رەئد سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 43 ئايەت
مەنىسى: چاقماق. ئاتىلىش سەۋەبى: چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(13-ئايەت)
  1. (13-سۈرە رەئد، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ المر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ ۗ وَالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ

    ئەلىف، لام، مىم، را (بۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھيىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ [1].

  2. (13-سۈرە رەئد، 2-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) مۇستەۋى بولدى . كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىغا بارىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ [2].

  3. (13-سۈرە رەئد، 3-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار

    ئاللاھ يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كۈندۈزنى كېچە بىلەن ياپتى. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار [3].

  4. (13-سۈرە رەئد، 4-ئايەت)
    وَفِي الْأَرْضِ قِطَعٌ مُتَجَاوِرَاتٌ وَجَنَّاتٌ مِنْ أَعْنَابٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَىٰ بِمَاءٍ وَاحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍ فِي الْأُكُلِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    يەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار

    يەر يۈزىدە بىر بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قىتئەلەر، ئۈزۈملۈك باغلار، تۈرلۈك زىرائەتلەر، شاخلىغان ۋە شاخلىمىغان خورما دەرەخلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرخىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەملىك قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار [4].

  5. (13-سۈرە رەئد، 5-ئايەت)
    وَإِنْ تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَإِذَا كُنَّا تُرَابًا أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، كافىرلارنىڭ: «بىز توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق سېلىنىدۇ؛ ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر [5].

  6. (13-سۈرە رەئد، 6-ئايەت)
    وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمُ الْمَثُلَاتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ الْعِقَابِ
    ئۇلار سەندىن (ئاللاھنىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك - شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ

    ئۇلار سەندىن ياخشىلىقتىن ئىلگىرى ياماننىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن. ئىنسانلار يامان ئىش قىلسىمۇ، (تەۋبە قىلسىلا) پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. (تەۋبە قىلمىسا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر [6].

  7. (13-سۈرە رەئد، 7-ئايەت)
    وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
    كۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش)

    كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟» دېيىشىدۇ. سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەتكە چاقىرغۇچىسى بولىدۇ [7].

  8. (13-سۈرە رەئد، 8-ئايەت)
    اللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنْثَىٰ وَمَا تَغِيضُ الْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ ۖ وَكُلُّ شَيْءٍ عِنْدَهُ بِمِقْدَارٍ
    ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر

    ھەربىر ھامىلىدارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىنى ۋە بالىياتقۇدىكى ھامىلىنىڭ مۇددىتى توشماي ياكى مۇددىتى ئېشىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر [8].

  9. (13-سۈرە رەئد، 9-ئايەت)
    عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْكَبِيرُ الْمُتَعَالِ
    ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر

    ئاللاھ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر [9].

  10. (13-سۈرە رەئد، 10-ئايەت)
    سَوَاءٌ مِنْكُمْ مَنْ أَسَرَّ الْقَوْلَ وَمَنْ جَهَرَ بِهِ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍ بِاللَّيْلِ وَسَارِبٌ بِالنَّهَارِ
    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)

    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئاللاھقا مەلۇمدۇر [10].

  11. (13-سۈرە رەئد، 11-ئايەت)
    لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۗ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ ۚ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ
    ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ

    ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق بىرەر قەۋمگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ئىگىمۇ بولمايدۇ [11]

  12. (13-سۈرە رەئد، 12-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنْشِئُ السَّحَابَ الثِّقَالَ
    ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ

    ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ [12].

  13. (13-سۈرە رەئد، 13-ئايەت)
    وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ وَيُرْسِلُ الصَّوَاعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَنْ يَشَاءُ وَهُمْ يُجَادِلُونَ فِي اللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ الْمِحَالِ
    گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر

    گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر [13].

  14. (13-سۈرە رەئد، 14-ئايەت)
    لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ ۚ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس ـ تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر

    ھەقىقىي دۇئا ئاللاھقا قىلىنىدۇ. كافىرلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ يەتسۇن دەپ ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا يەتمەيدۇ. كافىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر [14].

  15. (13-سۈرە رەئد، 15-ئايەت)
    وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
    ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ

    ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ [15].

  16. (13-سۈرە رەئد، 16-ئايەت)
    قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە (جاۋاب بېرىپ) «ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىگىمۇ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇ بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى «ياراتقان» دەۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىمىز ياراتقان دەۋالغان نەرسىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر

    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە (جاۋاب بېرىپ) «ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىگىمۇ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كۆر بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇ بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى «ياراتقان» دەۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىمىز ياراتقان دەۋالغان نەرسىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر [16].

  17. (13-سۈرە رەئد، 17-ئايەت)
    أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
    ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ

    ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، يامغۇر جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى. كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار . ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە بولسا زېمىندا قېلىپ قالىدۇ. ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ [17].

  18. (13-سۈرە رەئد، 18-ئايەت)
    لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
    ئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!

    ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئاۋاز قوشمىغانلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىديە سۈپىتىدە بېرىۋەتكەن بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! [18].

  19. (13-سۈرە رەئد، 19-ئايەت)
    أَفَمَنْ يَعْلَمُ أَنَّمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰ ۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم، (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ئۇنى بىلمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ [19].

  20. (13-سۈرە رەئد، 20-ئايەت)
    الَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَلَا يَنْقُضُونَ الْمِيثَاقَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ

    ئۇلار ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇنلايدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ [20].

  21. (13-سۈرە رەئد، 21-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىنمۇ قورقىدۇ [21].

  22. (13-سۈرە رەئد، 22-ئايەت)
    وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
    پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ

    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، (پەرز) نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغان، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلغان ھەم ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقنى توسىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ [22].

  23. (13-سۈرە رەئد، 23-ئايەت)
    جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ يَدْخُلُونَ عَلَيْهِمْ مِنْ كُلِّ بَابٍ
    ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ

    ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا جەننەتنىڭ ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ: «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ [23]-[24].

  24. (13-سۈرە رەئد، 24-ئايەت)
    سَلَامٌ عَلَيْكُمْ بِمَا صَبَرْتُمْ ۚ فَنِعْمَ عُقْبَى الدَّارِ
    (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ

    ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا جەننەتنىڭ ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ: «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ [23]-[24].

  25. (13-سۈرە رەئد، 25-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
    ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ

    ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزغان، ئاللاھنىڭ تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغان، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەر ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ [25].

  26. (13-سۈرە رەئد، 26-ئايەت)
    اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ وَفَرِحُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فِي الْآخِرَةِ إِلَّا مَتَاعٌ
    ئاللاھ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئۆتكۈنچى بەھرىمەن بولۇشتۇر

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ياكى تار قىلىدۇ. مۇشرىكلار دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى دېگەن ئاخىرەتتىكىگە قارىغاندا ئازغىنا بەھر ئېلىشتۇر [26].

  27. (13-سۈرە رەئد، 27-ئايەت)
    وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
    كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن

    كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن(بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن [27].

  28. (13-سۈرە رەئد، 28-ئايەت)
    الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ
    (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ

    ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىمان ئېيتقان، دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ [28].

  29. (13-سۈرە رەئد، 29-ئايەت)
    الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ طُوبَىٰ لَهُمْ وَحُسْنُ مَآبٍ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ [29].

  30. (13-سۈرە رەئد، 30-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهَا أُمَمٌ لِتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، بۇ ئۈممەت مېھرىبان ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، مەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن» [30].

  31. (13-سۈرە رەئد، 31-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
    مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ

    مۇبادا بىرەر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن تاغلار يۆتكەلگەن ياكى يەر يېرىلغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بەرىبىر ئىمان ئېيتمايتتى. ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۆمىنلەر ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كافىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ [31].

  32. (13-سۈرە رەئد، 32-ئايەت)
    وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
    سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟

    سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كافىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مەزگىل كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق بولدى؟ [32].

  33. (13-سۈرە رەئد، 33-ئايەت)
    أَفَمَنْ هُوَ قَائِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۗ وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ قُلْ سَمُّوهُمْ ۚ أَمْ تُنَبِّئُونَهُ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي الْأَرْضِ أَمْ بِظَاهِرٍ مِنَ الْقَوْلِ ۗ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا عَنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ

    ھەربىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (كۆزىتىش ئىقتىدارى يوق نېمىلەرگە ئوخشامدۇ؟). ھالبۇكى، ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بەرمەكچىمۇ ياكى قۇرۇق خىيال بىلەن شۇنداق دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن. ھەقىقەت شۇكى، كافىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ [33].

  34. (13-سۈرە رەئد، 34-ئايەت)
    لَهُمْ عَذَابٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَقُّ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
    ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ

    ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ [34].

  35. (13-سۈرە رەئد، 35-ئايەت)
    مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ أُكُلُهَا دَائِمٌ وَظِلُّهَا ۚ تِلْكَ عُقْبَى الَّذِينَ اتَّقَوْا ۖ وَعُقْبَى الْكَافِرِينَ النَّارُ
    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر

    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كافىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر [35].

  36. (13-سۈرە رەئد، 36-ئايەت)
    وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَفْرَحُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ ۖ وَمِنَ الْأَحْزَابِ مَنْ يُنْكِرُ بَعْضَهُ ۚ قُلْ إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ وَلَا أُشْرِكَ بِهِ ۚ إِلَيْهِ أَدْعُو وَإِلَيْهِ مَآبِ
    (ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن

    (ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب بەرگەنلەر ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاندىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قۇرئاننىڭ بەزى جايلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم. مەن پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن [36].

  37. (13-سۈرە رەئد، 37-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَمَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا وَاقٍ
    شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى- خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ

    شۇنىڭدەك بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدىكى بىر ھۆكۈم سۈپىتىدە نازىل قىلدۇق. سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ [37].

  38. (13-سۈرە رەئد، 38-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَاجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ
    بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ

    بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلارنى بەرگەن ئىدۇق. ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر مۇددەتنىڭ مۇئەييەن چېكى بولىدۇ [38].

  39. (13-سۈرە رەئد، 39-ئايەت)
    يَمْحُو اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ
    ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر

    ئاللاھ ئۇنىڭدىن خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز پېتى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھفۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر [39].

  40. (13-سۈرە رەئد، 40-ئايەت)
    وَإِنْ مَا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ
    ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر

    بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر [40].

  41. (13-سۈرە رەئد، 41-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ وَاللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
    ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

    ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى (تەدرىجىي پەتھى قىلىپ) چۆرىسىدىن تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ھۆكۈمنى ئاللاھ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر [41].

  42. (13-سۈرە رەئد، 42-ئايەت)
    وَقَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ الْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ الْكُفَّارُ لِمَنْ عُقْبَى الدَّارِ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ

    قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. چارە-تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كافىرلار كىمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغانلىقىنى پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ [42].

  43. (13-سۈرە رەئد، 43-ئايەت)
    وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِنْدَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلار: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر» [43].