تىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: ئەنجۈر. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (95-سۈرە تىن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ
    ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى

    ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىمەن، زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلىمەن [1].

  2. (95-سۈرە تىن، 2-ئايەت)
    وَطُورِ سِينِينَ
    سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى

    تۇرسىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلىمەن [2].

  3. (95-سۈرە تىن، 3-ئايەت)
    وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ
    بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى

    بۇ تىنچ شەھەر (مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [3].

  4. (95-سۈرە تىن، 4-ئايەت)
    لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ
    بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق

    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق [4].

  5. (95-سۈرە تىن، 5-ئايەت)
    ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ
    ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق

    ئاندىن ئۇنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە قايتۇردۇق [5].

  6. (95-سۈرە تىن، 6-ئايەت)
    إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
    پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ

    پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا تۈگىمەس ساۋاب بېرىلىدۇ [6].

  7. (95-سۈرە تىن، 7-ئايەت)
    فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ
    (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟

    (ئى ئىنسان!) بۇ دەلىللەردىن كېيىن، سېنىڭ قىيامەتنى ئىنكار قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؟[7].

  8. (95-سۈرە تىن، 8-ئايەت)
    أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ
    ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟

    ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ [8].