەت بېرىلدى، ئاندىن 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 74 ~ 76 - ئايەتلىرى نازىل بولۇشى بىلەن ئۇلارغا «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش» پەرز قىلىندى ۋە ئۇلار بۇ ئۇرۇشقا تەرغىب قىلىندى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇئمىنلارغا نۇسرەت ۋەدە قىلىپ ئالدىنقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارغا ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئاللاھ خالىغان بولسا، مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىش مۇشەققىتىگە سالماستىن ئۇلارغا نۇسرەت بەرگەن بولاتتى؛ ئۇلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن غالىب، كافىرلارنى مەغلۇپ قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بەردى. بۇ سىلەرنى سىناش، ئىچىڭلاردىكى سەمىمىي مۇئمىنلارنى ساختا مۇئمىنلاردىن ئەمەلىيەتتە ئايرىش ئۈچۈندۇر. بۇنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
    (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پەقەت رەببىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى بىر قىسمى بىلەن مۇداپىئە قىلمىغان بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان كىشىلەردۇر. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، موناستىرلار[6]، چېركاۋلار[7]، سىناگوگلار[8] ۋە ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان مەسچىتلەر چىقىپ تاشلانغان بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ[9]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن ئۇ كىشىلەر، پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا كافىرلار بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلىغان، شۇنداقلا چىقىرىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارغا ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىپ ئۇلار بىلەن كافىرلارنىڭ زىيانكەشلىك ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى دەپئى قىلىش قانۇنى بولمىسا ئىدى، تارىخ بويىچە ھەر ئۇممەتنىڭ ئىبادەتخانىسى يىقىلىپ كەتكەن بولاتتى؛ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان موناستىرلار، چېركاۋلار ۋە سىناگوگلار تاجاۋۇزچى كافىرلار تەرىپىدىن يقىپ تاشلانغان بولاتتى. ئۇممەتى مۇھەممەدنىڭ مەسجد - جامەلىرىمۇ كافىرلار تەرىپىدىن يىقىپ تاشلانغان بولاتتى. ئاللاھ، ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش، ئەلچىلىرىگە ئەگىشىش، بولۇپمۇ ھەر جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق قىلىپ لايىق رەۋىشتە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇسرىتىگە لايىق بولغانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتىدۇر؛ ئۆزگەرمەس قانۇنى قىلىپ ئۇنى ھەر دائىم ئىجرا قىلماقتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
    (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز زېمىندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقدىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر[10]. ‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز قوغداشنى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشنى ۋەدە قىلغان، ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن ئۇ مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز زېمىندا ھاكىمىيەت بەرسەك بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقدىن توسىدۇ. يەنى ئۇلار ئاجىز ۋە مەغلۇپ چېغىدا سەۋر قىلىپ رەھمىتىمىزنى كۈتكەندەك، شۇنداقلا ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلغاندەك، ئۇلار كۈچلۈك ۋە غالىب چېغىدا شۈكۈر قىلىپ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدۇ؛ قىيىنچىلىقتا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ئازادىچىلىكتە كۆرەڭلىمەيدۇ، ئەكسىچە ھەرقانداق شارائىتتا ئىبادەتلىرىنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن ئورۇندايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى قوغدىشى ۋە ياردەم بېرىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاللاھقا ئائىتتۇر؛ ئاللاھ دۇنيادا قايسى قەۋم نېمىگە لايىق بولسا ئۇنى شۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ، قىيامەت كۈنى ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىدۇ. خۇلاسە: مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان نۇسرەت، غەلىبە ۋە زەپەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان بولۇشى شەرتتۇر؛ ئىلمىي ۋە ئەسكىرىي كۈچكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ھەربىي تەييارلىقنى زامانغا ماس ھالدا پۈتتۈرگەن، ئاندىن شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ۋە ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ھالدا جان - مېلىنى تىكىپ، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن بولۇش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى مۇئمىن دەپ تونۇش، ياكى باشقىلارنىڭ مۇئمىن دەپ ئاتىشى ۋە ياكى ئىلگىرى مۇئمىنلار ياشىغان جايلاردا ياشاش ئەمەس. ئەكسىچە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن دەپ قوبۇل قىلىشى ئاساستۇر. ئاللاھ تائالا 38 ~ 41 - ئايەتلەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇئمىنلارنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ، كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 42 ~ 56 - ئايەتلەردە بولسا، ئىلگىرى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ ھالاك بولغان بىرقانچە قەۋمنىڭ قىسسىسىنى قىسقىلا بايان قىلىپ، ئۇ (38 ~ 41 -) ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ
    ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نۇھ قەۋمى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇدلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارنىڭ سېنى يالغانچى دەپ ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، بىلگىنكى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنكار قىلىنغان پەيغەمبەر پەقەت سەنلا ئەمەس، ئۆزىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى يالغانچى دەپ ھاقارەت قىلغان، پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان، يولىغا قارشى چىققان ۋە تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن قەۋم سېنىڭ قەۋمىڭلا ئەمەس، ئەكسىچە بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر پەيغەمبەر ئىنكار قىلىنغان، پەيغەمبەر كەلگەن ھەر قەۋم ئۆز پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان. مەسىلەن: نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى، ئاد قەۋمى ھۇدنى، سەمۇد قەۋمى سالىھنى ئىنكار قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَقَوْمُ إِبْرَاهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ
    ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنى، لۇتنىڭ قەۋمى لۇتنى — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
    ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. چۈنكى مەن كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم

    ۋە مەديەن ئاھالىسى شۇئەيبنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مۇسامۇ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا ھوشىنى تېپىشى، ئىنكاردىن يېنىشى ۋە ھەقىقەتكە كېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەردىم، لېكىن ئۇلار ئىنكار قىلىشتا ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشتە تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى پەرقلىق بىر ئازاب بىلەن جازالىدىم. ئى مۇھەممەد! سەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىگە قارىغىن، ئۇلارنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرگە مېنىڭ كۆرسەتكەن قارشىلىقىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرىسەن: ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز گۇناھى ۋە جىنايىتى سەۋەبلىك جازالىدىم. مەسىلەن: نۇھنىڭ قەۋمىنى توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلدىم، ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ھالاك قىلدىم، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئاستىدىن قاتتىق زىلزىلە ئەۋەتىپ ھالاك قىلدىم، لۇتنىڭ قەۋمى بولغان سەدۇم ئاھالىسىنى قاتتىق ئاۋاز ئەۋەتىپ، ئۈستىگە تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدىم ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ يەرلىرىنى كۆمتۈرۈۋەتتىم، شۇئەيبنىڭ قەۋمى مەديەن ئاھالىسىنى، ئۈستۈن تەرەپتىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۇچقۇن ۋە چوغلارنى ئەۋتىپ، ئاستىن تەرەپتىن يەرنى قاتتىق تەۋرىتىپ ھالاك قىلىۋەتتىم، قارۇننى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتىم. يىغىپ ئېيتقاندا ئىلگىرى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ ھەددىدىن ئاشقان قەۋملەرنى ئەنە شۇ شەكىللەردە ھالاك قىلىۋەتتىم. مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ ئەلچىلىرىمگە قارشى چىقىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولدى. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭمۇ ئىلگىرى ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك بولغان مەزكۇر قەۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە ئۇلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئايەتلەر نازىل بولۇپ، بىرقانچە يىل ئىچىدە مۇشرىكلاردىن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر باشتا «بەدر غازىتى»دا ھالاك بولۇشقا باشلىدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ سەلتەنىتى بارغانسېرى ئاجىزلاپ مەككىنىڭ فەتھ بولۇشى بىلەن تامامەن يىقىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى كۈچىيىپ ئاخىرىدا زەپەرگە ئېرىشتى؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. فَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَشِيدٍ
    نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان — مۇھەممەد سالىھ

    نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر ئاھالىسىز قالغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم ئىدى. ئۇ يۇرتلار يىقىلىپ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. بىز نۇرغۇن قۇدۇقلارنى تاشلاندۇق، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك سارايلارنى ئىگە - چاقىسىز قىلىپ قويدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ھالاك قىلىۋەتكەن قەۋملەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلارلا ئەمەس. ئەكسىچە بىز ئۇلاردىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان يۇرتلارنى، ئاھالىلىرى نېمەتلىرىمىزگە كۇفرىلىق، ئەمر - پەرمانلىرىمىزغا بويۇنتاۋلىق ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتلار ئۆگزىلىرى چۆكۈپ تاملىرى ئۈستىگە يىقىلغان ھالەتكە كەلدى؛ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ئاۋات قۇدۇقلار بار ئىدى، سۇ ئالغىلى كەلگەنلەر بىلەن ئەتراپلىرى قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتەتتى، بىز ئاھالىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئۇ قۇدۇقلارنىڭ سۈيىنى ئالغىلى ئادەم يوق ھەممىسى تاشلىنىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ھەشەمەتلىك سارايلار بار ئىدى، ھەممىسى ئىگە - چاقىسىز قالدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ھەشەمەتلىك سارايلار» مەنىسىدىكى ئىپادىنىڭ، «ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، تاملىرى ئۈستىگە يىقىلغان» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىدىن كېيىن زىكىر قىلىنىشى، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ يىقىلماي قالغان سارايلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 100 - ئايىتىمۇ تەكىتلەيدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەير قىلىپ چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر سەير قىلغان بولسا ئىدى، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان زالىملارنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ قەلبلىرى غەپلەتتىن ئويغىناتتى ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنەتتى، ياكى ئۇ زالىملارنىڭ قىسسىلىرىنى قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلاپ ئىبرەت ئالاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆزلىرى كور، قۇلاقلىرى گاس بولۇپ كەتكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار كۆرگەن خارابىلىكلەردىن ۋە ئاڭلىغان قىسسەلەردىن ئىبرەت ئالالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. چۈنكى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، ئەكسىچە دىلنىڭ كورلۇقىدۇر. بۇ مۇشرىكلار سەپەرگە چىقىپ ئەتراپنى ئايلانسا، شىمالدا سەمۇد قەۋمىنىڭ، سەدۇم ۋە مەديەن ئاھالىلىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى، جەنۇبتا ئاد قەۋمىنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرەتتى - دە، پەيغەمبەرگە قارشى چىقىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن دىلى يۇمشايتتى، قۇلاقلىرى ئېچىلاتتى، نەتىجىدە ئۇ قەۋملەرنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان قىسسىلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەتتى ۋە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقۇشتىن قورقاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِنْدَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى ـ سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ، ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سەندىن، باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلغا ئوخشاشتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ مۇشرىكلارغا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن تەقدىردە ئازاب كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرساڭ، ئىلگىرى پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىپ ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلساڭ، ئۇلار ئىبرەت ئېلىش ۋە يامان ئاقىۋەتتىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا، كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ مەسخىرە قىلغان ھالدا سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ؛ ئۇلارغا ئۇ ئازاب چوقۇم كېلىدۇ. لېكىن ئۇ ئازاب ئۇلار تەلەپ قىلغاندا ئەمەس، ئاللاھ خالىغان ۋە بەلگىلىگەن ۋاقىتتا كېلىدۇ. رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلغا ئوخشاشتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا، قىيامەتتە كافىرلارنىڭ ئازابقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى يەتكۈزگەن ۋە ياكى ئىمان ئېيتمىسا بېشىغا ئازاب كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇلار كۇفرىلىقتا تېخمۇ ئەزۋەيلەپ ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ: «قېنى ئازاب! قاچان كېلىدۇ؟ راستچىل بولساڭلار ۋاقتىنى ئېيتىپ بېقىڭلار» دېگەندەك تەلەپلەرنى قوياتتى. ھەتتا ئۇلار بەزىدە بىۋاسىتە ئاللاھتىن ئازاب تەلەپ قىلاتتى. مەسىلەن: ئۇلار كافىرلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئازابقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىدا مەسخىرە قىلىپ؛ «ئى رەببىمز! بىزنىڭ ئازابتىن تېگىشلىك نېسىۋىمىزنى ھېساب كۈنىدىن ئىلگىرى مۇشۇ دۇنيادا بەرگىن» دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىغان چېغىدا تەرسالىقتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئېيتقىنى توغرا بولىدىغان بولسا، ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئەلەملىك ئازاب كەلتۈرگىن» دېگەن. ئىسلامنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىنى، مۇئمىنلارنىڭ غەلىبىگە ئېرشىدىغانلىقىنى، دىيارلارنىڭ فەتھ بولۇپ ئىسلام دىيارىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئاڭلىسا: «بۇ فەتھ قاچان بولىدۇ؟! ئەگەر راستچىل بولساڭلار ۋاقتىنى ئېيتىپ بېقىڭلار، قېنى!» دەپ مەسخىرە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ناشايان تەلەپلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 32 - سۈرە (سەجدە)نىڭ 5 - ئايىتىدە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈننىڭ ئىنسانلارنىڭ ھېسابىچە مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 70 - سۈرە (مەئارىج)نىڭ 4 - ئايىتىدە بولسا، پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىلنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل كېلىدىغان كۈندە يۈكسىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوقتۇر، چۈنكى ئاۋۋالقى ئىككى ئايەتتە بايان قىلىنغان كۈن، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ پىلانلىنىپ، ئاندىن ئۇ ئىشلارنىڭ دۇنيادا ئىجرا قىلىنىپ نەتىجىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ، مەئارىج سۈرىدىكى كۈن بولسا قىيامەت كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (22-سۈرە ھەج، 48-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ
    نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇرغۇن يۇرت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق ئۇلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئاخىرى ھەممىسى مېنىڭ ھۇزۇرىمغا كېلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! تارىختا بۇ زالىملارغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىلىرى بار ئىدى. مەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلىپ تۇرسىمۇ مۆھلەت بەردىم. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادىكى جازا بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي جازاسىغا دۇچار قىلىنىدۇ. ئى ئىنكارچىلار! شۇنى بىلىڭلاركى، ئازابنىڭ كېچىككەنلىكى ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا أَنَا لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    (ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مەن سىلەر ئۈچۈن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى مەسخىرە قىلىپ ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان بۇ ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەر ئۈچۈن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن؛ ۋەزىپەم سىلەرنى جازالاش ئەمەس، ئەكسىچە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، ھېساب ئېلىش ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (22-سۈرە ھەج، 50-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات ئىمان
    فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
    ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ؛ جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ئېسىل رىزىقلارغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (22-سۈرە ھەج، 51-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
    بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار بولسا ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار بولسا، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش، ئايەتلەرگە دەۋەت قىلىشنى مەنئى قىلىش، ئىنسانلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن ۋە ئىسلامغا ئەمەل قىلىشتىن توسۇش بىلەن ئايەتلەرنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇش گۇناھىنى قىلغانلار بولسا دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. ئاللاھ تائالا 42 ~ 51 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇشرىكلارنى شۇنچە ھەددىدىن ئاشسىمۇ دەرھال جازالىماسلىقىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دەۋەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر، ئىنكار قىلغانلارغا شۇم خەۋەر بېرىدۇ. 52 ~ 57 ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالەمغا يەنە تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇنىڭغا دەۋىتىنى كۆپ كىشىنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئىسلامنىڭ تېز تارقىلىشى ۋە غالىب كېلىشى، شېرىك ۋە مۇشرىكلارنىڭ سەلتەنىتى يىقىلىشى قاتارلىق ئۈمىد - ئارزۇلىرىنىڭ تېز ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ سەۋەبنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّىٰ أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل-ئەلچى-، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ بىر ئىشنى ئارزۇ قىلغاندا، شەيتان ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. ئاندىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىي بىرەر ئارزۇدا بولسىلا، شەيتان ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سېلىپ كەلدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى يوق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى قىلغان يامانلىق ۋە كۆرسەتكەن قارشىلىقلارغا قاراپ قايغۇرمىغىن، ئارزۇلىرىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ كېچىككىكەنلىكى ئويلاپ غەمكىن بولمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، شۇنى بىلگىنكى: بىز سەندىن ئىلگىرى قانداق ئەلچى ۋە قانداق پەيغەمبەر ئەۋەتسەك، ئۇلار ساڭا ئوخشاش بىرەر ئىشنى ئارزۇ قىلسا، شەيتانلار ئۇنىڭ ئارزۇسىغا قارشى ۋەسۋەسە سېلىپ، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ كەلدى. لېكىن ئاللاھ شەيتانلارنىڭ ھىيلە -مىكىرلىرىنى يوق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى، غالىب قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋىتىنى قەۋمىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە قاراپ تۇلىمۇ ھەسرەت چېكەتتى، ھەتتا بۇ ھەسرەت ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش سەۋىيىسىگە يۈكسەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ توغرىدا بىرقانچە قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ، قايغۇرماسلىق ۋە ھەسرەت چەكمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلغان، ئاگاھلاندۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، بۇنداق ئارزۇنى ئۆتمۈشتىكى ھەر ئەلچىسى ۋە ھەر پەيغەمبىرىنىڭمۇ قىلغانلىقىنى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىدا ئىنسان ۋە جىن شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرى، پىتنە - ئىغۋالىرى ۋە ھىيلە - نەيرەڭلىرىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ شەيتانلار قىلغان بارلىق ئىشلارنى نەتىجىسىز قىلىپ ئاخىرىدا ئايەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! ئىلگىرىكى ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزمۇ ساڭا ئوخشاش قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلغاندا، شەيتان ئۇلار ھەققىدە (سېھىرگەر، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم، ئوقۇغىنى بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى، ئويدۇرما،.. دېگەندەك) ھەر خىل پىتنە - ئىغۋالار ۋە يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ ئىنسانلارنى گۇمانلاندۇرغان ۋە شۈبھىگە چۈشۈرگەن ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولغان ئىدى. لېكىن بىز شەيتانلارنىڭ ھىيلە - نەيرەڭ، پىلان ۋە پىتنە - ئىغۋالىرىنى يوق قىلىپ، ئاخىرىدا ئايەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈردۇق، غالىب قىلدۇق، نەتىجىدە ئۇ ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقان، ھەق ھاكىم بولغان ئىدى. سېنىڭ ئارزۇلىرىڭمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ ئايەتلەرنىڭ شەك - شۈبھىسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئىسلام غالىب كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. لِيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
    (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ سالغان ۋەسۋەسىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر، شۈبھىسىزكى، زالىملار ھەقىقەتەن قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ، ئاللاھنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلارنى ۋە قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن سىنىشى ئۈچۈندۇر. زالىملار ھەقتىن بەك يىراقتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شەيتانلارغا بۇ پۇرسەتنى بېرىشىمىزنىڭ ھېكمىتى شۇكى، بىز شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى، شۈبھىلىرىنى، پىتنە - پاساتلىرىنى ۋە توسقۇنلۇقلىرىنى قەلبىدە شەك - شۈبھە ۋە نىفاق كېسەللىكى بولغان مۇنافىقلارغا، قەلبى قېتىپ كەتكەن كافىرلارغا سىناق ۋاسىتىسى قىلىش ئۈچۈن ئۇ شەيتانلارغا بۇ پۇرسەتنى بەردۇق. ئۇلار بىز بەرگەن پۇرسەت ۋە ئىمكان بىلەن دەۋەتكە توسالغۇ بولدى. ئۇلارغا ئالدانغان مۇنافىق ۋە كافىرلار، تەرسالىقتا ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشتە ئەزۋەيلىدى؛ شەيتانلارغا ئالدىنىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَيُؤْمِنُوا بِهِ فَتُخْبِتَ لَهُ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آمَنُوا إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە بۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ يەنە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ ئۇ ئايەتلەرنىڭ رەببىڭدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۇلارغا ئىشىنىپ چىن قەلبىدىن بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنى توغرا يولغا يەتكۈزىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شەيتانلارغا بۇ پۇرسەتنى بېرىشىمىزنىڭ يەنە بىر ھېكمىتى، بىز توغرا بىلەن خاتانىڭ ۋە راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيالايدىغان كىشىلەرنىڭ، ئۇ ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىز دەۋەت قىلغان ئايەتلەرنىڭ رەببىڭدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىشىنىپ چىن قەلبىدىن بويسۇنۇشى ئۈچۈن، ئۇ شەيتانلارغا بۇ پۇرسەتنى بەردۇق. بىز ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلەرنى توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (22-سۈرە ھەج، 55-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى كاپىرلىق
    وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ
    كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار قىيامەت ئۇشتۇمتۇت قايىم بولغۇچىلىك ياكى ئىشلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىندەك بولمايدىغان كۈننىڭ ئازابى باشلىرىغا كەلگۈچىلىك ئۇ ئايەتلەردىن شۈبھىلىنىپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر بولسا شەيتانلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن شۈبھىلىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار تاكى قىيامەت ئۇشتۇمتۇت قايىم بولغۇچىلىك ياكى ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدىغان غازات كۈنىدە مەغلۇپ بولغۇچىلىك ئۇ ئايەتلەردىن شۈبھىلىنىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    بۇ كۈندە پادىشاھلىق (يالغۇز) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (تۈرلۈك) نازۇ- نېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈننىڭ پادىشاھى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈندە، يەنى قىيامەت كۈنىدە پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن، ئۆزى تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن ئالدىنئالا تەييارلىغان جەننەت باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (22-سۈرە ھەج، 57-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
    كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (دوزاختا) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بولسا خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەبتىن دوزاخقا خورلانغان ھالدا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. خۇلاسە: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەركىن پىكىرلىك ۋە ھۆر ئىرادىلىك قىلىپ ياراتقان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنى ياخشى يولغا چاقىرغان، شەيتانغا ئەگىشىشتىن توسقان. چۈنكى شەيتانغا توغرا يولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئۇ يولغا كەلگەنلەرنى ۋەسۋەسە ۋە ھىيلە - مىكىر بىلەن توسۇش پۇرسىتى بەرگەن. 52 ~ 55 - ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنىڭ ئالدىدا شەيتاننىڭ داۋانلىرىدىن ئۆتۈش جەريانىنىڭ بارلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبەلەرنىڭ جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ تېز ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، لېكىن نەتىجىدە ھەقىقەتنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە خۇش خەۋەر بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، قىيامەت كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلارنىڭ، شەيتان بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ ھېچ يېڭىلمىگەنلەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دېمەككى، ئىلاھىي ھېكمەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق سىناقتىن ئۆتۈشى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاللاھ تائالا 56 - ۋە 57 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىنسانلاردىن ھېساب ئېلىش ۋە ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى بېرىش ئىشلىرىنى پەقەت ئۆزىنىڭلا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ كۈنى مۇئمىنلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، كافىرلارنى دوزاخ بىلەن جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 58 ~ 66 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھاجىر مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە زىكىر قىلىدۇ، ئۇلارغا دۇنيادىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (22-سۈرە ھەج، 58-ئايەت) شېھىتلىك ھىجرەت رىزىق
    وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوا أَوْ مَاتُوا لَيَرْزُقَنَّهُمُ اللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
    ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆلگەن كىشىلەر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ ئائىلە - تەۋەسىنى ۋە يۇرت - ماكانىنى تەرك ئېتىپ، ئىسلام دىيارىغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىققاندىن كېيىن كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرگە، ئاللاھ جەننەتتە چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. لَيُدْخِلَنَّهُمْ مُدْخَلًا يَرْضَوْنَهُ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ
    ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جايغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان نەرسىلەرنى) بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جاي-جەننەت-كە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنى، ئۇلار رازى بولىدىغان جايغا كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇلارنى، ئۇلار مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىپ سۆيۈنىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ كىمنىڭ بۇ ياخشى مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. لايىق بولمىغانلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنْصُرَنَّهُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
    ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. كىمكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىنى، ئۆزىگە يەتكەن زۇلۇمنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىغاندىن كېيىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ، ئاللاھنىڭ ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىشتىكى قانۇنىدۇر؛ ياخشىلارغا ئىلتىپاتى بىلەن ئەڭ ياخشى مۇكاپاتنى بېرىدۇ، يامانلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۆزىنى تۈزەتمەستىن ھۇزۇرىغا كەلگەنلەرگە ئادالىتى بىلەن جازا بېرىدۇ. ئاللاھ، جىنايەتچىدىن ئادىللىق بىلەن قىساسىنى ئالغاندىن كېيىن جىنايەتچىنىڭ زۇلۇمىغا قايتا ئۇچرىغان مۇئمىنغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ، قىساسىنى ئادىللىق بىلەن ئالغان مۇئمىننى جازالىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئىلتىپاتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق : ئاللاھ مۇھاجىرلارغا ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى رىزىق ۋە ئېسىل ماقام ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن يۇتلىرىدىن چىقىرىلىش ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراش بىلەن ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە لايىق بولدى. دېمەككى، باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا يولۇققانلار، تاجاۋۇزچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ئوخشىشى بىلەن قىساس ئالسا گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ قىساستىن كېيىن تاجاۋۇزچىلار قايتا ھۇجۇم قىلسا، ئاللاھ قايتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملارغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. مۇھاجىر ۋە شەھىدلەرنىڭ مۇكاپاتى: 1) خالىس ھىجرەت نىيىتى بىلەن ئۆيىدىن چىققاندىن كىشى، ئۆيىدىن چىققاندىن تارتىپ مۇھاجىر ھېسابلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتلىشىغا لايىق بولىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيادىكى مۇكاپاتى - ھەر جەھەتتىن ئازادىچىلىك ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىشتۇر، ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتى بولسا جەننەتكە كېرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشتۇر. 2) مۇھاجىر بولسۇن مۇھاجىر بولمىسۇن شېھىت بولغانلارغا كەلسەك، شېھىتلار جان ئۈزگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يېڭى بىر ھايات بىلەن تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا جەننەتتە ئۇلارغا تۈرلۈك رىزىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ناھايىتى سۆيۈنىدۇ. قىيامەت كۈنى بولسا، ئۇلارنى باشقا مۇئمىنلارنىڭ قاتارىدا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
    (شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ ئاللاھ، كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ -بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى- ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، -ئەھۋالىنى- كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئۇ مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىشى، ئاللاھنىڭ كېچە - كۈندۈزنى بىر - بىرىگە كىرگۈزۈش بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئۇزارتىپ يەنە بىرىنى قىسقارتىپ تۇرۇشقا قادىر ئىكەنلىكى ۋە ھەر ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىمنىڭ ۋە مەزلۇمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەزلۇمغا ياردەم بېرىدۇ، زالىمنى جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
    (بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى باتىلدۇر، ئاللاھ ئەڭ ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەقتۇر، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرى باتىلدۇر. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنداق كامالى قۇدرەتكە ۋە كامالى ئىلىمگە ئىگە بولۇشى، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ئىلاھ بولغانلىقى، مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر ساختا ئىلاھ بولغانلىقى، ھەمدە ئاللاھ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك زات بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنى ئاللاھ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە ئىلاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇ كامالى قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسىدۇر، بۇ قۇدرەت ۋە ئىلىمگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ھەقىقىي ئىلاھ، ئۆزىنىڭلا ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئىكەنلىكىنى كامالى قۇدرىتىگە، كامالى قۇدرىتىنى مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. باشقا ئىككى ئايەتتە بۇلارنى قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ مەزلۇمغا ياردەم بېرىشى ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىشى، شۇنداقلا ھەر كىشىنى لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشاشلا ھەقتۇر؛ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
    ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن زېمىن ياپيېشىل ھالەتكە كېلىدۇ. ئاللاھ ئىنچىكىلەپ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! ئاللاھنىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ يەر يۈزىنى ياپيېشىل ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ، بىلمىدىڭمۇ؟ مانا بۇمۇ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ مەخلۇقاتىنىڭ سىر ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىدىغان، شۇنداقلا دوستىغا ياردەم بېرىشنى ۋە دۈشمىنىنى جازالاشنى ناھايىتى پۇختا پىلانلاپ ئىنچىكە شەكىلدە ئىجرا قىلىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇ سۇ بىلەن زېمىندىن ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈشى، شۇنداقلا يەر يۈزىنى ياپيېشىل ھالەتكە كەلتۈرۈشى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ۋە مەخلۇقاتىغا چەكسىز رەھمىتىنىڭ، شۇنداقلا مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىشكە ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلار، سەييارىلەر ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتلار، زېمىندىكى جانلىق ۋە جانسىز جىمى مەۋجۇداتلار پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر؛ ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇمۇ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى، چوڭقۇر ھېكمىتى ۋە چەكسىز ئىلمىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا لايىق يېگانە زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
    ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! ئاللاھنىڭ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى، سىلەر ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئاسماننى ئۆزىنىڭ رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئەنە شۇ نەرسىلەرنى ئىنسانلارغا پەقەت ئىلتىپات قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. ئەنە شۇلارمۇ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى ۋە چەكسىز رەھمىتىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنى، قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنى، زېمىندىكى ھايۋانلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە بارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئىنسانىيەتكە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. ئاسماننى زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىغان ۋە قىيامەتكە قەدەر ساقلايدۇ. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ قۇدرەتلىك ۋە مەخلۇقاتلارغا چەكسىز مەرھەتلىك زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ
    ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن -ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە- ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى يوقتىن ياراتتى ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتتى، ئەجىلىڭلار توشقاندا سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ. بۇمۇ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ئاللاھقا ھەقىقەتەن كۇفرىلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلماقتىدۇر. چۈنى ئۇ، شۇنچە دىلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق ئىنكار قىلىدۇ، شۇنچە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق شۈكۈر قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا 34 - ئايەتتە، ئۆزى رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن ھەر ئۇممەتنىڭ «بىسمىللاھ» دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن 37 - ئايەتكىچە قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، 66 - ئايەتكىچە بولسا باشقا مۇھىم مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. 67 - ئايەتتە يەنە ئۇ قۇربانلىق مەسىلىسىگە قايتىدۇ ۋە مۇشرىكلارنىڭ بۇ توغرىدىكى خاتالىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئاللاھ تائالا 28 - ئايەتتە ھاجىلارنىڭ ھەرەمگە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋە يېنىدا ئېلىپ كەلگەن «ھەدىيە قۇربانلىقلىرى»نى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ قايسى ھايۋانلاردىن بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىش كۈنلىرىنى ۋە قۇربانلىق گۆشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يولىنى بىلدۈرىدۇ. 34 ~ 37 - ئايەتلەردە ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئادەتتىكى قۇربان ھېيت قۇربانلىقىنى ھەر ئۇممەتكە بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە قۇربانلىق بەلگىلەشنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇممەتى مۇھەممەدنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. قۇربانلىق ھايۋان مەيلى ھەدىيە قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى قۇربان ھېيت قۇربانلىقى بولسۇن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە : 1) قۇربانلىقنى بەلگىلەشنىڭ ھېكمىتى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ (بىسمىللاھ دەپ) بوغۇزلاش، 2) قۇربانلىق تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بولىدۇ، 3) قۇربانلىق ئەڭ ياخشى ھايۋاندىن تاللىنىدۇ، 4) قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرى ئۈچكە بۆلۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، 5) ھەدىيە قۇربانلىقىنى بوغۇزلاش يېرى ھەرەم تەۋەسى، 6) ھېيت قۇربانلىقىنى بوغۇزلاش يېرى ھەر قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ خالىغان يېرى، 7) ھەر ئىككى قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى ۋە ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئۈچ كۈن، 8) بۇ ھۆكۈملەر تارىخ بويىچە ئۆتكەن ھەر ئۇممەت ئۈچۈن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى ئۈچۈن ئوخشاش، بۇنىڭ سەۋەبى بارلىق ئۇممەتلەرنىڭ ئىلاھىنىڭ بىر (ئاللاھ) بولۇشىدۇر. قۇربانلىق قىلىش، يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ھەر ئۇممەتكە ئەنە شۇنداق بەلگىلەنگەن ئىبادەتتۇر. لېكىن ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان مەككە مۇشرىكلىرى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ۋە قۇربانلىقنى بۇتلىرىغا ئاتاپ قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇتلارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ھارام قىلغان، بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنىش ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشنى ۋە ئۇ يەردە قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنى پاسكىنىچىلىق ۋە شەيتاننىڭ ئىشى دەپ سۈپەتلەپ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان، شۇنداقلا ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىنى قۇربانلىقنى ئەسلىي ھېكمىتى ۋە قائىدىسى بويىچە ئۆزىگە (ئاللاھقا) قىلىشقا ئەمىر قىلغان. ئاللاھ تائالا 67 ~ 72 - ئايەتلەردە ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىگەنلىكىنى تەكرارلاپ، باشقا ئازغۇن ئۇممەتلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇ ھەقتە تارتىشىشتىن توسىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۇنى دەۋەت پائاىلىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئازغۇنلار تارتىشماقچى بولسا ئۇلارغا ئېيتىشى كېرەك بولغان سۆزنى ئۆگىتىدۇ، ھەممەيلەننىڭ ئارىسىدا قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەسلىتىدۇ، ئازغۇنلارنىڭ خاتالىقلىرىنى بايان قىلىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. لِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ ۚ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُسْتَقِيمٍ
    ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى رەببىڭ تەرەپكە دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەر ئۇممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. ئۇلار قۇربانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكلار بۇ توغرىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشمىسۇن. سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا چاقىرغىن. شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆزلىرى قىلىشى كېرەك بولغان قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق. شۇنىڭدەك، ساڭىمۇ ۋە سېنىڭ ئۇممىڭتىڭگىمۇ قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. سەن ۋە سېنىڭ ئۇممىتىڭ توغرا شەكىلدە قۇربانلىق قىلىۋاتىسىلەر. مۇشرىكلار قۇربانلىقنىڭ يەرلىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ۋە بۇتلىرىغا ئاتاپ بوغۇزلاش بىلەن خاتا شەكىلدە قۇربانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار سەن بىلەن بۇ ھەقتە تارتىشمىسۇن، ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە پەرۋا قىلمىغىن، يولۇڭغا مېڭىۋەرگىن؛ تەۋھىدكە ۋە تائەت - ئىبادەتنى خالىس قىلىشقا، شېرىكتىن ساقلىنىشقا، بولۇپمۇ قۇربانلىقنى بۇتلارغا ئاتاپ قىلىشتىن يېنىشقا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. شۈبھىسىزكى، سەن رەببىڭنىڭ يولىدىسەن. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «قۇربانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «مەنسەك - منسك» كەلمىسى، قۇربانلىق، قۇربانلىق قىلىش ماكانى، قۇربانلىق قىلىش زامانى، قۇربانلىق قىلىش ئۇسۇلى» دېگەن مەنىلەردە كەلگەندەك، «ئىبادەت ئورنى، ئىبادەت شەكلى، ئىبادەت، شەرىئەت، دىنىي يول» دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. تەپسىرلەردە بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى زىكىر قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن بىرى ئەۋلا كۆرۈلىدۇ ۋە بۇنىڭغا بەزى سەۋەبلەر كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كەلىمە، 34 - ئايەتتە «قۇربانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە بىلەن ئەينى كەلىمە بولغانلىقى ۋە ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساس ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن بىز «قۇربانلىق» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. قۇرئان كەرىمدە «مەنسەك - منسك» كەلىمىسى بىر سۆز تومۇرىدىن بولغان «نۇسۇك - نسك» كەلىمىسىنىڭ قۇربانلىق مەنىسىدە ئىشلىتىلىشىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (22-سۈرە ھەج، 68-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    وَإِنْ جَادَلُوكَ فَقُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
    ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىشكە ئۇرۇنسا، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ناۋادا ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ قىلغان قۇربانلىقىڭنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ توغرىلىقىنى دەۋا قىلىپ سەن بىلەن تارتىشىشتا چىڭ تۇرسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ؛ ئاللاھ مېنى سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، سىلەرنى مىنىڭ قىلمىشىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، ئاللاھ كىم ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ، كىم يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (22-سۈرە ھەج، 69-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    اللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
    ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، سىلەر مەن بىلەن ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلە ھەققىدە قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ توغرا ئىش قىلغاننى مۇكاپاتلايدۇ، خاتا ئىش قىلغاننى جازالايدۇ». بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشمىگىن، چۈنكى ئۇلار بىلىۋېلىش ئۈچۈن سوئال سورىمايدۇ، ئەكسىچە تەرسالىق قىلىپ سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن سوئال سورايدۇ، سوئالىغا جاۋاب بەرسەڭ ئېتىراز قىلىدۇ ۋە ئىشنى مۇنازىرىگە ئېلىپ بارىدۇ، تالاش - تارتىشقا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قىسقىچە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ قۇتۇلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
    بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان — مۇھەممەد سالىھ

    بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ئاسمان - زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىتابتىدۇر. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىلگىنكى، ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر نەرسە كىتابتا يېزىلغان ھالەتتىدۇر. ئاسمان - زېمىندىكى ھەر نەرسىنى بىلىش، يېزىش ۋە ساقلاش ئاللاھقا ئاساندۇر. جۈملىدىن ئاللاھ بۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ قىلمىشلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (22-سۈرە ھەج، 71-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب شېرىك
    وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَمَا لَيْسَ لَهُمْ بِهِ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئىلاھلىقىغا ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا، بەزى شەخسلەرگە ۋە ئۆزلىرى ئويدۇرغان خىيالىي ئىسىملارغا چوقۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چوقۇنۇشىغا ھېچقانداق دەلىلى يوق، ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار بۇ چوقۇنۇشتا نەپسى خاھىشىغا ئەگشىدۇ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنى تەقلىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىنغان چېغىدا ئۆزلىرىنى ئاقلايدىغان ۋە قۇتۇلدۇرىدىغان، ئۆزلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچقانداق ياردەمچىسى بولمايدۇ. دەرۋەقە مۇشرىك - ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان، لېكىن ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان كىشىدۇر. شۇڭلاشقا مۇشرىك ئۆزى ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ياكى ئاڭلىغان بىرەر كىشىنى «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ماڭا شاپائەت قىلىدۇ»، «مېنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن باتىل ئېتىقاد بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. بۇتقا چوقۇنغانلارمۇ ئەسلىدە ئۆزلىرى شۇ بۇتنىڭ ئىچىدە بارلىقىغا ئىشەنگەن بىرەر شەخسنىڭ روھىغا چوقۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە مۇشرىكلار چوقۇنغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنى ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن قىيامەت كۈنى دۈشمەنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ تَعْرِفُ فِي وُجُوهِ الَّذِينَ كَفَرُوا الْمُنْكَرَ ۖ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِالَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا ۗ قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكُمُ ۗ النَّارُ وَعَدَهَا اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە (قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكتىن) ئىنكار قىلغانلىقنى كۆرۈسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالغانلىقىنى كۆرۈسەن. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر. ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!» — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە ئىنكار قىلغانلىق - ئىپادىسى-نى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئېيتقىنكى: «سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر؛ ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز روشەن ھالدا تىلاۋەت قىلىنسا، سەن ئۇ كافىرلارنىڭ يۈزلىرىدە ئىنكار قىلغانلىق ۋە نارازى بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەنلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر! ئاللاھ ئۇنى كافىرلارغا ۋەدە قىلدى. ئۇ نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت!».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، سەن ئۇ كافىرلارنىڭ يۈزلىرىدە ئىنكار قىلغانلىق ۋە نارازى بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغان مۇئمىننى ئۇرۇۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەرنى بىئارام قىلىشتا ۋە ئاچچىغىڭلارنى كەلتۈرۈشتە ئايەتتىن ۋە ئايەتنى ئوقۇغان مۇئمىندىنمۇ يامان نەرسىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاڭلار: سىلەر ئۈچۈن ئايەتلەردىن ۋە مۇئمىنلاردىن يامان بولغان نەرسە دوزاختۇر. ئاللاھ ئۇنى كافىرلار ئۈچۈن تەييارلىدى ۋە كافىرلارغا ۋەدە قىلدى. ئەنە شۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! قىيامەت كۈنى ئۇ دوزاخقا تاشلىنىش نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت! ئى مۇشرىكلار! ھازىر ئوقۇلغان ئايەتلەر ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇغان مۇئمىنلار سىلەرنىڭ قىيىنىلىشىڭلارغا، ئىچ پۇشۇقى تارتىشىڭلارغا ۋە بىئارام بولۇشىڭلارغا سەۋەبچى بولدى، شۇنداقمۇ! شۇنى بىلىڭلاركى: ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى سىلەرنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ، تېخىمۇ قىينايدۇ، ئىچىڭلارنى تېخمۇ پۇشۇرىدۇ». بۇ ئايەتتە بىلدۈرۈلگەندەك، ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلار قۇرئان يەتكۈزۈلسە بىئارام بولغان، چىرايى ئۆڭگەن ۋە ئوغىسى قاينىغان، ئاندىن ئۆزلىرى ئۇيغۇن كۆرگەن شەكىلدە ئىنكار قىلغان. مەسىلەن: ئۇلار پەرقلىق سورۇنلاردا ياكى ئۇلارنىڭ پەرقلىق گۇرۇھلىرى قۇرئان كەرىم يەتكۈزۈلسە تۆۋەندىكى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن بىرىنى قىلغان: «ئاڭلىدۇق، خالىساق بۇنداق گەپنى بىزمۇ قىلىمىز، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى»، «باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئۆزگەرتكىن»، «ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى (مۇئمىنلار بىلەن كافىرلار) ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائي جەھەتتىن ياخشى ھالەتتە؟»، «بۇ ئادەم سىلەرنى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ يولىدىن توسماقچى، بۇنىڭ ئوقۇغىنى ئويدۇرما. ئاشكارا سېھىر»، «سۆزۈڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ ئالدىمىزغا كەلتۈرۈڭلار». قىيامەتكە قەدەر بارلىق تەرسا مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە قارشى تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نازىل بولغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئايەتلىرى ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە ھەر دەۋر ئىنسانلىرىغا ماس كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَنْ يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ ۖ وَإِنْ يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَا يَسْتَنْقِذُوهُ مِنْهُ ۚ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ
    ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، چۇقۇنغۇچىمۇ، چوقۇنۇلغۇچىمۇ ئاجىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. دېمەككى، تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەر بۇتلارنى، بەزى شەخسلەرنى ۋە بەزى خىيالىي ئىسىملارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتىسىلەر؛ ئاللاھتىنلا تىلىنىشى كېرەك بولغان ياردەملەرنى ئۇلاردىن تىلەۋاتىسىلەر، ئاللاھقا باغلىنىشى كېرەك بولغان ئۇمىدنى ئۇلارغا باغلاۋاتىسىلەر، ئۇلاردىن ئاللاھتىن قورققاندەك قورقۇۋاتىسىلەر، ئۇلارغا چىن دىلىڭلاردىن ئېھتىرام قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىسال بايان قىلىندى، قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئويلىنىڭلار: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئۇ نەرسىلەر بىر تال چىۋىن يارىتالمايدۇ، ئۇلار بىر تال چىۋىن يارىتىش ئۈچۈن ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بۇنى قىلالمايدۇ. ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىرەر نەرسە ئېلىپ قاچسا، ئۇلار چىۋىندىن ئۇ نەرسىنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. ئەڭ ئاجىز نەرسە بولغان چىۋىننى يارىتىشقا ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئى مۇشرىكلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرەر چىۋىن يارىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ياكى چىۋىن ئۇلاردىن بىرەر نەرسىسىنى ئېلىۋېلىپ ئۇلارنىڭ چىۋىندىن ئۇ نەرسىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھېچبىرىگە كۈچى يەتمىگەنلىكى پەرەز قىلىنسا، ئۇلارنىڭ چىۋىندىنمۇ ئاجىز ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. دېمەككى، سىلەرنىڭ ئۇ مەبۇدلىرىڭلار بىلەن چىۋىن ئوخشاشلا ئاجىز نەرسىلەردۇر، ھەتتا مەبۇدلىرىڭلار چىۋىندىنمۇ ئاجىزدۇر. ھەر ئىككىسى نېمىدېگەن ئاجىز! نەتىجىدە سىلەر ئىنتايىن ئەخمەق ئادەملەرسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
    ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھ نى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى؛ تېگىشلىك رەۋىشتە تونۇمىدى، ئۇلۇغلۇقىغا لايىق ئۇلۇغلىمىدى، چۈنكى ئاللاھ ھېچقانداق ئىش تەس كەلمەيدىغان ۋە ئەسلا يېڭىلمەيدىغان كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە يېگانە زاتتۇر. ئۇ مۇشرىكلار ئەنە شۇ ئاللاھقا ئەڭ پەس، ئەڭ ئاددىي ۋە ھېچ كۈچى بولمىغان نەرسىلەرنى شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى تونۇمىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولدى. مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانى ئۆز لايىقىدا تونۇمىغانلىقى ۋە تېگىشلىك شەكىلدە ئۇلۇغلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ئۈچ قەبىھ قىلمىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى (ئاللاھنى) لايىق رەۋىشتە ئۇلۇغلىمىغانلىقى ۋە تېگىشلىك رەۋىشتە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. اللَّهُ يَصْطَفِي مِنَ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ النَّاسِ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
    ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈش ئۈچۈن)، ئىنسانلاردىنمۇ (شەرىئەتنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پەرىشتىلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى- ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەر تاللايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىن بەزىلەرنى تاللاپ ئەلچىسى قىلىدۇ، ئىنسانلاردىنمۇ بەزىلەرنى تاللاپ ئەلچىسى قىلىدۇ. سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن بىرىنى تاللاپ ئەلچىسى قىلسا ۋە ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتسە، سىلەر نېمىشقا ئېتىراز قىلىسىلەر؟ ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. مۇشرىكلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىرەر پەرىشتىنىڭ ئاگالاندۇرغۇچى بولۇپ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ باھانىلىرىگە بىرقانچە ئايەتتە رەددىيە بېرىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ پەرىشتىلەردىن بەزىلەرنى ئەلچىلىككە تاللايدۇ، ئىنسانلاردىنمۇ بەزىلەرنى ئەلچىلىككە تاللايدۇ. پەرىشتىلەردىن تاللىغان ئەلچىلىرى باشقا پەرىشتىلەرگە بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئىنسانلاردىن تاللىغان ئەلچىلىرىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ. ئىنسانلاردىن تاللىغان ئەلچىلىرى بولسا، ئۆزلىرىگە پەرىشتە ئەلچىلەر نازىل قىلغان ۋەھىينى باشقا ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ، ئۆگىتىدۇ ۋە ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە بارلىق پەرىشتىلەرنى ئەلچىلىرى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بەزىلىرىنى ئەلچىلىرى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ۋەزىپىلەرنى تەقسىم قىلىدۇ. پەرىشىتىلەرنىڭ بەزىسى ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىنسان ئەلچىلىرىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئەجىلى توشقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى يازىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا پەرشىتە ئەلچىلىرىنى ۋەھىي نازىل قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋەتىدۇ. مەسىلەن: جىبرىئىل دېگەن پەرىشتىنى ۋە باشقا بىر قىسىم پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى مەريەمگە بىر قىسىم خۇش خەۋەرلەرنى بېرىش ۋە بىر قىسىم بۇيرۇقلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى، لۇت ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى پەرىشتە ئەلچىلەر يەتكۈزگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. (22-سۈرە ھەج، 76-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ھازىرقى ئىشلىرىنى) ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى) بىلىدۇ، (بەندىلەرنىڭ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارغا يا مۇكاپات، يا جازا بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ پەرىشتىلەردىن بولسۇن ئىنسانلاردىن بولسۇن ئۇ ئەلچىلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بارلىق ئەھۋالىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشلىرىنى ۋە كېلەچەكلىرىنى بىلىدۇ. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ؛ ئاللاھ مۇتلەق ئىرادە ۋە مۇتلەق سەلتەنەت ئىگىسى بولۇپ، خالىغىنىنى قىلىدۇ، جۈملىدىن خالىغان پەرىشتىنى ئەلچىسى بولۇشقا تاللاپ، ئۇنى ئىنسانلاردىن ئۆزى تاللىغان ئەلچىسىگە ئەۋەتىدۇ، خالىغان ئىنساننى ئەلچىلىككە تاللاپ ئۇنى خالىغان ئىنسانلارغا ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئېتىراز قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئىنسان ئەلچىلىرىدىن، قىلغان دەۋەتلىرىگە ئىنسانلارنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ۋە ئىنسانلاردىن يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى سوراش، ھېساب ئېلىش، شۇنداقلا ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلارنى پەقەت ئۆزىلا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 76 - ئايەتكىچە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقى قاتارلىق ئۈچ ھەقىقەتنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى بولغان 77 - ۋە 78 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ خۇلاسىسىنى بىلدۈرۈپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇرادىغا يېتىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
    ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، يالغۇز رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! نامىزىڭلارنى تولۇق ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، سىلەرنى ياراتقان، ياشىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى ۋە ھېچ كىشىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، سىلەرگە ياخشىلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. «مۇرادىغا يېتىش» - جەننەتتە ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام، مىسسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە ۋە مۇشۇ سۈرە (ھەج)نىڭ 23 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ ۚ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَٰذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ ۖ فَنِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
    ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە جىھاد قىلىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تاللىدى ۋە سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى. بۇ، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىمۇ ۋە بۇ قۇرئاندىمۇ مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ئېسىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، ئەلچىسىنى سىلەرگە شاھىت بولسۇن، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر! — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش غايىسى بىلەن، ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ۋە ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە جىھاد قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى تاللىدى - ياخشى ئۇممەت قىلدى، سىلەرنى بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلاردا سىلەرگە ئېغىر كېلىدىغان ھېچبىر ۋەزىپە قىلمىدى؛ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش سىلەر ئۈچۈن ئاسان ئىشتۇر. ئۇنداقتا، ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ يولىغا كىرىپ مېڭىڭلار، چۈنكى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سىلەرنى دەۋەت قىلغان يول ئەنە شۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا ۋە بۇ كىتابى قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرنى تاللىشى ۋە مۇسۇلمان دەپ ئاتىشى، قىيامەت كۈنى بۇ رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا، سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا تايىنىڭلار، ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە ئاللاھقا سېغىنىڭلار. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھىمايىچى ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر! «جىھاد» - ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى ئاللاھ يولىدا ئىشلەتمەك ۋە ئۇ يولدا پىدا قىلماق دېگەن بولۇپ، كۆپرەك «ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. قايسى ئۇرۇشنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 154 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. بۇ ئايەتتىكى جىھاد - نەپس، شەيتان، دۈشمەن ۋە زالىم قاتارلىقلارغا قارشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۈرەش قىلىش دېگەن ئومۇمىي مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى «ئاللاھ يولىدا لايىق رەۋىشتە جىھاد قىلىش» - بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۈرەش قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئەمەلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى