لوقمان سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 34 ئايەت
مەنىسى: لوقمان ھەكىم. ئاتىلىش سەۋەبى: لوقمان ھەكىمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (13~19-ئايەتلەر)
  1. (31-سۈرە لوقمان، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
    ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْحَكِيمِ
    بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر، — ئەنەس ئالىم

    بۇلار، ئاللاھ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان ھېكمەتلىك كىتاب - قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. هُدًى وَرَحْمَةً لِلْمُحْسِنِينَ
    (ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر؛ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كىتاب ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى، ئىمان كەلتۈرۈش ۋە بويسۇنۇش بىلەن ياخشى ئىش قىلغانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋە رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئالاھىدىلىكتە نازىل قىلدى. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەتتۇر، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇئەييەن سۈپەتتىكى كىشىلەرگىلا ھىدايەتتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقىدىغانلار پايدىلىنىدۇ، مانا بۇلار تەقۋادارلاردۇر. قۇرئان كەرىم ئۇ تەقۋادارلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىدىغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
    (ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار، تەئدىل ئەركان بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان، ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە «ئىقامە (إقامة)» دېگەن ئۆتۈملۈك مەسدەردىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئېنىق ئىسىم بولۇپ «ئەسسالات (الصلاة)» ھالىتىدە كەلگەن كەلىمە «بەش ۋاخ ناماز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى «ناماز» - مۇئمىنلارغا بىر كېچە - كۈندۈزدە بەش قېتىم ئۆتەش پەرز قىلىنغان نامازلارنى كۆرسىتىدۇ. «زاكات»قا كەلسەك، ئۇ ئادەتتە زاكات دەپ ئاتىلىدىغان شۇنداقلا ئالتۇن - كۈمۈشتىن، نەق پۇلدىن ۋە تىجارەت ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان قىرىقتا بىرنى، تۆگە، كالا، قوي ، ئۆچكە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئېلىنىدىغان مۇئەييەن مىقدارنى، بەزى زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئوندىن بىرىنى ۋە بەزى زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان يىگىرمىدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (31-سۈرە لوقمان، 5-ئايەت) تەقۋادارلىق ئاللاھنىڭ ھىدايىتى
    أُولَٰئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    ئاشۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاشۇلار رەببىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر[1]. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر، ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەرۇر. «ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلار» ۋە «مۇرادىغا يەتكۈچىلەر» توغرۇلۇق 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 5- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
    بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل قىلغان قۇرئانغا بەزى ئىنسانلار لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرىدۇ ۋە ئەمەل قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى ئالەمدە مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولىدۇ. بەزى ئىنسانلار بولسا، قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئىلىمسىزلىك بىلەن باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇ يولنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن، ياخشى ئىش ۋە توغرا سۆزدىن توسىدىغان، ئاڭلىغانلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىدىغان، ھېچقانداق پايدىسى يوق بىھۇدە سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ ئىنسانلار دۇنيادا بەختسىزلىككە، ئاخىرەتتە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. «بىھۇدە سۆز» - دىلنى مەشغۇل قىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسىدىغان ھەرقانداق سۆز دېگەن بولۇپ، ئۇ يالغان سۆزلەر، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان قىزىقارلىق گەپلەر، ئويدۇرما ھېكايىلەر، قۇرۇق پاراڭلار، خۇراپاتلار، ئويۇن - تاماشالار، نەغمە - ناۋالار... قاتارلىق پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇلارنى، ئىسلامدىن توسۇش ۋە ئىسلامنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋېلىش» بولسا، ئىنسانلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلامنى كەمسىتىش ئۈچۈن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلامنىڭ ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇ سۆزلەرنى پۇلغا سېتىۋېلىشنى ۋە ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشقا باشقىلارنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالغانلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇلسا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك پەرۋاسىزلىق قىلىدۇ، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارغا، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بۇيرۇقىنى، «ئۇلارغا خۇش خەۋەر بەرگەن» دەپ ئىپادىلەيدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ يامان يولدىن يانمىسا مەزكۇر ئەلەملىك ئازاب بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا يامان يولدا قېلىشنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭدا ئەزۋەيلىشى ئەلەملىك ئازابقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىغا ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۇنىڭغا سۆيۈنچلۈك خەۋەر بەرگەنلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ «خۇش خەۋەر بېرىش» بىلەن ئىپادىلىنىشى بۇ ئىنچىكىلىككە دالالەت قىلىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ جَنَّاتُ النَّعِيمِ
    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا نەئىم جەننەتلىرى بار. — ئەنەس ئالىم

    (8-9) قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە تۈرلۈك نېمەت باغچىلىرىدا كۈتۈلىدۇ. ئۇلار ئۇ باغچىلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلارغا بۇ نېمەتلەرنى ۋە نېمەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئۇنداقتا، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچى، پارلاق نۇر ۋە نەسىھەت قىلىپ نازىل قىلغان بولسىمۇ، ئىنسانلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتى ئالدىدا ئىككىگە ئايرىلغان: 1) قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە قۇرئان كەرىم باشلىغان يولنى قوبۇل قىلىش بىلەن قۇرئان كەرىمدىن پايدىلانغان كىشىلەر. 2) قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈش ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ سەۋەبىدىن زىيان تارتقان ۋە زىيىنى ئېغىرلاشقان كىشىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر (ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  10. خَلَقَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ياراتتى، زېمىندا سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار قويدى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى يارىتىپ تارقاتتى. بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ ئاسمانلارنى يوقتىن يارىتىپ، ئۇلارنى سىلەر كۆرىدىغان تۈۋرۈكلەرسىز (يەنى سىلەر كۆرمەيدىغان كۈچلەر بىلەن) كۆتۈردى، زېمىننىڭ، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ ئۈستىدىكىلەرنى بىئارام قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردى، زېمىندا قورسىقى بىلەن ماڭىدىغان، ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدىغان ۋە تۆت پۇت بىلەن ماڭىدىغان تۈرلۈك جانلىقلارنى يوقتىن يارىتىپ تارقاتتى. شۇنىڭدەك ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (31-سۈرە لوقمان، 11-ئايەت) شېرىك
    هَٰذَا خَلْقُ اللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ ۚ بَلِ الظَّالِمُونَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    مانا بۇلار ئاللاھنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا بۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار، ئاللاھتىن باشقىسى نېمە ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ ئۈستۈڭلاردىكى ھەشەمەتلىك ئاسمان، ئاستىڭلاردىكى كۆركەم زېمىن، ئەتراپىڭلاردىكى ھەيۋەتلىك تاغلار، كۆز ئالدىڭلاردىكى تۈرلۈك جانلىقلار ۋە خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەر، ئاللاھ ياراتقان ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان نەرسىلەردۇر. ئى مۇشرىكلار! ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار نېمە ياراتتى؟ ئەسلا كۆرسىتەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۇ مەبۇدلىرىڭلار ھېچ نەرسە ياراتمىدى. ئەسلىدە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار ئوچۇق - ئاشكارا ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەن ھالەتتىدۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ھېچ نەرسە ياراتمىغانلىقىغا ۋە يارىتالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلار ئىبادەتنى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقا قىلماي، ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، جان ئېلىش، جان بېرىش ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمايدىغان ئاجىز، ھەتتا جانسىز نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (31-سۈرە لوقمان، 12-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت شۈكۈر
    وَلَقَدْ آتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ ۚ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
    بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، -ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى- «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز لۇقمانغا: «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن» دەپ ھېكمەتنى بەردۇق. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ. كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەلەنگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتىپ بەرگىنكى، بىز ئۆز ۋاقتىدا لۇقمانغا ھېكمەتنى - توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى، پايدىلىق ئىلىم ۋە راستچىللىق ئاتا قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: «مېنىڭ نېمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلغىن، چۈنكى كىم شۈكۈر قىلىدىكەن ئۆزى پايدا ئالىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن ئۆزى زىيان تارتىدۇ، ئاللاھ ھېچكىمنىڭ شۈكۈر قىلىشىغا موھتاج ئەمەس، ئاللاھ مەدھىيەگە لايىقتۇر، ھەر ئىشى مۇكەممەل، ھەر سۆزى راست ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر». ھېكمەت - توغرا چۈشەنچە ۋە پايدىلىق ئىلىم دېگەن بولۇپ، ئۇ ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەردىن ۋە كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىن ھاسىل قىلىنغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىلىمنى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر ئايەتتە ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ لۇقمان دېگەن بەندىسىگە ھېكمەتنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى بەش ئايەتتە لۇقماننىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتىنى زىكىر قىلىپ، ئۇ بەندىسىنىڭ ھېكمەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، ھېكمەت راست ئېيتىشقا ۋە توغرا ئىش قىلىشقا ئېلىپ بارغان، يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتتە ئەكس ئېتىش بىلەن ئەمەلىيەتكە ئايلانغان پايدىلىق ئىلىمدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ھېكمەت بەرگەن بولسا ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇنداق ئىلىم ئۇ كىشىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا لوقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتىپ بەرگىنكى: ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ ھەقسىزلىقتۇر؛ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى بولمىغان، شۇنداقلا چوقۇنۇلۇشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد بەرھەق بولغان ئاللاھ بىلەن، ئاجىز، جانسىز ۋە چوقۇنۇلۇشقا ئەسلا لاياقىتى يوق نەرسىلەرنى تەڭ كۆرگەنلىكتۇر». دەرۋەقە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش غايەت چوڭ ناھەقچىلىكتۇر، قەبىھ خاتالىقتۇر، چۈنكى بۇ ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان ۋە سان - ساناقسىز نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئاللاھقا قىلىش كېرەك بولغان چوقۇنۇشنى، ئۆزىگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمىگەن نەرسىگە قىلغانلىقتۇر؛ مەرھەمەتنى ئاللاھتىن كۆرۈپ ئېھتىرامنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، نېمەتنى ئاللاھتىن ئېلىپ شۈكۈرنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يارىتىلغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۇرۇقلۇق تەزىمنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش ھەقىقەتەن ھەقسىزلىقتۇر، ئوچۇق - ئاشكارا خاتالىقتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بەندىسى لۇقماننىڭ ئوغلىغا قىلغان بۇ نەسىھەتىنى نەقىل قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھېكمەتنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ نەسىھەتنى قىلىش بىلەن ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كۇفرىلىق قىلىشنىڭ ۋە شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ زۇلۇم (ھەقسىزلىق) ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بۇ نەسىھەتنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (31-سۈرە لوقمان، 14-ئايەت) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش
    وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ
    ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى -قورسىقىدا- ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. -ئى ئىنسان!- ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق - ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ -: «ماڭا ۋە ئاتا - ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىپ كېلىسەن. — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق - چۈنكى ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى، ئۇنى ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىدى -: «ئى ئىنسان! ئىبادەتنى پەقەت ماڭىلا قىلىش بىلەن ماڭا شۈكۈر قىلغىن، ئاتا - ئاناڭغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياخشىلىقلارنى قىلىش بىلەن ئۇلارغا تەشەككۈر بىلدۈرگىن، شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: سەن يېقىندا ئۆلۈپ كېتىسەن ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلىسەن، شۇنداقلا پۈتكۈل قىلمىشىڭ، جۈملىدىن ئاتا - ئاناڭغا قىلغان مۇئامىلەڭ توغرىسىدا ماڭا ھېساب بېرىسەن». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنساننى ئانىسىنىڭ ئۈستى - ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بۇ ئايەتتىكى ئېمىتىش ۋاقتىنى تەكىتلەيدۇ، يەنە باشقا بىر ئايەتتە ئانىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدارلىق ۋاقتى بىلەن ئۇنى ئېمىتىش مۇددىتىنىڭ 30 ئاي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 30 ئايدىن ئىككى يىلنى چىقارساق ئالتە ئاي قالىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ئايلار قەمەرىيە ھېسابى بىلەن ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالتە ئاينىڭ ئۈچ ئېيى 29 كۈندىن، ئۈچ ئېيى 30 كۈندىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ ئالتە ئاي 177 كۈن بولغان بولىدۇ. دېمەككى، ھامىلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا روھ پۈۋلىنىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، 6 ئاي (يەنى 177 كۈن) قالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئۇنى «قورسىقىدا ئۈستى - ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈرگەن» ۋاقتىمۇ بۇ ئالتە ئايدۇر. بۇ ئالتە ئايدىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئۇنىڭ شەكىلدىن شەكىلگە كىرىپ ئاخىرى ئىنسان شەكلىنى ئېلىش باسقۇچلىرىدۇر. ئۇ تولۇق ئىنسان شەكلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «باشقا بىر مەخلۇق»قا يەنى ئىنسانغا ئايلانغان بولىدۇ. ئىنساننىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدىن ئىچىگە روھ پۈۋلەنگۈچىلىك ئارىلىقتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇش مۇددىتى، ھامىلىدارلىق تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى بىلەن باشلانسا 102 كۈن بىلەن 105 كۈن ئارىسىدا بولىدۇ. بۇ، 15 ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ھامىلىدارلىق تۇخۇمنىڭ تۇخۇمداندىن ئايرىلىپ رەھىمگە مېڭىشى بىلەن باشلانسا، بۇ تەقدىردە ئۇ مۇددەت 118 كۈن بىلەن 120 ئارىسىدا بولىدۇ. بۇ، 18 ھەپتىگە توغرا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن[2]، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن». — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ: «ئى ئىنسان! ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى، ئىبادەتكە لايىق ئىكەنلىكىگە ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، لېكىن بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئۇلارغا ياخشى ھەمراھ بولغىن؛ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىن، ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامدىغىن، ئەتە - ئاخشام يېنىدا بولۇشقا تىرىشقىن، سىلىق مۇئامىلە ۋە چىرايلىق گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن. دىنىي ئىشلاردا ماڭا ئىخلاس بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان مۇئمىنلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. ئاخىرى ھەممىڭلار ئۆلىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بىر - بىرلەپ سورايمەن، ھېساب نەتىجىسىدە لايىق بولغان ئورنۇڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىمەن (جەننەتكە ياكى دوزاخقا)». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. يَا بُنَيَّ إِنَّهَا إِنْ تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ فَتَكُنْ فِي صَخْرَةٍ أَوْ فِي السَّمَاوَاتِ أَوْ فِي الْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
    (لوقمان ئېيتتى) «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -لوقمان ئېيتتى- «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لۇقمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۇيۇل ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ كەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەتىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۇيۇل ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬ قىيامەت كۈنى ﺋﯘﻧﻰ كەلتۈرۈپ سەندىن ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئىشنى ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ھەر نەرسىدىن ۋە ھەر ئىشتىن ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ؛ ئاللاھقا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بولغان ھېچ نەرسە، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ھېچبىر قىلمىشى مەخپىي قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
    ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن- ئوقۇغىن، -كىشىلەرنى- ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئوغۇلچىقىم! بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن؛ ۋاقىتلىرىغا رىئايە قىلغان، شەرتلىرىنى ئورۇندىغان، ئەركانلىرىنى ئىجرا قىلغان، زىكىر، تەسبىھ ۋە خۇشۇئلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئادا قىلغىن. باشقىلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇغىن، يامان ئىشلاردىن توسقىن، دەۋەت يولىدا بېشىڭغا كەلگەن جاپا - مۇشەققەت ۋە مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر؛ مۇئمىن قىلمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
    كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    باشقىلارغا گەپ قىلغان چېغىڭدا ياكى باشقىلار ساڭا گەپ قىلغان چاغدا ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئۇلارنى كەمسىتمىگىن، ئەكسىچە ساڭا گەپ قىلغانلارغا كەمتەرلىك ۋە مېھرىبانلىق بىلەن قۇلاق سالغىن، سەن گەپ قىلغانلارغا تەۋازۇ ۋە ئېھتىرام بىلەن مەقسىتىڭنى چۈشەندۈرگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، مېڭىشىڭدا گىدەيمىگىن، ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلىمىغىن، شۇنى بىلگىنكى: ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ؛ ئاللاھ، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەر قانداق ئادەمنى سۆيمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَاقْصِدْ فِي مَشْيِكَ وَاغْضُضْ مِنْ صَوْتِكَ ۚ إِنَّ أَنْكَرَ الْأَصْوَاتِ لَصَوْتُ الْحَمِيرِ
    ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېڭىشىڭدا تەبىئىي بولغىن، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسەيتكىن، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    مېڭىشىڭدا ئوتتۇرا ھال بولغىن؛ تەبىئىي ماڭغىن، گەپ قىلغاندا ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئاۋاز چىقارمىغىن، چۈنكى ئاۋازلارنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىكى، ئەڭ نەپرەتلىنەرلىكى ۋە ئەڭ قەبىھى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىدۇر، باشقىلارغا گەپ قىلغاندا توۋلاپ گەپ قىلىش ئېشەكتەك ھاڭرىغانلىق بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى بىزار قىلىدۇ، بىئارام قىلىدۇ، گەپنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ». «غادىيىپ مېڭىش» - تەكەببۇرلۇقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇنداق مېڭىشتىن توسىدۇ، تەمكىنلىك بىلەن مېڭىشقا تەرغىب قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە لۇقماننىڭ نەسىھەتىنى بايان قىلىش بىلەن ئۇنداق مېڭىشنىڭ يامان ئادەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەسكەرتىش: لۇقماننىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئالدى بىلەن شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇشى ۋە شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ بەك يامان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى. دېمەككى، ئەقىدىنى توغرىلاش ئەڭ باشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. 2) ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئەسلىتىشى، ئاللاھنىڭ ھەر يەردە ھازىر ۋە ھەر ئىشقا نازىر ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقنى جېكىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جاۋابكارلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىشى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى. 3) ئەقىدە توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندىن كېيىنلا ئۇنى بەش ۋاخ نامازنى كامىل ئادا قىلىشقا بۇيرۇشى، چۈنكى بەش ۋاخ ناماز ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئەركانىدۇر. «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن ئىسلام» بولغانلىقى ئۈچۈن، بەش ۋاخ ناماز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆتىگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن ئىبادەتتۇر. 4) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇشى ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇشى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىشى. 5) ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى ئۆگىتىشى، يەنى ھاياتتا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە يالغۇز ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى. 6) تەبىئىي مېڭىشقا ۋە ئېھتىياجقا تۇشلۇق ئۈنلۈك گەپ قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن ئۇنىڭغا گۈزەل ئەخلاق ئۆگىتىشى. يىغىپ ئېيتقاندا لۇقمان ئوغلىغا دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى تونۇتتى، ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈردى، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆگەتتى، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ يولىنى كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (31-سۈرە لوقمان، 20-ئايەت) شېرىك ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    أَلَمْ تَرَوْا أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُ ظَاهِرَةً وَبَاطِنَةً ۗ وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُنِيرٍ
    بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرنى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى كۆپ ئاتا قىلدى. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە، ھېچبىر ھىدايەتكە ۋە ھېچبىر نۇرلۇق كىتابقا ئاساسلانماستىن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى، يۇلتۇزلارنى، سەييارىلەرنى ۋە بۇلۇتلارنى، زېمىندىكى دېڭىز - ئوكيان، دەريا - ئۆستەڭ، تاغ - دالا، دەل - دەرەخ ۋە باشقا جانلىق - جانسىز بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن يارىتىپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. سىلەرگە، سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلىنىدىغان ئاشكارا ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىلىنىدىغان يوشۇرۇن سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىنى كۆرۈۋاتىسىلەر ۋە ھېس قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھنىڭ شۇنچە نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق، نە ئىلىمگە، نە ئەقلىي ۋە نەقلىي بىرەر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش توغرىسىدا دەتالىشىدۇ؛ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ، ئەكسىچە ئىلىمسىزلىكى، ئازغۇنلۇقى ۋە ئىلاھىي كىتابتىن يىراق ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىق بىلەن كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلەيدۇ. ئەنە شۇ تۇزكورلار دۇنيادا رەسۋاچىلىققا، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (31-سۈرە لوقمان، 21-ئايەت) شېرىك قارىغۇلارچە ئەگىشىش
    وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ الشَّيْطَانُ يَدْعُوهُمْ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە (يەنى قۇرئان) غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسا (ئۇلار يەنىلا ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشەمدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە -قۇرئان- غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسىمۇ يەنىلا ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان بولسىچۇ؟! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئىچىڭلاردا ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش توغرىسىدا دەتالاش قىلىدىغان ئۇ تۇزكور كىشىلەرگە: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار؛ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يېنىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، قۇرئانغا بويسۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز؛ ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن ئۆگەنگىنىمىز بويىچە دىندارلىق قىلىمىز» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ دوزاخنىڭ يولىدا ماڭغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ ماڭمىغانلىقىنى تەكشۈرمەستىن نېمىشقا ئۇلارغا ئەگىشىدۇ؟ ئەسكەرتىش: ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئۆتكەن بارلىق مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى تەرسا ۋە تەقلىدچى بولۇشىدۇر، شۇڭلاشقا ھەر زاماندىكى ۋە ھەر ماكاندىكى مۇشرىكلار كەلتۈرۈلگەن ئەقلىي ۋە نەقلىي ھېچبىر دەلىلگە قايىل بولمايدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنداقلا تەۋھىدنى قوبۇل قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَمَنْ يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
    ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياخشى ئىش قىلغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    كىمكى ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش، ئاللاھقا سەمىمىيلىك بىلەن ئىتائەت قىلىش ۋە ھاياتىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەستايىدىل توغرىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ كىشى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىرىپ ماڭغان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا ئائىتتۇر؛ ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش پەقەت ئاللاھ قىلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ دۇنيادا قايسى قەۋم نېمىگە لايىق بولسا ئۇنى شۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ، قىيامەت كۈنى ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىشنى پەقەت ئۆزىلا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَمَنْ كَفَرَ فَلَا يَحْزُنْكَ كُفْرُهُ ۚ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ فَنُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئۇلارغا (دۇنيادىكى) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كىمكى ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتتىن باش تارتىشى ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن؛ سەن ئۇنداق كىشىلەرنىڭ تەرسالىقىغا قاراپ قايغۇرمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، ئەكسىچە دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرىمىز ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم كافىر بولسا ئۆزى زىيان تارتىدۇ. بىز كۆڭۈللەرگە كەلگەن خىياللارنى ۋە دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرۇمىز، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى بۇزۇق نىيەت، ئۆزئارا پىلانلىغان يامان ئىش ۋە ساڭا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق قەبىھ ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. نُمَتِّعُهُمْ قَلِيلًا ثُمَّ نَضْطَرُّهُمْ إِلَىٰ عَذَابٍ غَلِيظٍ
    ئۇلارنى (دۇنيادىن) ئازغىنا (مۇددەت) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابنى (تېتىشقا) مەجبۇرلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى -دۇنيادىن- ئازغىنا بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا مەجبۇرلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى ئازغىنە بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن دەھشەتلىك ئازابقا ھەيدەيمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى، بىز ئۇلارنى دۇنيادا مەلۇم مۇددەت ياشىتىمىز، نېمەتلىرىمىزدىن ئازغىنە بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىمىز، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلاپ دەھشەتلىك ئازاب بىلەن ئازابلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم خەلق ئەتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر!» بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلاردىن ئەگەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!» دېگىن. ئۇلار ئاللاھنىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەشتە يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ؛ ئەقىللىرنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن زىتلىققا چۈشكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەسكەرتىش: مۇشرىكلار ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىقىغا، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ باشقۇرىدىغانلىقىغا، جانلىقلارغا، خۇسۇسەن ئۆزلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ ھەقتە سوئال سورالسا توغرا جاۋاب بېرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىبادەتتە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىدۇ ۋە بۇ توغرىدا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەتلەرنى ئەسلىتىپ ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرۈشىنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۈھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ . بۇنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر ۋە ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ئەكسىچە ھەممە نەرسە بار بولۇشتا ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا موھتاج بولىدىغان زاتتۇر، ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە مەبۇدتۇر. سىلەر نېمىشقا شۇ ئاللاھقا چوقۇنمايسىلەر؟! نېمىشقا ئۆزىگىمۇ بىرەر پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ئاجىز نەرسىلەرگە چوقۇنىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (31-سۈرە لوقمان، 27-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىلاھىي ھېكمەت
    وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز سىيا بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چوقۇم تۈگىمەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىندىكى دەرەخلەر قەلەم بولسا، دېڭىزلار سىياھ بولسا، بۇنىڭغا باشقا يەتتە دېڭىز سىياھ بولۇپ قوشۇلسا، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يەنىلا تۈگىمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئىلمى شۇنداق چەكسىزكى، ئەگەر زېمىندىكى بارلىق دەرەخلەر قەلەملەرگە ئايلانغان، دېڭىزلار ۋە ئۇ دېڭىزلارغا باشقا يەتتە دېڭىز قوشۇلۇپ ھەممىسىنىڭ سۇلىرى سىياھلارغا ئايلانغان، ئۇ قەلەملەرگە ئۇ سىياھلارنى ئىچۈرۈپ ئاللاھنىڭ ئىلمى يېزىلغىلى تۇرغان تەقدىردە، ئاللاھنىڭ ئىلمى تۈگىمەستىن ئۇ قەلەملەر ۋە ئۇ سىياھلار تۈگىگەن بولاتتى، چۈنكى ئاللاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە ئىلمى چەكسىز زاتتۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن كىتاب - تەۋراتتا ۋە ئاخىرىدا ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن كىتاب - قۇرئاندا ھەر نەسىنى تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ھەر ئىككى كىتابتا بېرىلگەن ئىلىمنىڭ ئازغىنە ئىلىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىر ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىلمى ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلمىنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئازغىنە ئىلىم ئىنسانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىشكە يېتىدىغان ۋە لازىملىق ھەر تەلىماتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھىدىلىكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. مَا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
    (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دەسلەپتە يارىتىلىشىڭلار ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى يارىتىش ۋە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش، بىر كىشىنى يارىتىش ۋە بىر كىشىنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! خۇسۇسەن ئى ئىنكارچىلار! ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىش ۋە سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا ئەسلىڭلارغا كەلتۈرۈپ تىرىلدۈرۈش، بىر كىشىنى يوقتىن يارىتىش ۋە بىر كىشىنى قايتا تىرىلدۈرۈش بىلەن ئوخشاشلا ئىشتۇر؛ ئاللاھقا ھەر ئىككىسى ئاساندۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى شۇنداق ئۇلۇغكى، ئاللاھ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرىدۇ؛ ئاللاھ ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە كۆپ سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا ۋە شۇنچە كۆپ ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇشقا قادىر بولغاندەك، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ۋاقىتتا بارلىق مەخلۇقاتنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ بىرەر نەرسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، بۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى، «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر؛ ئاللاھ: «بول» دېسە ئۇ نەرسە بولىدۇ، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى وَأَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (كۈن بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەت (يەنى قىيامەت) كىچە (ئۆز ئوربىتىسىدا) سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە -ئۆز پەلىكىدە- سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇكى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىك! كۆرمىدىڭمۇكى، ئاللاھ كېچىنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كۈندۈزگە قوشۇپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى قىسقارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بىر مىقدار ۋاقىتنى كېچىگە قوشۇپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ؛ سىلەر كېچە - كۈندۈزنىڭ دائىم ئۇزىراپ قىسقىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى نېمىشقا ئەقىل كۆزۈڭلار بىلەن كۆرمەيسىلەر؟ نېمىشقا كېچە - كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ ۋە بىرىنى ئۇزارتىپ يەنە بىرىنى قىسقارتىپ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىۋاتقان، شۇنداقلا رەھمىتىنى سۇنۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنمايسىلەر؟ ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى يوقتىن يارىتىپ ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجىلى توشقۇچىلىك ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ سىلەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىنى نېمىشقا ئەقىل كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرمەيسىلەر؟. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى سىلەردىن ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى نېمىشقا كۆرمەيسىلەر؟ نېمىشقا تونۇپ يەتمەيسىلەر؟ نېمىشقا بۇنىڭغا قارىتا ياشىمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (31-سۈرە لوقمان، 30-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى شېرىك ھەق
    ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ھەق (ئىلاھ) دۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ ئالىيدۇر، بۈيۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ھەق -ئىلاھ-تۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرغانلىرى باتىلدۇر، ئاللاھ ئالىيدۇر، بۈيۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەقتۇر. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرى باتىلدۇر. ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنداق كامالى قۇدرەتكە، چەكسىز ئىلىمگە ۋە كەڭ رەھمەتكە ئىگە بولۇشى، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ئىلاھ بولغانلىقى، مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر ساختا ئىلاھ بولغانلىقى، ھەمدە ئاللاھ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك زات بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنى ئاللاھ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە ئىلاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇ كامالى قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ھەقىقىي ئىلاھ، ئۆزىنىڭلا ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك زات ئىكەنلىكىنى كامالى قۇدرىتىگە، كامالى قۇدرىتىنى قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. باشقا ئىككى ئايەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ھەقىقىي ئىلاھ، ئۆزىنىڭلا ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك زات ئىكەنلىكىنى كامالى قۇدرىتىگە، كامالى قۇدرىتىنى مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ مەزلۇم مۇئمىنغا ياردەم بېرىشى ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىشى، شۇنداقلا ھەر كىشىنى لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشاشلا ھەقتۇر؛ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. أَلَمْ تَرَ أَنَّ الْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِنِعْمَتِ اللَّهِ لِيُرِيَكُمْ مِنْ آيَاتِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
    كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى (بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن) (چوڭ) ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇكى، كېمىلەر دېڭىزدا ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم ئايەتلىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىك! ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن دېڭىز - ئوكيانلاردا ئۈزۈۋاتقان كېمە ۋە پاراخوتلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ئىنسان ۋە يۈك توشۇۋاتىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە ئىلتىپاتى چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇ كېمە ۋە پاراخوتلارنى دېڭىز - ئوكيانلاردا ماڭدۇرۇۋاتىدۇ. ئەنە شۇ دەلىللەرنى بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ۋە بىز ئاتا قىلغان ياخشىلىقنىڭ قەدىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر كۆرىدۇ. باشقىلار بولسا، دىققەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَإِذَا غَشِيَهُمْ مَوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
    (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى دېڭىزدا سايىلارغا ئوخشاش دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى توغرا يولدا قالىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خائىن ۋە تۇزكور كىشىلەرلا ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ ئىنكارچىلار، كېمىلەرگە چىقىپ دېڭىز - ئوكيانلاردا كېتىۋاتقان چاغلىرىدا، ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىپ كېمىلىرى چايقالغىلى تۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھقىلا دۇئا قىلىدۇ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويۇشى توغرىسىدا ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ، ئۇ چاغقىچە چوقۇنغان مەبۇدلىرى يادىغىمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، ئۇلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بىر قىسمى ئوتتۇراھال كافىرلىقىقا قايتىدۇ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنە بىر قىسمى كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ، ئىشقىلىپ ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسى دېڭىزدىكى ئۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋالدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا شېرىك كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت لەۋزىدە تۇرمايدىغان خائىن ۋە نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدىغان تۇزكور كىشىلەرلا ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (31-سۈرە لوقمان، 33-ئايەت) ھىساب ئاللاھتىن قورقۇش
    يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا ۚ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
    ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن[3]. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىڭلار، توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، قىلغان نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىرىدىن قورقۇڭلار، شۇنداقلا ئۇ كۈنى ئازابقا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار، شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى: ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇ كۈننى قايىم قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ھاياتىغا ئالدانماڭلار؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. شۇنىڭدەك، ئالدامچىلارغا ئالدانماڭلار؛ جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان تۈرلۈك شەيتانلارنىڭ ھەر خىل ۋەسۋەسىلىرى، مال - دۇنيانىڭ جازىبىلىرى، نەپسى خاھىشىڭلار قاتارلىق ئالدامچىلار سىلەرنى، ئاللاھنىڭ رەھىم قىلغۇچى، ئەپۇ - مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دېگەندەك سۈپەتلىرى بىلەن ئالداپ گۇناھ قىلىشقا ئېلىپ بارمىسۇن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەمەلسىز ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمىسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
    قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى -ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا- ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -پۈتۈن ئىشلارنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا دائىر ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ ۋە بالىياتقۇلاردىكىنى بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا دائىر ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر؛ قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن غەيرىي بىلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ قىيامەتنىڭ ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىمنى ھېچكىمگە بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلمىغان ۋە بىلدۈرمىگەن. يامغۇرنى پەقەت ئاللاھ ياغدۇرىدۇ ۋە قەيەرگە، قاچان، قانچىلىك يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بالىياتقۇلاردىكى تۆرەلمىلەرنىڭ نېمىلىكىنى، قانداقلىقىنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ھېچكىم ياشاۋاتقان كۈنىنىڭ ئەتىسى قانداق ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ياكى قانداق يامانلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇلارنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئىشنى تولۇق بىلىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەش ئەھۋالنى ئۆزىدىن غەيرىي ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بىلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) قىيامەتنىڭ ۋاقتى، 2) يامغۇرنىڭ يېغىش زامانى، يېغىش ماكانى، مىقدارى، 3) ئانىلىق تەن ئىچىگە پەيدا بولغان تۆرەلمىنىڭ جىنسى، تەندۇرۇسلۇقى، مېيىپلىكى ، ئاقىۋىتى... 4) ھەر جانلىقنىڭ، ياشاۋاتقان كۈنىنىڭ ئەتىسى يولۇقىدىغان ئەھۋالى: ياخشىلىق ياكى يامانلىق... 5) ھەر جانلىقنىڭ ئۆلۈم زامانى ۋە ئۆلۈم ماكانى. مانا بۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ماھىيىتىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز ۋە چوڭقۇردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان ۋە باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلمىغان غەيبلەر بۇلار بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنى، زېمىندىكى بارلىق دەرەخلەر قەلەم، بارلىق دېڭىز - ئوكيانلار ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىپ سىياھ بولغان تەقدىردىمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: دوختۇرلار بالىياتقۇلاردىكى بالىلارنىڭ جىنسى ۋە تەن سالامەتلىكى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلارغا، ئاسترونوملار ۋە مېتېئورولوگلار ھاۋا رايى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلارغا كەلسەك، ئۇ مەلۇماتلار گۇمان ۋە تەخمىنگە ئاساسلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار يۈزدەيۈز توغرا چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۇ ئەھۋاللارنى مۇئەييەن باسقۇچلاردىلا تەخمىن قىلالايدۇ ۋە خەۋەر قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئىشنىڭ بېشى، جەريانى ۋە ئاقىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى قەتئىي رەۋىشتە بىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشلارنى ئاللاھ تائالا پىلانلايدۇ ۋە مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى