قەسەس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 88 ئايەت
مەنىسى: قىسسەلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدىن، تا پەيغەمبەرلىكىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
  1. (28-سۈرە قەسەس، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ طسم
    تاسن، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    تاسىم، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    تا، سىن، مىم.‏ — ئەنەس ئالىم

    تا، سىن، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. (28-سۈرە قەسەس، 2-ئايەت) قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى
    تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ
    بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، روشەن كىتاب -قۇرئان- ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئىنسانلارغا يەتكۈزۈۋاتقان بۇ ئايەتلەر، بىز ساڭا نازىل قىلغان روشەن كىتاب - قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. دېمەككى، قۇرئان بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سەن بولساڭ بىزنىڭ ئەلچىمىزدۇرسەن. ئاللاھ تائالا 1 - ۋە 2 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 3 ~ 47 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. نَتْلُو عَلَيْكَ مِنْ نَبَإِ مُوسَىٰ وَفِرْعَوْنَ بِالْحَقِّ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنى توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ساڭا مۇسا بىلەن فىرئەۋننىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ئىمان ئېيتىدىغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزدىن مۇسانىڭ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكى مىسىرنىڭ زومىگەر ھۆكۈمدارى بولغان فىرئەۋننىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى مۇئمىنلارنىڭ بىلىشى، شۇنداقلا ئىمانى كۈچىيىشى ئۈچۈن ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز. ئۇ خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
    شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن -مىسىر- زېمىنىدا -زومىگەرلىكتە- ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە -ئىسرائىل- نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلدى، مەملىكىتىنىڭ خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىدى. ئۇ ئۇلاردىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلاتتى: ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋن مىسىر دىيارىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاھالىگە زۇلۇم قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان ئىدى، مىسىر خەلقىنى تۈرلۈك پىرقىلەرگە ۋە ھەر خىل گۇرۇھلارغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزى خالىغان ئىشقا سالاتتى. فىرئەۋن ئۇ پىرقە ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئىچىدىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلاتتى: ئۇلارنى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ پەس ئىشلارغا سالاتتى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. فىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (28-سۈرە قەسەس، 5-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى خەلىپە
    وَنُرِيدُ أَنْ نَمُنَّ عَلَى الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا فِي الْأَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ أَئِمَّةً وَنَجْعَلَهُمُ الْوَارِثِينَ
    بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىندا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى ئۇ زېمىنغا ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بولساق، ئۇ مەملىكەتتە بوزەك قىلىنغانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنى يېتەكچىلەر قىلىشنى ۋە ئۇلارنى مەملىكەتنىڭ ۋارىسلىرى قىلىشنى ئىرادە قىلاتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز بولساق، فىرئەۋن بوزەك قىلغان ئۇ تائىپىگە ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنى زامانداشلىرى ئۈچۈن توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرى قىلىشنى ۋە ئۇلارنى زېمىنغا ئىگە قىلىشنى ئىرادە قىلاتتۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنى زامانداشلىرى ئۈچۈن توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ توغرا يول ئۈستىدە سەۋر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرۇشىغا ۋە ئايەتلەرگە جەزمەن ئىشىنىشىگە باغلىق قىلغان. ئۇلار بۇ شەرتنى ئورۇندىغان مۇددەت ئىچىدە بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئاشقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَنُمَكِّنَ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَنُرِيَ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا مِنْهُمْ مَا كَانُوا يَحْذَرُونَ
    ئۇلارنى زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار قورققان نەرسىلىرىنى كۆرسىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يەنە ئۇلارنى ئۇ مەملىكەتتە ھاكىمىيەت ئىگىسى قىلىشنى، فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۇلاردىن قورققان نەرسىلىرىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلاتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارنى زېمىندا ھاكىمىيەت ئىگىسى قىلىشنى، فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرىغا، ئۆزلىرى بوزەك قىلغان قەۋمدىن بولغان بىر بالا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە سەلتەنەتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلاتتۇق. ئەسكەرتىش: بەنى ئىسرائىل فىرئەۋننىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى چېغىدا ئىمان ۋە ئەمەلدە ياخشى كىشىلەر ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى (5 - ۋە 6 -) ئايەتتە ئۇلارغا بۇ ياخشىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتى بىلەن، ئۇلارنى فىرئەۋننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋەدىسى، فىرئەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن دېڭىزدا ھالاك قىلىۋېتىش، بەنى ئىسرائىلنى دېڭىزدىن ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى سىينا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. بەنى ئىسرائىل دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ بارمىغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۇ زېمىندا فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساراي، باغ - بوستان، بۇلاق، خەزىنە ۋە ئېسىل ماقاملىرىنىڭ ئوخشىشىنى ئاتا قىلغان. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قۇشۇنلىرى تاشلاپ چىققان ساراي، باغ، خەزىنە ۋە ماقاملارنى بولسا ۋەيران قىلىۋەتكەن. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، بەنى ئىسرائىلدىن بىر بالا تۇغۇلۇپ شۇ بالىنىڭ چوڭ بولۇشى ۋە قارشى چىقىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار بەنى ئىسرائىلنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. ئاللاھ تائالا بولسا بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شۇ بالىنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزلىرى ئەندىشە قىلغان بۇ ئىشنى كۆرسىتىشنى، شۇنداقلا بەنى ئىسرائىلغا ياخشىلىق قىلىشنى ئىرادە قىلاتتى. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىرادىسى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلىدۇ، ئانىسى فىرئەۋننىڭ ئادەملىرىنىڭ تۇيۇپ قېلىپ بالىغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ تۇرغان چېغىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بالىسىنى بىر ساندۇققا قويۇپ ساندۇقنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشىنى ئىلھام قىلىدۇ، ئايال شۇنداق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساندۇق ئېقىپ فىرئەۋننىڭ سارىيىغا يېقىن جايغا بېرىپ توختايدۇ، فىرئەۋننىڭ خىزمەتچىلىرى ساندۇقنى كۆرۈپ ئالىدۇ ۋە ئۇنى فىرئەۋننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى مۆجىزىلىك ھالدا فىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ، ئۇنى ئۆز ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ئانىسى ئېمىتىپ باقىدۇ. 7 ~ 13 - ئايەتلەردە قىسسەنىڭ ئەنە شۇ قىسمى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
    مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى دەرياغا تاشلىغىن، قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، چۈنكى بىز ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز».‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسانىڭ ئانىسى مۇسانى تۇغقاندىن كېيىن بىز ئۇ ئايالغا مۇنداق ۋەھىي (ئىلھام) قىلدۇق: «بالاڭنى خاتىرجەم ھالدا ئېمىتكىن. ناۋادا بالاڭنى فىرئەۋننىڭ تۇيۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ساندۇقنى نىل دەرياسىغا قويۇپ بەرگىن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز ۋە ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (28-سۈرە قەسەس، 8-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    فَالْتَقَطَهُ آلُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا خَاطِئِينَ
    پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسانى فىرئەۋننىڭ ئائىلىسى تېپىۋالدى. ئۇ، ئاقىۋەت ئۇلارغا دۈشمەن ۋە باشلىرىغا دەرد بولاتتى. فىرئەۋن، ھامان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرى ھەقىقەتەن خاتالاشقان ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ ئانىسى مۇسانى ئېمىتتى ۋە فىرئەۋننىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان چېغىدا ئۇنى ساندۇققا سېلىپ ساندۇقنى نىل دەرياسىغا قويۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ساندۇق ئېقىپ فىرئەۋننىڭ سارىيىغا يېقىن يەرگە بېرىپ توختىدى ۋە ساندۇقنى فىرئەۋننىڭ خىزمەتچىلىرى تېپىۋالدى. مۇسا ئاقىۋەتتە ئۇلارغا دۈشمەن ۋە باشلىرىغا دەرد بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئەيىبلەش ۋە زۇلۇملىرىغا قارشى چىقىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى. چۈنكى فىرئەۋن، ھامان ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرى ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى كىشىلەر ئىدى، مۇسا چوڭ بولغاندا ئۇلارغا قارشى چىقىپ ئۇلارنى غەمكىن قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋننىڭ ئايالى: «-بۇ بالا- ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- ئۇقمايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋننىڭ ئايالى: «بۇ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولىدىغان ئوماق بىر بالا! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋننىڭ خىزمەتچىلىرى مۇسا سېلىنغان ساندۇقنى نىل دەرياسى بويىدىن ئېلىپ فىرئەۋننىڭ سارىيىغا كەلتۈردى، فىرئەۋن ساندۇقتىن چىقىرىلغان مۇسانى كۆرۈپ بەنى ئىسرائىلدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇ ئەسنادا فىرئەۋننىڭ ئايالى فىرئەۋنگە: «بۇ بالا ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولغۇسى! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ شۇ بالىنىڭ قولى بىلەن ھالاك بولىدىغانلىقىنى تۇيمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (28-سۈرە قەسەس، 10-ئايەت) ئىمان ئىلاھىي سىناق مۇسا
    وَأَصْبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَارِغًا ۖ إِنْ كَادَتْ لَتُبْدِي بِهِ لَوْلَا أَنْ رَبَطْنَا عَلَىٰ قَلْبِهَا لِتَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسانىڭ ئانىسى ئەس ـ ھوشىنى يوقاتتى، ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسانىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ فىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئەس - ھوشىنى يوقاتتى، بالىسىدىن باشقا ھەر نەرسىنى ئۇنتۇدى. ئۇ، مۇسانىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ ۋەدىمىزگە ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن قەلبىنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بۇنى ئاشكارىلاپ قوياتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ كۆڭلى ھەرقانداق ئوي - خىيالدىن قۇرۇق ھالەتكە كەلدى؛ بالىسىدىن باشقا ھەر نەرسىنى ئۇنتۇدى. ئۇ، قاتتىق ئىچ پۇشۇقىدىن بالىسىنى ساندۇققا سېلىپ ساندۇقنى نىل دەرياسىغا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالدى. ئەگەر بىز ئۇنىڭ ۋەدىمىزگە ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن قەلبىنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بۇنى ئاشكارىلاپ قوياتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (28-سۈرە قەسەس، 11-ئايەت) مۇسا
    وَقَالَتْ لِأُخْتِهِ قُصِّيهِ ۖ فَبَصُرَتْ بِهِ عَنْ جُنُبٍ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسىمۇ ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن مۇسانى كۆزىتىپ تۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «ئۇنى ئىزدىگىن» دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆزەتتى. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى تۇيمايتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسانىڭ ئانىسى مۇسانى ساندۇققا سېلىپ ساندۇقنى نىل دەرياسىغا قويۇپ بەرگەن چېغىدا مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «قىزىم! دىققەت بىلەن ساندۇقنى كۆزىتىپ دەريانى بويلاپ ماڭغىن، ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن ساندۇقنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئىزدىگىن» دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ ئاچىسى نىل دەرياسىنى بويلاپ ساندۇقنى يىراقتىن كۆزەتتى؛ بىرەر كىشى مۇسانىڭ ئاچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن يىراقتىن ساندۇققا قاراپ نىل دەرياسىنڭ لىۋىدىن مېڭىپ كەلگەن ئىدى. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ساندۇقنى كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسانىڭ ئاچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (28-سۈرە قەسەس، 12-ئايەت) مۇسا
    وَحَرَّمْنَا عَلَيْهِ الْمَرَاضِعَ مِنْ قَبْلُ فَقَالَتْ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ أَهْلِ بَيْتٍ يَكْفُلُونَهُ لَكُمْ وَهُمْ لَهُ نَاصِحُونَ
    (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىلگىرى مۇسانىڭ سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنى ئېمىشىگە رۇخسەت قىلمىدۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسانى ئانىسى كەلمەستىن سۈت ئانىلىرىنى ئېمىشتىن توستۇق. مۇسانىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە، بۇ بالىنى سىلەر ئۈچۈن بېقىپ بېرىدىغان، بۇنى ئوبدان يېتىشتۈرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن، ئايالىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن مۇسانى بېقىش قارارىغا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سارايدىكىلەر مۇسانى ئېمىتىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى سۈت ئانىلىرىنى ئىزدەپ تاپقانلىكى ئايالنى سارايغا ئېلىپ كەلدى، كەلتۈرۈلگەن ھەر سۈت ئانىسى مۇسانى ئېمىتكىلى تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن مۇسا بىزنىڭ توسۇشىمىز بىلەن ئۆز ئانىسى كەلمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئەمگىلى ئۇنىمىدى. ئۇ ئەسنادا مۇسانىڭ ئاچىسى باشقا سۈت ئانىسى ئىزدەپ ماڭغانلارغا: «مەن سىلەرگە، بۇ بالىنى سىلەر ئۈچۈن بېقىپ بېرىدىغان، بۇنى ئوبدان يېتىشتۈرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (28-سۈرە قەسەس، 13-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم مۇسا
    فَرَدَدْنَاهُ إِلَىٰ أُمِّهِ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇق. بىز بۇنى مۇسانىڭ ئانىسىنى خۇشال بولسۇن، قايغۇرمىسۇن ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار مۇسانىڭ ئاچىسىنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە بىزنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش ۋەدىمىزنىڭ راستلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىزنىڭ ۋەدىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (28-سۈرە قەسەس، 14-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات مۇسا
    وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَاسْتَوَىٰ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ ئەقلىگە تولغاندا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا چوڭ بولۇپ قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەن ۋە ئەقلى تاكامۇللاشقان چاغدا، بىز ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى، مۇسانى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى مۇكاپاتلىغاندەك مۇكاپاتلايمىز؛ سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىمىز. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى قىسسەنىڭ تەرتىبى ئارىسىغا قىستۇرۇلغان قىستۇرما جۈملە بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام مەديەندىن قايتىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ جۈملىنىڭ بۇ يەرگە قىستۇرۇلۇشىنىڭ ھېكمىتى شۇكى: ئاللاھ تائالا 7 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا، بالىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ بالىنى كېيىن پەيغەمبەر قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ، ئاندىن 13 - ئايەتتە ئۇ ئايالغا بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن ئۇ ۋەدىسىنىڭ بىرىنچىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 14 - ئايەتتە ئۇ ۋەدىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىسسەنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (28-سۈرە قەسەس، 15-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى مۇسا
    وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفْلَةٍ مِنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَٰذَا مِنْ شِيعَتِهِ وَهَٰذَا مِنْ عَدُوِّهِ ۖ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِنْ شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ ۖ قَالَ هَٰذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُضِلٌّ مُبِينٌ
    مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا شەھەر ئاھالىسى غاپىللىق ئىچىدە بولۇۋاتقان ئەسنادا شەھەرگە كىردى، شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى كىشىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز تەرەپدارىدىن ئىدى، يەنە بىرى دۈشمىنىدىن ئىدى. مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشى مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دۈشمىنىدىن بولغان كىشىنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاندىن: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا بوۋاق چېغىدا فىرئەۋننىڭ سارىيىغا ئەنە شۇنداق ئورۇنلىشىپ شۇ سارايدا چوڭ بولدى، ئۇ يېتىلىپ نەۋقىران يىگىتكە ئايلانغان چاغدا بىر كۈنى شەھەر ئاھالىسى دەم ئېلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە تارقىلىپ كوچا - كويلاردا ئادەم قالمىغان ئەسنادا شەھەرگە كىردى ۋە شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ مىللىتى بولغان بەنى ئىسرائىلدىن، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان فىرئەۋننىڭ مىللىتى (قىبتىيلار)دىن ئىدى. مۇسانىڭ قەۋمىدىن بولغان كىشى فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا دۈشمىنىدىن بولغان كىشىنى مۇشتى بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، ئاندىن بۇ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر، شەيتان ھەقىقەتەن ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر؛ بۇ ئىش ياخشى بولمىدى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىپ سالدىم، قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي فَغَفَرَ لَهُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغپىرەت قىلغىن!» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا گۇناھىنى ئىقرار قىلىپ ۋە ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ! مەن بۇ ئادەمگە مۇشت ئېتىش بىلەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، بۇ يامان قىلمىشىمنى كەچۈرگىن، مەندىن رەھمىتىڭنى ئايىمىغىن ۋە مېنى ھىمايە قىلغىن، يارەب!» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ گۇناھىنى كەچۈردى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئاتا قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنىڭ گۇناھىلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان ۋە ئالاھىدە رەھمىتى بىلەن ئۇ بەندىلىرىنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (28-سۈرە قەسەس، 17-ئايەت) تەقۋادارلىق دۇئا مۇسا
    قَالَ رَبِّ بِمَا أَنْعَمْتَ عَلَيَّ فَلَنْ أَكُونَ ظَهِيرًا لِلْمُجْرِمِينَ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «رەببىم ماڭا ئىنئام قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى بولمايمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلماسلىق توغرىسىدا ئاللاھقا ئەھدە بېرىپ ئېيتتى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم ئاللاھ! سەن ماڭا شۇنچە نېمەتلەرنى ئاتا قىلدىڭ؛ مېنى فىرئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىدىڭ، فىرئەۋننىڭ سارىيىدا ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن بېقىلىشنى نېسىپ قىلدىڭ. يا رەببى! مەن بۇ نېمەتلىرىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى بولمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (28-سۈرە قەسەس، 18-ئايەت) مۇسا
    فَأَصْبَحَ فِي الْمَدِينَةِ خَائِفًا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا الَّذِي اسْتَنْصَرَهُ بِالْأَمْسِ يَسْتَصْرِخُهُ ۚ قَالَ لَهُ مُوسَىٰ إِنَّكَ لَغَوِيٌّ مُبِينٌ
    مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى. توساتتىن تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم (بىر قىبتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان ھالدا) مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا گۇمراھ ئىكەنسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئەتىسى ئەتىگەندە قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپىغا قاراپ شەھەر ئارىلاپ يۈرەتتى، ناگاھان تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەن ئادەم مۇسادىن يەنە ياردەم تىلىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇن ئىكەنسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا ئەتىسى ئەتىگەن شەھەردە، قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئايلىنىپ يۈرەتتى، تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغان كىشى بىردىنلا ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ توۋلىدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئوچۇق - ئاشكارا ئازغۇنسەن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئۇ كېچىنى شۇ شەھەردە ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئەتىگەن قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئايلىنىپ يۈرەتتى، تۈنۈگۈن سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغان ھېلىقى مىسىرلىق ئادەم توغرىسىدا ئىنسانلارنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى تىڭتىڭلاپ ۋە بىرەر گەپ - سۆز ئاڭلاشقا تىرىشىپ دىققەت بىلەن كوچا ئايلىنىۋاتاتتى، ئۇ ئەسنادا تۇيۇقسىز تۈنۈگۈن ئۆزىدىن ياردەم سورىغان مىللەتدىشىنى يەنە بىر مىسىرلىق (قىبتىى) بىلەن چېدەللىشىۋاتقان ھالەتتە ئۇچراتتى، ئۇ ئادەم مۇسانى كۆرۈپ يەنە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى، مۇسا ئۇ ئادەمنىڭ يەنە بىر مىسىرلىق بىلەن جېدەللەشكەنلىكىگە ۋە ئۆزىدىن يەنە ياردەم سورىغانلىغا ئاچچىقلاپ: «سەن ھەقىقەتەن ئازغۇن، ئىنتايىن دۆت، بەك ھاماقەت ئادەم ئىكەنسەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (28-سۈرە قەسەس، 19-ئايەت) ئادالەتسىزلىك مۇسا
    فَلَمَّا أَنْ أَرَادَ أَنْ يَبْطِشَ بِالَّذِي هُوَ عَدُوٌّ لَهُمَا قَالَ يَا مُوسَىٰ أَتُرِيدُ أَنْ تَقْتُلَنِي كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْأَمْسِ ۖ إِنْ تُرِيدُ إِلَّا أَنْ تَكُونَ جَبَّارًا فِي الْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْمُصْلِحِينَ
    مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئىككىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئادەم- قىبتى- گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئۇ ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشىنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، ئۇ: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك، مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن بۇ يەردە زومىگەر بولۇشنىلا ئىرادە قىلىسەن، ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلمايسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنداقتىمۇ مۇسا ئۆزىنىڭ مىللەتدىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان مىسىرلىق ئادەمنى تۇتماقچى بولۇپ قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتقان ئىدى، مىللەتدىشى مۇسانى يۇقىرىدىكى قاتتىق گىپى سەۋەبلىك خاتا چۈشىنىپ (مېنى ئۇرىدۇ دەپ ئويلاپ): «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك، بۈگۈن ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن بۇ يەردە زومىگەر بولۇشنىلا ئىرادە قىلىسەن، ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلمايسەن» دەپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈنكى ئادەمنى مۇسانىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى پاش بولدى ۋە بۇ خەۋەر فىرئەۋنگە يەتتى. فىرئەۋن دەرغەزەپ بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنى مۇسانى تۇتۇشقا يوللىدى ۋە مۇساغا بېرىدىغان جازانى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىنغا چاقىردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (28-سۈرە قەسەس، 20-ئايەت) مۇسا
    وَجَاءَ رَجُلٌ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ يَسْعَىٰ قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنَّ الْمَلَأَ يَأْتَمِرُونَ بِكَ لِيَقْتُلُوكَ فَاخْرُجْ إِنِّي لَكَ مِنَ النَّاصِحِينَ
    بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا سادىق كىشىلەردىنمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىر ئادەم شەھەرنىڭ يىراق يېرىدىن ئالدىراپ كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەت قىلىشىۋاتىدۇ، -شەھەردىن دەرھال- چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە ساڭا نەسىھەت قىلغۇچىلاردىنمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! ئەمەلدارلار سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەققىڭدە كېڭىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەتكىن. مەن ھەقىقەتەن ساڭا كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئەسنادا مۇسانىڭ ھەققىدە فىرئەۋننىڭ سارىيىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى، كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى ۋە فىرئەۋننىڭ مۇسانى تۇتۇشقا ئادەم يوللىغانلىقىنى بىلىگەن، مۇسانى سۆيىدىغان ۋە شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىنىڭ ئاھالىسىدىن بولغان بىر ئادەم شۇ چاغدا مۇسا بولۇۋاتقان جايغا يۈگۈرۈپ كەلدى، شۇنداقلا مۇسانى تاپتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! دۆلەت ئەركانلىرى فىرئەۋننىڭ باشچىلىقىدا توپلاندى ۋە سېنى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قارىلاپ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ مەملىكەتتىن دەرھال چىقىپ كەتكىن، بۇ جازادىن قۇتۇلغىن. مەن ساڭا ھەقىقەتەن سەمىمىي نەسىھەتچىمەن، ھەقىقىي كۆيۈنگۈچىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (28-سۈرە قەسەس، 21-ئايەت) دۇئا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش مۇسا
    فَخَرَجَ مِنْهَا خَائِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: «رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ شەھەردىن چىقتى ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ! مېنى زالىملار گۇرۇھىدىن قۇتقۇزغىن، ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن» دېدى. ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن ئەنە شۇنداق چىقىپ كېتىپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قايتىدۇ ۋە فىرئەۋننىڭ سارىيىغا كىرىپ ئۇنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ، فىرئەۋن بۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەسلىتىدۇ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (28-سۈرە قەسەس، 22-ئايەت) دۇئا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇسا
    وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَاءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّي أَنْ يَهْدِيَنِي سَوَاءَ السَّبِيلِ
    ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئۇ ئادەمنىڭ نەسىھەتى بىلەن ئۇ شەھەردىن چىقتى ۋە مەديەن تەرەپكە يۈزلەندى، ئۇ بۇ چاغدا: «مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ، مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي!» دەپ ئاللاھتىن ئۆزىگە يول كۆرسىتىشىنى ۋە خاتىرجەم تۇرغىلى بولىدىغان بىرەر جايغا ساق - سالامەت بارغىلى نېسىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنى ئەڭ ياخشى يول بىلەن مەديەن دىيارىغا يەتكۈزدى. ئەسكەرتىش: مەديەن - سىينا تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان رايون بولۇپ، فىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئەمەس ئىدى، مىسىردىن ماڭغان كىشى ئۇ يەرگە سىينا يېرىم ئارىلىدىن ۋە پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتۈپ بارالايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (28-سۈرە قەسەس، 23-ئايەت) مۇسا
    وَلَمَّا وَرَدَ مَاءَ مَدْيَنَ وَجَدَ عَلَيْهِ أُمَّةً مِنَ النَّاسِ يَسْقُونَ وَوَجَدَ مِنْ دُونِهِمُ امْرَأَتَيْنِ تَذُودَانِ ۖ قَالَ مَا خَطْبُكُمَا ۖ قَالَتَا لَا نَسْقِي حَتَّىٰ يُصْدِرَ الرِّعَاءُ ۖ وَأَبُونَا شَيْخٌ كَبِيرٌ
    مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ (يەنى قويلىرىڭلارنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇپ تۇرۇپسىلەرغۇ؟)» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە -قويلىرىنى سۇدىن- توسۇپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز سۇغىرىمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مەديەن سۈيىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى ئۇچراتتى، ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى سۇدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايال كۆردى ۋە ئۇلارغا: «ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «پادىچىلار ئايرىلمىغۇچە بىز سۇغىرالمايمىز. ئاتىمىز بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا مەديەن تەۋەلىكىگە كىرگەندە ئاھالە سۇ ئالىدىغان ۋە ھايۋانلىرىنى سۇغىرىدىغان بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلدى، بۇلاقنىڭ ئەتراپىدا ماللىرىنى سۇغىرىۋاتقان بىر توپ ئادەمنى ئۇچراتتى ۋە ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ماللىرىنى بۇلاقنىڭ سۈيىدىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى ئايالنى كۆردى ۋە ئۇلاردىن: «ئىككىڭلار نېمىشقا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟ نېمىشقا سۇدىن يىراق جايدا ماللىرىڭلارنى توسۇپ تۇرىسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئۇلار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئاجىز ئىككى ئايال، ئەرلەر بىلەن سۇ تالىشىشقا ۋە قىستىلىشىپ تۇرۇپ ماللىرىمىزنى سۇغىرىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، ئۆيىمىزدە بۇ ئىشنى قىلىدىغان بىرەر ئەر كىشى يوق، ئاتىمىز بولسا بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشىدۇر؛ ماللارنى سۇغارغىلى ئۆزى كېلەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى بىز قىلىمىز، بۇ پادىچىلار ماللىرىنى سۇغىرىپ بۇلاق بېشىدىن ئايرىلمىغۇچە بىز ماللىرىمىزنى سۇغىرالمايمىز» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايالنىڭ بۇ قىسسەسى ئايال كىشىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا يات ئەرلەر بار سورۇنلاردا (ۋۇجۇدىنىڭ يۆگىلىشى كېرەك بولغان يەرلىرىنى يۆگەش شەرتى بىلەن) ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ساھابە ئاياللارنىڭ ھاياتىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (28-سۈرە قەسەس، 24-ئايەت) رىزىق دۇئا مۇسا
    فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰ إِلَى الظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَا أَنْزَلْتَ إِلَيَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ
    مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ: «رەببىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: «رەببىم! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاق بېشىغا ئاپىرىپ سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن يېقىندىكى بىر دەرەخنىڭ سايىسىغا بېرىپ ئولتۇردى، ئاللاھقا ھازىرغىچە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ نېمەت ئاتا قىلىشىنى تىلەش ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!» دېدى، چۈنكى مۇسا سايىغا بېرىپ ئاللاھنىڭ ئۆزىنى فىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش، فىرئەۋننىڭ سارىيىدا ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن بېقىلىشقا نېسىپ قىلىش، سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالغان قاتىللىقى ئۈچۈن فىرئەۋننىڭ جازالىشىدىن قۇتقۇزۇش، بۇ دىيارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق نېمەتلىرىگە نائىل قىلغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى. ئۇ ھارغىن ۋە ئاچ ئىدى، نەگە بېرىشىنى ۋە نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. فَجَاءَتْهُ إِحْدَاهُمَا تَمْشِي عَلَى اسْتِحْيَاءٍ قَالَتْ إِنَّ أَبِي يَدْعُوكَ لِيَجْزِيَكَ أَجْرَ مَا سَقَيْتَ لَنَا ۚ فَلَمَّا جَاءَهُ وَقَصَّ عَلَيْهِ الْقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفْ ۖ نَجَوْتَ مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلارنىڭ (يەنى ئۇ ئىككى ئايالنىڭ) بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ (يەنى شۇئەيبنىڭ) قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، شۇئەيب: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «-قويلىرىمىزنى- سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى راستتىنلا چاقىرىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ھېكايە قىلىپ بەردى، ئۇ: « قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ھايا قىلغان ھالدا بىلەن مېڭىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «سېنى ئاتام چاقىرىدۇ. ساڭا ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مۇسانىڭ سايىدا تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھېلىقى ئىككى ئايال ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ماللىرىنى بۇلاق بېشىدىكى پادىچىلاردىن بولمىغان بىر يىگىتنىڭ سۇغىرىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مۇساغا رەھمەت ئېيتىش ۋە مېھمان قىلىش مەقسىتىدە ئۇ ئىككى قىزىنىڭ بىرىنى مۇسانى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ قىز مۇسا دەرەخنىڭ سايىسىدا ئارام ئېلىۋاتقان ئەسنادا، مۇسانىڭ يېنىغا ھايا قىلغان ھالدا مېڭىپ كېلىپ: «سىزنى ئاتام چاقىرىدۇ. سىزگە ماللىرىمىزنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭىزنىڭ ھەققىنى بېرىدىكەن» دېدى، مۇسا بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى قىزلارنىڭ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئۇ كىشى: «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ، چۈنكى بۇ يەر فىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتىدە ئەمەس» دېدى. ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالام بوۋاق چېغىدا ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۇنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ساقلىغاندەك، چوڭ بولۇپ قىرانىغا يەتكەندە سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالغان قاتىللىقى ئۈچۈن فىرئەۋننىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىشىدىنمۇ ئەنە شۇنداق ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ساقلىغان؛ ئىشلارنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان بۇ ئىككى ياخشىلىقىنى ئۇنى پەيغەمبەر قىلغان چېغىدا ئۇنىڭغا ئەسلىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (28-سۈرە قەسەس، 26-ئايەت) ئىشەنچلىكلىك مۇسا
    قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ
    ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ھېلىقى ئىككى ئاياللارنىڭ بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىككى ئايالنىڭ بىرى: «ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ئۇ كىشى مۇساغا ماللىرىنى سۇغىرىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنى مېھمان قىلدى. ئۇ ئەسنادا مەزكۇر ئىككى ئايالنىڭ بىرى، ئاتىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۆيدە ئەر كىشى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئەر كىشى بولمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ كىشىنىڭ مۇسا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئاتىسىغا مۇنداق دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى: «ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن، ئۆيىمىزنىڭ ئىشچىلىقىغا ئالغىن، چۈنكى بۇ كىشى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر، شۇنداقلا ئىشقا ئېلىشىڭغا ئەڭ ئۇيغۇندۇر، ياللاپ ئېلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان كىشىدۇر». بۇ ئىككى ئايەت ئىشارەت قىلغان مۇھىم نۇقتىلار: 1) ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدە ئىشقا ئېلىنىدىغان كىشىدە، بېرىلگەن ئىشنى قىلالايدىغان قابىلىيەت ۋە راستچىللىقتىن ئىبارەت ئىككى خىسلەتنىڭ تېپىلىشى شەرتتۇر؛ تاپشۇرۇلغان ئىشنى بېجىرىشكە جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن كۈچى يەتمەيدىغان ياكى كۈچى يەتسىمۇ سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكى بايقالغان كىشىلەرگە ئىش بېرىشكە، خىزمەت تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىساد ۋە ئائىلە ئامانەت قىلىنىدىغان كىشى كېرەكلىك كۈچ ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشتىن سىرت، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى لازىم. 2) ئاياللار ھايات ساھەلىرىدىكى ئىشلار ھەققىدە پىكىر ئوتتۇرىغا قويسا، مەسلىھەت كۆرسەتسە، قارار ماقۇللايدىغان تەرەپ ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە مەسلىھەتلىرى بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ. 3) نىكاھلىنىش ئۈچۈن تاللىنىدىغان قىز - خانىملارنىڭ ھايالىق بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. 4) نىكاھلىنىش ئۈچۈن تاللىنىدىغان ئەرلەرنىڭ، ئائىلىنى ھىمايە قىلالايدىغان كۈچ ۋە قابىلىيەتتە بولۇشىنى، يامان ئىشلاردا كۆزى بولماسلىقىنى، سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشىنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىپپەتلىك ۋە پاك - دىيانەتلىك بولۇشىنىڭ شەرتلىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (28-سۈرە قەسەس، 27-ئايەت) نىكاھ مۇسا
    قَالَ إِنِّي أُرِيدُ أَنْ أُنْكِحَكَ إِحْدَى ابْنَتَيَّ هَاتَيْنِ عَلَىٰ أَنْ تَأْجُرَنِي ثَمَانِيَ حِجَجٍ ۖ فَإِنْ أَتْمَمْتَ عَشْرًا فَمِنْ عِنْدِكَ ۖ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أَشُقَّ عَلَيْكَ ۚ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
    ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ ئۇ ياخشىلىق بولۇپ قالىدۇ، سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياشانغان ئادەم مۇنداق دېدى: «ساڭا شۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى نىكاھلاپ بېرىشنى ئىرادە قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىسەن، ئەگەر مۇددەتنى ئون يىل قىلىپ تاماملىساڭ، بۇ سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بولىدۇ. مەن سېنى مۇشەققەتكە سېلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. ئىنشائاللاھ مېنىڭ ياخشى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كىشى قىزىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ مۇساغا: «مەن، سەككىز يىل يېنىمدا تۇرۇپ ئىشلەپ بېرىشىڭ شەرتى بىلەن شۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى ساڭا نىكاھلاپ بېرىشنى ئىرادە قىلىمەن، ئەگەر بۇ مۇددەتكە ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن ئىككى يىل قوشۇپ ئۇنى ئون يىل قىلىپ تاماملىۋەتسەڭ، بۇ سېنىڭ بىزگە ياخشىلىقىڭ بولىدۇ، مەن ئون يىل ئىشلەپ بېرىشىڭنى شەرت قىلىپ سېنى مۇشەققەتكە سېلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. ئىنشائاللاھ مېنىڭ لەۋزىدە تۇرىدىغان، مۇلايىم ۋە مۇئامىلىسى ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى يېقىندا كۆرىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا الْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَيَّ ۖ وَاللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
    مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «بۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇنداق دېدى: «بۇ دېگەنلىرىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بولسۇن. مەن ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام، ماڭا ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ. ئاللاھ دېيىشكەن سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇ كىشىنىڭ بۇ تەكلىپىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ دېگەنلىرىڭىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا توختام بولسۇن. مەن ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام، ماڭا باشقا شەرت قويۇلۇپ ھەقسىزلىق قىلىنمىسۇن. ئاللاھ دېيىشكەن سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھ بولسۇن». ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، بىر كىشىنىڭ ئۆز قىزىنى ياكى ئۆز ھىمايىسىدىكى قىزنى ئۇيغۇن كۆرگەن كىشىگە، نىكاھلاپ بېرىشنى سايە قىلىشىغا ۋە تويلۇقىنى ئېنىق دېيىشىپ پۈتۈشۈشىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (28-سۈرە قەسەس، 29-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر مۇسا
    فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى الْأَجَلَ وَسَارَ بِأَهْلِهِ آنَسَ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ نَارًا قَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ جَذْوَةٍ مِنَ النَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
    مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى)(ئىزاھات:بۇ سوغۇق كېچىدە ئۇلار يولدىن ئادىشىپ كەتتى، قاتتىق بوران چىقىپ، مۇسا ئەلەيھسسالامنىڭ پادىسىنى تارقىتىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ تولغىقى تۇتۇپ قالدى. مۇشۇنداق چاغدا مۇسا ئەلەيھىسىسالامغا يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈندى.) — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق قىلىپ مۇسا مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ -مىسىرغا قاراپ- يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى[1]، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن بىر ئوت بايقىدىم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇددەتنى توشقۇزۇپ ئائىلىسى بىلەن كېتىۋاتقاندا، تۇر تېغى تەرىپىدە بىر ئوت كۆردى ۋە ئائىلىسىگە: «سىلەر بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت كۆردۈم. بەلكى سىلەرگە ئۇ يەردىن خەۋەر ياكى بىر پارچە ئوت ئېلىپ كېلەرمەن، ئىسسىنارسىلەر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇ كىشى بىلەن پۈتۈشكەندىن كېيىن، مەزكۇر ئىككى قىزنىڭ بىرى بىلەن ئۆيلەندى ۋە شۇ مەديەنگە ئورۇنلىشىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئىشلەشكە باشلىدى. مۇسا ئىشلەپ مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا ماڭدى. ئۇ ئائىلىسى بىلەن يولدا كېتىۋېتىپ قاراڭغۇ ۋە سوغۇق بىر كېچىدە يولىدىن ئاداشتى ۋە بۇ ئەسنادا تۇر تېغى تەرىپىدە بىر ئوت كۆردى، ئائىلىسىگە ئېيتتى: «سىلەر بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن يىراقتا بىر ئوت كۆردۈم. ئۇ يەرگە بېرىپ كېلەي، ئۇ يەردە بىرەر ئادەم ئۇچرىتىپ قالسام يولنى سوراپ كېلەرمەن ياكى ئوتتىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەرمەن، ئىسسىنارسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (28-سۈرە قەسەس، 30-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مۇسا
    فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ مِنْ شَاطِئِ الْوَادِ الْأَيْمَنِ فِي الْبُقْعَةِ الْمُبَارَكَةِ مِنَ الشَّجَرَةِ أَنْ يَا مُوسَىٰ إِنِّي أَنَا اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇرمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن -مۇنداق- بىر نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھدۇرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى دەرەختىن مۇنداق نىدا كەلدى: «ئى مۇسا! مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتۇرمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئوت كۆرگەن يېرىگە كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى دەرەختىن نىدا كېلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ئاللاھتۇرمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (28-سۈرە قەسەس، 31-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    وَأَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ أَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۖ إِنَّكَ مِنَ الْآمِنِينَ
    سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، -نىدا قىلىندىكى،- «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن بىخەتەرلىككە ئېرىشكۈچىلەردىنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ يىلاندەك تولغۇنۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قايتىپ كەلگىن، قورقمىغىن، سەن خاتىرجەم بولغۇچىلاردىنسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇساغا قىلىنغان نىدانىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دېيىلدى، مۇسا ھاسىسىنى دەرھال يەرگە تاشلىدى، ھاسا يەرگە چۈشۈپلا چوڭ يىلانغا ئايلىنىپ تېز مېڭىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! تۇرغان يېرىڭگە قايتقىن، قورقمىغىن، چۈنكى سەن ھۇزۇرىمىزدا خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن بەندىلەر (پەيغەمبەرلەر)نىڭ قاتارىدىنسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. اسْلُكْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ وَاضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ ۖ فَذَانِكَ بُرْهَانَانِ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
    قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى» — مۇھەممەد سالىھ

    قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىدۇ. قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن. ئەنە شۇ ئىككىسى، فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى رەببىڭ ساڭا بەرگەن ئىككى دەلىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇساغا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قولۇڭنى كىيىمڭنىڭ مەيدەڭدىكى يوچۇق يېرىدىن قولتۇقىڭنىڭ ئاستىغا تىقىپ چىقارغىن، بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمەس، ئەكسىچە مۆجىزىگە ئايلانغانلىقتىن ئاپئاق چىقىدۇ». مۇسا ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى قوينىغا تىقىپ چىقارغان ئىدى قولى ئاپئاق نۇرلۇق ھالەتتە چىقتى. مۇسا تېخىمۇ قورقۇپ قوللىرى بوشاپ كەتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن، مانا بۇ ئىككىسى (ھاساڭنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى ۋە قولۇڭنىڭ قوينۇڭدىن ئاپئاق نۇرلۇق ھالەتتە چىقىشى)، سېنىڭ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە كۆرسىتىدىغان ئىككى چوڭ مۆجىزەڭدۇر. بىز بۇ ئىككى مۆجىزىنى ساڭا بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغانلىقىڭغا جەزمەن ئىشىنىڭ ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ تەجرىبە قىلىۋېلىشىڭ ئۈچۈن ھازىر كۆرسەتتۇق، سەن بۇ ئىككى مۆجىزىنى ئېلىپ فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادملىرىنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنى كۆرسىتىپ بىزنىڭ ئەلچىمىز ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلايسەن. شۈبھىسىزكى، فىرئەۋن ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىش بىلەن، ئادەملىرى ئۇنىڭغا چوقۇنۇش بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىك قىلىش بىلەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چىقتى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (28-سۈرە قەسەس، 33-ئايەت) مۇسا ئاللاھتىن قورقۇش
    قَالَ رَبِّ إِنِّي قَتَلْتُ مِنْهُمْ نَفْسًا فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! مەن ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (33-34) مۇسا ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ يېتەرسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ مۇنداق دېدى: «رەببىم! مەن ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، بۇ سەۋەبتىن مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا يالغۇز بارغان تەقدىردە ئۇلار مېنى كۆرۈپلا ئۇ قىلمىشىمنى ياد ئېتىپ مەقسىتىمنى چۈشەندۈرۈپ بولغۇچىلىك مېنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن، مەن بۇنىڭدىن قورقىمەن، قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان. شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكىن، قېرىندىشىم سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشەندۈرسۇن، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بايان قىلسۇن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى يالغانچى دېيىشىدىن بەك قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (28-سۈرە قەسەس، 34-ئايەت) دۇئا مۇسا
    وَأَخِي هَارُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّي لِسَانًا فَأَرْسِلْهُ مَعِيَ رِدْءًا يُصَدِّقُنِي ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
    قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مېنى تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان. شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مېنى تەستىقلىسۇن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى يالغانچى دېيىشىدىن بەك قورقىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

  35. قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَانًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِآيَاتِنَا أَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغَالِبُونَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز ۋە ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز سەۋەبلىك ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر غەلىبە قىلغۇچىلارسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىڭ بىلەن سېنى كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «سېنى قېرىندىشىڭ بىلەن كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارنى مۆجىزىلەر بىلەن قوللايمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارنى تەۋھىدكە، زۇلۇمدىن قول يىغىشقا ۋە بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىڭلار، شۇنىڭغا جەزمەن ئىشىنىڭلاركى: سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر، قارشى چىققانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ». دەرۋەقە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى قېرىندىشى ھارۇننىڭ تىلىغا نىسبەتەن راۋان ئەمەس ئىدى، گەپ قىلغاندا دۇدۇقلايتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى ۋە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ ۋەزىپىنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تىلىگەن، بولۇپمۇ قېرىندىشى ھارۇننى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تىلەك ۋە دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. فَلَمَّا جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا بَيِّنَاتٍ قَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُفْتَرًى وَمَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
    مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىنلا ئىبارەت. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق نەرسە بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا بىز بەرگەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا كەلگەن ۋە ئۇلارغا ئۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى، ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر. بىز سىلەر دەۋەت قىلغان يولنىڭ يەنى بىر ئاللاھقا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ مِنْ عِنْدِهِ وَمَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار (يەنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچى فاجىرلار) چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە كىمنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، زالىملار چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم، ھىدايەتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ، مېنىڭ بۇ مۆجىزىلەرنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بىز دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىگەم - ئاللاھ بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ؛ بۇ دۇنيا ھاياتىنى توغرا يول ئۈستىدە ئۆتكۈزگەنلەر قىيامەت كۈنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ، تەرسالىق، تەكەببۇرلۇق ۋە كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار بولسا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (28-سۈرە قەسەس، 38-ئايەت) كىبىر شېرىك پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ مَا عَلِمْتُ لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرِي فَأَوْقِدْ لِي يَا هَامَانُ عَلَى الطِّينِ فَاجْعَلْ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَطَّلِعُ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    ۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى (ئاسماندا بىر پەرۋەردىگار بار دېگەن دەۋاسىدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان، مېنىڭ ئۈچۈن پىششىق خىش پىشۇرۇپ ئېگىز بىر بىنا سالغىن، مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈشۈم مۇمكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى يالغانچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئىلاھلىق دەۋاسى قىلاتتى، ئۇ كۆڭلىدە مۇسا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ راستلىقىغا ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندى، لېكىن ئۇ بۇ ئىشەنچىنى ئېلان قىلسا سەلتەنىتىنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئى جانابلار! مەن سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى، ئاندىن ۋەزىرى «ھامان» دېگەن ئادەمگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئېيتتى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن خۇمدانغا ئوت قالاپ خىش پىشۇرغىن، ئاندىن پىششىق خىشلار بىلەن مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئېگىز بىر ساراي سالغىن، مەن ساراينىڭ ئۈستىگە چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي، چۈنكى مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ ئويلاۋاتىمەن». ئەسكەرتىش: مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملار فىرئەۋننىڭ سارىيىغا كېلىپ فىرئەۋن باشچىلىقىدىكى ساراي ئەھلىنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ ئەسنادا مۇسا ئەلەيھىسسالام، فىرئەۋن ۋە سارايدىكى باشقىلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپ - سۆزلەرنىڭ تەپسىلاتى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وَاسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ إِلَيْنَا لَا يُرْجَعُونَ
    پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا زۇلۇم قىلىپ (ئىمان ئېيتىشقا) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايمىز (يەنى قىيامەت ۋە قايتا تىرىلىش يوق، ھېساب ئېلىنىشمۇ، جازاغا تارتىلىشمۇ يوق) دەپ گۇمان قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى زېمىندا زۇلۇم قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزتەرەپكە قايتۇرۇلمايدىغانلىقلىرىنى گۇمان قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا «قايتۇرۇلمايمىز» دەپ گۇمان قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنچە كۈچلۈك مۆجىزىلەر بىلەن توغرا يولغا دەۋەت قىلسا، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىقىپ، مىسىر دىيارىدا تەكەببۇرلۇق قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى، ئەكسىچە ھەقنى قوبۇل قىلىپ ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشى لازىم ئىدى. ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
    بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق (يەنى ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن بىر ئادەممۇ ساق قالغىنى يوق). (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق؛ ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق، ئۇنداقتا زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق؛ ئۇلارنى مۇسانىڭ باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دېڭىزغا كىرگۈزدۇق، بەنى ئىسرائىلنىڭ دېڭىزدىن چىقىپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزغا كىرىپ بولۇشى، بىز دېڭىزدا مۆجىزىلىك شەكىلدە ئېچىلغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغدەك تۇرغان ئىككى دولقۇننى بىرلەشتۈردۇق ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئى مۇھەممەد! ئۇ زالىملارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن. بۇ ئاقىۋەتتىن ھەر كىشى ئىبرەت ئالسۇن؛ كۇفرىلىق، زالىملىق، تەكەببۇرلۇق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (28-سۈرە قەسەس، 41-ئايەت) ھىساب پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ لَا يُنْصَرُونَ
    ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىۋاشلار قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئۇ زالىملارنى بۇ دۇنيادا دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىباشلار قىلدۇق؛ كۇفرىلىق، ئاسىيلىق ۋە زۇلۇمدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر بۇ دۇنيادا ئۇلار يولۇققان يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ھېچكىمدىن ياردەم كۆرمەيدۇ، مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَأَتْبَعْنَاهُمْ فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ هُمْ مِنَ الْمَقْبُوحِينَ
    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق (يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈردۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنى يىرگىنچلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى خاتا يولنى تاللىشى سەۋەبلىك بۇ دۇنيادا رەھمىتىمىزدىن مەھرۇم قىلدۇق؛ تەرسالىقلىرى تۈپەيلىدىن كۇفرىلىق بىلەن ياشاپ كافىر پېتى جان ئۈزدى. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ رەھمىتىمىزدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھەركىم يىرگىنىدۇ ۋە نەپرەتلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا تەكەببۇرلۇق ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن ياشىغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئەڭ خار ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ مِنْ بَعْدِ مَا أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ الْأُولَىٰ بَصَائِرَ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    شۈبھىسىزكى، بىز (نۇھنىڭ قەۋمى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمى قاتارلىق) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىڭ دىللىرىغا (ھەقىقەتنى كۆرىدىغان) نۇر بېرىپ، ئۇلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق، ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا نۇر، ھىدايەت رەھبىرى ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى بەردۇق، ئۇمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىلگىرىكى نەسىللەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن مۇساغا، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزلىرىنى ئاچىدىغان دەلىللەر، ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتابنى بەردۇق. بۇنى ئۇلارنى ئويلانسۇن دەپ قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب قاتارلىق پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ قەۋملىرىنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن مۇساغا كىتابنى بەردۇق، ئۇ كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزلىرىنى ئاچىدىغان، ياخشى - يامان ۋە پايدا - زىياننى ئېنىق كۆرسىتىدىغان، ئەمەل قىلغۇچىلارنى ئىلاھىي رەھمەتكە يەتكۈزىدىغان ئالاھىدىلىكتە ئىدى. بىز مۇساغا ئەنە شۇ كىتابنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنىپ بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ئەسلىشى ۋە شۈكۈر قىلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىشى، شۇنداقلا ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەردۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ، جۈملىدىن بۇ سۈرىنىڭ 3 ~ 43 - ئايەتلىرىدىمۇ بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ قىسسەسنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىكى مىسىرنىڭ زومىگەر ھۆكۈمدارى فىرئەۋن - ۋەلىد ئىبنى مۇسئەبنىڭ دەۋرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ چاغلاردا فىرئەۋن ئۆز ئاسارىتىدىكى مىللەتلەردىن بىرى بولغان بەنى ئىسرائىلدىن بىر بالا دۇنياغا كېلىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا چوڭ بولۇپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى يېڭى تۇغقان چېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلھام قىلىشى بىلەن بىر ساندۇققا سېلىپ ساندۇقنى نىل دەرياسىغا قويۇپ بەرگەن، ساندۇق ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن فىرئەۋننىڭ سارىيىغا يېقىن بىر جايغا بېرىپ توختىغان، فىرئەۋننىڭ خادىملىرى ساندۇقنى تېپىۋېلىپ فىرئەۋننىڭ سارىيىغا ئېلىپ كىرگەن، فىرئەۋن ساندۇقتىن بوۋاق مۇسانىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى باشتا ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ئايالىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۇنى سارىيىدا بېقىپ چوڭ قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋننىڭ سارىيىدا چوڭ بولۇپ قىرانىغا يەتكەن چاغدا بىر كۈنى سارايدىن چىقىپ شەھەرگە كىرىپ ئايلىنىۋاتسا ئۆز مىللىتىدىن بولغان بىرى كىشى بىلەن فىرئەۋننىڭ مىللىتىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغان ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ مىللىتىدىن بولغان كىشى دۈشمىنىگە قارشى مۇسادىن ياردەم سورىغان، مۇسا مىللەتدىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرۋئەۋننىڭ مىللىتىدىن بولغان كىشىگە مۇشت ئېتىپ سەۋەنلىك بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەتىسى ئەتىگەن يەنە شۇ شەھەردە تۈنۈگۈنكى ۋەقەنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇ ھەقتە ئىنسانلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى تىڭتىڭلاپ يۈرۈۋاتقاندا، يەنە ئوخشاش ۋەقەگە دۇچ كەلگەن؛ ئۇ مىللەتدىشى يەنە بىر قىبتىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سورىغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام يەنە مىللەتدىشىغا ياردەم قىلماقچى بولغاندا، بۇ مىللەتدىشىنىڭ دۆتلۈكىدىن ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى جىنايىتى پاش بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن دەرغەزەپ بولۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى يىغىپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدە كېڭەش يىغىنى ئېچىۋاتقاندا، بىر ئادەمنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ خەتەردىن ۋاقىپ بولۇپ مىسىر تەۋەلىكىدىن قېچىپ كەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇ قاچقىنىچە سىينا يېرىم ئارىلىدىن ۋە پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتۈپ، سىينا تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان، شۇنداقلا فىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولمىغان مەديەن دىيارىغا كەتكەن، مەديەندە توي قىلغان ۋە بىرقانچە يىل تۇرغان. ئۇ، توي قىلغان چېغىدا ئايالىنىڭ مېھرى ھەققى ئۈچۈن قېيناتىسى بىلەن پۈتۈشكەن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قايتىپ ماڭغان، مىسىر يولىدا قاراڭغۇ ۋە سوغۇق بىر كېچىدە يولدا ئېزىپ قېلىپ تېنەۋاتقاندا يىراقتىن كۆزىگە بىر ئوت كۆرۈنگەن، ئائىىلىسىنى قويۇپ شۇ ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارغان چېغىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئۇنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئەلچىسى بولۇپ فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، شۇنداقلا ئۇنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى بەزى يېتەرسىزلىكلىرىنى ئېيتىپ ئاللاھ تائالادىن قېرىندىشى ھارۇننى ئۆزىگە ياردەمچى پەيغەمبەر قىلىپ بېرىشىنى تىلىگەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىمۇ پەيغەمبەر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى قېرىنداش پەيغەمبەر بىر يەردە كۆرۈشۈپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە فىرئەۋننىڭ سارىيىغا بارغان، فىرئەۋن باشچىلىقىدىكى ساراي ئەھلىنى شېرىكتىن ۋە زۇلۇمدىن توسقان، تەۋھىدكە ۋە ئادالەتكە بۇيرۇغان، ئۇلارغا ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى بىلەن قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق - نۇرلۇق بولۇپ چىقىشىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتكەن. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا كۆڭلىدە ئىشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەلتەنەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ ئىككى سېھىرگەر بولغانلىقىنى دەۋا قىلغان، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق ئۇستا سېھىگەرلەرنى يىغىپ ئۇلار بىلەن مۇسابىقىگە سالغان، مۇسابىقىدە سېھىرگەرلەر يېڭىلىپ كېتىپ مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان كەلتۈرگەن. فىرئەۋن، ئۆزى توپلىغان ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يېڭىلگەن ۋە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ھادىسىدىن كېيىن، بەنى ئىسرائىلغا بولغان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، ئادەملىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قايتا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام بولسا بىر مۇددەت بىر تەرەپتىن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز قەۋمىنى سەرۋر قىلىپ ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماسلىققا بۇيرۇغان، ئۇلارغا تەسەللىي بەرگەن ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ مۇددەت ئىچىدە فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، كەلكۈن، چېكەتكە ، پىت، پاقا، قان قاتارلىق ئاپەت ۋە بالالارنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم مۆجىزە ھالىتىدە كۆرسەتكەن، لېكىن ئۇلار ئىبرەت ئالمىغان؛ كۇفرىلىقتىن، ئاسىيلىقتىن ۋە زۇلۇمدىن يانمىغان. ھەتتا ھەر قېتىم بالا سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىدىن بالا كۆتۈرۈۋېتىلسە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىغا ۋە زۇلۇمدىن قول يىغىدىغانلىقىغا دائىر ئەھدە بەرگەن، لېكىن بالا كۆتۈرۈۋېتىلگەن ھامان ئەھدىسىدىن يېنىۋالغان، ئاخىرى ئۇلارغا بېرىلگەن مۆھلەت ئاخىرلىشىپ ئۇلارنى جازالاش ۋاقتى كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىزنىڭ يېنىغا بېرىشى ۋە ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ دېڭىزدىن يول ئېچىشى توغرۇلۇق ۋەھىي نازىل قىلغان، تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ۋە غەرق بولۇپ كېتىشتىن قورقماسلىقىنى ئېيتقان. مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالام بىلەن كېچىسى بەنى ئىسرائىلنى يىغىپ، ئۇلارنى باشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىزىل دېڭىزغا قاراپ يولغا چىققان، فىرئەۋن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن بارلىق قوشۇنلىرىنى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ئۇلارغا يېتىشكەن ۋە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن، بۇ ئەسنادا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ھاسىسى بىلەن دېڭىزغا ئۇرغان، دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يول ئېچىلغان، يېرىلغان سۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغدەك ئىككى دولقۇن بولۇپ تۇرغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىل ئۇ يولغا كىرگەن، فىرئەۋنمۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ يولغا كىرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىل دېڭىزدىن چىقىپ بولۇشى بىلەن تەڭ فىرئەۋننىڭ باشچىلىقىدىكى قوشۇنلار دېڭىزغا كىرىپ بولغان، مانا بۇ ئەسنادا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغدەك تۇرغان ئىككى دولقۇن يېپىلغان، نەتىجىدە فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى بەنى ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا سۇنىڭ ئاستىدا قېلىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى بەنى ئىسرائىل بىلەن فىرئەۋندىن ئەنە شۇنداق قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇلۇتنىڭ سايە قىلىنىشى، ھاسىسىنى ئۇرۇش بىلەن تاشتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشى، مەننە ۋە بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىلىشى، تاغنىڭ قۇمۇرۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە خۇددى سايىۋەندەك تۇرۇشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى بەرگەن، ئۇنى تۇر تېغىغا چاقىرىپ قىرىق كۈندىن كېيىن كىتاب (تەۋرات)نىڭ ئايەتلىرى يېزىلغان تاختىلارنى بەرگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ مۆجىزىلەرنى بەنى ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىشى، بەنى ئىسرائىلنىڭ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەۋبە قىلىشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلدىن يەتمىش كىشىنى تاللاپ تۇر تېغىغا بېرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ ئۇلار قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىينا يېرىم ئارىلىدا ياشىغان مۇددەت ئىچىدە بولغان. بەنى ئىسرائىل شۇنچە مۆجىزىلەردىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىش ۋە ئەمرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىش گۇناھلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن سىينا يېرىم ئارىلىدا قىرىق يىل ئېزىقىپ يۈرۈش جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارمۇ بۇ قىرىق يىللىق مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان. ئىلاۋە: مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئەنە شۇ قىرىق يىل توشۇپ بولغۇچىلىك سىينا يېرىم ئارىلىدا ۋاپات بولغانلىقى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ شۇ ئارالغا دەپنە قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (28-سۈرە قەسەس، 44-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى مۇسا
    وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِيِّ إِذْ قَضَيْنَا إِلَىٰ مُوسَى الْأَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشَّاهِدِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ھۆكمىمىزنى بىلدۈرگەن ۋاختىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، -بۇنى- ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا ئەمرىمىزنى ۋەھىي قىلغان چاغدا سەن ۋادىنىڭ غەرب تەرىپىدە يوق ئىدىڭ، سەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇسا مەديەندىن يولغا چىقىپ مىسىرغا كېتىۋاتقاندا، بىز ئۇنى تۇر تېغى تەرەپكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان ئەسنادا، سەن ئۇ يەردە يوق ئىدىڭ ۋە ئۇ ئىشقا گۇۋاھمۇ بولمىغان ئىدىڭ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇقەددەس ۋادى «تۇۋا»دا نىدا قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نىداسىنى ۋادىنىڭ ۋە تۇر تېغىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئوڭ ۋە غەرب تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان يېرىدىكى بىر دەرەختىن ئاڭلىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَلَٰكِنَّا أَنْشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِيًا فِي أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
    لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىلەرمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى. سېنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغىنىڭ يوق. لېكىن سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق ۋە ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىز تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرىنى تاشلىدى ۋە بەرگەن ئىلىملەرنى ئۇنتۇدى، شۇنىڭ بىلەن بىز يېڭى بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ئىنسانلارغا ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىتىش ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن سېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا ۋەھىي ئارقىلىق ئۆگەتتۇق. نەتىجىدە سەن ئۇ قىسسەلەرنى، جۈملىدىن مۇسانىڭ بىزدىن تۇنجى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش جەريانىنى ئىنسانلارغا ئەينەن بايان قىلىپ بەردىڭ. ئى مۇھەممەد! بۇ، يەنى سەن ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان بىرى تۇرۇقلۇق 40 يېشىڭدىن كېيىن ئۇ قىسسەلەرنى ئۆز پېتى بايان قىلىشىڭ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ناھايىتى ئاشكارا دەلىلىدۇر. ئى مۇھەممەد! شۇنىڭدەك، سېنىڭ مۇسا مەديەنگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردە يىللارچە تۇرغان چاغدا مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇ چاغدا مۇسا بىلەن مەزكۇر ياشانغان ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپ سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرنى كۆرگىنىڭمۇ يوق.، ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، بۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئۇ قىسسەنى شۇ كۆرگىنىڭ بويىچە بايان قىلغان بولاتتىڭ، لېكىن بۇنداق ئىش ئەسلا بولمىدى، سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق ۋە ئۇ قىسسەنى ساڭا بىز ئۆگەتتۇق، ھازىر سەن بۇ قىسسەنى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن بايان قىلىۋاتىسەن. دېمەككى، سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزدۇرسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الطُّورِ إِذْ نَادَيْنَا وَلَٰكِنْ رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە -مۇساغا- سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر، ئۈمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇساغا نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن بۇ رەببىڭنىڭ رەھمىتى بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار ئويلانغاي!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز مۇسانى تۇر تېغىغا قىرىق كۈن تۇرۇشى ۋە بىزدىن كىتاب (تەۋرات)نى تاپشۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن چاقىرىپ، ئۇ كەلگەندە ئۇنىڭغا نىدا قىلغان چېغىمىزدىمۇ، سەن ئۇ يەردە يوق ئىدىڭ. يەنى سەن تۇر تېغىدا بىز مۇساغا نىدا قىلغان دەسلەپكى ۋە كېيىنكى قېتىملارنىڭ ھېچبىرىدە نەق مەيداندا تۇرۇپ، بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى ئاڭلىمىغان ۋە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرمىگەن ئىدىڭ. لېكىن ئۇ جايدا ۋە ئۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن گەپ - سۆزلەرنى ۋە ئىشلارنى ساڭا بىز ۋەھىي بىلەن ئۆگەتتۇق. ساڭا ئۇلارنى ئۆگىتىشىمىز بىزنىڭ ساڭا ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمىتىمىز بولۇپ، بىز ئۇ رەھمەتنى ساڭا سەندىن ئىلگىرى ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاتا قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇ قىسسەلەرنى ئاڭلاپ ئىبرەت ئېلىشى، ۋەزىپىسىنى ئەسلىشى ۋە ئادا قىلىشى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە مەككە مۇشرىكلىرىغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پەيغەمبەر كەلمىگەن ئىدى، شۇڭلاشقا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ يېقىن تارىختىكى ئاتا - بوۋىلىرى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇلمىغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَلَوْلَا أَنْ تُصِيبَهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَيَقُولُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن -ساڭا بۇ خەۋەرلەرنى بىلدۈردۇق- — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇنى، ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە: «رەببىمىز! بىزگە ئەلچى ئەۋەتكەن بولساڭ، بىزمۇ سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشىپ مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمىسۇن دەپ قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر كافىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دۇنيادا بىرەر ئىلاھىي جازاغا يولۇققان ياكى قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەھكۇم بولغان چېغىدا: «رەببىمىز! بىزگە ئەلچى ئەۋەتىپ ياخشى - ياماننى ئۆگەتكەن ۋە بىزنى بۇ يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغان بولساڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە بويسۇنغان ۋە مۇئمىنلارنىڭ قاتارىدىن بولغان بولاتتۇق، نەتىجىدە بۇ ئازابقا دۇچار بولمىغان بولاتتۇق» دەپ ئۆزرە ئېيتىدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىغا باھانە كۆرسىتىدىغان ئىش بولمىسا ئىدى، بىز پەيغەمبەر ئەۋەتمىگەن بولاتتۇق. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايەتلىرىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن 3 ~ 47 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئاندىن 48 ~ 51 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىنى بىلدۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا لَوْلَا أُوتِيَ مِثْلَ مَا أُوتِيَ مُوسَىٰ ۚ أَوَلَمْ يَكْفُرُوا بِمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ قَالُوا سِحْرَانِ تَظَاهَرَا وَقَالُوا إِنَّا بِكُلٍّ كَافِرُونَ
    ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىدىن ھەقىقەت كەلگەندە ئۇلار: «ئۇنىڭغا نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەنلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەنلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «تەۋرات بىلەن قۇرئان، بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىرلەردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن ھەممىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە: «بۇنىڭغا، نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىر[1]» دېدى ۋە: «بىز ھېچبىرىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۇ مۇشرىكلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپ توغرا يولنى كۆرسەتمىگەن بولساق، ئۇلار: «بىزگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ توغرا يولنى تونۇپ ئۇنىڭدا ماڭغان بولاتتۇق» دېگەن بولاتتى، بىز ئۇلارنى شۇنداق دېمىسۇن دەپ سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئەمدى ئۇلارغا سەن ئارقىلىق بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىن ھەقىقەت كەلگەن ئىدى، ئۇلار تەرسالىق قىلىپ: «نېمىشقا مۇھەممەدكە، مۇساغا بېرىلگەن ھاسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، پىت، چېكەتكە... گە ئوخشىغان مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار مۇساغا بېرىلگەن ئۇ مۆجىزىلەرگە ئىشەندىمۇ؟ ياق، ئەمەلىيەت شۇكى: بۇ مۇشرىكلار ساڭا بېرىلگەن مۆجىزە - قۇرئانغا ئىشەنمىگەندەك، ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا بېرىلگەن ئۇ مۆجىزىلەرگىمۇ ئىشەنمىدى ۋە ھەر ئىككىسىنى ئىنكار قىلىپ: «تەۋرات بىلەن قۇرئان بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىردۇر، بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. قُلْ فَأْتُوا بِكِتَابٍ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ هُوَ أَهْدَىٰ مِنْهُمَا أَتَّبِعْهُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا، سىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ ئىككى كىتابتىن بەكرەك توغرا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر كىتاب كەلتۈرۈڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي. ئەگەر راستچىل بولساڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! مەن ئۇ ئىككى كىتابنىڭ ئىككىلىسىگە ئىشىنىمەن، سىلەر ئەگەر ئۇ ئىككى كىتاب ھەققىدە ‹سېھىر› دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن توغرا يولنى كۆرسىتىشتە بۇ ئىككى كىتابتىنمۇ روشەن، ياخشى ۋە مۇكەممەل بىرەر كىتاب كەلتۈرۈڭلار، مەن ئۇنىڭغا بويسۇناي». بۇ ئايەتتە «بۇ ئىككى كىتابتىن ئوبدانراق بىرەر كىتاب كەلتۈرۈڭلار» دېگەن مەنىدە كەلگەن تەكلىپ ئەسلىدە مۇشرىكلارنىڭ ئۇنداق كىتاب كەلتۈرۈشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە بۇنى ئۇلارغا ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن بىرەر كىتاب كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (28-سۈرە قەسەس، 50-ئايەت) ئازغۇنلۇق نەپسىگە قارشى كۈرەش
    فَإِنْ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَكَ فَاعْلَمْ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنِ اتَّبَعَ هَوَاهُ بِغَيْرِ هُدًى مِنَ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار دېگىنىڭنى قىلالمىسا، بىلگىنكى: ئۇلار پەقەت ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قويۇپ، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ئەسلا ھىدايەت قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ بۇ تەكلىپىڭگە جاۋاب بېرىپ تەۋرات ۋە قۇرئاندىن بەكرەك توغرا يولغا باشلايدىغان بىرەر كىتاب كەلتۈرەلمىسە - بۇنى ئەسلا قىلالمايدۇ -، بىلگىنكى: ئۇلار: «تەۋرات بىلەن قۇرئان بىر - بىرى بىلەن ياردەملەشكەن ئىككى سېھىردۇر» دېگەن سۆزىدە بىرەر دەلىلىگە ئاساسلانمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغىلا ئەگىشىپ ئۇ سۆزنى قىلىدۇ. بىلگىنكى: ئاللاھتىن كەلگەن توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەم ئەڭ ئازغۇن ئادەمدۇر. ئاللاھ، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ؛ ئاللاھ ئەقلىنى ئىشلەتكەن، ھەقىقەتنى تېپىشقا ئىنتىلگەن، دەلىلنى ئاساس قىلغان، شۇنداقلا كۇفرى ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان ۋە ئىلىم يورۇقلۇقىغا چىقىشقا تىرىشقانلارنى توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئۇنداق قىلمىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان قاراڭغۇلۇقلاردا تاشلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (28-سۈرە قەسەس، 51-ئايەت) قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى
    وَلَقَدْ وَصَّلْنَا لَهُمُ الْقَوْلَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇرئاننى ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا ئويلانسۇن دەپ سۆزىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي نازىل قىلدۇق. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ بۇ مۇشرىكلارنىڭ نەسىھەت ئېلىشى، ئىلىم ئۆگىنىشى، ۋەزىپىسىنى ئەسلىشى ۋە ئورۇندىشى ئۈچۈن، ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە سۆزىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا ئارقا - ئارقىدىن نازىل قىلدۇق؛ ياخشىلارغا خۇش خەۋەر، يامانلارغا شۇم خەۋەر، ئەھكام ۋە قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز نازىل قىلدۇق، خۇسۇسەن ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان بەزى قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ئوخشاشمىغان ئۇسۇللاردا بايان قىلىپ ئۇلارنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ ئارقا - ئارقىدىن نازىل قىلغان سۆزى قۇرئان كەرىمنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى سۆز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ تەدرىجىي نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ھېكمىتىنى بايان قىلىپ ئۇنىڭ بىر قېتىمدا ئۈلگۈجە نازىل قىلىنمىغانلىقىغا ئېتىراز قىلغان مۇشرىكلارغا جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا 50 - ۋە 51 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنۇپ قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىنى، ئەسلىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇ مۇشرىكلارنىڭمۇ ئىشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن نازىل قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەرسالىق قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 52 ~ 55 - ئايەتلەردە بولسا، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر جامائەنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەنلىكىنى ۋە بويسۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قويغانلىقىنى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەنلەرنىڭ مۇكاپاتقا، قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازاغا لايىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِهِ هُمْ بِهِ يُؤْمِنُونَ
    قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب نازىل قىلغانلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب بەرگەنلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (52-53) ئى مۇھەممەد! قۇرئانغا قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى ئىشەنمىدى، لېكىن بىز قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بەرگەن، ئۇ كىتابلارغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھكاملارغا ئەستايىدىل بويسۇنغان، بولۇپمۇ سېنىڭ قۇرئان بىلەن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىڭ ھەققىدىكى بېشارەت (خۇش خەۋەر)نى راست دەپ ئېتىقاد قىلغان كىشىلەردىن سېنىڭ زامانىڭغا يېتىشكەنلەر، يەنى سەن تەرىپىمىزدىن پەيغەمبەر قىلىنىپ ئىنسانلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان چېغىڭدا ئۇلاردىن ھاياتتا بولغانلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈردۇق، چۈنكى بۇ قۇرئان بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بىزنى باشقۇرۇۋاتقان ئىگىمىز - ئاللاھ بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدا بېشارەت بەرگەن ۋە ئۆز ۋەدىسى بويىچە نازىل قىلغان كىتابتۇر؛ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتىدۇر. بىز بۇ قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىگىمىز - ئاللاھقا بويسۇنغان ۋە ئىخلاس بىلەن چوقۇنغان كىشىلەر ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَإِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ قَالُوا آمَنَّا بِهِ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلِهِ مُسْلِمِينَ
    ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار، ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق. بۇ، چوقۇم رەببىمىزدىن كەلگەن ھەقتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىدۇق».‏ — ئەنەس ئالىم

  54. أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُمْ مَرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
    ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلارغا، سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەجىرلىرى ئىككى قېتىم بېرىلىدۇ. ئۇلار يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ كىشىلەر سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئىككى قېتىم مۇكاپاتلىنىدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىتابىغا ۋە قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇ كىتابلار كۆرسەتكەن يولنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ئۇ يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئەجر ئالىدۇ. ئۇ كىشىلەر يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق ۋە قوپاللىق قىلغانغا سىلىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگەننى ئەپۇ قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەردىن ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (28-سۈرە قەسەس، 55-ئايەت) ياخشى سۆز
    وَإِذَا سَمِعُوا اللَّغْوَ أَعْرَضُوا عَنْهُ وَقَالُوا لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ لَا نَبْتَغِي الْجَاهِلِينَ
    ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ : «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىھۇدە سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا. خەير - خوش، ئامان بولۇڭلار! بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار نادانلار بىلەن ئارىلاشمايدۇ، ھەمسۆھبەت بولمايدۇ ۋە باردى - كەلدى قىلىشمايدۇ، ئەگەر نادانلار بىھۇدە سۆز قىلىۋاتقان يەرلەرگە دۇچ كېلىپ قالسا، ئۆز ئېتىبارىنى ساقلاپ ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، ناۋادا بىرەر نادان ئۇلارغا نالايىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇنداقلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىزمۇ ئۆز قىلمىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىمىز، سىلەرمۇ ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر. خەير - خوش، ئامان بولۇڭلار! بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق، ئەخمەقلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى خالىمايمىز». بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش، نادانلار بىلەن تەڭ بولماسلىق ۋە يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىش مۇئمىنلارنىڭ خىسلەتلىرى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە بۇ خىسلەتلەرگە تەرغىب قىلىنىدۇ، ھەتتا ئەمر قىلىنىدۇ. «ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلام» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ بۇ ئەخلاقى ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ بايان قىلىنغان ۋە ئىلگىرىكى مۇئمىنلارمۇ بۇ ئەخلاقنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن. ئەسكەرتىش: بۇ (52 ~ 55 -) ئايەتلەردە مەدھىيەلەنگەن كىشىلەر ئەھلى كىتابنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 121 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئاللاھ تائالا 48 ~ 55 - ئايەتلەردە قۇرئانغا ئىشەنمىگەن ۋە ئىشەنگەن ئادەملەرنى تونۇتقاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇشرىكلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە قاراپ غەمكىن بولماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ، تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھىدايەت قىلىشتىكى قانۇنىنى ئەسلىتىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمەسلىككە كۆرسەتكەن بىر باھانىسىگە رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
    شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن قەۋمىڭنىڭ توغرا يولغا كېلىشىنى بەك ئارزۇ قىلىۋاتىسەن، لېكىن بىر كىشىنىڭ توغرا يولغا كېلىشى سېنىڭ ئارزۇ قىلىشىڭ بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ، ھىدايەت قىلىش (توغرا يولىغا قوبۇل قىلىش، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىش) ئۈچۈن، تەرسالىقنى تاشلاپ توغرا يولنى تاللىغان ۋە قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى خالايدۇ. كىمنىڭ توغرا يولنى سەمىمىيلىك بىلەن تاللىغان ۋە قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا توغرا يولغا كەلمىگەنلەر ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشىغا لايىق بولمىغان كىشىلەردۇر؛ ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ (ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش)دۇر. سېنىڭ تەبلىغىڭنى ئاڭلىغانلاردىن توغرا يولغا كېلىشنى خالىغانلارنى ئاللاھ توغرا يولىغا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۇ يولدا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاتا قىلىدۇ، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى خالىغانلارنى ئاللاھ ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا سەن تەبلىغ ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ھىدايەت تاپمىغانلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، شۇنى بىلگىنكى: ھەر ئىنسان ئاللاھ تەرەپتىن ئۆز نىيىتى ۋە تاللىشىنىڭ نەتىجىسى بويىچە مۇئامىلە كۆرىدۇ، ئۆزى لايىق بولغان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (28-سۈرە قەسەس، 57-ئايەت) كاپىرلىق رىزىق ھەرەم مەسجىدى
    وَقَالُوا إِنْ نَتَّبِعِ الْهُدَىٰ مَعَكَ نُتَخَطَّفْ مِنْ أَرْضِنَا ۚ أَوَلَمْ نُمَكِّنْ لَهُمْ حَرَمًا آمِنًا يُجْبَىٰ إِلَيْهِ ثَمَرَاتُ كُلِّ شَيْءٍ رِزْقًا مِنْ لَدُنَّا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، (بۇ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تېچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىز سەن بىلەن بىرلىكتە ھىدايەتكە ئەگەشسەك، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. بىز ئۇلارغا ئامان جاي بولغان ھەرەمنى ماكان قىلىپ بەرمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ مېۋىلىرى بىز تەرەپتىن رىزىق سۈپىتىدە يىغىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەدكە، دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا ئۆزرە ئېيتىپ: «ئى مۇھەممەد! بىز ناۋادا سەن باشلىغان يولغا كىرسەك، سېنىڭ دىنىڭنى قوبۇل قىلساق ۋە ساڭا ئەگەشسەك، باشقا ئەرەبلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ ھاكىمىيىتىمىزنى ئاغدۇرىدۇ، مال - مۈلكىمىزنى تالان - تاراچ قىلىدۇ ۋە بىزنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ» دېدى. ئۇلار يالغان ئېيتماقتىدۇر، چۈنكى بىز ئۇلارنى ئاھالىسى خاتىرجەم ياشايدىغان، باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ ھۇجۇم قىلمايدىغان ۋە ھەر نەرسىنىڭ مېۋىلىرى بىز تەرەپتىن رىزىق سۈپىتىدە يىغىلىدىغان ھۆرمەتلىك شەھەر مەككىگە ئورۇنلاشتۇردۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ھۇجۇمدىن ۋە سۈرگۈندىن قورقىدۇ، ئۇلار مۇشرىك ھالىتىدە ئېرىشكەن نېمەتتىن مۇئمىن بولغان تەقدىردە مەھرۇم قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَنْ مِنْ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
    بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال ـ مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ ـ ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلارغا بىز ۋارىسلىق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاھالىسى باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرگەن نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ ماكانلىرى! ئۇلاردىن كېيىن ئۇ يەرلەرنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ھېچكىمگە قارارگاھ بولمىدى. ئۇلارغا بىز ۋارىس بولدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان يۇرتلار بار ئىدى، بىز ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك نېمەتلەر ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئۇلار نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلدى؛ بىزگە كۇفرىلىق، ئەلچىلىرىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى، باياشاتچىلىق ئىچىدە مەغرۇرلاندى، كەيپ - ساپاغا چۆمدى ۋە ھەددىدىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئاھالىلارنى ھالاك، ئۇ يۇرتلارنى خاراب قىلىۋەتتۇق. سىلەر يەمەن ۋە شامغا قىلغان سەپەرلىرىڭلاردا خارابىلىكلىرىنى كۆرگەن ئەنە شۇ جايلار ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىدۇر. بىز ئۇ ئاھالىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ جايلاردا قىسقا ۋاقىت تۇرۇپ دەم ئالغان يولۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم تۇرمىدى؛ ئولتۇراقلىشىپ ياشىمىدى. ئۇ جايلارنىڭ بىزدىن باشقا ئىگىسىمۇ بولمىدى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىۋەتكەن قەۋملەرنىڭ ئىچىدىن ئاد قەۋمىنىڭ خارابىلىكلىرى مەككىنىڭ جەنۇبىدىكى يەمەن رايونىدا (ئەھقاف دېگەن جايدا)، سەمۇد، ئەيكەلىكلەر ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن ئاھالە قاتارلىق قەۋملەرنىڭ خارابىلىكلىرى مەككىنىڭ شىمالىدا ئىدى، قۇرەيشنىڭ سودىگەر ۋە ساياھەتچىلىرى ئۇ خاربىلىكلەرنى قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە كۆرەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرَىٰ حَتَّىٰ يَبْعَثَ فِي أُمِّهَا رَسُولًا يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا ۚ وَمَا كُنَّا مُهْلِكِي الْقُرَىٰ إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَالِمُونَ
    پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگۈچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدى، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ يۇرتلارنىڭ مەركىزىگە، ئىنسانلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىدىغان ئەلچى ئەۋەتمەستىن ئۇ يۇرتلارنى ھالاك قىلمىدى. بىز پەقەت ئاھالىسى زالىم بولغان يۇرتلارنىلا ھالاك قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ، يۇرتلارنىڭ مەركىزىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئاھالىلارغا ياخشى - ياماننى بىلدۈرمەستىن ۋە ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرماستىن ئۇ يۇرتلارنى ھالاك قىلمىدى؛ يەنى بىز ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىۋەتكەن ھەر يۇرتنىڭ مەركىزىگە ئالدى بىلەن ئەلچى ئەۋەتتۇق، ئەلچىمىز كېلىپ ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىگە ئايەتلىرىمىزنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار بولسا ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىقتى، كۇفرىلىقتا ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئاھالىلارنى ھالاك، ئۇ يۇرتلارنى خاراب قىلىۋەتتۇق. ئى مۇھەممەد! بىز سېنى مەركىزىي يۇرت بولغان مەككە ئاھالىسىدىن تاللاپ، قىيامەتكە قەدەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئاھالىلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، سېنىڭ مەڭگۈ مۆجىزەڭ بولغان قۇرئان ئارقىلىق ئۇ ئاھالىلارغا ياخشى - ياماننى تونۇتتۇق ۋە ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇردۇق. قىيامەتكە قەدەر يەر يۈزىدىكى ئاھالىلاردىن قۇرئان يېتىشكەنلەر ساڭا ئەگىشىپ قۇرئانغا بويسۇنمىسا بىزنىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى، ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىۋېتىش ياكى ئۇ زالىم ئاھالىنى قاتتىق ئازابلاش قانۇنىمىز ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَزِينَتُهَا ۚ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب بولسا ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەر نەرسە، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە زىننىتىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە بۇ دۇنيادا بېرىلگەن مال - مۈلۈك، بالا - چاقا ۋە تۈرلۈك رىزىق... قاتارلىق نەرسىلەر، سىلەر بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىڭلاردا مەنپەئەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان چەكلىك نېمەتلەردۇر؛ ئۇ نېمەتلەر قانچىلىك ياخشى ۋە كۆپ بولسا بولسۇن بىر كۈنى سىلەر ئۆلۈپ ئۇلار باشقىلارغا قالىدۇ. ئەمما ئاللاھ ياخشى بەندىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا تەييارلىغان جەننەت نېمەتلىرى ناھايىتى ياخشى ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر. شۇڭلاشقا سىلەر بۇ قىسقا مۇددەتلىك نېمەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ ياخشى ۋە ئەبەدىي نېمەتلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماڭلار؛ ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۇ مەڭگۈلۈڭ نېمەتلەرگە ئېرىشىشكە تىرىشىڭلار، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىڭلار؛ قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتتىن مەڭگۈلۈك نېمەتنى ئەلا بىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. أَفَمَنْ وَعَدْنَاهُ وَعْدًا حَسَنًا فَهُوَ لَاقِيهِ كَمَنْ مَتَّعْنَاهُ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ هُوَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
    بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان ئاندىن ئۇنى تاپقان ئادەم بىلەن دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ۋەدە قىلغان گۈزەل نېمەتكە ئېرىشىدىغان كىشى، بىز بۇ دۇنيا ھاياتىدا پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا ئازاب ئۈچۈن تۇتۇپ كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا بىزنىڭ جەننەت ئاتا قىلىشقا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان كىشى، دۇنيادا بىز ئاتا قىلغان ۋاقىتلىق نېمەتلەرگە ئالدىنىپ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە تېگىشلىك بولغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ جەننەتكە لايىق بولغان كىشى پۈتمەس - تۈگمەس نازۇنېمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، دوزاخقا لايىق بولغان كىشى مەڭگۈ ئازاب بىلەن جازالىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. (28-سۈرە قەسەس، 62-ئايەت) ھىساب شېرىك
    وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
    شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنى چاقىرىپ : «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدىغان كۈندە — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ، دۇنيا نېمەتلىرىگە ئالدانغان، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ جان ئۈزگەن ئۇ تۇزكورلارنى سىلكىشلەش ۋە ئەيىبلەش ئۈچۈن ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرنى قوغدىيالامدۇ، شاپائەت قىلالامدۇ، بىزنىڭ ئازابىمىزدىن سىلەرنى قۇتقۇزالامدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. قَالَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَغْوَيْنَا أَغْوَيْنَاهُمْ كَمَا غَوَيْنَا ۖ تَبَرَّأْنَا إِلَيْكَ ۖ مَا كَانُوا إِيَّانَا يَعْبُدُونَ
    ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق. (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار: «رەببىمىز! بىز ئازدۇرغانلارنى ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق، ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى» دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئازاب قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز قانداق ئازغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدا بىزنىڭ جاۋابكارلىقىمىز يوق. ئۇلارنى سېنىڭ ھۆكمىڭگە تاپشۇرىمىز. ئەسلىدە ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    دوزاخقا ئەڭ باشتا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان ئازغۇنلۇق يېتەكچىلىرى دۇنيادا ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە باشقۇرغان ئىگىمىز - ئاللاھ! ئەنە شۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇلارنى ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق؛ بىز ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلدۇق، ئازغۇنلۇقنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئازغۇنلۇقنى تاللىدى، قوبۇل قىلدى ۋە ئازدى. بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلاردەك ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئازغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدا بىزنىڭ جاۋابكارلىقىمىز يوق، ئۇلارنى سېنىڭ ھۆكمىڭگە تاپشۇرىمىز، ئۇلار ئەسلىدە بىزگە ئەمەس ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغا چوقۇناتتى». ئەسكەرتىش: دۇنيادا ئىنسانلارنى ھەر خىل ھىيلە - نەيرەڭ، تۈرلۈك ۋەسۋەسە ۋە يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالداپ ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز چوقۇنغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئەنە شۇنداق بىزار بولىدۇ، ئادا - جۇدالىق ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوقۇنغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ دەردى كۈچىيىدۇ، ھەسرىتى زىيادە بولىدۇ. ھەممىدىن يامىنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوزاخنىڭ ئىچىدىكى تالاش - تارتىش، لەنەت ئېيتىشىش ۋە تاپا - مالامەت قىلىشىش بەك يامان بولىدۇ، ئاخىرىدا ئىبلىس دوزاختا بىر نۇتۇق سۆزلەپ ھەممەيلەننىڭ دەرد - ئەلەم ۋە ھەسرەت - نادامىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (28-سۈرە قەسەس، 64-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب شېرىك
    وَقِيلَ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَرَأَوُا الْعَذَابَ ۚ لَوْ أَنَّهُمْ كَانُوا يَهْتَدُونَ
    ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. لېكىن ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرىدۇ ۋە: «كاشكى، دۇنيادا ھىدايەت ئۈستىدە بولغان بولساقچۇ!» دەپ پۇشايمان قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تەرىپىدىن مۇشرىكلارغا ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ‹بىزگە شاپائەت قىلىدۇ، بىزنى ئازابتىن قوتقۇزىدۇ› دەپ ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، قېنى» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار دۇنيادىكى چېغىدا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. لېكىن ئۇ مەبۇدلار ئۆز چوقۇنغۇچىلىرى بولغان بۇ مۇشرىكلارغا جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ (كاتتىباشلار بىلەن ئەگەشكەنلەر، چوقۇنۇلغانلار بىلەن چوقۇنغۇچىلار) ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابنى كۆرىدۇ، دۇنيادىكى چېغىدا توغرا يولنى تاللىغان بولسا ئۇ ئازابقا دۇچار بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ھەسرەت چېكىدۇ ۋە: «كاشكى، دۇنيادا توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (28-سۈرە قەسەس، 65-ئايەت) ھىساب
    وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَا أَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِينَ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭلار؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار؟» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (65-66) ئاندىن ئاللاھ دوزاخقا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان ئازغۇنلارنى (ئازغۇنلۇق يېتەكچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى) ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغاندا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىڭلار؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ؛ نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇقمايدۇ. ئۇلار ئۆزئارا سوراشمايدۇ؛ چارىسىزلىقتا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىش توغرىسىدا بىر - بىرىدىن سوئال سورىمايدۇ، بىر - بىرىگە مۇراجىئەت قىلمايدۇ. ئەسكەرتىش: مۇشرىكلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالاغا چوقۇنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن «ئاللاھقا بىزنى يېقىنلاشتۇرىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ئىززەت قازاندۇرىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار بىلەن ئاللاھ تائالادىن غەيرىيگىمۇ چوقۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇلارغا مەبۇدلىرىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بەزى يەردە ئۇلارنى ئۆز مەبۇدلىرىنى چاقىرىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، مۇشرىكلار چاقىرىدۇ لېكىن مەبۇدلار جاۋاب بەرمەيدۇ، بەزى يەردە مۇشرىكلاردىن ئۇ مەبۇدلىرىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورايدۇ ئۇلار كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، بەزى يەردە بولسا ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، مۇشرىكلار مەھشەردە، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان مەبۇدلىرىنى كۆرگەن چاغدا، دوزاخنىڭ يولىدا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تىللىشىدۇ، تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ ۋە گۇناھنى بىر - بىرىگە ئارتىشىدۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (28-سۈرە قەسەس، 66-ئايەت) ھىساب
    فَعَمِيَتْ عَلَيْهِمُ الْأَنْبَاءُ يَوْمَئِذٍ فَهُمْ لَا يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلارغا خەۋەرلەر قاراڭغۇلىشىدۇ[2]. ئۇلار بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  67. فَأَمَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَعَسَىٰ أَنْ يَكُونَ مِنَ الْمُفْلِحِينَ
    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەۋبە قىلغان ۋە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغان كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇرادىغا يەتكۈچىلەردىن بولۇشى مۇمكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ مۇشرىكلارنىڭ قىيامەت كۈندىكى ئەھۋالىدۇر. ئەمما شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانغان، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 57 ~ 67 - ئايەتلەردە، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئۆزرىسىگە جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇ مەبۇدلارنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، نىجاتلىقنىڭ شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلىشتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 68 ~ 70 - ئايەتلەردە بولسا، تەۋھىدنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (28-سۈرە قەسەس، 68-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە شېرىك
    وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ ۗ مَا كَانَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سېنىڭ رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقوقى يوق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ، ئۆزى خالىغان نەرسىنى ئۆزى خالىغان شەكىل ۋە ئالاھىدىلىكتە يارىتىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئۆزى خالىغان ئىشقا تاللايدۇ، شۇڭلاشقا ياراتقان ھەر نەرسىسىنى ئۆزى خالىغان ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، جۈملىدىن سېنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچىسى قىلىشقا تاللىدى، ھېچكىمنىڭ رەببىڭنىڭ تاللىشىغا قارشى تاللاش ھوقۇقى يوقتۇر، رەببىڭ مەخلۇقاتىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھۇزۇر ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر ئىشىنى ئۆزى خالىغان بويىچە ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆزى بەلگىلىگەن يولغا باشلىدى. جۈملىدىن جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇنيا - ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا تەۋھىدنى يولغا قويدى، ئۇلارنى شېرىكتىن توستى. جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تاللىغان تەۋھىدنى قوبۇل قىلىشى لازىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ تولىسى شېرىك ئېتىقادىنى پەيدا قىلدى ۋە شېرىك كەلتۈردى. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغىنى بويىچە يارىتالايدۇ، مۇشرىكلارنىڭ مەبۇدلىرى بىرەر نەرسە يارىتىش تۈگۈل، ئۆزلىرى يارىتىلغان ئاجىز نەرسىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (28-سۈرە قەسەس، 69-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    وَرَبُّكَ يَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ
    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە ئوچۇق دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرى مەخپىي ساقلىغان نەرسىلەرنى ۋە ئۇلار ئاشكارا قىلغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ، كامالى قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە چەكسىز ئىلىم ئىگىسىدۇر؛ ئۇ دىللاردا ساقلانغان نىيەت ۋە سىرلارنى بىلىدۇ، تىللاردا ئېيتىلغان سۆزلەرنى ۋە پۇت - قول ئەزالاردا قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى بىلىدۇ، جۈملىدىن بۇ مۇشرىكلارنىڭ دىللىرىدا ساڭا ساقلىغان نەپرەت ۋە ئاداۋەتلىرىنى، تىللىرىدا قىلغان تەنە - ھاقارەتلىرىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشكارا، مەخپىي، ئوچۇق، يوشۇرۇننىڭ پەرقى يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. وَهُوَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْحَمْدُ فِي الْأُولَىٰ وَالْآخِرَةِ ۖ وَلَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقىلا ھەمد ئېيتىلىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ كامالى قۇدرەت، مۇتلەق ھاكىمىيەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئاللاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر، ئاللاھ بەندىلەر تەرىپىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا لايىق يېگانە مەبۇدتۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇ بەندىلىرىگە دۇنيادا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان زاتتۇر. پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلار دۇنيادا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ئۇلار (پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلار) ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت ئاللاھقا خاس ئىشتۇر؛ دۇنيادا يارىتىش، يوق قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، پېقىر قىلىش... قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا ئاللاھ ئۆزى خالىغان بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلارنى مۇكاپاتلاشنى ۋە يامانلارنى جازالاشنى ئاللاھ ئۆزى قىلىدۇ، ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردىمۇ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِضِيَاءٍ ۖ أَفَلَا تَسْمَعُونَ
    «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر قۇلاق سالمامسىلەر؟ » دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا ئاڭلىمامسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ھېچ كۈندۈز ياراتماستىن كېچىنى ئۈستۈڭلاردا قىيامەتكە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ زاماننىڭ ھەممىسىنى ئۈزلۈكىسز كېچە قىلىۋەتسە، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەيلەيدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا كىم سىلەرگە ئەتراپنى كۆرۈشىڭلار ۋە تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟ جاۋاب: ھېچكىم سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ سىلەرگە كۈندۈزنى يارىتىپ بېرەلمەيدۇ، جۈملىدىن مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسە ۋە كىشىلەردىن ھېچبىرى كۈندۈزنى پەيدا قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا نەسىھەتكە قۇلاق سالمامسىلەر؟ توغرا سۆزنى ئاڭلىمامسىلەر؟ ھەقىقەتكە قىلىنغان چاقىرىقنى قوبۇل قىلمامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ النَّهَارَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِلَيْلٍ تَسْكُنُونَ فِيهِ ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
    «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەر ئارام ئالىدىغان كېچىنى سىلەرگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا كۆرمەمسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «دەپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ھېچ كېچە ياراتماستىن كۈندۈزنى ئۈستۈڭلاردا قىيامەتكە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ زاماننىڭ ھەممىسىنى ئۈزلۈكىسز كۈندۈز قىلىۋەتسە، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەر ئارام ئالىدىغان كېچىنى سىلەرگە كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا كىم سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟ جاۋاب: ھېچكىم سىلەرگە كېچىنى كەلتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، جۈملىدىن مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسە ۋە كىشىلەردىن ھېچبىرى كېچىنى پەيدا قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرمەمسىلەر؟ كائىناتتىكى شۇ مۆجىزىلەرگە قاراپ پەيغەمبەر چاقىرغان يولنىڭ توغرىلىقىنى تونۇپ يەتمەمسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَمِنْ رَحْمَتِهِ جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، ئىش توختىتىپ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە ھاردۇق چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى، ئىشلەپ تۇرمۇش لازىمەتلىكىڭلارنى ھاسىل قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى يارىتىپ بەردى؛ كېچە بىلەن - كۈندۈزنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئالمىشىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان رەھمىتى بولۇپ سىلەر كۈندۈز ئىشلەپ يولۇققان جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ھارغىنلىقىڭلارنى كېچىدە چىقىرىسىلەر، كېچە ھاردۇق ئېلىپ كۈندۈزنى روھلۇق باشلاپ ئىشىڭلارنى لايىقىدا بېجرىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئائىلەڭلارغا كىرىم كەلتۈرۈسىلەر. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە بۇ نېمەتلىرىنى شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەسلەتمەكتىدۇر، شۈكۈر ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر -پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ. ئەسكەرتىش: كېچە بىلەن كۈندۈز ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى چوڭ نېمىتى ۋە كامالى قۇدرىتىنىڭ ئىككى دەلىلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. (28-سۈرە قەسەس، 74-ئايەت) ھىساب شېرىك
    وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى ئاللاھ، مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرنى قوغدىيالامدۇ، شاپائەت قىلالامدۇ، بىزنىڭ ئازابىمىزدىن سىلەرنى قۇتقۇزالامدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (28-سۈرە قەسەس، 75-ئايەت) ھىساب ھەق
    وَنَزَعْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا فَقُلْنَا هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ فَعَلِمُوا أَنَّ الْحَقَّ لِلَّهِ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
    بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز. ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەبۇدلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى چىقىرىمىز، ئاندىن «پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دەيمىز، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى چىقىرىمىز، ئاندىن: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقنىڭ ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئويدۇرغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز قىيامەت كۈنى ھەر ئۇممەتتىن ئۆز پەيغەمبىرىنى گۇۋاھچى قىلىپ چىقىرىمىز، ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىنى، قوبۇل قىلغانلارغا جەننەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەنلىكىنى، قوبۇل قىلمىغانلارنى دوزاخقا تاشلىنىش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇغانلىقىنى ئېيتىپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاندىن بىز ئۇ قەۋمدىن توغرا يولدا ماڭمىغانلارغا: «كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىڭلارغا دەلىلىڭلار بارمۇ؟ بولسا دەلىلىڭلارنى بايان قىلىڭلار!» دەيمىز، ئۇلار جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئارقىلىق چاقىرغان يولىمىزنىڭ توغرىلىقىنى، قىلغان سۆزىمىزنىڭ راستلىقىنى ۋە بەرگەن ھۆكمىمىزنىڭ ئادىللىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا ئويدۇرغان ۋە چوقۇنغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنى قوغدىيالمايدۇ، قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەسرەت - نادامىتىنى ئارتتۇرىدۇ، دەرد- ئەلىمىنى كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ 3 ~ 42 - ئايەتلىرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن فىرئەۋننىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ ۋە سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ ھەددىدىن ئېشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 75 - ئايەتكىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ مۇشرىكلارنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ بەزى دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن 76 ~ 82 - ئايەتلەردە قارۇننىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ھەددىدىن ئېشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. إِنَّ قَارُونَ كَانَ مِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيْهِمْ ۖ وَآتَيْنَاهُ مِنَ الْكُنُوزِ مَا إِنَّ مَفَاتِحَهُ لَتَنُوءُ بِالْعُصْبَةِ أُولِي الْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُ قَوْمُهُ لَا تَفْرَحْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْفَرِحِينَ
    قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. لېكىن قارۇن ئۇلارغا زۇلۇم سالدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرى كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمىنى ئېزەتتى. بىز ئۇنىڭغا شۇنداق خەزىنىلەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۈچلۈك بىر جامائە ئاران توشۇيتتى. قەۋمى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كۆرەڭلىك قىلمىغىن! ئاللاھ كۆرەڭلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (76-77) قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن مەغرۇرلىنىپ قەۋمىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلاتتى، ئۇلارنى ئېزەتتى. بىز ئۇنىڭغا شۇنداق كۆپ خەزىنىلەرنى بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇ خەزىنىلەرنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۈچلۈك بىر جامائە ئاران توشۇيتتى. ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مال - دۇنيالىرى بىلەن پوچىلىق قىلىپ كۆرەڭلىگىلى تۇرغاندا قەۋمى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مال - مۈلكۈڭگە ئالدانمىغىن، كۆرەڭلىك قىلمىغىن، ھەددىڭدىن ئاشمىغىن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلمىغىن! ئاللاھ كۆرەڭلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، نېمىتىگە شۈكۈر قىلمىغانلارنى سۆيمەيدۇ. بۇ مال - دۇنيالارنى ساڭا ئاللاھ ئاتا قىلغان، بۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن، ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان مال - مۈلۈكلىرىڭنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا چىقىم قىلىپ ئاخىرەت يۇرتىدىكى مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقىن. ئۇ مال - مۈلۈكلىرىڭنى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىڭ ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ مىقداردا چىقىم قىلغىن. ئاللاھ شۇنچە مال - مۈلۈكنى ساڭا بېرىپ ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ موھتاجلارغا سەدىقە ۋە ئىئانە بېرىپ ياخشىلىق قىلغىن. ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلمىغىن ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلمىغىن، ئەكسى تەقدىردە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسەن، بىلگىنكى: ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. وَابْتَغِ فِيمَا آتَاكَ اللَّهُ الدَّارَ الْآخِرَةَ ۖ وَلَا تَنْسَ نَصِيبَكَ مِنَ الدُّنْيَا ۖ وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ ۖ وَلَا تَبْغِ الْفَسَادَ فِي الْأَرْضِ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
    ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقىن، دۇنيادىنمۇ نېسىۋەڭنى ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغىن، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

  78. قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ عِنْدِي ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
    قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل-مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغان. گۇناھكارلار گۇناھلىرى توغرۇلۇق سورالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قارۇن قەۋمىنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھىتىگە مەغرۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن رەددىيە بېرىپ: «مەن بۇ مال - مۈلۈككە ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم ۋە پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىقىم بىلەن ئېرىشتىم، شۇنچە غەيرەت قىلىپ ئاران تاپقان مال - دۇنيالىرىمنى باشقىلارغا نېمىشقا بېرىمەن؟! قانداقمۇ سىلەر تەۋسىيە قىلغان ئىشلارغا چىقىم قىلىمەن؟! ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايمەن! سىلەر مېنىڭ ئۆزۈم تاپقان بۇ مال - مۈلكۈمنى قانداق چىقىم قىلىشىم ھەققىدە ماڭا نەسىھەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار!» دېدى. قارۇن ئۆزىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە ئۆزىدىنمۇ باي كىشىلەرنى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىۋەتكىلىكىنى بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، لېكىن ئۇ مال - مۈلۈكنى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىغا كۆز يۇمدى، ئاللاھنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك ۋە باي نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلمەسكە سالدى. ئاللاھ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردىن گۇناھنى قانداق قىلغانلىقىنى سورىمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە تېگىشلىك جازاغا دۇچار قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا گۇناھكارلاردىن قانداق گۇناھ قىلغانلىقىنى سورىمايدۇ، چۈنكى بۇنى بىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن نېمىشقا گۇناھ قىلغانلىقىنى سورايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىر ئايەتتە گۇناھلارنىڭ گۇناھلىرى توغرىسىدا سورالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بەزى ئايەتلەردە گۇناھكارلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى توغرۇلۇق سورىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. قىيامەت كۈنى گۇناھكارلاردىن سوئال سورىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سوئاللارنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى كەلمىگەنمۇ؟»، «ئىشەنگەندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟»، «نېمىشقا بىر - بىرىڭلارغا ياردەم بېرىشمەيسىلەر؟»، «بۇ سېھىرمىكەن؟ ياكى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. (28-سۈرە قەسەس، 79-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ فِي زِينَتِهِ ۖ قَالَ الَّذِينَ يُرِيدُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا يَا لَيْتَ لَنَا مِثْلَ مَا أُوتِيَ قَارُونُ إِنَّهُ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
    قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەندەك بايلىق بېرىلسىچۇ! ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارۇن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ زىننىتى ئىچىدە قەۋمىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى. دۇنيا ھاياتىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزنىڭمۇ قارۇننىڭكىگە ئوخشاش بايلىقىمىز بولسا! ئۇ نېمىدېگەن چوڭ باي-ھە!» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    قارۇن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك كىيىملىرىنى كىيگەن، ئېسىل ئەتىرلىرىنى سۈرگەن، يارام ئۇلىغىنى مىنگەن ۋە خىزمەتچىلىرىنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا قەۋمىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى. قارۇننى بۇ دەبدەبە بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدىن دۇنيا مەنپەئەتى كۆزلەيدىغانلار ئۇنىڭدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ: «كاشكى بىزنىڭمۇ قارۇننىڭكىگە ئوخشاش بايلىق ۋە ئىمكانلىرىمىز بولسىچۇا! ئۇ ھەقىقەتەن ئامىتى ئوڭ، بەختى چوڭ ئادەم!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ اللَّهِ خَيْرٌ لِمَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا وَلَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الصَّابِرُونَ
    ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەر مۇنداق دېدى: «ئىسىت سىلەرگە! ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر. بۇنىڭغا پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارلا ئېرىشەلەيدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    قارۇننى ئۇ ھالەتتە كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدىن پايدىلىق ئىلىم ئىگىلىرى، قارۇندەك بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئۇ كىشىلەرنى ئەيىبلەپ ۋە بۇ خاتا چۈشەنچىسىدىن ياندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسىت سىلەرگە؛ بۇنداق گەپنى قىلماڭلار، ئۇنىڭدەك بولۇشقا ھەۋەسلەنمەڭلار! چۈنكى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىخلاس بىلەن ياخشى ئىش قىلغان كىشىگە ئاللاھ ئاخىرەتتە بېرىدىغان مۇكاپات ئەڭ ياخشىدۇر. بۇ مۇكاپاتقا ھەق يولدا مېڭىشنىڭ ۋە ھەق ئۈستىدە تۇرۇشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلغان كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر قارۇننىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلماڭلار، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ياخشى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (28-سۈرە قەسەس، 81-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر
    فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ
    قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرىدا بىز قارۇننى پۈتۈن ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھقا قارشى ياردەم بېرىدىغان جامائەسىمۇ بولمىدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلغۇچىلاردىنمۇ بولمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    قارۇن، قەۋمىنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدى ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇ ھاكاۋۇرلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلىدى، ئاخىرى ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۆھلەت تۈگەپ ئۇنى جازالاش ۋاقتى كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى، ئۆي - جايلىرى ۋە ئۆي - جايلىرىدىكى بارلىق تەئەللۇقاتى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا مال - مۈلكى، خىزمەتچىلىرى ۋە تەرەپدارلىرى ئەسقاتمىدى، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم دەپئى قىلالمىدى، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنى قوغدىيالمىدى، قۇتقۇزالمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. وَأَصْبَحَ الَّذِينَ تَمَنَّوْا مَكَانَهُ بِالْأَمْسِ يَقُولُونَ وَيْكَأَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ ۖ لَوْلَا أَنْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا لَخَسَفَ بِنَا ۖ وَيْكَأَنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ
    تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    تېخى تۈنۈگۈن قارۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار بۈگۈن ئەتىگەن مۇنداق دېيىشتى: «پاھ، دېمەككى ئاللاھ رىزىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدىكەن، خالىغان كىشىگە تار قىلىدىكەن. ئەگەر ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنىمۇ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتەتتى. پاھ، دېمەككى كافىرلار مۇرادىغا يېتەلمەيدىكەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    تېخى تۈنۈگۈن - يېقىن زاماندا قارۇننىڭ دەبدەبىلىك ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار بۈگۈن ئۇنى مال - مۈلۈك ۋە ئۆي - جايلىرى بىلەن بىللە يەر يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دەيدىغان بولدى: «پاھ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ھېكمىتى نېمىدېگەن چوڭقۇر! بىز بۇنى ئاڭقىرالماپتىمىز! دېمەككى، ئاللاھ رىزىقنى مۇئمىن بولسۇن كافىر بولسۇن ئۆزى خالىغان بەندىسىگە كەڭ قىلىدىكەن، ئۆزى خالىغان بەندىسىگە تار قىلىدىكەن. ئەگەر ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلىپ توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلمىغان ۋە خاتالىقتىن ساقلىمىغان بولسا، بىزنىمۇ قارۇنغا بەرگەن بايلىق ۋە ئىمكانلار بىلەن سىنىغان، كۇفرىلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇقتا تاشلىۋەتكەن، ئاخىرىدا يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن بولاتتى. پاھ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن ئۇلۇغ، ھېكمىتى نېمىدېگەن چوڭقۇر! بىزنى غەپلەت بېسىپتۇ! دېمەككى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلار ئىلاھىي جازادىن قۇتۇلالمايدىكەن، مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدىكەن، مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلمەيدىكەن؛ بىز ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ۋە چوڭقۇر ھېكمىتى چۈشىنەلمەي قارۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلىپتىمىز، ئىسىت! ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا!». قارۇن - بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان ناھايىتى باي كىشى ئىدى. فىرئەۋن ئۇنى بەنى ئسرائىلغا باشلىق قىلىپ قويغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتا ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى قىلىۋالغان. ئۇ، فىرئەۋن بەرگەن ئىمتىيازغا تايىنىپ ئۆز مىللىتىگە زۇلۇم قىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى ھەددىدىن ئېشىشى سەۋەبلىك مال - مۈلۈك ۋە ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن. بۇ ھادىسىسىنىڭ تارىخى ۋە ماكانى توغرىسىدا بىرەر ئايەتتە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن، چۈنكى قىسسەنىڭ زامانى ۋە ماكانى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ ئىبرەت ئېلىنىدىغان قىسمىدۇر. شۇنداقتىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بۇ ھادىسىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىشتىن ئىلگىرى بولغانلىقى بايقىلىدۇ. مەسىلەن: 1) ئاللاھ تائالا ئىككى ئايەتتە ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھاماندىن ئىبارەت بولغان ئۈچ شەخسنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ داۋامىدىكى ئۈچىنچى ئايەتتە ئۇ ئىككى قەۋم ۋە ئۈچ شەخسنى جازالىغانلىقنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن جازالىدۇق: ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاشلار ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتتۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، بەزىسىنى غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى». بۇ ئايەتلەردىكى ئىسىملارنىڭ ۋە جازالاشنىڭ تەرتىبىدىن، قارۇن ھادىسىنىڭ فىرئەۋن ۋە ھامان غەرق قىلىنىشتىن ئىلگىرى، يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن چىقىپ قىزىل دېڭىزدىن مۆجىزىلىك ھالەتتە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى مىسىر دۆلىتىنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى بىلىنىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىنى قاتتىق بوران بىلەن، سەمۇد قەۋمىنى دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن، قارۇننى يەرگە يۇتقۇزۇش بىلەن، فىرئەۋن بىلەن ھاماننى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىش بىلەن ھالاك قىلغان. 2) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى مۆجىزىلىرى ۋە كۈچلۈك دەلىل بىلەن فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنغا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا: «سېھىرگەر، كاززاپ» دېگەنلىكى، شۇنداقلا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىرنى ئۆلتۈرۈش ۋە قىزلىرىنى تىرىك قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، قارۇن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشتا ۋە مۇئمىنلارغا زۇلۇم قىلىشتا فىرئەۋندىن قېلىشمىغان ۋە ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلغان. ئۇنداقتا، ناۋادا مۇسا ئەلەيھىسسالام قارۇننىمۇ بەنى ئىسرائىلدىن دەپ، ئۇنى كېچىسى يولغا چىقىش ئۈچۈن يىغىلىدىغان بەنى ئىسرائىلنىڭ قاتارىدا يىغىلىشقا چاقىرغان بولسا، قارۇن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىپ يىغىلىش ئورنىغا كېلىش تۈگۈل، ئۇلارنى مىسىردىن چىققىلى قويمايتتى، ھەتتا ئەھۋالنى فىرئەۋنگە مەلۇم قىلىپ ئۇلارنى يىغىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەيتتى. بۇ ئەمەلىيەتمۇ كۆرسىتىدۇكى، قارۇننى يەر يۇتۇش ھادىسىسى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىشتىن ئىلگىرى بولغان. ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە پەرقلىق بىرقانچە رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى دەلىل بولغۇدەك كۈچتە ئەمەس. ئاللاھ تائالا 76 ~ 82 - ئايەتلەردە قارۇننىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ، ھەددىدىن ئېشىشقا سەۋەبچى بولغان بايلىقنىڭ يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 83 - ۋە 84 - ئايەتلەردە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. تِلْكَ الدَّارُ الْآخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوًّا فِي الْأَرْضِ وَلَا فَسَادًا ۚ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
    ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە ئاخىرەت يۇرتى! بىز ئۇنى زېمىندا چوڭچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمىگەنلەرگىلا بېرىمىز. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ئەنە شۇ، ئاخىرەت يۇرتى جەننەت! بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ئۇلارنى بوزەك قىلىش، زىيانكەشلىك قىلىش، توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈش ۋە توسۇش، جانلىىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ نورمال ھايات كەچۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگىمۇ كەلتۈرمەيدىغان ئىخلاسمەن مۇئمىنلارغا خاس قىلىمىز. ياخشى ئاقىۋەت يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغانلارغا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ يامانلىقىنى ۋە كەمتەرلىك قىلىشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا كەمتەرلىك قىلىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشنىڭ ئامىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. تەكەببۇرلۇق - ھەقكە بويۇن ئەگمەسلىك ۋە خەلقنى كۆزگە ئىلماسلىق دېگەن بولىدۇ، كەمتەرلىك بولسا، تەكەببۇرلۇقنىڭ زىددىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا تەكەببۇرلۇقتىن توسىدۇ، كەمتەرلىككە بۇيرۇيدۇ ۋە كەمتەر مۇئمىنلارنى مەدھىيەلەش بىلەن كەمتەرلىكنىڭ ئىسلامنىڭ بىر ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «يامان ئىشلارنى قىلمايدىغان» دېيىلمەستىن «يامان ئىشلارنى قىلىشنى ئىرادە قىلمايدىغان» دېيىلىپ، كۆڭلىنى يامان ئىشلارنى قىلىش خىيالىدىن پاك تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى الَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يامانلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ يامانلىقلارنى قىلغانلار پەقەت ئۆز قىلمىشىنىڭلا جازاسىنى كۆرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىمكى دۇنيادىكى چېغىدا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت بولغان ياخشىلىقنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىخلاس بىلەن قىلىپ، ئۇنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇ كىشى ئېلىپ كەلگىنىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كىمكى دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت بولغان يامانلىقنى قىلىپ ۋە تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇ يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەرگە پەقەت ئۆزلىرى قىلغان يامان قىلمىشلارنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ بۇ ئايەتتىكى «ياخشى مۇكاپات»نىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ، ھەتتا بەزى بىر ياخشىلىققا 700 (يەتتە يۈز) ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى ئىكەنلىكى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىدا مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن كۆپەيتىپ مۇكاپات بېرىدۇ، يامانلىقنى ئۆز ئادالىتى بىلەن ئۆز پېتى قويۇپ جازا بېرىدۇ. ياخشىلىقنىڭ كۆپەيتىپ بېرىلگەن مۇكاپاتى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش، يامانلىقنىڭ كەم - زىيادە قىلىنماستىن بېرىلگەن جازاسى مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (28-سۈرە قەسەس، 85-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئاللاھقا قايتىش
    إِنَّ الَّذِي فَرَضَ عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لَرَادُّكَ إِلَىٰ مَعَادٍ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ مَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ وَمَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا قۇرئاننى -يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى- پەرز قىلغان زات، سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى: «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى رەببىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى پەرز قىلغان زات سېنى چوقۇم قايتىدىغان يېرىڭگە قايتۇرىدۇ. ئېيتقىنكى: «رەببىم، كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى ۋە قۇرئاننى يەتكۈزۈشنى پەرز قىلغان ئاللاھ سېنى چوقۇم قايتىدىغان يېرىڭگە قايتۇرىدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغانلارغا ئېيتقىنكى: «مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ، ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن كىمنىڭ توغرا يولنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇ توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر». مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىلى باشلىغاندىن كېيىن، ئېزىپ كېتىش بىلەن ئەيىبلەيتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلغان يولنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلغان يول ئىكەنلىكىنى، مۇشرىكلارنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەۋاتقان تەرسالار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ «ئاللاھ سېنى چوقۇم قايتىدىغان يېرىڭگە قايتۇرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى قىسمىدا ئۆتكەن «قايتىدىغان يەر»نىڭ قەيەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك ئېھتىمال بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) قىيامەت. بۇ تەقدىردە ئايەتنىڭ مەنىسى: «ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سەن بىلەن سېنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سېنى چوقۇم قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا سېنى ئىنكار قىلغانلارغا جازا، ساڭا ئەگەشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ». 2) مەككە. بۇ تەقدىردە ئايەتنىڭ مەنىسى: «ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنى ۋەتىنىڭ مەككىگە زەپەر بىلەن قايتۇرىدۇ؛ سەن بىر كۈنى مەككىنى فەتھ قىلىسەن، باتىل دىنلار يوقىلىدۇ، ئىسلام ھاكىم بولىدۇ». ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرىنچى ئېھتىمالدا قىيامەت كۈندىكى مۇكاپاتنى، ئىككىنچى ئېھتىمالدا دۇنيادىكى زەپەرنى بېشارەت بېرىدۇ، ھەر ئىككى ئېھتىمالدا ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا ياخشى ئاقىۋەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىپ ھەق ئۈستىدە ئاداققىچە تۇرۇشى لازىملىقىنى جېكىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. وَمَا كُنْتَ تَرْجُو أَنْ يُلْقَىٰ إِلَيْكَ الْكِتَابُ إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرًا لِلْكَافِرِينَ
    سەن (پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى)، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت ئۇنى رەببىڭ رەھمەت قىلىپ ساڭا نازىل قىلدى، ئۇنداق بولسا كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن، بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايتتىڭ. بۇ پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتى. ئۇ ھالدا كافىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن، ئۆزۈڭگە بۇ قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان، ئۇنى كۈتۈپ تۇرمىغان ئىدىڭ؛ سېنىڭ: «ئاللاھ ماڭا بىر كىتاب نازىل قىلىدۇ، مەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ كىتاب بىلەن پەيغەمبەر بولۇپ باشقىلارغا ئۇ كىتابنى يەتكۈزىمەن، ئەمەل قىلغانلارغا نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى، يۈز ئۆرۈگەنلەرگە يامان ئاقىۋەتنىڭ شۇم خەۋىرىنى بېرىمەن» دېگەن مەنىدە بىرەر چۈشەنچەڭ يوق ئىدى، لېكىن بىز ساڭا ۋە باشقا بارلىق بەندىلىرىمىزگە رەھمەت قىلىپ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلدۇق؛ سەن ھازىر بىزنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىمىز بىلەن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ۋە ئەلچىمىز بولدۇڭ، ئۇ ھالدا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئادەملەرگە ياردەمچى بولمىغىن، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرىنى قوللىمىغىن، ئەكسىچە ئۇلاغا قارشى كۈرەش قىلغىن. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشى، بەندىلىرىگە بۈيۈك نېمەت ئاتا قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇ نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. (28-سۈرە قەسەس، 87-ئايەت) شېرىك قۇرئانغا ئەگىشىش
    وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ آيَاتِ اللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنْزِلَتْ إِلَيْكَ ۖ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن) — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، كاپىرلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، سەن ئىنسانلارنى رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، كافىرلار سېنى ئۇ ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ۋە ئۇلارنى يەتكۈزۈشتىن توسمىسۇن، رەببىڭنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، مۇشرىكلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغىن؛ مۇشرىكلارنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنمىغىن، خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۘ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ ۚ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھقا يالۋۇرمىغىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن، چۈنكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولۇپ ئۇ مەڭگۈ باقىيدۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھۆكۈم قىلىش ئاللاھقا خاستۇر، ئى جىن ۋە ئىنسانلار سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە ھەربىرىڭلارنى لايىق بولغان يېرىگە (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى