يۈسۈف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 111 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان
  1. (12-سۈرە يۈسۈف، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ
    ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر

    ئەلىف، لام، را (بۇ قۇرئاننىڭ روشەن سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ). بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر [1].

  2. (12-سۈرە يۈسۈف، 2-ئايەت)
    إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق [2].

  3. (12-سۈرە يۈسۈف، 3-ئايەت)
    نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَٰذَا الْقُرْآنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ
    بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسەنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ

    بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئېسىل قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ [3].

  4. (12-سۈرە يۈسۈف، 4-ئايەت)
    إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئاتىسى (يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) غا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە ئون بىر يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن ئىدى [4].

  5. (12-سۈرە يۈسۈف، 5-ئايەت)
    قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ
    ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى

    ئاتىسى: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قويمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئېنىق دۈشمەندۇر [5].

  6. (12-سۈرە يۈسۈف، 6-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ. سېنىڭ ئىككى بوۋاڭ — ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگەندەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى [6].

  7. (12-سۈرە يۈسۈف، 7-ئايەت)
    لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ
    يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسەسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار

    يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسىسىدە سورىغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن مۆجىزە ۋە ئىبرەتلەر بار [7].

  8. (12-سۈرە يۈسۈف، 8-ئايەت)
    إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز(نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى

    ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بىز ھەممىمىز بىر توپ جامائە تۇرساق، ئاتىمىز بۇ ئىشتا ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق خاتا قىلىۋاتىدۇ» دېيىشتى [8]

  9. (12-سۈرە يۈسۈف، 9-ئايەت)
    اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِنْ بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ
    (ئۇلار) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى

    (ئۇلاردىن بىرى) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگىلا قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» (دېدى) [9].

  10. (12-سۈرە يۈسۈف، 10-ئايەت)
    قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
    ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار،) ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى

    ئۇلاردىن يەنە بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئەگەر ئۇنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولساڭلار قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى [10].

    .
  11. (12-سۈرە يۈسۈف، 11-ئايەت)
    قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز

    شۇنىڭ بىلەن) ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! سەن نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز [11].

  12. (12-سۈرە يۈسۈف، 12-ئايەت)
    أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
    ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»

    ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كەلسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېيىشتى [12].

    .
  13. (12-سۈرە يۈسۈف، 13-ئايەت)
    قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَنْ تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَنْ يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنْتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ
    يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۈسۈفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى

    يەئقۇب: «سىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار، مەن راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر بىخەستە تۇرغىنىڭلاردا ئۇنى بۆرە يەپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن» دېدى [13].

    .
  14. (12-سۈرە يۈسۈف، 14-ئايەت)
    قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى

    ئۇلار: «بىز دېگەن بىر توپ جامائە تۇرۇپ ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن يارامسىزلاردىن بولۇپ قالمامدۇق؟» دېدى [14].

    .
  15. (12-سۈرە يۈسۈف، 15-ئايەت)
    فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَنْ يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُمْ بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە خەۋەر بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق

    ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ چوڭقۇر قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇقمايدىغان بىر پەيتتە دەپ بېرىسەن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق [15].

  16. (12-سۈرە يۈسۈف، 16-ئايەت)
    وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
    ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى

    ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى [16].

    .
  17. (12-سۈرە يۈسۈف، 17-ئايەت)
    قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى

    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى يۈك-تاقلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قاپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى [17].

    .
  18. (12-سۈرە يۈسۈف، 18-ئايەت)
    وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسى شەيتىنىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلدۇرۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ يالغان سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى [18].

  19. (12-سۈرە يۈسۈف، 19-ئايەت)
    وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
    بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇشخەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى سۇغا ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [19].

  20. (12-سۈرە يۈسۈف، 20-ئايەت)
    وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى

    ئۇلار يۈسۈفنى بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى. چۈنكى، ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى [20].

  21. (12-سۈرە يۈسۈف، 21-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۈسۈفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ

    ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم خوتۇنىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقېتىپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. يۈسۈفنى (كەلگۈسىدە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن) ۋە ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۆگىتىشىمىز ئۈچۈن زېمىن (مىسىر) غا مانا مۇشۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئاللاھ ئۆز ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى ئۇقمايدۇ [21].

  22. (12-سۈرە يۈسۈف، 22-ئايەت)
    وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز [22].

  23. (12-سۈرە يۈسۈف، 23-ئايەت)
    وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
    يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى

    يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال غوجايىنى (زۈلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى-دە، ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئېرىڭ بولسا مېنىڭ غوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. (خىيانەت قىلىپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى [23].

  24. (12-سۈرە يۈسۈف، 24-ئايەت)
    وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَىٰ بُرْهَانَ رَبِّهِ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ ۚ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

    ئۇ يۈسۈفكە يېقىنچىلىق قىلىش نىيىتىگە كەلدى. پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق. شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى [24].

  25. (12-سۈرە يۈسۈف، 25-ئايەت)
    وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى

    ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. ئاندىن زۈلەيخا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن تارتىپ يىرتىۋەتتى. ئىشىك ئالدىدا زۈلەيخانىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. زۈلەيخا: «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى [25].

  26. (12-سۈرە يۈسۈف، 26-ئايەت)
    قَالَ هِيَ رَاوَدَتْنِي عَنْ نَفْسِي ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ أَهْلِهَا إِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    يۈسۈف: «ئۇ (يەنى زۈلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان

    يۈسۈف: «ئۇ مېنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى» دېدى. زۈلەيخانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، زۈلەيخانىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان بولىدۇ [26].

  27. (12-سۈرە يۈسۈف، 27-ئايەت)
    وَإِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ(يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان، يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى

    يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا زۈلەيخانىڭ سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ سۆزى راست بولىدۇ» دېدى [27].

    .
  28. (12-سۈرە يۈسۈف، 28-ئايەت)
    فَلَمَّا رَأَىٰ قَمِيصَهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى

    زۈلەيخانىڭ ئېرى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن زوردۇر» دېدى [28].

  29. (12-سۈرە يۈسۈف، 29-ئايەت)
    يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ
    (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ»

    «ئى يۈسۈف! بۇنى دەپ يۈرمىگىن. (ئى زۇلەيخا) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ» دېدى [29].

  30. (12-سۈرە يۈسۈف، 30-ئايەت)
    وَقَالَ نِسْوَةٌ فِي الْمَدِينَةِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ تُرَاوِدُ فَتَاهَا عَنْ نَفْسِهِ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَاهَا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ ۋەزىرى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى

    شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىزنىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بوپتۇ، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى [30].

  31. (12-سۈرە يۈسۈف، 31-ئايەت)
    فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە، ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن، دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ -تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى

    زۈلەيخا ئۇلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى چىللاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى، ئۇلارغا يۆلىنىدىغان تەكىيە-ياستۇقلار (ۋە كېسىپ يەيدىغان يېمەكلىكلەر) نى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن» دېدى. ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتە ئىكەنغۇ» دېيىشتى [31].

  32. (12-سۈرە يۈسۈف، 32-ئايەت)
    قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ
    (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى

    زۈلەيخا: «مانا بۇ سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇغىنىمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى [32].

    .
  33. (12-سۈرە يۈسۈف، 33-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ
    يۈسۈف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ ، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى

    يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن توسمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى [33].

  34. (12-سۈرە يۈسۈف، 34-ئايەت)
    فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، يۈسۈفنى ئۇلارنىڭ ھىيلىسىدىن ساقلىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [34].

  35. (12-سۈرە يۈسۈف، 35-ئايەت)
    ثُمَّ بَدَا لَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا رَأَوُا الْآيَاتِ لَيَسْجُنُنَّهُ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى

    ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، (سۆز-چۆچەك بېسىققۇچە) ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇپ تۇرۇشنى لايىق تاپتى [35].

    .
  36. (12-سۈرە يۈسۈف، 36-ئايەت)
    وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى

    زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن ئۈزۈمدىن مەي سىقىۋېتىپ چۈشەپتىمەن» دېدى، ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەكمەن، ناننى قۇشلار يەۋاتقۇدەك، بۇنىڭ تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچى دەپ قارايمىز» دېدى [36].

  37. (12-سۈرە يۈسۈف، 37-ئايەت)
    قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم

    يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا رىزىق سۈپىتىدە سىرتتىن تاماق كېلىدىغانلا بولسا، ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن بىلىملەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان كافىر قەۋمنىڭ دىنىدىن يىراق تۇردۇم [37].

  38. (12-سۈرە يۈسۈف، 38-ئايەت)
    وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
    مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ

    مەن ئاتا-بوۋىلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى شۈكۈر قىلمايدۇ [38].

  39. (12-سۈرە يۈسۈف، 39-ئايەت)
    يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق، كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟

    ئى زىندانداشلىرىم! كۆپ خىل مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟ [39].

  40. (12-سۈرە يۈسۈف، 40-ئايەت)
    مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ

    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە باشقا نېمىلەرنىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگەن ئەمەس. بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ [40].

  41. (12-سۈرە يۈسۈف، 41-ئايەت)
    يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَمَّا أَحَدُكُمَا فَيَسْقِي رَبَّهُ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا الْآخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْ رَأْسِهِ ۚ قُضِيَ الْأَمْرُ الَّذِي فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ
    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى»

    ئى زىندانداشلىرىم! سىلەرنىڭ بىرەيلەن (زىنداندىن چىقىپ) غوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بىرەيلەن دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ. سىلەر سورىغان ئىشلار توغرىسىدا ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى» [41].

  42. (12-سۈرە يۈسۈف، 42-ئايەت)
    وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُ نَاجٍ مِنْهُمَا اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ فَأَنْسَاهُ الشَّيْطَانُ ذِكْرَ رَبِّهِ فَلَبِثَ فِي السِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ
    يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): «مېنى خوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېگەن ئىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى

    يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان بىرىگە: «مېنى غوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېگەن ئىدى. غوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى، يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى [42].

  43. (12-سۈرە يۈسۈف، 43-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلِكُ إِنِّي أَرَىٰ سَبْعَ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعَ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ ۖ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَفْتُونِي فِي رُؤْيَايَ إِنْ كُنْتُمْ لِلرُّؤْيَا تَعْبُرُونَ
    پادىشاھ ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەربابلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار»

    پادىشاھ ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپكەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى سەردارلىرىم! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار» [43].

    .
  44. (12-سۈرە يۈسۈف، 44-ئايەت)
    قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ ۖ وَمَا نَحْنُ بِتَأْوِيلِ الْأَحْلَامِ بِعَالِمِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز»

    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز» [44].

    .
  45. (12-سۈرە يۈسۈف، 45-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِي نَجَا مِنْهُمَا وَادَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا أُنَبِّئُكُمْ بِتَأْوِيلِهِ فَأَرْسِلُونِ
    ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى

    ھېلىقى ئىككىسىنىڭ زىنداندىن قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئېسىگە ئالغان بىرى: «مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە يەتكۈزەي، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى [45].

  46. (12-سۈرە يۈسۈف، 46-ئايەت)
    يُوسُفُ أَيُّهَا الصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِي سَبْعِ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ لَعَلِّي أَرْجِعُ إِلَى النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ
    (ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى،بىلىمىڭنى) بىلسۇن» دېدى

    (ئۇ زىندانغا بېرىپ) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاق (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈش) توغرىسىدا بىزگە ئېيتىپ بەرگىن. مەن ئۇنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلاي، ئۇلار (ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىلىۋالسۇن» دېدى [46].

  47. (12-سۈرە يۈسۈف، 47-ئايەت)
    قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدْتُمْ فَذَرُوهُ فِي سُنْبُلِهِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تَأْكُلُونَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار

    يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئاز بىر قىسمىنى ئادالىغاندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇڭلار [47].

    .
  48. (12-سۈرە يۈسۈف، 48-ئايەت)
    ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تُحْصِنُونَ
    شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر

    شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىنى يەيسىلەر [48].

  49. (12-سۈرە يۈسۈف، 49-ئايەت)
    ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ النَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ
    شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ»

    شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) بىر يىل كېلىدۇ. ئۇ يىلدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ» [49].

    .
  50. (12-سۈرە يۈسۈف، 50-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللَّاتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ
    (ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. (پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى (بىلەمدۇ؟) سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى

    (بۇنى ئاڭلىغان) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ يېنىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «سەن غوجايىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى سوراپ باققىن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى [50]

  51. (12-سۈرە يۈسۈف، 51-ئايەت)
    قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
    پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى

    پادىشاھ (ئۇ خوتۇنلارنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفنى ئۆزۈڭلارغا تارتماقچى بولغاندا، ھەقىقىي ئەھۋال قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر؛ يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بارلىقىنى بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راست گەپ قىلغان ئىدى» دېدى [51].

  52. (12-سۈرە يۈسۈف، 52-ئايەت)
    ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
    (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشى ئۈچۈندۇر»

    (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى [52].

  53. (12-سۈرە يۈسۈف، 53-ئايەت)
    وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
    «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»

    مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ ساقلىغان ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر» [53].

  54. (12-سۈرە يۈسۈف، 54-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
    پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى

    پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەم بولدۇڭ» دېدى [54].

  55. (12-سۈرە يۈسۈف، 55-ئايەت)
    قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ
    يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى

    يۈسۈف: «مېنى زېمىن (مىسىر) نىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى ئوبدان ساقلىيالايدىغان ۋە باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى [55].

  56. (12-سۈرە يۈسۈف، 56-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز

    بىز يۈسۈفنى زېمىن (مىسىر) دا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىمىزگە يەتكۈزىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز [56].

  57. (12-سۈرە يۈسۈف، 57-ئايەت)
    وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
    ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر

    ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر [57].

  58. (12-سۈرە يۈسۈف، 58-ئايەت)
    وَجَاءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
    يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى

    يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار يۈسۈفنى تونۇمىدى [58].

  59. (12-سۈرە يۈسۈف، 59-ئايەت)
    وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
    يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟

    يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلار (بۇنيامىن) نى ئېلىپ كېلىڭلار. مېنىڭ ئاشلىقنى تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ [59].

  60. (12-سۈرە يۈسۈف، 60-ئايەت)
    فَإِنْ لَمْ تَأْتُونِي بِهِ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِنْدِي وَلَا تَقْرَبُونِ
    ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار»

    ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» [60].

  61. (12-سۈرە يۈسۈف، 61-ئايەت)
    قَالُوا سَنُرَاوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَاعِلُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى

    ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى [61].

    .
  62. (12-سۈرە يۈسۈف، 62-ئايەت)
    وَقَالَ لِفِتْيَانِهِ اجْعَلُوا بِضَاعَتَهُمْ فِي رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَا إِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (بىزدىن ئاشلىق سېتىۋالغان) مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى

    يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (ئاشلىق سېتىۋالغان) سەرمايىلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ، (بىزگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن) يەنە كەلسە ئەجەب ئەمەس» دېدى [62].

    .
  63. (12-سۈرە يۈسۈف، 63-ئايەت)
    فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
    ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ خەزىنىدارى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى

    ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرەلمەيدىغان بولدى، ئۇكىمىز (بۇنيامىن) نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى [63].

    .
  64. (12-سۈرە يۈسۈف، 64-ئايەت)
    قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۈسۈف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغا ئىشەنمەيمەن) ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»

    يەئقۇب ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇ توغرىسىدا سىلەرگە ئىلگىرى ئۇنىڭ قېرىندىشى (يۈسۈف) نىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىمەن؟ ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر» [64].

  65. (12-سۈرە يۈسۈف، 65-ئايەت)
    وَلَمَّا فَتَحُوا مَتَاعَهُمْ وَجَدُوا بِضَاعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا يَا أَبَانَا مَا نَبْغِي ۖ هَٰذِهِ بِضَاعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ
    ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقىنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (يەنى بىر تۆگە ئاشلىق پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى

    ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) سەرمايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! بىز يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ سەرمايىلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى [65].

  66. (12-سۈرە يۈسۈف، 66-ئايەت)
    قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
    يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى

    يەئقۇب ئېيتتى: «ھەممىڭلار قامال قىلىنىپ قالمىساڭلارلا، بۇنيامىننى چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە، مەن ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئاتىسىغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئاتىسى: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر [66]

  67. (12-سۈرە يۈسۈف، 67-ئايەت)
    وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
    (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى

    ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا-باشقا دەرۋازىدىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيمەن. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى [67].

  68. (12-سۈرە يۈسۈف، 68-ئايەت)
    وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھىي ئارقىلىق) بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ

    ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىدىن كىرگەندە، (بۇنداق كىرىش) ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. يەئقۇبقا بىز بىلدۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا، ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسى بولغان، لېكىن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ [68].

  69. (12-سۈرە يۈسۈف، 69-ئايەت)
    وَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّي أَنَا أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ بالىلىرى) يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ ئاكاڭ بولىمەن. ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى [69].

    .
  70. (12-سۈرە يۈسۈف، 70-ئايەت)
    فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ
    يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى

    يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن قامدىغاندىن كېيىن، بىر سۇ قاچىسىنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە (تۇيدۇرماي) سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكارچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى. [70].

  71. (12-سۈرە يۈسۈف، 71-ئايەت)
    قَالُوا وَأَقْبَلُوا عَلَيْهِمْ مَاذَا تَفْقِدُونَ
    (كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى

    (كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى [71].

    .
  72. (12-سۈرە يۈسۈف، 72-ئايەت)
    قَالُوا نَفْقِدُ صُوَاعَ الْمَلِكِ وَلِمَنْ جَاءَ بِهِ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا بِهِ زَعِيمٌ
    ئۇلار: «پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى

    ئۇلار: «شاھانە سۇ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى [72].

    .
  73. (12-سۈرە يۈسۈف، 73-ئايەت)
    قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى [73].

  74. (12-سۈرە يۈسۈف، 74-ئايەت)
    قَالُوا فَمَا جَزَاؤُهُ إِنْ كُنْتُمْ كَاذِبِينَ
    ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى): «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟» دېدى

    يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى: «ئەگەر سۆزۈڭلار يالغان چىقىپ قالسا، ئوغرىنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟» دېدى [74].

  75. (12-سۈرە يۈسۈف، 75-ئايەت)
    قَالُوا جَزَاؤُهُ مَنْ وُجِدَ فِي رَحْلِهِ فَهُوَ جَزَاؤُهُ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
    ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى يۈكىدىن قەدەھ تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى

    ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى يۈكىدىن سۇ قاچىسى تېپىلغان ئادەم قۇل بولىدۇ. ئوغرىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى [75].

  76. (12-سۈرە يۈسۈف، 76-ئايەت)
    فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئاكىلىرىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن سۇ قاچىسىنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدارنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار بىرى بار [76].

  77. (12-سۈرە يۈسۈف، 77-ئايەت)
    قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
    ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۈسۈفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى

    ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۈسۈفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان ئىدى» دېيىشتى. يۈسۈف ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، ئۇلارغا چاندۇرمىدى، يۈسۈف (ئىچىدە): «يامانلىقتا سىلەرگە يېتىدىغىنى يوق، سىلەرنىڭ قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى [77].

  78. (12-سۈرە يۈسۈف، 78-ئايەت)
    قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ إِنَّ لَهُ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى

    ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ياشىنىپ قالغان بىر ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچى دەپ قارايمىز» دېدى [78].

  79. (12-سۈرە يۈسۈف، 79-ئايەت)
    قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ أَنْ نَأْخُذَ إِلَّا مَنْ وَجَدْنَا مَتَاعَنَا عِنْدَهُ إِنَّا إِذًا لَظَالِمُونَ
    يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى

    يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، بىز نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم ئۇۋال قىلغۇچى بولۇپ قالىمىز» دېدى [79].

  80. (12-سۈرە يۈسۈف، 80-ئايەت)
    فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
    ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر

    ئۇلار (بۇنيامىننى ئېلىپ كېتىشتىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ خۇپىيانە مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغۇچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە، بۇ يەردىن ھەرگىز كەتمەيمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر [80].

  81. (12-سۈرە يۈسۈف، 81-ئايەت)
    ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ
    سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، «ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق)

    سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز [81].

  82. (12-سۈرە يۈسۈف، 82-ئايەت)
    وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
    بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»

    بىز تۇرغان شەھەر (مىسىر) دىكىلەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست» [82].

  83. (12-سۈرە يۈسۈف، 83-ئايەت)
    قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
    يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»

    يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسى شەيتىنىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [83].

  84. (12-سۈرە يۈسۈف، 84-ئايەت)
    وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
    يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى

    يەئقۇب ئۇلاردىن بۇرىلىپ، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ: «ئاھ يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى) [84].

  85. (12-سۈرە يۈسۈف، 85-ئايەت)
    قَالُوا تَاللَّهِ تَفْتَأُ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ الْهَالِكِينَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ئويلاۋېرىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىدىغاندەك ياكى ھالاك قىلىدىغاندەك تۇرىسەن» دېدى [85].

    .
  86. (12-سۈرە يۈسۈف، 86-ئايەت)
    قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن

    يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن مەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن [86].

  87. (12-سۈرە يۈسۈف، 87-ئايەت)
    يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
    ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»

    ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، پەقەت كافىرلار جامائەسىلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» [87].

  88. (12-سۈرە يۈسۈف، 88-ئايەت)
    فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرىپ: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، بىز ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە ياخشىلىق قىلغىن. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى [88].

  89. (12-سۈرە يۈسۈف، 89-ئايەت)
    قَالَ هَلْ عَلِمْتُمْ مَا فَعَلْتُمْ بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنْتُمْ جَاهِلُونَ
    يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەر قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى

    يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى [89].

  90. (12-سۈرە يۈسۈف، 90-ئايەت)
    قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى

    ئۇلار: «سەن راستلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋرى قىلىدىكەن، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى [90].

  91. (12-سۈرە يۈسۈف، 91-ئايەت)
    قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ آثَرَكَ اللَّهُ عَلَيْنَا وَإِنْ كُنَّا لَخَاطِئِينَ
    ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى

    ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئۈستۈن قىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىپتۇق» دېيىشتى [91].

  92. (12-سۈرە يۈسۈف، 92-ئايەت)
    قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر

    يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر [92].

  93. (12-سۈرە يۈسۈف، 93-ئايەت)
    اذْهَبُوا بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِي يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِي بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ
    سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى

    سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە يېپىڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى [93].

  94. (12-سۈرە يۈسۈف، 94-ئايەت)
    وَلَمَّا فَصَلَتِ الْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَا أَنْ تُفَنِّدُونِ
    ب ئەلەيھىسسالام): «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۈسۈفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)» دېدى

    كارۋان (مىسىردىن) قوزغالغان چاغدا، ئاتىسى (يېنىدىكىلەرگە): «مەن ھەقىقەتەن يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغانلا بولساڭلار» دېدى [94].

    .
  95. (12-سۈرە يۈسۈف، 95-ئايەت)
    قَالُوا تَاللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَالِكَ الْقَدِيمِ
    ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى

    ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ يېنىدىكىلەر): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخىچىلا بۇرۇنقى خاتا قارىشىڭدا ئىكەنسەن» دېدى [95].

    r
  96. (12-سۈرە يۈسۈف، 96-ئايەت)
    فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    خۇشخەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم!» دېدى

    خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە ياپقاندا، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم» دېدى [96].

  97. (12-سۈرە يۈسۈف، 97-ئايەت)
    قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ
    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى

    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالىشىپتۇق» دېيىشتى [97].

  98. (12-سۈرە يۈسۈف، 98-ئايەت)
    قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى

    يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېدى [98].

  99. (12-سۈرە يۈسۈف، 99-ئايەت)
    فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ادْخُلُوا مِصْرَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى [99].

  100. (12-سۈرە يۈسۈف، 100-ئايەت)
    وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
    ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(ئىزاھات:ئۇلارنىڭ ئادىتىدە سەجدە قىلىش ئىبادەت ئەمەس ھۆرمەت ھېسابلىناتتى.)

    ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى . ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! مانا بۇ بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر. ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. شەيتان قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىمنى بۇزغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش ۋە سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغۇچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [100].

  101. (12-سۈرە يۈسۈف، 101-ئايەت)
    رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى

    ئى رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ. ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنىڭ جېنىمنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ئالغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» [101].

  102. (12-سۈرە يۈسۈف، 102-ئايەت)
    ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
    مانا بۇلار (يەنى يۈسۈف قىسسەسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە -تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ

    (ئى مۇھەممەد!) مانا بۇلار بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى ھىيلە-مىكىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ [102].

  103. (12-سۈرە يۈسۈف، 103-ئايەت)
    وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
    سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ ،(لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ

    سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ [103].

  104. (12-سۈرە يۈسۈف، 104-ئايەت)
    وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر [104].

  105. (12-سۈرە يۈسۈف، 105-ئايەت)
    وَكَأَيِّنْ مِنْ آيَةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ [105].

  106. (12-سۈرە يۈسۈف، 106-ئايەت)
    وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُمْ بِاللَّهِ إِلَّا وَهُمْ مُشْرِكُونَ
    ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، باشقا نەرسىلەرگىمۇ چوقۇنىدۇ)

    ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنگەندىمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ [106].

  107. (12-سۈرە يۈسۈف، 107-ئايەت)
    أَفَأَمِنُوا أَنْ تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابلىرىدىن، بىرەر چوڭ ئاپەتنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۆزلىرى سەزمەستە قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ [107].

  108. (12-سۈرە يۈسۈف، 108-ئايەت)
    قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، مەن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىمەن. مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگىلا ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» [108].

  109. (12-سۈرە يۈسۈف، 109-ئايەت)
    وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر

    بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى چۈشۈردۇق، ئۇلار(يەنى مۇشرىكلار) يەر يۈزىدە كېزىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر (پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېگەنلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ [109].

  110. (12-سۈرە يۈسۈف، 110-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
    ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە (قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ

    ھەتتا پەيغەمبەرلەر ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە يالغانچى دېيىلىدىغان بولدۇق دەپ تۇرغاندا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملىرىمىزنى قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكارلاردىن قايتۇرۇلمايدۇ [110].

  111. (12-سۈرە يۈسۈف، 111-ئايەت)
    لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنىڭ قىسسەسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر

    ئۇلارنىڭ (يەنى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ) قىسسىسىدە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بۇ قۇرئان توقۇپ چىقىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر [111].