جىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 28 ئايەت
مەنىسى: جىن. ئاتىلىش سەۋەبى: جىنلار ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى مەلۇمات بار
  1. (72-سۈرە جىن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أُوحِيَ إِلَيَّ أَنَّهُ اسْتَمَعَ نَفَرٌ مِنَ الْجِنِّ فَقَالُوا إِنَّا سَمِعْنَا قُرْآنًا عَجَبًا
    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى. ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى،بىر قانچە جىننىڭ قۇرئاننى ئاڭلاپ (ئۆز جامائەسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ) مۇنداق دېيىشكەنلىكى ماڭا ۋەھيى قىلىندى:«بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز [1-2].

  2. (72-سۈرە جىن، 2-ئايەت)
    يَهْدِي إِلَى الرُّشْدِ فَآمَنَّا بِهِ ۖ وَلَنْ نُشْرِكَ بِرَبِّنَا أَحَدًا
    ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى،بىر قانچە جىننىڭ قۇرئاننى ئاڭلاپ (ئۆز جامائەسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ) مۇنداق دېيىشكەنلىكى ماڭا ۋەھيى قىلىندى:«بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز [1-2].

  3. (72-سۈرە جىن، 3-ئايەت)
    وَأَنَّهُ تَعَالَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا اتَّخَذَ صَاحِبَةً وَلَا وَلَدًا
    پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر

    پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى ناھايىتى ئۈستۈندۇر، (ئېھتىياجى بولمىغاچ) خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر [3].

  4. (72-سۈرە جىن، 4-ئايەت)
    وَأَنَّهُ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى اللَّهِ شَطَطًا
    بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى

    بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (يەنى ئىبلىس) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلدى [4].

  5. (72-سۈرە جىن، 5-ئايەت)
    وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ تَقُولَ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
    بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق

    راست گەپنى قىلغاندا بىز ئىنسانلار ۋە جىنلار ئۇنى ئاللاھ نامىدىن ھەرگىز يالغاننى توقۇمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق [5].

  6. (72-سۈرە جىن، 6-ئايەت)
    وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِنَ الْإِنْسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا
    ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سىغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى

    ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئىچىدىكى بەزى ئەرلەر بەزى ئەركەك جىنلاردىن پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى [6].

  7. (72-سۈرە جىن، 7-ئايەت)
    وَأَنَّهُمْ ظَنُّوا كَمَا ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ أَحَدًا
    ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى»

    ئاشۇ ئەرلەرمۇ سىلەرگە ئوخشاش،ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ دەپ قارايتتى [7].

  8. (72-سۈرە جىن، 8-ئايەت)
    وَأَنَّا لَمَسْنَا السَّمَاءَ فَوَجَدْنَاهَا مُلِئَتْ حَرَسًا شَدِيدًا وَشُهُبًا
    (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق

    بىز ھەقىقەتەن ئاسمانغا چىقىشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق [8].

  9. (72-سۈرە جىن، 9-ئايەت)
    وَأَنَّا كُنَّا نَقْعُدُ مِنْهَا مَقَاعِدَ لِلسَّمْعِ ۖ فَمَنْ يَسْتَمِعِ الْآنَ يَجِدْ لَهُ شِهَابًا رَصَدًا
    بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ

    بىز ھەمىشە تىڭشاش ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى تىڭشاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارغا يولۇقىدۇ [9].

  10. (72-سۈرە جىن، 10-ئايەت)
    وَأَنَّا لَا نَدْرِي أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَنْ فِي الْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا
    بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز

    زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ، بىز ئۇنى بىلمەيمىز [10].

  11. (72-سۈرە جىن، 11-ئايەت)
    وَأَنَّا مِنَّا الصَّالِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ كُنَّا طَرَائِقَ قِدَدًا
    بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق

    ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز (ئېتقاد جەھەتتە) تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈندۇق [11].

  12. (72-سۈرە جىن، 12-ئايەت)
    وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ نُعْجِزَ اللَّهَ فِي الْأَرْضِ وَلَنْ نُعْجِزَهُ هَرَبًا
    بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، ئاللاھنى (ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن) ھەرگىز ئاجىز قىلالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز

    بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، زېمىندا ئاللاھ بىلەن ھەرگىز قارشىلىشالمايمىز، ئۇنىڭ ئازابىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز [12].

  13. (72-سۈرە جىن، 13-ئايەت)
    وَأَنَّا لَمَّا سَمِعْنَا الْهُدَىٰ آمَنَّا بِهِ ۖ فَمَنْ يُؤْمِنْ بِرَبِّهِ فَلَا يَخَافُ بَخْسًا وَلَا رَهَقًا
    بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، (ياخشىلىقلىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە (يامانلىقلىرىنىڭ ئارتتۇرۇلۇپ) زۇلۇم قىلىنىشتىن قورقمايدۇ

    بىز ھىدايەتنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىمان ئېيتتۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ [13].

  14. (72-سۈرە جىن، 14-ئايەت)
    وَأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ ۖ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَٰئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا
    بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ

    ]. بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇسۇلمانلارمۇ ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى نىشانلاپ ماڭغان بولىدۇ [14].

  15. (72-سۈرە جىن، 15-ئايەت)
    وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا
    توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»

    توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ» [15].

  16. (72-سۈرە جىن، 16-ئايەت)
    وَأَنْ لَوِ اسْتَقَامُوا عَلَى الطَّرِيقَةِ لَأَسْقَيْنَاهُمْ مَاءً غَدَقًا
    ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ

    ئەگەر ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ [16ـ17].

  17. (72-سۈرە جىن، 17-ئايەت)
    لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَمَنْ يُعْرِضْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا
    ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ

    ئەگەر ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ [16ـ17].

  18. (72-سۈرە جىن، 18-ئايەت)
    وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا
    مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار

    ھەقىقەتەن مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا بىركىمنى شېرىك قىلىپ ئىبادەت قىلماڭلار [18].

  19. (72-سۈرە جىن، 19-ئايەت)
    وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
    ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ

    ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد! ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، جىنلار (قۇرئان ئاڭلاش ئۈچۈن) ئولىشىپ كېلىپ ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ [19].

  20. (72-سۈرە جىن، 20-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا
    (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»

    (ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا) ئېيتقىنكى،« مەن پەرۋەردىگارىمغىلا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن» [20].

  21. (72-سۈرە جىن، 21-ئايەت)
    قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا
    ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»

    ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن [21].

  22. (72-سۈرە جىن، 22-ئايەت)
    قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
    ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟)

    ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن [22].

  23. (72-سۈرە جىن، 23-ئايەت)
    إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا
    مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

    مەن پەقەت ئاللاھ چۈشۈرگەن بۇيرۇقلارنىلا يەتكۈزەلەيمەن ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى ئادا قىلالايمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم دوزاخ ئازابى باردۇر، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ [23].

  24. (72-سۈرە جىن، 24-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا، كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ» [24].

  25. (72-سۈرە جىن، 25-ئايەت)
    قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت بەلگىلەمدۇ، مەن ئۇقمايمەن [25].

  26. (72-سۈرە جىن، 26-ئايەت)
    عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَىٰ غَيْبِهِ أَحَدًا
    ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ

    ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، شۇڭا ئۆزىگە خاس سىرلارنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ [26].

  27. (72-سۈرە جىن، 27-ئايەت)
    إِلَّا مَنِ ارْتَضَىٰ مِنْ رَسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا
    پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ

    پەقەت ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا ئاشكارىلايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا چوقۇم كۆزەتچى (پەرىشتىلەرنى) سېلىپ قويىدۇ [27].

  28. (72-سۈرە جىن، 28-ئايەت)
    لِيَعْلَمَ أَنْ قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَىٰ كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا
    (بۇ ئاللاھنىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر»

    بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارى چۈشۈرگەن بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگىلىگۈچىدۇر» [28].