غاشىيە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 26 ئايەتمەنىسى: ھەممىنى ئوراپ ئالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: قورقۇنچ ھەممىنى ئوراپ ئالىدىغان قىيامەت ئەھۋاللىرى سۆزلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا ھەممىنى قورشايدىغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ساڭا غاشىيە[1]نىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
لۇغەتتە يۆگىمەك، قاپلىماق، باسماق، ئۆز ئىچىگە ئالماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «غەشي - غشي» سۆز تومۇرىدىن مۇئەننەس ئېنىق سۈپەتداش بولغان «غاشىيە» كەلىمىسى ئۆزىنىڭ قورقۇنچ ۋە دەھشەتلىرى بىلەن «ھەر نەرسىنى قاپلىغۇچى ھادىسە» دېگەن مەنىدە قىيامەتنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر «غاشىيە» مەيدانغا كەلگەن كۈننىڭ قىيامەت كۈنى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
خارلىقنىڭ ئالامىتى يۈزدە ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە «يۈزلەر» زىكىر قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرىنى خارلىق باسىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دۇنيادا ئىشلىگۈچىلەردۇر، بىكارغا جاپا تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىش قىلغۇچىدۇر. ھارغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
دوزاخ ئەھلى دوزاختا قول - پۇتلىرىدىكى زەنجىرلەرنى سۆرەش، بويۇنلىرىدىكى تاقاقلارنى كۆتۈرۈش، دوزاخنىڭ قەرىگە چۈشۈش - چىقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ چارچايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ، — ئەنەس ئالىم
ئۇ «ئوت» دوزاخنىڭ ئوتىدۇر، «ھارارىتى قاتتىق» بولۇشى ئاللاھنىڭ ئوتى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قايناپ تۇرغۇچى بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى، ھارارىتى ۋە ئىچىدىغانلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا 78 - سۈرە (نەبەئـ)نىڭ 25 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۈچۈن بەتبۇي، قۇرۇق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا بەتبۇي ۋە ئاچچىق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك يوق. — ئەنەس ئالىم
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، دوزاخ ئەھلىگە بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە «يېمەكلىك» بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: زەققۇم، يىرىڭ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان بىر خىل تائام، ئوت. بۇ، دوزاخقا كىرىدىغانلارنىڭ تۈرى ۋە دوزاختىكى ئورنىغا قارىتا بېرىلىدىغان پەرقلىق تاماقلارنى، ياكى بىر دەرەخنىڭ مېۋىلىرىنى، شەربەتلىرىنى، شىرنىلىرىنى ۋە سۇلىرىنى، ياكى ھەر قەۋەتتىكى دوزىخىيلارغا ئۇلاردىن بىرىنىڭ بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ، كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھەم سەمرىتمەيدۇ، ھەم ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئادەتتە يېمەكلىك قورساقنى تويغۇزۇپ ئاچلىقنى يوقىتىش ياكى سەمىرىپ ياخشىلىنىش ئۈچۈن يېيىلىدۇ، لېكىن دوزاختىكى «يېمەكلىك» ئازابلاش ۋە قىيناش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېمەكلىك يا سەمىرىتمەيدۇ يا ئاچلىقنى باسمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاعِمَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى يەنە نۇرغۇن يۈزلەر نېمەتنىڭ خۇشاللىقىدىن جىلۋىلەنگۈچىدۇر، — ئەنەس ئالىم
خۇشاللىق ۋە ئىچ پۇشۇقىنىڭ ئالامىتى يۈزدە كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ياخشىلارنىڭ ئاخىرەتتە نېمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە يامانلارنىڭ ئوقۇبەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە پەيدا بولىدىغان ئالامەتلەرنى زىكىر قىلىش بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ياخشىلارنىڭ نېمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە پەيدا بولىدىغان گۈزەللىك، پارلاقلىق، ئوچۇقلۇق ۋە كۈلۈمسىرەش قاتارلىقلارنى زىكىر قىلىش بىلەن بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ سۈرىنىڭ 2 - ئايىتىدە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە يامانلارنىڭ ئوقۇبەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە پەيدا بولىدىغان سەتلىك، قارىلىق، سولغۇنلۇق ۋە خۇنۈكلۈك قاتارلىقلارنى زىكىر قىلىش بىلەن بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر — مۇھەممەد سالىھ
قىلمىشلىرىدىن مەمنۇندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قىلمىشلىرى ئۈچۈن خۇرسەندۇر، — ئەنەس ئالىم
جەننەت ئەھلى دۇنيادىكى چېغىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك مەمنۇندۇر، چۈنكى ئۇ تىرىشچانلىقى سايىسىدا جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئالىي جەننەتتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە بۇ «ئالىي جەننەت» ئىككى ئايەتتە زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى بۇ ئايەت، يەنە بىرى 69 - سۈرە (ھاققە)نىڭ 22 - ئايىتى. ھەر ئىككى ئايەتتىكى «ئالىي»لىق ئۇ جەننەتنىڭ ھەر جەھەتتىن ئالىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاخىرەتتە ياخشىلار كىرىپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىدىغان جەننەت ئەڭ ئالىي ئورۇندا، ئەڭ ئالىي ئارامگاھ ۋە سارايلارغا ئىگە، ئىچىگە ئورۇنلاشقانلار ئەبەدىي ھايات، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق ۋە چەكسىز ئېھتىرام قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدىغان مىسلىسىز قارارگاھتۇر. بۇنى ھەر ئىككى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتىن باشلاپ ئالتە ئايەتتە ئۇ «ئالىي جەننەت»تىكى ئالىي نېمەتلەر بايان قىلىنىدۇ. 69 - سۈرە (ھاققە)نىڭ 22 - ئايىتىدە «ئالىي جەننەت» زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن 23 - ئايەتتە ﴿قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ﴾ - «ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىندۇر» دەپ ئۇ جەننەتتىكى ماددىي نېمەتلەردىن «مېۋىلەر» زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن ﴿كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيَٓٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ﴾ - «يەڭلار، ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر ئۆتكەنكى كۈنلەردە ئەمەل قىلىپ بۇ يەرگە ئەۋەتكەن ئىدىڭلار» دېيىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بېرىلىدىغان مەنىۋى نېمەتلەردىن بىرى بولغان «ئېھتىرام»غا ئىشارەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە بولسا، ئالدى بىلەن مەنىۋى نېمەتلەردىن بولغان بىھۇدە سۆز ئاڭلىماسلىق يەنى خاتىرجەملىك زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن بەش ئايەتتە بىر قىسىم ماددىي نېمەتلەر بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، ماددىي نېمەتلەردىن «مېۋىلەر»، مەنىۋى نېمەتلەردىن «خاتىرجەملىك» مۇھىمدۇر. مەسىلەن: ئادەتتە مېۋىلەر زوق ۋە مەززە ئېلىش ئۈچۈن يېيىلىدۇ، جەننەتتىكى يېمەكلىكلەرمۇ زوق ۋە مەززە ئېلىش ئۈچۈن يېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مەنىۋى نېمەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ نەتىجىسى خاتىرجەملىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر بىلەن بىلدۈرىدىغان مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇلار ئۇ ئالىي جەننەتتە دىلنى بىئارام قىلىدىغان، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ۋە ئىچىنى پۇشۇرىدىغان ھېچقانداق سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئۇ جەننەتتە چىرايلىق سۆزلەر، سالاملار، تەبرىكلەر ۋە خۇش خەۋەرلەر ئاڭلايدۇ - دە، خۇشاللىقى ئارتىدۇ ۋە خاتىرجەملىكى داۋاملىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ جەننەتتە ئېقىپ تۇرغۇچى بۇلاق بار. — ئەنەس ئالىم
جەننەتتە تەمى ۋە مەنبەسى پەرقلىق بىرقانچە دانە بۇلاق بار. ئۇلاردىن ئۈچىنىڭ ئىچىملىكى جەننەت ئەھلىنىڭ ھەممىسىگە بېرىلىدۇ. لېكىن «كافۇر» ۋە «تەسنىم» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى بۇلاقنىڭ ئىچىملىكى، ئاللاھ تائالا جەننەتتە ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان بەندىلەرگە ساپ ھالىتىدە، قالغان بەندىلەرگە بولسا باشقا ئىككى بۇلاقنىڭ ئىچىملىكىگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا جەننەتتە «كافۇر» ۋە «تەسنىم» بۇلاقلىرى، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىملىكىدىن ئارىلاشتۇرلىدىغان ئىككى بۇلاق ۋە «سەلسەبىل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، جەمئىي بەش بۇلاق بولغان بولىدۇ. 55 - سۈرە (رەھمان)نىڭ 50 - ۋە 66 - ئايەتلىرىدە زىكىر قىلىنغان تۆت بۇلاق، بۇ بەش بۇلاقتىن «سەلسەبىل»دىن باشقا تۆتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «سەلسەبىل»، «كافۇر» ۋە «تەسنىم»دىن باشقا ئۈچ بۇلاقنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا «كافۇر» ياكى «تەسنىم» ئارىلاشتۇرۇلماستىن، ئەكسىچە «زەنجەبىل» ئارىلاشتۇرۇلىدىغان ۋە ساپ ھالىتىدە ئىچىلمەيدىغان بۇلاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم تۇتۇلغان بولسا كېرەك (ۋەللاھۇئەلەم). بۇ ئايەتتە «بۇلاق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ئەين - عين » ئېنىقسىز ئىسىم بولۇپ، مەنىسى يۇقىرىدىكى بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. جەننەتتىكى ئىچىملىكلەر بۇ بۇلاقلارنىڭ ئىچىملىكى بىلەن چەكلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئاللاھ تائالا نۇرغۇنلىغان ئايەتتە، جەننەتتە ئۆستەڭلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ ۋە بىر ئايەتتە ئۆستەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاقىدىغان ئىچىملىكلەرنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِيهَا سُرُرٌ مَرْفُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ جەننەتتە يۈكسەلدۈرۈلگەن كارىۋاتلار، — ئەنەس ئالىم
ئالىي جەننەتنىڭ ئەھلى رەتلىك تىزىلغان ئالىي تەختلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇ تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلەنگەن ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَكْوَابٌ مَوْضُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار — مۇھەممەد سالىھ
قاتار تىزىلغان قەدەھلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
قويۇلغان قەدەھلەر، — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە، جەننەتتە ئىككى تۈرلۈك «پىيالىلەر»نىڭ بارلىقى زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچىلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان پىيالىلەر، يەنە بىرى بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان پىيالىلەر. بۇ پىيالىلەرنىڭ ئۇ پىيالىلەر يەنى خىزمەتچىلەر ئايلاندۇرۇپ خالىغانلارنىڭ ئالدىدا قويىدىغان پىيالىلەر بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. جەننەتتىكى ئۆستەڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ چۆرىسىدە قويۇلغان پىيالىلەر بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار — مۇھەممەد سالىھ
رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار — تەرجىمە ھەيئىتى
تىزىلغان ياستۇقلار — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا جەننەتتە سارايلار، چېدىرلار، باغچىلار، بۇلاقلار، رەتلىك قويۇلغان ئېگىز تەختلەر ۋە يۆلەنچۈكلەر بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە «تىزىلغان ياستۇقلار»نىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئۇ جايلاردىكى ئارامى، راھىتى، ھۇزۇرى، خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقىغا دالالەت قىلىدۇ: ئۇلار ئېگىز تەختلەرنىڭ ئۈستىدە، ياستۇقلارغا يۆلەنگەن، يېقىن - يورۇقلار بىر يەردە، يۈزلەردە تەبەسسۇم، كۆزلەردە نۇر، كۆڭۈللەردە شادلىق، خىزمەتچىلەر كۈمۈش پىيالىلەردە ئېسىل ئىچىملىكلەرنى، ئالتۇن لېگەنلەردە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە يېمەكلىكلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇۋاتقان... «تىزىلغان ياستۇقلار» ئەنە شۇ راھەت - پاراغەتكە دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى جەننەتتە ئېگىز تەختلەرنىڭ ئۈستىدە تىزىلغان ياستۇقلارغا يۆلىنىش ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەر ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار — مۇھەممەد سالىھ
ۋە سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە سېلىنغان ئېسىل تۆشەكلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 55 - سۈرە (رەھمان)نىڭ 54 - ئايىتىدە جەننەت ئەھلىنىڭ، ئەستەرلىرى تاۋار بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدىغانلىقىنى، 76 - ئايىتىدە يېشىل ياستۇق ۋە چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئىككى ئايەت بۇ مەلۇمات بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر تۆشەك ۋە ياستۇقلارنىڭ رەختى، رەڭگى ۋە سۈپىتى توغرىسىدىمۇ يىپ ئۇچى بېرىدۇ. مەسىلەن: تۆشەكنىڭ «ئەستىرى تاۋار» دېيىلىشى تېگىنىڭ نە قەدەر قىممەتلىك رەخت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، «چىرايلىق» دېيىلىشى ئۇنىڭ نە قەدەر ئېسىل تۆشەك ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ياستۇقلارنىڭ رەڭگىنىڭ يېشىل بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېسىل، قىممەتلىك ۋە گۈزەللىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە، جەننەتتىكى ئېگىز تەختلەرنىڭ ئۇ ئېسىل تۆشەك ۋە گۈزەل ياستۇقلار بىلەن جابدۇلۇپ جەننەت ئەھلىنىڭ ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشىغا تەييارلانغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار تۆگىگە قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يارىتىلدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئاسمان - زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئىنسانىيەتكە، پايدا يەتكۈزۈش، زىياندىن ساقلاش، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلماقتىدۇر. جۈملىدىن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ھايۋان ئالاھىدە خىزمەت قىلماقتىدۇر. ئىنسانلار بۇ تۆت تۈرلۈك ھايۋاننىڭ سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، گۆشلىرىنى يەيدۇ، يۇڭ - تېرىلىرىدىن كىيىم - كېچەك ۋە ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھايۋانلار بىرلا كەلىمە بىلەن «ئەنئام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆت تۈرلۈك ھايۋاننىڭ ئىچىدىن تۆگە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىش ۋە ئىنسانلارغا ئارتۇق پايدا يەتكۈزۈش جەھەتتىن بەك مۇھىم ھايۋاندۇر. چۈنكى تۆگە ۋۇجۇدى، ياشاش شەكلى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن ئۆزگىچە ھايۋاندۇر. ئۇ، ئۆز كاتېگورىيەسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى سۈت، گۆش ۋە يۇڭ - تېرە قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەننىڭ سىرتىدا ئۇلارنى تىرانسپورت خىزمىتى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ئىنسانلار تۆگىگە قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئاسمان ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلمىسى، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەردىن ئىبارەت بولغان زىننىتى بىلەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇستەھكەم يارىتىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈن تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەنە شۇ ئاسماننى ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى مەۋجۇت شەكلى بىلەن ياراتقان ۋە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كۈچ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىدىنلا ئىبارەتتۇر. بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان كىشى ئاسماننى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق، يېرىق، قۇسۇر ۋە ئېۋەن تاپالمايدۇ. مۇشرىكلار ئەگەر ئاسمانغا قارىسا ئىدى ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىنى كۆرەتتى، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇنداقلا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ توغرا يولغا قايتقان بولاتتى. چۈنكى ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھتىن باشقا بىرەر ئىلاھ بولسا ئىدى، ئاسمان - زېمىن بۇ شەكىلدە ساغلام ھالەتتە تۇرمىغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى — مۇھەممەد سالىھ
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
تاغلارغا قارىمامدۇ، ئۇلار قانداق تىكلەندى؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە سان - ساناقسىز نېمەتلەر ئاتا قىلغان. جۈملىدىن ھەر خىل رەڭدە تاغلار يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى زېمىننىڭ ئۈستىگە خۇددى بىرەر قوزۇقتەك مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بولسا، سوئال شەكلىدىكى بىر ئىپادە بىلەن خاتا يولدىكى ئىنسانلاردىن تاغلارنىڭ تىكلىنىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى تاغلار ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك پايدا يەتكۈزۈۋاتقان، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىۋاتقان ھەيۋەتلىك قۇرۇلما، كۆركەم مەنزىرە ۋە ئاجايىپ بىنالاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈۋاتقان پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) تاغلار يەر شارىنى سىلكىنىشتىن، يەر يۈزىنى گۈمۈرۈلۈشتىن ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ قوزۇق بولۇشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى قوزۇقنىڭ كۆپ قىسمى يەرنىڭ ئاستىدا بولغاندەك تاغنىڭمۇ كۆپ قىسمى يەرنىڭ ئاستىدا بولىدۇ، شۇنداقلا تەڭپۇڭسىزلىق ۋە گۈمۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولىدۇ. 2) تاغلار ئوزۇقلۇق ئامبىرى ۋە ھاياتلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى تاغلارنىڭ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلار لاتقىلارنى ئېلىپ ۋادىلارغا ئاقىدۇ - دە، ۋادىلار مۇنبەتلىشىدۇ. تاغلارنىڭ ئۈستىگە ياغقان قارلار بولسا، باھار ئايلىرىدىن باشلاپ ئېرىيدۇ ۋە دەريالار ھاسىل بولۇپ ئېھتىياجلىق يەرلەرگە ئېقىپ بارىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورنىتىش بىلەن دەريالارنى بار قىلىش، ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش، مېۋىلەرنى يېتىشتۈرۈش، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلىش ۋە ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق، بۇلاق، كۆل، ئامبار، دەريا ۋە ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ تاتلىق سۇلىرى ئەنە شۇ تاغلارغا ياغقان يامغۇر بىلەن قاردىن ھاسىل بولىدۇ. ھايۋان، ئىنسان، ئۆسۈملۈك ۋە دەل - دەرەخلەر ئۇ سۇلاردىن ئىچىدۇ. 77 - سۈرە (مۇرسەلات)نىڭ 27 - ئايىتىدە ﴿وَجَعَلۡنَا فِيهَا رَوَٰسِيَ شَٰمِخَٰتٖ﴾ - «زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق» دېگەن جۈملىدىن كېيىن ﴿وَأَسۡقَيۡنَٰكُم مَّآءٗ فُرَاتٗا﴾ - «سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق» دېگەن جۈملىنىڭ كېلىشى ئەنە شۇ مەنىلەرگە دالالەت قىلىدۇ. 3) تاغلارنىڭ ھەر خىل رەڭدە بولۇشى ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنلەردىن ھاسىل بولغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك مەدەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 35 - سۈرە (فاتىر)نىڭ 27 - ئايىتىدە ﴿وَمِنَ ٱلۡجِبَالِ جُدَدُۢ بِيضٞ وَحُمۡرٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٞ﴾ - «تاغلارنىڭمۇ ھەر خىل رەڭدە ئاق ۋە قىزىل يوللۇقلىرى، قاپقارىلىرى بار» دېيىلگەندىن كېيىن 28 - ئايەتتە: ﴿إِنَّمَا يَخۡشَى ٱللَّهَ مِنۡ عِبَادِهِ ٱلۡعُلَمَٰٓؤُاْۗ﴾ - «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا ئەيمىنىدۇ» دېيىلىشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئالىملار ﴿ٱلۡعُلَمَٰٓؤُاْۗ﴾ ئېنىق سۈپەتداش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ئۆتكەن مەخلۇقاتلارنى، جۈملىدىن تاغلارنى تەكشۈرۈپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلگەن ۋە مەدەنلىرىنى تېپىپ چىققان ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ. 4) تاغلار گەۋدىسى، ئۆڭكۈر ۋە غارلىرى بىلەن ئىنسانلارغا پاناھگاھ بولىدۇ. ئىنسانلار تاغلارنى ئويۇپ ئۆي، قورغان ۋە ئىستىھكاملارنى ياسايدۇ، تاغلارنىڭ تاشلىرىنى كېسىپ ھەشەمەتلىك ئىمارەت ۋە بىنالارنى سالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بېرىلگەن بۇ ئىزاھات بىلەن بىرلىكتە ﴿وَإِلَى ٱلۡجِبَالِ كَيۡفَ نُصِبَتۡ﴾ - «ئۇلار تاغلارنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكىگە قارىمامدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئۇلار تاغلارنىڭ تىك ھالەتتىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ۋە تىك ھالىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۇۋاتقان ئەنە شۇ پايدىلىرىغا قاراپ ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ چوڭلۇقىنى ۋە ئىلاھىي نېمەتنىڭ چەكسىزلىكىنى تونۇپ يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئەگەر تاغلارغا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىسا ئىدى، ھەقىقەتكە قارشى چىقمىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار تاغلارغا قارىسۇن، تەپەككۇر قىلسۇن ۋە يولىدىن يانسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
زېمىن قانداق يېيىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ
زېمىن قانداق يېيىتىلدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
زېمىنغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يېيىتىلدى؟ — ئەنەس ئالىم
زېمىننىڭ يۇمىلاقلىقى ۋە ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنىڭغا بىرقانچە ئايەت دالالەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئايەتتىكى «زېمىننىڭ يېيىتىلىشى» زېمىننىڭ يۇمىلاقلىقىغا خىلاپ كەلمەيدىغان يېيىتىلىش بولۇپ، يەر شارىنىڭ، ئۈستىدىكى جانلىقلار ئۈچۈن يېيىتىلغانلىقىنى، بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تۈز كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئۇلار خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىپ ياشىشىغا مۇۋاپىق ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە تەييارلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتتە، ئالدىغا يېيىتىلغان زېمىننىڭ ئۈستىدە خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان، ئۇنى پۈتۈن كۆركەملىكى ۋە بەرىكىتى بىلەن كۆرۈۋاتقان، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى نېمەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان تۇرۇپ، ئۇنى بۇ ھالەتتە ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە كاتتىلىقى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلمايۋاتقان، شۇنداقلا كۇفرىلىق قىلىۋاتقان ئازغۇنلار، ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ۋە كۆزلىرى بىلەن كۆرۈۋاتقان زېمىنغا قاراشقا، ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇشقا ۋە توغرا يولغا قايتىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ﴿وَإِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَيۡفَ سُطِحَتۡ﴾ - «ئۇلار زېمىننىڭ قانداق يېيىتىلغانلىقىغا قارىمامدۇ؟» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇلار زېمىننىڭ قانداق يېيىتىلغانلىقىغا قاراپ، ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتى ۋە كاتتىلىقى توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن تەپەككۇر قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ جازالىشىدىن قورقمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(88-سۈرە غاشىيە، 21-ئايەت) ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرفَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ
سەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئۇلارغا ئەسلەتكىن. سەن پەقەتلا ئەسلەتكۈچىسەن[2]. — ئەنەس ئالىم
«ئەسلەتكىن»نىڭ مەنىسى قۇرئان ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن ئۇلارغا ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكىن، ئۇلارغا قۇرئاندىكى ئىلىملەرنى ئۆگەتكىن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلارغا زومىگەر ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن. — ئەنەس ئالىم
دىندا زورلاش يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قۇرئاننى يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا مَنْ تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن كىمكى يۈز ئۆرۈپ ئىنكار قىلىدىكەن — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن ۋە كافىر بولىدىكەن، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن نەسىھەت قىلسا، ئۇ ئەلچىگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇ ئەلچىگە ئىتائەت قىلماسلىق ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىك بولىدۇ ۋە كافىر بولغانلىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇنى ئەڭ بۈيۈك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە «ئەڭ يېقىن ئازاب» ۋە «ئەڭ چوڭ ئازاب» دەپ ئىككى تۈرلۈك ئازاب زىكىر قىلىنىدۇ. ئەڭ يېقىن ئازاب- بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەن ھەر تۈرلۈك مۇسىبەتلەردۇر. ئەڭ چوڭ ئازاب دوزاخ ئازابىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دەۋىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئەگەر بۇ خاتالىقىدىن تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئەنە شۇ چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قايتىشى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ھەر ئىنسان دۇنياغا ئەجىلى بەلگىلەنگەن ھالەتتە كېلىدۇ. ئەجىلى توشقاندا ئۆلىدۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشى ۋە قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا قايتىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ قايتىشىنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا دالالەت قىلىدىغان بىرىنچى شەخس ئالمىشىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بىلەن بايان قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇلارنىڭ ھېسابى بىزگە ئائىتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە ھەر ئىنساندىن ئۇنىڭ دىلىدىكى نىيەت ۋە مەقسەتلىرى، تىلىدىكى سۆز ۋە ئىپادىلىرى، پۇت - قول ئەزالىرىدىكى پۈتكۈل قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى