زارىيات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 60 ئايەت
مەنىسى: سورىغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: تۇپراقنى سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (51-سۈرە زارىيات، 1-ئايەت) پەرىشتىلەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالذَّارِيَاتِ ذَرْوًا
    (تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    تۇپراقنى- سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    توزۇتقۇچىلار بىلەن، — ئەنەس ئالىم

    (1-6) قوزغاپ تارقاتقۇچىلار، ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر، ئاسان ئېقىپ ماڭغۇچىلار ۋە ئەمر تەقسىم قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئۆلۈش، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش، مەھشەرگە كەلتۈرۈلۈش، ھېساب بېرىش... قاتارلىق ئىشلار ھەقىقەتەن راستتۇر، ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا قەسەم قىلغان بۇ تۆت نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بەلگىلەيدىغان بىرەر ئايەت يوق، شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە تەپسىرلەردە زىكىر قىلىنغان ئېھتىماللاردىن تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىمال كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ: 1) ئۇلارنىڭ ھەممىسى شامالنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، ئۇلار شامالنىڭ بۇلۇتلارنى قوزغاش، يامغۇرلۇق بۇلۇتلارنى سىلىق ھەيدەپ بەلگىلەنگەن جايلارغا ئېلىپ بېرىش ۋە يامغۇرنى بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىپ ياغدۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئېھتىمالنى كۈچلۈك كۆرگەن ئالىملار مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە شاماللارنىڭ بۇلۇتلارنى قوزغىشى، يامغۇر يۈكلەنگەن بۇلۇتلارنى بەلگىلەنگەن جايغا ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇ يەرگە يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەبچى بولۇشى قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى دەلىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئۇ سۈپەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە «ف» بىلەن باغلىنىشىنىمۇ دەلىل قىلىدۇ. 2) ئۇلار پەرقلىق سۈپەتلەر بولۇپ، ھەربىرى باشقا بىر نەرسىنىڭ ئىشىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بىرىنچىسى چاڭ - توزانلارنى تارقاتقۇچى شاماللار، ئىككىنچىسى يامغۇر يۈكلىرىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار، ئۈچىنچىسى دېڭىزلاردا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەر، تۆتىنچىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىنى تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر. بۇ ئېھتىمالنى كۈچلۈك كۆرگەنلەر بەزى رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (51-سۈرە زارىيات، 2-ئايەت) سۇ ۋە يامغۇر قەسەملەر
    فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا
    (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن، — ئەنەس ئالىم

  3. (51-سۈرە زارىيات، 3-ئايەت) قەسەملەر
    فَالْجَارِيَاتِ يُسْرًا
    (سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    سۇ ئۈستىدە يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسان ئېقىپ ماڭغۇچىلار بىلەن — ئەنەس ئالىم

  4. فَالْمُقَسِّمَاتِ أَمْرًا
    ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىشنى تەقسىم قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئەمر تەقسىم قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  5. (51-سۈرە زارىيات، 5-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ھەق
    إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ
    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغانلار ئەلۋەتتە راستتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە بېرىلگەن ۋەدە ئەلۋەتتە راستتۇر. — ئەنەس ئالىم

  6. وَإِنَّ الدِّينَ لَوَاقِعٌ
    (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    جازا چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  7. (51-سۈرە زارىيات، 7-ئايەت) ساماۋىي ئالامەتلەر قەسەملەر
    وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْحُبُكِ
    يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يوللىرى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (7-8) مۇستەھكەم يارىتىلغان ۋە چىرايلىق يوللىرى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەمكى، ئى ئىنكارچىلار! سىلەر ئەلچىمىز مۇھەممەد ۋە كىتابىمىز قۇرئان ھەققىدە خىلمۇخىل سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر؛ ئەلچىمىز مۇھەممەد ھەققىدە بىرتۇرۇپ: «ئىنسان قانداق پەيغەمبەر بولىدۇ» دەيسىلەر، بىرتۇرۇپ «ساھىر، كاھىن، شائىر» دەيسىلەر، كىتابىمىز قۇرئان ھەققىدە بىرتۇرۇپ: «ئويدۇرما»، بىر تۇرۇپ: «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى»، بىرتۇرۇپ: «سېھىر ، شېئىر» دەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (51-سۈرە زارىيات، 8-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    إِنَّكُمْ لَفِي قَوْلٍ مُخْتَلِفٍ
    يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنكارچىلار! سىلەر خىلمۇخىل سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  9. (51-سۈرە زارىيات، 9-ئايەت) ئازغۇنلۇق قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    يُؤْفَكُ عَنْهُ مَنْ أُفِكَ
    (ئاللاھتائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم بۇرۇۋېتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭدىن، بۇرۇۋېتىلگەن كىشى بۇرۇۋېتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشى، ئازغۇنلۇقنى ۋە يالغانغا ئالدىنىشنى تاللىشى سەۋەبلىك ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى، ئەلچىمىزگە ۋە كىتابىمىزغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن بۇرۇۋېتىلىدۇ، چۈنكى ئەقلىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى ئىزدىگەن، دەلىلگە قايىل بولغان ۋە ھەقىقەتنى تاپقان ھامان قوبۇل قىلغان كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ تەۋپىق - ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (51-سۈرە زارىيات، 10-ئايەت) يالغانچىلىق باتىل
    قُتِلَ الْخَرَّاصُونَ
    كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلگۈر كاززاپلار! — ئەنەس ئالىم

    (10-14) جاھالەتكە چۆمۈپ ھەقىقەتتىن غاپىل يۈرۈۋاتقان كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن! ھۇ لەنەتگەردىلەر! ھۇ ئەبلەخلەر! ئۇ كاززاپلار قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇ كۈندە ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ: «جازا ۋە مۇكاپات كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب: ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىپ قاتتىق ئازابلىنىدىغان ۋە ئۇلارغا: «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار. مانا بۇ سىلەر دۇنيادا تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابتۇر» دېيىلىدىغان كۈنى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (51-سۈرە زارىيات، 11-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    الَّذِينَ هُمْ فِي غَمْرَةٍ سَاهُونَ
    كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ غەپلەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار جاھالەتكە چۆمۈپ كەتكەن غاپىللاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  12. (51-سۈرە زارىيات، 12-ئايەت) تىرىلىش قىيامەت ۋاقتى
    يَسْأَلُونَ أَيَّانَ يَوْمُ الدِّينِ
    ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «جازا ۋە مۇكاپات كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  13. (51-سۈرە زارىيات، 13-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى ئىلاھىي ئازاب
    يَوْمَ هُمْ عَلَى النَّارِ يُفْتَنُونَ
    ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئۇلار ئوتتا تۇتۇپ تۇرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    جاۋاب: ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  14. (51-سۈرە زارىيات، 14-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئالدىراقسانلىق
    ذُوقُوا فِتْنَتَكُمْ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
    (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر ئالدىراتقان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار. مانا بۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  15. (51-سۈرە زارىيات، 15-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (15-19) دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۇ كۈنى جەننەت باغچىلىرىدا ۋە جەننەت بۇلاقلىرىنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ، ئاللاھ بەرگەن مۇكاپاتلارنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ياخشى ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدىغان، كېچىسى ئاز ئۇخلاپ تەھەججۇد نامىزىنى ئۆتەيدىغان، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدىغان، پۇل - ماللىرىدىن موھتاجلارغا ھەق ئايرىپ بېرىدىغان كىشىلەر ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (51-سۈرە زارىيات، 16-ئايەت) تەقۋادارلىق ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    آخِذِينَ مَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُحْسِنِينَ
    ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار رەببى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببى بەرگەن مۇكاپاتلارنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ياخشى كىشىلەر ئىدى، — ئەنەس ئالىم

  17. (51-سۈرە زارىيات، 17-ئايەت) نەپلە ناماز كېچە ئىبادىتى
    كَانُوا قَلِيلًا مِنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ
    ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، — ئەنەس ئالىم

  18. (51-سۈرە زارىيات، 18-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار كېچە ئىبادىتى
    وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
    ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەھەرلەردە رەببىدىن مەغپىرەت تىلەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەغپىرەت تىلەيتتى، — ئەنەس ئالىم

  19. (51-سۈرە زارىيات، 19-ئايەت) سەدىقە يوقسۇللارنىڭ ھەققى
    وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
    ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە موھتاجلار ئۈچۈن بىر ھەق بار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تەلەپ قىلغۇچى ۋە تەلەپ قىلمىغۇچى موھتاجلار ئۈچۈن ھەق بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  20. (51-سۈرە زارىيات، 20-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر شەكسىز ئىتىقاد
    وَفِي الْأَرْضِ آيَاتٌ لِلْمُوقِنِينَ
    زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىندا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن زېمىندا ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئى ئىنكارچىلار! جەزمەن ئىشىنىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلغان ۋە ئىزدەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن، زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە ئىلمى چەكسىز، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار. ئۇ دەلىللەرنى نېمىشقا كۆرمەيسىلەر؟! نېمىشقا ئۇلارغا ئەقىل كۆزلىرىڭلار بىلەن قاراپ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَفِي أَنْفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
    زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۆزۈڭلاردىمۇ نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. بۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  22. (51-سۈرە زارىيات، 22-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم رىزىق
    وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ
    ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسماندا رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنىڭ ھاسل بولۇشىغا ۋاسىتە بولىدىغان يامغۇر ۋە باشقا ئېنېرگىيەلەر ، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جازا ۋە مۇكاپاتلار ئاسماندا بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ باشقۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە، ئۆزى خالىغان نەرسىنى، ئۆزى خالىغان ئۆلچەمدە يوللايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. فَوَرَبِّ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّهُ لَحَقٌّ مِثْلَ مَا أَنَّكُمْ تَنْطِقُونَ
    ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىگىنىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك ھەقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمان ۋە زېمىننىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بۇ خۇددى سىلەرنىڭ سۆز قىلىۋاتقىنىڭلاردەك ھەقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى، ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىشىڭلار ۋە قىلمىشلارغا ھېساب بېرىپ ياخشىلىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، يامانلىرىڭلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى، سىلەرنىڭ ھازىر سۆز قىلىۋاتقىنىڭلاردەك ھەق ۋە راستتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (51-سۈرە زارىيات، 24-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىبراھىم
    هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ الْمُكْرَمِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (24-27) ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۇ مېھمانلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن!» دەپ ئۇلارنىڭ سالامىنى تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن، «ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى، ئاندىن ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن ئاستا ئائىلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاينى ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «قېنى، تاماققا بېقىڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (51-سۈرە زارىيات، 25-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىبراھىم
    إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ «سالام» بەردى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. -ئىچىدە- «ناتونۇش ئادەملەرغۇ!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن! ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  26. (51-سۈرە زارىيات، 26-ئايەت) سېخىيلىق ئىبراھىم
    فَرَاغَ إِلَىٰ أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ پىشۇرۇلغان بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئائىلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېمىز بىر موزاي ئېلىپ كەلدى. — ئەنەس ئالىم

  27. (51-سۈرە زارىيات، 27-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىبراھىم
    فَقَرَّبَهُ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويۇپ: «قېنى، تاماققا بېقىڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  28. فَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
    (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار: «قورقمىغىن» دېدى ۋە ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەسنادا ئىبراھىم ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن!» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەردى. — ئەنەس ئالىم

    مېھمانلارنىڭ كاۋاپتىن يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىدە قورقۇش ھېس قىلدى ۋە: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز، (چۈنكى سىلەر ئادەتتە مېھمان كەلمەيدىغان ۋاقىتتا، ئۇشتۇمتۇتلا كەلدىڭلار ۋە داستىخانغا باقمىدىڭلار)» دېدى، ئۇلار: ئىبراھىمغا: «قورقمىغىن! بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتە ئەلچىلىرى بولىمىز، ساڭا بىر ئوغلۇڭنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئوغلۇڭ چوڭ بولغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلىم بېرىلىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىلى كەلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (51-سۈرە زارىيات، 29-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئىبراھىم
    فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
    ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كەلدى، يۈزىگە ئۇردى ۋە: «مەن ياشانغان ۋە تۇغماس ئايال تۇرسام!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ياشىنىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ بۇ خۇش خەۋىرىدىن ئەجەبلەندى ۋە: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، بۇ قانداق خۇش خەۋەر ئەمدى!» دېدى، بۇ ئەسنادا ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كەلدى، يۈزىگە ئۇردى ۋە: «مەن ياشانغان ۋە تۇغماس ئايال تۇرسام!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. قَالُوا كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئۇ شۇنداق. لېكىن بۇنى رەببىڭ دېدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (30-31) پەرىشتىلەر: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر بىز ساڭا راستتىنلا بولىدىغان ئىشنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىۋاتىمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولمىغىن» دېدى، ئىبراھىم: «مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولمايمەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەن ئازغۇنلارلا نائۈمىد بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى! ماڭا بۇ خۇش خەۋەرنى بەردىڭلار، ئەمدى باشقا قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (51-سۈرە زارىيات، 31-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىبراھىم
    قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  32. (51-سۈرە زارىيات، 32-ئايەت) پەرىشتىلەر ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُجْرِمِينَ
    ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (32-34) پەرىشتىلەر: «بىز ئاللاھ تەرىپىدىن گۇناھكار قەۋمنى (لۇتنىڭ قەۋمىنى) ھالاك قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان ۋە رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان مەخسۇس تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق، ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلىمىز، لېكىن لۇتنىڭ ئائىلىسىنى ھالاك قىلمايمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى قۇتقۇزىمىز، ئەمما لۇتنىڭ ئايالىنى قۇتقۇزمايمىز، ئۇ ئايالنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشىنى قارارلاشتۇردۇق، شۇڭلاشقا ئۇ ئايالنىمۇ ئۇ قەۋم بىلەن بىللە ھالاك قىلىۋېتىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ طِينٍ
    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  34. مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ
    ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن تامغۇلانغاندۇر.» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان تاشلاردۇر». — ئەنەس ئالىم

  35. (51-سۈرە زارىيات، 35-ئايەت) ئىمان ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    فَأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇڭا شەھەردىكى مۇئمىنلارنى -شەھەردىن- چىقىرىۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق. — ئەنەس ئالىم

    (35-37) (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئۇ پەرىشتە ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قەۋمىنى ھالاك قىلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزدى ۋە بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ئۇنى ئايالىدىن باشقا ئائىلە تەۋەلىرىنى ئېلىپ ئۇ يۇرتتىن كېچىدە چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق، ئۇ مۇئمىنلار لۇتنىڭ ئائىلىسىدىن ئىبارەت بولغان مۇسۇلمانلار ئىدى. ئاندىن بىز كۈن چىقىۋاتقان ئەسنادا دەھشەتلىك ئاۋاز ئەۋەتىپ ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلدۇق، ئاندىن ئۇ يەرنى كۆمتۈرۈپ ئۈستىگە تاش ياغدۇردۇق. ئۇلار ھالاك بولغان يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئالامەت قالدۇردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (51-سۈرە زارىيات، 36-ئايەت) ئىمان ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
    بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ يەردە بىر ئائىلىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇچراتمىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  37. وَتَرَكْنَا فِيهَا آيَةً لِلَّذِينَ يَخَافُونَ الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
    ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق. — ئەنەس ئالىم

  38. وَفِي مُوسَىٰ إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    مۇسانىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسانىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسادىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (38-40) بىز مۇسانىڭ قىسسەسىدىمۇ ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئالامەت قالدۇردۇق: بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇسانى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ناھايىتى ئوچۇق مۆجىزە بىلەن فىرئەۋنگە ئەۋەتكەن ئىدۇق، مۇسا فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى تەۋھىد ۋە ئادالەتكە دەۋەت قىلدى. فىرئەۋن بولسا، ئۆزىنىڭ سەلتەنەتىگە تايىنىپ دەۋەتنى قوبۇل قىلمىدى ۋە: «بۇ مۇسا سېھىرگەر ياكى ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدۇر» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق؛ ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتۇق. فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. فَتَوَلَّىٰ بِرُكْنِهِ وَقَالَ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
    پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن يۈز ئۆرىدى ۋە ئۇ: «مۇسا سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن سەلتەنىتىگە تايىنىپ يۈز ئۆرۈدى ۋە: «بۇ سېھىرگەردۇر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  40. (51-سۈرە زارىيات، 40-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ
    پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم

  41. وَفِي عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الرِّيحَ الْعَقِيمَ
    ئادنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئادنىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق بوراننى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئادتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدىغان بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (41-42) بىز ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنىڭ قىسسەسىدىمۇ ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئالامەت قالدۇردۇق: بىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمگە زىيانلىق بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە ئۇنى چىرىتىپ تاشلىغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. مَا تَذَرُ مِنْ شَيْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَالرَّمِيمِ
    ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما ـ تالان) قىلىۋېتەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بوران ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك تىتما ـ تالاڭ قىلىۋېتەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە ئۇنى چىرىپ كەتكەن نەرسىدەك قىلىۋېتەتتى. — ئەنەس ئالىم

  43. وَفِي ثَمُودَ إِذْ قِيلَ لَهُمْ تَمَتَّعُوا حَتَّىٰ حِينٍ
    سەمۇدنىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەمۇدتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «ۋاقىت كەلگۈچە بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار» دېيىلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (43-45) بىز سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىمۇ ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئالامەت قالدۇردۇق: بىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمگە ئەلچىمىز سالىھ ئارقىلىق: «يۇرتۇڭلاردا ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولۇپ ھالاك قىلىنىسىلەر» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ مۆجىزە تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى، ئۇلار ئازاب چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. فَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى. — ئەنەس ئالىم

  45. فَمَا اسْتَطَاعُوا مِنْ قِيَامٍ وَمَا كَانُوا مُنْتَصِرِينَ
    ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا- ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئورنىدىن تۇرالمىدى ۋە ئۆزلىرىنى قوغدىيالمىدى. — ئەنەس ئالىم

  46. (51-سۈرە زارىيات، 46-ئايەت) كاپىرلىق ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. چۈنكى ئۇلار فاسىق قەۋم ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئەنە شۇ قەۋملەردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلغان ئىدۇق. چۈنكى ئۇ قەۋم بىزگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان گەدەنكەش قەۋم ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَالسَّمَاءَ بَنَيْنَاهَا بِأَيْدٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
    ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى داۋاملىق كېڭەيتكۈچىلەرمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بىنا قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز كېڭەيتكۈچىمىز. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسماننى، جىسمى زىچ، قۇرۇلمىسى پۇختا، شەكلى كۆركەم، ھەرىكەتلىرى ئىنتىزاملىق، قانۇنىيەتلىرى تۇراقلىق ۋە ھەر ئىشى نازۇك ھالەتتە بىنا قىلدۇق. بىز كېڭەيتكۈچىمىز؛ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى جىسىملارنى كېڭەيتىپ تۇرۇمىز. ئەسكەرتىش: ئاسمان بەزىلەر دەۋا قىلغاندەك ھەرگىزمۇ بوشلۇق ئەمەس، ئەكسىچە ئاسمان ناھايىتى چىڭ جىپسىلاشقان مۇستەھكەم قۇرۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَالْأَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ
    زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىننى سېلىنچىغا ئوخشاش يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى تۆشەك يايغۇچىمىز. — ئەنەس ئالىم

    بىز زېمىننى سېلىنچىغا ئوخشاش يارىتىپ بارلىق مەخلۇقاتنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە سۇندۇق. بىز زېمىننى مەخلۇقات ئۈچۈن ھۇزۇرلۇق تۆشەك ھالىتىگە كەلتۈردۇق؛ مەخلۇقاتىمىزنىڭ ئورۇنلىشىشى، ياشىشى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن زېمىننى خۇددى ئۈستىگە سېلىنچا (تۆشەك) سېلىنغان بۆشۈكتەك يارىتىپ مەخلۇقاتنىڭ خىزمىتىگە سۇندۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ زېمىننى يېيىشى، زېمىننى يوقتىن يارىتىپ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ زىرائەت تېرىش ۋە قۇرۇلۇش سېلىش ئارقىلىق پايدىلىنىشى، سەيلە - ساياھەت قىلىپ ئايلىنىشى، يېتىش، ئولتۇرۇش ۋە تۇرۇش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىشى قاتارلىق مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. زېمننىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۆشۈك، تۆشەك ۋە سېلىنچا قىلىنىشىمۇ بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. وَمِنْ كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
    سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق. ئويلانغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنىڭ ئويلىنىپ ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئېلىشىڭلار، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىڭلار ئۈچۈن، كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق؛ ئۆسۈملۈكلەر، جانلىقلار، ئىنسانلار ۋە سىلەر بىلمەيدىغان بارلىق نەرسىلەر جۈپتۇر. شۇنىڭدەك، كېچە بىلەن كۈندۈز، قۇياش بىلەن ئاي، ئاسمان بىلەن زېمىن، بايلىق بىلەن پېقىرلىق،... بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان جۈپ نەرسە ۋە ئەھۋاللاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. فَفِرُّوا إِلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق بولغانىكەن، «ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (50-51) ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئۇ ھالدا ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار؛ كۇفرىلىق، شېرىك، ئىنكار ۋە ئاسىيلىق قاتارلىق يامان ئىشلاردىن دەرھال يېنىپ، ئىمان، تەۋھىد ۋە تائەت - ئىبادەتكە ئالدىراڭلار، ئاللاھ بىلەن قوشۇپ باشقا بىرەر نەرسىگە چوقۇنماڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن، سىلەرنى يامانلىقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. وَلَا تَجْعَلُوا مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۖ إِنِّي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    سىلەر باشقا مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋالماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن -كەلگەن- ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم

  52. كَذَٰلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
    ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى: «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭدەك[1]، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى «سېھىرگەر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (52-55) ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرى سېنى «سېھىرگەر، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەندەك، بۇرۇنقى قەۋملەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلىرىمىزنى «سېھىرگەر، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەن ئىدى. بۇرۇنقى گەدەنكەشلەر بىلەن ساڭا قارشى چىققان بۇ ئاسىيلار ئەلچىلىرىمىزگە ئەنە شۇنداق ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ ھاقارەتلەشنى بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسى ئىنكار، مەسخىرە ۋە ئاسىيلىق قىلىشتا بىرلەشتى. ئۇنداقتا، بۇ تەرسالارنىڭ قارشى چىقىشى، مەسخىرە قىلىشى ۋە تۆھمەت قىلىشى قاتارلىق يامانلىقلىرىغا پەرۋا قىلماي دەۋەت پائالىيىتىڭنى دۋاملاشتۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ ئۇلارنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنمەيسەن. ئىنسانلارغا قۇرئاننى يەتكۈزۈش بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكىن، چۈنكى قۇرئان بىلەن قىلىنغان نەسىھەت ۋە ئەسلىتىش ھىدايەتكە ئىنتىلىدىغان، ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان، ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (51-سۈرە زارىيات، 53-ئايەت) كاپىرلىق قارىغۇلارچە ئەگىشىش
    أَتَوَاصَوْا بِهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
    ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر ـ بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر ـ بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا ئۇلار بىر ـ بىرىگە شۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بۇنى بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم

  54. (51-سۈرە زارىيات، 54-ئايەت) سەۋرچانلىق پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    فَتَوَلَّ عَنْهُمْ فَمَا أَنْتَ بِمَلُومٍ
    ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. سەن ئەيىبلەنمەيسەن. — ئەنەس ئالىم

  55. وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَىٰ تَنْفَعُ الْمُؤْمِنِينَ
    ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق — مۇھەممەد سالىھ

    ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۇئمىنلارغا پايدا بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلارغا پايدا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  56. وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ
    جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم — مۇھەممەد سالىھ

    جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۈچۈنلا ياراتتىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ماڭىلا ئىبادەت قىلىىپ بەخت - سائادەتكە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياراتتىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىسىدۇرمەن، ئۇلارنىڭ مېنى قويۇپ باشقا نەرسىگە ئىبادەت قىلىشى قۇلغا قۇللۇق قىلغانلىق ۋە ئۆزىنى خارلىغانلىق بولىدۇ. سەن ئۇلارغا قۇرئان بىلەن بۇ ھەقىقەتنى يەتكۈزگىن، بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلغىن ۋە قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئۆگەتكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. مَا أُرِيدُ مِنْهُمْ مِنْ رِزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَنْ يُطْعِمُونِ
    ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنىمۇ تىلىمەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق رىزىق ئىرادە قىلمايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا تائام بېرىشىنىمۇ ئىرادە قىلمەيمەن. — ئەنەس ئالىم

    مەن ئۇلارنى يوقتىن يارىتىش، ئۇلارغا شۇنچە نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ماڭا، مەخلۇقاتلىرىمغا، ھەتتا ئۆزلىرگە رىزىق بېرىشلىرىنى ئىرادە قىلمايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا تائام بېرىشىنىمۇ ئىرادە قىلمايمەن. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ماڭىلا ئىبادەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىنىشىنى ئىرادە قىلىمەن، چۈنكى مەن بارلىق جانلىقلارغا تائام بېرىدىغان، ئۆزۈم تائامغا، ھەتتا ھېچ نەرسىگە ۋە ھېچكىمگە موھتاج بولمايدىغان يېگانە مەبۇدمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىدۇر، كۈچ - قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر ۋە چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان، ھەر مەخلۇقاتىغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ جانلىقلارغا رىزىق بەرگەن، بېرىۋاتقان ۋە بېرىدىغان زاتتۇر، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (51-سۈرە زارىيات، 59-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذَنُوبًا مِثْلَ ذَنُوبِ أَصْحَابِهِمْ فَلَا يَسْتَعْجِلُونِ
    (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئۆتكەنكى دوستلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك بىر نېسىۋىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ئالدىرىمىسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، زالىملارغا ئازابتىن دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئالدىراتمىسۇن. — ئەنەس ئالىم

    (59-60) ئى مۇھەممەد! بىز ئۆتمۈشتە ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىققان ئاد، سەمۇد ۋە باشقا گەدەنكەشلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق ۋە بۇ ئەھۋالنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق. پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلارنى ھالاك قىلىۋېتىش بىزنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىمىزدۇر. ئۇنداقتا، ماڭا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ساڭا قارشى چىقىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ زالىملارغىمۇ ئازابتىن بۇرۇنقى دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىگە ئوخشاش نېسىۋە بار، ئۇلار ئۇ نېسىۋىسىگە ۋاقتى كەلگەندە ئېرىشىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار مەندىن ئۇ نېسىۋىسىنى تېز ئەۋەتىشىمنى تەلەپ قىلمىسۇن. بارلىق كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ، قاتتىق ئازابقا يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
    كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارغا، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم