ئىخلاس سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 4 ئايەتمەنىسى: ئىخلاس. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ بىرلىكى، تەڭداشسىزلىقى... بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، (مەن ئىبادەت قىلىدىغان ھەم سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان) ئۇ ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئۇ ئاللاھتۇر[1]، بىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىن! ساڭا «بىزگە رەببىڭنى سۈپەتلىگىن» دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى: مېنىڭ رەببىم - ئاللاھ بىردىنبىر رەب ۋە بىردىنبىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭ ھېچبىر جەھەتتىن شېرىكى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ الصَّمَدُ
ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھېچقانداق مەخلۇققا موھتاج ئەمەس، ھەممە مەخلۇقات ئاللاھقا موھتاجدۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامدىغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامدىغۇچى، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل يېگانە زاتتۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سەمەد - الصمد» كەلىمىسى ئاللاھ تائالانىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى «بار بولۇش جەھەتتىن ھېچ نەرسىگە ۋە ھېچكىمگە موھتاج بولمىغان ‹ۋاجىبۇل ۋۇجۇد (ئۆز - ئۆزىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان)›، سۈپەتلىرىدە مۇكەممەل، بارلىق مەخلۇقاتلار پەيدا بولۇشتا ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا موھتاج بولىدىغان يېگانە زات» دېمەكتۇر. بۇ ئايەتتە «سەمەد - الصمد» كەلىمىسىنىڭ ئېنىق ئىسىم ھالىتىدە كېلىشى، بۇ سۈپەتنىڭ پەقەت ئاللاھتىلا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەلىمە «جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان، پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامدىغۇچى، يېلىنىپ يالۋۇرۇش، تىلەك تىلەش ۋە ئارزۇ - ئۈمىد باغلاشقا لايىق بىردىنبىر كۈچ، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، سۈپەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغۇچى»... دېگەندەك رۇبۇبىييەت ۋە ئۇلۇھىييەتتە مۇكەممەللىكنى ئىپادىلەيدىغان مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ئىپادىلەر ئۆتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ
ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
(مەخلۇقاتلارغا خاس سۈپەتلەردىن پاك) ئاللاھ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاتىمۇ ئەمەستۇر، بالىمۇ ئەمەستۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ شېرىكى ۋە ئوخشىشى بولمىغاندەك، ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە بالىسىمۇ يوقتۇر، ئاسمان - زېمىندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ بىرەر بەندىسىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ يوقتۇر، چۈنكى ئاتىسى بولۇش «ئوخشىشى يوق، بىردىنبىر رەب ۋە بىردىنبىر ئىلاھ» ئىكەنلىكىگە خىلاپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ
ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ ئەمەستۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ بىر بولغانلىقى، بالىسى، رەپىقىسى ۋە ئاتىسى بولمىغانلىقى، ھېچبىر ئىشىدا شېرىكى ۋە ھېچبىر جەھەتتىن ئوخشىشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى